زىيالى—يورۇتقۇچى، نۇرلاندۇرغۇچى

زىيالى دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئەسلى شۇنداق ئىكەن، يەنى نۇر، يورۇتقۇچى، باشقىلارغا نۇرانە يول كۆرسەتكۈچى دىگەندەك. يىقىندا بېرلىندىكى دۆلەتلىك تەجىربىخانىدا ئىشلەشكە بىرىپ، شۇ ئارلىقتا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن بولغان پاراڭلاردىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. قاراشلىرىمىزنىڭ ئوخشاشلىقى كۆڭلۈمنى يورۇق قىلىپ كەلگۈسىمىزگە بولغان ئۈمىدىمىزنى ئاشۇردى. سۆھبىتىمىزدىن ئازىراق خۇلاسە چىقىرىپ كۆپچىلىككە سۇندۇم.

بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرىدىن تارتىپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئابدۇقادىر داموللامغىچە ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيلىرىدە بىر خىل ئورتاقلىق ساقلانغان. ئۇلار ئۆز دەۋرىدە پەن ۋە دىنى بىلىملەرنى ئۆزىگە تولۇق مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئۆز دەۋرىدىكى خەلقى ئارىسىدا بىلىمنىڭ ئەڭ نوپوزلۇق ۋەكىلى بولغان. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلار خەلقى تەرىپىدىن شۇنداق ھۆرمەتلىنىپ، يادلىنىپ كەلگەن. مەسجىدلەر مائارىپ يۇرتى بولۇپ، ئاقارتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ھەتتا رەسەتخانىلارمۇ شۇ مەسجىدتە بولغان.

شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن كىيىنكى ئۇيغۇر ھاياتىدا سىياسەت تۈپەيلى، ھەم كىشىلەردىكى ماركىسىزىم ئىدىيەلىرى تۈپەيلى دىن بىلەن پەن بارغانسىرى ئايرىلىپ، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە پۈتۈنلەي ئىككى ئۇقۇم بولۇپ قىلۋاتىدۇ. موللىلار زىيالىلارنىڭ دىنسىزلىقىدىن ئاغرىنسا، بىر قىسىم ئالىملار مولىلارنى زاڭلىق قىلىشىدۇ. ھازىرقى كۈنىمىزدە 50-، 60- يىللاردا تۇغۇلغان ئالىملىرىمىز ئىچىدە، مەيلى قايسى ساھەدىكى بولسۇن، ئىسلام دىنى تەسىرىنى ناھايتى ئاز كۆرىسىز. موللاملارغا قارىسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەندىن كۆپ بىلمەيدىغانلىقىنى، بىلىمىنىڭ پەقەن دىنى كىتابلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنىنى تىزلا ھىس قىلىسىز. بۇ خىل بۆلىنىش ئەسلىدىنلا ئىسلام دىنىنى ئۆز مەۋجۇتلۇقى، مەدەنىيىتى بىلەن زىچ باغلىۋەتكەن خەلىققە ئۆز زىيالىلىرىنى سەل سەت كۆرسىتىپ قويغان بولسا كېرەك. شۇ ئوقۇغان كىشىلەر باشقىلارنى ئەمەس، ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىمۇ قايىل قىلالماي ئاۋارە، چۈنكى ئۇلاردا شۇ ئاتا-ئانىسى رازى بولغۇدەك ھەم ئىتراپ قىلغۇدەك دىنى بىلىم يوق.

ئىسلام دىنى ئەسلى ھىچ پەننى ئىلىم تەتقىقاتىغا زىت بولمىغان. بەلكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن تارىخى دەۋرىگە قارىسىڭىز، ئىلىم-پەننىڭ ئىنتايىن تىز تەرەققى قىلغان بىر جەريان ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولار ئىدىڭىز. بۇ ھەم ھازىرقى دەۋىردىمۇ داۋاملىشۋاتىدۇ. نوبىل مۇكاپاتى يولغا قويۇلغاندىن بىرى ئىككى نەپەر مۇسۇلمان تەبئى پەن ئالىمى: نەزەرىيە فىزىكىچى ئالىمى ئابدۇسسالام (1979)، خىمىك ئەھمەد زاۋئىل(1999) بارلىققا كەلدى. ئىككىلا ئالىم ئۆز ئىتقادىغا ناھايتى ئىخلاسمەنلىك كۆرسىتىدۇ. دوكتۇر ئابدۇسسالام نوبىل مۇكاپاتى ئىلىش نۇتىقىدىمۇ قۇرئاندىن نەقىل ئىلىپ سۆزلەيدۇ، ھەم ئۆزى يازغان كىچىك كىتابچىدا (بۇ ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان) قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن نۇرغۇن مىساللار ھەم سېتاتېستىكىلار ئىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ پەننى، ئىزدىنىشنى قانچىلىك دەرىجىدە تەرغىب قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مىسىرلىق ئالىم ئەھمەدمۇ ياش-ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا داۋاملىق مەسجىدكە بارىدىغان بولۇپ، مەسجىدنىڭ ياش ئەھمەد ھاياتىغا ناھايتى پايدىلىق تەسىر بەرگەنلىكى يىزىلىدۇ.

تولىمۇ ئەپسۇس، قاتمۇ-قات دىنسىزلىق تەشۋىقاتلىرى بىلەن يۇيۇنغان نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ ئارقىدا قالغانلىق سەۋەبىگە ئوبيىكتىپ قارىماستىن، بەلكى ئۇنى دىنى ئىتقادىمىز بىلەنلا باغلاپ قويۇشلىرى بولدى. ھەتتا ھازىرمۇ بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئۆز دىنى ئىتقادىنى مازاق قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۆز خەلقىنى نۇرلاندۇرىمەن دىگەن ئادەم قانداقمۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئىتقادىنى مازاق قىلىش يولى بىلەن مەقسىدىگە يىتەر. ئەلۋەتتە، بىر كىشىنىڭ قانداق ئويلىشى ئەركىنلىك بار، لىكىن بۇ ئەركىنلىكنى ئورۇنسىز ئىپادىلەپ يۈرۈش توغرا بولمىسا كېرەك. مەيلى سىز كاللىڭىزدا قانداق ئويلاڭ، سىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان شۇ كىشىلەر توپىدىمۇ ھىسسىيات بارلىقىنى، بۇ ھىسسىيات ئۇلارنىڭ دىنى -ئىتقادى بىلەن زىچ بىرلەشكەنلىكىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.

بىر مىللەتتە ئۆزى ئىپتىخارلىق ھىس قىلغۇدەك، ئۆزى سۆيگۈدەك بىر خاسلىق (ئىندىۋىدۇئاللىق) بولغاندا ئاندىن بۇ مىللەت ئاسسىمىلياتسىيە بولماي ياشىيالايدۇ. مىللەتلەرنىڭ كۆپ-خىللىقى ھەم رەڭگا-رەڭ مەدەنىيىتى ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسان ئەقلىنى تەپەككۇر خۇرۇچلىرى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. مەيلى سىز ئاتئىست بولۇڭ، مۇسۇلمان بولۇڭ ۋە ياكى ناسارا بولۇڭ، ھازىرقى تارىخى ئارقا كۆرنىشىمىزدە، ھازىرقى جۇغراپىيەلىك شارائىتىمىزدا پەقەت ئىسلام ئىتقادىمىزلا بىزنى ئاسسىمىلياتسىيەدىن ساقلاپ قالغۇچى ئەڭگۈشتەردۇر. چۈنكى بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ روشەن خاسلىقىمىز (يەنى ھازىرقى ھالىتىمىزدە) دىنى ئىتقادىمىز بولۇپ قالدى. ھىسابتا بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قالقىنىمىز بۇ!

كىشىنى خوش قىلىدىغان بىر ئىش: ھەر ھالدا 70-يىللارنىڭ ئاخىرى، 80- يىللاردا تۇغۇلغان خىلى كۆپ ساندىكى ئوقۇمۇشلۇق ياشلىرىمىز، بولۇپمۇ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان، ۋە ئوقۇپ كەلگەن ياشلىرىمىزنىڭ ئىتقادنى قايتىدىن تونۇشى بولىۋاتىدۇ. بۇ بىر قىسىم ياشلار ئۆز كەسپىگە پۇختا بولۇپلا قالماي ئۆز دىنى ئىتقادى ئۈستىدىنمۇ خىلى ئىزدەنگەن. ئۆز ئىتقادىنى شەكىلدە ئەمەس، بەكىرەك ئەمەلىيەتتە ئىپادىلەيدىغان، مەيدانى مۇستەھكەم ياشلار. ئىنىقكى، دەل مۇشۇنداق ياشلار كەلگۈسىدە ئۆز خەلقىنىڭ ھەققى ھۆرمىتىگە ئىرىشىدۇ، ھەم ھەققى يوسۇندا مىللىتىنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ زىيالى دىگەن نامغا لايىق بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا مۇشۇنداق ياشلارنىڭ تىخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

 

2012. 06.17

Ulm

OghuzKB

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

زىيالى—يورۇتقۇچى، نۇرلاندۇرغۇچى ئۈچۈن بىر ئىنكاس بار

  1. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    سالام!
    بۇ خىل قايتا ىويغۇنۇش،دىيارىمىز ۋە چەت دۆلەتلەردىكى 70-يىللارنىڭ ىاخىرى ،80-يىللارنىڭ ىۇقۇمۇشلۇق زىيالىلىرى ىارىسىدىلا بۇلۇپ قالماستىن،دۇنيا خارەكتىرلىك بۇلۇشى مۇمكىن.يېقىنقى يىللاردا دىنىمىزنى قۇبۇل قىلىۋاتقانلار كۆپ ىىكەن.مەسلە شۇكى،ھەقىقى ماھىيتىنى چۈشىنىش. بۇ يەنىلا شۇ «كىشىلىك ساپا»غا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. بۇنىڭدنمۇ پەن بىلەن دىننىڭ ھىچ بىر زىت ىەمەسلىكىنى كۈرۋالالايمىز.
    (كەچۈرۈڭلار،خەت كىرگۈزگىچە ‘ھەمزە’ بەلگىسىنى چىقىرالمىدىم .)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif