ۋەتەن، چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى

ۋەتەن—نەقەدەر بىر يىقىملىق سۆز دىسىڭىزچۇ… بۇنىڭدەك ۋەزىنى ئىغىر، مەزمونى مول ئىككىنچى بىر سۆزنى تىپىش ئاسان بولمىسا كېرەك. ۋەتەن نىمە؟ ئۇ ئاتا-ئانىمىزنىڭ، دوست-قىرىنداشلىرىمىزنىڭ غۇۋا سىمايىسى؛ ئۇ تۇنجى سۆيگىنىمىزنىڭ ئالۋۇن كۆلەڭگۈسى؛ ئۇ تەكتىماكاندىكى ئەزان ئاۋازى؛ ئۇ تەڭرىتاغ، ئالتاي بويلىرىدىكى چۆپ پۇراقلىرى؛ ئۇ يارغولدىكى قەدىمى شەھەرنىڭ قىزغۇچ رەڭگى؛ ئۇ كىندېك قىنىمىز تۆكۈلگەن جاي… مەيلى قانچىلىك ئىنىقلىما بىرەيلى، تىلىمىز يەنىلا “ۋەتەن” بىلەن تەڭ ئۇرغۇپ چىققان ئىسسىق قىنىمىزنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز
ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئادەم ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىنى چۈشەنمىگەندەك، ۋەتەننىمۇ ۋەتەندىن ئايرىلىپ باقمىغان ئادەم ھەققى چۈشەنمەيدىكەن. ۋەتەننىڭ نىمىلىكىنى تۇنجى قىتىم كۇلىغا بارغاندا بىر ھىس قىلغان. لىكىن ئۇ چاغدا ئەتراپىمدا يەنە قىرىنداشلىرىم بار ئىدى، لەغمەن سىغىنساق ئۇيغۇرلانىڭ ئاشخانىلىر بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىر يىلنى مىڭ تەسلىكتە توشقۇزۇپ يۇرتقا قايتتۇق، پويىز قۇمۇلغا ئاز قالغاندا، بىر ئەسكى تامغا يىزىلغان قۇمۇل دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ شۇنداق بىر ھاياجانغا چۆمگەن ئىدۇق. ھازىر يات ئەلدە، مەندىن باشقا بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغان شەھەردە ۋەتەننىڭ نىمىلىكىنى خۇددى ئادىل تۇنىيازنىڭ قەشقەردىكى “ يەر-شارى “ ناملىق شىئېرىدىكىدەك ھىس قىلىمەن، نىمىدېگەن ئىسىل يىزىلغان شىئېر، ھەر بىر قۇرى خۇددى بىرى يۈرۈكۈمنى يىرىپ ئوقۇپ          بىرىۋاتقاندەك

قەشقەردىكى يەر شارى ناملىق داستاندىن پارچە
ئادىل تۇنىياز
… …

‫قۇشلار‬

‫ۋەتەنسىز قۇشلار‬
‫پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار‬
‫سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر‬
‫غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ‬.
‫غېرىپلىقتەك.‬
‫ئېگىز بىنا‬.
‫قوشنا ئۆيدىكى ئادەم‬.
‫تام.‬
‫ئىككىنىچى قېتىملىق ئۆرپ-ئادەت‬.
‫توي‬،
‫ناتونۇش دەپنە مۇراسىمى‬،
‫قۇشلارنىڭ يېشى‬.
‫ئەينەك غېرىپلىق‬.
‫قول يەتمەس ئىشىك‬.
‫كارۋات‬.
‫قاچقان ئۇيقۇ.‬
‫ئوچۇق دېرىزىدىكى‬
‫ئاپئاق ساڭگىلاپ تۇرغان‬
‫ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قولى‬.
‫غەم تولغان كۈلدان.‬
‫ئايروپىلان.‬
‫دېڭىز‬،
‫قۇشلارنىڭ يېشى‬.
ھەممە يەردە يات ئادەم‬
‫مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن‬،
‫يەنىلا ئۆزۇڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.‬
‫ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى‬
‫ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى‬،
‫ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن‬.
‫مېليۇن بوپ كەتكىن بەرىبىر يەرلىك‬-
‫قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق.‬
‫ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق‬.
‫مەيلى سەن شاراپ ئىچ ئالتۇن قەدەھتە‬،
‫بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ‬
‫ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دىگەن خەت‬.
‫بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ‬
‫جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى‬.
‫مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چىركاۋى‬
‫كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى‬
‫كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان‬.
‫ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ ناۋادا‬،
‫تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.‬
‫مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن‬،
‫مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن‬.
‫ۋەتەن، ئىھ ۋەتەن‬
‫چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى‬،
‫چىرايلىقتۇر ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.‬
‫گۆھەردۇر، ئالىمدۇر، خۇشپۇراق گۈلدۇر‬،
‫ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تىزەك.‬
‫ئەيسادۇر، مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى،‬
‫يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.‬
‫ۋەتەندە بىر ناتونۇش بالا
‫يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن‬
‫يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.‬
‫تىللاپ سالغان بولساڭ ئىلگىرى‬
ئۆز ئېلىڭدە ئۆز تىلىڭدا ئۆز؛‬
‫تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر‬
‫شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز‬.
‫شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن‬
گېزىتلەردىن پاز يا تاگورنىن؛‬
‫تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
‫ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.
‫ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن‬
‫دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن‬،
‫سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كىپەن‬.
‫ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن.‬
‫يات تۇپراقتا كۆمۈلگەندە سەن‬
‫كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن‬…
‫سېغىنغاندا قەشقەرنى‬
‫چەتئەلدىكى ھەر بىر مۇھاجىر‬
شۇنداق يازار خەت يازسا ئاخىر

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif