ماگنىت مەيدانىنى قالقانلاش ھەققىدە

يۇرتتىكى تور غەلۋىرلىرىنىڭ بۇ قەدەر ئەسەبىيلىشىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. تىخى، جاھان تەرەققى قىلۋاتىدۇ، كىشىلەر باي بولغانچە ئۇ دۆلەتتىكى ئەھۋاللارمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ چوتنى يەنە خاتا سوقۇپ يۈرگەن ئوخشايمىز. شۇنداق ئىنكاسلار كىلۋاتىدۇكى، ۋەتەندىكى كىشىلىرىمىز ۋەتەن سىرتىدىكى سىياسىدىن خالىي تورلارغىمۇ چىقالمايدىكەن، لىكىن كۇلىدىكىلەر كۆرەلەيدىكەن. بۈگۈن بىر ئىش نىرۋامغا شۇنچىلىك تەگدى.

ئىزدىنىش مۇنبىرىدە بىر قېرىندىشىمىز ماگنىت ئىلمىغا ئائىت ياردەم سورىغان ئىكەن، جاۋاب بەرمەكچى بولدۇم، لىكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ تېزىملىتىپ كىرەلمىدىم. ئىزدىنىش مۇنبىرىنى نورمال ئاچالماي يۈرگىلى نەچچە ئاي بولدى، بىر تېمىنى ئىچىش ئۈچۈن 10 قىتىم، بەزىدە ھەتتا 20 قىتىم چىكىپ ئاندىن كېرەلەيدىغان بولغان ئىدۇق. ئەمدى تىزىملىتىپ كىرىشمۇ بەك تەس بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، كۈندۈزى كىرەلمەي، كېچىسى نەچچە سىناپ ئاران كىرەلىدىم. باشتا 18-قۇرۇلتاي سەۋەبلىك ۋاقىتلىق دەپ ئاڭلاپ، مەيلى دىدۇق، ئەمدى قارىساق بۇ ئىشلار ھىچ ۋاقىتلىق ئەمەستەك. بىزنى زادى نىمە بولسۇن دەيدۇ بۇ خەق؟ ئەگەر نېرۋىمىزغا مۇشۇنداق تىگىلىۋەرسە، يەنە قانچىلىك چىدارمىز! كۈتكىنى شۇدۇر بەلكى… لوگىكا توغرا كەلمەيدۇدە

خەيىر، يەنە ئازىراق سەبىر قىلىپ تۇراي… بەلكىم بۇ بلوگىممۇ ئاز كۈن قالماي يۇرتىمىزدىن غايىپ بولار. تۆۋەندە شۇ قېرىندىشىمىزغا يازغان جاۋابنى يىزىپ قويدۇم. پەقەت مۇشۇنچىلىك نەرسە ئىدىم يازغىنىم!

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بىرەيلەننىڭ سۇئالىغا جاۋاب:“

سالام:

بۇ سۇئالىڭىزغا بىر نەچچە يىل ئالدىدا جاۋاب بەرگەندەك قىلغان ئىدىم. ميۇ-مېتال بولمىدىمۇ؟ ئادەتتە ماگنېت مەيداننى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن (ئېلېكتىر مەيدانىنى توسۇشقا ئوخشىمايدۇ بۇ) ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدىغان ماتېريال شۇ ميۇ-مېتالى (ئالاھىدە ئىشلەنگەن قىتىشما)، ئۇنىڭدىن نوچىسى سيۇپېرئەللوي (Superalloy)، بۇ سەل قىممەت بولۇشى مۇمكىن، ھەم نىپىز قىلىش قىيىن، چۈرۈك بولغاچقا بۇنداق قىتىشمىلارنى نىپىز قىلغاندا بەك ئاسان سۇنۇپ كىتىدىغان بولۇپ، شەكىل ئۆزگەرتىش قىيىن بولۇپ قالىدۇ، لىكىن يىڭى چىققان ياكى ميۇ-مېتالغا قوشۇپ ئىشلەنگەن ماتېرياللارمۇ بار، مىسالغا GIRON, Mag-Stop, Metglas, Finemet دىگەندەك. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ميۇ-مېتال ياكى نىكىل ياكى كوبالىتنىڭ قىتىشمىلىرىدىن ئىشلەنگەن نىپىزەرەك تاختىلاردىن سىلىندىر شەكىلدە (بۇ يەردە قانداق شەكىلدە قىلىشمۇ بەك مۇھىم. ماگنىت مەيدان چاچما مەيدانىنىڭ تەسىر دائىرسىنى، ھەم توسماقچى بولغان ماگنىت مەيدان سىزىقلىرىنىڭ تەخمىنى يولىنى ئويلىشىش لازىم، ئەگەر تاختا مېتال پارچىسى بويىچە توسقاندا، شۇ تاختا ئەڭ ياخشىسى سۈمۈرمەكچى بولغان ماگنىت مەيدان سىزىقلىرى بويىچە ياتسا (پاراللېل) بەك ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ھەم تاختا مەنبەگە يىقىنىراق بولغىنى ياخشى. ) توسماقچى بولغان ماگنىت مەيدانىنى نەچچە قات قىلىپ ئوراش ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. كەمچىلىكى: بەك يۇقۇرى ياكى بەك تۆۋەن ماگنىت مەيدانى ئۈچۈن ئۈنۈمى تۆۋەن،گىگاگىرتېستىن يۇقۇرى مەيدانلاردا ئاساسەن ئىشلىمەيدۇ، ئۇنداق ئەھۋالدا مىس يا ئاليۇمىننى ئىشلەتكەن ئەۋزەل. تۆۋەن چاستۇتىدىكى ياكى مۇقىم مەيدانلارغا ھىلىمھولتىس سىم ئورامى ياكى ئاددى سولنويىد سىم ئورامى (ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىدە بار) قىلىپ، مەيدان يۆنىلىشىنى توسماقچى مەيدانغا قارشى قىلغاندا، مەيداننىڭ يىيىشىپ ئاجىزلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇمۇ بىر ئامالى.

ماگنىت مەيدانىنى ئەڭ ئېسىل توسايدىغان ماتېرياللار يەنىلا ئاسمانغا چىقىرىلغان ئۈسكۈنىلەردە، چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئاجىز سىگناللارنى ئۆلچەشكە توغرا كىلىدۇ، سىگنال توساش بەكلا مۇھىم. لىكىن ئۇلار بەكلا ئالاھىدە تەييارلانغان قىتىمشىلارنى ئىشلىتىدىكەن، ئۇ تېخنىكىسى جۇڭگۇدىمۇ بارمۇ مەن بىلمەيمەن. ئالدىنقى كۈنلەردە گۇئاڭدوڭدىكى بىر ماگنىت پارچىلىرى ئىشلەيدىغان زاۋۇتنىڭ تەتقىقات بۆلىمىدە ئىشلەيدىغان بىر قېرىندىشىمىز بىلەن تونۇشۇپ قالغان، دۆلەت ئىچىدىكى ماتېرياللارنى بەلكىم ياخشى بىلىشى مۇمكىن.

يۇقۇرى-تىمپىراتۇرا (سۇيۇق ئازۇت مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان) ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلىرى ماگنىت مەيداننى ئۆتكۈزمەيدۇ، مىسال ئۈچۈن Y2O3+BaCO3+CuO نىڭ ئارلاشمىسى ۋە ياكى باشقا ماتېرياللار. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن سۇيۇق ئازۇت ئىشلىتىسىز.

ئەڭ تىز ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك يول، نىپىز ميۇ-مېتالىنى سىتۋىلىپ شۇنى ئىشلىتىش. بۇ ھەممە يەردە بار، ھەم بەك كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ماگنىت قالقانى. بەيدۇ دىن ياكى گۇگىلدىن ”Mu-metal“ دەپ ئىزدىسىڭىزلا بولىدۇ.

 

ئەيدىز تارقىلىشنىڭ مەنبەسى بولغان ”تەن سىتىش مەركەزلىرى“  ھەر جايدا باراقسىنىپ، ئويۇن تاماشا كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، قىمارخانىلار ئاۋاتلىشىپ يۈرسە، ھەر بىر ياغلىق چىگگەن ئايالنىڭ ئارقىسىدىن مارلاپ، خاتېرلەپ يۈرسە، بۇ قانداق ھۆ كۈ…مە…ت؟! بىزنى دوزاققا ئىتتىرگەنلىكقۇ بۇ ئىنىقلا

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif