2012-يىلدىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئون چوڭ بۆسۈش

2012-يىلى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بىر يىل بولدى، ئىلىم-پەن تەرەققىياتى تارىخى ئۈچۈن تىخىمۇ شۇنداق. تۆۋەندە مەن دۇنيادىكى ئەڭ نوپوزلۇق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان ئىلىم-پەن (Science) ژۇرنىلى باھالىغان 2012-يىلىدىكى 10 چوڭ پەننى بۆسۈشنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغىنى ھىگىس زەررىچىسىنىڭ بايقىلىشى. بىرىتانىيە ئالىمى پېتىر ھىگىس تەرىپىدىن 1964-يىلى نەزەرىيە جەھەتتىن ئوتتۇرغا قويۇلغان زەررىچىنىڭ مۇھىملىقى، ئۇنىڭ نەزەرىيە فىزىكىچىلار ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان تىرىشىۋاتقان ”ئۆلچەملىك مودىل“(بىر تال فورمۇلا بىلەن بىز بىلگەن كائىناتتىن تارتىپ ئادەمگىچە ئىپادىلەش) نى كۈچكە ئىگە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر زەررىچە بولۇپ، بۇ زەررىچىنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى جىسىملارنى ماسسىغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. ئاساسى زەررىچىلەردىن بولغان توپ كۋارك ئەڭ ئىغىر زەررىچە، ئېلېكترون بولسا يەڭگىل زەررىچە، لىكىن ئىككىسىنىڭ ماسسىسى نىمىشقا شۇنداق پەرىقلىنىدۇ؟ بۇنى ھىگىس زەررىچىسى پەيدا قىلغان ھىگىس مەيدانى چۈشەندۈرەلەيدۇ. ئەڭ ئاددى ئوخشىتىشتا بۇنى مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ: ھىگىس مەيدانىنى سۇغا ئوخشاتساق، ھىگىس زەررىچىسى شۇ سۇنى تەشكىل قىلغان، ھىدروگىن ۋە ئوكسىگىندىن تەشكىل تاپقان بىرلىك مولىكىلارغا ئوخشايدۇ. ئەگەر شۇ سۇدا ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى بىلىقلار بار دەپ پەرەز قىلساق، كىچىك بىلىقلار ئىتتىكىرەك ئۈزىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ سۇ بىلەن تەسىرلىشىدىغان يۈزى كىچىك، ئەگەر بەك چوڭ بىلىقلار بولسا ئۇلارنىڭ ھەركىتى ئاستىراق ياكى قولايسىز بولىدۇ، چۈنكى تەسىرلىشىش يۈزى چوڭ. ”خۇدا زەررىچىسى“ دەپ ئاتالغان بۇ زەررىچە ھەقىقەتەن تەستە بايقالدى. ئايلانمىسى 27 كىلومىتېر كىلىدىغان، فرانسىيە-شىۋىتسارىيە چىگرا قسىمىدا 175 مىتىر يەرنىڭ تىگىگە سىلىنغان بۇ تەجىربىخانا (چوڭ ھېدرون سوقۇشتۇرغۇچ، LHC) 5.5 مىليارد ئامىركا دوللىرى بىلەن پۈتكەن بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئىشقا ئاشقان، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەجىربە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ھىگىس زەررىچىسى بايقالغىچە كەتكەن چىقىم 13.25 مىليارد ئامرىكا دوللىرى. مۇشۇ رەقەملەردىنلا بۇ بۆسۈشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھىس قىلىش تەس ئەمەس.

2. گېرمانىيە ئالىملىرى بۇنىڭدىن 80 مىڭ يىللار ئىلگىرى سىبىريەدە ياشىغان دەنىسوۋان ئادىمىنىڭ پەقەت قول بارماق سۆڭىكىدىن تىپىلغان كىچىككىنە ئەۋرىشكىگە تايىنىپ (6 مىللىگرام) ئۇلارنىڭ تولۇق گىن كودىنى يىشىپ چىقتى. بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە بىزنى بۇرۇنقى ئىنسانلارنىڭ DNA سى ھەققىدە ئىنتايىن مول ماتېريال بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنداق نەتىجە ئەۋرىشكە يىشىنى ھىسابلاپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى يەر-شارىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا تۇققانچىلىق ئۇچۇرلىرى ۋە ھازىرقى ئىنسانلار بىلەن بولغان باغلىنىشىنى يۇقۇرى ئىنىقلىقتا بىزگە ئىيتىپ بىرەلەيدۇ. (قوشۇمچە: بۇ تەتقىقاتقا ئىشلىتىلگەن ئەۋرىشكە سىبىريەدىكى ئۆڭكۈردىن تىپىلغان بىر ئايالنىڭ بولۇپ، كۆزى، چىچى ۋە تىرىسى قوڭۇر ئىكەن، ھەم نىئاندىرتال ئادىمىنىڭ تۇققىنى دەپ قارىلىدىكەن. بەلكىم بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن بولۇشى ھەم ئىھتىمالغا يىراق ئەمەس)

3. ياپونىيە ئالىملىرى غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىدا يەنە بىر چوڭ قەدەم باستى. گۇرۇپپىنىڭ ئاساسى نەتىجىسى چاشقاننىڭ غول ھۆجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ تۇخۇم ھۈجەيرىسى ھاسىل قىلىش، ھەم ھۈجەيرىنى ئانا چاشقان تىنىدە ئۇرۇقلاندۇرۇپ چاشقان بالىسى يىتىشتۈرۈش. ئەگەر بۇ تەجىربە ئىنسانغا ئىشلىتىلسە كىيىنچە، ”تۇغماس ئايال“ دىگەن سۆز لۇغەتلەردىن چىقىرىلىپ تاشلىنىدۇ دىگەن گەپ. ئېسىمىزدە بولسۇن، ئامىركىدىكى ئالىمىمىز شۆھرەت مىتالىپوۋ ئاكىمىز دەل مۇشۇ غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارنىڭ بىرى. شۇ تاپتا غول ھۆجەيرە تەتقىقاتى مېدىتسىنادىكى ئەڭ قىززىق تەتقىقات نۇقتىسى بولۇپ قالدى، دۆلەتلەر ئارا رىقابەتمۇ ئىنتايىن كەسكىن بولىۋاتىدۇ.

4. دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ئىشلەۋاتقان ناسانىڭ JPL تەجىربىخانىسى ئەڭ يىڭى تېخنىكا بىلەن 3.3 توننىلىق، ئىنتايىن نازۇك ئەسۋاپلار بىلەن قوراللانغان ”قىزىققۇچى“ ناملىق تولۇق ئاپتوماتېك كەزگۈچىسىنى مارىس يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشۈردى. چۈشۈرۈش تېخنىكىسى بۇرۇنقى تېخنىكىلاردىن ئۆزگىچە، ھەم قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى. نۆۋەتتە، بۇ كەزگۈچى ماشىنا مارس يۈزىدە تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى، ھەم پىلان بويىچە مارس يۈزىدە ساياھىتىنى داۋام قىلۋاتىدۇ.

5. قاتتىق جىسىملارنىڭ ئاتوم ۋە كرىستال تۈزۈلۈشىنى كۆرۈش ئاقسىل مولىكۇلىلىرىنىڭكىنى كۆرگەنگە قارىغاندا كۆپ ئاسان بولىدۇ. قۇرۇلما تۈزۈلۈشىنى بىلىش بىزگە شۇ ماددىنىڭ ئالاھىدلىكلىرىنى بىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلنىش ۋە ئۆزگەرتىش مۇمكىنلىكىنى بىرىدۇ. 21-ئەسىر بىئولوگىيە ئەسىرى دەپ ئىيتىلغىنى بىكار سۆز ئەمەس، لىكىن شۇ جانلىقلارنى تۈزگۈچى ئەڭ مۇھىم بىرلىك بولغان ئاقسىللارنى قانداق ئۈگىنىمىز، قۇرۇلمىسىنى قانداق بىلىمىز دىگەن مەسىلە بۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنلىق ئىدى. ئامىركا كالىفونىرنىيەدىكى لىنكا ماسفازىلىق نۇر مەنبەسى تەجىربىخانىسىدا گېرمانىيە ۋە ئامىركىلىق ئالىملار تۇنجى قىتىم ئىكس-نۇرى لازىرى ئىشلىتىپ بىر خىل كېسەللىكتە ئاساسى رول ئوينايدىغان ئېنزىم ئاقسىلىنىڭ قۇرۇلمىسنى كۆرەلىگەن. ئىكس-نۇرى (رېنتگىن نۇرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) لازىرى ئادەتتىكى ئېلىكترون تىزلەتكۈچ تەجىربىخانىلىرىدا چىقىدىغان ئىكس-نۇرىدىن بىر مىليارد ھەسسە كۈچلۈك، بۇ دەل ئۇنىڭ بىئولوگىيەلىك يۇمشاق ماددا قۇرۇلما تۈزۈلۈشىنى كۆرۈشكە ئىمكانىيەت يارتىشتىكى سەۋەب. بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ كەلگۈسىدە قىززىق نۇقتا بولىدىغىنى ئىنىق، شۇڭلاشقىمۇ گېرمانىيە ھامبۇرگ شەھرىدە ياۋرۇپادىكى كۆپ دۆلەتلەر قاتناشقان ئىكس-نۇرى لازىر مەنبەسى ياسىلۋاتىدۇ، ھەم 2015-يىلى ئىشقا كىرىشىش مۆلچەرلەنمەكتە.

 

 

 

 

 

6. يەنە گىن ئىنژىنىرلىقىغا ئائىت يىڭى تېخنىكا. جانلىقلاردىكى گېننى قانداق كونترول قىلىش (گىن ئۆچۈرۈش، قوزغىتىش، ئۆزگەرتىش دىگەندەك) بۇ تېخنىكىنىڭ بۇرۇنقى تېخنىكىلارغا قارىغاندىكى ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئاسان، ئىنىقلىقى يۇقۇرى ھەم ئەرزان بولۇشى. بۇ تېخنىكىنىڭ كەلگۈسىدە گىن سەۋەبلىك بولىدىغان تۈرلۈك كىسەللەرنى داۋالاشتا ناھايتى مۇھىم بىر نامايەندە بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز.

7. ئاساسى زەررىچە ھەققىدىكى يەنە بىر بايقاش، جۇڭگۇدىكى دايا رىئاكتورىنىڭ يىنىدا ئىلىپ بىرىلغان بۇ تەجىربە نۇيترىنو زەررىچىلىرىنىڭ نۇر تىزلىكىگە يىقىن ھەركىتىدە قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى ھەققىدە بولۇپ، نۇيترىنو ھەركىتىنى تەسۋىرلەيدىغان 3 پارامىتېرنىڭ تىخىچە بىكىتىلمىگەن ئەڭ ئاخىرىقى بىر پارامىتېرى ئۆلچەنگەن. بۇ بايقاشنىڭ نەتىجىسى كەلگۈسدە بىزگە ئالەمدە نىمىشقا ماددا قارشى ماددىدىن كۆپ بولىدۇ دىگەن سۇئالغا جاۋاب بىرەلەيدۇ. ئەگەر ھىگىس بوزۇندىن باشقا زەررىچىلەر بايقالمىسا كەلگۈسىدە، نۇيترىنو تەتقىقاتى زەررىچە فىزىكىسىنىڭ ئاساسى يۆنىلىشى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. 250 ئالىم قاتناشقان بۇ تەجىربە ياۋرۇپا، ئامىركا ۋە ئاسىيادىكى ئوخشاش تەتىقاتنى قىلۋاتقان گۇرۇپپىلارنى ئارقىغا تاشلاپ بىرىنچى بولۇپ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، بەلكىم بۇ جۇڭگۇنىڭ ئىلىم-پەندىكى ئورنىنىڭ يۇرۇقى كۆتۈرلىۋاتقىنىنىڭ بىر بەلگىسى، ئەلۋەتتە، ھازىرقى زامان پەن-تىخنىكىسى پۇلغا بەكلا تايىنىدۇ. پۇلى بارنىڭ تېخنىكىسى بولىدۇ…

8. يەنە گىنغا ئائىت. 10 يىل ئالدىدا ئامىركىدا باشلانغان ئىنسان گىنى شىفىر يىشىش تەتقىقات تۈرى بولۇپ، ھازىرغىچە 288 مىليون ئامىركا دوللىرى سەرىپ قىلىنغان بۇ تۈرنىڭ تولۇق ئىسمى DNA ئېلىمېنىت قامۇسى (قىسقارتىلمىسى ENCODE). بۇ تۈرنىڭ بۇ يىل ئېلان قىلغان نەتىجىلىرى، ئىنسان گىنىنىڭ فۇنكىسيىسى بۇرۇنقى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ گىننىڭ بىئو-خىميەلىك ھەرىكەتلىرى. ئاقسىل شىفىرلاشقا قاتناشمايدىغان، بۇرۇن ئەخلەت DNA دەپ قارالغان بىر بۆلەك DNA ئەمەلىيەتتە مۇھىم خىزمەت ئۆتەيدىغان بولۇپ چىققان، يەنى خۇددى كومپيۇتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئىشقا كىرىشكەندە ئىچىلىپ-يىپىلىدىغان ئۈزچاتلاردەك، بۇ DNA لار شۇ گىن قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۈزچات رولىنى ئوينايدىكەن. بۇ دىگەنلىك، گىننى ماشىنا ئادەمگە ئوخشاتساق، بۇ بىر قىسىم DNA لار، دەل شۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئىقتىدارلىرىنى باشقۇرىدىغان تىزگىنەككە ئوخشايدۇ. بۇنىڭ مېدىتسىنادىكى رولى بەلكىم مەلۇم كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەم يوق قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولۇشى مۇمكىن. بۇ تەتقىقات يەنە بىزگە گىنىمىزنىڭ 80% ى بىئو-خىميەلىك ئاكتىپ ھالەتتە تۇرىدىغانلىقى، گىنلارنىڭ قانداق باشقۇرۇلىدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئاز دىگەندە 7 نىڭ كەينىگە 27 نۆلنى قويغاندىكى ساندا ئاتوملاردىن تۈزۈلگەن ئادەم بەدىنىنى ماشىنا ئادەمگە ئوخشاتساق، قانچىلىك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىمىزنى ئازىراق تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز مۇمكىن. مانا بۇ 21-ئەسىردە، دەل مۇشۇ ماشىنىنى ئەمدىلەتىن چۈشىنىش يولىدا كىتىۋاتىمىز.

 

9. بەلكى بىزگە ئارنولد شىۋاشىڭگىرنىڭ فانتازيەلىك كىنولىرىنى، ياكى ماترىكس كىنوسىنى ئەسلىتىدىغان تەتقىقات نەتىجىسى: ئادەم مىڭىسى بىلەن ئېلىكترونلۇق ماشىنىنىڭ بىرىكمىسى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان، پالەچ بىمارنىڭ مىڭە سىگنالىنى ئىشلىتىپ كومپيۇتېر ياردىمىدە پۈتۈنلەي سۈنئى مىخانىكىلىق قول ئارقىلىق ئۈچ ئۆلچەملىك مەشغۇلاتنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى. بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە نۇرغۇنلىغان پالەچ كىسەللىكلەرگە قايتىدىن ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ھەتتا ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىشى مۇمكىن.

 

10. گوللاندىيەلىك ئالىملار زەررىچە فىزىكىسىدىكى ماجورانا فېرمىيونىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ خىل زەررىچىلەر ئۆزىنىڭ تەتۈر زەررىچىسىنى پەيدا قىلالايدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزى گۇمران قىلىدۇ. ئالىملار بۇ خىل فېرمىيونلارنى كەلگۈسىدىكى كۋانىت كومپيۇتېرلىرىغا كۋىبىت ئورنىدا ئىشلەتمەكچى بولىۋاتىدۇ (كۋانىت كومپيۇتېرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش مۇمكىن، بۇ يەردە ئىيتىلغىنى يىڭى بايقالغان بىر خىل ئېھتىماللىق بولۇپ، ھازىر بار بولغان تېخنىكىلارغا قارىغاندا مۇقىملىقى ياخشىراق). ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشسا، نانوتېخنىكىسدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنقىلابتىن بىرى بارلىققا كىلىشى مۇمكىن. كۋانىت كومپيۇتېرىنىڭ نەزەرىيىدىكى ھىسابلاش ئىقتىدارى شۇ قەدەر يۇقرىكى، بۈگۈنكى كومپيۇتېرلاردا 100 يىلدىمۇ يىشىپ بولمايدىغان مەخپى كودنى نەچچە سىكۇنىت ھەتتا ئۇنىڭدىن تىز ۋاقىتتا يىشىۋىتىشى مۇمكىن. ھەم بۇنداق كومپيۇتېرنىڭ مىڭىسى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. ئۇچۇر دەۋرىنى يەنە بىر پەللىگە كۆتۈردىغىنى ئىنىق.

زامانىمىزدا پەننىڭ تەرەققىياتى فىزىكىدىكى تىزلىنىش ئۇقۇمىدەك بىر سۈپەتتە كىتىۋاتىدۇ، ھەم بۇ تىزلىنىش بارغانچە ئىشىۋاتىدۇ. ھايات بولساق تىخى يەنە نۇرغۇن بايقاشلارغا ۋە يىڭلىقلارغا شاھىت بولۇشىمىز مۇمكىن. بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى، بەلكى بىزنىڭمۇ بىر مىللەت سۈپىتىدە مۇشۇ خىل تەرەققىياتقا قاتنىشىشىمىز بولىدۇ. ھەر ھالدا تەبئى پەنچىلىرىمىزمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ، قوشۇنىمىزمۇ زورىيىۋاتىدۇ، ھىچ بولمىغاندا ماڭا ئوخشاش 20 يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپتىن قايتىپ مەھەللىدىكى سازلىقتا قوي باقىدىغان بىر ئۇيغۇرمۇ بۈگۈنكى كۈندە شۇ خىلدىكى تەجىربىخانىلارنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ئىمكانيىتىدە. تىرىشىپلا تۇرساق ھەقىقى بىر قىزىقىش بىلەن، بۇنداق بايقاشلار بىزگىمۇ بەك يىراق ئەمەس.

ئاخىرىدا، تىخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە پەنلىرىگە تىخىمۇ قىزىقىپ، يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تەجىربىخانىلاردا ئىشلەيدىغان پۇرسەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇچقاندەك كىتىۋاتقان تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىنى، تەپەككۇرىنىڭ گۈزەللىكىنى بىزگە نامايەن قىلىشلىرىنى بىر ئاللاھتىن تېلەيمەن.

پايدىلىنىلغان مەنبە:

http://www.sciencemag.org/site/special/btoy2012/

قوشۇمچە:

تېمىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشكە قىسقىچىلا چۈشەندۈرۈش بەردىم. ئەگەر مەلۇم تۈرگە قىزىققۇچىلار بولسا، ھەم چوڭقۇراراق بىلگۈڭلار بولسا سۇئاللىرىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ. ئىنكاس شەكلىدە جاۋاب بىرىشكە تىرىشىمەن، كېيىن ۋاقىت يار بەرگەندە ئايرىم تېما يىزىشقا تىرىشىمەن.

يىقىندا ئىش ئىزدەش جەريانىدا ھىس قىلغان بىر نەرسە شۇ بولدىكى، ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە تەتقىقات يۇرتلىرىغا ھەم كەسپى پەن (فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە باشقا ئىنژىنېرلىق) ئاساسى بولغان، ھەم كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزۈشكە ئىنتايىن ياخشى بولغان ئادەملەرگە بولغان ئىھتىياج ھەممىدىن چوڭ ئىكەن. مەنچە يىقىن كەلگۈسىدىمۇ بۇ ئىھتىياج ئۆزگەرمىسە كېرەك. بىزنىڭ مۇھىتىمىزدا IT ساھەسىگە كۈچەش، پروگراممىچىلىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك. ئەڭ مۇھىمى نوقۇللا پروگراممىچىلىقنى ئۈگەنمەي بىرەر تەبئى پەن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۈگىنىش ھەم ئۈنۈملۈك بولىدۇ ھەم ئەمەلىياچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.

 

oghuzkb

2012-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئۇلم

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

2012-يىلدىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئون چوڭ بۆسۈش ئۈچۈن 11 ئىنكاس بار

  1. يۇرتۇم مۇنداق يازغان:

    ياخشى خۇلاسىلىنىپتۇ . تەرجىمىدە قوللىنىلغان ئاتالغۇلارنى بەك ئىزىغا چۈشۈپتۇ دەپ قارىدىم . (ئەلۋەتتە ئىملا خاتالىقى يېتىپ ئاشقۇچە بار ،http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif) .
    خوش ، سىز نىمىش قىلدىڭىز ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      رەھمەت، شۇ ئىملا تۈزىتىشكە ئادەم ئىلىپ ئىشلىتىدىغان يەرگە يەتتىم، مۇھەررىر، تەھرىرلەردەك (ئامالسىزلىق چىراي ئىپادىسى)

      ئېسىل سۇئال لىكىن، بۇ يىلدا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشىم، ماقالەمنىڭ بىرىنچى نۇسخىسىنى تاماملاش بوپتۇhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif

  2. ۋارس مۇنداق يازغان:

    http://www.yulghun.com/imla
    بۇنى تەۋسىيە قىلاي.ئىملا تۈزىتىشكە پايدىسى تېگىشى مۇمكىن.

  3. غەيرەت مۇنداق يازغان:

    كۆپ تەشەككۈر.
    ئاتالغۇلار بەكلە جايىغا چۈشۈپتۇ، ھەم تەرجىمىمۇ شۇنداق راۋان ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپتۇ. مۇشۇنىڭدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، تىلىمىز گاداي ئەمەس. ئەڭ يېڭى پەن تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى تولۇق قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغانلارغا يەتكۈچۈپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
    ئاخىرىدا سىزگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر.
    تەكلىپ: مۇمكىن بولسا مۇشۇنىڭدا ئىشلەتكەن ئاتالغۇلارنى خاتىرلەپ قويۇڭ. ياكى ماقالىنىڭ ئارقىسىغا قوشۇپ قويسىڭىز. ياكى http://kenjisoft.homelinux.com/atalghu/ گە قوشۇپ قوشۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    ئىماسىدىكى مەسىلىلەرنى مەن توغرىلاپ بېرەي.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      رەھمەت غەيرەت مۇللىم، سۆزىڭىز ماڭا بەكلا ئىلھام بولدى. دىگىنىڭىزدەك قىلىمەن!
      نەچچە يىل ئالدىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر پروفىسسور ئاكىمىز (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) ئاساسى كۈچلەر ۋە شۇ ئاساسى زەررىچىلەر ھەققىدە ئۇيغۇرچە قىلىپ شۇنداق ياخشى بىر كىتاب يىزىپتىكەن. بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىگە تازا ئىشەشىم يوق، ۋەتەنگە بارغاندا شۇ كىتابنى ئۆلچەم قىلىپ تور بىتىڭىزگە يوللاپ قويىمەن. ئەمەلىيەتتە كۆپ ئاتالغۇلار ئاللىقاچان شۇ مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردا ئىشلىتىلگەن، ھازىر كۆپ سانلىقىمىز ئۇ كىتابلارنى كۆرمىگەن بولغاچقا خالىغىنىمىز بويىچە تەرجىمە قىلۋاتىمىز. ياخشى يىرى فىزىكىدەك پەنلەردىكى يىڭى ئاتالغۇلار كومپيۇتېر ساھەسىدىن كۆپ ئاز، يىڭىلىنىشىمۇ ئاستا.

      مۇشۇ باھانىدە يىڭى يىلىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن، سىز ھەم ئائىلىڭىزگە خوشاللىق ھەم بەرىكەت تېلەيمەن، مىللىتىمىز ئۈچۈن قوشىۋاتقان تۆھپىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

      سالاملار بىلەن

  4. مېھمان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    سىزنى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئىنكاسلىرىڭىز بىلەن تونۇدۇم، بلوگىڭىزدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ تۇرىمەن. ئىشقىلىپ يازمىلىرىڭىز ماڭا بەك ياقىدۇ.
    مەنمۇ worldpress تىن بلوگ ئاچقانىدىم، لېكىن قانداق ئۇيغۇرچە قىلىشنى بىلمىدىم (تىل رايونىدا ئۇيغۇرچە يوق ئىكەن). يول كۆرسىتەلەرسىزمۇ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام! ياقتۇرىڭىزدىن خوش بولدۇم:)
      ئادەتتە ۋوردپرەس ئۆزىنىڭ بىتىدە بلوگ ئاچسىڭىز ئۇيغۇرچە قىلماق تەس بولىدۇ، چۈنكى بەت ئارقىدىكى نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ (مەن شۇنداق چۈشەندىم). شۇڭا ياخشىسى ئۆزىڭىز تور ئىسمى ۋە بوشلۇق ئىلتىماس قىلىپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە ۋوردپرەس بلوگ سىستىمىسنى شۇ بوشلۇقىڭىزغا قاچلىسىڭىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە نەشىرىنى قاچلىسىڭىز، ئۇيغۇرچە كۆرىنىدۇ، ھەم ئۆزىڭىز خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز كۆرۈنۈشىنى. سىزگە بۇ بەتنى تەۋسىيە قىلىمەن: http://ug.wordpress.org/ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى مۇشۇ بەتتىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. بوشلۇق ۋە تور ئادرىسىنى سېتۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى ھەقسىز بوشلۇقلاردىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ كۆپ بىلمەيمەن، ھەم ۋەتەن سىرتىدا. بولسا ئۇيغۇربەگ بىلەن ئالاقىلىشىپ بىقىڭ، سىزگە تىخىمۇ كۆپ تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى بىرەلەيدۇ، بۇ ئادرىسى : http://www.uyghurbeg.net/

  5. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    ئاكا، ساھىبجامال دۆلەت ھەدىمىزنى يازماپسىزغۇ؟ئۇمۇ فىزىكا ساھەسىدە 30 يىل يېشىلمىگەن مەسىلىنى ھەل قىلىپتىغۇ ؟ياكى نەزەرىيىۋى فىزىكا جەھەتتىكىلەرنى يازمىدىڭىزمۇ-يە؟!

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      دۇنيادا ھەر يىلى پەننى ساھەدە نۇرغۇن ئىلگىرلەشلەر، بايقاشلار بولىدۇ، ھەرگىز ئون بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ يەردە «Science» ژۇرنىلىنىڭ باھالىغانلىرى، دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە، قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئەمەلى قىممىتى زىيادە يۇقۇرى بولغان، نەتىجىسىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەسىرى زور بولىدىغان بۆسۈشلەر كۆزدە تۇتۇلغان.

  6. كىپىنەك مۇنداق يازغان:

    ئاچچىقىم كىلۋاتىدۇ ، بۇ يۇقۇرى تىخنىكىلار بىلەن ئۆزۇمنى يوغان ھاڭ باردەك مۇناسىۋەتسىز ھىسقىلۋاتىمەن ، غەپ غەپ ، بەكلا كىزقاتتىم بۇنداق نەرسىلەر گە ،. خەقنىڭ قىلغان لىرغا قاراپ ئاغزىمنى ئىچىپ ئولتۇرۇش … بىئارام بوپ كەتتىم ..

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif