ۋىندوۋس ئىشلەتمەي لىنۇكس ئىشلىتىڭ، ئىنتېرنىت ئىكسپلورېر ئىشلەتمەي ئوتتۈلكە ئىشلىتىڭ

(بۇرۇن يازغىنىمكەن، كونا بلوگىمدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم)

ئەگەر، كومپيۇتىرىمغا ۋىرۇس يوقمىسۇن، ھۆججەتلىرىمنى خەقلەر كۆرۈپ قالمىسۇن، پاروللىرىم ئوغۇرلانمىسۇن دىسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سىستىمىسىنى ھازىر ئۆزگەرتسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز. ئەڭ ياخشىسى، سىستىمىنى بىراقلا ئۆزگەرتىش، يەنى لىنۇكس سىستىمىسى ئىشلىتىش. لىنۇكس سىستىمىسىنىڭ (بۇ ھەقتە مۇنبىرىمىزدا ھەم مەخسۇس تىما بار، ئادرىسى: لىنۇكس )تارىخى ۋىندوۋستىن ئۇزۇن، لىكىن ئەينى ۋاقىتتا پەقەت تەتقىقاتچىلارلا ئىشلىتىپ كۆرۈنمە يۈز ئىشلەنمىگەن بولغاچقا كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان. لىكىن يىقىنقى يىللاردا ئىنتېرنىتتىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاسانلىشىغا ئەگىشىپ لىنۇكس سىستىمىلىرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى. كۆرۈنمە يۈزنىڭ لايھىلىنىشى بەزى تەرەپلەردە ۋىندوۋسنىمۇ بىسىپ چۈشتى. لىنۇكسنىڭ بىر نەچچە ئادەمنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1. ئۇ يۇنىكس نى ئاساس قىلغان بولغاچقا، ھىسابلاش سۈرئىتى ناھايتى تىز، يەنى ۋىندوۋستىن ئىتتىك. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 500 دانە سيۇپىركومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ 443 دانىسى لىنۇكس سىستېمىسى ئىشلىتىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كومپيۇتىر بولمىش IBM نىڭ 2011- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان Sequoiaمۇ لىنۇكس ئىشلىتىدۇ. نوكىئانىڭ ئەڭ يىڭى چىققان يانفونىمۇ لىنۇكس ئىشلىتىدۇ، چوڭ تىپتىكى مۇلازىمەتتېرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك لىنۇكس/يۇنىكس ئىشلىتىدۇ.
2. ۋىرۇستىن خالى، ۋىرۇسخۇر ئىشلىتش ھاجەتسىز، ھەتتا مۇداپىيە تېمى (Firewall) ھەم ئىشلىتىش ھاجەتسىز. بۇنىڭ بىر سەۋەبى: سىستىمىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۆزگىچە، ۋىندوۋسقا قارىغاندا كۆپ مۇكەممەل. يەنە بىر سەۋەبى، دۇنيادىكى 85% كومپيۇتىر ۋىندوۋس ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ۋىرۇسخۇر ئىشلەيدىغان شىركەتلەر بولسۇن، ياكى خاككىرلار بولسۇن، ۋىرۇس ئىشلىگەندە ۋىندوۋس سىستىمىسىغا قارشى لايھىيلەيدۇ، بۇ ۋىندوۋس ئۈچۈن ياسالغان ۋىرۇسلار لىنۇكس سىستمىسىدا ئىشلىمەيدۇ، پالەچلا بولىدۇ.
3. پۈتۈنلەي ھەقسىز، دېتاللىرىدىن تارتىپ ھەقسىز، كودى ئوچۇق يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار ئىدى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىنى يىزىپ ئولتۇرمىدۇم، ئەگەر قىزىقسىڭىز بۇ توغرىسىدا ئىنتىرنېتتا كۆپ نەرسىلەر بار. لىنۇكس نىڭ ھەرخىللىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلدىغىنىم ئۇبۇنتۇ سىستىمىسى، بۇنى ئىشلىتىش بەكلا قولايلىق، خۇددى ۋىندوۋسنى ئىشلەتكەندەكلا ئاسان ئىشلىتىسىز. ئەگەر لىنۇكسنى ئىچكىرلەپ ئۈگىنىش خىيالىڭىز بولسا، ئەڭ ياخشىسى gentoo نى ئۈگىنىڭ. ئۇبۇنتۇ نىڭ قانداقلىقىنى تۆۋەندىكى سىن-ھۆججەتلىرىدىن كۆرۈڭ:
http://v.youku.com/v_show/id_XMTI4NTc2MTA4.html
http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI4NTc2MTA4/v.swf
http://www.tudou.com/v/N6KxzftbFWk http://www.tudou.com/v/3qbQa-txMws

قانداق قاچىلاش ھەققىدىكى بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز، UKIJ نى، ئىلقۇتنى، ياكى ئۇبۇنتۇغا مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىڭ، بۇ ھەقتە توردا ھەم كۆپ ماتىرياللار بار.

 

ئەمدى، بۇ سىستىمىنى ئىشلەتكۈم يوق دەيدىغانلار بولسا، ھىچ بولمىغاندا تور-كۆرگۈچىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، بۇ بەكلا ئاسان. سەۋەبنى يۇقاردا دىگىنىمدەك، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋىرۇس ۋىندوۋس ئۈچۈن ياسىلىدۇ، ھەم ۋىندوۋس ئىنتېرنىت ئىكسپلورېر، ئاۋتلۇك (  Outlook ,Internet Explorer)نى تارقىلىش ۋاستىسى قىلىدۇ. بۇلار خۇددى ئۆيىڭىزنىڭ دائىم ئىچىقلىق تۇرغان دىرىزىسىگە ئوخشايدۇ. يەنى ئۇ ۋىرۇس كىرىشنىڭ يولى. شۇڭا بولسا ئىنتېرنىت ئىكسپلورېرنى ئىشلەتمەي، كومپيۇتېرىڭىزغا ئوتتۈلكە (Firefox) قا ئوخشاش تور-كۆرگۈچ ئىشلىتىڭ، بۇنىڭدا كۆپ بىخەتەر بولىدۇ، ۋىرۇس ئاسان كىرەلمەيدۇ، ھەم ئارخىپ-پاروللىرىڭىز ئاسان باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانمايدۇ. بۇ سۆزۈمنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تۆۋەندە ئىسپات شەكلىدە BBC نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىنى بەردىم، كۆرۈپ بىقىڭلار

http://news.bbc.co.uk/2/hi/technology/8463516.stm

 

oghuzkb

2010-يىل، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ۋىندوۋس ئىشلەتمەي لىنۇكس ئىشلىتىڭ، ئىنتېرنىت ئىكسپلورېر ئىشلەتمەي ئوتتۈلكە ئىشلىتىڭ ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    مەن ھازىر لىنۇكىسنىڭ ئۇبۇنتۇ ۋە دىپىن نۇسخىلېرى بىلەن ئىيتىشۋاتقىلى بىر ئاي بۇلۇپ قالدى ، ئەمما تىخىچە تازا كۈنۈپ بۇلالمىدىم، سىزچە يۇرتتىكىبىزلەرگە نىسبەتەن لىنۇكىسنى ئىشلىتىش ماس كىلەمدۇ ؟ئىشلىتىش تۇغرا كەلسە قانداق ئۇسۇلدا لىنەكىسنى ئىشلىتىشنى ئۆگەنسەك بولا ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئەلۋەتتە، ئۇنداق ئىتتىك كۆنگىلى بولمايدۇ، ۋاقىت كىتىشى تەبئى. ئەگەر قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز ئاددىيلا ئىشلار بولسا، ھەم ۋىندوۋسنىڭ ھەققى نەشرىنى ئىشلىتىشكە قۇربىڭىز يەتسە، مەنمۇ لىنۇكسنى تەۋسىيە قىلمايمەن بەك. لىكىن بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك نەرسە، ھەم يىڭىلىنىشى بارغانچە تىزلىشىپ، تەرەققىياتىمۇ تىز بولىۋاتىدۇ، كەلگۈسى بار نەرسە، بولوپمۇ بىزدەك قەۋم ئۈچۈن. بۇ سېستىمىنى مەن شەخسەن بەك پروگراممىرلارغا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، تەتقىقاتچىلارغا، چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بارلارغا، ھەم كومپيۇتېر قىزىققۇچىلرىغا بەكىرەك تەۋسىيە قىلىمەن.

      يەنە بىرىگە، ھەققى لىنۇكسقا قىزىقىش ئۈچۈن سىزدە ئازىراق ئاساس بولۇشى كېرەك، ھازىرچە شۇنداقىراق (كېيىن تىخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ)، شۇندىلا ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيسىز. ئىشقىلىپ لىنۇكس بەزى يەرلەردە بەكلا ئەس قاتىدۇ، ئىشلار بەك قولايلىق بولىدۇ. ئۆيۈمدىكى ۋاقىتتا ئىشخانامدىكى لىنۇكس كومپيۇتېرنى بەكلا ئاسان باشقۇرالايمەن، ھەم ئۆيدە ئولتۇرۇپلا ئانالىز ئىشلىرىمنى داۋام قىلالايمەن. بۇنداق ئىشلارنى ۋىندوۋستا قىلىش ھەم خەتەرلىك ھەم بەك ئاۋارچىلىق، بىر مۇنچە چوڭ ھەجىمىلىك دېتال قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ. تۆۋەندىكى سىن ھۆججىتىنى مىسال ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىدىم، چۈشەندۈرمىسىدى ئاستىدىكى ئۇلىنىشتا يازغان يازمىدا، قىزىقسىڭىز كۆرۈپ بىقىڭ

      http://v.youku.com/v_show/id_XMzc5NzE4NTQ4.html

      http://achinuq.org/?p=40

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif