ياراتقان ئىگەم، مېنى ئىنسانىيلىقىمغا يېقىنلاشتۇرغىن!

(كونا بلوگىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر خاتىرەمنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)

بىر مۇسۇلمان بولوش سۈپىتىم بىلەن ئىسلامنىڭ نىمىلىكى، مۇسۇلمانلىقنىڭ مەنىسى ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ كاللامنى قىزىتىپ كىلىۋاتىدۇ. مەكتەپ يىشىغا توشماستىن مەھەللىمىزدىكى مەسچىتتە ئاچچىقى يامان ئىمامدىن ئۈگەنگەن يەتتە كەلمە ماڭا ئىسلامنى شۇنچىلىك سىرلىق قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئاران باشلىغان نامىزىمنى ئالاھىدە كۈن دەپ جۈمە كۈنى باشلىغان ئىدىم…

يىڭى باشلىغاندىكى خوشاللىقىم ھىلىمۇ شۇنداق ئىسىمدە، خۇددى ئىچى-تىشىم سۈپسۈزۈك بولوپ كەتكەندەك تۇيغۇدا، شۇنداق بىر ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئوقۇيتتۇم. كىيىن كىتابنى تولا ئوقىۋىرىپ ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىدىغان بولوپ قالدىم، دىنىمدىن گۇمانلىناتتىم، ھەممىلا نەرسىگە ماتېريالىزىمچە سۈپەتتە قارايتتىم، تەبئى پەن تەجىربىلىرىنى تولا ئىشلىگەنلىك سەۋەبىدىنمۇ ئىشقىلىپ، كۆزۈم كۆرمىسە ھىساب ئەمەس ئىدى… قىزىق يىرى شۇ چاغلاردىمۇ يەنە نامىزىمنى قازا ئارلاشتۇرۇپ ئۆتەپ يۈردۈم. ئالىي مەكتەپنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا تۇرۇپلا ھايات شۇنداق مەنىسىز كۆرۈنۈپ كەتتى، خۇددى قىلۋاتقان ھەممە ئىشىم شۇنداق كۈلكىلىكتەك، مەمتىمىن ھوشۇر ھىكايسىدىكى ”قارا سەركىدەك“ ھىچ قانداق بىر ئاساسى يوقتەك. كىيىن ”ھاياتنى مەنىسىز ئويلاشنىڭ ئۆزى مەنىسىزلىك “ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قالدىم، مۇشۇ بىر ئىغىز گەپنىڭ كۈچى بىلەن قەلبىمدىكى چۈشكۈنلۈكلەر، ئۈمىدسىزلىكلەر يوق بولغاندەك بولدى. ئادەم بىر ئىشنى قىلىۋەرسىمۇ سەزمەس بولوپ قالامدۇ بىلمىدىم، ئىخلاسمەنلىكىم يوقتەك بىلىنىپ قالىدۇ بەزىدە، ئۈزەمدىن رەنجىيمەن. لىكىن بىر ئىشقا خوشمەن، يەنى، ئىسلامغا بولغان چۈشەنچەم بۇرۇنقىدىن كۆپ چوڭقۇرلاشقاندەك، ھەم بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىممۇ شۇنداق مۇستەھكەملەنگەندەك بىلىنىدۇ. ھەتتا ئۆتكەندە ئامىركىلىق بىر ئاتېزىمچى ئىشلىگەن دىنى-ئىتقادنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپمۇ ئىتقادىم قىلچە تەۋرەپ قويمىدى (ئۇ فىلىم راست شۇنداق ياخشى ئىشلەنگەنكى، سەل تەۋرەپ قالغان زىيالىنى يوق قىلۋىتىدىكەن دەپ قالدىم؛)) ئەمدى كۆپچىلىك بىلەن مىنى ئىسلامغا بۇ قەدەر ئىخلاس قىلغان سەۋەبلىرىمنى ئورتاقلاشماقچىمەن.

تاھارەت ئىلىش

نامازغا تاھارەتلىك بارىمىز، بۇ ئىسلامنىڭ مىنى ھەممىدىن سۆيۈندۈرىدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى بولسا كىرەك. بەدەننىڭ پاكىزلىقى ئادەمنى جۇشقۇن، روھىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىدۇ، تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەلدىن يىراق قىلىدۇ. تاھارەت قىلىش ياكى غۇسلى قىلىش بولسۇن، ئۆز نۆۋىتىدە بەكىرەك روھ پاكىزلىقىنىڭ ئەسكەرتمىسى دەپ چۈشىنىمەن. ئاپامنىڭ گىپى ھەر دائىم يادىمدا، مونچىغا چۈشۈشتىن بۇرۇن: ”نىيەت قىلدىم غۇسلى قىلايىن دەپ، جۇنۇبەتتىن پاك بولايىن دەپ، ئىچىمنى سۇ ئېرىسۇن، تىشىمنى نۇر-ئىمان، ئىچى-تىشىمدا قالمىسۇن زەردى بىگۇمان“ دەيسەن دەيىتتى. بۇ سۆزنى ئاپامنىڭ نەدىن بىلۋالغىنىنى بىلمەيمەن ئامما، شۇنى ئىنىق ئىيتىپ تۇرۇپتىكى بەدىنىمىزنى پاكلاۋاتقان شۇ پەيىتتە ئاللاھ بىزدىن روھىمىزنى پاكلاشنى سوراپ تۇرۇپتۇ. (ئاللاھ بىلگۈچىدۇر)  ئىككى قولۇمغا سۇ ئىلىپ ئىككى قولۇمنى يۈزۈمگە ئۇزاق ئۇزاق ياقىمەن، روھىمدىكى نىجىسلارنى تازىلاشقا تىرىشىمەن، تاھارەت ھەرىگىز پەقەت يۇسۇنلا ئەمەس، بەلكى روھىمنى ساپلاشتۇرۇش، ئىنسانلىقىمنى ئىزدىشىمنىڭ مۇقەددىمىسى.

ناماز

ھەممە بىلىدۇ، ناماز ئاللاھقا بولغان ساداقىتىمىزنى ئىپادىلەش، گۇناھلىرىمىزنى تىلەپ ئاخىرەت سىناقلىرىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىشىمىزنىڭ بىر يولى. ئاخىرەتنى قايرىپ تۇرايلى، ھازىر بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنيادىكى كىشىلەرگە ناماز تىخىمۇ پايدىلىق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەتراپىمدا كۈندىن كۈنگە تېزلىشۋاتقان ھايات رىتىمى، ھايات ھەلەكچىلىكىدە ھەر خىل بىسىملارغا غەرىق بولغان كىشىلەر شۇ خىزمەت بىسىملىرىدا تۈگىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەخسۇس پىسخولوگلارغا بىرىپ دەردىنى ئىيتىپ كىلىدۇ، يوگا مەشىقى قىلىدۇ، كاللىسىدىن ئەمدى چاتاق چىقىشقا باشلىغانلىرى مەخسۇس مەركەزلىرىگە بىرىپ داۋالىنىپ كىلىدۇ (گېرمانيەدە بۇنداق ئادەملەر بەك كۆپ بولوپ، نۆۋەتتە سالامەتلىك ئېستىراخۇنىيە شىركەتلىرى نۇرغۇن مەبلەغ سىلىپ بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ، شەخسەن ھەم شۇنداق ئادەملەرنى كۆردۈم، بەزى تىراگىديەلەرگىمۇ شاھىد بولدۇم: مەن تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا بىر نىمىس بالا ئۈگىنىشتە دىققىتىنى يىغالماسلىق سەۋەبىدىن ھەممىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆلىۋالدى. مەن ئۇچراتقان بىر نەچچە نىمىس ئۆزلىرىنىڭ داۋالاش مەركەزلىرىدە داۋالىنىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، بۇ يەردە ئۇنداقلارنى burnout دەيدۇ.ئاڭلىسام گوللاندىيگدىمۇ بەك ئىغىركەن)؛ يەنە بىر ئىغىر مەسلە، ئادەتتىن تاشقىرى سىمىزلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى، بۇنداق ئادەملەر كۈنى بويى ھەركەت قىلماستىن تىلىۋىزۇر كۆرىدۇ ياكى ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينايدۇ، يول ماڭالمايدۇ. كانادادىكى بىر ئاكىمىزدىن ئاڭلىشىمچە بۇ خىل ھادىسە ئۇ تەرەپلەردە بەكلا ئىغىر ئىمىش، ياۋۇرپادىمۇ بەزىدە بۇ خىل ساغلاملىق كىرىزىسىنى قانداق تۈزەش ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمىلەرنى كۆرۈپ قالىسىز. ئاللاھ ئىنساننىڭ مۇشۇنداق كۈنلەرگە كىلىدىغىنىنى ئىنىق بىلىدۇدە، شۇڭا بالدۇرلا دورىسنى بەرگەن ئوخشايدۇ. قاراڭ، 5 ۋاقىت ناماز باشتىن ئاياق ھەرىكەت بىرلەشكەن ئەقلى ئەمگەك، ئۇ سىزدىن نامازدا پۈتۈن دىققىتىڭىزنى يىغىشنى، ھەممە نەرسنى بىر دەملىك ئۇنتۇپ پۈتۈن ئىخلاسىڭىز بىلەن ناماز قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دىمەك بۇ دىققەت يىغىشنىڭ ئەڭ ياخشى چىنىقىش ۋاستىسى، چۈنكى ناماز جەريانىدا باشقا ھىچنەرسنى ئويلىماستىن ئىخلاس قويۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. گېرمانيەلىك پەيلاسوپ كانت ھەر كۈنى ئۆيى ئالدىدىكى دەرەخكە ھىچنەرسە ئويلىماستىن يىرىم سائەت تېكىلىپ تۇراتتىكەن. مانا بىز بۇنداق مەشىقنى كۈندە 5 ۋاقت قىلىمىز، ئەگەر شۇنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشەنسەك.

ھازىر بىر ئىش بار مۇسۇلمانلاردا: چىنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەي، ناماز ئۆتەپلا بولدى قىلىدىغان. بۇ يىتەرلىك ئەمەس، ئۆز ۋاقتىدا ساھابىيلەر بىكار ۋاقىتلىرىدا قىلىچۋازلىق مەشىق قىلىشقا ئوخشاش يۇسۇنلاردا بەدىنىنىمۇ چىنىقتۇرۇپ تۇرغان. (شۇ ۋاقىتلاردا ئىتقاد ئۈچۈن جىنىنى بىرىشكە رازى بولغان ئادەملەر، ھازىر ئازىراق ئىئانە قىلىشقىمۇ بىشى ئاغرىيدىغان كىشىلىرىمىز يوق ئەمەس، قانچىلىك پەرىق بۇ؟). ھىسابتا شۇ ناماز —چىنىقىشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغان، ياكى ۋاقتى يەتمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دورا.

بۇ يەرگە كىلىپ ئوقۇغاندىن ياقى داۋاملىق ھەر خىل بىسىملارغا دۇچ كىلىمەن، بەزىدە شۇنداق ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىغان ۋاقىتىلىرممۇ بار. دەل شۇنداق ۋاقىتلاردا ناماز ماڭا ھەممىدىن ئىسىل دورا بولىدۇ، جىمجىتلىقتا روھىمنى ئىزدەيمەن، خىزمەت-ئۈگىنىش بىسىملىرىنى بىردەملىك ئۇنتۇيمەن، بوغۇملىرىمغا قان يۈگرەيدۇ، ھىرىپ كەتكەن مىڭەم راۋرۇس ئوكسىگىنغا قىنىپ بىر دەم ئىلىۋالىدۇ. شۇنداق بىر يەڭگىللەپ قالىمەن. شۇنداق ۋاقىتتا ھىس قىلىمەن، ئاللاھ ئەسلى ئىنسان ئۆزىگە ياخشى بولىدۇ دەپ 5 ۋاقىت ناماز بۇيرىغان ئوخشايدۇ دەپ، چۈنكى پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقان ئىگىسى بىر بەندىسى ناماز ئۆتىمىگنگە، دۇئا قىلمىغانغا بىر يىرى بىر نەرسە بولوپ قالمايدۇدە، ئۇ پەقەت بىز قانداق ياشىساق ئاندىن مەنىلىك ھەم خوشال بولىدىغانلىقىمىزنى بىلگەچە شۇنداق بىر ئەڭ ياخشى رىتسىپنى مۇبارەك پەيغەمبەرىمىز ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزگەن بولسا كىرەك.

ئىسلامدا نامازنى ئامال بار توپ ئۆتەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ھەم بەندىلەر بەك ئۆزىنى بىلمەي قالمىسۇن دەپ مەخسۇس ھاياتلىقىنىڭ باشلانمىسى بولغان جۈمە كۈنى ۋە ھىيىت كۈنلىرى بىزنى مەسچىتكە يىغىلىپ تەڭ ئۆتەشكە بۇيرىدۇ، ھەرىكەتنىڭ چوقۇم بىردەك بولوشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمدى يەنە ماۋۇ ئىنسان بىلەن ئىنسان ئارىسىدا قارا ئۆڭكۈر پەيدا بولوپ كەتكەن غەرىب دۇنياسىغا كىلەيلى، كىشىلەر ماتېريال دۇنياسىغا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتكەنكى، بۇلارنىڭ كاللىسىنى قوچىدىغىنى ئىسىل ماشىنا، ئويۇن-تاماشا…ئىنسان ھىچقاچان بۇنداق نەرسىلەرگە تويمايدۇ، دەل شۇنداق بولغاچقا، چىرايى كۈلگەن بىلەن يۈرىكى كۈلمەيدۇ. قىسقىسى ماددى ھاياتنىڭ مەقسەتلىرىدە مارافونغا چۈشكەن بۇ كىشىلەر توپى، ئىنسانىلىقتىن شۇنچىلىك يىراقلىشىپ كەتكەن، ھەم تىخىمۇ يىراقلاشماقتا (ئۆز نۆۋىتىدە مىنى ۋەتىنىمنى سىغىندۇرىدىغان مۇھىم بىر سەۋەب ھەم شۇ). يەنە ئاللاھ بىلگۈچى، بىزنى شۇ ئىنسانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق پەرىزلەرنى بىرىپتۇ. ھەر جۈمەگە بىرىپ ئىمامغا ئەگىشىپ ئەتراپىم ئادەمگە تولغان بىر مۇھىتتا سەجىدىگە باش قويغىنىمدا، شۇنداق بىر قىسقا دەقىقىلەر—پىشانەم، ئىككى قولۇم بىر سىزىقتا، خۇددى يەرنى لىۋىم بىلەن ئەمەس بەلكى پىشانەم/روھىم بىلەن سۆيۋاتقاندەك، دىمىقىمدا يىقىملىق ئەتىر پۇرىقى، فوكۇسىدىن ئايرلىغان كۆزلىرىمگە نەقىشلىك جايناماز پەقەت غۇۋا بىر دۇنيا، روھىم شۇنداق بىر تىنىچلىنىدۇ، ئىچ-ئىچىمدىن ئىنسانلىقىمنى ئىزدەيمەن، ئىنسان بولغىنىمدىن سۆيىنىمەن، ئاچارچىلىقتا، تەڭسىزلىكتە قالغان بىگۇناھ جانلار خىيالىمدىن كىچىدۇ، ئۇلارنىڭ ئازابلىرىنى سىزىمەن، ھەم شۇنداق ئازابنى سىزەلەيدىغان بىر يۈرۈكۈمنىڭ بولغىنىدىن خوش بولىمەن، خۇددى شۇ دەقىقىلەردە شەيتانغا ھىچ ئورۇن يوقتەك، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم قار كىرىستالىدەك سۈزۈك ۋە سىرلىق. يۈرۈگۈمدىن چۇلغىغان ھاياجان ئىسسىق تۇمۇرلىرىم بىلەن مىڭەمگە چۈشكەندەك بولىدۇ، شۇ پەيىتتە— ئىنسانىلىقىم مۇشۇدۇر دەيمەن. سەجىدە پەيتى ئىنساننىڭ ئاللاھ غا ئەڭ يىقىن ۋاقىتى دەيدىكەن…

رومىنيەلىك بىر ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن بىر كۈنى پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ ئايال دوكتۇر ئاشتىلىقتا بىر يىلدەك تۇرغان ئىدى.نىمىس ئەرلەردىن بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىپتۇ. گىرمانىيە تۈگىشىپتۇ دەيدۇ، ”بۇلارنىڭ ئەرلىرى ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىكەن، تەربىيە چالا بولغان ياكى پۈتۈنلەي بولمىغان، ئەسلى بۇنداق نەرسىلەرنى چىركاۋدا ئۈگىتەتتى، لىكىن بۇلار چىركاۋغا بارمايدىكەن، تېلىۋىزىيە پروگىراممىلىرىدىمۇ يا دىنى يا ئەخلاق تەربىيىسى بولمايدىكەن، بۇلارنىڭ جەميىتىدە چوڭ بىر كاۋاك شەكىللەنگىلى تۇرۇپتۇ“. دىگەنلىرىنىڭ راستىنلا ئاساسى بار ئىدى. يىقىن ئۆتىدىغان نىمىس ئاغىنىلىرىمنىڭ قىزلارغا بولغان قاراشلىرىلا ماڭا يىتەرلىك ئىسپات ئىدى. مانا بىزدە مەسچىتلەر ئەسىرلەردىن بۇيان مائارىپنىڭ مەركىزى، جەمىيەت ئەخلاق نىزامىنىڭ يىتەكچىسى ھەم كۈزەتكۈچىسى بولوپ كەلگەن ئىدى. ئەگەر بىزدىمۇ بىر كۈنلەردە كىشىلەر مەسچىتكە بارمىسا مەكتەپ بىرەلمىگەن تەربىيەنى كىم بىرەلەر؟ بىر ياخشى ئىماممۇ خۇددى بىر ياخشى مۇئەللىمگە ئوخشاش… ئىستانبۇل سۇلتان-ئاھمەد جامەسىدە (كۆك مەسجىد) جۈمەدە بولدۇم. ئوسمان ئىمپېريىسى بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ بۈيۈك نامايەندىسى بولغان بۇ جامەدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن تازىمۇ بالدۇر كىرىپ ئەڭ ئالدىنقى رەتكە بىرۋالغان ئىدىم. جامە يىرىم ئارالنىڭ تۇمشۇقىدىكى تۆپلىككە جايلاشقان بولوپ، قىبلىگە قارايدىغان پەنجىرلەردىن ئۇدۇللا مەرمەر دىڭىز كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دىڭىزنىڭ رەڭگى شۇ قەدەر قىنىق كۆك رەڭلىك بولوپ بىر ئاز ئادەمگە سۈر بىرەتتى، يەڭگىل دولقۇنىلىرى قۇياش نۇرىنى چاقنىتىپ نەۋائىنىڭ فانىلىق ھەققىدە يازغان قۇرلىرىنى ئەسلىتەتتى: دىڭىز، دولقۇنلىرى، شەككىللىرى شۇنچە مۇرەككەپ، ھەر دەقىقىدە ئۆزگۈرۈپ ھىچقاچان سىزگە تۇتۇق بەرمەيدۇ، لىكىن ئۇ پەقەت سۇدىنىلا ئىبارەت بىر ماھىيەت بىلەن يەكۈنلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى شۇ يەردە دەپ. خۇددى ئاپامنىڭ قوينىدەك چەكسىزلىككە ئۇزىغان دىڭىزگە قارىغىنىمچە ئىمامنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالدىم، ئانا ھەققىدە گەپ قىلۋاتاتتى، ھاياتىمدا سۆزنى بۇنچىلىك يىقىملىق ھەم تەسىرلىك قىلىدىغان ئىمامنى ئۇچىرىتىشىم مۇشۇ ئىدى، شۇنداق بىر ھاياجاندا ئانىنى، ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تەسۋىرلەيتتى. بۈيۈكلۈك مۇقەددەم مەسجىد تاملىرى ئىمامنىڭ سۆزلىرى بىلەن بىرلىشىپ قەلبىمنى شۇنداق بىر سېھىرلىدىكى، مەرمەر دىڭىز شۇ تاپتا پەقەت ئاپامنىڭ سىماسى ئىدى. كۆزلىرىم ياشقا تولوپ كەتتى، ھەرقانچا كونترول قىلىشقا تىرىشساممۇ، بىر نەچچە تامچە سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى. مانا بىر ئىمام ئىنسانلىقىمنى ئۆزەم بىلمىگەن مەنزىلدە ئويغىتىپ قويدى. ئەگەر شۇ ئىماملىرىمىز مۇشۇنداق سۆزلەپ تۇرمىسا، بىلمەيمىز رەزىللىكىمىز تاشىمەن دەپ ئارانلا تۇرغان بۇ دۇنيادا يەنە قانچە تەڭسىزلىكلەرگە شاھىد بولار ئىدۇق…

رامىزان

ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغدا بىر مۇئەللىمىمىز پايدىلنىش خەۋرى گېزىتىدە كۆرگەن بىر خەۋىرىنى ئىيتىپ بەرگىنى يادىمدا. ئامىركىلىق بىر ئالىم دىندىن خالىي تۇرغۇدا ئۆزىنىڭ تەجىربە نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە تەخمىنەن بىر ئاي چىقىرىپ تاماقنى ئازايتىشىنى، بۇنداق قىلغاندا ئاشقازاننىڭ يۈكى مەلۇم ۋاقىت يەڭگىللەپ ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى تىخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىكەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىشتەيى تۇتۇلۇپ قالغان ئادەمنىڭ روزا تۇتقاندىن كىيىن ئىشتىھارى ئىچىلىپ قالىدۇ. رامىزاندا روزا تۇتۇش بىزنى ئاللاھ غا تىخىمۇ يىقىنلاشتۇرۇپ قالماي بىزنى فىزىئولوگىيەلىك ۋە روھى جەھەتتىن چىنىقتۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئادەت ھەم بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىزنى كۈچەيتىدۇ. دۇنيادا شۇ تاپتا كۈندە ئىچكۈدەك سۈيى يوق، ھەم ئاشلىق قىسلىقى تۈپەيلىدىن ھەر كۈنى 24مىڭ بالا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ(مەنبە:يۇنىسەفunicef )،121 مىليون بالا مەكتەپكە بىرىشقا ئامالسىز، باي-كەمبەغەللىك پەرقى دۇنيا مىيقىياسىدا تىخىمۇ كىڭىيۋاتىدۇ، كېلىمات ئۆزگىرىش سەۋەبلىك نىگىر دۆلىتىدىكى 6 مىليون مۇسۇلمان سۇ قەھەتچىلىكىگە قەدەم قويدى (دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى مەخسۇس ماقالىسى). دىمەك روزا بىزنى مۇھتاجلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سىلىش يولى بىلەن، شۇ ھايات-ماماتلىق سىزىغىدا جان تالىشىۋاتقان ئىنسان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولۇمىزنى سۇنۇشىمىزنى دەۋەت قىلىدۇ. ئالدىمىزدىكى نىمەتلەرنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىزنى ۋىجدانىمىزدىن سورايدۇ…

خۇلاسە شۇ، ئىسلام دىنى بىر تىنچىلىق دىنى، ئىسلام دىمەك ئىنسانىيلىق دىمەك. مەنچە ئاللاھ بىزنى بۇ دۇنيادىمۇ ئىنساندەك ياشىسۇن دەيدۇ، ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە رېتىسىپلارنى بىزگە كۆرسەتكەن. ئەگەر ھەممە شۇ ئىسلام يولىدا مىڭىپ ھەققى بىر مۇسۇلماندەك ياشىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىمۇ بىر جەننەتتەك بولمامدۇ؟!…لىكىن بەندىنىڭ قارغۇلىقى، ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىكى مانا بۈگۈنكى كۈنگىچە يۈز بىرىۋاتقان ئۈزۈلمەس ئىنسان تىراگىدىيەلىرى بىلەن نەتىجىلىنىپ تۇرۇپتۇ.

ئادەتتە نامازدا بەك دۇئا قىلىپ كەتمەيمەن، دۇئا نى ئۆزى خالىغانچە قىلسا بولىدۇ دەيدۇ. ئەگەر مەن داۋاملىق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، بىر ھەققى مۇسۇلماندەك ياشىسام تېلىشىمنىڭ يەنە ئورنى بارمۇ دەپ ئويلايمەن. لىكىن بىر نەرسىنى چوقۇم، ھەم ھەر دائىم تېلەيمەن، يەنى ئاللاھ مىنى ھەر زامان، ھەر يەردە ئىنسانلىقىمغا يىقىنلاشتۇرسۇن!

ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن،

ئامىن!

رامىزاننىڭ 27-كىچىسى، ئۇلم

قوشۇمچە: تۆۋەندىكى ئادرىستا ناھايتى ياخشى ئىشلەنگەن بىر قىسقا فىلىم بار ئىكەن، تەۋسىيە قىلىمەن! جەمئىي ئۈچ قىسىم، بۇ بىرىنچى قىسمى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ تېمىدىكى (http://koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2852&page=3) ئىنكاسلارغا قاراڭ

http://www.youtube.com/watch?v=gwEanp05Kns&feature=my_liked_videos&list=LLsdFe83mFlL2pc4EOUphtSQ

ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن:

http://www.youtube.com/watch?v=gwEanp05Kns&feature=my_liked_videos&list=LLsdFe83mFlL2pc4EOUphtSQ

 

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ياراتقان ئىگەم، مېنى ئىنسانىيلىقىمغا يېقىنلاشتۇرغىن! ئۈچۈن 8 ئىنكاس بار

  1. قۇياشىم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،يازمىڭىزنى كۆرۈپ ،يۈرۈكۈمنى يۇلۇپ ئېلىپ ،ئىچىدىكى قاراداغلارنى كۆرۈپ باققۇم كەلدى،سەۋەبى پۈتكۈل ھۈجەيرىلىرىم ئۆز دىنىمنىڭ ھەققىي پاك دىن ئىكەنلىكىگە ،اللاھنىڭ چەكسىز قۇدرەت ۋە مېھىرئىگىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرسىمۇ ،يۈرۈكۈمنىڭ قانداقتۇر بىر جايىغا ئورناپ كەتكەن پاسىقلىق مېنى ھەق يولدىن ئاداشتۇرۇپ كەلدى،مەن ھەرقېتىم ئۆزۈم تەلپۈنگەن ھەققىي مۇسۇلماندەك ياشاشقا تەرەددۈتلىنىمەنۇ،يەنە ئاقماس باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈمنى ئالداپ ،ئېغىزلىرىدىن ئىماننى چۈشۈرمىسىمۇ، يۈزلىرىدىن ئىمان نۇرى يۈز ئۆرىگەن ئادەملەر توپىغا قوشۇلۇپ،گۇمراھلىق قوينىدا بىچارىلەرچە ياشايمەن.مۇشۇ كۈنلەردە ،تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن يازلىق تەتىلدىن تارتىپ ،تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى نامازلىرىمنى قازاسىز ئۆتەپ،بىرەر پارچە نان بىلەن بولسىمۇ ئوتتۇز كۈن روزىنى تۇلۇق تۇتۇپ ئۆتكۈزگەن سائادەتلىك كۈنلەرنى كۆزلىرىمگە سۈرتكۈدەك بولدۇم،مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىنتىلگەن ئالىي مەكتەپ ماڭا تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر نەرسە ئۈگەتكىنى يوق ،مانا ھازىر كاللام قالايمىقان نەزەرىيە بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئەخلەت ساندۇقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى مەكتەپتىكى ‹ئالىي ئۇنۋانلىق پىراففىسور›لارنىڭ قاقشاش پىسخىكىسى ماڭىمۇ يۇقتىمۇ ،مانا مۇشۇنداق ھە دېسە قاقشايدىغان ئالىجوقى بولۇپ قالدىم،قىسقىسى ،مەندىكى ئىسلامغا ئىنتىلىدىغان خرۇستالدەك سۈپسۈزۈك قەلىب ،ھازىر ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان،بىلسەممۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ناخۇشلۇق تۇمانلىرى ئىچىدە قالدى،شۇڭا سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزغا ئوخشاش يازمىلارنى جىقراق يېزىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئەڭ مۇھىمى ئۇلۇغ رەببىمدىن ئۆزۈمگە ۋە ماڭا ئوخشاش مۇسۇلمان تۇرۇپ مۇسۇلماندەك ياشىيالمايۋاتقان قېرىنداشلارغا ھىدايەت تىلەيمەن.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      سەممى ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈندۈم! بەك ئاسان ئازىمىز ھەممىمىز، ئىنسان بولغان ئىكەنمىز ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشايمىز، شۇڭىمۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرى نىرۋىرىلىرىمىزغا شۇنداق تەسىر قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بەزىدە قازاننىڭ قارىسى يۇقۇپ قىلىشتىن ساقلانماق سەل تەس بولۇپ قالىدۇ. ئىككى مۇھىم نەرسە بار: بىرى: كىشى ئامال بار ئۆزىگە خاس خاراكتېر يارىتىشى كېرەك، يەنى ئانچە-مۇنچە كىشىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرىگە بەك زېھىن بىرىشىمىز بىزنى ھاردۇرۇپ قويىدۇ. خاراكتېر تەپەككۇر ھەم بىلىمنىڭ جۇغلىشىدىن يىتىلىدۇ. يەنە بىرىگە: ئامال بار ياخشى ئادەملەر بىلەن ئارلىشىش. ياخشىلىقمۇ ۋىرۇسقا ئوخشايدۇ، داۋاملىق ياخشى ئىشلارنى ئاڭلاش، ياخشى ئىشلارنى بىرگە قىلىش كىشىنى بەكلا خوش قىلىدۇ، ھەم ئۆز-ئۆزىدىن رازى قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلىسۇن، ھەم بىزنى توغرا يولدىن يىراق قىلمىسۇن!

  2. قۇياشىم مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gifياراتقان ئىگىمىز ھەممىمىزنى بەخىتلىك مۆئمىنلەردىن بۇلۇشقا نېسىپ قىلسۇن!

  3. ئايبەرچىن مۇنداق يازغان:

    مەن بەك سۆيۈندۈم، بەكمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن.

  4. كۈلكەم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، بۇ ناماز بىلەن رامىزان ، تاھارەتنىڭ ماھىيتىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپسىز، مەن ھىس قىلمىغان مەزمۇنلارمۇ باركەن تېخى ، كۆپ ئوزۇق ئالغۇسى بۇنى ئوقۇغانلار … ئالدىنقى يازمىللىرىڭىزغا تەنقىدىي پىكىر بەرسەم بەزى تورداشلامۇ خاپا بولۇپ قاپتۇ مەندىن، سىزمۇ جاۋاپ يازماپسىز ، ۋاختى يەتمىدى دەپ ھىس قىلدىم ، مىنىڭ چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى سورغانلىقىمنى ئويلاپمۇ قويمىغان بولسا كىرەك ، قۇسۇر تاپتى دەپ ھىس قىلىپ قاپتۇ ،

    بۇ تىمىڭىزغا ئۈستىدىكى ياخشى ئىنكاسلار بىلەن قوشۇپ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، رەھمەت سىزگە. راستىنلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، توغرا چۈشىنەرسىز. بەزى نەرسىلەرنى مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارايمەن. مۇنازىرە ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى قايىل قىلىش، ياكى ئورتاق جاۋاب تەپىش ئۇچۇن ئىلىپ بېرىلىدۇ. مەن شەخسەن دىنى قاراشلىرىمنى يېزىپ تۇرىمەن، يازغىنىم مۇنازىرە تەلەپ قىلغىنىم ئەمەس، بۇ قاراشلىرىم ئۇچۇن ھەم مۇنازىرە تەلەپ قىلمايمەن، بۇ خۇددى قورسىقى ئاچ ئادەم نان يېسە تويىدۇ دېگەندەكلا ئىشلار مېنىڭ كاللامدا، خاتا بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزگەرتىشنى خالىمايمەن. سالامەت بولۇڭ

  5. Leglek مۇنداق يازغان:

    ‹خاتا بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزگەرتىشنى خالىمايمەن›Dehshet gep boptu,mundaq oqumushluq .http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gifjahildin yene biri barken emesmu

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif