گېرمانىيەگە كۆكتىن نەزەر (ھۆججەتلىك فىلىم)

نىمىسلار چوڭ فىلىملەرنى بەك ئاز ئىشلەيدۇ، كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا قىسىملىق رازۋېتكا فىلىملىرىنى بەك كۆپ ئىشلەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىشلىگىنى يەتمەي باشقا دۆلەتلەر ئىشلىگەننى تەرجىمە قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى يامان ئەمەس، بولۇپمۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشتە. تارىخ (بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدىكى)، پەننى، تەبئەت، جەمئىيەت ھەققىدىكى كۆپ خىل تېمىلاردا. يىقىندا يازغان ”بىزدىكى ئېلمىيلىك ھەققىدە“، ”خىرىستىيان ئۇيغۇرلارغا رەددىيە“ قاتارلىق تېمىلاردا تەرەققىيات ھەققىدە ئازىراق توختىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ياخشى ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرالايدىغان مۇنبەت تۇپراق ۋە كىشىلەرنىڭ ياشىشىغا ماس كىلىدىغان كېلىماتنىڭمۇ بەك مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. شۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئىككى قىسىملىق ”گېرمانىيەگە كۆكتىن نەزەر“ ناملىق بىر يۈرۈش ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ ئىككى قىسمنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇم. ئەپسۇس، تەرجىمسى يوق، لىكىن تېخنىكىسى، كىرىشتۈرگەن مۇزىكىسى، ۋە شەھەرلەرنىڭ مەنزىرلىرى گىپىنى چۈشەنمىسەڭلارمۇ خىلى ھوزۇر بىرىدۇ، ھەم گېرمانىيە شەھەرلىرىنى كەلمەي تۇرۇپلا كۆرۋالسىلەر. ئىشقىلىپ ماڭا بەكلا يارىدى. بىر قىتىم يوللىغىنىم يۇيۇلۇپ كىتىپتۇ، قىزىقىدىغانلار تىزىراق كۆرۋىلىڭلار، يەنە يۇيۇلسا ئامالىم يوق.

پارلامېنت

 

بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار:
گىرمانىيە زىمىنى 357مىڭ كۋادىرات كىلومىتېر، ئانا-يۇرتىمىزنىڭ تۆرتتەن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. ئومۇمى نوپۇس 81 مىليون. نوپۇس زىچلىقى 229 ئادەم ھەر كۋادىرات كىلومىتېرغا، بۇ سان 1800-يىلى تەخمىنەن 56 (22 مىليوندىن ئوشۇق نوپۇس)، 1900-يىللىرى 168 (55 مىليوندىن ئارتۇق) ئەتراپىدا بولغان. گېرمانىيەدە قۇملۇق يوقنىڭ ئورنىدا. ھەممىلا يەر يېشىلىقچىلىق. پايدىلانغىلى بولمايدىغان يەر بەلكى يوقنىڭ ئورنىدا، شەرقى گېرماندىكى سازلىقلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا. رىيىن، ئېلبا، دوناي دەريالىرى يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ سۇنى بەكلا ئەلۋەك قىلۋەتكەن. ھازىرقى ئەھۋالدا، 85 % ئادەم شەھەرلەردە ياشايدۇ. نوپۇس زىچلىقى ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرچە نوپۇس زىچلىقىدىن ئىككى ھەسسە يۇقۇرى تۇرىدۇ.

ئەمدى بۇ سانلارنى رايونىمىزغا سىلىشتۇرساق، ئىنىق بولمىغان ستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 1880-يىلى 1.2 مىليون بولغان، بۇ دىگەنلىك نوپۇس زىچلىقى بىر كۋادىرات كىلومىتېرغا بىر كىشىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. 50-يىللاردىن كىيىنكى نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى بىلەن، بۇ سان 13 كە چىقتى (2010-يىلى، 20 مىليون نوپۇس). لىكىن تەخمىنەن 80% كە يىقىن ئۇيغۇر يەنىلا يېزىلاردا ياشايدۇ. شەھەرلەرنىڭ ئارلىقىمۇ بىر-بىرىدىن بەكلا يىراق. گېرمانىيەنىڭ شەھەرلەر ئەڭ زىچ جايلاشقان رايونلىرىدا خوشنا شەھەرگە ئاستا پويىزدىمۇ 15 مىنۇتتا بارىسىز.

قىسقىسى نىمىسلارنىڭ نوپۇسى يىقىنقى زاماندىلا كۆپىيىپ قالمىغان، ئەسلىدىلا زور ئاساسى بار بىر دۆلەت. ئىككى قىتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا تەخمىنەن 11 مىليون ئادەم ئۆلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى 1939-يىلى 69 مىليون نوپۇسى بولغان.

سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئەمگەك كۈچىسىز تەرەققىياتتىن سۆز ئىچىش تازا ئىلمى بولماسلىقى مۇمكىن. نوپۇس كۆپ ھەم زىچ يەردە شۇنىڭغا يارىشا بازار بولىدۇ.

فىلىمى ئادرىسلىرى، پارولى: بىر ئىككى ئۈچ تۆرت، سان بىلەن.

بىرىنچى قىسىم:

http://www.tudou.com/programs/view/3Nyzmcln2EU/

http://www.tudou.com/programs/view/3Nyzmcln2EU/

ئىككىنچى قىسمى:

http://v.youku.com/v_show/id_XNDg1OTEyNDY0.html

http://v.youku.com/v_show/id_XNDg1OTEyNDY0.html

 

oghuzkb

2012. 12.12

Ulm

 

 

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

گېرمانىيەگە كۆكتىن نەزەر (ھۆججەتلىك فىلىم) ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. chongustam مۇنداق يازغان:

    Hello, Mr.achinuq, I dont speak german, so i was wondering if u could provied me those doumental films in english.i would appreciate it.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      Hi,

      I have taken those from a German TV program, and they are pretty new, English subtitles were not provided yet, and I’m not so sure whether they will give them in future. May be there are automatic speech recognition tools for German languages available in internet, like in the case of English. If so, then you could strip the text and translate via google or Babelfish. Sorry, thats all I can suggest…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif