بىر غەلىتە كىنو ھەققىدە

ئەسلى كىنو ھەققىدە گەپ ساتمىسام بولاتتى، لىكىن شۇ ئېشەكنى دەپلا يازماسلىققا چىدىمىدىم. كۆڭلى سۇنۇق بىر ئېشەك، ئىگىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي، مۇھاببىتىگە ئېرىشەلمىگەچكە (بۇنىسىمۇ ئىنىق ئەمەس، لىكىن كۆڭلى سۇنغان بىر ئىش باركەن) پويىز رىلىسىدا توغرا تۇرۋاپتۇ، ۋىجىككىنە كەلگىنىگە قارىماي ئورنىدا شۇنداق چىڭ تۇرۋالغانكى، ئۆتكەن كەچكەنلەر ھەر قانچە قىلسىمۇ مىدرمايلا تۇرۋالدى، بايقۇش ئىشەك، نىمىشقا ئۆلۋالىمەن دەپ تۇرۋالىدىغاندۇ؟ بۇ ئېشەكنىڭ ئۆزى ئۆچۈن قىلۋاتقىنىمۇ، ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ سۇنۇق ھىكايىلىرىگە چىدىماي قىلغىنىمۇ؟

راست، كىشىلەر بىشىدىن ئۆتكەن نەرسىلەرنى ھەممىدىن بەك ياخشى چۈشىنىدۇ. سەھرادا چوڭ بولغان ئادەممۇ سەھرا تەسۋىرلەنگەن نەرسىلەرگە بەكىرەك سەزگۈر بولىدىكەن.

ھازىرغىچە كىنو تىزىملىكىمدە بىرىنچىلىكنى بەرمەي كىلۋاتقىنى ئىرانلىق مەجىداخۇن قارىمنىڭ ”خۇدانىڭ رەڭگى“ دىگەن ئەسىرى بولۇپ كەلدى. ھەر كۆرگىنىمدە ئاجايىپ بىر ھىسلارغا چۆمۈپ كىتىمەن، خۇددى شۇنداق ھىسلارغا ئۇزاقتىن بىرى سېزىك بولۇپ قالغاندەك، قەلبىمدىكى ۋۇژغۇنداپ تۇرغان دۇلقۇنلار، بالىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ:

Our teacher says that God loves the blind more because they can’t see. But I told him if it was so, He would not make us blind so that we can’t see Him. He answered ”God is not visible. He is everywhere. You can feel Him. You see Him through your fingertips.“ / Now I reach out everywhere for God till the day my hands touch Him and tell Him everything, even all the secrets in my heart.

دىگىنىدە كولمىناتسىيەسىگە يىتىدۇ. كىنونىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قۇياش نۇرى ئالدى بىلەن بالىنىڭ شۇ بارماقلىرىنى يورىتىدۇ.

كىنو كۆرۈشكە كىم ئامراق ئەمەس، باشلانغۇچتا چامباشچى كىنولارغا دۈم چۈشەتتۇق، كىنو كۆرۈپ بولۇپلا، ئۆزىمىزنى تۇتالماي نەدىكى ياغاچلاردىن ياسىۋالغان قىلىچلارنى ھىچكىم يوق ئېغىلغا كىرىپ ھايىت ھۇيىت دەپ ئۇياقتىن بۇ ياققا سەكرەپ، ھەرقانچە سەكرىسەممۇ بويۇمدىن ئاشالمايدىغان ھالىتىمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، پۇتلىرىنى سۇنۇپ، يوغان-يوغان ئوماق قوساقلىرىنى يەرگە چاپلاپ كۆشەپ ياتقان كالىلارنىڭمۇ دىققىتىنى ئۈزەمگە تارتالمىغانلىقىندىن ئەپسۇسلىنىپ ئاستا چىقىپ كىتەتتىم.

كىيىنچە ھىندىستاننىڭ كۆردۇق، رومانتىكلارچە بىقىپ. ھەر ھالدا بەك تىز ئېسىمگە كەلدىم، تولۇقسىزدىلا تەسىرلەنمەس بولۇپ كەتتىم، ئاجايىپ ساختا تۇيلاتتى. چىن نەرسىلەرنى ئىزدەيدىغان بولدۇم. ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمىزدا ئامىركىنىڭ كىنولىرىنى سەل جىق كۆرۈپ قويىدىغان بولۇپ قالدۇق. لىكىن بۇ خەقنىڭ تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن كىنولىرىنىڭ ھەممىسى بىزنى ماتېريالىزىم دۇنياسىغا دۈم چۈشۈشكە قۇتىرتىدىكەن، بەزىدە ھەتتا ھىس قىلىپمۇ ئۆلگۈرۈپ بولالمايسىز. شۇڭا ئۇ خەقنىڭ فانتازيەلىك كىنولىرىلا كۆرۈشكە ئەرزىپ قالىدىكەن. ئەمدى ياش بۇ يەرگە كەلگەندە ھىس قىلغىنىمىز، يەنىلا كىتاب ئوقۇغانغا يەتمەيدىكەن، شۇنداقتىمۇ پىكىر قىلىشقا ھورۇن كاللا سەۋەبلىك يەنىلا ئارىلاپ كىنولارنى كۆرۈپ سالىمەن، ”كاللىنى ئارام ئالدۇراش“ چىرايلىق باھانىسى بىلەن. كەچۈرۈڭلار قۇرۇق گەپ بەك جىق بولۇپ كەتتى. ئەمدى ئاۋۇ باشتا دىگەن كىنوغا قايتىپ كىلەيلى.

كىنو رىژسسورى ئەسلى بوسنىيەدە تۇغۇلغان، ھازىر سىربىيە ۋەتەندىشى بولغان ئەمىر كۇستۇرىكا ئىسىملىك كىشىكەن.كىنو ئىسمى ”ھايات بىر مۆجىزە, life is a miracle“

http://en.wikipedia.org/wiki/Life_Is_a_Miracle

كىنو

. بەك ئۇزۇن كىنوكەن لىكىن، ئامما بەك قىززىق بىر يەرلىرى. ئەلۋەتتە بۇلارنى ھىس قىلىش ئۈچۈن 90-يىللاردىكى بالقان ئۇرۇشىغا، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىكى تىتو پارتىزانلىرى (كۆۋرۈك كىنوسى ئىسىڭلاردا بارمىكىن)، توغرىسى ئوسمان ئىمپىيرىسىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان سابىق يۇگۇسلاۋىيە رايونلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى بىلىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ. بۇ رايوندا ئاساسلىقى سىرىبلار، خورۋاتلار (كروئات)، بوسنىيەلىكلەر (ئەسلى يەرلىك مىللەتلەردىن شەكىللەنگەن، ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ئايرىم قەۋىم بولۇپ كەتكەن كىشىلەر، جۇڭگۇدىكى خۇيزۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ)، ماكدونلار، ئالبانلار دىگەندەك. سىرىب، خورۋات ۋە بوسنىيەلىكلەرنىڭ تىلى ئاساسەن ئوخشىشىدۇ، مەدەنيىتىمۇ ھەم، بۇ رايوننى بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشىتىش مۇمكىن.

ئەسەردە تىلغا ئىلىنىپ قالىدىغان چەتنەكلەر، ئوسمان ئىمپىراتورلىقىنىڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن سىرىب مىللەتچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سەل ئاشقۇن، بالقان ئۇرۇشىدىكى قانخۇلارنىمۇ مۇشۇلار بىلەن باغلاپ قويىمىز.

بۇ ئەسەر دەل شۇ بالقان ئۇرۇشۇدىكى ۋاقىتلارغا توغرا كىلىدۇ. ئاساسى قەھىرمان سىرىب، ئاساسى ئايال قەھىرمان بوسنىيەلىك. ئۇرۇشنىڭ قانلىق تەرەپلەرنى ئاساسەن كۆرمەيسىز، ئاجايىپ بىر ساتىرا بىلەن يوشۇرۋەتكەن. مىساللار: پۇتبولچى ئوغلىنى ئەسكەرلىككە تۇتقاندا ئارامسىز دادىسى ئەسكەر باشلىقتىن تەسەللى سورايدۇ، كوماندىر قوپۇپ ”بەزىلەر ئۇرۇش قىلماقچى، بىز ئالدىنى ئالماقچى، بالاڭ تىزلا قايتىپ كىلىدۇ دەيدۇ“. كاللىسىنىڭ دەردى بار دەپ قارالغان ئاپىسى دادىسىغا قاخشاپ يىغلىغاندا، دادىسى كوماندىرنىڭ گىپىنى دەپ تەسەللى بىرىدۇ، ئايال بولسا:“دەل شۇنى دىگەنلەر ئۇرۇشنى باشلايدۇ“ دەيدۇ. تانكاتار ئېتىشنى باشتىلا تەتۈر ئۈگىنىۋالغان بىر ئاداش، ئاخىرغىچە تەتۈر ئۈگەنگىنى بويىچە ئىشلىتىدۇ، بىر خىل ئاپتورنىڭ شۇ ئۇرۇشقا بولغان مەسخىرىسى بولسا كېرەك. ئەپسۇس ساق ئادەملەرنىڭ شۇ ئايالچە كاللىسى يوق. بولدى، جىق دىمەي، بولمىسا قىززىق قالمايدۇ. ئىشقىلىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئىشلەنگەن بىر كىنو ئىكەن. ئېشەك بىلەن باشلانغا كىنو يەنە شۇ ئېشەك بىلەن تۈگەيدۇ. جىق ھىسلىرىم بار ئىدى، سەل ئۇنتۇپ قاپتىمەن، قىنى ھەپتە ئاخىرىدا زادى بەك بىكار بولۇپ قالغان بولساڭلار كۆرۈپ بىقىڭلار،  تەڭ دىيىشىپ باقارمىز. ئامما بۇ كىنو سەۋەبلىك ئىسراپ بولغان ۋاقتىڭلارغا تۆلەم بىرىشكە ئاجىزمەن.

http://www.youtube.com/watch?v=NdLeLiu-4hM

راست بۇ رىژىسسورنىڭ تىخىمۇ كەڭ تارىخى مەزمۇندىكى يەنە بىر كىنوسىمۇ بار. ئوخشاش ساتېرا ژانىرىدا ئىشلىگەن، كىنو ئىسمى Underground.
oghuzkb

Ulm, 2012

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

بىر غەلىتە كىنو ھەققىدە ئۈچۈن 7 ئىنكاس بار

  1. بەندە مۇنداق يازغان:

    مەن گىرمانىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ ئىزدىنىۋاتقانتىم،مۇشۇنىڭغا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز .
    1-سۇئالىم ، گىرمانغا چىقىشتا مەن كەسپىي تۇنۇشتۇرغۇچىلار (中介) غا تىزىملىتاي دىگەن ، بەزىلەر بۇنىڭ ئورنى يوق ، پۇلنى ئىسراپ قىلغانلىق دەيدۇ، سىزنىڭچە قانداقتۇ؟
    2-سۇئالىم ، مىنىڭ ھازىر ئوقىۋاتقان كەسپىم قانۇن (باكلاۋۇرلۇق)، لېكىن ماگىستىرلىقتا بۇ كەسىپنى ئوقۇغۇم يوق ، كەسپىي تۇنۇشتۇرغۇچىلار باكلاۋۇرلۇقتا باشتىن ئوقۇيسەن دەيدۇ ، قانداق بولا ؟
    3-سۇئالىم ، كەسپىي تۇنۇشتۇرغۇچىلار دەيدىغان 个申, 团审 دىگەنلەرنىڭ پەرقى نىمە ؟ 团审 قىلغاندا APS ئىمتىھانى يوقكەن ، بۇ نىمە ئۈچۈن بولغاي ؟
    ۋاقتىڭىز يەتكەندە بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز ، ئىلىكتىرونلۇق يوللانما يوللىسىڭىز بولىدۇ

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      1. ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى بۇ يولدا ماڭماڭ، پۇلىڭىزنى شۈلىۋىلىشتىن باشقا ئىش قىلمايدۇ ئۇ خەق. توغرىسى ئۇلار سىزگە يول كۆرسىتىپ بىرىدۇ، ھەممە ئىشىڭىزنى بىجىرىپ بەرمەيدۇ.
      2.ئەگەر كەسىپنى بەك چوڭ ئۆزگەرتىسىڭىز، بۇرۇنقى ئۈگەنگەن كەسپىڭىزگە ئازىراقمۇ يىقىن كەلمىسە، ئۇنداقتا ئالمىشىش قىيىنىراق، ھەم ئۇقتۇرۇش ئىلىشمۇ تەس بولىدۇ. كىلىۋىلىپ ئالماشتۇرغان بىراز ئاقىلانىلىك، شۇنداق قىلغانلار ھەم بار. باكلاۋىرلىق (تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن ئەھۋالدا) 3 يىللىق، ماگىستىرلىق ئىككى يىللىق.
      3.بۇ ھەقتە بەكىرەك ئىزدىنىشنىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئوپچە ۋىزا ئىلىشتا شۇ شېركەتلەر يول ماڭىدىغۇ دەيمەن بىلسەم. ئادەتتە شېركەت ئارلاشتۇرماي ماڭسىڭىز ئىنىقلا ئا پى ئەس تىن ئۆتىشىڭىز كېرەك.

      شەخسەن، ھەققى تىرىشچانلىق قولىڭىزدىن كەلسە، جاپاغا چىدىسىڭىز كىلىپ ئوقۇڭ، ھەم ئۆزىڭىز يول تىپىپ كىلىڭ. ئەگەر ئاساسىڭىز بوش بولسا، سائەتلەپ ئۈگىنىش قىلالايدىغان روھىڭىز بولمىسا، كىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمەن. ئۇنىڭدىن كىلىپ ساياھەت قىلىپلا كىتىڭ.

      • بەندە مۇنداق يازغان:

        رەھمەت،ئاشۇ يەرگە بېرىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇش بەك تەستىمۇ؟ مەن نىمىسچىنى ئۆگىنىشنى ئەمدى باشلىغان، گىرمانغا چىقىپ ئاشۇ مۇھىتنىڭ ئىچىدە ئۆگەنسەم بەكرەك ياخشى بولامىكىن دەپ،كەسپىي شىركەتلەرگە ئوپچە تىزىملىتىپ، گىرمانغا بارغاندىن كىيىن تىلنى بەكرەك پۇختىلاپ ئۆگىنەي دىگەن، بولسا تىل ئۆگىنىش جەريانىدا كەسىپنى قانداق قىلىش توغرىسىدىمۇ ئويلىشىپ باققىم باتتى،قانداق بولا ؟

        • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

          ئەگەر پۇل مەسىلە بولمىسا بۇمۇ بولىدىغان ئۇسۇل، يەنى، كىلىپ تىل ئۈگىنىسىز، ئاندىن بۇلارنىڭ چەتئەللىكلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىسىز، (تاللىغان كەسپىڭىزگە ئاساسەن) ئىمتىھاندىن ئۆتىسىڭىزلا كىرىپ ئوقۇيالايسىز. ھازىر شۇنداق قىلۋاتقان قېرىنداشلارمۇ بار. ئەلۋەتتە، باكلاۋىرلىقتىن باشلايسىز بۇنداق بولغاندا. كىلىپ كەسىپ ئۆزگەرتىش، كەلمەي تۇرۇپ كەسىپ ئۆزگەرتكەنگە قارىغاندا ئاسانىراق بولىدۇ، سىزگە مۇشۇنچىلىكلا دىيەلەيمەن. بۇ يوللاردا مىڭىپ باقمىغان بولغاچقا سىزگە يىتەرلىك مەسلىھەت بىرەلمەيمەن. ياخشىسى خەنزۇچە تور بەتلەردىن كۆپىرەك ئۇچۇر ئىزدەپ بىقىڭ، قانداقلا دەيلى، ئۇلاردىن ھەر يىلى گېرمانغا كىلىدىغانلار بىزدىن نەچچە ھەسسە كۆپ

  2. بەندە مۇنداق يازغان:

    رەھمەت،

  3. Joshua مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
    underground دېگەن كىنومۇ مۇشۇنىڭ ئەسىرىما؟ 2003-يىللىرى كۆرگەن بولسام كېرەك، ماڭا بەك تەسىر قىلغان، بۇنىمۇ ئىزدەپ كۆرۈپ باقسام بولغىدەك.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif