بۆرە ۋە ئىنسان

يىقىندا گېرمانىيە دۆلەتلىك ئىككىنچى قانىلى ”پېلانىت ئى“ ناملىق پروگراممىسىدا مەخسۇس بۆرىلەر ھەققىدە ئىشلەنگەن 28 مىنۇتلۇق بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئاخىرىداراق كۆرسىتىلگەن بىر كۆرۈنۈش بەك ياراپ كىتىپ كېسىپ چاپلاپ قويدۇم. تولۇق تەرجىمە قىلىشقا ۋاقت يەتمىدى، بەزى يەرلەردىكى مەنىسىنى چۈشىنىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن يىزىپ قويدۇم. ئەلۋەتتە، تېكىستى بەك مۇھىم ئەمەس، كۆرۈپلا چۈشىنەلەيسىلەر. بۇ بۆلەكتە، بىئولوگ ئالىملىرىنىڭ كانادانىڭ ئادەم ئايىغى باسمىغان بىر ئارىلىدىكى بۆرىلەرگە قارىتا ئىشلىگەن بىر تەجىربىسى كۆرسىتىلگەن. ئوماق ئاپامنىڭ گىپى بويىچە ”مۇشۇ چەتئەللىك دىگەننىڭ قىلمايدىغان ساراڭلىقى يوق ھە!“. قانچىلىك ساراڭلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەڭلار بىلىسىلەر.

كىچىكىمدە بىر قىتىم تاغدىكى بايتىلىمىزنى مالچىمىز بۆرە يەپ كەتتى دەپ تېرىسىنى كۆتۈرۈپ كەپتىكەن. چوڭلاردىن بۆرە ھەققىدە جىق گەپلەرنى ئاڭلايتتىم، ئوۋغا يالغۇز چىقمايدىغانلىقى، قاتتىق مۇنتىزىم ھەربىيلەردەك ئوۋنى قورشاپ، تاكتىكا ئىشلىتىپ تۇتىدىغانلىقى، ئوۋدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى، كۆزى ئىچىلمىغان كۈچىكىنى بىقىۋالسىمۇ يەنىلا ئىگىسىگە يانىدىغانلىقى قاتارلىقلار. بەلكىم بۇنى كۆرسىڭىز ئۇلارنىڭ باشقا تەرەپلىرىنىمۇ كۆرۈپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.

ھايۋاناتلار دۇنياسىغا ئوخشاش پروگراممىلار، ھۆججەتلىك فىلىملەر، بالا تەربىيىسى ئۈچۈن بەك مۇھىم دەپ ئويلايمەن. شەھەرلەشكەنسىرى بالىلىرىمىزغا ھايۋاناتلار توغرىسىدا ئاجايىپ گەپلەرنى قىلىپ بىرىدىغان بوۋىلىرىمىز قالمىدى. بۇنىڭ ئورنىنى قانداق تولدۇرىمىز؟ تور بولغان ئىكەن، مۇشۇنىڭدەك فىلىملەرنى ئۆزىمىز يىغىپ ساقلاپ، ياكى كىتابخانىلارغا بىرىپ سېتۋىلىپ كۆرسەتسەك بولىدۇ.

ھۆججەت پارولى:
1234

http://v.youku.com/v_show/id_XNDQ2MTg1OTgw.html

http://player.youku.com/player.php/sid/XNDQ2MTg1OTgw/v.swf

 

oghuzkb

7-مىزان

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

بۆرە ۋە ئىنسان ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    ئاكا،سىز يوللىغان نەرسىلەرگە بەكمۇ قىززىقىمەن،لېكىن كۆرەي دېسەم كۆرگىلى بولمايدۇ.بۇ ھەرگىز تور سۈرئتىدىكى مەسىلە ئەمەس ،بەك تويدۇم.

  2. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    مەخپىي شىفىر كىرگۈزۈلگەن دەيدۇ،مەخپىي نومۇرى زادى قانچە؟

  3. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    كىيۇ كىيۇ رىڭىزنى بىرى ئوغۇرلىۋالمىغاندۇ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      سىز ئوغىرلىغانما؟ (چاقچاق)
      شۇنداقىراق بىر ئىش بولدى، خەقلەر مىنىڭكىگە كىرىپ ئىشلىتەلەپتۇ. QQ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك دېتال، ئەپسۇس كىشىلىرىمىز شۇنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان. ئەمدى ئۇ QQ نى ئىشلەتمەيمەن، بۇرۇنمۇ ئەسلى ئاز ئىشلىتەتتىم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif