ئەڭ گۈزەل كىرىشتۈرۈلگەن كىنو ۋە مۇزىكا

ھىيىت باھانىسىدە بىر نەرسە يىزىۋالاي…

ستىڭنىڭ ”قەلبىمنىڭ شەكلى“ نامىلىق ناخشىسىنى يەنە ئاڭلاپ قالدىم، ھەم تەبئىلا مىنى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ناخشىغا شۇ قەدەر جەلىپ قىلغان كىنونى ئەسلەپ قالدىم. ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقى بولسا كېرەك (ھىمم، نەقەدەر تاتلىق ۋاقىتلار). كۆپىنچىمىزنىڭ كومپيۇتېرى يوق ئىدى. پەقەت كومپيۇتېر فاكۇلتىتىدىكى ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ ھەمكارلىشىپ ئالغان بىرى بار ئىدى. ئادىتىمىز بويىچە جۈمە كۈنى كەچتە ئۈگىنىشتىن يىنىپ، قەدىردان ئاغىنىمىزنىڭ ئاران 90 سانتېمىتېر كىلدىغان پەستىكى كارۋىتىغا ئۈچ تۆتەيلەن قىستىلىشىپ ھەپتە ئاخىرىدا مىھرى ئەڭ ئىسسىق (ئۇ ياتاقمۇ شۇنداق ئىسسىپ كىتەتتى، كۈن سوغۇق ۋاقىتلاردا شۇنداق خوش يىقىپ، ”ئانايۇرت“ رومانى تۇنجى قۇرلىرىدىكى كاڭلىق ئۆيدەك تەسىرات بىرەتتى) ”مەڭگۈلۈك كىنوخانىمىزغا“ تىقىلىپ كىتەتتۇق. ئاغىنىمىز ئاكتىپلىق بىلەن ئەڭ ياخشى كىنولارنى تاللاپ، ئۆزى بىرەرقۇر كۆزىن كەچۈرۈپ بولىدىكەن دىگەن يەرگە كەلگەن كىنولارنى تەقدىم قىلاتتى. كىنوخانا كەيپىياتنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە بەس سىلىپ، دوق قىلىشىپ، يىغلاپ قاخشاپ ”ۋاي تىخى ئۆتكەنلا مەن ئالغانتىم، سەن بىر قىتىم بولسىمۇ ئىلىپ قويمامسەن ماندا، بەك پىت جۇمۇ سەن (ئىچىمىزدە ياغانلادىن دەۋاتقانلىمىزنى بىلىپ تۇرىمىز ئەمما)“ دىيىشىپ دىگۈدەك بىرىنچى قەۋەتتىكى دۇكاندىن شۇ چاغدا كۆڭلۈمىزنى ئوغۇز ئىپوسىدىكى پەرىشتە قىزدەك ئەسىر قىلۋالغان، ئاغىزغا سالغۇچە ئىرىپ كىتىدىغان شاكىلات كۇملىچىدىن بىر بولاق ئالغاچ چىقاتتۇق. بەزىدە قەلەندەرچىلىكتە ھەممىز تىيىن تىيىنلاردىن يىغىش قىلىپ ئىككى سوم پۇلنى ئاران جەملەيتتۇق. شۇنىڭ بىلەن كىنو باشلىناتتى دە، كىنوغا شۇنداق كىرىشىپ كىتەتتۇقكى ئاغىزدا شۇ قەدەر تىز ئىرىيدىغان كۇمۇلاچمۇ ئۇنتۇلۇپ قىلىنىپ، تۆت تال كۇمۇلاچ شۇنداق بەرىكەتلىك بولۇپ كىتەتتى.

http://www.tudou.com/v/2_Gzguf68mI/&resourceId=0_04_05_99/v.swf

ئەلقىسسە، شۇ ۋاقىتلاردا بىر كىنو كۆرۈپ قالدۇق. ئۇ كىنو شۇنداق ياراپكەتتى، كىنو بىلەن بىرلىشىپلا كەتتۇق. باشتىن ئاياق قوللىنىلغان سارغۇچ ھەم سۇس رەڭلىك كۆرۈنۈش مەزمۇن بىلەن شۇنداق جىپسىلاشقاندەك: خوشاللىقتىن يىراقتەك، زىركىشلىك ۋە پېقىرلىق. كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقىنى بىلمىگىنىدەك ئىنىقسىزلىق. خۇددى لىيونمۇ شۇنداق. ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈردىغانلىقنى بىلمەيدىغاندەك. ئىشنى تۈگىتىپ ئۆيىگە كىلىدۇدە، تەشتەكتىكى گۈلىنى خۇددى بوۋىقىنى يۇيۇپ تارىغاندەك سۈرتۈپ سۇ قۇيۇشلىرى، ئۇنىڭ شۇ بىر تال ھەمرىيى، ھاياتىدا شۇ گۈلدىن باشقا نەرسە يوقتەك. تىخى ئۇ گۈلنى بەلگە سۈپىتىدە ئىشلىتىشى، ئۇنىڭ بىر كەسپى قاتىل ئىكەنلىكىنى بىزدىن گۇمانلاندۇرىدۇ… مىنى ئۆزىگ ئەڭ قىزىقتۇرغىنى، ئۇنىڭ كەمسۆزلىكى ئىدى. ئادەم ئۆزىدە نىمە كەم بولسا شۇنىڭغا ھەۋەس قىلغاندەك، مەن بەك تولا گەپ قىلاتتىم ئەسلىدە، ھەتتا ئىڭەكلىرىمنىڭ ئاغرىپ، باشلىرىمنىڭ ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى تۇيۇپ قالاتتىم. لىيون بولسا شۇنداق كەمسۆز، شۇنداق بىر سىرلىق تۇيغۇ بىرەتتى. ئۇنى كۆرگەن كىشى ئۇنىڭ ھىكايىسىگە تەبئىيلا قىزىقاتتى. ئۆزىنىڭ خوجىدارىنىڭ قويمىچىلىق قىلۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بىلمەس بولىۋالاتتى، گەپ قىلماي بەرگەن پۇلىغا رازى بولۇپ كېتىۋىرەتتى، ئامما بىر نەرسىلەرنى ئىچىدە بىلەتتى. خۇددى مەن بىر چاغدا ئىككى شاكىچىككە بىلىپ تۇرۇپ ئالدانغاندەك، ئالدىنىشقا رازىدەك. شۇنىڭدەك ئەركەك بولسام …

مۇھەببەتتىن مەھرۇم قىز بالدۇرلا چوڭ بولۇپ كەتكەندەك، جىق ئىش بىلەتتى، بەلكى ھەدىسىنىڭ تەسىرى… چېچەنلىكىدىن ئۆيىدە بولغان پاجىئەنى بىلىپ ئۈلگۈردى، ۋە ئۆزىنى خۇددى مىنى قىزىقتۇرغاندەك قىزىقتۇرغان، كەمسۆز، زىيادە سىرلىق، ئامما بىر يەرلىرىن ئىنسانىيلىق غىل پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان خوشنىسىنىڭ ئىشكىنى چەكتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىن-بىر ئۈمىد شۇ ئىدى. تەييارلىقسىز تۇرغان لىيون بەكلا تەڭقىسلىقتا قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ غىلاپ ئىچىدىكى تىنىچ ھاياتىنى ئاشكارلاشنى خالىمايتتى. ئامما ئۇنىڭ كەسپىيلىكى ئىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆڭلىگە بىلدۈرۈپ تۇرغاچقا، ئاخىرى ئىنسانىيلىق ئۈستۈن كىلىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئەمدى دىققەت قىلىڭ، چىرايىدىن قورقۇنۇچ، يىلىنىش ئۈنسىز ياشلىرى بىلەن سىرغىپ چۈشىۋاتقان ئۈمىدىسز چىراي ۋاللىدە يورۇدى، ئىشكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خۇددى جەننەتىن كەلگەن نۇردەك بىر نۇر قىزچاقنىڭ پۈتۈن جىسمىنى دەقىقە ئىچىدە ئىللىتىپ ئۈلگۈردى.

قىزچاق ھەممىدىن نارەسىدە ئۇكىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە چىدىيالمىدى، قەتئ‍ى قىساس ئىلىش ئۈچۈن لىيوننىڭ دۇنياسىغا كىردى. لىيونمۇ ئۆمرىدە ھىچ ئۇخلاپ باقمىغاندەك بىر ئۇخلىدى، ھەم ئۆزىنىڭ شۇنداق ئۇخلاپ قالغانلىقىدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ كەتتى. يا، ئاجايىپ ئىشلار بولىدىكەن ھە، ئۇ ھاياتنىڭ ھوزۇرىنى نە زامانلاردىدۇر ئۇنتۇپ قالغان ئىدى ھە. ئەمدى بىزگە لىيون بىر رومانتىك كۆرۈندى، خۇددى بىز ئۈمىد قىلغاندەك. سۆيگەن يارى ئۇنىڭ ئۈچۈن جان بەرگەن ئىدى، قىساسىنى قىلىپ قىچىپ كەلگەن ئىدى ئۇ قىتئە ئاتلاپ. ھايات بەرىبىر مەنىسىز ئىدى ئۇنىڭغا. بەلكى بىر پاي ئوق بىلەن سۆيگۈنىنىڭ قىساسىنى ئىلىش ئۇنىڭغا يىتەرلىك بولمىغاندەك، كەسپى قاتىللىق يولنى تاللىدى… بەلكىم پەقەت شۇ تەپكە، شۇ پۇراق، ئۇنىڭ ئاچىچىق يارىسىغا داۋادۇر…بەرىبىر ئۇ ئەسكى ئادەملەرنى ئۆلتۈرەتتى…

لىيون ئۈچۈن ھايات ئۇزاقلاردىن بىرى شۇنداق بولۇپ قالغان: ئۇ خۇددى باشقىلار بىلەن ئاددىلا قەرت ئويۇنى ئويناۋاتقاندەك. مەقسىدى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. قولىدىكى قەرتنىڭ مەنىسى نىمىدۇر… بوب، چىتىر، تۇز، … ھايات خۇددى سىرلىق گىئومىتىريەلىك بەلگىلەردەك. قەرت ئوينايدۇ، ئامما نىمە ئۈچۈن ئويناۋاتقانلىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ غىلاپلىرى كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ پەقەت بىرلا غىلىپى بار. ئۇ قورقۇمسىز! ئۇ قولىدىكى ئالماسنىڭ پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەم شۇنداقلا، غىلاپنىڭ ئىچىدىكى ئۇ، قەلبىنىڭ پۇل ئۈچۈن سوقمايدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىدۇ! ئۇ قەرت ئوينايدۇ، ھۆرمەت ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆزىنى ئويلاندۇرۇش، گىپنوزا قىلىش ئۈچۈندەك. ئۇ دەيدۇ، بۇ سەنئەتنى بىلىمەن، ئۇلار ھەر نەرسە دەيدۇ، بىلىشمەيدۇ، گۇمانلانمايدۇ، لىكىن بۇ مىنىڭ ھەققى قەلبىم ئەمەس!

ئۇ ئاخىرى تىنىچلىققا ئىرىشتى، قىزچاقنىڭ ئۆچىنى ئالدى. بۇرۇن سۆيگىنىنى قۇتقۇزالمىغان ئىدى، ھايات قالدى ئامما، روھسىز دۇنيادا ياشىدى. بۇ قىتىم قىزچاق ئۈچۈن ئۆچ ئالدى، قىزچاق چىن ھاياتقا قايتتى، ئۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى ئامما روھىنى تىپىۋالدى. قىزچاق لىيوننىڭ تەشتەكتىكى گۈلىنى مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى چىملىققا يۆتكەپ قويدى، ئۇ گۈلمۇ خۇددى لىيوندەك ئەمىن تاپتى. دەل شۇ چاغدا ستىڭنىڭ يۈرەكنىڭ تارىنى چىكىدىغان مۇزىكىسى چىقىدۇ، ناخشا بىلەن كىنونى تۈگىتىسىز. ئۇ مۇزىكا كىنوغا شۇنچىلىك ماس كەلگەنكى، ئىككىنچى بىر مۇزىكىغا مۇمكىنلىك يوق. ستىڭنىڭ سۈركلۈپ چىقىدىغان، ئەرلىك بىلەن سوغۇرۇلغان ئاۋازى، بىزگە لىيون بىلەن قوشۇلۇپ ئەركەكلىكنى ئەڭ ئەشەددى تۈستە سىغىندۇرىدۇ… ئاندىن ناخشا تېكىستىنى ئۈگەندىم، ۋاي، ئۇنىڭدەك ماس كەلگەن تېكىست بارمىدۇ؟! توغرا كىلىپ قالغانمىدۇ شۇنداقلا، ناخشىنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا لىيون بار، شۇ سىرلىق، مەنىسنى بىلىپ-بىلگىلى بولمايدىغان قۇملۇقتىكى ئالۋۇندەك گاھ يېشىلسىمان گاھ سارغۇچ رەڭ بار! ھايات ۋە ئۆلۈم بار!

”Shape Of My Heart“

He deals the cards as a meditation
And those he plays never suspect
He doesn’t play for the money he wins
He doesn’t play for the respect
He deals the cards to find the answer
The sacred geometry of chance
The hidden law of probable outcome
The numbers lead a dance

I know that the spades are the swords of a soldier
I know that the clubs are weapons of war
I know that diamonds mean money for this art
But that’s not the shape of my heart

He may play the jack of diamonds
He may lay the queen of spades
He may conceal a king in his hand
While the memory of it fades

I know that the spades are the swords of a soldier
I know that the clubs are weapons of war
I know that diamonds mean money for this art
But that’s not the shape of my heart
That’s not the shape, the shape of my heart

And if I told you that I loved you
You’d maybe think there’s something wrong
I’m not a man of too many faces
The mask I wear is one
Those who speak know nothing
And find out to their cost
Like those who curse their luck in too many places
And those who fear are lost

I know that the spades are the swords of a soldier
I know that the clubs are weapons of war
I know that diamonds mean money for this art
But that’s not the shape of my heart
That’s not the shape of my heart

مانا بۈگۈن بۇ ناخشىنى يەنە قايتا قايتا ئاڭلاپ تۇرۇپتىمەن. ھىيىت كۈنى. 7 يىللىق يالغۇزچىلىق… ئۆيدىكىلەر بىلەن ھىيىت ئۆتكۈزمىگىلى 13 يىل بوپتۇ. تۈنۈگۈن ئاپام بىلەن توردا ئىكرانلىق كۆرۈشتۈم. ئاپام نىمىشقىدۇر، چىرايى ئېچىلماپتۇ. كۆپ گەپ قىلمىدى. ئامما سەزگۈر قەلبىم ئاپامنىڭ ئەينەكتىنمۇ ئوچۇق قەلبىنى كۆرۈپ ئۈلگۈردى. ئاپام مىنى مەن ئاپامنى سىغىنغاندىمۇ بەكىرەك سىغىنار ئىدى. ساڭزىلادىن ئىغىز تىگەلمىدى، مەن ئەتكەن تاماقلاردىن يىيەلمىدى، ھويلىدا بىز خەقلەرگە بىرىپ تۈگىتەلمەيۋاتقان، قىزىرىپ شۇنداق تاتلىق پىشقان بەرىكەتلىك ئۆرۈكلەردىن يىيەلمەي قالدى بالام دەيدۇ، ئۆز ئاپىسىنى ئەسلىتىدىغان، شۇ قەدىردان ئاپىسى بىر ياشقىچە بىقىپ خوشلاشقان ئاپىسى يىنىدا تۇرغاندەك بولاتتى، ئاپام بۇرۇنقىدىنمۇ سەزگۈر بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىلىپ تۇرۇپتىمەن. قۇرلارنى يىزىۋاتىمەن، ياشلىرىم ئېتىكىمگە تۆكۈلدى، شۇنچلىك بىر كۈچ بىلەن يىشىمنى بىسىۋاتىمەن، بۇ كۈچ باشلىرىمنى، گەجگەمنى ئاغرىتىپ ئۈلگۈردى. ئاپئاق تاڭ ئاتقۇزۇپ، ۋەتەنگە بىرىپ دەم ئىلشنىڭ پىلانى بىلەن قۇياشنىڭ گېرىمىنى كۆردۈم. … بىلمەي قالدىم، شۇ خىياللار بىلەن يەكشەنبىلىكىنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن، ئاپتۇبۇسنى قاچۇرۇپ قويۇپ ئەنسىرگىنىمدەك نامازغا 5 مىنۇت كىچىكىپ قاپتىمەن. شۇنچىلىك بىر كۆڭلۈم بۇزۇلدى، يىلدا بىر كىلىدىغان ھىيىت نامىزىغىمۇ كىچىككەن ئىدىم. ھىچكىم يوق بىر ئۆيگە كىرىپ ئىمامنىڭ خۇتبىسنى ئاڭلىدىم. تەكبىر ئىيتىۋاتىمەن تەسەللى ئۈچۈن، يەنىلا بۇ يىر يىلنى بىراق ئىسراپ قىلغاندەك تۇيغۇدە كۆڭلۈم غەش…

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئەڭ گۈزەل كىرىشتۈرۈلگەن كىنو ۋە مۇزىكا ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. روسلان مۇنداق يازغان:

    ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ئۆگىنىشىڭىز بەركەتلىك بولسۇن! ئۈچ يىل بوپتۇ ئۆيدە ھېيت قىمغىلى. بۇقىتىم ھەجەپ ئوبدان تەتىلدە كەلدى.
    ئۆيگە قايتالماپسىزدە. …
    سىزگە ھېيتلىق بېرەي ئەمسە:
    ئىلىم يۇلىدا ئەلەم چەككەن ئادەم
    ،ئەلەم ئەمەس بەخىتكە قۇيىدۇ قەدەم.

    تىلفوندا ھەجەپ يىزۋاتتىم (ھېجىيىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)

  2. مەن كىم مۇنداق يازغان:

    رابىيە ئانىمىز ئشلىگەن فىلىمنى كۇرۇشكە ئمكان بارمۇ ؟؟؟؟ بۇجايدا تاپقىلى بولمىغان ھەمىگە چەك قۇيۇپ !!!!!!!!!

  3. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    سالام!
    بۇ ناخشىنى مەنمۇ بەك ياخـتۇرىمەن،لىكىن فىلىمنى كۆرمەپتىكەنمەن،ۋاقت چىقىرىپ كۆرۈپ باقاي. بەك تەسىرلىكتەك قىلىدۇ. ؛)
    اللا بۇيرىسا بۇ يىل ھىېيىتتا كىلەرسىز!

  4. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif