داۋامى بار

بۇ شىئېرىمنى ئەسلى ئىنگىلىز تىلىدا يازغان ئىككى يىل مۇقەددەم (ئادرىسى بۇ يەردە). يېقىندا قەيسەر ئىنىم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپتىكەن، ئەسلىسىدىنمۇ ياخشى چىققاندەك تەسىر بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ مۇشۇ كۈنلەردىكى ھېسسىيات بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم، ھەم ھېسسىياتىمنى شۇنداق ياخشى ئىپادىلىگەندەك ھېس قىلدىم، سىلەر قانداق ھېس قىلىسىلەر ماڭا قاراڭغۇ…

cn

ug

داۋامى بار

ق. ب. ئاچىنۇق

ۋاقىت
ئۇ رەڭسىز سائەت
دادامنىڭ بېغىشىدا
چىك چىك چىك
مىس چاقلىرىدىن چىققان ئاۋاز
قۇلىقىم يېنىدا
تەۋىتىدۇ يۈتكەن روھلارنى
سېھىرلەيدۇ ئەينەك خىياللار.

چىك چىك چىك
چىكىلدايدۇ جىمجىت تاملاردىن
بەلكى پولدىن ياكى تورۇستىن
ئاپام غەمسىز ئەتكەن چاي ئىچكەچ
پەرىشتىلەر بار دەيدۇ ئۆيدە
سايرىشىدۇ قالغاچلارمۇ ھەم
دادام ياساپ بەرگەن ئۆيىدە
دېمىگىن مېنى ئۆتمۈشكە ئەسىر
ئاڭلىمىدىم قايتا بىر يەنە…

ۋاقىت
جىلۋىلەنگەن ئىسپىسلار پىرقىراپ
جىرىڭلىغان ئاۋازلار بىلەن
كېلەر مەلۇم تونۇش سىمالار
ياۋايى دەپ بىلسەم ئۆزۈمنى
ئۇنتۇلدۇردى ئالەم مۇستەسنا.
كۆڭلۈم ھارغىن شىئېر يازىدۇ
بىلمەك ئۈچۈن ھايات سىرىنى
سۆيگۈ ئەسلى شائىر ئىجادى
ئالدىنىمىز مەستخۇش خىيالى.

ۋاقىت
تۇنجۇقىدۇ سائەت ئىچىدە
بەزىدە تىز بەزىدە ئاستا
قېتىپ قالسىكەن دەيمەن
خۇددى دالىنىڭ ئەسىرىدەك
يىراق يۇرتنى كۆرگەن چېغىمدا.

ۋاقىت
ئۇنتۇلدۇرماي دۆتلىكىمىزنى
قايتىلايدۇ تارىخنى يەنە
كىنو لېنتىسىدەك سۈرۈپ ئارقىغا
تاماشامنى كۆرسەڭمۇ مەيلى
بىلىمەن بۇ رىئاللىق
نەھاجەت، يەنىلا كۈلۈپ قوي
تېتىپ باققىن غېرىبلىقىنى.

چىك چىك چىك
ئۈمىدلىرىم تاماكا ئىسى
تارقاپ كېتەر ئاچچىقى بىلەن
جىرەن قاشقىنىڭ تىنىقىدىن
قاراڭغۇلۇق يۇتقىچە ئالەم
پەرىشانلىق ئاققان كۆزۈڭدە
تاشلاپ قويغىن گۈزەللىكىڭنى
قىتىپ قالسۇن چاناقلىرىمدا.

چىك چىك چىك
مەھبۇسلۇققا گىرىپتار ھەممە
نەپسى قوغلاپ چۆلدىكى ئالۋۇن
تىنىچلىق يوق ھەتتا گۆرىدە
بوپتۇ كۈلگىن تارتقاندا رەسىم
ئۇنتۇلدۇرسۇن ھالىڭنى بىردەم
ھايات ئەسلى فانىي بىر دۇنيا
ئۆتۈپ كېتىمىز بىلەلمەستىنلا.

ۋاقىت
چىك چىك چىك
يۈتۈپ كېتەر شۇنداقلا…
تىڭىرقىما جانلار
ۋاقىت ئۇچمايدۇ ئەسلى
ئۇچۇپ كىتىمىز بەلكى بىز
ماياتنىكنىڭ ھېسسىز ئوقىغا…

2017-يىل 14-ئوغۇز

يورك

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, شىئېرلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif