ئىلىمىيلىك ھەققىدە

بىزدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، بۇ پەقەت ئۇيغۇردىكى مەسىلەلا بولماسىتىن، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى خەلىقلەردە بار بولغان مەسىلە ئىكەن. مىسالەن: يوتقانغا قارىماي پۇل خەجلەش، ئىككى نان تاپسا بىرىسىدە داپ چىلىش. ھەر خىل يۈز ئابرۇي ئۈچۈن ئىسراپچىلىق قىلىشلار… ئاغزىدا ئېتقادىدىن گەپ پېچىپ ئەمەلىيەتتە ئەكسىنچە ئىش قىلىش… غەيۋەت شىكايەت، چىقىمچىلىق ۋە ھاكازلار… نۇرۇغۇن تەرەققى قىلمىغان ئەللەردە بۇ ئەھۋال ئوخشاش ئىكەن. ئامما شۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا بىرىپ باقمىغان كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بۇ پەقەت بىزدىلا بار كەمچىلىكتەك بىلىنىدىكەندە، ئاندىن ئۆزىمىزنى تىخىمۇ كەمسىتىپ، ناچار پىسخىكا كەيپىياتىغا يول ئىچىپ تىخىمۇ ئۆزىمىزنى ھاڭغا ئىتترىدىكەنمىز.

ئوقۇش سەۋەبلىك بېيجىڭدا تۆرت يىل ياشىدىم. گېرمانىيەدە مانا يەتتە يىلدىن ئاشتى. ھەر خىلى كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم، كۆپ مۇنازىرىلەر بولدى. مىللىتىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتى مىنى داۋاملىق ئويلاندۇرۇپ كەلدى، ھەم مۇشۇ دۇنيا كۆرۈش باھانىسىدا ئىزچىل جاۋاب ئىزدەپ كەلدىم.

ھازىرغىچە ھىس قىلغانلىرىمنى خۇلاسىلىسەم: كۆپ نەرسىلەر يەنىلا ئىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن بولىدىكەن، بولۇپمۇ تەبئى پەننىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىدىن يىراق بولۇشى ئەڭ ئاساسى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. داۋاملىق تەبئى پەن بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەم تەبئى پەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇش كىشىلەرنى پاكىتلىق سۆزلەشكە كۆندۈرىدىكەن، ھەم بىر گەپلەرنى ئاڭلىسىمۇ ئالدىراپ ئىشەنمەستىن، تەپەككۇرىنى ئىشلىتىپ ئاندىن باھا بەرگۈزىدىكەن.

تۇرمۇشتا ئەتراپىمىزدىكىلەرنى باھالاشتىن نىرى بولالمايدىكەنمىز، ئىنساننىڭ كىشىلەرنى باھالاشتىكى ئەڭ چوڭ بىر خاتالىقى، باھالاشتا ئۆز نۇقتىسىدا تۇرۇپ باھالايدۇ، بۇ يەردە ھامان باشقىلارنىڭ كاللىسىنىڭ بىزنىڭ كاللىمىزغا ئوخشىمايدىغانلىقنى، ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز. بىلگەن تەقدىردىمۇ ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلاۋىرىمىز. راستىنلا ئېينىشتىيىن دىگەندەك، ئىنسان دۆتلۈكىنىڭ چېكى يوق…

بىزدە تەبئى پەن، بولۇپمۇ تەبئى پەن ئاساسىدىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بەكلا قاغجىراپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. بۇ بىزدىلا ئەمەس، قۇياشقا بەك جىق قاقلىندىغان ئوتتۇرا-شەرىق دىگەندەك يەرلەردىمۇ ئوخشاش ئىكەن، شۇنداق مۇھىتتىكى كىشىلەر ھىسسىياتقا مايىل بولامدۇ بىلمىدىم. بۇ نۇقتىدا، گېرىتسىيەلىكلەر، ئىسپانلار، تۈركلەر، ئەرەبلەرمۇ بىزگە ئوپمۇ-ئوخشاش!  تىخى يىقىندىلا ھىگىس زەررىچىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان زەررىچىنىڭ بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمدى قاراڭ، دەل مۇشۇ زەررىچىنى بايقاش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئۆچۈن ئالىملار چوقۇم تەجىربە نەتىجىسىنى ”بەش-سىگما“ ئىنىقلىققا چىقىرىشى كېرەك. بۇ دىگەنلىك مۇشۇ بايقاشنىڭ خاتا بولۇش ئېھتىماللىقى 0.00006%، مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەندىلا ئاندىن بايقاشنى ئېلان قىلسا بولىدۇ. ئەمدى تورلاردا نەچچە يىلدىن ياقى تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ”ئاقچى-كۆكچى، يالقۇنچى، پەرھات-پوپ، ئۆزباش بىرنىمە“ لەرنى بۇ ئۆلچەمگە چۈشۈرۈپ ھۆكۈم قىلساق، ھەممىسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىدۇ. بىزدە بولىۋاتىقان ”تراگىدىيە“ دەل مۇشۇ. كىشىلەر بىر نەرسىلەرگە بەكلا ئاسان ئىشىنىدۇ (ھەر خىل مۆجىزە، ئۇچار تەخسە، مۇ قۇرۇقلۇقى، باخشى-پالچىلارغا ئىشىنىش ۋە ھاكازلار)، ئىلمىيلىكىنىڭ قانچىلىكنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ ۋە ياكى ئىلمىيلىكنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. كىشىلەر بىراۋدىن ئاڭلىغان سۆزلەرگە نىمىشقا شۇنچىلىك ئاسان ئىشىنىدۇ؟؟؟؟ نىمىسلارمۇ ئالامەت غەيۋەت قىلىدىغان خەق، بۇلار قانداق غەيۋەت قىلىدۇ: مىسالەن بىر ئادەم خىزمەتتە بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويدى، بۇ ئىش شۇنچىلىك تىز سۈرئەتتە تارقايدۇ. لىكىن راست بولغان ئىش، كۆپتۈرۈشلەردىن خىلى يىراق. يەنى بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى غەيۋەتلىرى بىراۋنىڭ قانچىلىك دۆتلۈك قىلغانلىقى، ئىقتىدارسىزلىغى، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمەسلىكى ئۈستىدىن بولىدۇ، ھەم بۇ گەپلەر ئۇزۇن زامانلار كىشىلەر كاللىسىدىن كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ياقلاردا غەيۋەت قىلىپ قالسىڭىز، گىپىڭىزگە قاتتىق ئىگە بولمىسىڭىز بولمايدۇ، چوقۇم ئەينەن بولۇشى كېرەك، گەپ قوشۇپ قويغان يىرىڭىز بايقىلىپ قالسا يۈزىڭىز بەك سەت چۈشىدۇ، سىزگە ئىككىنچى ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ.

بىزدىكى غەيۋەتتە ئازىراق پەرىق باردەك ھىس قىلدىم: گەپكە قىياسىنى قوشۇش! كىشىلەرنىڭ نىمە قىلغانلىقى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ شۇ ئىش سەۋەبلىك ”ئاشكارلىغان“ ئاللىقانداق ”مەقسەدلىرىنى، مۇددىئالىرىنى“ ئالدىن كۆرگەن ئاساستا بىرەر قۇر پىششىقلاپ سۆزلەش، ھەم ئۇلارغا شۇنداقلا ئاسان ھۆكۈم پىچىش. ئەسلى ئا چوقۇم ئا بولۇشى كېرەك ئىدى، لىكىن بۇ خىل پىكردە ئۆزگىچە يىڭىلىقلار چىقىدۇ، ئا ئۆزگۈرۈپ ب ھەتتا ز بولۇپ چىقىدۇ. ئىسپات كەلتۈرۈڭ دىسە يەنىلا شۇ تارازىغا توختىمايدىغان كۈلكىلىك ”ئىسپاتلار“. تارىخ ھەققىدە يازغان بىر تېمامدا، بىراۋغا ياقمىغان بىر ئىغىز جۈملەم ئۈچۈن،“ سىز نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسىز، نىمە ئاساسىڭىز بار “ دىگەن سۇئال ئورنىغا ”سىز كىم ئۈچۈن ئىشلەيسىز ”دىگەن سۇئال ئالدىم. دەل مۇشۇ خىل سۇئال – جاۋابلارنىڭ ۋارىيانىتلىرىنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىمىز. يەنە بىر مىسال: بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئوبزۇرىدا يازسا، شۇ ئادەم شۇنداق بولۇپ قالامدۇ؟ شۇنداق ئويلىغان بولساڭلار، بۇ سىلەرنىڭ پەقەت كىم نىمە گەپ قىلسا شۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ساددىلىقڭلارنىلا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ! قىسقىسى، بىزدە ئوبزۇرچىلىقنىڭ بەكلا يىڭى ھادىسە بولۇشى، ھەم ھىسسىيلىقنىڭ ئەقلىيلىكتىن ئۈستۈن تۇرۇشى، كىشىلەردە مۇشۇنداق كۆنەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان بولسا كېرەك. چەتئەللەردىكى تەنقىدچىلەرنىمۇ بىلىپ ئوقۇپ باقسۇن، ئۇنچىلىك تەنقىد دىگەن نىمە، بۇ تەرەپلەردە سۆكۈپ قالىدىغان بولسا بىر يەرلەرگە ئاپىرۋىتىدۇ… بىزدىكى مەسىلە شۇكى، ئوبزۇر ياكى تەنقىدكە نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ ئىلمى مۇئامىلە تۇتماسلىقىدۇر.

قېرىنداشلىرىم، بولسا ھەممىمىز  پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىمىزنى تەرەققى قىلدۇرايلى، پىكىرنى ھىسسىياتقا قۇل قىلماي ئەقىلگە تايىنايلى. كەچكىچە رومانلارنى ئوقۇۋەرمەي ئاممىباپ پەننى ئەسەرلەرنىمۇ كۆرۈپ تۇرايلى. ئەپسۇس، ھازىرچە بىزدە تەبئى پەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئاز بولۇشى ھەم تەبئى پەن ھەققىدە ئاممىباب يىزىلغان كىتابلارنىڭ زىيادە ئاز يىزىلىشى ياكى نەشىر قىلىنىشى بىزدە ”ساختا ئىلىم-پەن“ ھادىسىلىرىنىمۇ كۆپەيتىپ كىتىۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا، يىقىن كەلگۈسىدە بۇ ئىشلارمۇ ئۆزگۈرەر. پەقەت كىشلىرىمىزنىڭ تەبئى پەن قىزغىنلىقىنىڭ ئۇلغىيىشىنى، پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىشىلەر ئىلمىيلىككە قانچە يىقىن بولغانسىرى، قۇرۇق گەپلەرگە ئاسان ئىشەنمەيدىغان بولىدۇ.

ئوتتۇرا ۋە شىمالى ياۋرۇپادا تۈزۈك كۈن كۆرمەيدۇ كىشىلەر. ھاۋا ھامان تۇتۇق، ياكى يامغۇر، ياكى يەرنى بويلىغان تۇمان. بۇنداق مۇھىت كىشىلەرنى بەك زىرىكتۈرسە كېرەك. شۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىر ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ھاۋارايىنىڭ ناچار كەيپىياتىدىن قۇرتۇلۇشىنى ئويلىسا كېرەك. بۇ پەقەت مۇنداقلا ئويلىغىنىم. ئەمەلىيەتتە بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە ھەممىلا نەرسە تەسىر قىلدىكەن، جۇغراپىيەلىك مۇھىت، تارىخ، مەدەنىيەت، ئېتقاد، كېلىمات، يىمەكلىك ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر. شۇڭلاشقىمۇ، ئالدىراپ سىلىشتۇرالمايدىكەنمىز. تەرەققىياتمۇ تارىخ داۋامىدا ئۆز نۆۋىتىدە ھەر بىر قەۋىمنىڭ ئېشىكىنى چىكىپ ئۆتىدىكەن. لىكىن بۇنىڭغىمۇ فورمۇلا تۈزۈپ باقىدىغانلار بار. يەنى مەلۇم رايوندا: ئېچىلمىغان مۇنبەت تۇپراقنىڭ كېلىمات بىلەن ماسلىشىشى، ئاندىن ئۇزاق مۇددەتلىك تىنىچىلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى بىلەن نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن ئىشىشى. ئاقىۋەتتە ئەقلىنىڭ تىز جۇغلىنىشى ۋە مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ھەم ئاخىرىدا يەنە شۇ زىيادە كۆپ نوپۇس سەۋەبلىك گۈمۈرلۈشى…

شۇڭا بەزىدە بەك جىق ئويلاپ كىتىشىمىزنىڭمۇ ئورنى يوق ئىكەن. ئۇزاق مۇددەتلىك بىكىنمىچىلىك تارىخىمىز بىزنى تىخىمۇ ھىسسىياتچان قىلىپ قويۇپتۇ. بۇ خىل ھىسسىياتىمىزنى غەرىبلىكلەر چۈشەنمەيدۇ. چۈنكى بۇ خەق بەكلا ئىلمىيلىشىپ ھېسسىياتنى ئۇنتۇپ قالاي دەپتۇ، بىزدە بولسا ئەقلىيلىك كىمېيىپ كىتىپتۇ. بۇ پەرىقنى شۇ سانائەتنى ئاساس قىلغان ھازىرقى زامان تەبئى پىنىنىڭ ياۋرۇپاغا مەركەزلىشىپ، بىزگە ئوخشاش باشقا نۇرغۇن خەلىقلەرنىڭ بۇ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ سىرتىدا قالغىنى سەۋەبلىك چۈشەندىم. نەتىجىدە ھازىر بىزدە پەقەت يازغۇچى-شائىرلىرىمىز، كۈلكىلىك يىرى ناخشىچىلىرىمىزمۇ زىيالىلىرىمىزنىڭ مەزمۇنى بولۇپ قالغان. دىن ئوقۇغان كىشىلەرمۇ مۇشۇ زامانىمىزدا تۈزۈك تەبئى پەن بىلمەيدۇ، بۇرۇن ئەكىسىنچە بولغان. ياۋرۇپادىمۇ ئىلىم-پەن ئەسلى چىركاۋنى مەركەز قىلىپ باشلانغان. ئالدىنقى ئەسىردىكى تەبئى پەننىڭ بەكلا تىز تەرەققى قىلىشى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىۋەتتى…

بىزنىڭ رىئاللىقىمىز:  بىز يەنىلا نامرات، نۇرغۇن كىشىلەر قورساق، تۇرمۇش غىمىدە. كىشىلەردە ئىقتىساد، داۋالىنىش جەھەتتىن تۈزۈك بىر بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق. شۇنداق بولغاچقىمۇ، ئون مىليون خەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى پەندىن، ئىلمىيلىكتىن يىراق بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، ئاددى كىشىلەرنى دىمەيلا قويايلى، ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ھىندىستاننىڭ كىنولىرىدىن نىرى بولالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنىڭ ئەمگەك شارائىتى قانچە مۇرەككەپ بولسا، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەپەككۇرنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ، كىشىلەر تەبئى پەنگە يىقىنلىشىدۇ، شۇنداقلا ئەدەبىيات سەنئەتكىمۇ تەلىپى ئىشىپ، بۇ تەرەپلەردىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.  كۆپ كىشىلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ۋايسىغىنىنى ئاڭلاپ كىلۋاتىمىز، خەلقىنىڭ تۇرمۇش ساپاسىلا ئۆسۈپ، پەننى ساپاسى ئۆسمىسە، ئەدەبىياتقا بولغان تەلەپمۇ ھىچ ئۆسمەيدۇ. كىشىلەر يەنىلا شۇنداق ئاددى ھىكايىلەردىن تەسىرلىنىپ ئوقۇۋىرىدۇ، خۇددى ھىنىدىستان فىلىملىرىنى زىرىكمەي كۆرگىنىدەك.

شۇنداقتىمۇ يازغۇچىلىرىمىزدىن بىر نەرسىنى تەلەپ قىلىمەن: بولسا داۋاملىق تۇرمۇش، مۇھەببەتنى ئاساسى تېما قىلغان ئەسەرلەرنى يىزىۋەرمەي، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، تەبئى پەنگە قىزىقتۇرىدىغان، پەننى تەپەككۇرىنى قوزغىتىدىغان فانتازىيەلىك، رازۋىتكا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى يازسا، داڭلىق كىشىلەرنىڭ تەرجېمھاللىرىنى يازسا (چەتئەللەردە تەرجمھال خاراكتېرلىك ئەسەرلەر بەكلا بازارلىق كىتابلار بولىدىكەن، ئالىملار ھەققىدە، سانائەتچىلەر، سىياسىيون ۋە باشقا ساھەدە نەتىجە ياراتقان كىشىلەرنىڭ تەرجېمھالى بەك تىز چىقىدۇ). ئەلۋەتتە، بۇنداق ئەسەرلەرنى يىزىش ئۈچۈن شۇ يازغۇچىلارمۇ تەبئى پەن ئۈگىنىشىگە توغرا كىلىدۇ.  يىقىنقى يىللاردا دۇنيادا ئەڭ كۆپ سىتىلغان ھارىي-پوتىرچۇ؟ ئۈزۈك شاھى رومانى، فانتازىيەلىك، ياكى بىر ئەسر بۇرۇن يىزىلغان  كونان دويىل تىپىدىكى رازۋىتكىلىق رومانلار بىزدە يوق، matrix, inception دىگەندەك ئەسەرلەر تىخىمۇ يوق. مانا، ئىمكان دىگەن بارغۇ مەنا ئىزدىسە، ھەممە كىشى قوبۇل قىلىدۇ شۇنداق يازسا. بىزدە تەبئى پەن بىلىدىغان يازغۇچى قانچىلىك؟ بەلكىم بۇ ئارتۇقچە سۇئالدۇ. ئەگەر بىزدە كۆپلىگەن تەبئى پەنچىلەر بولسا ئىدى، ئارىدىن بىرسى بولسىمۇ زاغرا تىلدا ھازىرقى زامان تەبئى پەنلەردىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە كەلگۈسى ھەققىدە يىزىپ باقسا. ئاندىن يازغۇچىلىرىمىز شۇ ئاساستا فانتازىيەلىك رومانلارنى يىزىپ چىقسا…. دىمىسىمۇ ئامىركىدەك دۆلەتلەردە زاغرا تىلدا يىزىلغان تەبئى پەن كىتابلىرى خىلىلا بازارلىق ھەم بەك تىزلا فانتازىيەلىك رومانلارغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن كىنولارغا ئىلىنىپ بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

گېرمانىيە تېلىۋىزىيەسىدە ئاساسەن دىگۈدەك رازۋىتكا رومانلىرىنى ئاساس قىلغان كىنولار، قىسىملىق فىلىملەر قويۇلىدۇ. شۇنچىلىك كۆپلىكىدىن ھەتتا بۇ خەق زىرىكمەمدىغاندۇ دەپ قالىسىز. ئەگەر كىشىلەر بىلەن ئەدەبى قىزىقىش ھەققىدە گەپلىشىپ قالسىڭىز بەك كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن فانتازىيە رومانلىرىنىڭ مۇشتىرى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. كىشىلەر مۇنازىرىلىرىدىمۇ ئالدىراپ خۇدا ھەققىدە گەپ ساتمايدۇ، كۆپىنچە ئادەملەر سىياسىغا قىزىقمايدۇ، بەكىرەك ئىقىتسادقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. تەنتەربىيە، ساياھەت، ھاۋارايى قاتارلىقلار ئاساسى تېما. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەبئى پەن ئاساس بولغان سەۋەبلىك چۈشەندىم. يەنى كىشىلەر بەكلا ئەمەلىيەتچىل، ھىسسىياتقا بەك ئىسىلۋالمايدۇ. بۇنىڭ تەسىرىنى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ بەك ھىس قىلىسىز. قىز-ئوغۇللار بەكلا ئاددى-ساددا كىيىنىدۇ. ئاپتۇبۇسلاردىمۇ كونسىپىكنى ئوقۇپ ياكى يېزىپ كىتىۋاتقان.

نىمىلا دەيلى، ھەققى بىر تەرەققىيات ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرھال ئەقلى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى ئۆسمىسە بەرىبىر بىكار. بۇنىڭغا مەدەنىيەت ئىنقىلابىلا ياخشى مىسال: ئۇنداق ئىلىم-پەن زاۋال ھالەتتە كىشىلەر شۇ قەدەر دۆتلىشىدۇكى، بىر ئىغىز سۆزىڭىز بىشىڭىزغا چىقىشى مۇمكىن. ئىلىمسىزلىك تولغان جايدا، دىنمۇ رادىكاللىشىدۇ، كىشىلەر قورقماي يالغان سۆزلەيدۇ يۇ، مەسچىتتە پۇشقاققا ئېسلىدۇ. كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى ئاسان غىدىقلىنىدىغان ئىشتاننىڭ ئىچىدىكى ئىشلار، ئويۇن تاماشا ئىشغال قىلىدۇ. ”قانداق بولساڭلار شۇنداق باشقۇرۇلىسىلەر“ دىگەندەك بولىدۇ. كىشىلەر تەڭسىزلىككە سۈكۈت قىلسا، باشقا ئىشلارمۇ سۈكۈت قىلغانچە بولىدۇ. بىر-بىرىگە يالغانچىلىق قىلسا، ساختىپەزلىك قىلىسا،  ھۆكۈمىرانلارمۇ شۇنىڭغا ماس، چېركلىشىدۇ.

ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىرقى ئىلىم-پەن سانائەت بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. سانائىتى يوق مىللەتنىڭ تەبئى پىنىمۇ بولالمايدۇ. بىزدە سانائەت يوق، بولغان تەقدىردىمۇ ئېشىكلىرى بىزگە تاقاق، پەقەت دەرۋازىۋەنلىك ئىشىپ قالىدۇ بەزىدە. پاكىتقا ھەممىدىن تايىنىدىغان تەبئى پەن يوق بولغان ئىكەن، كىشىلەر پاكىتنىڭ نىمىلىكىن ھەم مۇھىملىقىنى ئۇنتۇشىدۇ. نەتىجىدە، يالغان ياۋداق-ئۆسەك سۆزلەرگە، غەيۋەتچىلىككە يول چىقىدۇ، ھىچكىم سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيدۇ، نىمە ئاڭلىسا شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. بۇ خىل توپقا دىمۇكىراتىيەمۇ ياراشمايدۇ، تۇتقۇزۇپ قويسىڭىزمۇ، يەنىلائۇنى بىر ئۆرۈپلا دىكتاتۇرا قىلىۋالىدۇ، خۇددى لىۋيەدە قەدافىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى ئۆچرەت تۇرۇپ كۆرۈپ يانفونىدا رەسىمگە تارتىشقىنىدەك…مىڭ شائىر، مىڭ يازغۇچى بولسىمۇ، ھەتتا نوبىل مۇكاپاتى ئالسىمۇ مو يەنگە ئوخشاش، ھەققى تەبئى پەن ۋە ئۇنىڭ مۇھىتى بولمىسا، پاراڭنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي ئىنسان ھامان ئەمەلىيەتتىن يىراقلىشىدۇ، ئەتراپىمىزدا جىنسىيەت، كېيىم-كېچەك ۋە ئويۇندىن باشقا نىمە پاراڭ تېمىسى قالدى؟  كىشىلەرنىڭ قولىدا ئايفون، لىكىن كاللىسىدىكى پەننى بىلىم ۋە ئاڭ ئېشەكنىمۇ خىجىل قىلىدۇ (ئېشەك ئېشەش قىلمىغان، كۈچى يەتمەيدىغان ئېرىقتىن ئۈزەمنى كۆرسىتىمەن دەپ سەكرىمەيدۇ).

مەنچە كىشىلەر يوغان يوغان ئىدىيەلەرگە ئېسىلماستىن، ئەقىلگە ئېسىلىشى، ئەقىلگە ئىنتىلىشى كېرەك، پەننى بىلىم بولمىسا يەنە نىمە كۈتىمىزكىن شۇ ”ئىدىيە“لەردىن؟ ئىدىيەنى ئىلمى تۇرغۇدا چۈشىنىدىغان كاللا بولمىسا نىمە پايدىسى؟ بەك چوڭ ئىشلارغا ئالدىراپ ئېسلىماستىن، ئاللاھنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى ئىسپاتلايمەن دەپ يۈرمەستىن، ئاسمان نىمە ئۈچۈن كۆك، قۇياش پاتقاندا ئۇپۇق نىمىشقا قىزىرىدۇ، ھەم شۇنداق كۈننىڭ ئەتىسى ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ؟ ئايدا نىمىشقا ئاسمان ھامان قاراڭغۇ؟ بىر ۋاراق قەغەز قانداق قىلىپ بىر ئىستاكان سۇنى كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ دىگەندەك سۇئالارغا جاۋاب ئىزدەش بىلەن باشلىنىشى كېرەك. ئىسلام ئىتقادى، نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ئالغان دوكتۇر ئابدۇسسالامغا، نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى ئالغان ئەخمەد زەۋائىل غا تاقاشمىغان ئىدى. پەيغەمبەرىمىز ”بىلىم چىندە بولسىمۇ ئىلىڭلار“ دىمىگەن بولاتتى. ئەقىلدىن يىراقلاشقان بىلىمسىز كىشىلەرگە ھەممىلا نەرسە زىيان قىلىدۇ!…

قاچان بىر كۈن، شۇ مىللەت توپىدىكى ھىچ بولمىغاندا 50% ئادەم مۇشۇنداق سۇئاللارغا جاۋاب بىرەلىسە، بەلكىم نۇرغۇن تىتىقسىزلىقلا ئۆزلۈ كىدىن تۈزىلىپ كىتىشى مۇمكىن، كىشىلەرنىڭ دىققتىنى، ھەم ھوزۇر ئىلىش دائىرىسىنى باشقا ئىشلارمۇ ئالالايدۇ، ئىلمى فانتازىيەلىك رومانلار، رازۋېدكىچىلىق ھىكايىلىرى بەكىرەك قىزىق نۇقتا بولىدۇ (نوقۇل ھىندىستاننىڭ كىنولىرى نەزەردىن قالىدۇ، كىشىلەر ھىسسىياتنىلا ئاساس قىلۋالمايدۇ)، ھەم ئىلمىيلىك، ئەمەلىيەتچانلىق، ئەستايىدىللىق كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىگە سىڭىشىدۇ.

ئەمدىكى گەپ قانداق قىلىپ كىشىلەرنى تەبئى پەنگە قىزىقتۇرۇش: بەك مۇرەككەپمۇ ئەمەس بۇنىڭ پىرىنسىپى. ئىنسانىنىڭ پىسخىكىسى شۇنداق، نىمە تېما كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ئەڭ كۆپ دىيىلىسە، ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ شۇ تېمىغاب بەكىرەك دىققەت قىلىدۇ، چۈنكى ئىنسان ھامان ئىجتىمائىيلىق بىلەن ئىنسان. كىشىلەرنىڭ ئاددى پاراڭلىرىمۇ تەبئى پەن ھەققىدىكى تېمىلار بولسا، داۋاملىق ھايۋاناتلار دۇنياسى، ئالەم ۋە چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەرنى بەكىرەك كۆرسەك، ئاممىباب تەبئى پەن ھەققىدىكى لېكسىيەلەر، كۆرسەتمە تەجىربىلەر كۆپەيسە، ئىلمىيلىك ئاسانلا شۇ قەۋىمدە ئۆز يولىنى تاپىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەبئى پەن ئوقۇغانلارغا چەتكە چىقىپ ئوقۇشمۇ ھەممىدىن ئاسان توختايدۇ. ھەم كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا مۇكاپات ئالالايدۇ، بۇنى ئاتا-ئانىلار ھەم بىلىشى كېرەك. ئەڭ تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر تەبئى پەنگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ ئاجراتقان دۆلەتلەردۇر. بىز بولساق، بىر ئاماللارنى قىلىپ، پەن-تېخنىكىغا تايىنىدىغان سانائەتنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك بولىۋاتقان تەبئى پەن قۇرغاقچىلىقىنى ئوڭشاشقا تىرىشساق بولىدۇ. ئەلبەتتە ئاسان ئەمەس، كۆپ ئىش قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

پەرزەنىتلىرىمىزنى كىتابخانىلارغا ئاپىرايلى، رومان ئوقۇتماي قىزىقارلىق پەننى تەجىربە كىتابلىرىنى ئوقۇتايلى، ھەم شۇنداق تەجىربىلەرنى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولايلى، رىغبەتلەندۈرەيلى. ئىمكانيىتىمىز بولسا، مۇزىيلارغا ئاپىرايلى، تارىخنى ئۈگەنسۇن. تەبئى پەن ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن قىزىقارلىق، گەپ قانداق قىلىپ شۇ بالىلارغا شۇنداق مۇھىت يارىتىشتا، ئاخىرىنى ئۆزلىرى چىقىرالايدۇ.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەن بۇ قالايمىقان يېزىلغان تېمامدا چەتئەللىك ئاقچى-كۆكچى دىمەكچىمۇ ئەمەس، بىز ئۇنداق ناچار دىمەكچىمۇ ئەمەس. بەلكى ئىلمىيلىكنىڭ بىزدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقانلىقى ھازىرقى زاماندا بىزگە بەك زىيان قىلىدىغانلىقنى، تەرەققىياتىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىچىكى بۆلىنىش ھاسىل قىلىپ تىخىمۇ كۆپ تەپرىقچىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى دىمەكچىمەن. بۇنىڭ داۋاسى، ھەممىمىزنىڭ تەبئى پەنگە قىزىقىشى، پەرزەنىتلىرىمىزنى تەبئى پەنگە قىزىقتۇرۇشنىڭ بەك مۇھىملىقىنى دىمەكچىمەن.

 

oghuzkb

27-ئوغۇز، 2012-يىل

ئۇلمدا يېزىلدى

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئىلىمىيلىك ھەققىدە ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. روسلان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ھېيتىڭزغا مۇبارەك بولسۇن !
    تۇرمۇشىڭىز ، ئۈگىنىش ،تەتقىقات ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن !
    مەن ئەمدى ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقىتىم .بىر خىل ئۈگىنىشتىن زىرىكىپ كەتتىم .بۇ تەرەققىي قىغان ، چوڭ شەھەردىن بىزارلىق ھىسىياتتا ئۇقۇۋاتىمەن. سىزنىڭ ۋە سىزدەك ئۇقۇۋاتقانلارنىڭ ئىرادىسگە قايىلمەن~

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم!
      رەھمەت، سىز بىلەن ھەم بىرگە بولسۇن! ئاللاھ ئۈگىنىشنىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلغۇسى.

      بۇنداق پاسسىپ گەپ قىلمايلى، ئادەم ھەممىگە كۆنۈشتىن بولىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ئۈگىنىش قىلىپ كۆنىۋالسىڭىز كىيىنچە ئۈگەنمىسىڭىز زىرىكىپ قالىدىغان بولۇپ قالىسىز. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ، تىل ئۈگىنىڭ، ئىشقىلىپ كىيىن ئۆز كەسپىڭىزنى قىلالمىغان تەقدىردىمۇ ئەس قاتىدىغان بىر نەرسىلەرنى ئۈگىنىپ تۇرۇڭ. بولىسا كىيىن يىشىڭىزغا ئەگىشىپ تىخىمۇ تەس بولىدۇ ئۈگىنىش. ئاللاھ سىزگە ئاسانلىق بەرسۇن!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif