ئەپقاشتى پاراڭلار

تەبئىي پەن كەسپى ھاياتى مېنى قانداق ئۆزگەرتتى؟…

ئەلۋەتتە، چوڭ بولۇش جەريانىمىزدا، ئاساسلىقى ئاتا-ئاتىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى ئىجتىمائىي مۇھىت بىزنىڭ خاراكتىرىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. خاراكتىرىمىزنىڭ قانچىلىك قىسمى ئىرسىيەت (تەسىرى بەك تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن) بۇمۇ تېخى ئىنىقلاشمىغان نەرسە (چۈنكى ئادەمنى ئۇنداق تەجىرىبە قىلغىلى بولمايدۇدە). خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ نوپوزلۇق ئالىملارنىڭ بېرى نوئام چومىسكى (گۇگىلدىكى ئەسەرلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان سانىلا 250 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ كىشىدىن يۇقۇرسى يوق مەنچە) مۇ ئىنساننىڭ تىل قابىليىتى، يەنى گرامماتىكا قۇرۇلمىسى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مىڭىدە شەكىللەنگەن دەپ قارايدىكەن (ئەلۋەتتە باشقىچە قاراشتىكىلەرمۇ بار)… بىرمۇنچە گەپ قىلىپ دېمەكچى بولغىنىم شۇ ئازىراق پو گەپكە ئاساس سېلىش (ئوخشىتىپ پو ئىتىشمۇ بىر ھۆنەركەن ئەسلى) يەنى، مەن دىمەكچى، نەچچە تاغنىڭ ئىچىدە، سەھرانىڭ سەھراسىدا ياشىغىنىغا قارىماي ئاپامنىڭ جەمەتى ئاجايىپ، پەقەتلا شۇ جەمىيەتكە ماس كەلمىگەن دەرىجىدە ئەمەليەتچان تىپلاردىن ئىدى، بولۇپمۇ يىقىن ھەدىسى ئىككىسى… مىسالەن: پۇل خەجلەشكە، ياشاشقا كەلگەندە كۆز-كۆز قىلىشنىڭ قارشى ئوقىدا ئىدى. خۇددى نىمىسلاردەكلا بىرخىل… دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارسا، باسنۇچكىسىنىڭ (يازدا كىيىدىغان ساپما كەچكە ئوخشايدىغان ئاياقنى دەيمەن، پۇتىڭىزنىڭ 88% كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان) ئىچىگە پايپاق كىيىپ يۈرىدىغان، خەق زاڭلىق قىلامدۇ كارى يوق، جىنىمنىڭ راھىتى دەپ يۈرىۋېرىدۇ، شۇنداقلەرنى كۆرسەڭلار چوقۇم نىمىسكەن دەپ بىلىڭلار. ساۋاقداشلىرىمىنىڭ ھەممىسى داتوچەي كىيسە (بۇتس دەۋالمىزغۇ ھازىر، كىچىك ۋاقىتتا شۇنداق دەتتۇق، كەچۈرۋېتىڭلار) ماڭا مومخەي (نىمدا بىر لاۋزا ئىسىملاردۇ تىپىلمىغاندەك دەيمەندە) ئېلىپ بىرەتتى… كورىيە ئۇرۇشىدا قىشىنىڭ قىشىدا ئاكۇپتىن بىشىنى كۆتۈرەلمەي تەرىتىنى ئىشتانغا قىلىدىغان (مەرگەنلەر قاراپ تۇرىدۇ، جان تاتلىقتە، تۆلەنگەن بەدەل ۋەھشەت) شۇ ھەربىيلەر كېيىدىغان بۇنداق ئاياق گۈزەللىك ئۆلچىمىمگە مىڭ مەرتىۋە يىراقتا بولسىمۇ ئاپامىنىڭ «ئىسسىق تۇرىدۇ پۇتۇڭ» دىيىشلىرى بىلەن ئامالسىز كىيەتتىم، نەچچە كۈن خىجىل بولۇپ كۆنۈپمۇ قالاتتىم. يەنى، راستىنلا ئىسسىق بولاتتى شۇ ئاياق. بۇنداق مىساللار بەكلا كۆپ… شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمغا قارىغاندا بەكلا ئەمەلىيەتچان بولۇپ قالدىم… كىتاب خالىتىسى بولۇپ كەتتىم… 16 ياشلىق چاغلاردا ھەممە يىقىن ئاغىنەم تاماكا چىكىپ باقتى، ئۆپكەمنى بۇلغاپ ساراڭمۇ مەن دېدىم… ھاراق ئىچىشتى، مەس بولغاننىڭ نەرى ياخشى دېدىم… شۇنداق قىلىپ تازا ئاشۇ تەپسە تەۋرىمەس بىرى بولدۇم، خۇددى بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ دادىسى كىتىۋاتقان قويدىن بىرىنىڭ قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈپ كۆتىگە بىرنى تىپىپ غىڭ قىلمىسا مۇنۇ قوي بولىدىكەن دېگەندەكلا… … مۇھەببەت دېگەن ئۇقۇم ئەمدى چىقىۋاتقاندا سىنىپتا جىنسى قىزىقىشىمنى تۇنجى قوزغىغان بىر قىزغا كۆڭلۈمنى بىلدۈرەلمەي ئىچىم سىقىلىپ بىر كۈنى تەنەپپۇستا، سىنىپتىلا، ھەممىسى ئەتراپىمدا قىقان-چوقان سىلىشىپ يۈرگىنىدە، دىرىزىدىن بىشىنى سىرتقا چىقىرىپ تۇرغان قىزغا:…
كەچۈرۈڭلار، كىنو لېنتىسىنى بىر ئارقىغا پىقىرتىپ قايتا كىلەيلى، (قىقاش-چوقان سېلىۋاتقان ۋاقىتتا دېگەن يېرىدىن كېيىن) توغىرسى مەن ئۇ قىزغا بېرىپلا ساڭا بىر گىپىم باردى دىدىم. قىز دەرىزە يىنىغا باردى، شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن چۈشكەندەكلا مېنى ياخشى كۆرەمسە دەپلا سورىدۇم. بۇ يىرى راست، ۋەقە بىشىدىكى ئىككى كۆرۈنۈشنىڭ قايسىغا ئىشەنسەڭلا بولىۋېرىدۇ. ھىم، قىز كۈلدى، توغىرسى بىر خىل خىجىللىق بىلەن، ھىچ كۈتمىگەن بولسا كېرەك چىرايىغا يىزىقلىق، لىكىن بىشىنى دىرىزنىڭ تىشىغا چىقىرىپ پەسكە چۈشۈپ كىتىدىغاندەك (ئىككىنچى قەۋەت ھەر ھالدا) بىر ئىگىلىپ، تال چىۋىقتەك (بەدىنىمۇ شۇنداراق، ئۇسسۇلچىمىزىتى ھەم پائالىيەتلەردە، كېيىنمۇ شۇنىڭدا ئوقۇدى ئەتىمالىم) يەنە ئىتتىك قاڭقىپ، يەنە شۇ كۈلكە ئارلاشقان چىرايى بىلەن ئەركىلەپلا ياق دىدى. قانچىلىك رومانتىك ھىكايىلەر يېزىلىپ كىتەر ئىدى ھە شۇنىڭ ئارقىسىغا… ھەم ئەقىللىق ھەم چىرايلىق بىر قىز، ماڭا ئامراقلىقىنى ھەم ياخشى بىلىمەن (خاتا ئويلىمىغان بولساملا، شۇڭالاشقىمۇ باشتا بەك ئەسكى مۇئامىلە قىلاتتىم نىمىشقىكىن، مېنى “ياخشى” كۆرۈشىنى قەتئىي خاتا دەپ چۈشىنەتتىمدە… بۇ خۇدايىممۇ قىزىق، نىمىشقا قىزلارنى بىزدىن بالدۇر ئويغىنىدىغان قىلىپ قويغان بولغىيتى، بىر خىل چۈشىنىكسىز، تەڭ ئويغىنىپ كەتسە ئالەم-مالەم بولىدۇ دەمدۇ يا يوق دىگىلى بولمايدۇ). ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، يىگىت قىزنىڭ گىپىنى ئۇدۇل چۈشەندى، ھەم شۇ كۈنى، يامغۇرمۇ ياغمىدى بولمىسا يامغۇر ئۆكسىمەيدىغان يۇرتتا، مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە پىيادە ئىككى كىلومېتىرنى بىسىپ بولغۇچە كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدى. ئۇ قىزدىن ھەئە دىگىسى بولسىمۇ ئوينىشىپ، نازلىنىپ شۇنداق دەپ قويغانمىدۇ، يەنە بىر ئىنىقلاپ باقاي دىگەنلەرنى ئويلاشمىدى. شۇنداق قىلىپ تۇنجى crush ئىس-تۈسسىز، غەيۋەتچىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىلەرمۇ دىمەستىن بۈشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇردى. ياخشى كۆرمىسە بولدى قىلاي دىدى شۇ… ئەلقىسسە، ئارىدىن 20 يىل ئۆتتى، يەنە شۇنداق پوزىتسىيەدە (پولات قانداق تاۋلاندى روھى بار ھە بىر خىل، ئىزچىللىق دەپ مەنچە مۇشۇنى دەيتمىز). خۇدايىم خىلى بىلەن يارىتىدىكەن دەيدۇ، ئەگەر بۇ گەپ راست بولسا، مەنمۇ يېقىندا شۇنداق بىر پولات-تۆمۈرگە ئۇچراپ قالدىم، ئىچىمدىكىنى تاپ دىمىسە ھورۇن تارانچىغا بەك خوش ياقىدىكەن زادى… …

 

داۋامى بار…

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئەپقاشتى پاراڭلار ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. لەگلەك مۇنداق يازغان:

    ئاخىرىhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif

  2. Ivan مۇنداق يازغان:

    ئاخىرى بىكار ۋاقتىڭىز چىققان ئوخشايدۇhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif

  3. لەگلەگ مۇنداق يازغان:

    ما ھەپتە ئاخىرىمۇ چىقىپ كىتەي دىدى، يازسىلا دەيمە!!!

  4. لەگلەك مۇنداق يازغان:

    كىنو سىنارىسى يازسىڭىز چۇقۇم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ چاقچاق ئەمەسhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gifئوسكارغا ئېرىشكەن كىنولارنىڭ كۆپسانلىقىنى پەقەتلا چۈشەنمەيمەنhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif

  5. قۇتبىلگ مۇنداق يازغان:

    ياخشى ئەسەر … داۋامىغا تەقەززامىز.

Ivan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif