ئىلىمىيلىك ھەققىدە–خۇلاسە

ئالدىنقى قىسىمدا بىزگە ئىلمىيلىكنىڭ بەك مۇھىملىقىنى، ئىلمىيلىكىنى تەبئى پەن تەرەققىياتى بەكىرەك بەلگىلەيدىغانلىقنى دەپ ئۆتتۇق. شۇ تەبئى پەننى ئۆز نۆۋىتىدە تىخنىكا مەزمۇنى مول بولغان سانائەت بەلگىلەيدۇ (ھازىرقى جاھاندا شۇنداق بولۇپ قالدى). ئەمدىكى گەپ بىزدە نىمىشقا سانائەت يوق؟ سانائىتىمىز بولمىغان ئىكەن، خەقكە ھامان بوزەك بولىدىغان گەپ

مۇشۇ ھەممەگە دىيىلىپ ئاخىرىغا كەلگندە يەنە نادانلىقنى توغىرسىنى ئىيتقاندا ھازىرقى ھالىتىمىزنى ئۆزىمىزگىلا چىتىپ قويىدىغان يولدىن ھىچ بىر زىرىكمىدۇق. سەۋەبنى بىلىپ تۇرۇپ ئەتەي باشقا يەردىن پاراڭ قىلغاندەك بىلىنىدۇ بەزىدە. ئازىراق بىر مىساللارغا كۆز يۈگرۈتەيلى ئالدى بىلەن.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىشىلىرمىز ئاغزىدىن خۇددى بىزدە مىليونىرلار شۇنداق كۆپتەك، لىكىن ئۇلارنىڭ بىرلىشەلمەسلىكى تۈپەيلى تەرەققى قىلالامايقانلىقىدەك قاخشاشلارنى ئاڭلايمىز. ھەتتا، بىر پۇتبۇل كامادىمىزغىمۇ ئىگە بولالمايدۇ دەپ قاخشىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ۋايساشلارنىڭ تازا ئىلمى ئاساسى يوق. بۇ يەردىكى گەپ، ھازىر پۇلنىڭ قىممىتى چۈشتى، مىليونىر بولدى دىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بىر يىللىق ساپ كىرىمى قانچىلىك مانى ئويلىشىش كېرەك. تۆۋەندە چەتئەل ۋە جۇڭگۇدىكى چوڭ شېركەتلەرنىڭ ھالىدىن باشلايمىز:

بىر دۆلەتنىڭ بارلىق كىرىمى شۇ دۆلەتتىكى ئەمگەكچى خەلىق ياراتقان قىممەتتىن كىلىدۇ. يەنى ھەممە تاپشۇرغان باج. بۇ پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى ئەلۋەتتە. لىكىن بۇ پۇلنى قانداق ئىشلىتىش، نەگە ئىشلىتىشنى ھۆكۈمەت بەلگىلەيدۇ، بۇنىسى ئىنىققۇ!

دۇنيادىكى قىسمەن ئەڭ باي شېركەتلەرنىڭ كېرىمى (ئالدىنقى 500 ئىچىدىن تاللاندى، 2010 ياكى 2011 يىللىرىدىكى ئەھۋالى (شۇ بىر يىللىق)، ئامىركا دوللىرى قىممىتى):

گېرمانىيە فولكسۋاگىن ئاپتوموبىل شېركىتى:

كېرىمى:119 مىليارد، خىزمەتچىسى 368 مىڭ. جەمئىي 4.6 مىليون ماشىنا ئىشلەنگەن.

شىۋىتسىيە IKEA:

24 مىليارد، ساپ كېرىم 2.7 مىليارد. 127 مىڭ خىزمەتچىسى بار.

ھىندىستان تاتا گۇرۇپپىسى:

83 مىليارد، ساپ كېرىم 5.8 مىليارد. 424 مىڭ خىزمەتچىسى بار.

ئەمدى جۇڭگۇدىكى ئەڭ باي ئۈچ چوڭ شېركەت:

جۇڭگۇ نىفىت-خىمىيە سانائىتى چەكلىك شېركىتى (دۇنيادا 5-ئورۇندا):

388 مىليارد، ساپ كېرىم 11 مىليارد. خىزمەتچىسى 640مىڭ.

جۇڭگۇ نىفىت تەبئى گاز چەكلىك شېركىتى:

222 مىليارد، ساپ كىرىم 21 مىليارد، خىزمەتچىسى 539مىڭ.

بۇ كېرىمنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىسابلىساق، بۇ شېركەت پايدىسىنىڭ

0.0008% قىسمى بىر مىليون خەلق پۇلى بولىدۇ!!!

دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى:

226 مىليارد، ساپ كېرىم 4.5 مىليارد. خىزمەتچىسى 1.5 مىليون

ئۈرۈمچىدىكى گۇئاڭخۇي شىركىتى

2011-يىللىق ساپ كىرىمى 5.3 مىليارد خەلق پۇلى، كىرىمى 96 مىليارد. گۇئاڭخۇي شېركىتى ئاساسلىق ئىنىرگىيە، ماشىنسازلىق، ۋە ھازىر ئۆي-مۈلۈككىمۇ قولى سوزۇلغان، نەچچە يىلدىن بىرى ئۇدا جۇڭگۇدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىغا تېزىملىكىگە كىرۋاتقان، ھەم كىلەر يىلىدىن باشلاپ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تېزىملىكىگە كىرىش ئالدىدىكى شېركەت. گۇئاڭخۇي قانداق قىلىپ شۇنداق تەرەققى قىلدى ھەم قىلۋاتىدۇ؟ قىزىققۇچىلار تور بىكىتىگە كىرىپ كۆرۈپ باقسىلا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ ھەر چوڭ، مىليارد سوملۇق قۇرۇلۇشلىرىنى كۆتۈرەگە ئىلۋاتىدۇ. دۆلەتنىڭ ياردىمىسىز ئۇلار مۇشۇ كۈنگە كىلەلەمدۇ؟؟

10 يىلدىن بۇيان ۋاسكىتبۇل كۇلۇبىغا سالغان مەبلىغى جەمئىي 240 مىليون. ئەگەر بۇنى ھەر يىللىق ساپ كىرىمى بىر مىليارد سوم دەپ ھىسابلىساق، يىللىق سالغان مەبلىغى ساپ كىرىمىنىڭ 2.4 % گە توغرا كىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردە كۇلۇبنىڭ كىرىمىنى، ھەم شېركەتنىڭ كۇلۇب ئارقىلىق ئىرىشكەن ئېلان تەسىرىنى ھىسابلىمىدۇق.

سەمىمىزدە بولسۇنكى، ھۆكۈمەتكە باجدىن چۈشكەن پۇلدەك كۆپ پۇل بولمايدۇ، بۇنى تىرىليون ئۆلچەملىرىدە سانايسىز. ھەر تۈرلۈك چوڭ قۇرۇلۇشلار، ئۇل-مۇئاسسە، ئاددى ئاممىۋى قاتناشتىن تارتىپ ھۆكۈمەت مەلۇم شېركەتلەرگە كۆتۈرە بىرىدۇ شۇ مىليون، مىلياردلىق قۇرۇلۇشلارنى. بۇنداق چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يول مىڭىپ ئالالىغان شېركەتلەر تىز تەرەققى قىلىدۇ، خۇددى گۇئاڭخۇي دەك.

يۇقارىقى شېركەتلەر بەزىلىرى تارىخى بەك ئۇزۇن، ئاساسى ياخشى. بىرىنچى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بەك نەپ ئالغان. (ئۇرۇش جەريانىدا دۆلەت كىرىمنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ شېركەتلەرگە بەرگەن، ئىلغار ھەربى ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن، ئۇرۇش تۈگىگەندە بولسا ئەلبەتتە كىشىلەر تۇرمۇشىغا ھەم كىرىدۇ ئۇ تېخنىكا، ماشىنسازلىق شېركەتلىرى مىسال ئۈچۈن). ھىندىستان ياكى جۇڭگۇدىكى شىركەتلەر بولسا ئاساسەن ئەسلى دۆلەتنىڭ، ۋە ياكى شېركەت قۇرغۇچىلارنىڭ سىياسىيونلار بىلەن ناھايتى ياخشى مۇناسىۋىتى بولغان، ياكى ئۆزى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. شۇنداق قىلىپ چوڭ تۈرلەرنى قولىغا ئاسانلا ئالالىغان. بۇنداق تۈرلەردىن پولات-تۆمۈر، نىفىت-خىمىيە، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق دىگەنلەر ئەڭ تىپىك. ھۆكۈمەت كىمگە بەرگىسى كەلسە شۇنىڭغا بىرىدۇ، ياكى سىز رىقابەتتە ئۇتۇپ ئالىسىز.

خوش، ئەمدى يۇقۇرى سانلارنى ھازىرقى بىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىلارنىڭ كىرمى بىلەن سىلىشتۇرۇپ باقايلى، نىمنى ھىس قىلدىڭىز؟؟؟؟ قايسى بىر ئۇيغۇر كارخانىچىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى مىليارقا يىتىدۇ؟ قايسى كارخانىچىنىڭ بىر يىللىق ساپ كىرىمىنىڭ 1%ئى بىر مىليون خەلق پۇلىغا تەڭداش؟؟؟ ساپ پايدا زىيادە كۆپ بولغاندىلا ئاندىن شۇ خەلىقائارادىكى، ياكى جۇڭگۇدىكى شېركەتلەرگە ئوخشاش باشقا ئىشلارغا قوقماي خەجلىيەلەيدۇ. پۇتبۇل، كىنوچىلىق دىگەنلەر شۇ زامانلا تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. جەنۇبى كورىيە يارقىن مسالى!

تەرەققىيات ھەرگىزمۇ ئۆزلۈكىدىن بولۇپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭغا يىتەرلىك ئەمگەك كۈچى، كاپىتال، ئەقىل جۇغلانمىسى، سىياسەت، ۋە نۇرغۇن باشقا سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدە ئاندىن يولىنى تاپىدۇ.

نەچچە ھەپتە ئالدىدا ئامىركىنىڭ مارىسقا يوللىغان يۇقۇرى تىخنىكىلىق ئۈسكۈنىسىنى كۆردۇق. ئەمدى شۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك پۇل بىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

ناسانىڭ بۇلتۇرقى چىقىمى 18.7 مىليارد دوللار بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن چىقىمىدا ئىگلىگەن نىسبىتى 0.5 % (3.4 تىرىليونلۇق كېرىمدە ئىگلىگەن نىسبىتى). ئاپوللۇنى چىقارغان يىلى، يەنى ئايغا دەسسىگەن يىلى ھۆكۈمەت چىقىمىدا ئىگلىگەن نىسبىتى 4.4% بولغان!

ئەمدى ئۆزەمنىڭ گىپىنى قىلاي، مىنى پروفىسسورۇم بىقىۋاتقىلى 4 يىلدىن ئاشتى. مائاشىمنى دىمەي بولدى. مۇشۇ جەرياندا ئاساسلىق ھەم داۋاملىق بىر نەچچە ئۈسكۈنە ئىشلەتتىم، ئۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇمى سوممىسى 8 مىليون ياۋرۇغا تەڭداش. بۇ ئۈسكۈنىلەرگە كىتىدىغان توك، سۇ، ۋە يىللىق رىمونىتلاش ھەققى ئاز دىگەندە 10 مىڭ ياۋرۇ. بىر ئۈسكۈنە قۇراشتۇردۇم، چۈنكى ئۇ ئۈسكۈنىنى سىتۋىلىشقا پۇلىمىز يەتمەيتتى، يىڭىسىنى سىتۋالساق 500 مىڭ ياۋرۇ ئىدى، پارچە پۇرات ئىلىپ ئۈزەم قۇرۇشتۇرۇپ چىقتىم، 150 مىڭ ياۋرۇ خەجلىدۇق. بېرلىنغا ۋە شىۋىتسارىيە بىرىپ ئىككى ھەپتىلىك تەجىربە ئىشلەپ كەلدىم. ئۇ تەجىربىخانىدىكى پەقەت مەن ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىنىڭ بازار باھاسىلا 2 مىليون ياۋرۇ. مەكتىپىمىزدە باشقا بىر ئىنىستىتۇتتا ئىشلىتىدغان بىر ئۈسكۈنىنىڭ باھاسى 3 مىليون ياۋرۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگە شۇ ئۈسكۈنىلەردىن ئىرىشكەن نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىنى يازىمەن.

2 مىليون ياۋرۇلۇق ئۈسكۈنە

2 مىليون ياۋرۇلۇق ئۈسكۈنە

گالىلي جىسىمنىڭ يانتۇلۇق بويلاپ چۈشۈش تەجىربىسنى ئىشلىگەندە تومۇر سوقۇشىنى ۋاقىت ئۆلچىمى قىلىپ ئىشلەتكەن. شۇ زامانلاردا بىزدىمۇ ھەر ئالىملار بولغان. مانا ھازىر بىز باشقا بىر جاھاندا ياشاۋاتىمىز. بىز ۋاقىتنى مىنۇت، ھەتتا سىكۇنىت بىلەن ئەمەس، پىكۇ، فەمتۇ سىكۇنىتلارنى (نۆلنىڭ كەينىگە 15 خانە) ئۆلچەم قىلىدغان ئۈسكۈنىلەردە ئىشلەۋاتىمىز، دىمەك مۇشۇنداق ئۈسكۈنىنى سىز بازاردىن ئۇدۇللا بىرىپ ئالالمايسىز، قىممەتلىكىدە مەخسۇس شېركەتلەرگە بۇيرىتىپ ياسىتىسىز، ئۇلار قانچە دىسە شۇنچە پۇلنى بىرىسىز، چۈنكى باشقا شېركەت يوق.

ئەمدى شۇ يۇقارقى پۇللارنى بىزگە كىم بىرىۋاتىدۇ: دۆلەت ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر خەق تۆلىگەن باجىدىن بىرىدۇ، بەزىدە چوڭ شېركەتلەرمۇ بىرىدۇ، ئەگەر ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىسەك.

توغرا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر زامانىسىدن ھىچ بىر پەرىقسىز دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، پەرىق يەنە شۇ. ئەمدى بۇنى يەنە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىمىزگىلا ئارتىپ، بىر-بىرىمىزنى چىشلەپ تارتىپ يۈرۈش ئاساسسىز ھەم كۈلكىلىك بولۇپ قالىدۇ.

يىقىندا بىر رەسسامىمىز قاقشاپ قالدى: مۇشۇ ئىسلام دىنى مىنى بەك بوغۇۋەتتى دەپ. ئالدىدىلا رەددىيە بەردىم سەنئەتمۇ شۇ، ھازىرقى زاماندا، ھەممە پۇل ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، ئىشىندا پۇل بولمىسا ھىچكىم ئۆينى بىزىمەيدۇ. رەسساملىق ھەم ئادەم سىزىش دىگەنلىكلا ئەمەس. ئەدەبىيات ھەم جىنىسىيەتنى يىزىش دىگەنلىكلا ئەمەس. تىخى يىقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتېكا دەرىسى ئۆتىدىغان مۇللىم بىلەن پاراڭلاشتىم. بۇ ئاكىمىز دىنغا بەك قىلىپ كەتمەيدۇ. لىكىن دىدىكى: مۇئەللىملەر ئارىسىدا ياغلىق چىدىگىغان (ھىجابلىنىغان) قىزلارنى ياغلىقچىلار دەۋاپتۇ. ھەم شۇ ياغلىقچىلار ھەممىدىن تىرىشچان، نەتىجىسى ھەممىدىن ياخشىمىش. بېيجىڭدا لېكسىيە سۆزلىسەم كىرگەن قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ياغلىق. ئاڭلىسام ھەممىسى شۇنداق تىرىشچان ئىكەن. چۈنكى ئۇلار بەك ياسىنىپ، ياكى كىيىم ئىلىپ بازار ئايلىنىپ يۈرمەيدۇ، ئوينىمايدۇ، بەلكى ئۈگىنىدۇ. تىخى يىقىندالوندوندا ئولىمپېك بولدى، دىققەت قىلدىڭلارمىكىن، ئەتراپتا خىزمەت قىلىپ يۈرگەن قىزلارنىڭ ئىچىدە ھىجابلانغىنى خىلى بار، ھەتتا ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى يىپىلىش مۇراسىمىدە مارافونچە يۈگۈرگەنلەرنى مۇكاپاتلىغان سەھنىگە چىققان ئىككى خىزمەتچى قىزنىڭ بىرى ھىجابلىق.

شۇڭا، بەك ئەزۋەيلاپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق. كاللىسى ئىچىلسا ھىچكىم كاللا كىسىمەن دىمەيدۇ. ياغلىقمۇ ھىچنەرسىگە تاقاشمايدۇ. ئەگەر، بەك بىر توغرا ئىش قىلايلى دىسەك، سۆكەيلى دىسەك، تۈزىتەيلى دىسەك، قىلىدىغان ئىش جىققۇ. قىمار ئويناش ئىغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ، رايونىمىز ئەيدىز تارقىلىشقا 4-ئورۇندا. ئالىي مەكتەپ ئوقۇۋاتقان بالىلار ئارىسىدا ئوغۇللار ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقنىڭ ئالدىدىن كىتەلمەي، ياكى بولمىسا ئويناپ يۈرگەن ئىچىپ. قىزلار بولسا كىيىم كىيىش بىلەن گىرىم قىلىشىڭ بىسىملىرىدا دەرىسكە چۈشىدىغان كاللا يوق. قىسىقى، ھورۇنلۇق ھەممىدىن يامان. چۈنكى بۇ زامان ھورۇنلۇق قىلىدىغان زامان ئەمەس. شۇلارنى تۈزىتەيلى ئالدى بىلەن. تىرىشچانلارغا ياردەم قىلايلى. چەتئەللەرگە چىقىپ بىلىم ئىگەللىسۇن. ۋاقتى كەلگەندە كاپىتال تەييار بولۇپ قالسا، ھايىت دىسەك ھۇيىت دەپ چىقىدىغان ئىنژېنىرلىرمىز، مۇتەخەسىسلىرىمىز بولسۇن.

ھىلىمۇ شۇنداق بىر شارائىتتا تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرگەن نۇرغۇن كىشىلىرمىز بار. باي بولۇش يولىدا ئىلىمسىزلىك، بىخەستىلىك سەۋەبلىك ياتلارغا قويۇلۇپ ئۆز قىرىندىشىنىمۇ زىيانغا ئۇچىرتىۋاتقانلارمۇ بار. نىمىلا قىلايلى بىزگە ئاسان ئەمەس، لىكىن بۇنى باھانە قىلىپ چۈشكۈنلىشىش ھەم توغرا ئەمەس. پەقەت باشقىلاردىن بىر ئۈلۈش ئارتۇق تىرىشساق، ئەخلاقىمىزنى ئىتقادىمىزغا باغلاپ، ھالال ياشىساقلا ھامان قۇياشنىڭ بىزگە كۈلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ.

ئىجتىمائىي تېمىلاردا ئەمدى ئاساسەن يازمايمەن، بۇ ئاخىرقىسى بولۇپ قالغۇسى. بۇندىن كىيىن ئامال بار تەبئى پەن توغرىسىدا يازىمەن.

ئېھتىرام بىلەن
ئاچىنۇق

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئىلىمىيلىك ھەققىدە–خۇلاسە ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. aloor024 مۇنداق يازغان:

    ماشا ئاللاھ قۇربانجان، بەلەن تېمىدىن بىرنى يۇرۇتۇپسىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif