تەۋسىيە: ياشلىق

ياشلىق
ۋولمان (ئامىركا)
تەرجىمانى خاتېرەمگە يىزىلماپتۇ، كەچۈرۈڭلار:)

ياشلىق— ھايات مۇساپىڭىزدىكى بىر مەزگىل ئەمەس، بەدىنىڭىزنىڭ قىرانلىقى ۋە مەڭزىڭىزنىڭ قىزىللىقىمۇ ئەمەس. بۇ قەلبىڭىزدىكى بىر خىل ھالەت، كاللىڭىزدىكى بىر ئۇقۇم، ئەقلى تەپەككۇرىڭىزدىكى ئىجادىڭىزنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى، ھىسسى پا’ئاليىتىڭىزدىكى بىر خىل جۇشقۇنلۇق، ھايات باھارىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بىر خىل خۇش ھىدلىق ھاۋا.
ياشلىق شېرىن رومانتىك مۇھەببەتتىن ئۆز رازلىقى بىلەن ۋاز كىچىپ، تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزۈشتىن دىرەك بىرىدۇ. قورۇنۇش، قورقوش ۋە نەپسىنىز ئۈستىدىن غالىب كىلىدىغان يۈرەك ۋە پەزىلەتتىن دىرەك بىرىدۇ. ھالبۇكى 60 ياشلىق ئەرلەردە بۇنداق يۈرەك ۋە پەزىلەت 20 ياشلىق يىگىتلەردىن كۆپىرەك بولىدۇ. ھىچكىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ كەتمەيدۇ، بەلكى غايىنىڭ يوقۇلۇشى بىلەن ئىنسانلاردا قېرىلار مەيدانغا كەلگەندۇر.

يېللار تېرىڭىزدە قورۇقلار قالدۇرالايدۇكى، قەلىبىڭىزدە تاتۇق قالدۇرالامايدۇ. غەم، قورقۇش، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنىڭ كەملىكىلا سىزنى ۋاقتنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئارىسىدا مۈكچەيتىدۇ.

مەيلى 60 ياش ياكى 16 ياش بولسۇن، ھەممە كىشى كەلگۈسىگە ئىنتىلىدۇ، ھەممە كىشى كىشلىك تۇرمۇش رىقابىتىدىكى خوشاللىققا بالىلارچە قەلب بىلەن چەكسىز تەشنادۇر. سىزنىڭمۇ ۋە مىنىڭمۇ قەلىبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئوخشاشلا بىر رادى’ئو ئاپپاراتى بار. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن، بىپايان زاماندىن ۋە ماكاندىن گۈزەللىك، ئۈمىد، خوشاللىق، جەسۇرلۇق ۋە كۈچ قۇۋۋەت ئۇچۇرلىرىنى توختىماي قوبۇل قىلىپ تۇرسىلا، سىز بىلەن مەن مەڭگۈ ياش تۇرىۋىرىمىز.

ناۋادا بۇ رادىئو ئاپپاراتى كارىدىن چىقسا، سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ھىچ ئىش خوش ياقماسلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ مۇزى قاپلاپ كەتسە، سىز تىخى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بولىسىڭىزمۇ قېرىپ كىتىسىز؛ ئەگەر بۇ رادىئو ئاپپاراتى باشتىن-ئاخىر قەلبىڭىزدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ھەربىر رادى’ئو دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ تۇرسا، ياش پېتى تۇرگان 80 يىشىڭىزدا ئالەمدىن ئۆتۈشىڭىزدىن ئۈمىد بار.

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

تەۋسىيە: ياشلىق ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. ئۇقۇغۇچى مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ ئەسەرگە بەك ئامراق ! ئىنگىلزچىسىنى سۇدەك يادلاپ كەتكەن. بىر خىل پەيزى
    رۇخسەت قىلسىڭىز tewpiq سالونىغا يوللاپ قويسام

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif