ئانايۇرت: سەن ئۈچۈن بىر ئۈمىد

—-كەلگۈسىدىكى ۋەتىنىمىز ھاۋارايى ھەققىدىكى ئىھتېماللىقلار

يۇرتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ قۇرغاق رايونلارنىڭ بىرى، بولوپمۇ تەكلىماكان دەل شۇ ئالاھىدە قۇرغاقلىق سەۋەبلىك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولوپ قالغان. ھىندى ئوكياندىن كەلگەن يامغۇرلۇق ئىقىمنى ئىگىزلىكى ھىمالايادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قارا-قۇرۇم تاغلىرى توسىۋالسا، سىبىريەدىن كىلىدىغان ھۆلچىلىكنى تەڭرىتاغلىرى توسۇپ قويىدۇ-دە تارىم ئويمانلىقى تەبئىلا ھىچقانداق بولۇت كىرەلمەس كوھىقاپقا ئايلىنىپ قالىدۇ. لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇ تاغلارنى قارغاشنىڭ ھاجىتى يوق. يەنە شۇ ئۆتەلمىگەن بولۇتلار ئۆزىنىڭ دەردىنى شۇ تاغلارغا تۆكىۋىتىدۇدە بۇ ھەيۋەتلىك تاغلارنى مۇزلۇق بىلەن تويۇندۇرىدۇ. دەل شۇ مۇزلۇقتىن ئىرىگەن سۇلار پۈتۈن تارىم، قاراشەھەر، ئىلى، سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىنى سۇ بىلەن قامدايدۇ.مانا بۇ دەريالار پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەتنى ئەسىرلەردىن بىرى بۆشۈكىدە تەۋرىتىپ كىلىۋاتىدۇ.

لىكىن ئارال دىڭىزنىڭ يوقۇلۇشى بىلەن باشلانغان تىراگىدىيە ھەممىمىزنى چۆچۆتۈپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا ئالىملار ئارال دىڭىز يوقىلىپ كىتىدۇ دىگەندە ئىشەنمىگەن ئىدىم، خۇددى ئۇلار بەك ئاشۇرۇپ مۇبالىغە قىلغاندەك. ئەمدى يەنە شۇ ئالىملار ھاياتلىقىمىزنىڭ تومۇرلىرى بولغان شۇ دەريالار، يەر-شارىنىڭ ئىللىشى تەسىرىدە تەڭرىتاغ، پامىر ۋە قاراقۇرۇمدىكى مۇزلۇقلارنىڭ يوقىلىشى بىلەن بىرگە يوقىلىدۇ دەپ بىشارەت بەرمەكتە. ئەمەلىيەتتە بۇ ھازىر بىشارەت ئەمەس، بىز ئاددى كۆزىمىز بىلەن كۈزىتەلىگىدەك تىزلىكتە يۈز بىرىۋاتىدۇ. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقىنىمدا ھەر تەنەپۇستا سىرتقا چىقىپ خانتەڭرىنى مەركەز قىلغان تەڭرىتاغلىرىغا تويماي قارايدىغان ئادىتىم بار ئىدى، قاچان بىر كۈنى شۇ يەرلەرگە بىر بىرىپ باقسام دەپ ئارمان قىلاتتىم. ئىككى يىل ئالدىدا ئۆي يوقلاش بىلەن بىر باردىم، دىققەت قىلدىمكى مەن كىچىكمدە بىلىدىغان قار سىزىقلىرى كۆپ ئۆزگىرىپ، مۇزلۇقلار كىچىكلەپ كىتىپتۇ. بۇ خىل رىئاللىق مىنى يۇرتىمنىڭ كەلگۈسىدىن بەكلا غەم قىلىدىغان قىلىپ قويغان ئىدى. ئويلاپ باقايلى، ئۇ مۇزلۇقلار يوقاپ كەتسە، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئون مىليون خەلقىمىز، فەرغانە ۋادىسىدىكى 20 مىليوندىن ئوشۇق ئۆزبەك، تاجىك قىرىنداشلىرىمىز نىمىگە تايىنىپ ياشايدۇ؟؟؟

ئاللاھ غا مىڭ شۈكرى، 122 يىللىق تارىخقا ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ نوپوزلۇق ژۇرنال دۆلەت جۇغراپىيەسى (national geographic) نىڭ 2009-يىللىق 4-سانىغا بىسىلغان بىر ماقالە بىزگە ئازىراق ئىلھام بولىدىكەن. بۇ ماقالىدە كەلگۈسى يىرىم ئەسىردە يەر-شارىنىڭ مۇھىتىدا قۇرغاق رايونلارنىڭ كىڭىيدىغانلىقى ئىلىمى مودىللار بىلەن تەخمىن قىلىنغان، يەر-شارى خاراكتىرلىق قۇرغاق ۋە ھۆل ھاۋا ئىقىملىرىنىڭ ئۇچرىشىش يۈزى ھازىرقى شىمالى ۋە جەنۇبى 30° پارالىلدىن تەخمىنەن شىمالى ۋە جەنۇبى 40° پارالىلغا يۆتكىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن قۇرغاق رايونلار دائىرىسى ھازىرقىدىن كۆپ كىڭىيىدىكەن. بۇنىڭ ئاقۋىتى دۇنيادا ئاشلىق قەھەتچىلىك پەيدا قىلىشى مۇقەررەرلىكتەك تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ماقالىدە بىرىلگەن خەرىتىدىكى 2041 دىن 2070 يىلىغىچە بولغان ھۆل-يىغىن مىقدارىنىڭ بىشارەتلىك خەرىتىسىدە بىزنىڭ يۇرتىمىز ھۆل-يىغىن 50 پەرسەنت ئاشىدىغان (خەرىتىدىكى يېشىل رەڭلەر) رايون بولوپ قالغان. رايونىمىزلا ئەمەس، پۈتكۈل قۇرغاق ئوتتۇرا ئاسىيا يېشىل رەڭگە پۈركىنىپتۇ!!!

خەيىر، بۇ پەقەت بىر مودىل، كىم بىلىدۇ، ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىدە يەنە نىمە ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. تۇيۇقسىز يەنە بىر ئىشلار چىقىپ شۇ ئالىملارمۇ ئاغزىنى ئىچىپلا قىلىشى مۇمكىن. قارايدىغان بولساق ھازىرقى ئاسترونومىيەدىمۇ قارا ئۆڭكۈر قاتارلىقلار توغۇرلۇق مىڭدىن ئوشۇق مودىل بار، ھەر مودىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكى بار، لىكىن قايسى مودىل ئەڭ توغرا بۇنىڭغا ھازىرقى ئىلىم-پەن تىخى تەجىربە ئارقىلىق جاۋاب بىرەلىگىنى يوق. بەلكىم يۇقارىقى مودىلمۇ خاتا بولوپ چىقىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۈمىدسىزلىككە ئەسىر بولغان پىكىرلىرىم قايتىدىن بىر ئىچىلىپ قالدى. بىلدىمكى، ئىنسان ھەر نەرسىنى قىلسۇن، ئەگەر ئاللاھ رىزقىمىزنى بەرگەنلا بولسا ھامان بىر سەۋەبلەر بىلەن بىزگە بىر چىقىش يوللىرى بىرىدىغاندەك تۇرىدۇ:-) كىم بىلىدۇ، بەلكى «ئوتتا كۆيۈپ يوقالغۇچى دۇنيا» نىڭ شۇ تەرەپكە ئالغان قەدىمىنىڭ باشلىنىشىدۇ… 1971-2000 يىلغىچە بولغان ئوتتۇرچە ھۆل-يىغىننىڭ 2041-2070 يىللىرىدىكى ئوتتۇرچە ھۆل-يىغىن ئۆزگىرىش پىرسەنتى ئەھۋالى

 

ھاۋا ئىقلىمى ئايلانمىلىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئەھۋالى

 

 

مەزكۇر ژۇرنال شۇ سانىنىڭ ئۇلىنىشى

دۆلەت جۇغراپىيەسى 2009-يىللىق 4-سان ئۇلىنشى

 

Oghuzkb

2010.06.13

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif