بۇ دۇنيادىكى ئەڭ پرىنسىپچان بىر ماتېماتېكنىڭ ھىكايىسى

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ پرىنسىپچان بىر ماتېماتېكنىڭ ھىكايىسى

گرىگورى پېرىلمان

grigori perelman

تەبئىي پەن كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان كىشى، ئەگەر شۇ پەنگە ھەققى شۇڭغۇپ كىرگەن بولسا، تەبئىيلا ئا نى ئا دەيدىغان، ز نى ز دەيدىغان، ئالدىراپ بىر نەرسىگە ئىشەنمەيدىغان، ھەم ئالدىراپ بىر نەرسىنى ئىنكار قىلمايدىغان، ئېھتىياتچان ئەمما پاكىتقا ئېسىلىۋالىدىغان، زىيادە ئادىللىق-توغرىلىقتا چىڭ تۇرىدىغان پىرىنسىپچى خاراكتېر يىتىلدۈرىدىكەن. ئەپسۇس، كۈنىمىزدە تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى بەكلا كۆپەيگەچكە كىرىپ قالىدىغان ساختىپەزلەرنىڭ سانىمۇ ئوڭ تاناسىپ بۇ چەمبىرەكتە.

ۋەقەلىك ئەسلى گىرىگورى پېرىلمان ئۈستىدە بولۇشى كېرەك، يازماقچى بولغىنىممۇ شۇ… 66-يىلى لېنىنگرادتا تۇغۇلغان بۇ ماتېماتېكا تالانتىنىڭ ئىقتىدارى كىچىكىدىنلا نامايەن بولغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىرنى 10 يىشىدىلا ھەيران قالدۇرغان، ھەم خەلقارالىق ئولىمپىك ماتېماتېكا ئالتۇن مىدالى ئالغان. 90-يىلى دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈپ لېنىنگرادتا بىر مەزگىل تەتقىقاد بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن بىر نەچچە ئامېرىكىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەتقىقات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ تەكلىپكە بىنائەن UCL بېركىلىي قاتارلىق جايلاردا ئىلمى زىيارەتلەردە بولىدۇ. بۇ جەريانىدا بىر نەچچە ماتېماتېكىلىق قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلىپ تالانتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىدۇ.

ئەينى چاغدىكى تونۇشلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پېرىلمان تىپىك كىتاب خالىتىسى (ئەسلى نېرد nerd دىمەكچى، مەنچە بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە يىڭى سۆز تېپىلىشى كېرەك، كىتاب خالىتىسى بۇ يەردە ماس كەلمەيدۇ) بولۇپ، كىشىلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتى بەك چەكلىك بولغان، ھەر قانداق پارىڭى پەقەت ئىلمى مۇنازىرە بىلەنلا چەكلەنگەن. شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى ماتېماتېكىدىكى 10 چوڭ قىيىن مەسلىنىڭ بېرى بولغان پوئىنكار قىياسىنى يىشىش ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان رىچارد ھامىلتوننىڭ لېكسىيەسىنى بېرىپ تىڭشاپ قالىدۇ، ھەم بۇ ئۇزۇندىن بۇيان ماتېماتېكىچىلارنى (بۇ قىياس تۇنجى قىتىم پوئىنكار تەرىپىدىن 1904-يىلى ئوتتۇرغا قويۇلغان، توپولوگىيە ئىلمىدىكى ئەڭ مۇھىم قىياسلارنىڭ بېرى) قىيناپ كېلىۋاتقان مەسىلىگە قىزىقىپ قالىدۇ. بەزى ئادەملەر بولىدۇ، بىر مەسلىگە كىرىشىپ قالسا، ھەل قىلمىغىچە قەتئىي بولدى قىلمايدىغان. ئەپسۇس، بۇ قىتىم پېرىلمان كىرىشىپ قالغان مەسىلە ھەرگىزمۇ ئاددى مەسىلە ئەمەس ئىدى… ئۇ 1994-يىلى سوئۇل قىياسىنى ئېسپاتلاپ داڭىق قازىنىدۇ ھەم ستانفورد، پرىنىستون (ھېلقى مەشھور ناشمۇ شۇ فاكۇلتىتتا ئىشلىگەن، Beautiful Mind كىنوسىدا تەسۋېرلەنگەن ئەدەم) قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتىتلاردىن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. پىرىلمان بۇ خىزمەتلەرنى بىردەك رەت قىلىپ سانكىت-پېتىربۇرگدىكى(بۇرۇنقى لېنىنگراد) ئەسلى خىزمەت ئورنىغا تەتقىقاتچى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ. پېرىلمان تاشقىرى دۇنيانىڭ مەۋجۇدلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ دېگۈدەك بۇ مەسىلىنى يېشىشكە ئۈن-تىنسىز كىرىشىپ كېتىدۇ. ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ 2002- ۋە 2003-يىلى پېرىلمان ئۆزىنىڭ ئىسپاتىنى Archive ئوچۇق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىپ، ماتېماتېكا ساھەسىنى زىل-زىلىگە سالىدۇ. مەسىلە بەكلا قىيىن بولغانلىقتىن، پېرىلماننىڭ ئىسپاتنىڭ توغىرلىقىنى ئىسپاتلاشقىمۇ تۆت يىلچە ۋاقىت كېتىدۇ. پېرىلماننىڭ توغىرلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ماتېماتېكا ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مىداللار پېرىلمانغا بېرىلىدۇ. لېكىن پېرىلمان بىردەك رەت قىلىدۇ. باشتا ماتېماتېكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى دەپ قارىلىدىغان فىلدز مىدالىنى رەت قىلىدۇ (ھازىرغىچە بىردىنبىر رەت قىلغان ئالىم)، ئاندىن قىممىتى بىر مىليون دوللارلىق مىڭيىل مۇكاپاتى (بۇ مۇكاپات ماتېماتېكا ساھەسىدىكى ئەڭ قىيىن دەپ قارالغان 7 مەسىلىگە قارىتا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خالىغان بىر مەسىلىنى يەشكۈچىگە 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتى بېرىلىدۇ، يەنى millennium prize) نىمۇ رەت قىلىدۇ، ھەرخىل نەسىھەتلەر كار قىلمايدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتىنمۇ رەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق خىلدىكى مەتبۇئات زىيارىتىنى بىردەك رەت قىلىدۇ، يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

پېرىلماننىڭ بۇ مۇكاپاتلارنى رەت قىلىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھۆججەتلىك فىلىمدە ئەسلى سەۋەبنى خەلقارا ماتېماتېكا ساھەسىدىكى تەڭسىزلىك ۋە ساختىلىقلار بولغان دەپ قارايدىكەن. پېرىلماننىڭ قارىشىچە مۇكاپاتتىن ئەسلى پوئىنكار قىياسىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغان، ھەم ئىسپاتىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ ئاساس سالغان رىچارد ھامىلتونمۇ بەھىرلىنىشى كېرەك، ئەپسۇس ماتېماتېكا جەميىتى پەقەت ئاخىرقى ھەل قىلغان كىشىگە بېرىلىشى كېرەك دەپ چىڭ تۇرغان. بۇ يەردە پېرىلمانغا قاتتىق تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش بار. ئىككى ئالىم، جۇ شى پىڭ ۋە ساۋ خۇئەيدوڭ، فىلدز مېدالى ئالغان چىيو چېڭتوڭنىڭ قۇۋۋەتلىشى بىلەن 2006-يىلى ماقالە ئىلان قىلىپ نەتىجىنى ئۆزلىرىنىڭكى قىلۋالماقچىدەك بولىدۇ. بىر پەس غۇلغۇلىدىن كېيىن بۇ ئاپتورلار كەچۈرۈم سوراپ ماقالە تېمىسى ۋە ئىشلەتكەن يوغان گەپلەرنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر پېرىلماننىڭ ئىخچام ماقالىسىنى چۈشىنەلمەي قالغان، ھەم پېرىلمان يېزىپ يۈرمىگەن تەپسىلاتلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق خىلى ئادەم بىر چاپاندا ساڭناغا كىرگەندەك ئىشتانسىز تەرلەنگەن… بەزى ئادەملەرنىڭ ئىشتانسىزلىقىغا گەپ توغرا كەلمايدۇ زادى… پېرىلمان بۇ سەتچىلىك جەريانىدا دىپلوماتلاردەك مۇئامىلىدە بولغان ئالىملاردىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ ھەم ماتېماتېكىچىلار جەميىتىدىن چىكىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ماتېماتېكا ئەڭ ھەقىقەتچىل پەن بولۇشى كېرەك، بۇ پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قەتئىي ئاقنى ئاق، قارىنى قارا دەيدىغان مۇنتىزىم كىشىلەر بولۇشى كېرەك. ئوخشىمىغان مەنبەلەرگە قارىغاندا پېرىلمان ھەم ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى كۆپتۈرمىگەن، ھەم كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇشىنى خالىمىغان. مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشنى ئ‍ۆزىنى شۇ ساختىپەز، ھەقىقەت ئېڭى يوق ئادەملەر بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىش بىلەن تەڭ كۆرگەن.

بۈگۈنكى كۈندە نەچچە مىليونلۇق مۇكاپاتلارنى، ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتلاردىكى پروفىسسورلۇق خىزمەتلەرنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان گرىگورى پېرىلمان جاھىللىق بىلەن سانكىت-پېتىربۇرگدا بىر سوۋىتلەر زامانىسىدا سېلىنغان سەرەڭگە قېپىدەك بىنادا ئاپىسىغا بېرىلىدىغان قۇتقۇزۇش پۇلى بىلەن ياشىماقتا. مۇنداقچە ئىيتقاندا، ھەم بەزى يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرەتلەرگە كۆرە ئۇنىڭ ھازىر سەرگەردان بىلەن ھىچقانداق پەرقى يوق، داۋاملىق ئوخشاش كىيىم، چاچ ساقاللىرى ئېلىنمىغان، قارىماققا كاللىسىدىن كەتكەن كىشىلەردەك. بەزى جاھىل مۇخبىرلارنىڭ دوڭ-سۇن رۈي روھىدا كوچىلاردا ئىككى ئىغىز بولسىمۇ گەپلەشكەن سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا ئۇ ئادەم يەنىلا ساق… بەزىلەرنىڭ قىياسى: بىر بولسا بۇ ئادەم شۇ مەسىلىنى يىشىش جەريانىدا زىيادە ھارغىنلىق سەۋەبىدىن ماتېماتېكىدىن يېنىپ كەتتى… بىر بولسا يەنە باشقا چوڭ مەسىلىلەرنى يىشىش ئۈستىدە يوشۇرۇن ئىزدىنىۋاتىدۇ…

ئىنىقكى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ… ئەمەلىيەتتە چۈشىنىش ئىنتايىن ئاسان… بەزى ئادەملەر پرىنىسىپىنى ئەگمەي ياشايدۇ، قانچىلك بەدەل تۆلىسە مەيلى. كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى دوراش مەجبۇريېتى يوق. شەخسەن شۇنداق ئادەملەرنى بەكىرەك ھۆرمەت قىلىمەن.

Oghuzkb

York, London

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, ئۇچۇر-خەۋەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ پرىنسىپچان بىر ماتېماتېكنىڭ ھىكايىسى ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. لەگلەك مۇنداق يازغان:

    يېقىننىڭ ياقى ئالدىراش بوپ كىتىپسىز http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif
    توغرا چۈشەندۇق http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif

  2. تىۋىش مۇنداق يازغان:

    راسلام… خېلى جېق نىسى تىمىلىرىڭىز بار. يېزىلىۋاتىدۇ دەپلا تۇرىدۇ. تېخى بەزىلىرىدە قالايمىقان ھەرىپلەر ئالىيىپ تۇرغانhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif توغرا چۈشەنگەچ تۇرلى

  3. askar مۇنداق يازغان:

    بىر يىل بوپتۇ تېخىچە يېڭىلىماپسىغو؟ بەك ئالدىراش بوپلا كەتتىڭىزمۇ؟

  4. لەگلەك مۇنداق يازغان:

    ئىسىل ! نام ئابروي ۋە پۇلنىڭ ئازدۇرىشىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ئادەملەر ئاز http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif

  5. ئابدۇخالىق مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان ئىسىل پەزىلەتلىك ئالىمىكەن، يىڭىدىن چىقىۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا مۇشۇنداق بۈيۈك ئابىدىلەر كىرەك، بولمىسا بەزىدە ئادەم نام شۆھرەت ھەم پۇلنىڭ ئىزىقتۇرىشىغا ئوڭايلا مۇپتىلا بوپ قالىدۇ، قايسىنىڭ ئەڭ توغرا ئىكەنلكنى بىلىپ ياشىغان ياخشى، بىز مۇشۇنداق كىشىلەردىن قىممەتلىك ئۇچۇر ھەم مەنىۋى مىراسلارغا ئىگە بولالايمىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif