بىر ھەقىقى ھىكايىدىن مۇھەببەتكە تەبىر

latinchisi astida, kona yiziq xet nusxisi üchün UKIJ Tuz ishlitildi

كىچىكىمىزدە مەھەللىمىزدە توكمۇ يوق، توك كەلگەن تەقدىردە ھەم تېلىۋىزىيە يوق ئىدى، ناھيە بەك تاغلىق بولغاچقا سىرىتتىن كەلگەن سىگنال ئۆتەلمەيمىش. شۇ چاغلاردا مەھەللىمىزگە ئارىلاپ-ئارىلاپ كىنو ئەكىلىپ قوياتتى. چاس دەپ قوياتتۇق، شۇنداق ئۇزۇن، دۈگلەك قىپىغا ئورۇلغان كىنو لىنتىسى رىتىملىق ئاۋازدا پىرقىراتتى، ئۇدۇلدا ئۇزۇن ئاق بىرزىنت رەختنى دەرەخلەرگە ئىسىپ قويۇشاتتى، شۇنىڭ ئالدىدا پۈتۈن مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەر ئولتۇرۇشۇپ كۆرىشەتتۇق، ئاجايىپ چاغلار ئىدىئەڭ بۇرۇنقى بىرى تۇتۇق ئىسىمدە، ھىندىستاننىڭ كىنوسى بولىدىغان، رەڭسىز، كۆرۈنۈشلىرى غۇۋا. ئاپامنىڭ دىيىشچە شۇ كۈنى بىر ۋەقە بولغانىكەن. كىنو تۈگەپ كىشىلەر ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ. نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۋاتقان كىشىلەر بەلياغاچ ئۈستىدە ئىزىز بوۋاينىڭ جىممىدە ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇخلاپ قالغان چىغى دىيىشكەچ،—ئىزىزكا، قوپۇڭ، كىنو تۈگىدى — دىسە ھىچ ئۈندىمىگىدەك. تىنىقنى تەكشۈرسە ئاللىقاچان توختىغان. بوۋاي بىشىنى تۆۋەن سالغان ھالەتتىلا، يىقىلىپمۇ قالماستىن ئولتۇرغان ھالەتتە جان ئۈزۈپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئوڭ قولى چاپىنىنىڭ سول تەرىپىنى سىقىمدىغىنچە تۇرغان. قوللىرى شۇنچە كىرىشىپ كەتكەنكى، كىشىلەر خىلى تەستە ئاجرىتىپ ئاپتۇ، قولىغا سىقىمدىغان نەرسىسى بىر پارچە رەسىم ئىكەن، رەسىم بۇلاپكا بىلەن چاپاننىڭ ئىچ ئەستىرىگە بىكىتىلىپ قويۇلغان ئىكەن. شۇ چاغدىلا كىشىلەر رەھمەتلىكنىڭ بىر يەرلەردە ئولتۇرغاندا ئارىلاپ-ئارىلاپ چاپىنىنىڭ ئىچىگە قاراپ قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ. ئىزىز بوۋاينىڭ ئايالى ئىككى يىل بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن بولوپ، شۇنىڭدىن بىرى بوۋاي بالىلىرى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئىكەن. كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى، بۇ بوۋاينىڭ سالامەتلىكى شۇ كۈنلەردىمۇ شۇنداق ياخشى، تېمەن بولوپ ھەر ھەر ئىغىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرەتتىكەن…

ئويلاپ قالدىم، ئىزىز بوۋاي ياش ۋاقىتلىرىدا ئىنىقىلا ئاتا-ئانىسى كىم بىلەن توي قىلىسەن دىسە شۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغان زامانلار… لىكىن 20~30 يىللىق تۇرمۇش بۇلارنى نەقەدەر يىقىنلاشتۇرغان دىسىڭىزچۇ. ئىزىز بوۋاينىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئاشۇ دەقىقىلىرىدىكى ھاياجىنىنى، سىغىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققۇم كىلىدۇ. كىنودىكى كۆرىنىشلەر تەبى ئۆز قەدىردانىنىڭ ئوماق سىياقىنى، كىچىك بالىلاردەك قىلىقلىرىنى، ئىشلاردىن ھىرىپ كەلگەندە ئالدىغا ئىللىق چىرايى بىلەن ئەكەلگەن ئىسسىق تاماقلىرى، پەقەت مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان ”يوقسۇزچىلىقتا سىزنى جاپا تارتقۇزۇپ قويدۇق“ دىگەن كۆز نۇرلىرى؛ ھاياتنىڭ بىسىملىرىنى بىردەمدىلا ئۇنتۇلدۇردىغان يۇمشاق قۇچىقى؛ يەنە شۇ ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى تېتىقۇچى يىقىشلىق چاچ-پۇراقلىرى؛ يۈرىكىنىڭ شەكلىنى ئويۇپ قويغۇچى شىرىن لەۋلىرى… شۇ تاپتا بوۋاينىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز ھايات لېنتېلىر شۇنچىلىك ئىنىق بىر رەۋىشتە، ھەر بىر تاتلىق مىنۇتلار بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ ئۆتمەكتە…

بىلدى، پەقەت شۇ چاغدىلا ھەممىدىن ئىنىق ھىس قىلدى، ھايات پەقەت شۇ قەدىردانىنىڭ مۇھاببىتى بىلەنلا گۈزەل ئىدى، شۇ ھاياتنى سىغىندى، سىغىنغاندىمۇ شۇنچىلىك سىغىندىكى يۈركى خۇددى ھازىرلا يىرىلىپ كىتىدىغاندەك، تۇمۇرىدا ئىقىۋاتقان قانلار يۈرەك يىرىقلىرىدىن تېشىپ چىقىۋاتقاندەك، يۈركىدىكى لەختە قان ياشلىرى بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەندەك. تومۇرلىرى كۆپتى، ۋۇجۇدى يىنىك سوغۇق شامالدا تېتەرەيتتى، كىرپىكلىرى نەملەشتى، ياشلىرىنى ئاققۇزماسلىققا تىرىشتى-يۇ يۇشۇرۇلالمىدى. تېترەكلەر ئەۋجىگە چىقتى. پۈتكۈل روھىنى ئۆزىدە ھىچ بىر بولمىغان ھاياجان چىرمىۋالدى، سىغىنىشنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلىكىنى شۇ تاپتا ھەممىدىن ئىنىق بىلدى، مۇھەببەت بەلكى شۇدۇر دىدى، 21 گرام روھ بىر سىلكىنىپ شامال بىلەن غايىپ بولدى، قەدىردانىنىڭ سۈرىتى قارچۇقىدا ياشلىرى بىلەن بىرگە قىتىپ قالدى!!!…

ئاپامنىڭ ھىكايىسى تۈگىدى، مەنمۇ چوڭ بولدۇم، تالاي يىللار ئۆتتى، مۇھەببەت مىنى ھەم كۆپ ئويلاندۇرىدىغان تېمىغا ئايلاندى.

تىخى يىقىنقى يىللاردىلا ئىككى چوڭ دادام(داما، ئاپامنىڭ ئاكىلىرى) كىتىپ قالدى، ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىلىرىم بولغاچقا نامازلىرىغا بارالمىدىم. بىر يىلىدىن كىيىن دەم ئىلىشىتا ئۆيىنى يوقلاپ باردىم، ئىككىلا چوڭ ئاپام بىردىنلا شۇنداق مۈكچەيگەن، كىسەل چىرمىۋالغانلىقىنى، چىراينىڭ سۇلغۇنلىغىنى، ھەتتا كۈلىمسىرىگەندىمۇ كۆزلىرىدىن بىرخىل يىرىملىكنى ھىس قىلىپ قالدىم، بۇرۇن شۇنداق قاينام تاشقىن ئۆيلەر بىردىنلا جىمىپ قالغان ئىدى. يەنە بىر يىل ئۆتكەندە قايتسام شۇ چوڭ ئاپامدىن بىرى كىتىپ قاپتۇ…ئويلىدىم، مۇھەببەتنىڭ چىكى بولماس بەلكىم، بىز بىشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن مۇھەببەت بەلكى پەقەت ئۇنىڭ بىر خىل تۆرەلمە شەكلىدۇر. لىكىن تەبئىلا ھەممىمىز شۇنداق مۇھەببەتكە ئىنتىلىمىز. توي دىسە مۇھەببەتنىڭ قەۋرىسى دەپ ئىنىقلىمىلار بىرىشىمىز. بىراق ئىزىز بوۋاينىڭ ھىكايىسى بىزگە بەلكى ئۇنداق ئەمەستۇر دەيدۇ. ئۇ بەلكى ”كۆيگەن يامان ئەمەس، كۆنگەن يامان“ دىگەندەك مۇھەببەت بەلكى كۆنۈشتۇر، ئىككى ئىنساننىڭ بىر-بىرىگە روھى جەھەتتىن تاينىشىدۇر. لىكىن ھەممە ئادەم ھەم ئوخشاش مۇھەببەتكە ئىرىشەلمەيدۇ، ھەر خىل سەۋەبلىرى باردۇر بەلكى. شۇنداقتىمۇ بىر سەۋەب چوقۇم بار، يەنى: مۇھەببەت ئۆز نۆۋىتىدە بىر پۇراقلىق ئەتېرگۈل، شۇنچە سەزگۈر ھەم ئاجىزدۇركى، ئىككىلا ئادەمنىڭ تەڭ پەرۋىش قىلىشىغا، كۈتۈشىگە، شۇنداق بىر ئىنچىكە تەڭپۇڭلۇقتا ساقلىشىغا مۇھتاجدۇر، پەقەت شۇنداق قىلالىغان جۈپلەرلا بەلكى مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى مەقامىغا يىتىشكە نىسىپ بولار…

oghuzkb

Ulm

 

kichikimizde mehellimizde tokmu yoq, tok kelgen teqdirde hem tiliwiziye yoq idi,nahye bek taghliq bolghachqa sirittin kelgen signal ötelmeymish. shu chaghlarda mehellimizge arilap-arilap kino ekilip qoyatti. chas dep qoyattuq, shundaq uzun, düglek qipigha orulghan kino lintisi ritimliq awazda pirqiratti, udulda uzun aq birzint rextni derexlerge isip qoyushatti, shuning aldida pütün mehellidiki chong-kichikler olturushup körishettuq, ajayip chaghlar idi…

eng burunqi biri tutuq isimde, hindistanning kinosi bolidighan, rengsiz, körünüshliri ghuwa. apamning diyishche shu küni bir weqe bolghaniken. kino tügep kishiler öylirige qaytishiptu. nersilirini yighishturwatqan kishiler belyaghach üstide iziz bowayning jimmide olturghinini körüp uxlap qalghan chighi diyishkech,—izizka, qopung, kino tügidi — dise hich ündimigidek. tiniqni tekshürse alliqachan toxtighan. boway bishini töwen salghan halettila, yiqilipmu qalmastin olturghan halette jan üzüptu. qarighudek bolsa, ong qoli chapinining sol teripini siqimdighinche turghan. qolliri shunche kiriship ketkenki, kishiler xili teste ajritip aptu, qoligha siqimdighan nersisi bir parche resim iken, resim bulapka bilen chapanning ich estirige bikitilip qoyulghan iken. shu chaghdila kishiler rehmetlikning bir yerlerde olturghanda arilap-arilap chapinining ichige qarap qoyidighanliqini chüshiniptu. iziz bowayning ayali ikki yil burun tügep ketken bolop, shuningdin biri boway baliliri bilen bille yashawatqan iken. kishilerni heyran qaldurghini, bu bowayning salametlik shundaq yaxshi, témen bolop her her ighir ishlarni qilip yürettiken…

oylap qaldim, iziz boway yash waqitlirida iniqila ata-anisi kim bilen toy qilisen dise shuning bilen toy qilidighan zamanlar… likin 20~30 yilliq turmush bularni neqeder yiqinlashturghan disingizchu. iziz bowayning jan üzüsh aldidiki ashu deqiqiliridiki hayajinini, sighinishini tesewwur qilip baqqum kilidu. kinodiki körinishler tebi öz qedirdanining omaq siyaqini, kichik balilardek qiliqlirini, ishlardin hirip kelgende aldigha illiq chirayi bilen ekelgen issiq tamaqliri, peqet mana men dep chiqip turghan ‘yoqsuzchiliqta sizni japa tartquzup qoyduq’ digen köz nurliri; hayatning bisimlirini birdemdila untuldurdighan yumshaq quchiqi; yene shu hayatning neqeder güzellikini tétiquchi yiqishliq chach-puraqliri; yürikining sheklini oyup qoyghuchi shirin lewliri… shu tapta bowayning köz aldida öz hayat lintilir shunchilik iniq bir rewishte, her bir tatliq minutlar bir-birige uliship…

bildi, peqet shu chaghdila hemmidin iniq his qildi, hayat peqet shu qedirdanining muhabbiti bilenla güzel idi, shu hayatni sighindi, sighinghandimu shunchilik sighindiki yürki xuddi hazirla yirilip kitidighandek, tumurida iqiwatqan qanlar yürek yiriqliridin tiship chiqiwatqandek, yürkidiki lexte qan yashliri bilen yughurlup ketkendek. tomurliri köpti, wujudi kechküzning yinik soghuq shamilida tétreytti. kirpikliri nemleshti, yashlirini aqquzmasliqqa tirishtiyu yushuralmidi. tétrekler ewjige chiqti, pütkül rohini özide hich bir bolmighan hayajan chirmiwaldi, sighinishning qanchilik küchlüklikini shu tapta hemmidin iniq bildi, muhebbet belki shudur didi, 21 giram roh bir silkinip shamal bilen birge ghayip boldi, qedirdanining süriti qarchuqida yashliri bilen birge qitip qaldi!!!…

apamning hikayisi tügidi, xuddi bir ashiq hikayisi namliq naxshidiki körinishlerdek. menmu chong boldum, talay yillar ötti, muhebbet hem mini köp oylanduridighan témilarning birige aylandi.

tixi yiqinqi yillardila ikki chong dadam(dama, apamning akiliri) kitip qaldi, oquwatqan waqitilirim bolghachqa namazlirigha baralmidim. bir yilidin kiyin dem ilishita yoqlap bardim, ikkila chong apam birdinla shundaq mükcheygen, kisel chirmiwalghanliqini, chirayning sulghunlighini, hetta külimsirigendimu küzliridin birxil yirimlikni his qilip qaldim, burun shundaq qaynam tashqin öyler birdinla jimip qalghan idi. yene bir yil ötkende qaytsam shu chong apamdin biri kitip qaptu…oylidim, muhebbetning chiki bolmas belkim, biz bishimizdin ötküzgen muhebbet belki peqet uning bir xil törelme shekilidur. likin teb’ila hemmimiz shundaq muhebbetke intilimiz. toy dise muhebbetning qewrisi dep iniqlimilar birishimiz. biraq iziz bowayning hikayisi bizge belki undaq emestur deydu. u belki ”köygen yaman emes, köngen yaman“ digendek muhebbet belki könüshtur, ikki insanning bir-birige rohi jehettin taynishidur. likin hemme adem hem oxshash uhebbetke irishelmeydu, xer xil sewebliri bardur belki. shundaqtimu bir seweb choqum bar, yeni: muhebbet öz nöwitide bir puraqliq etérgül, shunche sezgür hem ajizdurki, ikkila ademnig teng perwish qilishigha, kütüshige, shundaq bir inchike tengpungluqta saqlishigha muhtazjdur, peqet shundaq qilalighan jüplerla belki muhebbetning eng yuquri meqamigha yitishke nisip bolar…

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

بىر ھەقىقى ھىكايىدىن مۇھەببەتكە تەبىر ئۈچۈن 3 ئىنكاس بار

  1. gulnar مۇنداق يازغان:

    21گرام روھ ؟

  2. gulnar مۇنداق يازغان:

    21گرام روھ ؟ مېنىڭ تۇنجى ئاڭلىشىمكەن ،قىسقىچىلا چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئالاھەزەل يۈز يىل ئالدىدا بىر ئامىرىكىلىق ئالىم روھنىڭ ئىغىرلىقى بارمۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب تىپىش ئۈچۈن ئالتە كىشىنىڭ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى ئىغىرلىقىنى ئۆلچىگەن. پەقەت بىر بىمارنىڭ ئىغىرلىقىدا تەخمىنەن 21 گرام كىمەيگەن. بۇ بەكلا ئايرىم ھادىسە بولغاچقا پەننى نۇقتىدا قايىل قىلارلىق ئەمەس، لېكىن بۇ گەپ تىزلا مودا بولۇپ كەتكەن. شۇڭا بۇنى شىئېرى تىللاردىلا ئىشلەتكەن ياخشى، پاكىت دەپ چۈشىنىپ يۈرمىگەيسىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif