فرانكفۇرتتىن ئۇلمغىچە

بۈگۈن ئۇزۇندىن بۇيان بىشىمنى ئاغرىتىپ كىلىۋاتقان ئىش ئۈچۈن فرانكفۇرتقا بىرمۇنچە پۇلنىڭ بىشىغا سۇ قۇيۇپ بىرىپ كەلدىم. پۇل كەتسە كىتەر جان كەتمەس دىدىم، لىكىن ئالغان جاۋابىم يىراق يەردىن ئات چىپىپ بارغان مەندەك بىر ئورۇقنى خىلىلا بىر يەرگە ئاپىرىپ قويدى. ئورۇقلىقىمغا قارىماي ئاچچىقىمنىڭ يامانلىقىچۇ، شۇ تاپتا بىرەر چىۋىننىڭ پەيزى تۇتۇپ يىنىمدا غىڭشىپ قالسا قان قۇسۇپ ئۆلۆپ قالىدىغاندەك. ھەممە ئالدىراش، توغرا چۈشىنىشىمىز كىرەكتە. مەنمۇ ئۇلارنىڭ يەنە 2-3 ھەپتىدە كەل دىگەن گىپىنى ”چالىقۇشى“ رومانىدىكى ”رامىزاندا كەل“ دىگەندەك چۈشىنىپ قايتتىم. بوپتۇ، ئۇلارغىمۇ ئاز ئەمەس، خىزمەتلىرى ئىغىر، ئاچچىقىمنى ئۇلاردىن چىقىرىپ يۈرمەي دەپ ئارقامغا بۇرۇنلۇشقا ئارانلا ئۈلگۈرۈپ ھىلقى ف٭ دىگەن گەپنى دىۋەتتىم، لىكىن ھەيران قالماڭلار، ئۇ يەردە كىچىك بالا يوقكەن، ھەم ۋارقىراپمۇ يۈرمىدىم.نەس باسقان كۈن مۇشۇنداق بولا، سۆزلەشكەن مىتفاغ دىگەنلەرنىڭ بىرىمۇ يوق. خەپ دەپ پويىزغا چىقىتىم، كىتىۋىتىپ جىق نەرسىلەرنى ئويلاپ قالدىم: كىشىلەرگە خاتا تەسر بەرمەي دەپ تۈنۈگۈن ئىلىۋەتكەن ئۇزۇن ئايلىق بولغان رەمەتلىك ساقىلىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى. ئۇنداق ساقالنى قويۇشتىكى مەقسەتنىڭ بىرى: تولا تەجىربىدىن بەك كەچ قالىمەن، شۇڭا بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن٭( بۇ ٭ بەلگە، ئاستىدا ئىزاھات بار دىگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ، كەسپى كىسەل). لىكىن ھەممىدىن مۇھىمى، ما ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، كۇبانىڭ داھىيسى فەدەل كاستىرونىڭ سۆزى بەكىرەك تەسىر قىلغان سەۋەبلىك. مۇخبىر مەن بەك ھۆرمەتلەيدىغان بۇ ئەربابنى زىيارەت قىلىپ نىمىشقا شۇنداق ساقال قويۋالغانلىقىنى سورىغاندا ئاددىلا قىلىپ ”مۇشۇنداق يۈرسەم ساقال ئالىدىغان ۋاقتىم تىجىلىپ قالىدۇ“ دەپتىكەن. دىمىسىمۇ راست، ئىككى كۈندىلا بىر ساقال ئالسىڭىز ئاز ۋاقىت كەتمەيدۇ، يا خۇدايىم كوسىلا قىلىپ قويماپتىكەن ماۋۇ قىرىنداشلىرىمىزدەك. قانچىلىك ئالدىراشلىقىمنى دىمىسەممۇ تونۇش بىلىشلەر بىلىدۇ. ساقال ئەرنىڭ زىننىتى دىگەنمۇ گەپ بارغۇ، ىنىم ئورۇق بولغاندىن كىيىن ساقال بىلەن بولسىمۇ چانماي يۈرەي دىگەن ئەسلى. لىكىن بۇ ساقالمۇ ئوڭ ئۈسمەيدۇ، كاپكاز بىلەن ئىڭەكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىككى مو يەرگە ھىچنەرسە ئۆسمەيدۇ. شۇڭا تەبئىلا ئەلۋىس پرىسلىي بولوپ قالىمەن، خەقلەر شۇنداق دەيدۇ، لىكىن بۇ ئاداش بىلەن خوشۇم يوق، ماۋۇ ”ئېكىس ئادەم“ كىنوسىدىكى ھيۇ جەكمەن گە ئوخشاي دەپ كاپكازنىلا ئىلىپ قالغان ئىدىم، بەكلا يارىشىپ كەتتىمۇ پويىزدا كەلگۈچە بىر مۇنچە قىزلار… شۇ كۆزۈمنى تازا باشقۇرماي يۈردۈممۇ بىر كۆزۈمنىڭ ئۈستىگە يىڭنە ئاسقۇ دىنمۇ يوغان ھەجىملىك بىر نەرسە چىقىپ قاپتۇ، قارىغانغا توي دىدىم، لىكىن خۇدايىم بەرگەن كۆزنى يۇمۇۋالغالغىلى بولمايدىكەن، ماشىنا سوقىۋەتسەم ئاز دىگەندە 500€ جەرىمانە تەييار. ھازىرغۇ 21-ئەسىر ئىكەن، ماۋۇ 14-ئەسلىرلەردە ياشىغان ئەلىشىر ناۋايىنىڭمۇ شۇنداق مىسرالىرى بولىدىغان:
كۆزۈم كۆرمەي دەپ تۇرۇپ كۆردى،
كۆزۈم كۆرگەندىن كىيىن كۆڭلۈم ھەۋەس قىلدى،
مىنى مۇشۇ كۈنلەرگە سالغان
رەسىۋا كۆڭلۈم، ئالدامچى كۆزۈم…

دەپ. بوۋىلىرىمىزمۇ قاراپتىكەن ئەينا، شۇنداق بولغاندىن كىيىن تىزىراق ساقىيىپ قالسا بولاتتى. ئەلچىخانىدىكى خىزمەتچى خادىممۇ سوراپ كەتتى ھەتتا، نىمە بولدى دەپ، بىر نەرسە چېقىۋاپتۇ دەپلا قويدۇم. ھەجەپ يامان بوپتۇ دەپ كەتتى ئىچى ئاغرىپ. پويىز كىتىۋاتىدۇ، مەنمۇ ”يول بىتتى چوكتا“ دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ ماڭدىم. بۇ قىتىم يەنە پويىزغا كىچىكىپ قالىمەن دەپ ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىققان ئىدىم، شۇ ئالدىراشچىلىقتا يولدا ئوقۇيدىغانغا دەپ ”قولامغا چىققان“ كىتابنىلا ئاپتىمەن. ئەمدى قارىسام ئىچى ساپلا فورمۇلاغا توشۇپ كەتكەن كىتابكەن، ۋاللاھى، شۇنداقمۇ دۆت بولا ئادەم، قانچە قىتىم بۇرنۇمغا يىدىم، يەنە ئۆزگەرتمىگەن٭٭٭. مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋىتىپ ئويلاپ قالدىم، ئادەمدەك دۆت نەرسە بولامدۇ، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىمىز… شۇڭا ماۋۇ ئېينىشتېيىنكاممۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇنداق دەپتىكەن

:“ Zwei Dinge sind unendlich: Das Universum und die menschliche Dummheit. Aber beim Universum bin ich mir noch nicht ganz sicher.“

تەخمىنى تەرجىمىسى: دۇنيادا ئىككى نەرسىنىڭ چىكى يوق، بىرى ئالەم، يەنە بىر ئىنساننىڭ ئەقلىسىزلىقى. لىكىن ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىگە يەنىلا گۇمانىم بار“. باللار مانى كۆرۈپ بۇ ئاغىنىمىز نىمىسچىنى سويىۋىتىكەن دەپ قالىدىغان بولدىدە، لىكىن ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىدغانلارغا كەسپىم بىلەن ئالدىراش، بىلمەيدىغانلارغا گىرمانيەگە تۈنۈگۈن كەلگەن دەپ يۈرىۋاتىمەن.

پويىز يەنە داۋام قىلىۋاتىدۇ. دەردىمنى ئىيتاي دەپ بىرەرسىگە تىلىفون قىلاي دىسەم باتارىيەسى تۈگەپ كىتىپتۇ، خەپ دىدىم، ئىچىم قان بولدى. ئويلاپ باقايلى، بىز ئۈچۈنمۇ ئاسانمۇ، تەتقىقات دەپ خىلى زور بىسىم ئاستىدا ياشايمىز، تەجىربىلەرنى كىچە 2 لەرگىچە ئىشلەيدىغان كۈنلەر بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تەرجىبىلەرمۇ ئادەمنى كاللىسىنىڭ سۈيىنى چىقىرىدىغان (تەرلەشنى دەيمەن)، ئىشلار، چۈنكى بىر كۇنۇپكىنى خاتا باستىڭىز، ئاز دىگەندە ئوت ئۈچۈرۈشنى چىللاپ كىلىسىز، ئۇلار كەلدىمۇ بولدى ئوت بولمىسىمۇ پۇل ئالىدۇ، گىرماننىڭ قائىدىسى. ئۆتكەن يىلى ئىچكىرسىدىن كەلگەن بىر قىرىندىشىمىز بىر ئايدا ئۈچ قىتىم چىللاپ كىلىپ تاس قالغان سۆزلەپ قالغىلى. نىمىسلارنى بىلىسىلەر، خاتا ئىش قىلسىڭىز يىل ئايلاپ سۆزلەيدۇ، خوشاللىقىنىڭ مەنبەسى ئۇ

مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ، ئويلاۋىرىپ، بەكلا ئويلاپ كىتىپتىمەن، كىلىپ ئۆيۈمگە ماڭىدىغان ئاپتۇبۇسقا خاتا چىقىۋاپتىمەن. بەزىدە كاللام ”بەكلا“ ئىشلەپ قالىدۇ، غەرىبكە مىڭىشنىڭ ئورنىغا جەنۇبقا ماڭغان ئاپتۇبۇس پەقەت بىر بىكەت ئۆتۈپ بولىشىغىلا ئىسىمگە كەپتۇ، بىر قىزىدىن بۇ 38- يول ئەمەسما… دەپ سورىسام ھىجاراپ بۇ 20- يول دىمەسما. ۋاللاھى، سۈپىتىمنى ساقلاپ ئىشىكىنى تىپىپلا چۈشىپتىمەن. چۈشۈپ قورقۇپ كەتتىم، يەنە بىر بىكەت كەتكەن بولسام، ”ئەركىن شىتات باۈارىيە“ گە كىرىپ كىتەر ئىكەنمەن، ئۇلۇغ بىر كىچىك تىنىدىم. گىرماندىكى بالىلار بىلىدۇ، ئۇ ”دۆلەتنىڭ“ قانداقلىقىنى. ئاساسى پارتىيىسى بولغان س. ئەس. يۇ شۇ تاپتا گىتمو دىكى ئۇيغۇر تىرورچىلارنى ئالماسلىق توغرىسىدا يىشىللار پارتىيىسى بىلەن قاتتىق قىزىرىشىپ تۇرغاندا ماڭا ئوخشاش پاسسپورتسىز كىرگەن بىر ئۇيغۇر… ئاللاھ، ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم. ”قاراڭلار ماۋۇ شۇمنى، تىخى پاسسپورتسىزلا كىرىپتۇ، ئاۋۇ قىرىنداشلىرى قولىغا سۇمۇ قويۇپ بىرەلمەيدىكەن بۇ خەقنىڭ“ دىيىشىپ كىتەتتى چوقۇم. تىخى سومكامنىڭ تىشىدا يىقىندا تاقىۋالغان يىشىل تىنىچلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاتومغا قارىشى ئىزنىكىچۇ تىخى…خەيىر

ئۆيگىمۇ كەلدىم، كونا ئۇسۇل بويىچە بەرەنكە٭٭٭٭ بىلەن تەييار چۆپنى قىلىپ سۇيقاش قىلىپ، ئاچچىقىمنى تەرىم بىلەن چىقىرىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئاچچقىمىز قانچىلىك ئىدى دەيسىلەر شۇ، يولدا چىرايلىق ئىچىلغان گۈللەرنى كۆرسە، ”ۋاي ما گۈللەرنىڭ ئىچىلىپ كەتكىنى قاراڭلارچۇ“ دەپ ئاپپاراتنى ئىلىۋالمىغانغا يىرىم كۈن قاخشاپ، ئۆيگە كىرگەندە ئوقۇشماي بىر پەرۋانىنى ئىشىك قىسىپ ئۆلتۈرۈپ قويسا ”ۋاي قىرىندىشىمەي“ دەپ قالغان يىرىم كۈن ھازا ئاچىدىغان ئادەمنىڭ قولىدىن باشقىلارغا ۋارقىراش كىلەمدۇ، نىمىلا دىمىگەن بىلەن، ئالىي تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇر زىيالىسىدە بىز، ئالدىراپ سەتلەشمەيمىز. شۇ مۇشۇ يەرگە بولسىمۇ يىزىپ ئازىراق كەيپىياتىمنى ئوڭشىۋالاي دىدىم، ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەڭلار، مەنمۇ ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەي…

ئىزاھاتلار:
٭ كىشىلەر كۆرۈپ قورقىدۇ، بولوپمۇ شۇ ساقىلىم بىلەن مىكسىكىنىڭ لۆكچەكلىرىگە ئوخشىماي قالاتتىم
٭٭ بۇنى ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەندىكى ”پايدىلىنىش خەۋەرلىرى“ ژۇرنىلىدىن ئوقۇغان ئىدىم
٭٭٭ ئاچچىقى دەھشەت يامان داداممۇ ئۆزگەرتەلمىگەن خۇي، مەيلى دەڭلار
٭٭٭٭ياڭيۇ نىڭ ئۇيغۇرچىسى

bügün uzundin buyan bishimni aghritip kiliwatqan ish üchün Frankfurtqa birmunche pulning bishigha su quyup birip keldim. pul ketse kiter jan ketmes didim, likin alghan jawabim yiraq yerdin at chipip barghan mendek bir oruqni xilila bir yerge apirip qoydi. oruqliqimgha qarimay achchiqimning yamanliqichu, shu tapta birer chiwinning peyzi tutup yinimda ghingship qalsa qan qusup ölöp qalidighandek. az künde dölitimiz 60-yilliq toyini qilidu, asan ishmu, tixi birer sotsiyalistik dölet bu yashqa yitip baqqini yoq, hemme aldirash, toghra chüshinishimiz kirekte. menmu ularning yene 2-3 heptide kel digen gipini ”chaliqushi“ romanidiki ”ramizanda kel“ digendek chüshinip qayttim. boptu, ularghimu az emes, xizmetliri ighir, achchiqimni ulardin chiqirip yürmey dep arqamgha burunlushqa aranla ülgürüp hilqi f. digen gepni diwettim, likin heyran qalmanglar, u yerde kichik bala yoqken, hem warqirapmu yürmidim.

nes basqan kün mushundaq bola, sözleshken Mitfahrgelegenheit(mushundaq yazamduy balla, taza ishesh yoq) digenlerning birimu yoq. xep dep poyizgha chiqitim, kitiwitip jiq nersilerni oylap qaldim: kishilerge xata teisr bermey dep tünügün iliwetken uzun ayliq bolghan remetlik saqilim isimge kilip qaldi. undaq saqalni qoyushtiki meqsetning biri: tola tejirbidin bek kech qalimen, shunga bixeterlik yüzisidin*( bu * belge, astida izahat bar digenlikni bildüridu, kespi kisel). likin hemmidin muhimi, ma hemmige tonushluq bolghan, dunyada özlirini birdinbir sotsiyalistik dölet hisablaydighan** kubaning dahiysi Fedel Kastironing sözi bekirek tesir qilghan seweblik. muxbir men bek hörmetleydighan bu erbabni ziyaret qilip nimishqa shundaq saqal qoywalghanliqini sorighanda addila qilip ”mushundaq yürsem saqal alidighan waqtim tijilip qalidu“ deptiken. dimisimu rast, ikki kündila bir saqal alsingiz az waqit ketmeydu, ya xudayim kosila qilip qoymaptiken mawu qirindashlirimizdek. qanchilik aldirashliqimni dimisemmu tonush bilishler bilidu. saqal erning zinniti digenmu gep barghu, jinim oruq bolghandin kiyin saqal bilen bolsimu chanmay yürey digen esli. likin bu saqalmu ong üsmeydu, kapkaz bilen ingekning ottursidiki ikki mo yerge hichnerse ösmeydu. shunga teb’ila Alves Presly bolop qalimen, xeqler shundaq deydu, likin bu adash bilen xoshum yoq, mawu X-man diki huge Jackmange oxshay dep kapkaznila ilip qalghan idim, bekla yariship kettimu poyizda kelgüche bir munche qizlar… shu közümni taza bashqurmay yürdümmu bir közümning üstige yingne asqu dinmu yoghan hejimlik bir nerse chiqip qaptu, qarighangha toy didim, likin xudayim bergen közni yumuwalghalghili bolmaydiken, mashina soqiwetsem az digende 500€ jerimane teyyar. hazirghu 21-esir iken, mawu 14-eslirlerde yashighan Elishir Navayiningmu shundaq misraliri bolidighan:
közüm körmey dep turup kördi,
közüm körgendin kiyin könglüm hewes qildi,
mini mushu künlerge salghan
resiwa könglüm, aldamchi közüm…

dep. bowilirimizmu qaraptiken eyna, shundaq bolghandin kiyin tiziraq saqiyip qalsa bolatti. elchixanidiki xizmetchi xadimmu sorap ketti hetta, nime boldi dep, bir nerse chiqiwaptu depla qoydum. hejep yaman boptu dep ketti ichi aghrip. poyiz kitiwatidu, menmu ”yol bitti coktan“ digen naxshini anglap mangdim. bu qitim yene poyizgha kichikip qalimen dep öydin yügürüp chiqqan idim, shu aldirashchiliqta yolda oquydighangha dep ”qolamgha chiqqan“ kitabnila aptimen. emdi qarisam ichi sapla formulagha toshup ketken kitabken, wallahi, shundaqmu döt bola adem, qanche qitim burnumgha yidim, yene özgertmigen***. mushu qurlarni yiziwitip oylap qaldim, ademdek döt nerse bolamdu, hemmini bilip turup qilimiz… shunga mawu Einsteinkammu öz waqtida mundaq deptiken:“ Zwei Dinge sind unendlich: Das Universum und die menschliche Dummheit. Aber beim Universum bin ich mir noch nicht ganz sicher.“ texmini terjimisi: dunyada ikki nersining chiki yoq, biri alem, yene bir insanning eqlisizliqi. likin alemning cheksizlikige yenila gumanim bar“. ballar mani körüp bu aghinimiz nimischini soyiwitiken dep qalidighan boldide, likin heqiqi ehwalini bilidghanlargha kespim bilen aldirash, bilmeydighanlargha girmanyege tünügün kelgen dep yüriwatimen.

poyiz yene dawam qiliwatidu. derdimni iytay dep birersige tilifon qilay disem batariyesi tügep kitiptu, xep didim, ichim qan boldi. oylap baqayli, biz üchünmu asanmu, tetqiqat dep xili zor bisim astida yashaymiz, tejirbilerni kiche 2 lergiche ishleydighan künler bolidu, uning üstige u terjibilermu ademni kallisining süyini chiqiridighan (terleshni deymen), ishlar, chünki bir kunupkini xata bastingiz, az digende ot üchürüshni chillap kilisiz, ular keldimu boldi ot bolmisimu pul alidu, girmanning qaidisi. ötken yili ichkirsidin kelgen bir qirindishimiz bir ayda üch qitim chillap kilip tas qalghan sözlep qalghili. nimislarni bilisiler, xata ish qilsingiz yil aylap sözleydu, xoshalliqining menbesi u

mushu ishlarni oylap, oylawirip, bekla oylap kitiptimen, kilip öyümge mangidighan aptubusqa xata chiqiwaptimen. bezide kallam ”bekla“ ishlep qalidu, gheribke mingishning ornigha jenubqa mang’ghan aptubus peqet bir biket ötüp bolishighila isimge keptu, bir qizidin bu 38- yol emesmaaaa dep sorisam hijarap bu 20- yol dimesma. wallahi, süpitimni saqlap ishikini tipipla chüshiptimen. chüshüp qorqup kettim, yene bir biket ketken bolsam, ”Free State Bavaria“**** gha kirip kiter ikenmen, ulugh bir kichik tinidim. girmandiki balilar bilidu, u döletning qandaqliqini. asasi partiyisi bolghan CSU shu tapta Gitmo diki uyghur tirorchilarni almasliq toghrisida Grün partiyisi bilen qattiq qiziriship turghanda manga oxshash passportsiz kirgen bir uyghur… allah, oylashqimu jür’et qilalmidim. ”qaranglar mawu shumni, tixi passportsizla kiriptu, awu qirindashliri qoligha sumu qoyup birelmeydiken bu xeqning“ diyiship kitetti choqum. tixi somkamning tishida yiqinda taqiwalghan Greenpeace teshkilatining atomgha qarishi iznikichu tixi…xeyir

öygimu keldim, kona usul boyiche berenke***** bilen teyyar chöpni qilip suyqash qilip, achchiqimni terim bilen chiqirip olturuptimen. achchqimiz qanchilik idi deysiler shu, yolda chirayliq ichilghan güllerni körse, ”way ma güllerning ichilip ketkini qaranglarchu“ dep apparatni iliwalmighangha yirim kün qaxshap, öyge kirgende oqushmay bir perwanini ishik qisip öltürüp qoysa ”way qirindishimey“ dep qalghan yirim kün haza achidighan ademning qolidin bashqilargha warqirash kilemdu, nimila dimigen bilen, aliy terbiye körgen uyghur ziyaliside biz, aldirap setleshmeymiz. shu mushu yerge bolsimu yizip aziraq keypiyatimni ongshiwalay didim, artuqche oylap ketmenglar, menmu artuqche oylap ketmey…

izahatlar:
* kishiler körüp qorqidu, bolopmu shu saqilim bilen miksikining lökcheklirige oxshimay qalattim
** buni eyni waqitta wetendiki ”paydilinish xewerliri“ zhurnilidin oqughan idim
*** achchiqi dehshet yaman dadammu özgertelmigen xuy, meyli denglar
**** erkin dölet bawariye digendek gep
*****yangyu ning uyghurchis

بۇ يازما ئۇيغۇر + ياۋرۇپا, چەتئەلدە ئوقۇش كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

فرانكفۇرتتىن ئۇلمغىچە ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. ئاتامان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇربانجان ئاكا!
    قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كېتىپ بارامدۇ؟
    مەن گىرمان تىلى ئۈگىنىۋاتقان. ئاساسلىقى Rosetta Stone دىگەن يۇمتالغا تايىنىپ ئۈگىنىۋاتىمەن. گىرمان تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى بەك تەس ئىكەن، مۇمكىن بولسا سىز بىلىدىغان ئۇيغۇرچە ۋە ياكى ئىنگىلىزچە كىتاب(PDF) بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز ماۋۇ گىرامماتىكا قىسمىنى پۇختىلىۋالسام بوپتىكەن. نۇرغۇن يەرلەرنى پەرەزگە ئاساسەن ئۈگىنىۋاتىمەن. ئۈگەنگەنسرى تەسلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. رەھمەت سىزگە!

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام! رەھمەت ئاللاھغا شۈكرى ياخشى تۇردۇم. گېرمان تىلى ئۈگىنىۋاتقىنىڭىزدىن بەكمۇ خوش بولدۇم. ئەپسۇس مەندىكى كىتابلار ساپ چەتتە نەشىر قىلىنغان، ھەم قولۇمدا pdf نۇسخىسى يوق. سىزگە بىر گېرمان تىلى ئۈگىنىۋاتقان ياكى بىلىدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ چچ توپىنى دەپ بىرەي، سىز شۇلاردىن كۆپىرەك مەسلىھەت سوراڭ، ئۇلارنىڭ ماتېرياللىرى خىلىلا كۆپ ھەم تەجىربىسى بار. نومۇرىنى ئېلخەت ئادرىسىڭىزگە يوللاپ بىرىمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif