مىللىچە ناخشىلارنى نىمىشقا ياقتۇرۇپ قالدۇق

مۇنداقلا باشلاي: كىچىكىمىزدە تىلىۋىزۇردا ياكى رادىئودا مۇقامغا ئوخشاش مىللىچە ناخشا-مۇزىكا بولسا ئاڭلاش خوش ياقمايدۇ، لىكىن چوڭلار بەكلا ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كىتىدۇ. لىكىن يىشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بىزمۇ شۇنداق مىللىچە ناخشا-مۇزىكىلار چىقسا شۇنداق تىڭشاپ ئاڭلاپ كىتىمىز. بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ باققانلار بارمۇ؟

ئىشىنىمەن، كۆپىنچىڭلار ئويلىشىپ باققان، لىكىن جاۋابىمىز ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.

ئەسلىگۈدەك بولسام، مەن مۇقاملارنى ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئاندىن ئانچە مۇنچە ئاڭلايدىغان بولدۇم، ئىچكىرگە ئوقۇشقا بارغاندا تىخىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولدۇم. چەتكە چىقىپ، ئۇيغۇرنى ئايدا-يىلدىمۇ كۆرمەيدىغان يەرگە كىلىپ
ئۆز مىللى ناخشا-ئۇسسۇلىمىزنى ھىچنەرسىگە تەڭ قىلماس بولدۇم. دەسلىپىدە بۇ خىل ئۆزگىرىشنى بەلكى ئادەم چوڭ بولغاندا مىجەزى ئۆزگىرىپ ئىغىرلىشىدۇ، روھىمىزدىكى بالىلارچە
ھىسسىيات يوقالغاندىن كىيىن، تەبئىلا شۇنداق بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. كىيىنچە، بەلكى ئادەم ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن يۇرتىغا بولغان سىغىنىشنى شۇنداق مىللى پۇراقلىق ناخشىلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق
باسسا كىرەك دەپ ئويلىدىم. دىمىسىمۇ، بىيجىڭدىكى تۇنجى يىللىق ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتقاندا شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدۇق، بولوپمۇ پويىز قۇمۇلغا يىقىن كەلگەندە تامدىكى
ئۇيغۇرچە يىزىلغان شۇئارلار كۆزىمىزگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى، قىززىق ھاياجانلىرىمىزنى باسالماي —ئۇيغۇرچە خەت، ئۇيغۇرچە— دەپ ۋارقىراپ كەتكەنتۇق…تەبئىكى، ۋەتەننىڭ
قەدرىنى ۋەتەننىڭ سىرتىدىلا ھەممىدىن روشەن ھىس قىلغىلى بولىدۇدە، شۇڭا كونىلا ”خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە ئۆز يۇرتىڭدا ئۇلتان بول“ دەپ بىكار دىمىگەن. ۋەتەننى سىغىنغاندا كۆپ نەرسىلىرنى سىغىنىمىز، ئاتا-ئانىمىزنىڭ، قىرىنداشلىرمىزنىڭ مىھىر، كۆيۈنۈشى؛ بىز يەپ چوڭ بولغان تائاملارنىڭ تەملىرى؛ ھويلىمىزدىكى چۆپلەرنىڭ ئۆزگىچە پۇراقلىرى؛ تۇمۇرلىرىڭىزغىچە بارىدىغان ئىسسىق ھاۋا؛ كەيپىياتىڭىزنى ھامان كۆترەڭگۈ قىلغۇچى كۈچلۈك قۇياش نۇرى؛ تۇنۇردىن يىڭىلا چىققان ناننىڭ مىزىلىك پۇرىقى. ئۆيدىكى ئەتېرگۈلنىڭ ئەڭ داڭلىق ماركىلىق ئەتىردىمۇ بەكىرەك خۇشبۇي پۇرىقى؛ كۈلدۈرۈپ تىلىقتۈرۋىتىدىغان چاقچاقلىرى؛ ئۇيغۇرچە تىلۋىزىيەدىكى خەۋەرچە قىزنىڭ ئاۋازى؛ كۆپ نەرسىلەر… بۇلار ھەممىسى يىغىلىپ سىزنى شۇنچىلىك سىغىندۇرىدىكى، شۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلغان ھەر قانداق بىر ئېلمىنىت يات يەردە سىزگە چەكسىز روھى ئەمەك بولىدۇ. شۇ كىچىكىمىزدە ئاڭلىغان ناخشىلار ئىنىقلا ۋەتەننىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە قەلبمىزدە تامغا بولوپ قالىدىغىنى ئىنىق.دىمەك بۇ نۇقتا، نىمىشقا مىللىچە ناخشا-مۇزىكىلارغا ئامراق بولوپ كىتىشىمىزنى بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ.مىنىڭ ئاپام ھىچقاچان يۇرتتىن ئايرىلىپ باقمىغان، لىكىن رادىئو-تېلىۋىزيەدە ئۆزبىكىستاندىن كەلگەن كونا ئارتىسلار ياكى رادىئودا داۋۇتجان ناسىرىنىڭ ناخشىلىرى چىقىپ قالغۇدەك بولسا، قولىدىكى قىلۋاتقان ئىشىنى توخىتىتىپ، ئىچىۋاتقان ئەتكەن چىيىنى ئۇنتۇپ دىگۈدەك شۇنداق بىر زوقمەنلىك ئىچىدە ئاڭلاپ كىتەتتى.خەيىر، بۇنى ئەمدى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ ئىنسان مىڭىسى شۇنچە مۇرەككەپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر ئىش، ياكى مەلۇم مۇناسىۋەتلىك شەيئى شۇ يۇشۇرۇن ئەسلىمىلىرىڭىزنى ئويغىتىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنى بەلكى بالىلىقنى سىغىنىش يەنى، كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن ئەسلىمىنى سىغىنىش دىسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.بالىلىقنى سىغىنمايدىغان كىم بار، دۇنيا بىر گۈزەلدۇر ئۇ چاغدا، ھەممە نەرسە چىرايلىق، ئۈستىڭىزدە ھىچ بىر بىسىم يوق، ھەر قانداق بىر يىڭلىق سىزگە شۇنچىلىك كۈچلۈك بىر ھاياجان بىرىدۇ، ئۇ ھاياجان سىزنى يۈگۈرتىدۇ، قىيغىيتىدۇ. تۇنجى قىتىمقى مەكتەپكە بىرىشنىڭ ئالدىدىكى ھاياجاننى، ھودۇقۇشنى ھەرگىز تۇنجى قىتىم خىزمەتكە چىققان كۈندىكى ھاياجان بىلەن سىلىشتۇرالمايسىز. بۇ توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنى يوققۇ، ھەممىمىز بىلىمىز كۆڭلۈمىزدە، شۇ تاپتا بالىلىققا قايتىپ كىتىشكە ئاران تۇرىمىز.
شۇ بالىلىقنى سىغىنغاندا، ئۇنىڭدىكى ھەممە مەزمۇننى سىغىنىمىز، بەزى ئەسلىمىلەر ئىنىق، بەزىلىرى غۇۋا؛ ئۇنىڭدا ھەم بىز ئەسلىسەكمۇ كۆزمىزگە كەلمەيدىغان، كۆڭۈل قەترىمىزدە كۆرۈنمەس رەۋىشتە يۇشۇرۇنچە ساقلانغان يەنە شۇنچە كۆپ نەرسىلەر بولوشى مۇمكىن.ناخشا-مۇزىكىنىڭ رولى راست ئاز بولمايدىكەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىزگە مەنىۋى ئوزۇق بىرىپلا قالماستىن، شۇ ۋاقىتلاردىكى ھىسسى تارىخلىرىمىز بىلەن يۇغۇرۇپ، ئەسلىمىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىدىكەن. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئەسلىمىلەر غۇۋالاشقاندەك بىلىنسىمۇ، ئەينى زاماندىكى ناخشىنى قايتا ئاڭلىسىڭىز، مۇزىكا ئاۋازى شاھىد سۈپىتىدە ئۆزى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ھىسسىياتلارنى قايتا نامايەن قىلىدىكەن. داۋۇتجان ناسىرنىڭ ناخشىلىرى، “ئالتە كەپتە يەتتە بولدى” دىگەن بىر ناخشىلار بالىلىقىمنى نامايەن قىلسا، ”پاتىمەنىڭ كۆينەگى، سەكسەن يەردە ياماقى“ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلىتەتتى؛ ئابدۇسۇپۇرنىڭ ناخشىلىرى تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئاچچىق تەملىرىنى ئەكەلسە،
“god is a girl”
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى گاڭگىرىغان جىددىيچىلىكنى ئەسلىتەتتى؛ ھەر بىر ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشىنىڭ ئۆزى كۆڭۈل قىرغاقلىرىمدا بىر ئەسلىمە ئىدى…راست، ئەينى ۋاقىتتا ئاپام داۋۇتجان ناسىرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندا مەن قۇچىقىدا ئىدىم، نىمىشقا شۇنداق بىر ”شاۋقۇنلۇق“
ناخشىنى بىرىلىپ ئاڭلايدىغىنى كاللامدىن ئۆتمەيتتى، لىكىن چىدايتتىم يەنە. ئاز كەم20 يىل ئۆتۈپتۇ، ئەمدى يەنە ئاڭلىدىم، بىلمىدىم ھەققى زىھنىم شۇ ناخشىدىمۇ ياكى شۇ ناخشىنى ئاڭلىغاندا مىنى ئۆزىگە مەھكۇم قىلغان باشقا بىر زامان-ماكانمۇ؟!
يۈرىكىمنى ياخشى تىڭشاپ باقتىم، مەن ئۇ ناخشىنى ئەمەس، بەلكى شۇ ناخشا قوزغاتقان شۇ ئەسلىمەمدە. رادىئو قويۇقلۇق، ئاپام تىنىچقىنە ناخشىغا تەڭكەش قىلىپ غىڭشىيتتى. يورۇق تام ئۆيىمىز، قارلىغاچلار ئۇگا سالغان جىگەررەڭ تورۇس، قازاندا قايناۋاتقان سۈيقاشنىڭ مىزىلىك ھىدى، لاي ئوچاقتا ئاتەش كەبى كۆيىۋاتقان ئوتۇننىڭ ئىسسىق ھىدى، مەن بولسام دۇنيادىن غەمسىز، ئاپامنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز ئىللىق قۇچىقىدا تۈگىمەس خىياللىرىم بىلەن، چىن-تۆمۈر باتۇرنىڭ يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىلەن ئىلىشۋاتقان كۆرىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەن ئاۋارە… شۇ تاپتا يات ئەلدە كۈن كۆرمىگەن سوغۇق روھىم خۇددى ئەپسانىدەك بىر جايغا غەرىق بولوپ، تىتىرگەن تۇيغۇلار مەڭۈلۈك ئارامگاھىنى تاپقاندەك ئىدى. نەقەدەر تاتلىق ھىسلار دىسىڭىزچۇ، خۇمار ئىدىم ئۇ ئەسلىمىلەرگە، سىغىنمامدۇ كىشى ئۇنداق بىر ئىسسىق دۇنيانى.دىمەك مىنىڭ ياقتۇرغىنىم ئەسلى ئۇ ناخشا ئەمەس، يالىڭاچ ۋەتەن سىغىنىشى ھەم ئەمەس، ئۇ بەلكى مىللى پۇراققا تولغان بالىلىق ھاياتىمنىڭ ئەسلىمىسى، بالىلىق سىغىنىشى. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئېلمىنىت مىنىڭ كىملىكىم بىلەن مەڭگۈ بىرلەشكەن، ھەر بىر ئېلىمىنىت ماڭا مۇتلەق تەۋە! ھەتتا خىياللىرىمدىكى چىن تۆمۈر باتۇردىن تارتىپ ھەم شۇ، چۈنكى مەن شۇ خەلىقنىڭ پەرزەنتى. دەل شۇنداق بولغاچقا ماڭا ئۇنىڭدىن گۈزەل باشقا بىر نەرسە يوق، ئۇنىڭدا زىتلىق يوق، ئۇيالچانلىق يوق، ھىتىقاش يوق. ئۆز نۆۋىتىدە مەن ھەم شۇ خەلىققە مۇتلەق مەنسۇپ!! مۇشۇ يەرلەرنى يىزىۋىتىپ ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ئىكەنلىكىمنى تىخىمۇ ھىس قىلدىم. ئاللاھ خالىسا مەنمۇ پەرزەنتىمنى شۇنداق ۋەتەن پۇرىقىدا چوڭ قىلىمەن، تا چوڭ بولوپ ئاق-قارىنى پەرىق ئەتكۈچە، ۋەتەننىڭ ئاپتىپىغا سىلىپ، قۇچىقىمغا ئولتۇرغۇزۇپ، داۋۇتجان ناسىرنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايمەن….

 

oghuzkb

قەھرىتاننىڭ 2-كۈنى، شەھرى ئۇلىمدا يىزىلدى


بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, چەتئەلدە ئوقۇش كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif