ئالىملار 45 يىلدىن-بىرى كۈتىۋاتقان ھىگىس بوزۇنغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان زەررىچە بايقىدى

نەچچە يىللاردىن بىرى نۇرغۇن ئالىملار كىچە-كۈندۈزلەپ كۈتىۋاتقان تەجىربىدىن ئاخىرى بىر نەتىجە چىقتى: دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەجىربە دەپ قارالغان ياۋرۇپا ئاتوم تەتقىقات ئورگىنىنىڭ (قىسقارتىلما ئىسمى CERN، ھازىر ھەممىمىز ئىشلىتىۋاتقان ئېنتېرنىتمۇ مۇشۇ تەجىربىخانىدا بارلىققا كەلگەن) LHC ئاتلاس تەجىربىسى ئۆزلىرىنىڭ ھىگىس زەررىچىسىگە ئوخشايدىغان بىر يىڭى زەررىچە بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئورگان باشلىقى گېرمانىيەلىك پروففىسسور غولف-دىتېر ھويىر تۈنۈگۈن ئورگان يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئىغىر نىمىس تىلى تەلەپپۇزىدىكى ئىنگىلىز تىلىدا ”مەنچە بىز تاپتۇق، قوشۇلامسىلەر؟“ دىگىنىدە گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭرىدى. بۇ تەجىربىگە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئونمىڭدىن ئارتۇق ئالىم-ئىنژىنېرلار قاتناشقان. بۇ تەجىربىخانا 98-يىلدىن 2008-يىلىغىچە ئارلىقتا قۇرۇلۇش تاماملانغان بولۇپ، 2010 يىلىغىچە كەتكەن چىقىم 7.5 مىليارد ياۋرۇ، ھىسابىتا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت ئىلمى-تەتقىقات ئۈسكۈنىسى.

بۇ تەجىربىنىڭ ئاساسى مەقسىدى ئۆلچەملىك مودىل بىشارەت قىلغان ھىگىس زەررىچىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش ئىدى. ئاددى چۈشەندۈرۈشتە ھىگىس زەررىچىلىرى بىرلىشىپ ھىگىس مەيدانىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ھاسىل قىلغان مەيدان بىلەن باشقا ئاساسى زەررىچىلەر تەسىرلىشىدۇ، ھەم بۇ تەسىرنىڭ دەرىجىسى زەررىچىنىڭ ماسسى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. يەنى ھىگىس بوزۇن ئۇقۇمى بولغاندىلا ئاندىن بىز زەررىچىلەرنىڭ ماسسى ھەققىدە گەپ ساتالايمىز. ھىگىس مەيدانىنى ئالىملار سۇغا ئوخشىتىدۇ، كىچىك بىلىقلار سۇ بىلەن ئاز تەسىر قىلىشقاچقا ماسسى كىچىك بولىدۇ، خۇددى ئېلېكترونغا ئوخشاش يەڭگىل زەررىچىلەر. ئادەملەر ئاستا ئۈزىدۇ، چۈنكى بىز سۇ بىلەن كىچىك بىلىقلارغا قارىغاندا بەكىرەك تەسىرلىشىمىز، بۇ دىگەنلىك ماسسىمىز چوڭ دىگەن گەپ (بۇ پەقەت ئوخشىتىشلا خالاس).

http://public.web.cern.ch/public/en/lhc/lhc-en.html

http://www.bbc.co.uk/news/world-18702455

oghuzkb
ئۇلم

بۇ يازما ئۇچۇر-خەۋەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif