قەھىرىمانلىرىمىزغا ئىگە بولايلى، تارىخىمىزغا ھەم

ئىلمىيلىكتىن يىراقلىشىش، يەنى پاكىتنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇش، شۇنداقلا تاق مەنبەلىك بۇرمىلانغان ”پاكىتلارغا“ ئاسان ئىشىنىش كىشىلەرنى ھەر تۈرلۈك سۈيىقەست نەزەرىيىلىرىگە ئاسان ئىشىنىدىغان، ھەم بەك ساددا قىلىپ قويىدىكەن.

چوڭ جەھەتتىن مىللەتنىڭ شانلىق تارىخى، كىچىك جەھەتتىن بىر ئائىلىنىڭ تارىخى شەجەرىسى ئەۋلادلارنىڭ روھى جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە خاراكتېر يارىتىشىدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى ھەققىدە ئارتۇقچە سۆزلىشىمنىڭ ئورنى يوقتۇر. لېكىن بۇ يەردىكى پەخىر ھەققى پەخىر بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇ غۇۋا بولسا، بەلكى زىيانلىق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن، يەنى قۇرۇق ”پەخىرلىنىپ“، شۇ پەخىرگە چۇشلۇق تىرىشماسلىق.

تارىختا ئىرقى ۋە مىللى كەمسىتىش ئىلىپ بارغان كۈچلەر كۆپىنچە ئوخشاش بىر ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، يەنى كەمسىتىلگەن ئورۇندىكى كىشىلەر توپىنىڭ ئىپتىخارىنى يەرگە ئۇرۇش، تېپىك مىساللىرى: شۇ توپقا مۇناسىۋەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەرنى، تارىخى نامايەندىلەرنى بۇزۇش، يازما تارىخنى ئۆزگەرتىش، تىلىنى يوقىتىش، ۋە ئۆزلىرى يازغان تارىخنى مىڭە يۇيۇش شەكلىدە مائارىپ ۋاستىسى بىلەن بىر ”چىرايلىق“ ھالدا ئۆگىتىش. ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىلىپ بارغان سىياسىتى دەل مۇشۇنىڭغا چۈشىدۇ، بۇنى بىز تارىخ دەرىسلىكىمىزدە ئۆگەندۇق.

ئەتراپىمىزغا قارىساق شۇ تاپ بىزدىمۇ بۇنداق مىساللار كۆپ:

مەدرىسلەر چىقىلدى (قەشقەردىكى خانلىق مەدرىس)، ئاتا-بوۋىلىرىمىز قۇرغان شەھەرلەر بۇزۇلدى ۋە ياكى خۇددى ئىمىن ۋاڭ مۇنارىنىڭ يېنىغا يانداش قىلىپ يىڭى سېلىنغان كۆلىمى ئىمىن ۋاڭ مۇنارى جايىدىنمۇ چوڭ بولغان يات ئۇسلۇبتىكى بىنالار، ۋە ياكى ئۇدۇل كەلگەن بىر تارىخى جايغا تىكلەنگەن ”مۇرەككەپ“ يېزىقلاردا يېزىلغان “مۇرەككەپ“ بايانلار ئويۇلغان ئابىدىلەر. ئەمدى بولسا، بىز قەھرىمان دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى. ھەتتا مەكتەپتىكى مۇئەللىملەرنىڭمۇ “ل. مۇتەللىپ ئۇ قەھرىمان ئەمەس، ئەسلى بىر *** پاچاق“ دېيىشلىرى، ”ۋاي ئۇ ئادەممۇ چاغلىق بىر ئادەمكەنغۇ“ دىگەندەك سۆزلەر. دېمەك بىر كۈنلەردە بوۋىلىرىمىزدىن قالغان خارابىلىرىمىزلا ئەمەس، قەھىرمانلىرىمىزمۇ تۈگىسە كېرەك. خۇددى شۇ ياپونلار ئەينى زاماندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يولغا قويغان سىياسەتتەك، ئىپتىخارلىق يوقالغان، باشقىلارغا كۈچۈكلىنىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ بارلىققا كېلىشى… …

ل. مۇتەللىپ ئاددى بىر مىسال ئەسلى، ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىمۇ ھەر گەپلەرنى ئاڭلايمىز. نىمىشقا ئاڭلىۋالغان، ياكى مەلۇم بىر كىتابتا كۆرگەن نەرسىلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ قارار چىقىرىمىز، نىمىشقا بىر گۇمانىي تۇرغۇدا ئوقۇشنى بىلمەيمىز. ھازىر جاھان ئۆزگەردىغۇ، مانا ئىنتېرنىتتىن پايدىلىنىپلا ئازراق ئىزدەنسەك، ھەم شۇ ئىزدەنگەن بىلىمگە خۇدايىم بەرگەن كاللىنى ئازراق ئىشلەتسەكلا ھەقىقەت غۇۋا بولسىمۇ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىدۇغۇ.

مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەخمەتجان قاسىمى، لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر ياشىغان قايسى دەۋر؟ ئۇ دەۋىردە ھازىرقىدەك سىمسىز تېلېفونلار يوق ئىدى، كىشىلەر خەۋەرلەرنى ھېچقاچان ئۆز ۋاقتىدا بىلەلمەيتتى. تارىخىمىز توغۇرلۇق يېزىلغان كىتابلار شۇنداق ئاز ئىدى، بولغان تەقدىردىمۇ ئاۋام خەلقتىن كۆپ ئۇزاق ئىدى، كىشىلەر ھەتتا مىللىتىنىڭ كىملىكىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيتتى. مۇشۇنداق شارائىتتىكى ھاياتنى بىر دەم ئولتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. ھازىر بىرەر ئىش بولسا كۈنگە قالماي پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، شۇ چاغدا ل.مۇتەللىپنى تۈرمىگە سولىسا قانچىلىك ئادەم بىلىدۇ، چاناپ ئۆلتۈرسە يەنە قانچىلىك ئادەم بىلىدۇ؟ ئۆزىنىڭ نام-نىشانسىزلا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىدەك خەتەرنى ئۇلار بىلمەسمۇ؟  ئۇلار دۇچ كەلگەن تېرورلوق، خەتەر، ھەم خەلقنىڭ شۇ چاغدىكى نادانلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىگەن ئەقىل… …. تالانتىنى ئەمەلدار بولۇشقا ياكى پۇل تېپىشقا ئىشلەتمەي ئاقارتىش يولىنى تاللىغانلىقى، بىر گېزىتنى توختاتسا، يەنە بىر گېزىتنى نەشىر قىلىشلىرى، يەر ئاستى تەشكىلاتلارنى قۇرۇشى نىمىدىن؟ بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئەمدى قوپۇپ خىجىل بولماستىن تۈزۈك ئىزدەنمەيلا ئۇلارغا باھا بېرىپ ئولتۇرىشىمىز بار.

ئۆزەمنى بەزىدە ئەخمەتجان قاسىمى ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقىمەن: جاھالەتتىن ئەمدىلا ئويغىنىۋاتقان بىر قوۋم ئىچىدە تۇغۇلدى، كىيىن ئوقۇش باھانىسىدا تاشكەنىتكە بېرىپ ئوقۇدى، كىيىن لېنىنگرادنى زىيارەت قىلدى. شۇ چاغدا سوۋېتلەر دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر كۈچ دېسەك ھەرگىز خاتا كەتمەيدۇ. ئۆز ۋەتىنى بىلەن سوۋېتتىكى شۇ ئاسمان زىمىن پەرقلەرنى كۆرگەن ئەخمەتجان قاسىمى قانداق ئويلايدىغاندۇ؟ تەبىئىيكى بىزمۇ ئەشۇ خەقلەردەك تەرەققى قىلساق دېگەندۇ، كوممۇنىزم راستىنلا توغرا يولكەن دېگەندۇ… بەلكى ئۇلار ئۈچۈن ئىشلىمىسىمۇ شۇنداق بىر كۈچلۈك دۆلەتكە بېقىنىشنى توغرا تاپقاندۇ، خۇددى ئەينى زاماندا پېتىر I غەربى ياۋرۇپاغا بېرىپ “بىز بەك ئارقىدا قاپتۇق، ئۆگەنمىسەك بولماپتۇ بۇلاردىن“ دەپ ئالىملارنى، تېخنىكلارنى روسىيەگەتەكلىپ قىلىشلىرى، روسلارنىڭ ئۇزۇن ساقاللىرىنى كىسىشلىرى، ئاخىرىدا روسىيەنى قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ چار-روسىيەسىگە ئاساس سىلىشى. بىزگە يېقىن مىسالدىن، 600 يىللىق ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ چۈشكۈنلۈكىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان مۇستاپا كامالنىڭمۇ قاتتىق ئىسلاھ قىلىپ ياۋرۇپادىن ئۆگىنىشى (ئەلۋەتتە ئاشۇرۋەتكەن يەرلىرى بولسىمۇ، مەقسىتى تۈركىيەنى تەرەققى قىلدۇرۇش دەپ چۈشىنىمەن)، ئۆزى باش بولۇپ يىزىلارغىچە بېرىپ يىڭى ئېلىپبەنى ئۆگىتىشى ئوخشاش بىر نەرسىلەرنى ئېسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ بولسىمۇ، خەلقىنىڭ ئاجىز ھالىنى كۆرۈش، ئۇنىڭغا دورا ئىزدەش شۇنداق ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئەلۋەتتە ئۇلار شۇ كۈچلۈكلەرنىڭ نىمىشقا كۈچلۈك بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ، ئۇلارنى دوراپ باققۇسى كېلىدۇ، ئۆز چۈشەنچىسىدىكى توغرا يولنى تېپىشقا ئۇرىنىدۇ.

ئەخمەت ئەپەندىمۇ شۇنداق مەنچە. لېنىنگرادقىچە بېرىپ كۆرۈپ كەلگەن ئەخمەد ئەپەندى، شۈبھىسىزكى روسلارنىڭ تۇتقان يولىنى توغرا يول، شۇ ھەم كەلگۈسى دەپ بىلىدۇ، ئۇلاردىكى تەرەققىياتنى ئۆز خەلقىدە كۆرۈشنى ئىستەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ماركىسىزم، لېنىنىزم توغرا يول. ئۆز خەلقىنى ئازاد قىلىشنى، ھۆر بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى غايە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. تېخى يېقىنقى زامانلاردا ئاشكارلانغان ستالىن بىلەن تۈزگەن بېتىمدا بۇ نۇقتا خىلىلا ئېنىق. مانا مۇنۇ ئاستىدا بىرىلگەن بەتتىكى كېلىشىمىنىڭ 17-تارمىقىدا نىمىلەر دېيىلىپتۇ ئوقۇپ بېقىڭلار. ھېس قىلىشىمچە بۇ كېلىشىممۇ شۇ ئەخمەت ئەپەندىلەرنىڭ ئىلتىماسى بىلەن بولغان. نۇرغۇن مەنبەلىرىنى ۋاراقلىساق، ئۇ كىشىنىڭمۇ بىر خىل ئۆز خەلقىگە ئادىللىق ئىزدىگىنىنى ھېس قىلىمىز، مەيلى موللا بولسۇن، مەيلى كوممۇنىزمچى بولسۇن، مەيلى پانتۈركىست بولسۇن، نىشانى بىر ئىدى مەلۇم نۇقتىدا …

http://zh.wikisource.org/wiki/User:Arilang1234/Draft/中蘇友好同盟特別協

يەنە بىرىگە، ئۇ دەۋر ھەقىقەتەن دۇنيادا كوممۇنىزم ئىدىيىلىرى، مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرى ھەم دىنى-كونسېرۋاتىپ ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسىلا تەڭلا مەۋجۇت بولىۋاتقان، دۇنيانىڭ ھەممە بولۇڭ-پۇچقاقلىرىدا بىر-بىرى بىلەن كۈچ سىنىشۋاتقان دەۋر ئىدى. بىزمۇ ئەلۋەتتە مۇستەسنا بولالمىدۇق. ئەخمەت ئەپەندى، يەتتەسۇدىكى ئابدۇللا روزىباقىيىۋلار ئۇيغۇر كوممۇنىستلارنىڭ ۋەكىلى بولسا، ئەلىخان تۆرە، سابىت داموللاملار دىنى كونسېرۋاتىپلار، مەسئۇد سەبىرى قاتارلىق ”ئۈچ ئەپەندى“ پانتۈركىست مىللەتچىلەر ئىدى، مەھمۇد سىجاڭ ھەتتا ياپونلاردىن ياردەم سورىدى. دېمەككى، ھەممىسى شۇ دەۋىردە ئۆز يولىنى توغرا دەپ قارايدىغانلاردىن ياكى شۇ يولنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولغانلاردىن. بىز ھازىر ئۇلارنىڭ يولىنى خاتا-توغرا دەپ باھالىيالىغان بىلەن، ئۇلار شۇ دەۋىردە ئۆز يولىنى پەقەت توغرا يول دەپلا بىلەتتى. ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى پەقەت خەلقى رازى بولىدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش. مەقسىتى بىر، لېكىن تاللىغان يولى ئوخشىمايدۇ پەقەت. بۇلارنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ھېس قىلىمىز، ئۇلارغا ئالدىراپ باھا بېرىش ھەم توغرا ئەمەس، كەلسە-كەلمەس قىياس قىلىش، ياكى خەق نېمە دىسە شۇنىڭغا ئىشىنىشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس. باھا بېرىشكە توغرا كەلسە، شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى تەپسىلى ئوقۇپ، شۇ زامان، ماكان ھەققىدە تۈزۈك بىر تەسىراتقا ئىگە بولۇپ ئاندىن بىر نەرسە دېيىش بىزنى چىنلىققا باشلىشى مۇمكىن.

مەسئۇد ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى، ۋە مەقسىتىنى تۆۋەندىكى يازمىدىن بەكرەك بىلەلەيمىز. قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. ئادرىسىنى تۆۋەندە قالدۇردۇم.

http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/yazmilar/tewsiyelik_eserler/mesut.pdf

ئەمدى باشقا قەھىرىمانلىرىمىزغا كېلەيلى. مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنى تېخى يېقىنقى يىللاردىلا بىلدۇق، بۇرۇن نىمىشقا بىلمىدۇق؟ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئەھمىيىتى، قەلبىدىكى ئوتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن تەسۋىرلىيەلمەيمىز، كۆيدۈرۈلگەن ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىنى ھەم شۇ. ھەر ھالدا قايتىدىن تونىۋالدۇق ئۆز كىشىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە غەلىتە گەپلەرنى ئاڭلىمايمىز ھەر ھالدا. لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە خىلى گەپلەرنى ئاڭلايمىز. دېمىسىمۇ بىز مەكتەپتە ئوقۇغان شۇ شېئىرلىرى كىشىگە سەل غەلىتە تەسىر بېرىدۇ. بۇ غەلىتىلىك نەدىن كەلگەن؟ لۇتپۇللا ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئىزدەنگەن رايونىمىزدىكى كىشى بەلكى تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندى بولۇشى مۇمكىن. قەھرىمانىنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەنگەن تارىخچىمىز بىزگە ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە پۈتۈنلەي يېڭىچە يىپ-ئۇچلارنى تەمىنلەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭمۇ خاتالىقىنى، شېئىرلىرىنىڭ قانداق ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىزگە مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شەخسەن شائىرنى سوۋىت كوممنىزىمىدىن تەسىر ئالمىدى دەپ ئېيتالمايمەن، لېكىن شۇ ئۆزگەرتىلگەن شېئىرلار ھەقىقەتەن شائىرغا باشقىچە رەڭ بەرگەن. شائىرنىڭ چىقارغان گېزىتلىرى، يازغان ۋە ئورۇندىغان دراممىلىرى، قۇرغان جەمئىيەتلىرى ھۆكۈمەتنى پەقەتلا ئارام تاپقۇزمىدى، ئاقىۋەت ئارقا-ئارقىدىن تۈرمىلەرگە كىرىپ چىقتى. ئۆزى باش بولۇپ قۇرغان يەر ئاستى تەشكىلاتى ئاشكارلىنىپ تۇتۇلدى، تۈرمىدە ئەڭ ۋەھشى يوللاردا ئۆلتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە قانداق قەھرىمانلىق كۈتىمىز؟ ئۇ شۇ تۈرمىدە باش ئەگدىمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، قەھىرىمانىمىزنىڭ ئابدۇرەھىم تىلەشوپ ئەپەندى بىلەن بولغان دوستلۇقى، ھەم بىر-بىرىگە ئۆتكۈر، قاينام ئۆركىشى دەپ تەخەللۇس قويۇپ بىرىشلىرىدىن بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلمامدۇق؟

تۇرسۇن ئەرشىدىن ئاكىمىز ھېلىمۇ شۇنداق ئىزدىنىپتىكەن، بولمىغاندا بۇ قەھىرمانىمىز يەنە قانداق تىللارغا قالار بولغىيدى؟ راست، يەنە شۇ كىتابنىڭ ئىزاھاتىدا ل.مۇتەللىپ باشلىق قەھىرىمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن جەسەتلەرنىڭ توغرىلىپ چوشقا ئېغىلىنىڭ ئاستىغا كۆمۈۋىتىلگەنلىكى، كىيىن كىشىلەرنىڭ شۇ ئېغىلنىڭ ئىگىسى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ تاياق-توقماق بىلەن مەجبۇرلىشى ئارقىلىق قەھرىمانلارنىڭ جەسەتلىرى سىېسىق چوشقا قوتۇنىنى 2 مىتېر كولىغاندىن كىيىن پۈتۈنلەي تونۇشسىز بولغان، پۈتۈنلەي ئارلاشتۇرۋىتىلگەن جەسەت پارچىلىرى ئارىسىدىن قىزىپ چىققانلىقنى، كىشىلەرنىڭ شۇ پارچىلارنىلا يەرلىككە قويغانلىقى قەيتقىلىنىدۇ. ئۇ رەسىملىك كىتابتا يەنە ل. مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ كىيىن قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەنلىكى بىرمۇ بىر مىسال بىلەن ئىلىنغان. قىزىققۇچىلار بولسا شۇ كىتابنى ئىزدەپ تېپىپ، بۇ قەھىرمانىمىزنى قايتىدىن بىر تونىۋىلىشىنى تىلەيمەن.  ئاللاھ كۆزىمىزنى روشەن قىلسۇن!

ئاخىرىدا، ھەققى بىر لۇتپۇللاشۇناس تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندى نەشىر قىلغان رەسىملىك كىتابتىكى بىر نەچچە رەسىمنى كۆرسىتىمەن. قاراڭ، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۈرمىدىن بىرىنچى قېتىم چىققاندىن كىيىن چۈشكەن سۈرىتىگە، بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ شۇ رەسىم 23 ياشلىق بىر ياشنىڭ رەسىمگە ئوخشامدۇ؟ بىر كىشىنىڭ چىرايى نېمە سەۋەبتىن شۇنداق تىز ئۆزگىرىدۇ؟ تۈرمىدە لەغمەن يەپمۇ؟

رەسىمنىڭ ئېنىق نۇسخىسى

ل. مۇتەللىپ

 

 

 

 

تۆۋەندىكى ئادرىستا شۇ كىتابتىكى بەزى رەسىملەر بېرىلىپتۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىمى شۇ كىتابتىكى ھەر بىر رەسىمنىڭ ئىزاھاتى!

http://makanim.cn/read.php?tid-19410-ordertype-asc-displayMode-1.html

قەھىرىمانلىرىمىز ھەققىدە قالايمىقان ئويدۇرمىلارنى ياساپ چىقىش، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزگەرتىش ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئوبرازىغا تەسىر قىلىدۇ. بىراۋ كىلىپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ يامان گېپىنى قىلسا چىدامدۇق؟ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى مىساللارمۇ كەڭ مەنىدە ئوخشاش ئىش، ئۇلارنىڭ نامىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ھەققى كەچمىشىنى بىلىش مەجبۇرىيىتىمىز. شۇنداقتا ئۇلارنى بەكرەك چۈشىنەلەيمىز، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز خەلقىنىڭ غېمىنى قىلغان بولسا، تەڭسىزلىككە قارشى كۆكرىكىنى كەرگەن بولسا، شۇنىڭ ئۆزى ئۇلارنى خاتىرلىشىمىزنىڭ يېتەرلىك سەۋەبى بولىدۇ. ئەگەر ئورنىڭىز ئىستراتىگيەلىك جاي بولسا، ئۆزىڭىزدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ خوشنىسى بولدىڭىزمۇ بولدى، سىزنى نەس باسقىنى شۇ. مىسالەن: ئافغانىستان، كورىيە، ۋئېتنام، كۇبا، مېكسىكا قاتارلىقلار. بۇ نۇقتىدىن ئويلىغاندا، ئەخمەت ئەپەندى چىقسۇن-چىقمىسۇن، تەقدىرىمىز يەنىلا ئوخشاش بولغان بولاتتى بەلكى. بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى تارىختىن ياخشى تەلىم ئىلىش، ھازىرمۇ شۇنداق ھەرخىل ئېقىملار بار بىزدە، بۇنىڭغا نىمە دەيمىز؟

ساتقىن ھەر قەۋىمدە چىقىدۇ، ھەممىگە جان تاتلىق، بىرىگە مېڭىسى يۇيۇلغان، بىرىگە جېنىنى ساقلاش ھەلقۇمىدا قالغان ھەرقانداق بىر قەۋىمگە بېرىپ سىناپ بېقىڭ، ئاسانلا ئىش ئۇ. ”ساتقىن ئۇيغۇرغا خاس“ تەك پىكىرنى تارقىتىش، شۇنىڭ بىلەن ئۆز مىللىتىنى كەمسىتىدىغان خاھىش مەرەزلىكتۇر.

oghuzkb

2012-يىل 3-ئاينىڭ 7-كۈنى

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

قەھىرىمانلىرىمىزغا ئىگە بولايلى، تارىخىمىزغا ھەم ئۈچۈن 17 ئىنكاس بار

  1. ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

    قوشۇمچە:
    ئەمەلىيەتتە شۇ زامانلاردا قانداقلا كىشى چىقسۇن، ھامان خەقنىڭ ئويۇنچۇقى بولاتتى، يارىسا قوللايتتى، يارىمىسا ھەر يوللار بىلەن ئۇجۇقتۇراتتى. بۇنى خوشنىمىز ئافغانىستاننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاتساق بولىدۇ. مانا شۇ بىر مۇسۇلمان، كىشىلىرى ۋەتىنى ئۈچۈن ھىچ نەرسىسىنى ئايىمايدىغان دۆلەتتە قانچىلىك قانلار تۆكۈلدى؟ ئاۋۋال روسىيە ئارلاشتى، مۇسۇلمان بىر دۆلەتنى كوممۇنىزىم قىلىشقا تىرىشتى، ئەھۋال چاتاق بولغاندا قوراللىق باستۇرۇپ كىردى، ئاخىرى شەرمەندىلەرچە چىكىندى. ئەمدى بولسا ئامىركا… ئافغانىستاندەك ئېسىل مىسال بىزگە تىپىلمايدۇ. ئەجىبا شۇ قان تۆكۈلۈشلەر ئافغانلارنىڭ سەۋەنلىكىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئىككى كۈچلۈكنىڭ پۇت تىپىشىدىغان ئورنى بولدى خالاس. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئافغانىستاننى ئاچچىق يارىلار بىلەن توشتۇردى، قانچىلىك ۋاقىتتا ئەسلىگە كىلىدۇ ھىچكىم بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ. كورىيەمۇ ئوخشاش مىسال. دىمەكچى، شۇ قەھىرمانلىرىمىز ئانداق، يا مانداق قىلغان بولسا ئىشلار باشقىچە بولاتتى دىيىش تازا توغرا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا بىز ھامان ئويۇنچۇق ئورنىدا، ستالىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنچىلىك ئەتراپلىق، بىزنىڭكىلەر ھەم تەجىربىسىز، ھەم قاتمۇقات مۈشكۈلاتتا. روس ھەربى ئوفتسېرلارنى ھەممىنىلا كونترول قىلۋالغان، شۇنداقتىمۇ بىزنىڭكىلەر خىلى تىرىشىپ باققان، ھەم پەيدىن-پەي بەزى ھوقۇقلارنى ئالالىغان.

    ئەخمەت ئەپەندىنى كوممۇنىمىزچى دىگەندىمۇ قانچىلىك دەرجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىلىدىغىنىمىز شۇ ئۇنى خەلق سۆيگەن، بۇنداق دىيىشىمىز شۇ تارىخى رومانلار مەزمۇنىدىن. شۇ يازغۇچىلىرمىز ئۆزى بىلىپلا يازغىنى يوق، مەيلى ئا.ئۆتكۈر بولسۇن، مەيلى ز. سابىر بولسۇن، خەلق ئىچىدىكى نۇرغۇن شاھىدلارنى زىيارەت قىلىپ، تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئىزدىنىپ يازغان، شۇڭلاشقىمۇ مەزمۇنىنى تارىخى تەرجىمھاللار بىلەن سىلىشتۇرسىڭىز مانا مەن دەپ چىقىدۇ. ل. مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرى ئۆزگەرتىلىپ يوق مەزمۇنلار قىتىلدى. ئەمەلىيەتتە مۇتەللىپ ئەڭ باشتىكى ساۋادىنى دىنى مەكتەپتە چىقارغان، ئۆزگەرتىلگەن شېرىغا قاراپلا ئۇنى ئاق-كۆك دىيىشىمىز ھەم توغرا بولماس، خۇدايىم بىرىدۇ باھاسىنى.

    نىمىلا دەيلى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنى قارلاش، شۇ تۆت تال قەھىرمانىمىزغىمۇ ئىگە بولالمايدىغان ئىش خەتەرلىك نەرسە. مەنچە ئۇلارنىڭ ئاللىقانداقتۇر يامان نىيەتلىرى يوق، پەقەت ئۆزى يولىنى بىردىنبىر توغرا يول دەپ قارىغان يىرى بار. خۇددى بىزمۇ ھازىر ئۆزىمىز تۇتقان ھايات يولىنى توغرا دىگەندەك.

    قىسقىسى، ئىسلام ئىتقادىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنى بەك مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ، بۇ دىگەنلىك قېرىنداشلىق ھەم مۇھىم دىگەنلېكتۇر شۇ؟ مىللەت دىگەن شۇ قېرىنداشلىق ئۇقۇمىدا بارلىققا كىلىدۇغۇ. شۇڭا ئەگەر ماڭا بىر ئەرەب مۇسۇلمان بىلەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان تەڭلا سۇغا چۆكۈپ كەتسە، ئىككىلەنمەيلا ئۇيغۇرنى قۇتقۇزىمەن بىرىنچى بولۇپ (خوتۇننى سۇ ئۈزۈشنى بىلىسەنغۇ دەپ قوياپ ئاپامنى قۇتقۇزىمەن دىگەندەك). چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان، ماڭا قانداشلىق جەھەتتىن يىقىن. شۇڭا نەزرىمدە مىللەت ئۇقۇمى دىندىن تاشقىرى ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى دىن ئىچىدىكى ئۇقۇم.

    ئۇ دەۋىر بىزدىكى جاھالىيەت دەۋرى دىيىشكە بولىدۇ. ھازىرچۇ؟ ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزدە ھەر ئېقىملار بار، بىر-بىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەشتىن نۇمۇس قىلىدىغانلار بار، زىيالىلار ئارىسىدىمۇ ۋەھشەت پەرىقلەر بار. شۇنچە كىتابلار يىزىلدى، كۆپ نەرسىلەر ئىنىق بولدى، تارىخ شۇنداق ياخشى دەرىس بولدى. يەنە تالىشىپ يۈرگەن، ئەمدى بۇلارنى 100 يىل ئالدىدىكى دەرۋىرگە سىلىشتۇرۇپ باقايلى، نىمىنى ھىس قىلىمىز؟ شۇڭا يەنىلا ئۆزىمىزگە باھا بەرگىنىمىز توغرا خەقنى ئاساسسىز جاسۇس دىيىشنىڭ ئورنىغا.

    سوپاخۇن گېنىرال بەك توغرا دىگەن، ”تارىخنى ياخشى ئۈگىنىش كېرەك“، ئۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دەرىس، ئوخشاش تراگېدىيەلەرنىڭ قايتلانماسلىقى ئۈچۈن توغرا يولنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش، ئەڭ ئەجەللىك دۈشمەننىڭ نىمىلىكىنى ئايرىۋالغىنىمىز ھەممىدىن مۇھىم بەلكى. دىمەكچى، قازان بىر بولۇپ قاينىغاندا، قالدى ئىشلارنى با مەسلىھەت بىلەن ئوڭشىۋالغىلى بولىدۇ. تۈركىيەمۇ ياخشى مىسال ئەنە. ئەگەر مۇستاپا كامال تۈركىيەنى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزمىغان ئەھۋالدا، ھازىرقى تۈركىيە مەۋجۇت بولارمىدى؟ كۆك مەسجىد يەنە شۇنداق قەد كۆتۈرۈپ، ئاق پارتىيە تەخىتكە چىقالامتى؟

  2. ئەرزات مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئاكا !
    ئالدى بىلەن مەن ئۆزۈم سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . گەرچە بىلوگىڭىز بىلەن تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ ، ۋاقىت چىقىرىپ بۇندىن بۇرۇن يازغان يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن . بىلمىدىم سىزنىڭ (新浪微博) سىنا مىكرو بىلوگىدا سەخسى ئادىرسىڭىز بارمىدۇ ، بولغان بولسا قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن ، ئەگەر بولمىسا يېڭىدىن بىرنى ئېچىپ قويغان بولسىڭىز بۇ بىلوگىڭىز بىلەن قېرىنداشلىرىمڭز ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولسا . چۈنكى بۇبىلوگىڭىزنى كۆپ قېرىنداشلىرىمڭز بىلمەسمىكىن دەيمەن ، نىمىلا دىگەن بىلەن دۆلەت ئىچىدە ئۇنى ئوينايدىغانلار كۆپ ئەمەسمۇ . ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ توختىماي يېزىپ تۇرىۋاتقان قوللىرىڭىزغا تېخىمۇ بەرىكەت بېرىشىنى تىلەيمەن .

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم،

      رەھمەت قوللىغىنىڭىز ئۈچۈن. ۋېيبودىكى ئىسمىم: oghuzkb
      سالاملار بىلەن

  3. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    رەھمەت ئاچىنۇق، كاللامدا گۇمان ھالىتىدە ساقلىنىپ قالغان بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابى ئايدىڭلاشقاندەك بولدى.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام،

      جاۋابنى ئامال بار ئەتىگىچە يوللىۋىتىمەن، ياقتۇرغىڭىزدىن ھەم خوش بولدۇم.
      سالاملار بىلەن

  4. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    سىزگە ئېلخەت ئەۋەتتىم، كۆرۈپ بەرگەن بولسىڭىز !

  5. ئەرمەن مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن توغرا دەپسىز؟

  6. ئۆركەش مۇنداق يازغان:

    بىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ يورۇق يۈزىنى ئەۋلاتلىرىمىزغا كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانسىرى بەزىلەر ئۇنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنى قۇللارچە پەس كۆرىدىغان چۈشكۈنلۈكنى پەرۋىش قىلىدۇ.

  7. gadankax مۇنداق يازغان:

    موشۇ ئاي، موشۇ كۇنلەردە يۇرۇش تۇرۇشىمىز، ئوي پېكرىمىز، ئېمان ئىتىقادىمىز، غۇرۇر ئەركەكلىكىمىز بەزىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولمىسا، كىممۇ ۋاقتى ۋە ئورنى نامەلۇم بولغان ‹‹ئۆزگەرتىش مەكتەپلىرى››غا بېرىپ ئۆزىمىز خالىمىغان ‹‹ئۆزلۈكسىز تەربىيە››گە قاتناشمايمەن دېيەلىسۇن.

  8. تاران مۇنداق يازغان:

    بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۈندىم.
    بۇ تېما ھەر دائىم مېنىڭ قەلبىمنى ئازابلاپ كېلىۋاتقان تېمىلاردىن بىرى ئىدى.
    ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش يىغىنلىرىدا،بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلەردە ئىلى ئىنقىلابچىلىرى،جۈملىدىن ئەخمەتجان قاسىمىدەك رەھبەرلىرىمىزگە ئورۇن بېرىلمەي،ھەتتا ئىسمىمۇ ئاتاپ ئۆتۈلمەي كېتىۋاتىدۇ.بۇنى ئويلىسام ئىچىم بەك ئاچچىق بولىدۇ.
    ئالدى بىلەن مېنىڭچە ئەخمەت ئەپەندى كومۇنىست ئەمەس.ئۇنىڭ موسكۋادىكى « شەرق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلىرى ئۇنىۋېرىستىتى» دا ئوقۇغانلىقى،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،تاتارىستان پايتەختى قازاندىكى « قازان دۆلەت ئۇنىۋېرىستىتى» دا پىراكتىكا قىلغانلىقى يېزىلىدۇ.ئەمما ئۇنىڭ سوۋېتتا تەربىيە كۆرگەنلىكى ياكى رۇسلارنىڭ ئۇنى ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن قوللانماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا كۆپ ئوقۇش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۇنىڭ كومۇنىست ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. باشقا تۈركىي خەلقلەردىن،جۈملىدىن تاتارلاردىن چىققان مىرسەئىد سۇلتانغەلىيېۋ دەك رەھبەرلەر ھازىرغىچە مىللىي قەھرىمان سۈپىتىدە يادلىنىپ كەلمەكتە.چۈنكى سۇلتانغەلىيېۋنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى «مۇسۇلمان كومۇنىستلار(سوتسىيالىستلار)» دېگەن ئىدىيە ئىدى.ئۇ ھەم ئەخمەت ئەپەندىلەر ھەرگىزمۇ «كومۇنىزىم» ياكى «سوتسىيالىزىم» دەپ مىللىي مەنپەئەتنى قۇربان قىلمىغان.شۇڭا سۇلتانغەلىيېۋ «خائىن» ئاتىلىپ ئېتىلغان.ئۇنىڭ ئىدىيەلىرىنى مىسىردىكى فەرۇق سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرغان جامال ئابدۇل ناسىرنىڭ ئۈلگە قىلغانلىقى،ھەتتا ئىشخانىلىرىغا سۇلتانغەلىيېۋنىڭ سۈرەتلىرىنى ئاسقانلىقى مەلۇم.ئەلۋەتتە، بېرلىن تېمى ئۆرۈلۈپ 25 يىلدىن كېيىن،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى ۋەقە ھەم شەخسلەرگە ھازىرقى ئۆلچەملەر بىلەن باھا بەرسەك توغرا بولمىسا كېرەك.
    شۇ دەۋرلەردە،ئەخمەت ئەپەندىنى سوۋېتدىن كەلگەن،يەرلىك ئەمەس دېگەنلەرگە ئەخمەت ئەپەندى «ئە.ئىلىلىق » دېگەن تەخەللۇسى ئارقىلىقلا جاۋابىنى بېرىپ بولغان ئىدى.ئەخمەت ئەپەندى شۇ مەزگىلدە تېخى كومۇنىستلاردا بولمىغان « خەلقچىللىق » دېگەن ئۇقۇمنى يېتەكچى قىلغان ئىدى.«خەلقچىللىق» دەل ھازىر بىز «دىموكراتىيە» دەپ ئىشلىتىۋاتقان ئۇقۇمنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىدى.
    مېنىڭچە ئەخمەت ئەپەندى،مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاقىلانە ئوتتۇرا يول تۇتقان رەھبەر.ئۇ دىنىي ھەم پەننىي تەربىيە كۆرگەن،قەلەمدىمۇ ئەلەمدىمۇ بارئىدى.ئۇ باشقا بىر قىسىم كىشىلەردەك ئىنقىلابقا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئەمەس.بەلكى باشتا پارتىزان،كېيىن ھۆكۈمەت ئاشخانىسىدا ئاشپەز،گېزىتخانىدا تەھرىر،مۇخبىر،ھەربىي بۆلۈمدە كاتىپ بولۇپ،ئاخىرى كۆزگە كۈرۈنگەندە ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا تولۇقلاپ قۇبۇل قىلىنغان.شۇ دەۋرگە نىسبەتەن رۇسچە،خىتايچە ۋە باشقا تۈركىي تىللارنى بىلىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.ھەتتا 1947-يىلىدىن باشلاپ ئەخمەت ئەپەندىنىڭ ئىنگىلىزچە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەم بولغانلىقى يېزىلىدۇ.بۇنداق ئىجتىھات،بۇنداق تالانت شۇ دەۋردىكى باشقا ھېچقانداق رەھبەردە ئۇچرىمايدۇ.ئۇ 35 يېشىدا بۇ ئالەمدىن كەتتى.ئەخمەت ئەپەندىگە ئۆز مەپكۇرىلىرىنى يېزىپ قالدۇرىدىغان،پارتىيە قۇرۇپ سايلامغا قاتنىشىدىغان پۇرسەتلەر تېخى كەلمىگەن ئىدى.خۇددى ئېلىخان تۆرە « گۆھەر قولۇمىزدا تۇرسا گۆھەر ئىزدەپ يۈرۈپتۇق» دەپ باھا بەرگەندەك،ئەخمەت ئەپەندى ھېلىمۇ دۇنيا تارىخىدىكى ئۇلۇغ بىر رەھبەر بولۇپ ياد ئېتىلسە بولىدۇ.
    باشقىلار ئەخمەت ئەپەندىنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ ئۆز مەقسەتلىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە،بىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىگە چىقىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.
    قىسقىسى،ئەخمەت ئەپەندىنىڭ ئىجتىھاتى،مول بىلىمى،سۇنماس ئىرادىسى،ئاددىي ساددىلىقى ھەم كەمتەرلىكى بارلىق ياشلىرىمىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن،رەھبىرىمىز!

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ھەر خىل سۈيقەست نەزەريېلىرى ئاۋۇپ كەتكەن بىر جەمىئەتتە ھەقنى بىلدۈرۈشمۇ تەس بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھىچ قانداق سىر يوق. كىشىلەرنىڭ ئاساسسىز قىياسلىرىلا خالاس. شۇڭا كىشىلەرنى ئامال بار تەبئى پەنچە پىكىر قىلىشنى ئۆگەنسىكەن دەيمەن، پاكىتلىق گەپ قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرسا بۇنداق سۈيقەست نەزەريىلىرىگىمۇ كۆپ كىشىلەر ئىشىنىپ يۈرمەس بولاتتى.

      • شەبنەم مۇنداق يازغان:

        زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندى يېقىندا بەرگەن لىكسىيەسىدە،ئانالىتىك تەپەككۇر قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.بۇ دەل سىز ئېيتقان تەبئى پەنچە پىكىر قىلىش،پاكىت،ئاساسلار ئارقىلىق سۆزلەش ئىكەن

  9. ئاتامان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    تورداشلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى كۆرۈپ، سىلەرگە بىر كىتابنى تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى، كىتاب ئىسمى animal farm, ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھايۋانلار قورۇقى، ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان، بۇ كىتابنى ئوقۇساڭلار سىلەردىكى نۇرغۇن سۇئالغا جاۋاب بولالىشى مۇمكىن، سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif