سەۋەرا نازارخان، ئۆزبىكىستان ناخشىچىسى. تاساددىپى بىر پۇرسەتتە ناخشىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ھەم ئاۋازىغا كۆيۈپ قالدىم. ئەڭ مۇھىمى، پەقەت مىللى چالغۇلار بىلەن ئورۇنلىغان بىر نەچچە ناخشىسى يۈرەككە تەگدى. بىر سىلىق، مۇزىكىمۇ يىقىملىق. كۆپىنچە ئۇيغۇر ناخشىچىلىرىمىز مۇزىكىغا بەكلا كۈچىمەيدۇ، بەكلا شاۋقۇنلۇق، كىشىنىڭ ئارامىنى بۇزىدىغان. ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ پەرۋانەڭ بولاي، جانان ئۇيقىدا دىگەن خەلىق ناخشىلىرىنى ئورۇنلىغان دىسكىسى ھەممىدىن ياخشى چىققان دەپ ئويلايمەن. مۇزىكىسى ياخشى چىقمىسا ناخشا ئاڭلىغۇم كەلمەيدۇ شەخسەن، تېكىستى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ.