توقىلەك بوۋام ھەققىدە يېزىلغان كىتاب

(تۆۋەندىكى كىتاب قازاقىستاندا ياشاپ ئۆتكەن ئاسىم قاسىم ئاكا تەرىپىدىن يېزىلغان بولغاچقا ئىملادا پەرقلەر بار، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن، ھەم مەنبەدىن ئۇدۇل كىرىل يېزىقىدىن ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا خاتالىقلار بار. رەھمەتلىك ئاسىم ئەپەندى بىزگە تونۇشلۇق ئالىملىرىمىز شۆھرەت مۇتەللىپوۋ ۋە مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ تاغىسى بولىدۇ. — ئاچىنۇق)

غالجاتلىق توقىلەك باتۇر

ئاسىم قاسىم

%d1%82%d0%be%d0%ba%d0%b0%d0%bb%d0%b0%d0%ba-%d1%81%d0%b0%d1%80%d0%b4%d0%b0%d1%80

قولۇڭىزدىكى كىتاپ مۇئ‍ەللىپنىڭ ئۇزۇن ژىللىق ئەمگىگى ۋە ئىزدىنىشىنىڭ مېۋىسىدۇر. ئاسىم قاسىم كۆپ ژىللار غالجات ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە تارىخ پەنىدىن دەرىس بەرگەن ئۇستاز شاگىرتلىرىنى تەربىيىلەش بىلەن بىر قاتاردا ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ قەلىمىدىن پۈتكەن ئەسەرلەر، ژۈملىدىن «ياچىۋەك»، «يېڭىلىقلار»، «قىزىل كوماندىر»، «غالجات»، «ئۇيغۇر ناھىيەسى -دوستلۇق ۋادىسى» ئوخشاش بىر نەچچە ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇنىڭ شۇنداقلا قەرەللىك مەتبۇئاتلاردا ژۇت تارىخى، ئۇ يەردە ياشىغان ئاتاقلىق سىمالار ھەققىدە كۆپلىگەن تارىخىي، ئىلمىي ماقالىلىرى يورۇق كۆردى. بۇ قېتىممۇ تارىخچى ئۇستازنىڭ تەتقىقات مەنبەسى – ژۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدۇر. بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ 80 ژىللىق تەۋەللۇدىغا ۋە غالجات يېزىسىنىڭ 250 ژىللىغىغا بېغىشلانغان. بۇ قۇتلۇق سەنەگە ئۆزىچە ئۈن قوشۇشنى ئىستىگەنتارىخچى، غالجات خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى ھەم تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ھەر بىر ژۇت ۋە كونكرېت شەخسلەر تەغدىرى ئارقىلىق بايانلايدۇ. ئاسىم قاسىمنىڭ «غالجاتلىق توقىلەك باتۇر» ئەسىرىدە، ژۇتدىشى توقىلەك باتۇرنىڭ 1820 – 1881 ژىللىرىدا ئىلى خەلقىنىڭ ئازاتلىغى، تېچلىقلىغى ئۈچۈن مانجۇ ھاكىمىيەت ھۆكۈمدارلىرىغا، قاراقچىلارغا، چار- روسسىيە تەجاۋۇزچىلىرى بىلەن كۈرەشكەن جاسارىتىنى ۋە ژۇت باشقۇرۇش پائالىيىتىنى ئىپادلەپ بەرگەن.

ئاۋلان [ئەسلى ئابدۇللا] باتۇرنىڭ ئالتە ئەۋلادى

«كىملىگىڭنى بىلەي دېسەڭ، تارىخىڭنى ئاختۇر.» جەمەت دېگەن بىر چوڭ دەرەق، ئۇرۇق – تۇققان شۇ دەرەقنىڭ شاخلىرى. مىسالى چىنار دەرىغى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، بەلەنت ئېگىزلىككە كۆتىرىلىپ، يوپۇرماقلىرىنى سارغايتماي، ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرىدۇ. يىلتىزلىرىدىن يەنىلا يېڭى كۆچەتلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، كۆپىيىدۇ. ئادەم بالىسىمۇ شۇنداقلا ژۇغى-جەم بولۇپ ياشىسا، بىر بىرى بىلەن ئىزدەشسە، ئۇرۇق- تۇققانچىلىق رىشتىلىرىنى كۈچەيتسە، ئىناق ئۆتسە، ئۆز جەمەتىنىڭ كىم ئېكەنلىگىنى ئۇنتىمىسا، مەڭگۈ ياشايدۇ.ئەقلىيانە ئاتا-بوۋىلىرىمىزئىناق ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان جەمەتلەرنى چىنار دەرىغىغە قىياس قىلىشى بېكار بولمىسا كېرەك. كونىلار «يات يېگىچە، ئۇرۇق – تۇققان ئۆلگىچە» دېگەن. ۋاختى كەلگەندە، يەنىلا ئۇرۇق-تۇققان ئەسقاتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «نەسىل – زاتىڭلارنى (ئەجدات ۋە ئەۋلادىڭلارنى) ياخشى تونۇۋېلىڭلار. بۇ قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق. قېرىندىشىڭ يېقىن تۇرغىنى بىلەن رەھىمى بولمىسا، ئۇنىڭ يېقىنلىغىدىن پايدا يوق. ئۆزى ژىراق بولسىمۇ، ئادەمگەرچىلىگى ياخشى بولسا، ژىراقلىغى بىلىنمەيدۇ.» دېگەن ئېكەن. ئەڭ مۇھىمى – كۆڭۈلنىڭ ژىراق بولمىغىنى غېنىمەت. دۇنىيادا ئۇرۇق – تۇققانسىز ئادەم بولمايدۇ، ئۇرۇق – تۇققانسىز تۇرمۇشمۇ مەنىسىز. شۇڭا تۇققانلارغا مېھرىۋان، كۆيۈمچان بولماقلىق لازىمدۇر. قولۇڭدىن كەلسە ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بول. «ئىزدىسەڭ تۇققان، ئىزدىمىسەڭ يات» دېگەندەك، ئاتا – ئانا بىزلەر، يېشىمىز يېتىپ، ھاياتتىن ئۆتىمىز. پانى دۇنىيادىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلىمىز. بالىلىرىمىز بىزدىن كېيىن قالىدۇ. ئۇلارغا بارلىق ئۇرۇق – تۇققان، قومى – قېرىنداشلارنى ۋە ئاتا – ئانا جېمەتلەرنى ھەم قۇدىلارنى ياخشى بىلدۈرگۈلۈك. قېرىنداش، تۇققانلارغا پەرزەنتىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ، ئۆز ئارا تونۇشتۇرۇپ، قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنى باغلاشتۇرۇشنى ئەستىن چىقارماڭ. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتە ئەۋلات يىلتىزىنى ساناپ بېرەلەيدىغان بولىشىڭىز كېرەك. مەنمۇ يېشىم يېتىپ، قېرىلىق چەمبىرىگە ئۇلاشقاندا ئاتا – بوۋىلىرىم، ئۇرۇق – تۇققان، قومى – قېرىنداشلىرىمدىن، كۆپنى كۆرگەن مۆتىۋەر ئاقساقاللاردىن سوراپ، سۈرۈشتۈرۈپ ئەجداتلار تارىخىدىن قىسقىچە خاتىرە يازدىم. ھۆرمەتلىك ئۇرۇق – تۇققانلار ۋە ئوقۇرمەنلەر، مەن توقىلەك باتۇر ئەۋلادىنى رەتلەشكە كىرىشكىنىمدە ئۆزەمنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ قالغىنىمدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم، چۈنكى جەمەتىمىزنىڭ تارىخىنى بىر قەدەر پىششىق بىلىدىغان پېشقەدەملەر ھەممىسى دېگىدەك ئارىمىزدىن بىر – بىرلەپ كېتىپ قالغان ئېدى. بۇ ئىزدىنىشلەردە ماڭا غالجاتلىق مەرھۇم پېشقەدەم مەرىپەتچى، تارىخچى ئاسىم قاسىم ئاكام، مەرھۇم تاغام سەردىن روزى، مەرھۇم ئاكام قۇتلۇق غوجامبەردىېۋ، شۇئارلىق يازغۇچى «تەڭرى تاغ پالۋانلىرى» روماننىڭ مۇئەللىپى تۇرسۇن لېتىپ، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوۋنىڭ «يورۇق ساھىللار» پوۋېستى، سابىت ئابدۇراخمانوۋنىڭ «ئۇيغۇرنامە» كىتاۋىدىن، ئىمىن ئەپەندىنىڭ «توقىلەك پالۋان» رومانىدىن، نەسىردىن ئەمىردىننىڭ «تاشلاڭ جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسى»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» رومانىدىن ۋە ئۈرۈمچى، قازاقستان، موسكۋا ئارخىۋلىرىدىن ئېلىنغان ماتېرئ‍اللار چوڭ تۆھپە بولدى. جەمەتىمىزنىڭ كىشلىرى 250 ژىلدىن بېرى موشۇ ئاتا – ژۇتتا ئىگىلىك تىكلەپ، ھايات كۆچۈرۈش جەرىيانىدا، جاپا-مۈشەقەتلەرنى يەتكىچە تارتقان بولسىمۇ، بىراق قىلچە زارلانماي قەيسرانە رۇھ بىلەن بۇ ژۇتنى روناق تاپتۇرۇپ، گۈللەندۈرگەن. «ئاۋلان باتۇر»، «دۇگامەت»، ۋە «تاشلەڭ» بوۋىلىرىمىزنىڭ باشلاپ بەرگەن يولدا ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى توختىماي ئالغا ئىلگىرلەپ، جاغىستاي، غالجاتنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقان.

بىزنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىز 1760 – ژىلى قەدىمىي داڭلىق ژۇت تۇرپاندىن، جاغىستايغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئېكەن. دۇگامەت بوۋىمىز 1770 – ژىلى جاغىستايدىن، غالجاتقا كۆچۈپ كەپتۇ. ئۇلار تۇرپانلىقلارنىڭ ئەمگەكچان، قەيسەرلىك روھىنى بۇ ژۇتلاردىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، دۇچ كەلگەن ئېغىرچىلىقلارغا بويۇن سۇنماي ئەجداتلىرىنى ئەۋلاتلارغا ئۇلاپ ھايات كەچۈرىپتۇ. ئەجداتلىرىمىز ئىچىدىن پەخىرلەنگىدەك نە-نە مەشھۇر شەخسلەر چىقىپ، تىللاردا داستان بولغىدەك ئەجايىپ ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېتىپتۇ. ئەينە شۇ بۈيۈك نامايەندىلىرىمىز ئاۋلان باتۇر، دۇگامەت ئەللىك بېشى، تاشلەڭ يۈز بېشى، قۇۋامەت، توقىلەك باتۇر، يولداش، سىسە بولۇس، مەسەل، ئىسلام بولۇس، غوجامبەردى ھاجى بوۋىلىرىمىز بولغان. توقىلەك بوۋىمىز 1820 – 1881 – جىللىرى ئىلى خەلقىنىڭ ئازاتلىغى، تېچلىغى ئۈچۈن، مانجۇ ھاكىمىيەت ھۆكۈمدارلىرىغا، جۇڭغارقاراقچىلىرىغا، روسسىيا تەجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەشكەن ۋە ژۇت باشقۇرغان.

ئاتنىڭ ئىزىنى تاي باسىدۇ دېگەندەك، توقىلەك بوۋىمىزنىڭ بالىلىرى يولداش، سىسە بولۇس، مەسەل، ئىسلام بولۇس، غوجامبەردى ھاجىلار غالجات ژۇتىنى ۋە باشقا ژۇتلارنى باشقۇرغان، شاڭىيۇ، بولۇس ۋە قازى بولغان. بوۋىلىرىمىز ھەممىسى قاۋۇل، يوغان، قەيسەر، باتۇر ۋە كۆيۈمچان ئادەملەر بولغان. ماڭا كىچىك ئاپام ئايشەم غوژەمبەردى ھاجى قىزى ئېيتىپ بەرگەن، سىسە بولۇس، ئىسلام بولۇس باۋىلىرىمىز ئات مىنسە، ئاتنىڭ بېلى ئېگىلىپ، پۇتى يەرگە تېگىپ قالار ئېكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ئات بىلەن يولغا چىقار ئېكەن.

ئەجداتلىرىمىز خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ خەلقنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە قۇتۇلدۇرۇش، ژۇت ماكاننى قۇرۇش، تىرىشىپ ئېگىلىك تىكلەش قاتارلىق جاھەتلەردە ئەلنىڭ باش پاناسى بولۇپ ژۇتنى دادىل يېتەكلەپ ماڭغان. ئېگىلىك تىكلەپ ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئەمگىگى بىلەن تاپقان مال -دۇنىياسىنى نامرەتلەرگە ۋە ژۇتنىڭ خەيرى – ساھاۋەت ئىشلىرىغا تەغدىم قىلغان. ئۇيغۇرلاردا «ھوسما كېتىدۇ، قاش قالىدۇ» دېگەن تەمسىلدەئېيتىلغاندەك، بىزنىڭ بۇ بوۋىلىرىمىز مەيلى بۇرۇن بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن، مەيلى تېچلىك كۈنلەردە بولسۇن ياكى بوران – چاپقۇنلۇق ئېغىر كۈنلەردە بولسۇن بىر – بىرىگە قېرىنداشلىق مېھرى – مۇھەبىتىنى سېخىلىق ئاتا قېلىشىپ، بىر – بىرىنىڭ خوشاللىغىغا تەڭ – خۇمار بولۇشۇپ، جاپا – مەشەقەتنى تەڭ تارتىپ، بىر – بىرىنى ئىزدىشىپ، قېرىنداشلىغىنى زادىلا يوقاتماي كەلگەن. «كىمدۇ – كىم قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنى ئۈزۈلۈشىگە ئەيىپلىك بولسا، ئۇنداقلارغا جەننەتتە ئورۇن يوق» دېيىلگەن مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە. دېمەك، نەسىلزاتىمىزنى بىلىپ، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىدېكەنمىز، ئاللا – تائالا ئالدىدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانلىق پەرىزىمىزنى ئورۇنلىغان بولىدېكەنمىز. مەن موشۇ پۈرسەتتە بىزدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ باقى دۇنىياغا كېتىپ قالغان بوۋىلىرىمىز – مومىلىرىمىز، ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ ۋە بارلىق چوڭ – كىچىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھىغا خوشاللىق تىلەيمەن، ئۇلارغا ئاللا يار بولسۇن! ھازىر ھايات ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا ئىناقلىق ۋە بەخىت تىلەيمەن.

مەن، «ئۆلگەنلەر روھى خۇش بولماي، تىرىكلەر روناق تاپمايدۇ» دېگەن، تەمسىلگە ئاساسلىنىپ، شۇنداقلا پەرزەنتلىك ۋەزىپەم دەپ، ئەينە شۇ ئۆتكەن ئەجداتلىرىمىز، بولۇپمۇ ئاتاقلىق توقىلەك بوۋىمىزنىڭ روھىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن مەزكۈر كىتاپنى چىقىرىش قارارىغا كەلدىم. بۇ تارىخىي ئەسلىمىنى ئۇرۇق – تۇققانلار، ئوقۇرمەنلەر كۆڭلىدىن چىقىدىغانلىغىغا ئىشەنچىم كامىل. توقىلەك ئەۋلادى ھازىرمۇ ئەجداتلىرىمىز ئوخشاش خەلق، ژۇت ئىچىدە ئابروي قازىنىپ كەلمەكتە. 1980- ژىللىرى مەرھۇم ئاكام غوجامبەردىېۋ قۇلۇق تارىخچى بولغان ئۈچۈن توقىلەك بوۋىمىز توغىرىسىدا چوڭلاردىن سوراپ ۋە تارىخىي ماتېرىئاللارنى جىغىپ ژۈرەتتى. ئەشۇنداق سۆھبەتلەردە: پات – پاتلا ئەجدىداتلىرىمىز ھەققىدە گەپ قىلىدىغان بولدۇق. ئۆزىمىزنىڭ ئەۋلادىنىنى، ئاتا تېگىمىزنى كىم ئېكەنلىگىنى بىلىپ، تىكلىمەيمىزمۇ، – دەيدىغان بولدۇق. بۇ مەسىلە ھەممىمىزگىلا خۇشياقتى. 1989- ژىلى مۇڭغۇلكۈرەگە بارغىنىمدا مەرھۇم تاغام سەردىن روزى ئالتە ئەۋلادىمىزنى ماڭا رەتلەپ بەردى. ئارىدىن ئاكام قۇتلۇق قايتىش بولدى. بىر كۈنى ئاكىلىرىم دەۋلەت، سۇلايمان، غوجا، قۇتلۇق ئاكاڭنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇر مۈمكىن بولسا، كىتاپ چىقارساق، سوۋاپلىق ئىش قىلغان بولار ئېدۇق. موشۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرەمسەنكىن، – دېدى. ئاكىلىرىمنىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقەتتىمۇ ئويلىنىدىغان مەسىلە ئېدى. مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىشىم بىلەنلا، ئائىلە ئەزالىرىمنى ژىغىۋېلىپ، ئاكىلىرىمنىڭ پىكرىنى، تەكلىپ – تىلەكلىرىمنى ئۇلارغا بايان قىلدىم. ئوغلۇم بىلال مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئاڭلاپ، بىردىنلا قوبۇل قىلدى.
-ئىنتايىن ياخشى مەسىلىنى كۆتىرىپسىلەر، بۇ ياخشى ئىشنىڭ كېيىنكى ئەۋلات ئۈچۈن پايدىسى باركىن، زىيىنى يوق. كىتاپنى چىقىرىشنى ئۆز ئۈستۈمچە ئالىمەن، – دېۋېدى، بېشىم كۆككە يەتكەندەك بولدى. گەپنىڭ قىسقىسى، قۇتلۇق ئاكام باشلىغان ساخاۋەتلىك ئىشنى داۋاملاشتۇردىم، خالاس. ئەگەر بۇ كىتاپ توقىلەك باتۇر ئەۋلادىنىڭ كۆڭلىدىن چىقسا، مەرھۇم قۇتلۇق ئاكىمۇ، مەنمۇ رازى بولىمىز. ئۇرۇق – تۇققانچىلىق ئىناقلىققا باغلىق. ئەگەر شۇنداق بولىدېكەن ئۇ چىنار دەرىغىدەك شاخاراپ، يىلتىز تارتىپ كۆپىيىۋېرىدۇ. ھايات شۇنداق داۋام قىلىدۇ.

توقىلەك ئەۋلادى ياشاپ تۇرغان جايلار: ئۈرۈمچى، غۇلجا، مۇڭغۇلكۈرە، جاغىستاي، قاينۇق، كىچىك بۇغرا، غالجات، چونجا، تۈگمەن، چوڭ ئاقسۇ، چېلەك، تۇزدىباستاۇ (كالىنىن)، بېس – ئاغاش، ئالمۇتا، تاشكەنت، لوندون، دۈشەنبە، موسكۋادا بىز «توقىلەك ئەۋلادى» دەپ پەخىرلىنىپ ياشاۋاتقان توقىلەك ئەۋلادى نۇرغۇن.

توقىلەك باۋىمىز توغرىسىدا قىزىققان تارىخچى، يازغۇچى ۋە، شائىرلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە. خەلقىمىزنىڭ شانلىق كۈرەش تارىخىدىكى نامايەندىلىرىمىزنىڭ نامى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلىقىنىڭ تەغدىرى، ئەركىنلىگى ئۈچۈن قىلغان شەرەپلىك ئىشلىرى بىلەن ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى توقىلەك بوۋىمىز ژۇتداشلىرىغا، ئۆزىنىڭ ئەۋلادىغا كۆپ مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. توقىلەك بوۋىمىزنىڭ نامىنى بۈگۈنگىچە خەلق ئاممىسى، ئىلى ۋە يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى، ژۇتداشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە. قولۇڭىزدىكى مەزكۈر كىتاپ چوڭ بىر نەسىل – ئاۋلان باتۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەجداتلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەم تىرىكچىلىك پائالىيىتىنى كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولسۇن، قېرىنداشلىق رىشتىلىرى ئۈزۈلمىسۇن دەپ خاتىرە ئۈچۈن يېزىلغان. جەمىيىتىمىزنىڭ تارىخىنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ بىر تامچىسى دېيىشكە بولۇدۇ. بۇ بىر تامچىنى ياخشىراق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، مۇناسىپ ھالدا مەلۇم بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تارىخىغا مۇراجىەت قىلماي بولمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئالدى بىلەن جەمەتىمىز تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان، بىر قىسىم تارىخى ۋەقەلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، غالجات، جاغىستاي ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچى، ئەلۋەتتە مېنىڭ سەۋىيەم چەكلىك، كام قالغان ئورۇنلارنىڭ بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈزىتىشى ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بېرىشىنى قارىشى ئالىمەن. ئۇمۇمىي ئىزدىنىشلىرىمنى يەكۈنلەپ، ئەۋلاتلىرىمىزغا بۇنىڭدىن كېيىن، مۈمكىن قەدەر، ئۆز جەمەتلىرىمىزنىڭ ئىزىنى يوقاتمايلى، ئىسىم – شەرىپىمىز ئۆچمىسۇن، دەپ ئۇشبۇ جەددى – جەمەتىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى دېمەكچىمەن ۋە ھەمدە، سىلەرنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخىنى ئۈگىنىپ، داۋاملاشتۇرىدىغىنىڭلارغا ئىشىنىپ، ئۈمۈت قىلىمەن. ھۆرمەتلىك ھەم قىممەتلىك قېرىنداشلار، ئەگەر بۇ ئەسەردە بىرەسىڭلارنىڭ ئىسىم – شەرىپى يېزىلماي قالغان بولسا، ئەپۇ سورايمىز. سىلەرمۇ ئۆزەڭلەرنى توقىلەك باتۇر نەسلىدىن ئېكەنمىز دەپ ھېساپلاڭلار.

بۇ كىتاپ سىلەرگە يول – يورۇق، خاتىرە سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقلىغى لازىمدۇر. توقىلەك بوۋىمىز توغىرىسىدا قانچا يازسا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئۇرۇق – تۇققانلار ئۇلۇق ئاتىغا بېغىشلانغان كىتاپمۇ ئۇلۇق بولۇشقا تېگىش.

ئەخمەتجان غوجامبەردىېۋ. توقىلەك باتۇر چەۋرىسى

ئالتە ئەۋلادىمىز:
1.ئاۋلان (ئابدۇللا) باتۇر
2. تاشلەڭ، دۇگامەت
3. دۇگامەت ئوغلى قۇرۋانمەت
4. قۇرۋانمەت ئوغلى توقىلەك باتۇر

2. تاشلەڭ پەرزەنىتلىرى:
روزىباي
ھەمەش
كېرەم
ھېمىت يۈز بېگى

4. توقىلەك باتۇر بالىلىرى:
يولداش
سىسە بولۇس
مەسەل
ئىسلام بولۇس
غوجام بەردى ھاجى
ھايەتخان
نىيازخان
ۋېلىباي يولداشىۋ (ئۆگەي ئوغلى)

يولداشنىڭ باللىرى
مۇخپۇل بولۇس
ۋائىت
ئابدۇللا
ھېمىتجان
ئابدۇراسۇل
مەرىيەم
جەپە

(قىسقارتىلدى—ئاچىنۇق)

بىرىنچى ئەۋلات

ئاۋلان (ئابدۇللا) باتۇر بوۋىمىز 1690 – ژىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئەسلى بوۋىمىز تۇرپاندىن بولۇپ، تۇرپان قوزغىلىڭىنى تەشكىل قىلغان ھەم رەھبەرلىك قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى خەلق ئۈستىدىكى ھۆكۈمران كۈچلەرگە قارىشى كۈرەش قىلىپ، غەلىبە قىلغان ئېكەن. ئۆزىمۇ تۇرپان قوزغىلىڭىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن باتۇرلارنىڭ بىرى ئېدى. ئاۋلان باتۇر بوۋىمىز 1759 – ژىلى جەڭدە قازا تاپىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تەرەپ – تەرەپكە، يەنە باشقا ژۇتلارغا تاراپ كېتىدۇ. ئاۋلان باتۇر بوۋىمىز بۈيۈك ئىپەك يولىنى نازارەت قىلىدىغان چوڭ باتۇرلاردىن بىرى ئېدى. كارۋانچىلارنى كۈتۈپ ئېلىپ يولغا سالاتتى. ئۇ چوڭ باي بولۇپ، مانجۇ ۋە باشقا ئەل سودىگەرلىرى ياخشى توناتتى.

ئىككىنچى ئەۋلات
دۇگامەت بوۋىمىز 1725 – ژىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. دۇگامەت بوۋىمىز دادىسىغا ئوخشاش قاۋۇل، قەيسەر ئادەم بولغان. دادىسى ئاۋلان باتۇر جەڭدە قايتىش بولغاندىن كېيىن، بۇ يەردە تۇرالماسلىغىنى بىلىپ، مۇزداۋان ئارقىلىق جاغىستاي تەۋەسىگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. جاغىستايدا ئەللىك بېشى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن تاشقىرى چارۋىچىلىق ۋە دېخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1770 – ژىلى غالجاتقا كۆچۈپ كېتىدۇ. غالجاتتىمۇ جۇت باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 1822- ژىلى 87 يېشىدا غالجاتتا قايتىش بولىدۇ.

ئۈچىنچى ئەۋلات
قۇرۋانمەت بوۋىمىز 1772 – ژىلى غالجاتتا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىگىدىن دادىسىدىن ياخشى تەربىيە ئېلىپ، ئازدۇ – تولا ساۋاتلىق، ئېغىر – بېسىق ئادەم بولغان. ژۇت – جاماەت ئىشلىرىغا قويۇق ئارلىشىپ، ئەل – ژۇتتا ئىززەت ئابرويلوق بولغان. 1852 – ژىلى 80 يېشىدا غالجاتتا قايتىش بولغان.

تۆتىنچى ئەۋلات
توقىلەك بوۋىمىز 1800 – ژىلى غالجاتتا تۇغۇلغان. توقىلەك بوۋىمىز، بوۋىسى ئۇلان باتۇرغا ئوخشاش خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. «تارىخ قەھرىماننى يارىتىدۇ» دەيدۇ خەلقىمىزدە. ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە جېمەتىمىز ئىچىدە بىز پەخرلەنگىدەك باتۇر ئوغلانلار مەيدانغا كېلىپ، تىللاردا داستان قىلغىدەك ئاجايىپ ئىشى – ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ بىرى توقىلەك بوۋىمىز ئېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن توقىلەك بوۋىمىز توغرىلىق تارىخىي ماتېرىاللار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
تارىخچى ۋە يازغۇچى ئاسىم قاسىمنىڭ «ئۇيغۇر ناھىيەسى دوستلۇق ۋادىسى» ئەسىرىدە: مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئەھۋالى، شارائىتى ياخشى بولماي قالدى. مەنچىڭ، ئىنگلىز ۋە فرانسۇزلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. مەنچىڭ ئۈچۈن ئېغىر بولۇپ تۇرغان پەيتتە، روسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي ئازىيادىكى مەنپىىتى كۈچىيىدۇ. روسسىيە ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىدە ئۆز كونسۇلخانىسىنى ئېچىش تەكلىۋىنى قىلىدۇ. مەزكۈر كونسۇل ئېلىپ بارغان ئىشلار ئاقىۋېتىدىن 1881 – ژىلى مەنچىڭ بىلەن روسسىيە ئوتتۇرىسىدا چېگارا ئېنىقلاندى. بۇ قازاقستان بىلەن شىنجاڭ چېگارىسى ئېدى. قازاقستان روسسىيە قولىغا، شىنجاڭ مەنچىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئۆز مۇستەقىللىغىدىن ئايرىلىپ، چېگارىنى باشقا بىرلىرى بەلگۈلىگەن ئېدى. مەنچىڭ بىلەن روسسىيە ئوتتۇرىسىدا چېگارا بۆلۈش باشلىنىدۇ. بۇ چېگارا مەسىلىسىگە توقىلەك شاڭىيۇ قاتنىشىپ، چېگارە بۆلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن غالجات يېزىسىدىن قورغاسقىچە ئارىلىغىدا چېگارا سىزىغى ئېنىقلىنىپ، ئىلگەركى غالجاتتىن، تۈگمەن يېزىسىغىچە بولغان توقىلەك باشقۇرغان شاڭىيۇلۇق ئورنىغا، روسسىيەگە تەەللۇق يېڭىچە مەمۇرىيەت ئورگانلىرى قۇرۇلۇپ، غالجاتتىن، تۈگمەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 12 يېزا غۇلجا ھاكىمىغا بېقىنىشتىن قېلىپ، 1856 – ژىلى قۇرۇلغان ياركەنت ئۇېزدىغا بېقىنىدۇ. ئۇېزد مەمۇرىيىتى غالجات، تۈگمەن ئارىلىغىدىكى كەتمەن بولۇسلىغىنى قۇرىدۇ. ئۇنى يەنە توقىلەك شاڭىيۇ ۋە ئوغۇللىرى سىسە بولۇس، ئىسلام بولۇسلار باشقۇرۇپ كېلىدۇ. ئىلگەركى شاڭىيۇلۇق، كېيىنكى بولۇسلۇق مەركىزى غالجات يېزىسى بولغان ئېدى.

تېكەستىكى ژۇڭغارلار 1860 – 1870 جىللاردا ئىلى بويىدىكى تارانچىلارغا كەلسە – كەلمەس ھۇجۇم قىلىپ، تېچلىق بەرمەيدۇ. ژۈملىدىن توققۇزتاراغا نۇرغۇن ئەسكىرى بىلەن بېسىپ كىرىپ، چېتىدىن قىرىشقا باشلايدۇ. توققۇزتارا پاجىئەسى ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر تارانچىلىرىنىڭ غەزىۋىنى قوزغاتتى. ئەلا پالۋان نۇرغۇن يېزا ۋە قورغانلارنى ئېلىپ، ئۈچ جىل داۋامىدا يېرىم قورشاۋدا بولغان كۈرەنى ئاخىرى مەنچىڭدىن ئازات قىلىپ، شۆھرەت قازىنىدۇ. ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ مۇستەقىللىغىنى قورغاپ قالىدۇ. پۇخرالارنىڭ تەلىۋى بىلەن ئەلا سۇلتان «جاھان پالۋىنى، سۇلتان باھادۇر غازى ئەلاخان» دېگەن ئۇنۋان بىلەن خان بولۇپ جاكالاندى. 1866 – ژىلدىن خان تەختىگە ئولتارغان ئەلاخان بارلىق شاڭىيۇلىقلار تەركىۋىدىكى يېزا -مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەسكەر قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ھەر بىر شاڭىيۇلۇقتا مۇنتەزىم ئەسكەر تۇتۇش، ئۈگىتىش ۋە ئەسكەرنى باشقۇرىدىغان پالۋانلارنى تاللاۋېلىپ، كۈچلۈك سۇلتانلىقنى بەرپا قىلىش ئېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى باشقا شاڭىيۇلۇقلاردەك غالجاتتىن، تۈگمەنگىچە، توقىلەك باشقۇرۇدىغان ژۇتلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىدىن ئەسكەر ئېلىپ شاڭىيۇلۇق ئەسكەر تەشكىل قىلىنىدۇ. توقىلەك باتۇر ئەسكەر قۇرغان چېغىدا ھەر بىر ژۇتتىن قاۋۇل، قورقۇمسىز ژىگىتلەرنى ئەسكەرگە ئالىدۇ. ئەندى ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىشقا پەقەت داڭقى چىققان باتۇرلار بولۇشى كېرەك ئېدى. باتۇرلارنىڭ باتۇرلىغىنى يەنە بىر قېتىم نامايىش قىلىش ئۈچۈن غالجاتنىڭ تۆۋىنىدىكى ئاچالغا ئۇلۇشىپ ياتقان تۈزلەڭگە ھەممە ژۇت باتۇرلىرىنى ژىغىدۇ. ئۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۈزلىگەن ئادەم ژىغىلىدۇ. توقىلەك ئۇلارغا غالجات غولىدىكى يوغان تاشلاردىن بىر – بىردىن كۆتىرىپ دەم ئالماي شۇ ئېگىز قاپتال ئۈستىگە ئېلىپ چىقىشنى تاپشۇرۇدۇ. ھەر بىر ژۇتتىن كەلگەنلەر قېقاس سېلىشىپ ئۆز باتۇرلىرىغا مەدەت بېرىپ، بۇ مۇسابىقە چوڭ تاماشىغا ئايلىنىدۇ. شۇ 20 – 30 باتۇر ئىچىدىن ھېچ دەم ئالماي توقىلەك ئۆزى، كەتمەنلىك تايلاق (روزى) باتۇر، داردامتۇلۇق باقاش، قارىتاملىق ئاكا – ئۇكا باقى ۋە باقاش، غالجاتتىن ئولەسەن ۋە چوڭ ئاچىنوقۇلۇق بىرى بولۇپ 7 ئادەم باتۇرلۇغىنى ئەلگە كۆرسىتىدۇ. شۇ كۈنى غالجاتتا توقىلەك باتۇر ۋە باتۇرلار ھۆرمىتىگە دەستىخان يېيىپ، توي ئۆتكۈزۈدۇ. مانا شۇنىڭدىن 150 جىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئەشۇ كۈچ سىناش بولغان جايدىن 1868 – ژىلى يېزىغى بار بىر تىللە (تەڭگە) تېپىلغان. شۇنىڭدىن بىرى بۇ جاينى غالجاتلىقلار «يەتتە باتۇر تېشى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

1868 – ژىلى 10 – ئاينىڭ بېشىدا، تېكەس، ئاغىيازتىكى ژۇڭغارلار بەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆچەكىشىدۇ. موشۇ پەيتتە غالجاتقا ۋە باشقا ژۇتلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، خېلە كۆپ جۇتداشلارنى ئۆلتۈرۈپ، ماللىرىنى ھايداپ، ئاشلىقنى ئۆكۈزلەرگە بېسىپ، چېتىدىن تېكەس، ئاغىيازغا ماڭغۇزىۋېرىدۇ. بولۇپمۇ غالجات، قاشاڭ غوللىرى ئارقىلىق كېلىدىغان تېكەس جۇڭغارلارنىڭ يولىنى توساشقا غالجاتلىقلار قاراۋۇل قويۇپ، شىددەتلىك جەڭ قىلغان. توقىلەك باتۇرنىڭ پلانى جۇڭغارلارنى ژۇتتىن چىقارماي، قورشاپ ئېلىپ، ھۇجۇم قىلىش ئېدى. ئۆزى باش بولۇپ، ژۇت ئادەملىرىنى تاياق – توخماق، گۈجەق، كەتمەن، ئارا، پالتىلار بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، قورقماي، ھودۇقماي جەڭ قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. توقىلەك باتۇر ژۇت باتۇرلىرىنى قالماقلارنىڭ كېلىدىغان ۋە كېتىدىغان يوللىرىنى توساشقا ئاققوزا مىراپنى بۆدۈتىگە، باقى ۋە باقاش باتۇرلارنى قاشاڭ غولىغا ئەۋەتىدۇ. بىر قىسىم جۇڭغارلار قورشاۋدا قالىدۇ، قالغىنى قېچىشقا باشلايدۇ. شۇ پەيتتە ئاققوزا مىراپ باقى، باقاش باتۇرلار قاچقان جۇڭغارلارنى بۆدۈتە، قاشاڭ يولىدا ئۇژۇقتۇرىدۇ. شۇنىڭدىڭ كېيىن جۇڭغارلار ئۇيغۇر ژۇتلىرىغا باستۇرۇپ كىرىشتىن قالىدۇ.

1871 – ژىلى ئەتىيازدا يەتتىسۇ گۇبېرناتورى كالپاكوۋسكىينىڭ ئەسكەرلىرى، دوۋۇن، داردامتۇ، كەتمەن ئەتراپىدا پەيدا بولۇپ، تېچ ياتقان خەلقنى تەشۋىشكە سېلىپ، غالجاتنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئاندىن غۇلجىغا قاراپ يول تۇتماقچى ئېدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان توقىلەك باتۇر، ئاققوزا مىراپ چىداپ تۇرالماي، دەرھال كەتمەن، شۇڭقار، خونخاي، غالجات قاتارلىق يېزىلاردىن 500 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن كەتمەن يېزىسىدا روسسىيا ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ، ئارقىدىن ئەلەاخان پالۋان 500 ئاتلىق ئەسكەر، ئابدۇرۇسۇل بەگ باشچىلىغىدىكى 200 ئاتلىق ئەسكەر ياردەمگە كېلىشى بىلەن، ئۇلار بىرلىشىپ جەڭ قىلىپ، ئورۇسلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. كەتمەندە بولغان جەڭلەردە ئورۇس ئەسكىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، كەينىگە چېكىندۈرۈپ سارتوقايدىن ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. مەزكۈر ئۇرۇشتا كالپاكوۋسكىينىڭ بىر گېنېرال، 63 ئوفىسېر، 1785 سولدىتى قاتارلىق كۈچلۈك ئورۇس ئەسكىرىنى كەتمەندىن ئۆتكۈزمەي قويۇشتا توقىلەك، ئاققوزا مىراپ باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ جاسۇرلىغى تارىختا قالدى. تارىختا بۇ ئۇرۇشنى «كەتمەن ئۇرۇشى» دەيدۇ. موشۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنى توقىلەك شاڭىيۇ ھارۋۇ بىلەن ئەكەلدۈرۈپ، «جەڭدە شېيىت بولغانلار» دەپ، قىزىل دۆڭنىڭ شەرقىي تەرىپىگە ھۆرمەت بىلەن دەپىن قىلغۇزغانلىغىنى ژۇت چوڭلىرىدىن ئاڭلىغان ئېدىم.

1871 – ژىلى يەتتىسۇ گۇبېرناتورى، ئەلاخان سۇلتاندىن ئىلى ئۆلكىسىگە باش – پانا ئىزدەپ قېچىپ كەلگەن تازىبېك، چالتاباي ۋە مىڭ ئۆيلۈك قازاقلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ئىلى سۇلتانلىغى بۇ شەرتنى ئورۇنلاشتىن باش تارتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىغىنى باشلايدۇ. كەتمەن ئۇچاستكىسىدا توقىلەك باتۇر، ئاققوزا مىراپ ۋە مەردان بەگ دېگەن ئەسكەر باشلىقلىرى تايىنلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىغا تۆرت مىڭغا يېقىن پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەر توپلايدۇ. قورغاس ئۇچاستكىدا ئابدۇراخمان غەزنىچى باشلىق 6 مىڭ ئەسكەر، جەمى 10 مىڭ ئەسكەر تەييارلايدۇ.
يەتتىسۇ گۇبېرناتورى كالپاكوۋسكىي تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورى كۇفماندىن ئىلىغا قارشى ئۇرۇش باشلاشقا رۇخسەت ئالدى. توقىلەك شاڭىيۇنىڭ يېرى بىلەن ئۆتەلمىگەن، گېنېرال كالپاكوۋسكىينىڭ ئەسكەرلىرى ئىلى دەرىياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن ياقىلاپ غۇلجىغا ئوڭايلا، قارشىلىقسىز كىرىش ئىمكەنىيىتىگە ئېگە بولىدۇ. 1871 – ژىلى 21 – ئىيۇلدا ئىلى سۇلتانلىغىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراتتى. سۇلتان ئەسكىرىنى قۇرالسىزلاندۇرۇپ، ئۆي – ئۆيىگە تارقىتىدۇ. ئەلاخان سۇلتاننى ئالمۇتىغا مەجبۇرىي كۆچۈرىدۇ. ئورۇسلار ئىلىنى 10 ژىل بېسىپ ياتقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە دۆلىتىنىڭ قىسىمى كۆرسىتىشى ئارقىلىق، قايتا چىڭ ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

توقىلەك بوۋىمىزنىڭ قولىدا چوڭ بولۇپ، تەربىيە ئالغان ۋېلىباي يۇلداشىېۋ توغىرىسىدا ئۈرۈمچىلىك تارىخچى ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» رومانىنىڭ 73- بېتىدە مۇنداق يېزىلغان.
ۋېلىباي تەخمىنەن 1835- ژىلى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ئېقىمىغا جايلاشقان غالجات يېزىسىدا يۇلداشاخۇن دېگەن ھاللىق بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئانىسى غالجات يېزىسىدىكى توقىلەك يۈز بېگى دېگەن كىشىگە ياتلىق بولغان. ۋېلىباي ژىگىرمە ياشلىرىدىن ئاشقاندا، غالجاتتىن غۇلجىغا كۆچۈپ كىرىپ، ھاللىق كىشىلەرنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرۇشقا كىرىشكەن ۋە ئۆزىمۇ بېيىشقا باشلىغان. 1871 – ژىلى چار پودىشاھ غۇلجىنى بېسىۋېلىپ بىر نەچچە مىڭ ئەسكەر تۇرغۇزغاندا، ۋېلىباي شۇ رۇس ئەسكەرلىرى ۋە باشقا رۇس ھەربىي-مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ پۈتۈن تەمىناتىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى بىر نەچچە ژىلغىچە كۆتۈرە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ ئالاھىدە بېيىپ چار ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى ئىناۋىتى زور دەرىجىدە ئۆسكەن. ژۈملىدىن، خەيرى- ساخاۋەت قىلىشى ۋە مەسچىت- مازارلارنى ياسىتىشى جەھەتتىكى پائالىيەتچانلىغى بىلەن ئەل – جاماەت ئارىسىدىمۇ يۇقرى ئابرويغا ئېرىشىپ، ۋېلىباي دەپ ھەممىگە تونۇلۇشقا باشلىغان. ۋېلىباي ياركەنتكە كۆچۈپ چىققاندىن كېيىنمۇ، يەتتىسۇ، رايونىدا تۇرۇشلۇق رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ بالرىق تەمىناتىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى كۆتۈرە ئېلىپ، ھېسابسىز بېيىغان. چار ھۆكۈمىتى بۇ خىزمەتلىرىنى تەغدىرلەپ، ئۇنى بىر قانچە ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلىغاندىن تاشقىرى پېتىروگرادىكى پادشاھ سارىيىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالاھىدە بىر ئىمتىياز ئىگىسى بولۇپ قالغان.

يازغۇچى، شائىر ۋە تارىخچى ئىمىن ئەپەندىنىڭ «توقىلەك پالۋان» ماقالىسىدا: 1864 – ژىلى كەچكۈز پەسلى بولۇپ، ئىلى دەرىياسىنىڭ ژەنۇبىدىكى غالجات، كەتمەن، خونخاي، جاغىستاي، قاينۇق، چوڭ – كىچىك بۇغرا قاتارلىق ژۇتلاردىن، ئىلى دەرىياسىنىڭ شىمالىدىكى، موللاتوختىيۈز، بايتۇقاي، چولۇقاي، ئارا ئۆستەڭ قاتارلىق ژۇتلاردىن پىدائىلار توپ – توپى بىلەن كېلىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ھەيۋەتلىك بىر قوشۇننى ھاسىل قىلدى. ئابدۇرۇسۇل بەگ ۋە سادىر پالۋان، توقىلەك بەگ قاتارلىق يولباشچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قوشۇننى ئىككىچە بولۇپ، بىر قىسمى بايانداي قەلئەسىنى يەنە بىر قىسمى كۈرە قەلئەسىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزىۋەتتى. چىڭ سۇلاسىنىڭ زۇلىمى چېكىدىن ئاشتى، پۇخرالار ھەممە يەردە: «مانژۇرلار زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن!» «مانژۇرلار مانژۇرىياگە كەتسۇن!» دېگەن شۇارلارنى توۋلىشاتتى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر زولۇمىغا نىسبەتەن ئىلى خەلقى چىشىنى – چىشىغا چىشلەپ، كۆپ تاقەت قىلىپ كەلدى. بىراق تاقەتنىڭمۇ چېكى بولىدۇ دېگەندەك 1864 – ژىلى «ئىلى قوزغىلىڭى» پارتىلىدى.

بۇ قوزغىلاڭغا توقىلەك يۈز بېگى باشچىلىقىدىكى غالجات، كەتمەن، خونخايلىقلار، موللاقەمبە باشچىلىقىدىكى جاغىستايلىقلار قاينۇقلار ھەم ئىلى دەرىياسىنىڭ شىمالىدىكى ھەر قايسى يېزا – قىشلاقلاردىن بولۇپ، نەچچە مىڭ دېخقانلار قاتناشتى. ئىلى قوزغىلىڭى پارتىلغان مەزگىلدە مۇڭغۇلكۈرە ۋە توققوزتارا تەرىپىدىكى مۇڭغۇللار كۈرە قەلئەسىدە قورشاۋدا قولغان مانجۇرلارنى قوتقۇزۇش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان توقىلەك سەككىز ژۇت ئىچىدە 1200 دەك لەشكەر توپلاپ، ئاققوزا مىراپنى ئۇلارغا باش قىلىپ، دانىيال غوجىنى ياردەمچى قىلىپ تەيىنىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قوشۇن ئۇۋا چوققىسىنى بازا قىلىپ، قوشاڭ غوللىرىدىن چىققان مۇڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنى توساپ، ئۇلارنى چېكىندۇرۇدۇ.

1851 – ژىلى خەنزۇلار چىڭ (مانژۇر) ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۆتەرگەن چوڭ قوزغىلاڭ بولۇپ. گەنسۇدا قوزغىلاڭغا قاتناشقان تۇڭگانلار ئىلى تەۋەسىگە چىقىپ كەلدى. مانژۇرلار گەرچە تۇڭگانلارنى بېسىپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئەندىشى تۈگىمىگەن ئېدى. مانژۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلىمى ئۇلارنى ئەندىشكە سېلىپ تۇراتتى. مانژۇرلارنىڭ چوڭ بىر ئەندىشىسى ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ 1000 ئاتلىق قوشۇنى ئېدى. بۇ قوشۇننى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىلى ژياڭژۇڭى مەزەمزات ھاكىمىگە: تارانچىلانىڭ 500 ئاتلىق قوشۇننى ئېلىپ كۈرەگە تېز يېتىپ كەلسۇن» دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ. مەزەمزات بۇيرۇق بويىگە 500 ئاتلىق ئۇيغۇر ئەسكىرىنى كۈرەگە ئېلىپ بارغان زامان، ئۇنىڭ ئەسكىرىنى قۇرالسىزلاندۇرۇلدى. مەزەمزاتنى بولسا ئۆستۈرمە سېلىقنى ژىغىپ بەرمىدىڭ دەپ تۈرمىگە قاماپ كويىدۇ. ئورنىغا ئابدۇرۇسۇل بەگنى تاييارلايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ تېزدىن 500 ئاتلىق ئۇيغۇر ئەسكىرىنى كۈرەگە ئەكىلىشىنى بۇيرىدى. ئابدۇرۇسۇل بەگ يوشۇرۇن بىر قەسنىڭ بارلىغىنى سىزىپ ژياڭژۇنىڭ بۇيرۇغىنى ئورۇنلىمايدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ يېتەكچىلىگىدە 1864 – ژىلى 10 – ئوكتيابر كېچىدە قوزغىلاڭ باشلاشنى قارار قىلىشىدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگ يەنە 82 ژۇت ئۇيغۇر يەرلىك ئەمەلدارلارنى چاقىرىپ كېڭگەش ئۆتكۈزۈپ، بىرلىككە كېلىشىدۇ.مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى كۈچ بىلەن ئىشخال قىلىپ ئېلىپ ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى باشلىغىنىدا، خەلىقىمىزنىڭ مىللىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا چىدىمىغان ئۇيغۇر خەلقى ھەممە جايلاردا غەزەپ بىلەن قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ.

ئابدۇرۇسۇل بەگ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنى يوقىتىشقا كىرىشكەنلىگىنى سېزىپ غۇلجا تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنى ئۆز ئارا ئىتتىپاق قۇرۇپ، قوزغىلاڭ قىلىشقا تەشكىللەيدۇ. شۇ قارارغا ئاساسەن ساندىخوزىدىكى تۇڭگانلار دەسلەپ كۆتىرىلىپ چىقىدۇ. لېكىن ئۇلار سان جەھەتتىن ئاز بولۇپ دۈشمەن بىلەن كۈچ ئېلىشالماي يېڭىلىپ قالىدۇ. مانژۇر ئۇلاردىن قولغا چۈشكەن كۆپلىرىنى بوينىكېسىك مەيدانىغا ئاپىرىپ، چاپقۇنچىلىك بىلەن ئۆلتىرىدۇ. مۇنداق دەھشەتلىك ئەھۋالنى كۆرگەن تۇڭگان، ئۇيغۇرلار باسقۇنچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرىشىش ئۈچۈن شەرتنامە تۈزىدۇ. ئۇلار دەسلەپتە بايانداي قورغىنىنى ئېلىشقا تەييارلىنىدۇ.

قوزغىلاڭچىلار ئۆز پلانى بويىچە 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىلپەڭزە قەلئەسىنى ئىشغال قىلىدۇ. قوزغىلاڭنىڭ غەلىبە خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئىلى خەلىقى شات – خۇراملىققا چۆمىدۇ. 1865 – ژىلى باھار پەسلى قوماندانلىق ئۆيىدە ئابدۇرۇسۇل بەگ، سادىر پالۋان، توقىلەك پالۋان، موللا شاۋكەت، ئەخمەت، مەزەمزات قاتارلىقلار بايانداي قەلئەسىنى ئىشغال قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئاخىرى سېپىلنى پارتىلىتىش قارارىغا كېلىشتى. بايانداي قەلئەسى مۇستەھكەم قەلئە بولۇپ، ئۇنىڭدا مانژۇرلارنىڭ 67 نەپەر سەردارى، 2144 نەپەر چېرىكى بولۇپ، ئۇلار قەلئە ئىچىگە نۇرغۇن خەندەك كولاپ، ئائىلە تاۋاباتلىرىنى خەندەك ئىچىدە ساقلاتتى، لەشكىرى قوماندانلىرىمۇ خەندەك ئىچىدە تۇراتتى. بۈگۈن كېچە بايانداينى ئالىدىغان كۈن. سادىر پالۋان ئوغۇللىرى بىلەن سېپىل ئاستىدىن لەخمە كولاپ، پارتىلاتقۇچ دورىلارنى كۆمۈپ تەك قىلىپ قويغان ئېدى. قوزغىلاڭچىلار قوللىرىدىكى قۇراللىرىنى چىڭ تۇتۇشۇپ، تاقەتسىز ھالدا سېپىلنىڭ پارتىلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. شۇچاغدا ئابدۇرۇسۇل بەگ كۆپچىلىك ئالدىدا پەيدە بولۇپ «قېرىنداشلار سېپىل ھازىر پارتىلايدۇ، ھۇژۇمغا ئۆتكەندە ھودۇقماڭلار» – دېدى. ئۇزاق ئۆتمەي قۇلاقنى يارغىدەك ئاۋاز چىقتى، سېپىل پارتىلىدى ھەم چوڭ يول ئېچىلدى. قوزغىلاڭچىلار گويا كەلگەندەك سېپىل تەرەپكە قاراپ ئاقتى. تاڭ يۇرىغاندا ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، قىيا – جىيا بېسىقتى. شۇنىڭ بىلەن بايانداي قەلئەسى ئوڭۇشلۇق ئىشغال قىلىندى.

كۈرە قەلئەسىنىڭ قورشاۋدا تۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ ژىل بولغان ئېدى. كۈرە قەلئەسى ئىلى دەرىياسىنىڭ شىمالى قىرىغا جايلاشقان، ژياڭژۇن مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇپ، بۇ قەلئەدە مانژۇر، خەن، شىۋە ئاپاراتلاردىن 162 نەپەر سەردار، 4640 نەپەر چېرىك، 26 مىڭ نەپەر ئائىلە ئادەملىرى بار ئېدى. سۇلتانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، تەسلىم بولىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن. قوغىلاڭچىلار ئۇلارنىڭ تەسىلىم نامىسىنى قوبۇل قىلماي سېپىلنى پارتىلىتىپ، 1866 – ژىلى 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تاڭ سەھەردە كۈرە قەلئەسىنى ئىشغال قىلدى، ئارقىدىن سۈيدۈڭ، چىڭسىخۇزا، تەلكە، تالچى قاتارلىق 9 قەلئەنىڭ ھەممىسىنى ئىشغال قىلىپ، مانژۇر ھاكىمىيىتىنى ئىلى تەۋەسىدىن پاك – پاكىزە تازلىۋىتىدۇ.

ئەھۋال بۇ دەرىژىگە يەتكەندە كۆپتىن بېرى خونخاي غولىنىڭ ئۇلۇق سۈيىنى پايدىلىنىپ كەلگەن شىۋەلەر ئەندى خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ. سەۋەۋى، مانژۇرلارغا ياردەم قىلماق بولغان. شىۋەلەرنى قىسىم ئاستىغا ئېلىپ قويغان ئېدى. شىۋەلەر بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توقىلەككە خوشامەت قىلىشقا باشلاپ، ئۇنىڭغا بىر گۈزەل قىزىنى ئىككىنچى ئاياللىققا بەرمەكچى بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى خوشنا بولۇپ ياشاشنى خالىغان ئېدى. ئەندى شىۋەلەر ئامالسىز ئۇيغۇرلار تەرىپىگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان.

1866 – ژىلى 2 – ئاينىڭ ئاخىرىدا قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، ئەلاخان سۇلتان باشچىلىغىدىكى ئىلى سۇلتانلىق ھۆكۈمىتى تىكلەندى. ئىلى سۇلتانلىق ھۆكۈمىتى توقىلەك سەردار، سادىر، ئەلاخان سۇلتان قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدە خىزمىتى ئۈچۈن «پالۋان» دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلارنى ئىلى خەلقى «توقىلەك پالۋان»، «سادىر پالۋان»، «ئەلاخان پالۋان» دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئىلى خەلقى توقىلەك پالۋاننى، سادىر پالۋان بىلەن تەڭ ئورۇندا قوياتتى. نەسىردىن ئەمىردىننىڭ «تاشلاڭ جېمەتىنىڭ نەسەبىنامىسى» كىتاۋى 30-57 بەتلەر.

توقىلەك بوۋىمىز ئىلى سۇلتانى ئەلاخان پالۋاننىڭ قەدىردان دوستى، ئىنقىلاپداش جەڭگىۋەر سەپدىشى بولغان. توقىلەك بوۋىمىز ژىگىت چاغلىرىدا ئاتىلاردەك سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى، ئۆزى باشقۇرغان مەھەلىلەردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارغا ئاتىدارچىلىق قىلىشى بىلەن مانژۇر، شىۋە خەلقىغىمۇ رەھىم قىلغان. شىۋەلەردىن توقىلەك دېگەن كىم؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار مەغرۇرلىنىپ. «ئۇ بىزنىڭ ئاتىمىز» – دەپ جاۋاپ بېرەتتى. ئۇ ئەقىل بىلەن باشقۇرۇپ، خەلق ژىغلىسا – ژىغلاپ، كۈلسە كۈلىدىغان، كۆيۈمچان رەھبەر ئاتا بولغان. ئىلى ۋە يەتتىسۇ خەلقى «توقىلەك باتۇر»، «توقىلەك سەردار»، «توقىلەك شاڭىيۇ» (ھاكىم)، «توقىلەك بەگ»، «توقىلەك پالۋان»، «توقىلەك يۈز بېگى» دەپ ئاتاپ كەلگەن. توقىلەك باتۇر بوۋىمىز، پۈتكۈل ھاياتىنى 1820 -1881 – ژىللىرى ئىلى خەلقىنىڭ ئازاتلىغى، ئەركىنچىلىغى، مەدەنىي – مائارىپىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۇرەشكەن ۋە ژۇتلارنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ ھەسسە قوشقان ئىنسان. ئۇ 1882 – ژىلى كىچىك ئوغلى غوجامبەردى بىلەن مەككە سەپىرىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇلدىكى ئايۋانسارى مەھەللىسىدە ۋاپات بولىدۇ.

بەشىنچى ئەۋلات
غوجامبەردى ھاجى بوۋىمىز 1862 – ژىلى غالجاتتا تۇغۇلغان. كىچىگىدىن بوۋىسى ۋە دادىسىدىن ياخشى تەربىيە ئالىدۇ. سالاپەتلىك، ئېغىر – بېسىق، ساۋاتلىق بولغان، دادىسىغا ياردەملىشىپ ژۇت – جاماەت ئىشلىرىغا قويۇق ئارلىشىپ، ئەل – ژۇتتا ئىززەت ئابرويلۇق بولۇپ ياشىغان. غوژامبەردى ھاجى بوۋىمىز ئاكىسى مەسەل بوۋىمىز بىلەن بۆدۈتە تېغىدىكى بۇلاق سۇلىرىنى ژىغىپ، چارۋىچىلىق، دېخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يازدا بۆدۈتە يايلىغىدا 2 – 3 مېتر كۋادرات كېلىدىغان ياپىلاق تاشنىڭ ئۈستىگە كىگىز سېلىپ ئولتىرار ئېكەن. ھازىر غالجاتلىقلار بۇ يەرنى «غوجامبەردىنىڭ يايلىغى»، «غوجامبەردىنىڭ تېمى»، «مەسەلنىڭ بۇلىغى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. 1882 – ژىلى دادىسى توقىلەك باتۇر بىلەن مەككىگە بېرىپ، ھەج قىلىپ كەلگەن. 1946 – ژىلى 84 يېشىدا مۇڭغۇلكۈرەدە ۋاپات بولىدۇ.

ئالتىنچى ئەۋلات
دادام غوجامبەردى ھاجى ئوغلى باۋكا، 1906 – ژىلى غالجاتتا تۇغۇلغان. 1927 – ژىلى غالجاتتىن مۇڭغۇلكۈرەگە ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. مۇڭغۈلكۈرەدە دېخانچىلىق، چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1961 – ژىلىدىن ۋەتەندىن قازاقستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاست تالغار رايونىغا كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. دادام ئۆمۈر بويى ژۇت – جاماەتكە ئارلىشىپ ئابرويلۇق ئادەملەردىن بىرى بولغان. ئۇ ژۇتقا، تونۇش بىلىشلەرگە، ئۇرۇق – توققانلارغا ياردەمىنى ۋە غەمخورلىغىنى ئايىمايدىغان ۋە كۆيۈمچان ئىنسان بولغان. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ژۇتداشلار، ئۇرۇق- تۇققانلار بىلەن ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرغىچە ئىناق ئۆتكەن. 1975 – ژىلى 69 يېشىدا ۋاپات بولۇدۇ.

—- ئەخمەتجان غوجامبەردىېۋ.

ژۇڭغارلار ۋە مانژۇنلار

ژۇڭغارلار – مۇڭغۇل نەسىلى ئىچىدىكى ئويراتلارنىڭ بىر قەبىلىسى. ئۇلار چاغاتاي ياكى جوجى ئەۋلادلىرىدەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلماي بەلكى لاما دىنىغا ئېتىقات قىلغاچقا، يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى «قالماقلار» دەپ ئاتاشقان. قېدىمىي دەۋردە مۇڭغۇللار بايقال كۆلى ئەتىراپىدىكى ئورمانلاردا ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرەتتى. كېيىنرەك ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مۇڭغۇل يايلاقلىرىغا يەنە بىر قىسمى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرىگە كۆچۈپ كەلدى. شۇ دەۋرىدە مۇڭغۇل يايقالىرىنىڭ شىمالدىكىلەرنى «خالخا مۇڭغۇللىرى»، شەرقىدىكىلەرنى «چاخار مۇڭغۇللىرى»، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرىدىكىلەرنى «ئويراتلار» دەپ ئاتاتتى. ئويراتلار 16 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ژۇڭغار، خوشوت، تورغاۋۇت، دۇربۇت دەپ تۆت قەبىلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ژۇڭغارلار ئىلى ۋادىسىغا، خوشوتلار ئۇرۇمچى، ماناس ئەتىراپىغا، تۇرغاۋۇتلار ئېمىل دەرىيا ۋادىسى (تارباغاتايغا)، دۇربۇتلار ئىرتىش دەرىيا ۋادىسى (ئالتايغا) ئورۇنلاشقان ئېدى. بۇ تۆرت قەبىلە ئوتلاق تالىشىپ پات – پاتلا جېدەللىشىپ قالاتتى. 17 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ژۇڭغارلار كۈچىيىپ، قالغان ئۈچ قەبىلىنى بوزەك قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ قەبىلىنىڭ ئىچىدىكى تورغاۋۇتلار قايتىپ ۋولگا بويلىرىغا كەتتى. دۇربوتلار بولسا ھازىرقى چىڭخەي ئۆلكىسىگە كەتتى. خوشوتلار بولسا ژۇڭغارلارغا ئەل بولۇپ، قوشۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىن ژۇڭغارلارنىڭ ئىگىدارچىلىغىغا ئۆتتى. شۇندىن باشلاپ، بۇ زېمىن «ژۇڭغارىيا» دەپ ئاتالدى. ژۇڭغارلارنىڭ پايتەختى تاربايغاتاينىڭ قوبوقسار دېگەن شەھىرى ئېدى. ژۇڭغارلار لاما دىنىغا ئېتىقات قىلىنغاچقا، ئۇلارنى تىبەت بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق ئېدى. ژۇڭغارلارنىڭ ئاتامانى ژودۇژچىن لاما دىنىغا كۈچلۈك ياقلىغۇچىسى بولغاچقا، 1635 – ژىلى تىبەتنىڭ 5 – ئەۋلادى دىنى داھىسى لاما ئۇنىڭغا «ئېردەنى باتۇ قۇنتەيجى» دېگەن ئاتاقنى بەردى. قۇنتەيجى 1636 – ژىلى قوبوقساردا مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ ژۇڭغار خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىغىنى ئېلاپ قىلىپ ئۆزىنى خان دەپ جاكالىدى. 1671 – ژىلى قۇنتەيجىنىڭ يەتتىنچى ئوغلى غالدان تەختگە ئولتارغاندىن كېيىن پايتەختىنى قوبوقسارىدىن غۇلجا شەھىرىگە يۆتكىدى. شۇنىڭ بىلەن سىرتقا قارىتا تەجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشنى قوزغاپ. 1679 – ژىلى يەكەن خانلىقىنى، 1684 – 1685 ژىللىرى قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ زېمىنلارنى بېسىۋالدى. 1690 – ژىلى مانژۇر خانلىقىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلارىنى بېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ژۇڭغارلار بىلەن مانژۇرلار ئوتتۇرىسىدا تاكى 1697 – ژىلغىچە قاتتىق ئۇرۇش بولۇپ، ئاخىرى ژۇڭغارلار ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، غالدان ئۆلدى. 17 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ژۇڭغارلارنىڭ خانلىق تەختىگە «سىۋاڭ ئارابوتان» چىقتى. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى «غالدان سىيرىن» چىقتى. بۇ مەزگىلدە ژۇڭغارلارنىڭ زېمىن تەۋەسىگە پۈتۈن شىڭجاڭ رايونى باشقا يەنە ھازىرقى قازاقستان، قىرغىزستان ۋە ئۆزبەكىستان زېمىنلىرى كىرەتتى. موشۇ دەۋرىدە ژۇڭغارلارنىڭ تەرىققىياتىمۇ تېز بولغان. غۇلجا شەھىرى ژۇڭغارلارنىڭ سەياسى، ئىختىسادىي ۋە مەدەنىي مەركىزى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئاتاقلىق «ئالتۇن قوبىلىق» بۇتخانىسى بار ئېدى.

ئىلى دەرىياسىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى تەرەپلىرىدە قەدىمىي «ئوغۇز خانلىقى» ياكى «كۆك تۈرك خانلىقى» ياكى «قاراخانىيلار خانلىقى» دەۋرلىرىدە بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن يېزا – قىشلاقلار مەسىلەن: خونخاي، جاغىستاي، قاينۇق، ئۇلاستاي قاتارلىق ژۇتلار بار ئېدى. بىراق ئۇرۇش ئەشۇ ژىللاردا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ژۇت – ماكانلىرىنى تاشلاپ، ژىراق يەرلەرگە كەتتى. ژۇڭغارلار ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش، بۇتخانا قەلئەلەرنى ياساش، چارۋا – ماللارنى بېقىش ھەتتا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇخرالار كېرەك ئېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ژۇڭغارلار 18 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۈچ تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ چىقتى. مۇڭغۇللار ئۇيغۇرلارنى «تارانچى» دەپ ئاتاتتى.

ژۇڭغارلار داباجىڭ دەۋرى 1710 – ژىلىلىرغا كەلگەندە ئەمەلدارلار ئىچىدە چىرىكلىشىشى، ھوقۇق تالىشىشى ئەھۋاللىرى ھەدىدىن ئارتۇق ئەۋجىگە چىقتى. پۇخرالار ئۈستىدىكى زۇرلۇق – زومبۇلۇق، سېلىقلار بەكمۇ ئېغىرلاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ لەشكەرى ئەمەلدارلىرى بىلەن چېرىكلىرى بىر توپ قاراقچىلارغا ئايلىنىپ، خەلىقنىڭ مال – دۇنىياسىنى، ھەتتا خوتۇن – قىزلىرىنى بۇلاپ خورلىدى. زۇلۇمغا چىدىمىغان ئۇيغۇر دېخانلىرى قالماقلار بىلەن تالاي قېتىم قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر جېنىدىن ئايرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر ئۇرۇشتا ئۆلسە، بىر قىسىم كىشىلەر ژىراق يەرلەرگە كۆچۈپ كەتتى. مەلۇم بىر مۇڭغۇل ئارخىۋىدا: ژۇڭغار ئاھالىسىنىڭ 25% قىسمى ئۇرۇشتا ئۆلدى. 50% قىسمى ئورۇس يېرىگە كۆچتى. پەقەت 25% قىسمى ھايات قالدى دەپ يېزىلغان. (ئىلى تارىخىي ماتېرىاللاردا)

1756 – ژىلى مانژۇرلار ژۇڭغارلارنى مەغلۇپ قىلىپ شىڭجاڭدا «چىڭ سۇلالىسى» ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى.

مانژۇرلار – توڭگۇس نەسىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ شەرقىي – شىمالى رايونىدا ياشاتتى. 17 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇلار كۈچىيىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، 1616 – ژىلى «ژىن سۇلالىسى» (ئالتۇن ئوردا خانلىقى) نى قۇردى. 1644 – ژىلى ژىن سۇلالىسى نامىنى «چىڭ سۇلالىگە» ئۆزگەرتىپ، شىنياڭ شەھىرىنى پايتەخىت قىلدى. تارىختا بۇ دۆلەتنى «مانژۇرىيا» دەپ ئاتىغان. چىڭ سۇلالىسى سىرتقا قارىتا تەجاۋۇزچىلىق سەياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئالدى بىلەن سەددىچىڭ سېپىلى ئىچىدىكى مىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پايتەختىنى شىنياڭدىن «بېيجىڭ»غا يۆتكەپ كەلدى. چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلۇپ 100 – ژىل ئۆتكەندىن كېيىن، خانلىق تەختى «چىيەنلۇڭ» نىڭ قولىغا ئۆتتى. چىڭ سۇلالىسى كاڭشى خان دەۋرىدىلا غەرىبى ژۇتقا كۆز تىققان ئېدى. غەرىبىي ژۇتنى بىر يالماپلا تويىۋېلىشى ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېدى. ئۇ ھەر قېتىم غەرىبى ژۇتىدىن (شىڭجاڭدىن) ئىبارەت بۇ پايانسىز مۇنبەت زېمىننى ۋە ئۇنىڭ بايلىقلارىنى ئويلىغىنىدا، ئۇنىڭ تەنلىرى سۆيۈنۈپ، ئۆچكە ساقىلى ئىختىيارسىز ھالدا تىترەپ كىتەتتى. 1756 -ژىلى چىڭ سۇلالىسى خان ئوردىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مانژۇرلار 300 مىڭ قوشۇن بىلەن غەرىب ژۇتقا قاراپ ژۈرۈش قىلدى. شۇ ژىلى 6 – ئايدا بۈگۈنكى مۇڭغۇلكۈرەنىڭ «كىچىك تېغى» باغرىدا ژۇڭغار خانى داباجىنىڭ ئاخىرقى لەشكەرى كۈچىنى تارمار قىلىپ، داباجىنى تىرىك تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن ژۇڭغارلارنىڭ شۇنچە كۆپ لەشكىرى كۈچى، مانژۇرلارغا يېڭلىپ قالدى.

تۇرپان ھەققىدە.

تۇرپان ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ماكان. مىلادىدىن ئىلگىرى 3 – ئەسىرىدىن تارتىپ تاكى مىلادىدىنىڭ كېيىنكى 9 – ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي جەرىيانىدا مەركىزىي ئازىيا بولۇپمۇ، تۇرپان رايونىدا ھونلار، جۇرجاتلار، ياۋچىلار، ئىرانلىقلار ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن تالىشىش ئۇرۇشلىرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ، بۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن بالا – ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز ژۇتلىرىنى- ماكانىنى تاشلاپ، جىراق جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى شەرقتىكى مۇڭغۇل يايلاقلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلار مىلادى 646 -ژىلى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئورخۇن دەرىيا ۋادىسىدا «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى» نى قۇردى. ئۇنىڭ پايتەختى «قارابالاساغۇن» بولۇپ، خانلىقنىڭ يېرى بەش مىللىيون كۋادرات كىلومېتر كېلەتتى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر غەربىي ئوتتۇرا ئازىيا رايونىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداش قەبىلىلەرگە قوشۇلۇپ، «ئوغۇز خانلىقى» نى قۇردى. تارىختا ئۇلار «غەربىي ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتالدى. تۇرپان ۋادىسىدا داۋاملىق تۇرۇپ قالغانلار بولسا، بۇ جايدا ماكانلىشىپ قالغان. ھونلار، باسىمىللار، كۆك تۈرۈكلەر بىلەن ئۇزاق ۋاقىت بىرگە ياشاپ، ئاخىرى ھەممىسى تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارغا ئايلىنىپ كەتتى. تۇرپان رايونىدا بۇددا دىنى تارقىلىپ، كىرگەن بولۇپ، تاكى مىلادى 14 – ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. شۇ دەۋرلەردە كۇچا، خوتەن، تۇرپاندا بۇددا دىنى ئەڭ ئەۋژىگە چىققان بولۇپ، ئۇ يەردە داڭلىق بۇددا دىنى ئالىملىرى، بۇددا تەرجىمانلىرى بار ئېدى. مىلادىن 840 – ژىلغىچە، خانلىق ئىچىدە ھوقۇق تالىشىش ماجرالىرى ئەۋجى ئالدى، بۆلۈنىش ۋە ئاجىزلاشقا باشلانغان ئېدى. دەل موشۇنداق پەيتتە ئىلگەركى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قول ئاستىدىكى يەنسەي قىرغىزلىرى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىڭ پايتەختى «قارابالاساغۇنغا» ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى خانۇ – ۋەيران قىلىدۇ. قۇرۇلغىنىغا 194 ژىل بولغان ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن بەربات بولىدۇ. تارىختا ئۇلار «شەرقىي ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتالدى. شۇ قېتىمقى چېكىنىشتە خانلىق ھەربىي ئەمەلدارى ئۆگەتېكىن 300 مىڭغا يېقىن لەشكەر ۋە پۇخرانى باشلاپ، سەددىچىن سېپىلنى ئىچىدىكى تاڭ سۇلالىسىگە پانالىق تىلەپ ماڭدى. ئۆگەتېكىن ئۆز كاللىسىدا: بىز ئۆز زامانىسىدا تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ، ئىككى قېتىم توپلاڭنى باستۇرۇپ بەرگەن ئېدۇق. يەنە ئۇلار ئاچارچىلققا قالغاندا نۇرغۇن ئاشلىق قەرىز بەردۇق، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئات بەردۇق. ھازىر بىزنىڭ بېشىمىزغا شۇنچە ژىق پالاكەتلەر كەلدى. موشۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار بىزگە خەيرى خاھلىق قىلار. بىز بۇ يەردە ئازراق تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالساق ئارقىمىزغا قايتىپ، ژۇتىمىزنى قايتۇرۇپ ئالىمىز» دېگىنلەرنى ئويلىدى. بىراق ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. ئۆگەتېكىننىڭ ئادەملىرى ئارىسىدا پارىچىلىنىشى يۈز بېرىپ بىر قىسىم قوشۇن ۋە پۇخرالار تاڭ پادىشاھى قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭدە ئۆلدى. شۇنداق قىلىپ ئۆگەتېكىننىڭ 300 مىڭ ئادىمى پاك -پاكىزە يوقىتىلدى. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن 15 قەبىلە (200 مىڭ) ئادەم پان تېكىن باشچىلىغىدا تاغ – داۋانلار ئېشىپ، ئوتتۇرا ئازىيانىڭ يەتتىسۇ رايونىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان، غەربىي ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇلۇپ، مىلادى 841 – ژىلى «قاراخانىيلار خانلىقى» نى قۇرىدۇ. مىلادى 866 – ژىلى پان تېكىننىڭ قول ئاستىدىكى زور قوشۇننى باشلاپ، شەرققە ژۈرۈش قىلىدۇ. ئۇ دەسلەپتە جۇنغار ئويمانلىغىغا كىرىپ قۇيتۇن، ماناس، بېشبالىق بۈگۈرلەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، تەڭرى تېغىدىن ئۆتۈپ، تۇرپان رايونىغا كىردى، ھەمدە بۇ رايوندا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بۇ جايدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تىبەتلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆز ئالدىغا خانلىق قۇرىدۇ. تارىختا بۇ خانلىق «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ زېمىنى شەرقىي قۇمۇلدىن باشلىنىپ، شىمالىي ئىلى ۋادىسىغىچە، غەرىبىي تەرىپى مۇزداۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىزنىڭ جامائىتىمىزنىڭ ئەجداتلىرى قەدىمىي زامانلاردىن تاكى 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بۇ ئەزىز ماكاندا تۇرپان خەلىقى بىلەن تەغدىرداش بولۇپ ياشىغان. شۇڭا بىز تۇرپاندىن ئىبارەت ئۇ قەدىمىي ژۇتنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ياد ئېتىمىز.
تۇرپاندا پۇخرالارنىڭ مۇتلەق قىسمى بۇددا دىننىغا ئېتىقات قىلاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تۇرپان رايونىدا بارلىق كىشىلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان بولدى. قاراخانىيلار خانلىقىدا كېيىنرەك ئىسلام دىنى دۆلەت دىنىغا ئايلاندى. مانا موشۇ دىنىي ئېتىقاتنىڭ ئوخشىماسلىغى سەۋەۋىدىن ئىدىقۇت خانلىقى قاراخانىيلار خانلىقىغا بوي سۇنۇشتىن باش تارتتى. مىلادى 981 – ژىلى ئىدىقۇت خانلىقى مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 13 – ئەسىرگىچە بۇ ئىككى خانلىق ئۇرۇش جىدەل ئىچىدە ئۆتتى. قاراخانىيلار خانلىقى تالاي كېتىم لەشكەر تارتىپ ئىدقۇت خانلىقىغا «غازات» ئۇرۇشى قوزغىغان بولسىمۇ بىراق كۇچانىڭ نېرىسىگە ئۆتەلمىدى.

مىلادى 1204 – ژىلى مۇڭغۇل يايلىغىدىن چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىقتى. مۇڭغۇل ئىمپېرىياسىنىڭ قۇرۇلغانلىغىنى جاكالىدى. 1209 – ژىلى ئىدىقۇت پادىشاھى بارچوق ئارتېكىن كىتانلار ئۈستىدىن ئىسىيان كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرىۋەتتى. شۇ ژىلى ئۇ چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا ۋەكىللەر ئەۋەتىپ ھال سورىدى. 1211 – ژىلى بارچوق ئارتېكىن ئۆزى چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشتى. شۇندىن كېيىن ئۇ چىڭغىزخاننىڭ غەرىپكە ژۈرۈش قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشتى.

بارچوق ئارتېكىن ئۆزىنىڭ 20 مىڭ ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ مۇڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئازىيادىكى يېڭى كەنت، خارەزىم، سەمەرقەنت، بۇخارا ۋە ئىراننىڭ مەۋرى، نىشابور شەھەرلىرىنى بويسۇندۇرۇشتا ئەجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان. چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي ژۈرۈشلىرى بىر مەھەل توختاپ، بېسىۋالغان زېمىنلارنى ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىشى مەراسىمىدە چىڭگىزخان ئىدىقۇت قوشۇنلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «بارچوق تېكىننىڭ چېرىكلىرى ئىنتىزامى قۈچلۈك جەڭگىۋار قوشۇن، ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى. مەن بارچوق تېكىنىنى ئۆزەمنىڭ بەشىنچى ئوغلۇم دەپ قارايمەن. قىزىم ئالتۇن بېكەنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىمەن»، – دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىدىقۇت خانلىقنىڭ بارلىق زېمىنى ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇشغا قالدۇرۇلدى.

مىلادى 1227 – ژىلى چىڭگىزخان كېسەل بولۇپ ئۆلدى. ئۈچ ژىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى تېخىمۇ شىددەت بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ. 1274 – ژىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قوبلايخان جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىگە ھەربى ژۈرۈشنى باشلىدى. شۇ مەزگىلدە ئىدىقۇت خانلىقنىڭ پادىشاھى «قوجىغار تېكىن» بولۇپ، ئۇ قوبلايخاننى قوللاپ، ئۇنىڭغا 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن، ياردەم بەردى. ئۇيغۇر قوشۇنى مۇڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلىپ، سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. قوبلايخان «بېيجىڭ» شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، «يۈۋەن سۇلالىسى» نى قۇردى. يۈۋەن سۇلالىسى قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى – كەينىدە چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى ئوتتۇرىسىدا مەنپىەت توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، بىر – بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن ئېدى. يەنى چاغاتاي ئەۋلادلىرى بىلەن ئوگدايخان ئەۋلادلىرى بىرلىشىپ، تولىخان ئەۋلادى قوبلۇيخانغا قارشى چىقتى. 1331 – ژىلى ئىدىقۇت خانلىق چاغاتاي خانى تارماشىرىن تەرىپىدىن ئاغلۇرۇپ تاشلىنىپ، بارلىق زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇمۇمەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى 485 ژىل ھۆكۈم سۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 275 ژىل تولۇق مۇستەققىل ئۆتتى، 210 ژىل يېرىم مۇستەققىل ھالەتتە ئۆتتى، 136 ژىل مۇڭغۇللارغا قارام بولدى.

چىڭگىزخان ھايات مەزگىلدە تەجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغان يەرلەرنى تۆرت ئوغلىغا بۆلۇپ بەردى. ئۇلاردىن چوڭ ئوغلى جوجىغا: ۋولگا دەرىيا ۋادىسى ۋە كەڭ قىپچاق دالاسىنى تەقسىم قىلىپ بەردى. جوجىخان بۇ يەردە دەسلەپتە «قىپچاق خانلىقى» نى قۇردى. ئۇلارنىڭ ئاساسى ئاھالىسى، قىپچاق، مۇڭغۇل ۋە باشقا نۇرغۇن تۈركى قەبىلىلىرى ئېدى. جوجىخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى باتۇرخان قىپچاق خانلىقنىڭ نامىنى «ئالتۇن ئوردا خانلىقى» غا ئۆزگەرتتى. 1260 – ژىلى خانلىق تەختىدە جوجىنىڭ 2 – ئوغلى شايبانخان ئولتاردى. ئۇ ئالتۇن ئوردا خانلىقنىڭ نامىنى «ئاق ئوردا خانلىقى» غا ئۆزگەرتتى. 16 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەنچە چاغاتاي خانلىقى كۆرنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلاپ، ئۆز زېمىنىنى قوغداشقىمۇ ھالى كەلمەي قالدى. بۇ پۈرسەتتە قازاقلار يەتتىسۇ رايونى ۋە ئىلى ۋادىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى، قىرغىزلار تەڭرى تەغىنىڭ بىر قىسمىنى، دوغلاتلار تەڭرى تېغىنىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنى، ئويراتلار ژۇڭغار ئويمانلىقىدىكى كۆپ جايلارنى ئېگەللەپ ئالدى.

يەكەن خانلىقى

مىلادى 16 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاغاتاي خانلىقى ئىچىدىكى جەھەتتە ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى، سىرتقى ژەھەتتە ئۆزبەكلەرنىڭ تەجاۋۇز قىلىشى شۇنىڭدەك يەنە قازاق، قىرغىز، ئويرات ۋە دوغلاتلارنىڭ زېمىنى كېڭەيمىچىلىكى قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن ئۆزىنىڭ نۇرغۇن زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىپ، بەربات بولۇش گىردابىغا كېلىپ قولغان ئېدى. مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا چاغاتاي ئەۋلادىدىن ئەخمەتخاننىڭ 3 – ئوغلى سەئدى ئۆزبەكلەر بىلەن ئېلىشىنىڭ پايدىسىز ئېكەنلىگىنى مۆلچەرلەپ، ئۆزىننىڭ بىر نەچچە يۈز قوشۇنىنى باشلاپ، قارا – قۇرۇم تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبى شىڭجاڭ تەۋەسىگە ئۆتىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن يىڭىسارنى ئاندىن قەشقەر شەھىرىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەكەنگە قارىتا ئومۇميۈزلۇق ھۇژۇم قىلىپ ژەنىبىي شىڭژاڭ تەۋەسىگە 300 ژىلدىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن دۇغلات خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 1514 – ژىلى يەكەننى پايتەخىت قىلىپ، ئاخىرقى چاغاتاي خانلىقنى «يەكەنت خانلىقى» نى قۇردى.

سەئدىخان 1480 – ژىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئاللىقاچان مۇسۇلمانلىشىپ ۋە ئۇيغۇرلىشىپ بولغان چاغاتاي ئەۋلادى ئېدى. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئۆتكەن. ئۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقان. ئۇ يەنە نەۋرە ئاكىسى باتۇرخاننىڭ يېنىدا ژۈرۈپ ئۇنىڭدىن كۆپ تەلىم ئالغان. سەئدىخان ئوقۇمۇشلۇق زات، ئاقىلانە ھۆكۈمران ئېدى. ئۇ پادىشاھىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خانلىقنىڭ سەياسى، ئىختىسادى ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ھەربى كۈچىنى كۈچلەندۈردى. ئۇ 1532 – ژىلى كەشمىر ۋە لۇداقىنى بېسىۋالدى. يەكەن خانلىقنىڭ زېمىن دائىرىسى ئوتتۇرا ئازىيادىكى بىر قىسىم جايلاردىن باشقا يەكەن، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ئۈچ تۇرپان بولۇپ. تۇرپان ئۆز ئالدىغا بىر ھاكىمىيەت ئېدى. بۇ چاغدا تۇرپاننى سەئدىخاننىڭ ئاكىسى مەنسۇرخان سوراتتى. بۇ ئىككى ئاكا – ئۇكىلار بىر – بىرىگە تەجاۋۇز قىلىشماي، ئىتتىپاق ئۆتۈشتى.

مىلادى 1533 – ژىلى سەئدخان ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇرىشىتخان چىقتى. ئابدۇرىشىتخان يېڭىلىقنى ياقلايدىغان خان بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ يۈكلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەپ چىققان. ئابدۇرىشىتخان 1537 – ژىلى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇكېرىم خان چىقتى. ئۇ 1566 – ژىلى ئۆزبەكلەرنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك تەژاۋۇزچى قوشۇننى چېكىندۇرۇپ، يەكەن خانلىقنى چوڭ بالايى ئاپەتتىن ساقلاپ قالدى. ئابدۇكېرىم خاننىڭ دەۋرىگە كەلگەندە يەنى 1540 – ژىلى تۇرپان ھاكىمىيىتى يەكەن خانلىق تەۋەلىگىگە ئۆتتى.1592 – ژىلى ئابدۇكېرىمخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنىكى 30 ژىل ئىچىدە يەكەن خانلىقىدا ھوقۇق تالىشىش جىدەللىرى زادىلا توختىمىدى.

14 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئوتتۇرا ئازىيادا بۇخارا مەركەز قىلغان بىر ئىسلام سوپىزىم تەرەقىتى – «نەقىشىبەندە» مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ كەشپىياتچىسى مۇھەممەد بىننى، باھاۋدىنى بۇخارا بولۇپ ئۇنىڭ 5 – ئەۋلادى نەۋرىسى ئەھمەد قاسانى (1461 – 1542 ژىللىرى) بوۋىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ «مەخدۇم ئەزەم» دېگەن نام بىلەن ئەل ئىچىدە ئابروي تاپقان ئېدى. ئۇ «ئەۋلىيا» لىق سالاھىيەتى بىلەن 1518 – ژىلى بۇخارادىن قەشقەرگە كېلىپ، شۇ چاغدىكى يەكەن خانلىق بىلەن ئۆزبەكلەر ئوتتۇرسىدىكى بىر قىسىم ماژرالارنى ياراشتۇرۇپ قويغان ئېدى. شۇنىڭ بىلەن يەكەن خانلىقىدىن ئابدۇرىشىتخان بۇ «ئۇلۇغ زات» نىڭ نام – ئابرۇيىدىن پايدىلانماقچى بولۇپ ئۇنى «ئوردا مەسلەھەتچىسى» قىلىپ ئەكىرۋالدى. ئۇنىڭغا ياش بىر ئۇيغۇر قىزىنى ياتلىق قىلىپ قويدى. مەخدۇم ئەزەم بۇ خوتۇنىدىن «ئىسھاق غوجا» ئاتلىق بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن مەخدۇم ئەزەم يەكەندىن خوتۇن بالىسىنى ئېلىپ بۇخاراغا قايتىپ كەتتى.

مەخدۇم ئەزەم ئۆمىرىدە تۆت خوتۇن ئالغان بولۇپ چوڭ خوتۇنى (ئۆزبەكدىن) تۇغۇلغان بالىسى «ئىشان كالان»، كىچىك خوتۇنى (ئۇيغۇردىن) تۇغۇلغان بالىسى «ئىسھاق غوجا» بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بۇخارا، باغدات قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئاتاقلىق مەدىرسىلەردە ئوقۇپ، ئۆز دەۋرنىڭ داڭلىق دىنى ھۆكۈمدارلىرىدىن بولۇپ يېتىلىپ چىققان. بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ دىنى مەزھىپى بىر – بىرىگە قارىمۇ – قارىشى ئېكەن. قانداق سەۋەۋلەردە، بۇ ئاكا – ئۇكىلارنىڭ ئىككىلىسى بۇخارادىن يەكەن خانلىق تەۋەسىگە كېلىپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ خانلىق تەۋەسىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا مۇرىد توپلاپ، مەزھەپ قۇردى. ئىشان كالاننىڭ مەزھەپى «ئىشقىيە مەزھىپى» بولۇپ كىشىلەر ئۇلارنى «ئاق تاغلىقلار» دەپ ئاتاتتى. ئىسھاق غوجىنىڭ مەزھىپى «ئىسھاقىيە مەزھىپى» بولۇپ كىشىلەر ئۇلارنى «قارا تاغلىقلار» دەپ ئاتاتتى. بۇ ئىككى ئاكا – ئۇكا مال – دۇنيا ژىغىپ، دىنى فېئوداللارغا ئايلاندى. بۇ ئىككى مەزھەپ خۇددى ئوت بىلەن سۇدەك بىر – بىرى بىلەن چىقىشالماي، ئۇلار پۇتۈن يەكەن خانلىقىدىكى ئەمەلدار ۋە پۇخرارلارنى ئىككىگە بۆلىۋەتى ھەممە يەردە تېچلىقسىز ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ھەتتا يەرلىك ھاكىمىيەتمۇ خانغا ئىتاەت قىلماي، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇۋالدى. بۇ دىنى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە قول تىقىپ، ھوقۇقنى قولغا ئالماقچى بولۇشتى. شۇنداق جىددى ئاھۋالدا ئابدۇرىشىتخاننىڭ 3 – ئەۋلادى نەۋرىسى تۇرپاننىڭ ئەمىربەگى ئابدۇللا 1618 – ژىلى 70 مىڭ كىشىلىك لەشكىرى قوشۇن بىلەن بارلىق قارىشىلىقلارنى يېڭىپ، يەكەننىڭ خانلىق تەختىدە ئولتاردى. ئۇ بىر قاتتىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، ئەل – ژۇت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بېسىقتۇردى. ئۇ زور قوشۇننى باشلاپ، بەدەخشان، ئوش، ئەندىجان، قەشمىرلەرنى يەنە قازاق، قىرغىزلارنى بۇيسۇندۇردى، بۇ ھال پۈتۈن ئوتتۇرا ئازىيا رايوننى زىل – زىلىگە سالدى.

مىلادى 1640 – ژىل ئەتىراپىدا ئىشان كالاننىڭ نەۋرى «ھىدايتۇللا» (ئاپپاق غوجا) ئاق تاغلىقلارنىڭ يولباشچىسى سالۇھىيىتى بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇ ئالدى بىلەن قەشقەر ئەمىرى يولۋاسقا يىقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇۋالدى. يولۋاسخان ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ قول بەردى. ھىدايتۇللا ئىنتايىن ھىلىگەر ۋە ئوتقۇيرۇق ئادەم بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن يولداشخاننى كۈشكۈرتۈپ، ئابدۇللاخانغا قارشىلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇللاخانغا نامسىز خەت يېزىپ، ئارقىغا زىدىيەت سالدى. پادىشاھى ئابدۇللا ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قىلىپ، ئۆزىگە ئەڭ ساداقەتمەن لەشكىرى ئەمەلدارلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىۋىتىدۇ. كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە ئابدۇللاخان تولىمۇ ئەسەبىلىشىپ ھەچكىمگە ئىشەنمەيدىغان، ئەسەبى ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. 1669 – ژىلى ئۇ كىچىك ئوغلى مۆمىنخاننى تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى ئائىلە تاۋابىتىنى ئېلىپ ھەج قىلىشقا كېتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي يولداشخان ھىدايتۇلانىڭ ۋەسى – ۋەسىگە سېلىشى بىلەن قەشقەردىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ، يەكەندە يېڭىلا تەختىگە چىققان ئىنىسى ئابدۇ مۆمىنخاننى ئۆلتۈرۈپ، يەكەننىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇردى. ھىدايتۇللا ئىشان بولسا خانلىق ۋەزىر بولىدۇ. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئاقسۇ ئەمىرى ئىسمائىل يەكەنگە لەشكەر تارتىپ كېلىپ، يولداشخاننى ئۆلتۈرۈپ، خانلىق تەختىگە ئولتاردى. ھەمدە ھىدايتۇللا ئىشاننى يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ھىدايتۇللا يەكەندىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن بەدەخشان ۋە كەشمىرلەردە بىر مەزگىل سەرسان بولۇپ ژۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى تىبەتتىن ياردەم سوراش ئۈچۈن، لاما تەرەپكە ماڭىدۇ.

مىلادى 1679 – ژىلى ئەتىياز پەسلىدە ھىدايتۇللا تىبەتنىڭ لىخاسا شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. لىخاسا شەھىرى تىبەتنىڭ سەياسى، ئىختىسادىي ۋە لومادىنى مەركىزى بولۇپ، بۇ يەردە دۇنياغا مەشھۈر «بۇددا سارىيى» بار ئېدى. ھىدايتۇللا لاما بىلەن كۆرۈشمەي، خېلى كۈنلەرگىچە تولىمۇ بىچارە ھالدا قالدى. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، ياش تۆكۈپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ مۇددىاسىنى بىلدۈردى. لاما ئۇنىڭغا «بىز سىنىڭ ژۇتىڭنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشكە لەشكەر چىقىرالمايمىز، بىراق مەن غالدانغا قارىتىپ بىر خەت يېزىپ بېرەي، ئۇ ساڭا ياردەم بىرىشى مۈمكىن» دېدى.

لامانىڭ خېتىدە «غوجا ئاپپاق» (سەرگەنداننىڭ) زېمىنى يەكەن بىلەن قەشقەر، ئۇشۇ ئەلدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غوجاسى ئىسمايىلخان ئۇنىڭ دۆلىتىنى تارتىۋاپتۇ، ئۇنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك. سەن قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇنىڭ دۆلىتىنى ئېلىپ بەر» دەپ يېزىلغان ئېدى. ھىدايتۇللا بۇ خەتنى ئېلىپ، تالاي يوللارنى بېسىپ ئىلىدا تۇرۇشلۇق ژۇڭغارلارنىڭ ئاتامانى غالدانغا ئەكېلىپ تاپشۇردى.

غالداننىڭ جەنۇبى شىڭجاڭغا ئاللىقاچان كۆزى چۈشكەن ئېدى. ئۇ مۇنداق ياخشى پۈرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەي 1679 – ژىلى 10 – ئايدا 120 مىڭ لەشكەرنى ئېلىپ ئاپپاق غوجا (ھىدايتۇللانىڭ) يولباشلىشى بىلەن جەنۇبى شىڭجاڭغا بېسىپ كىرىپ، يەكەن خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ھەم ھىدايتۇللا ئىشاننى قورچاق خان قىلىپ تىكلەپ، ئىسمائىلخاننى ئائىلىسى بىلەن يالاپ ئېلىپ، ئىلى دەرىياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قاينۇق دېگەن جايدىكى ھەربىي لاگېرىغا نەزەربەنىت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 166 – ژىل ھۆكۈم سۈرگەن يەكەن خانلىقى بەربات بولدى. ئاپپاق غوجا خان بولدى. بىراق ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۇ قالماقلارغا تۆگىلەرگە ئارتىپ نەچچە يۈز مىڭ سەر ئالتۇن – كۈمۈچى، ۋە نەچچە يۈزلەپ ئەر – ئايال ئىشلەمچىلەرنى ئەۋەتىپ تۇردى. ئاپپاق غوجا سەياسى بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت ژۈرگۈزۈپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى چەتكە قاقتى، ئېسىل كىتاپلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

نەسىردىن ئەمىردىننىڭ «تاشلەڭ جېمەتىنىڭ نەسەبىنامىسى» كىتاۋى 1-38 بەتلەر.

توپلىغۇچى: ئەخمەتجان غوجامبەردىېۋ.

ئەجداتلىرىمىزنىڭ جاغىستاي ۋە غالجاتقا ئورۇنلىشى

ئاپپاق غوجا تەختىگە چىققاندىن كېيىن، ئەل – ژۇت ئىچىدە زادىلا خاتىرجەملىك بولمىدى. 1694 – ژىلى ئاپپاق غوجا ئۆزىنىڭ كىچىك ئايالى مۇختەرەم خېنىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، «ئاق تاغلىقلار» بىلەن «قارا تاغلىقلار» ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق تالىشىپ جىدەل بولۇپ، «ئاق تاغلىقلاردىن»، ئاپپاق غوجامنىڭ نەۋىرىسى ئەخمەت غوجا، قەشقەردە ئۆزىنى خان دەپ جاكالىدى. «قارا تاغلىقلاردىن» دانىيال غوجا يەكەندە ئۆزىنى خان دەپ جاكالىدى. 1713 – ژىلى ژۇڭغارلار جەنۇبى شىڭجاڭنى قايتا بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئەخمەت غوجا بىلەن دانىيال غوجىنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئىلىغا ئەكىلىپ، نەزەربەنىتتە بولدى. ئىلىغا نەزەربەنىت قىلىنغان ئەخمەت غوجىنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭى بۇرخاندىن غوجا، كىچىگى غوجا جاھان ئېدى. 1756 – ژىلى مانژۇرلار ژۇڭغارلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، غوجا جاھاننى ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشقا، بۇرخاندىن غوجىنى ژەنۇبىي شىڭجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئېدى. غوجا جاھان ئىلىدا مانژۇرلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەردى، بىراق ئۇلارنىڭ قوزغىلىڭى تېزراق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن غوجا جاھان قەشقەرگە چېقىپ، ئاكىسى بۇرخاندىن غوجىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ماقۇل كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىڭجاڭدا بۇ ئاكا – ئۇكۇلارنىڭ قوزىلىڭى باشلىنىدۇ. تارىختا بۇنى «چوڭ – كىچىك غوجالارنىڭ قوزغىلىڭى» دەپ ئاتىغان.

1759 – ژىلى ئەتىيازدا قاراسۇ دەرىياسى ئەتراپىدا غوجىلار قوشۇنى بىلەن چىڭ (مانژۇر) لەشكەرلىرى قاتتىق جەڭ قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ زور چىقىم تارتىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بەرداشلىق بېرەلمەي، نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ، ئاران دېگەندە 200 چە ئادەم قورشاۋدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. ئاكا – ئۇكا تاشۋاي، دۇگامەت بوۋىمىز دادىسى ئاۋلان باتۇر جەڭدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردە تۇرالمايدىغانلىغىنى مۆلچەرلەپ، ئۆز ئائىلىسى ۋە قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ ئامان قالغان ژۇتداشلىرى بىلەن مۇزداۋان ئارقىلىق، تاغ ئاتلاپ جاغىستاي تەۋەسىگە كەلگەندە، قوي بېقىپ ژۈرگەن مالچىلارنى كۆرىدۇ. دۇگامەت بوۋىمىز: «بۇلارنىڭ چىرايى بىزگە ئوخشايدېكەن، ئۇلارمۇ مۇسۇلمانغا ئوخشايدۇ، سۆزلىشىپ باقايلى» دەيدۇ، ياشانغان بىر باۋاينىڭ ئالدىغا كېلىپ سالاملاشقاندىن كېيىن: «تاغا! بۇ ئورۇسلارنىڭ يېرىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. باۋاي: «ياق، بۇ بىزنىڭ يېرىمىز» دەيدۇ.

دۇگامەت بوۋىمىز: «پادىشاھىڭلار كىم؟» دەيدۇ. بوۋاي: «بىزنى بۇرۇن قالماقلار (ژۇڭغارلار) سوراتتى، كېيىن ئۇلارنى ئۇزۇن چاچلىق قالماقلار (مانژۇرلار) كېلىپ قوغلاۋەتتى. ئاڭلىسام ھازىر بىزنى يېڭى كەلگەن قالماقلار سورىغىدەك» دەيدۇ. دۇگامەت بوۋىمىز: «تاغا مەھەللەڭلار قەيەردە؟ بىز بېرىپ ئولتارساق بولامدۇ؟»
دەپ سورايدۇ. بوۋاي: «مەھەللىمىز تۆۋەندە، بۇرۇن ئادەم كۆپ ئېدى. موشۇ جۇڭغارلارنىڭ زۇلىمىغا چىدالماي نۇرغۇن ئادەملەر ئورۇس تەرەپكە كۆچۈپ كەتتى، ھازىر سىلەرنى كۆرسە مەھەللىمىزدىكىلەر خوشال بولۇپ كېتىدۇ» دېدى. دۇگامەت بوۋىمىزنىڭ ئادەملىرى بوۋاينىڭ قويىغا ئەگىشىپ، مەھەللىگە كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان يەرلىك ئادەملەر چوڭلار، كىچىكلەر ۋە ئاياللار كېلىشىپ جىق پاراڭلىشىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىشىدۇ. ئەشۇ جىللاردا جۇڭغارلار بىلەن مانجۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش يەرلىك پۇخراغا بالايى – ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئېدى. نەتىجىدە نۇرغۇن ئائىلىلەر بۇ ژۇتنى تاشلاپ، كۆچۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاغىستايدا ئازلا ئائىلىك ئادەم قالغان ئېدى. دۇگامەت، تاشۋاي بوۋىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئادەملىرى جاغىستاينى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئۇلار مۇشۇ يەرگە ماكانلىشىنى قارارىغا كېلىپ، يەرلىكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. بىراق تاشۋاينىڭ ئەندىشى تېخى تۈگىمەگەن ئېدى. چۈنكى بۇ يەرگىمۇ مانژۇرلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىغى، ئۆزلىرىنىڭ تېگى – تەكتىنى ئاشكارىلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەتتى. شۇڭا ئۇلار ئۆز ژۇتىنى يوشۇرۇپ، بىز ئۈچ تۇرپاندىن كەلدۇق دەپ قوياتتى. شۇ ئەنسىزچىلىق سەۋەبىدىن ئۇكىسى دۇگامەتنى بالا – چاقىسى بىلەن 1770 – ژىلى غالجاتقا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.

1760 – ژىلى چىڭ سۇلالىسى جەنۇبىي ۋە شەرقىي شىڭجاڭدىن 300 ئايىلىلىك ئۇيغۇرلارنى مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلىغا يۆتكەپ، ئىلى دەرىياسىنىڭ جەنۇبىي يېزىلىرىغا ۋە جاغىستايغا تەخسىم قىلىدۇ. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1760 – ژىلدىن 1768 – ژىلغىچە جەنۇبىي شىڭجاڭدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن ئائىلىلىرىدىن بىر قىسمى ژۇقارقى ۋە تۆۋەنكى جاغىستايغا تەخسىم قىلىنىدۇ. ئىككى مەھەللىدە تۈتۈن سانى 150 دىن ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ژۇقارقى جاغىستايغا ئىككى ئەللىك بېشى، تۆۋەنكى جاغىستايغا بىر ئەللىك بېشى سايلاندى. ئىككى ژۇتقا بىر يۈز بېشى قويۇلىدۇ. تاشۋاي بوۋىمىز ئىككى ژۇتقا يۈز بېشى، دۇگامەت بوۋىمىز تۆۋەنكى جاغىستايغا ئەللىك بېشى بولۇپ سايلىنىدۇ.
تاشۋاي يۈز بېگىنىڭ دەسلەپكى ئىشى ئۆستەڭ چېپىشتىن باشلاندى. ئۇ 1763 – ژىلى ئارا ئۆستەڭنى چاپقۇزدى. تاش يۈز بېشى كۆيۈمچان ۋە ئادىللىقى ژۇت خەلقىنىڭ قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ ياخشى يېتەكلىشى ۋە خەلقنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن جاغىستاينىڭ تۇرمۇشى ژىلدىن – ژىلغا ياخشىلىنىپ، دېخانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرى روناق تېپىپ ژۇتنىڭ داڭقى تەرەپ – تەرەپلەرگە تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن ھەريەر – ھەريەرلەردىن كىشىلەر كېلىپ ماكانلاشتى. شۇنىڭدەك ئەينى ژىللاردا ژۇتنى تاشلاپ كېتىپ قالغان كىشىلەرمۇ بىر – بىرلەپ قايتىپ كەلدى.

تاشۋاي يۈز بېشى چىداملىق ۋە قەيسەر ئادام بولۇپ، ئۇ ھەر دائىم ژۇتنىڭ غېمىنى يەتتى. دېخانلارغا بىر تەرەپتىن دېخانچىلىق قىلىشقا يېتەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتى چارۋىچىلىقنى رىۋاژلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئوتلاق، يايلاق، كىشلاق تەخسىم قىلىپ بەردى. يەرلىق ھۆكۈمەتكە گەللە تاپشۇرۇشتا بەزى ئائىلىلەر قىسىلىپ قالغىدەك بولسا، ياردەم بېرەتتى. ھەر ژىلى يەرلىك ھۆكۈمەتكە غەللە پاراقنى ۋاختىدا، تولۇق تاپشۇرۇپ كەلگەنلىگى ئۆچۈن، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنى «تاشلەڭ» دەپ ئاتايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتاق ئۇنىڭ ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالدى. تۆۋەندىكى قوشاقنى ئاڭلاڭ:

تاشلەڭ ئاتام باش بولسا،

ژۇتنى ئۇبدان سورايدۇ.

يېرى كامىغا، يەر بېرىپ،

ئىشنى ئۇبدان قىل دەيدۇ.

تاشلەڭ بوۋىمىز 1762 – ژىلدىن، 1782 – ژىلغىچە جەمى 20 ژىل جاغىستايدا ئىككى ژۇتنىڭ ئاتىسى بولىدۇ.

1808 – ژىلى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئەخمەتجان غوجامبەردىېۋ.

«تەڭرىتاغ پالۋانلىرى» رومانىدىن پارچە.

مۇئەللىپ: تۇرسۇن لېتىپ.

1864 – ژىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قوزغىلاڭ ئوتى يانغان ۋە كۈرە قەلئەسى ئېلىنغان. ئىلى ژياڭژۈنى مىڭ شۈي ئۆزىنى پارتىلىتىپ ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن، ئىلى ۋادىسىدا مۇڭغۇل (ژۇڭغار)، شىۋەلەر ئىلى سۇلتانلىغىغا ئەل بولغان، ئامما قوللىرىدىكى قۇراللارنى تېخىچىلا تاپشۇرمىغان ئېدى. ئەلا پالۋان، شىۋەلەرنىڭ قولىدىكى قۇراللارنى ژىغىۋالمىغىچە ئەل ئىچىدە تېچلىق بولماسلىغىنى، ۋاقتى كەلسە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىغىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئالتىنچى سۇمۇلدىكى سۇمبا ئامبال بىلەن جەنۇب بېگى توقىلەك بەگكە ئالاقىچى ئەۋىتىپ، بارلىق سۇمۇللارنىڭ ئامبال – ئاقساقاللىرى ۋە چېرىك باشلىقلىرى ئۇيغۇر يېزا ئەلچىلىرى ئالتىنچى سۇمۇلغا توپلىشىنى ئۇقتۇردى. ئالتىنچى سۇمۇل دەرۋازىسىدىن بىرەر چاقىرىم يەرگە نۇرغۇن ئادەم سەپ تارتىپ تۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە توقىلەك بەگ، سۇمبا ئامبال، باشقا يېزا سۇمۇللاردىن كەلگەن كىشىلەر بار ئېدى. ئەلا پالۋان ئالدىغا كەلگەن توقىلەك بەگ بىلەن قەدىردانلارچە قۇچاغلىشىپ كۆرۈشتى، باشقا بەگلەر بىلەن ئىككى قوللاپ ئامانلاشتى.

ئەلا پالۋان خاس ئۆينىڭ تۆرىدە جوزا قۇرۇپ ئولتاردى توقىلەك بەگ ۋە باشقا بەگلەرمۇ ئورۇن ئالدى.

-ئەلا پالۋان ھەممىسىگە قاراپ، «قۇرال ياراقلارنى ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن تاپشۇرۇڭلار، ئەكسى ھالدا ئۆزەڭلەرگە ئېغىرچىلىق تۇغدۇرىسىلەر»، – دەپ شىۋە ئەلچىلەر ۋە ئامباللارغا قاتتىق ئۇختۇردى. قوشۇمچە قىلىپ، مانا بۇ ژىگىتنى، توقىلەك بەگنى، ھەمىڭلار ياخشى بىلىسىلەر. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر مىڭ ئىككى يۈز لەشكىرى بىلەن، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن خەندەك كولاپ، سىلەرنىڭ ئالدىڭلارنى توسىغان ئېدى، يەنى سىلەرنىڭ ئىلى جياڭجۇننىڭ ئەمرى بويىچە بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىڭلارغا ئىمكان بەرمىگەن دەپ قويدى. بۇ گەپلەردىن كېيىن.

-توقىلەك بەگمۇ شىۋەلەرنىڭ ئامباللىرىغا «قۇراللارنى تاپشۇرۇڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ»، – دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى.

ئەلا پالۋان بىلەن توقىلەك بەگ نۇرغۇن جەڭلەردە بىللە بولغان، سىنالغان دىلكەش قىزغىن دوستلاردىن ئېدى. توقىلەك بەگ سالاپەتلىك، ئەدەپ – قايىدىسىدىن خەۋىرى بار، باسىت ئادەم ئېدى. شۇ سەۋەپتىنمۇ ئەلە پالۋان ئۆزىنىڭ بارلىق سىرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق ئايدىڭ گەپلىشەر ئېدى. بۈگۈنمۇ ئەلا پالۋان سۇمبانىڭ قىزى سۇخانى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىغىنى، ئۇنىڭغا ئۆيلەنمەكچى ئېكەنلىگىنى، ئامما ئۇ شىۋە قىزى بولغانلىغى ئۈچۈن قانداق يول تۇتۇش كېرەكلىگىنى بىلمەيۋاتقانلىغىنى، سۇمبا تەكلىپنى قانداك قوبۇل قىلىشىنى بىرمۇ – بىر دوستى توقىلەك بەگكە ئېيتىدۇ. ئەلە پالۋاننىڭ ھەقىقەتەن سۇخانى ياقتۇرۇپ قالغانلىغىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلغان توقىلەك بەگ «ھەممە ئىشنى ماڭا قويۇپ بەر مەن ئۆزەم، سۇمباغا قىزىنى سوراپ ئەلچىلىككە بارىمەن»، – دەپ ئاغىنىسىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. دېگەندەك توقىلەك بەگ، سۇمبالار بىلەن بىر قورادا ئولتۇرۇشقان ئايشەم ئانىنى ئېلىپ، سۇمبانىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارىدۇ. سۇخا ئىككى تىزىنى پۈكۈپ تازىم قىلىدۇ. توقىلەك بەگ بىزنىڭ سۇلتانىمىزغا لايىقمۇ، دېگەندەك قىزنىڭ ھۆسنى – جامالىغا قارىدى ھەم «سۇلتاننىڭ ئاشىق بولغىچىلىغى بار ئېكەن» دېگەن ئويغا كەلدى. ئۇ قىزنى گەپكە سالغۇسى كېلىپ سورىدى:

- دادىڭىز بىر ياققا كەتكەنمىدى؟ سۇخا يەرگە قارىغان ھالدا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا:

- ۋاي تاڭەي، – دەپ جاۋاب بەردى.

- پاھ، ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىكەنسىزغۇ؟

- خوشنىلىرىمىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن.

- ئايشەم ھەدە خوشنىڭىزمۇ؟

- ئۆز ئانامدەك بولۇپ كەتكەن.

شۇ پەيتتە سۇمبا ئۆيگە كىرىدۇ، ئۇ ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ تازىم كەلتۈرىدۇ. سۇخا يېنىك قەدەم بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ.

- سۇمبا ئاغا، – دەپ گەپ باشلىدى توقىلەك بەگ.

- سىز قۇرال تاپشۇرۇشتا نەمۇنە بولدۇڭىز.

بۇ ئىشىڭىزدىن سۇلتان سىزدىن خۇرسەن.

- سۇلتان ئالىيلىرىنىڭ ئۆمұرى ئۇزاق بولغاي.

مەن سىز ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى خالايمەن، – دېدى سۇمبا خوشاللىق بىلەن.

- بىزمۇ شىۋە خەلقى بىلەن ئىناق، دوستانە ئۆتۈشنى خالايمىز.

توقىلەك بەگنىڭ گېپىنى پەتنۇستا چاي كۆتۈرۈپ كىرگەن سۇخا بۆلۈۋەتتى. توقىلەك بەگ چاي ئېلىۋىتىپ.

- قىزىڭىز ئۇيغۇر تىلىنى سۇدەك بىلىدېكەن، – دېدى.

- مېنىڭدىنمۇ ياخشى بىلىدۇ، ھويلىدا بىر ئۇيغۇر ئائىلە بار، شۇڭا سۇخانىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلىدا چىقتى.

سىزلەر قۇرال تاپشۇرۇشتىلا نەمۇنە بولماي، ئۇيغۇر – شىۋەنىڭ ئىناق ئۆتىشىدىمۇ نەمۇنە ئىكەنسىز، ئەندى بۇ ئىناقلىقنى تۇققانچىلىققا ئايلاندۇرساق مەڭگۈ ئىناق ئۆتىمىزكەن.

توقىلەك بەگ گەپنى ئەسلى مەخسەتكە بۇرىدى.

- سۇمبا ئاغا ئوبۇل ئەلاخان سۇلتان، سىزگە كۈيوغۇل بولسام دەيدۇ!

- ھە! – سۇمبا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

سۇمبا ئۆينىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە ماڭدى. بەللىرى پۈكۈلدى، ئۇنىڭ قىزىل مەڭزىدە قان دىدارى قالمىغانىدى.

- ئاقساقال سۇلتانىمىز سۇخانىڭ ئەدەپلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بىلەن ئۆرپى – ئادىتىگە پىشىقلىغىنى بىلىپ، قىزىڭىزنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ. بۇ سىزنىڭ ۋە قىزىڭىزنىڭ بېشىغا قونغان بەخىت قۇشى. بۇ ئىككىسى توي قىلسا ئىككى مىللەتنىڭ دوستلىغىنى مەڭگۈلۈككە ئايلىنىلار ئېدى – دېدى.

سۇمبا بىردىن توقىلەك بەگكە يۈزلىنىپ تىزلاندى ۋە يالۋۇردى:

- بەگ سىز بىلەن مەن كونا تونۇش، مەن سۇلتان بىلەن تەڭ كېلەلمەيمەن.

ئۇ قىزىڭىزنى زورلۇق بىلەن ئېلىشنى خالىمايدۇ، سىزنىڭ رازىلىقىڭىزنى ئېلىشنى ماڭا تاپشۇردى.

سۇخانىڭ ئانىسى تۇمبا كېلىشكەن، ئاپپاق ئايال ئېدى. ئۇ ئەلە پالۋان ئەلچى كىرىگۈگەندىن بېرى بەكمۇ خوشخۇيلىشىپ كەتتى. ئۇ يالغۇز قىزىغا تويماي قاراشقا باشلىدى. سۇخا ئەجەبلىنىپ.

- ئانا تولىمۇ خوشالغۇ؟ – دەپ سورىدى.

- پېشانەڭگە بەخىت قۇشى قونغىنىغا خوشالمەن.

- بەخىت قۇشى؟ ئۇ قايەرگە قوندى؟

- سېنىڭ بېشىڭغا!

- قۇش يوققۇ؟

قۇش باللىسى چوڭ بولسا ئۇگىسىدىن ئۇچۇرما بولىدۇ. سەن بىزنىڭ بىر تال قىزىمىز ئىدىڭ، ئەندى سەن ئۇچىدىغان بولدۇڭ.

- قانىتىم بولمىسا قاناداق ئۇچىمەن؟

- ساڭا سۇلتان ئوردىسى قانات ئاتا قىلغان ئوخشايدۇ.

- سۇلتان ئوردىسى؟ ئۇ يەردە نېمە بار؟

- كېلىشكەن بىر پالۋان بار.

- ئۇنداق ئۇيغۇرغا تەگمەيمەن!

- ئۇنداق دېمە قىزىم ئۇيغۇرلار زېرەك، پاراسەتلىك، كەڭ قوساق، باتۇر خەلق. ئەلە پالۋان ئاشۇلارنىڭ پەرىزەنتى ۋە سۇلتانى.

كىز ئانىنىڭ گەپلىرىنى ھۈزۈرلىنىپ ئاڭلىدى ۋە ئانىسىغا: «ئۇ ۋاپادار بولسا مەن ئۇنىڭغا مەڭگۈ باش ئېگىمەن» دەپ جاۋاپ بەرمەكچى بولىدۇ. ئامما ئىزا تارتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

قولغا سۇ ئېلىنىپ دەستىخان سېلىندى، تائامدىن كېيىن شەمشىدىن خەلپەم:

- كېلىن ئاغىچىنى ئەكىرىڭلار، – دېدى.

پەرەنجە ئارتقان گۈل»سۈم ئاپپاق ياغلىققا پۈركەنگەن سۇخانى ئۆيگە ئەكىردى. ياغلىق ئۇنىڭ جامالىغا پەردە بولۇپ تۇراتتى. ئۇلار ئىككى ئالىقىنىنى مەيدىسىگە قويۇپ سەل ئېگىلىپ سالام بەردى.

- قىزىم، نىكاھ غايىب دېگەندەك، مەشھۈر پالۋانىمىز ئەلە پالۋان بىلەن سىزنىڭ نىكاھىڭىز ئالدىدىن سىزنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىڭىز بەرھەق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشىڭىز كېرەك.

سۇخا يۇمشاق، سەل تىترىگەن ئاھاڭدا جاۋاب بەردى.

- ئىمان ئېيتىشقا تەييارمەن!

- بارىكاللا قىزىم، مەن ئوقاي، سىز تەكرارلاڭ.

- لەىلاھە ئىللاللا، مۇھەممەدۇن راسۇللا!

- مۇبارەك بولسۇن! – دېدى سادىق ئىمام.

- مۇسۇلمان بولغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

مولا سادىق ئىمام: ئەندى مۇبارەك ئىسمىڭىز ئاپپاق بولسۇن! – دېدى.

سۇخانى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، نىكاسىنى ئوقۇغۇزۇپ، ئىسمىنى ئاپپاق دەپ ئۆزگەرتىپ، ئەلە پالۋانغا نىكاھلاپ قويىدۇ.

ئەلە پالۋان بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى بىلەن كاڭدا ئولتۇرۇپ مەسلەھەتلىشىۋاتقاندا مەھكىمە دىۋان بېگى كىرىپ مونۇلارنى ئىزھaر قىلىدۇ.

- قازاقلارنىڭ ئالبان قەبىلىسى تازىبېك، چالتاباي ئىسىملىق كىشىلەر مىڭ كىشى ئەگەشتۈرۈپ روسسىيادىن چىقىپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ سۇلتانىمىزغا ئېتىدىغان ئەرزى – ھالى بار ئېكەن.

- بۇلار شۇنچە ئۇزۇن يول بېسىپ بۇ يەرگە نېمىگە كەلگەندۇ؟ – دەپ سورىدى ئەلە پالۋان، شەمسىدىن خەلپەمدىن. شالۋۇر كىيگەن، كۈمۈچ بەلۋاغ باغلىغان، سېرىق ساقاللىق ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ.

- ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم سۇلتان ئاغا، – دەپ سالام بەردى.

- ۋاەلەيكۇم ئەسسالام، – دەپ ھەممىگە ۋاكالىتەن شەمسىدىن خەلپەم ژاۋاب بەردى.

- ئولتۇرۇڭلار، – دەپ تەكلىپ قىلدى ئەلە پالۋان.

- خوش خىزمەت؟ مېھمانلار يەنە ئورنىدىن تۇردى.

- ھۆرمەتلىك سۇلتان ئاغا، مېنىڭ ئېتىم تازىبېك، ئورۇسلار مونۇ چالتاباي ئىككىمىزنى ۋە قەبىللىرىمىزنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتەرمەكچى بولىدۇ. بىز سىلەردىن پانا تىلەپ، ئېلىڭلارغا كەلدۇق، بىز سىلەر بىلەن قېرىنداش ھەم دىنداشمىز. باتۇر ئاغا بىزگە پانالىق بېرىپ قۇتۇلدۇرۇپ قالغايسىز.

- قازاق خەلقى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، ئۇلار بىزدىن پانالىق تىلەپ كەلسە باشپانالىق بېرەيلى، – دېدى. بۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش زۇلۇمغا، خورلىققا قارشى تۇرغان.

- شۇنى بىلىشىمىز ۋە ئويلاپ قويىشىمىز كېرەككى، – دېدى ئەلە پالۋان جىددىي ھالدا.

- چار پادشاھىسى چوقۇم ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لەشكەر كىرگۈزۈپ ئۇرۇش بولۇشى مۈمكىن.

- ئاللا تاللا ئېگەمدىن ئۆز بەندىلەرنىڭ ئامانچىلىغىنى تىلەيمىز.

- چار پادىشاھىسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنىنى تۆكمەكچى بولسا، بىز قاراپ تۇرساق خۇدا راۋا كۆرمەيدۇ. – دېدى ئەلە پالۋان.

ئەلە پالۋان بۇرتىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ ئويلاندى، ئاخرىدا بىر قارارغا كەلدى.

- تازابېك بىلەن چالتاباي ۋە ئۇلار ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن قازاقلارغا باشپانالىق بېرەيلى. ئۇلار كۈنەس يايلىغىغا ئورۇنلاشسۇن! ھەر بىر ئائىلىگە بىر قورا قوي، ئوتلاق، يايلاق يېتەرلىك ئاشلىق، يەم بېرىلسۇن!

بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تازابېك بىلەن چالتاباي مەھكىمىگە كىرىپ، ژىغلاپ تۇرۇپ رەخمەت ئېيتىدۇ. ئەلە پالۋاننىڭ ئايىغىغا باش قويماقچى بولىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ئەلە پالۋاننى غەم باستى. ئۇ ئەزىز پالۋانغا، توقىلەك بەگكە لەشكەرىي مەشىقنى كۈچەيتىشكە ئەمىر قىلىدۇ. ئەلە سۇلتاننىڭ غەم قىلغان ئىشى ئاخىرى يۈز بەردى. چار پادىشاھىسىنىڭ گۇبېرناتورى ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ئاق پادىشاھى ئەلچىلىرى ئەلە پالۋانغا ھۆرمەت بىلدۈردى، ئۇلارنى ئولتىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

- ئەلە پالۋان، خۇش كەپسىلەر، تاخسىرلەر، -دەپ ئىلتىپات كۆرسەتتى.

- ئۇلۇق پادىشاھىمىز چىڭ خانلىقى بىلەن ياخشى خوشنا بولۇپ كەلگەن. پادىشاھىمىز ھازىرغىچە چىڭ خانلىقى بىلەن ياخشى خوشنا بولىشىنى خالايدۇ. بىراق يېقىندا پادشاھىمىزگە قارشى شۇملۇقلارنى قىلغان تازابېك بىلەن چالتاباي ئېلىڭلارغا چىقىپ كەلدى، ئۇلار بىزنىڭ پۇخرامىز بولغان ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇك.

ئەلە سۇلتان سىلىقلىق بىلەن شۇنداق جاۋاپ كەلتۈردى.

- تازابېك بىلەن چالتاباي بىزدىن باش پانالىق تىلەپ كەپتۇ. بىز ئۇلارغا قازاق قېرىندىشىمىز سۈپىتىدە پانالىق بەردۇق. ھازىر ئۇلار بىزنىڭ پۇخرامىز بولدى.

- جانابى سۇلتان، – دېدى ئەلچى ئىككى قەبىلە قازاق ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت بولمۇسۇن. ئۇلارنى بىزگە قايتۇرۇپ، ئىناق خوشنىدارچىلىغىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزنى سورايمىز.

- ئەلە پالۋان، روسسىيا بىلەن بولغان خوشنىدارچىلىققا ھۆرمەت قىلىپ كەلدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ ھۆرمەت قىلىمىز، پانالىق بېرىش ھەرقەيسى ئەلنىڭ ئۆز ئىشى. بىز يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ خوشنىدارچىلىق ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىككى قازاقنىڭ ئۆلۈمىگە تەڭ خۇن تۆلەيلى.

- بىزگە دۇنىيا كېرەك ئەمەس، ئەگەر تاپشۇرمىساڭلار، بۇندىن كېيىن چىققان ئاقىۋەتكە سىلەر ژاۋاپكەر، بىز ئەمەس!

ئورۇس ئەلچىلىرى، مەھكىمىدىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭغا قاتتىق رەنجىگەن كالپاكوۋسكىي، ئىلى ئۆلكۈسىگە بېسىپ كىرىش ئۈچۈن بانىمۇ تېپىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ 1871 – ژىلنىڭ باھaر پەسلىدە ئورۇس ئەسكەرلىرى دوۋۇن، داردامتۇ، كەتمەندە پەيدا بولىدۇ. شېۋە ئاپپاق ئەلا پالۋاننىڭ ئۇرۇشقا بارىدىغىنىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ.

- ۋەتەننى قوغداش ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇرچى. ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلسەم ئەۋلادىمىز ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمايمەن.

شېۋە ئاپپاقنىڭ كۆزۈگە لۆمىدە ياش كەلدى.

- جىغلىما ئاۋۋال خۇدا، ئاندىن تاغدەك يۆلىگىم خەلقىم بار، بىز ئۇرۇش تەجاۋۇزچىلارنى چوقۇم مەغلۇب قىلىمىز، سۆيگەن يارىڭنى جىغا بىلەن ئەمەس مېھرىڭ، شادلىق كۈلكەڭ بىلەن ئۇزاتقىن!

ئەلا پالۋان توقىلەك بەگدىن ئورۇس لەشكەرلىرىنىڭ كۈچى، قۇرالى تۇرغان ئورنىنى ۋە جەڭ ئەھۋالىنى ئۇقتى. بۇ ئۇرۇشنى كۈتكەن توقىلەك پالۋان، ئاققوزا مىراپ، ئەزىز پالۋان لەشكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇپ تەييار قىلىپ قويغان ئېدى. ئەلا پالۋان ئۇيغۇر سەردارلارنىڭ باھادىرلىغىغا خۇش بولىدۇ.

توقىلەك پالۋان، ئاققوزا مىراپ، ئەزىز پالۋان، ئەمىرشاھ لەشكەرلىرىگە ياردەمگە كەلگەن ئەلە پالۋان، ئابدۇراسۇل بەگ ئەسكەرلىرى، ئورۇس ئەسكەرلىرىنى سۇر – سۇر قىلىپ چېكىندۈرۈپ سارتوقاي سۈيىدىن ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. تەجاۋۇزچىلارنىڭ قاشقىنىنى كۆرگەن كەتمەن، دوۋۇن، داردامتۇ خەلقى ماللىرىنى سويۇپ، تائام تەييارلاشقا كىرىشتى. تارىختا بۇ ئۇرۇشنى «كەتمەن ئۇرۇشى» دەيدۇ.

ئەلا پالۋاننى بارلىق سۇمۇل خەلقى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەلە پالۋان ئاتتىن چۈشۈپ ھەممە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاندىن ئوغلىنى ئېلىپ ئېگىز كۆتەردى ۋە:

- بىز موشۇ ئەۋلادىمىز ئۈچۈن جەڭ قىلدۇق! – دېدى.

كالپوكوۋسكىي ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىدىن مەغلۇب بولغاندىن كېيىن. ئۇ تۆرت مىڭ ئاتلىق قوشۇننى تاللىدى. كېچىسى ناھايىتى تېز ۋە يوشۇرۇن ھالدا قورغاس، سۈيدىڭدىن ئۆتتى. ئاتلىق قوشۇن كېلىپ سۈيدىڭنى بېسىۋىلىپ ئۇندىن كېيىن بايانداينى ئېگىلىدى. بۇ چاغدا ئەلە پالۋان مۇزات ئېغىزىدا بېسىپ كىرگەن روسسىيا قوشۇنىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى.

بۇ شىددەتلىك جەڭ ئەللىك بىر كۈن داۋام قىلىدۇ. كالپوكوۋسكىينىڭ توپلىرى ئەلە پالۋان قوشىنىغا مەغلۇبىيەت ئەكەلدى. 1871 – جىل 7 ئاينىڭ 21 كۈنى روسسىيا قوشۇنى غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. بۇ تەجاۋۇزچى قوشۇنى كۆزغىلاڭچىلارنى رەھىمسىزلارچە باستۇرۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆلتەردى ۋە سۈرگۈن قىلدى.

ئەلە پالۋاننى ئالمۇتىنىڭ چېتىدىكى بىر قوراغا ئورۇنلاشتۇردى. ئەلە پالۋان شۇ قورادا نازارەت ئاستىدا قورغان سالدى. كېيىن بۇ قورا «سۇلتان قورغان» دەپ ئاتالدى. ئاق پادىشاھىنىڭ پەرمانى بويىچە ئەلە پالۋاننىڭ سىرت بىلەن ئالاقىسىنى چەكلىدى. كۈنلەر قوغلاپ ئايلار ئۆتتى، ژىللار ئۆتتى. ئارىدىن ئون ژىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ ئۇزاق ژىللاردا شىۋە ئاپپاق زېرىكتى. ئاتا – ئانىسىنى سېغىنىپ سارغايدى. يەنە بىر ئوغۇلمۇ تۇغدى. ئۇ بالىلىرى بىلەن مېلىكە بولۇپ، بۇ ئۇزاق ژىللارنى ئۆتكەزدى. بىر كۈنى ئاپپاق سۇلتانغا، ئاتا – ئانىسىنى تولا چۈشىگە كىرىدىغانلىغىنى، ئۇلارنى بەك سېغىنغانلىغىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن ئالدىن بىر كۆرۈپ كېلىش ئارمىنى بارلىغىنى ئېيتىدۇ. ئاپپاقنىڭ گېپىدىن تەسىرلەنگەن ئەلە پالۋان ئەتىسى ئاشۇر بەگكە بۇ ئەھۋالنى ئېيتىدۇ. ئاشۇر بەگ سۇلتان قورغاننىڭ نازارەتچىسىگە مەلۇم قىلىدۇ. نازارەتچى ئەلە پالۋاننىڭ تەلىۋىنى گۇبېرناتورغا يەتكۈزدى. ئەلە پالۋاننىڭ ئون جىلدىن بېرى ھېچ كىم بىلەن ئالاقە قىلمىغىنى، ياكى باشقا بىر ئوي – پىكىرلىرى بولدۇمۇ، ئەلە سۇلتانغا، ئايالى ئاپپاق بىلەن، ۋەتىنىگە بېرىپ كېلىشكە رۇخسەت بېرىدۇ.

بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەلە سۇلتان ئايالى ۋە بالىسى بىلەن يولغا چىقىدۇ. يول بويى ئەركىنچىلىككە چىققانلىغىنى ھىس قىلغان، ئەلە سۇلتان شۇ باھانىدا قەدىردان دوستى، ئىنقىلاپداش جەڭگىۋەر سەپدىشى توقىلەك بەگنى بىر كۆرۈش ئارمىنىدا ئېدى.

- ئەلە سۇلتان بىز غالجات ئارقىلىق ماڭايلى، غەرىپ بىلەن ماڭساق كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. – دېدى.

ئەلە پالۋان شۇ ماڭغىنىچە غالجاتقا كەلدى. يېزىلىقلاردىن ھال سورىدى، قېرىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ مۇڭداشتى. توقىلەك بەگنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇلارنى غالجاتلىقلار خېلى يەرگە ئۇزىتىپ قويدى.

- ئەلە پالۋان تەڭرى تاغ چوقىسىغا چىققاندا دوستى توقىلەك بەگنى ۋە ۋەلى بايلارنى سېغىنغانلىغىنى ئايالى ئاپپاققا ئېيتىدۇ. يولدا توقىلەك بەگنى ئىزدەپ تېپىشنى ئويلىدى. كېتىپ بېرىپ يولدىكى بىر چىدىرغا چۈشۈپ، دەم ئالماقچى بولىدۇ شۇ يەردە توختايدۇ. كېچىسى ژىراقتىن، كېلىۋاتقان ئاتلارنىڭ دۈپۈرلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغاندا.

- بۇ قونالغا چۈشكەنلەر كىم؟

- توقىلەك بەگ! – دەپ خوشال ۋاقرىۋەتتى ئەلە پالۋان.

- ئەلە پالۋانمۇي، راستتىنلا – ھە! – توكىلەك بەگ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ گۈلخاننىڭ يېنىغا ژۈگۈرەپ كەلدى. ئۇ گۈلخان يورۇغىدا قارا بۇرۇتلۇق، قارا ساقاللىق، گەۋدىلىك، زەبەرداش ئادەمنى كۆرۈپلا كۇچاق ئاچتى ۋە ھاياجان بىلەن.

- راست ئىكەن، ئەلە پالۋان ئىكەن! چۈشۈممۇ، ئوڭۈممۇ! – دېدى.

ئەلە پالۋان، توقىلەك بەگنىڭ ئاۋازى ئېكەنلىگىنى بىلىپ. ئەلە پالۋاننى كۆرىدۇ ۋە قۇچاغلىشىپ كۆرۈشىپ كېتىدۇ.

- مانا قارىسىلا خۇدايىم نىيىتىمگە يەتكۈزدى، يول بويى ئەتراپ تاغلارغا، ئورمانلارغا قاراپ كۆزۈم تeشىلىپ كەتتى. – دېدى ئەلە پالۋان كۈلۈپ. سىلى بىلەن بىر كۆرۈشۈپ قېلىشنى ئۈمۈد قىلىپ كېلىۋاتاتىم.

شېۋە ئاپپاق توقىلەك بەگكە ئېگىلىپ سالام قىلىدۇ، تېنىچلىق سورايدۇ. ئەلە پالۋان توقىلەك بەگنى كىگىز ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇلار قايتا – قايتا ئامانلاشتى. ئەلە پالۋان قورغاندا كەپەزدىكى شىردەك تولغىنىپ ئۇزۇن جىللار ئۆتكەزگىنىنى، بۈگۈن ژۇتىنى كۆرۈپ كېلىشكە ئاتلانغىنى سۆزلەپ بەردى ۋە توقىلەك بەگدىن سورىدى.

- ئۆزلىرىدىن سورىساق ئاق پادىشاھىغا قارشى جەڭ قىلىپ ژۈرگەنلىرىنى ئاڭلىدىم.

- ئاق پادىشاھى لەشكەرلىرى چۆڭ كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا بىر كېچە كۈندۈز قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتۇق.

- خوش كېيىن قاياققا چېكىندىڭلار ؟

- موشۇ تاغلارغا كىرىۋالدۇق. كەتمەن، غالجاتتىكى بارلىق چارۋىنىمۇ ئاچىقىپ قەتتۇق. بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئورۇس ئەسكەرلىرى كەتمەندىن كەتتى. بىز يەنە كەتمەنگە كىرىۋالدۇق، ئۇلار كەلسە يوشۇرۇن زەربە بېرىمىزدە، يەنە تاققا چىقىپ كېتىمىز، ئۇلار كەلسە يەنە كىرىۋالىمىز.

- سىلى ھازىرمۇ ئورۇسلار بىلەن ئېلىشىۋاتامدىلا؟

- بىزنىڭ غالجاتقا بىر يۈزدەك سولدات چىقىپتۇ، بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مېنى ۋە مېنىڭ جەڭگىۋارلىرىمنى قۇرالسىزلاندۇرۇش ئېكەن، مەن ئۇلارغا «قۇراللارنى ئەتە ژىغىپ بېرەي» دەپ ۋەدە قىلىۋىدىم، شۇ كۈنى كېچىسى ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇخلاۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا باستۇرۇپ كىرىپ، كۆپىنى جېنىدىن جۇدا قىلدۇق. قېچىپ كەتكەنلىرى گۇبېرناتورغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان بولسا كېرەك. ھەپتىدىن كېيىن سەككىز يۈزچە ئەسكەرنى ئەۋەتتى. قارىسام ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن يەنە تاققا چىقىپ قەتتۇق. پەيتىنى تاپساقلا شۇ ئۈچ يېزىدىكى ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلىمىز. ئوزۇق – تۈلۈك، ئوق دورىلارغا ئېگە بولىۋېلىپلا تاققا چىقىۋالىمىز. بىزنىڭ كۈنىمىز مانا شۇنداق ئۆتۈۋاتىدۇ. ئەلە پالۋان، توقىلەك بەگنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپ، ئۈنىڭ قۇلىغىغا پىچىرلىدى. توقىلەك بەگنىڭ چېھرىسى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار بىر – بىرىنىڭ قولىنى قاتتىق سىقىشتى.

- خەيرى خوش، ئاكام ئاغىنەم. ۋەدىمىز ۋەدە بولسۇن، –دېدى ئەلە پالۋان، توقىلەك بەگنى قۇچاغلاپ ۋە قۇلىغىغە پىچىرلىدى. – جەڭ مەيدانىدا دىدارلىشىمىز، ئاللا نېسىپ قىلسۇن!

توقىلەك بەگنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولغان ھالدا ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويدى.

توقىلەك بەگ، ئەلە پالۋاننى ئاشۇر بەگ قەستەن زەھەرلەپ ئۆلتەرگەنلىگىنى بىلگەندە، كۆزلىرى غەزەپكە تولغان ھaلدا سۇلتان قورغان تەرەپكە قادالغان ئېدى. چىشلىرى كىرىشكەن ھaلدا، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئىككىلا ئادەمنىڭ ئىسمى چىقاتتى.

- ئەلە پالۋان – دوستۇم، ئاشۇر بەگ – خائىن!

توقىلەك بەگ ئۆز دەرگاھىغا كەلگىچە: «ئەلە پالۋان – دوستۇم، ئاشۇر بەگ – خائىن»، – دەپ كەلدى. دەرگاھىدا بىر كېچە تۈنىدى. ئۇ كېچىچە ئۇخلىمىدى، ئەتىسى پۈتكۈل لەشكىرىنى ژىغىپ، ئاۋۋال ياغ پۇراتتى، قارىلارغا قۇرئان ئوقۇتتى. ئاندىن ئەلە پالۋاننىڭ خائىن تەرەپتىن ئۆلتۈرىلگەنلىگىنى ژىغلاپ تۇرۇپ مەلۇم قىلدى.

ئۇ تاڭ سەھەردە ئاققوزا مىراپنى لەشكەرگە باش قىلىپ، كەتمەندىكى ئورۇس سولداتلىرىنى قىرىپ تاشلاشقا ماڭغۇزدى. ئۆزى ئەڭ قەيسەر، باتۇر ھېچنېمىدىن قايتمايدىغان ئون ژىگىتنى ئېلىپ نەدە سەن «سۇلتان قورغان» دەپ ئاتلاندى. ئۇلار ئۈچۈنچى كۈنى كېچىسى سۇلتان قورغاننىڭ ئېگىز تاملىرى ئاستىغا كەلدى. توقىلەك بەگ قورغان دارۋازىسىنى ساقلاۋاتقان سولداتلارغا ئىككى ژىگىتنى ئەۋەتتى. ئۇلار قورغان دەرۋازىنى قوغداپ تۇرغان سولداتلارغا خەنجەر تىقتى. ئاندىن توقىلەك بەگكە قىرغاۋۇلچە سايراپ، بەلگۈ بەردى. توقىلەك بەگ ژىگىتلىرىنى باشلاپ، ئەلە پالۋان ياشىغان قورانىڭ ئالدىغا كەلدى. ژىگىتلەر بىر – بىرىنى شوتا قىلىپ تامغا چىقتى. ئاۋاز چىقارماي تامدىن ئاستا سۈرىلىپ چۈشۈشتى. توقىلەك پالۋان ئاۋۋال ئەلە پالۋان ياتىدىغان ئۆيگە كىردى،

- قايسىڭ، بۇ يېرىم كېچىدە كەلگەن؟ نېمە ئىش؟ – دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى:

- ئەزرائىل، – دەپ جاۋاپ بەردى توقىلەك بەگ.

- ھە، ھە، يارەبىم، مەن ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمانمەن!

- ياق، سەن قاپقارا مۇناپىق سەن!

ئاشۇر بەگ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تىتىرىگەن ھالدا تىك تۇرۇپ قالدى.

- ئەي، ئاق پادىشاھىنىڭ يالاقچىسى. ئۇيغۇر پالۋاننى، – ئەلە سۇلتاننى قەستلەشكە قانداق پېتىندىڭ؟ – دېدى توقىلەك بەگ.

- مە… مەن… ئەمەس. ئەلە پالۋاننى كاپىر شىۋە ئاپپاق زە… ھەر… لىدى! – دەپ دۇدۇقلىدى.

- خەلق نامىدىن جاھانگىرنىڭ يالاقچىسى، ئەلە پالۋاننىڭ قاتىلى ئاشۇر بەگكە، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەي! توقىلەك باتۇر خائىننىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇردى.

توقىلەك بەگ ئالدىراتتى، ئۇ نۇردۇنغا، شىۋە ئاپپاق بىلەن باتۇرخاننى ياخشى كۈتۈشىنى تاپشۇردى.

كالپاكوۋسكىي ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئاق پادىشاھىغا نۇرغۇن بايلىق ئېلىپ كەلدى. ئاق پادىشاھى خىزمىتىگە يارىشا ئۇنى ئالمۇتا گۇبېرناتورلىققا قايتىدىن تەييارلىدى. ئالمۇتا گۇبېرناتورى ئاق پادىشاھىغا مۇراجەت قىلىپ، ئون ژىلدىن بېرى توقىلەك بەگ قوشۇنلىرى تېچلىقلىق بەرمايۋاتقانلىغىنى ئېيتىدۇ.

ئاق پادىشاھى «مەن ساڭا ئۆزەمنىڭ ئاتلىق قوشۇنۇمنى ئەۋەتتىم، ئەندى يېڭىلسەڭ كاللاڭ بىلەن جاۋاپ بېرىسەن» دەپ كازاك ئاتلىق قوشۇننى ئەۋەتتى. بۇ پەرماننى ئاڭلىغان گۇبېرناتورنىڭ كاللىسى چۈشۈپ كەتتى. ئۇ بۇ كازاك قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن توقىلەك بەگنى يوقىتالمىسا كاللىسىنىڭ كېتىدىغانلىغىنى بىلىپ ئەتراپلىق ئويلاندى. توقىلەك بەگنى ئىلى خەلقى ئوق، ئوزۇق – تۈلۈك بىلەن تەمىنلەتتى. كېرەك بولسا ئوغۇللىرىنى لەشكەرلىككە ئەۋىتەتتى. گۇبېرناتور قوشۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى توقىلەك بەگكە خەۋەر قىلاتتى. ئالمۇتا، چېلەك ۋە يەتتىسۇدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارمۇ توقىلەك بەگنى قوللاتى. ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى.

گۇبېرناتور كازاك ئاتلىق قوشۇننىڭ گېنېرالى تۈزگەن جەڭ پلانىغا قوشۇلۇپ مۇنداق پەرمان بەردى.

- توقىلەك دېگەن قاراقچى چېگارىدا كۆپ قالايمىقان ئىشلارنى قىلىدۇ. بىزنىڭ چونجا، شۇڭقار، كەتمەن رايونلىرىمىزدا ئىغۋاچىلىك قىلىدۇ. نۇرغۇن كازارمىلارنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ قاراقچىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاق پادىشاھى ئالىيلىرى ئۆزىنىڭ خاس كازاكلار قوشۇننى ئەۋەتتى. مەن بۇ قوشۇننىڭ گېنېرال لېيتېناتىغا، بۇ قاراقچىلارنى يوقىتىشنى بۇيرىيمەن، – دېدى. كېڭەش بولۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن جازا ژۈرىشى باشلاندى. بۇ ۋاقىتتا توقىلەك بەگنىڭ قوشۇنى چونجىدا دەم ئېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئايغاقچىلىرى ئاق پادىشاھى قوشۇننىڭ كېلىۋاتقانلىغىنى خەۋەر بەردى، توقىلەك بەگ ئەسكىرىنى ئايلاندۇرۇپ تاققا چىقىپ كېتىدۇ. ئورۇس قوشۇننىڭ ئايغاقچىلىرى تۇياق ئىزىدىن ئىز قوغلاپ توقىلەك بەگنىڭ قوشۇنى تۇرغان ئورنىنى كازاك گېنېرالىغا مەلۇم قىلىپ تۇرۇدۇ. ئۆز زېمىنىنى ئۇبدان بىلىدىغان توقىلەك بەگ ئايغاقچىلىرى ئارقىلىق كازاكلارنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىگىنى بىلىدۇ. تاڭ ئېتىشى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى ئۈچ تەرەپتىن ئاۋاز چىقارماي كىرىپ، بىرمۇ ئوق ئىشلەتمەي شىرىن ئۇيقۇدا ياتقان سولداتلارنى قىرىپ تاشلىدى. بۇنىڭدىن گەزەپلەنگەن گېنېرال، توقىلەك بەگ قوشۇنىنى پۈتۈن يوقىتىشقا ئۇرۇندى. توقىلەك بەگ ئۈچ تەرىپى تىك قايقا تېغىغا چىقىۋالىدۇ.

كازاك قوشۇنى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، جەڭ ئۈچ كۈن قاتتىق بولىدۇ، بەشىنچى كۈنى كازاكلارنىڭ گېنېرالى تاغ زەمبىرىگىنى ئاچىقىپ ئىشقا سالدى. تاغ زەمبىرىگى توقىلەك بەگ قوشۇنىنى تەنتىرتىپ قويدى. توقىلەك بەگ ئون ئۈچ ئەسكىرى بىلەن قالغاندا. خانتەڭرىگە قاراپ يول سالدى.

- ئاللا مەدەتكار، زېمىنىمىزنىڭ پاكلىغى، خەلقمىزنىڭ شادلىغى ئۈچۈن، – ئالغا دەپ قىلىچىنى ئېگىز كۆتەردى. (348 – 434 بەتلەر)

توپلىغۇچى: ئەخمەتجان غوجامبەردىېۋ.

غالجاتلىق توقىلەك باتۇر

كېلىنىنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغىنىغا مومىيىدىن كۆرە بۆلەكچە ئەنسىرەپ ژۈرگەن دۇگامەت بوۋاي كۈندىكى ئادىتى بويىچە تاڭ سەھەردە چولپان يۇلتۇز ئەجايىپ ۋالىلداپ پاقىراپ كۆرۈنۈپ تۇرغىنىغا ھەۋەسلىنىپ خېلىغىچە تۇرۇپ قالدى. بىر چاغدا تاڭ يورۇغىنى توسۇماق بولغاندەك غەرىپتىن لەيلەپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان قارا بۇلۇت كۆپ كېچىكمەي بۆدۈتە غولىنى پۈركەپ بېسىپ تۆۋەنلەپ غالجاتقا يېقىنلاشقان ئېدى. بۇ ژىلقى بىرىنچى قېتىملىق يامغۇر ئەينە شۇنداق باشلاندى. تېخىچىلا قىزىل دۆڭدىكى قىزىل تاشتا ئولتارغان بوۋاي بوشىنىش ئاي كۈنى تولۇپ قالغان كېلىننىڭ ساق-سالامەت بوشىنىشىنى ئويلاپ ئولتىراتتى. – ئەگەر كېلىنىم قىز تۇغسا ئىپارخان قويىمەن، ئوغۇل تۇغسىچۇ؟ ھەي تاڭەي. موماي قىز تۇغسا بولاتتىغۇ، قىز دېگەن مومىسىغا ھەمراغۇ، – دەپ تىلەپ ژۈرەتتى. مەيلى موماي قىز سورىسا سورىسۇن، مەن ئوغۇل تۇغسا دەپ سوراي، دىدىدە ھاسا تايىغىنى تايىنىپ ئۆيىگە كېلىۋىدى، موماي شەرەت قىلىپ ئۇنىڭ خوشنا ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئولتىرىشىنى بۇيرىدى. ئاغىنىسى قۇتلۇق ئۇنى ئىچىۋاتقان ئەتىگەنلىك چېيىغا تەكلىپ قىلدى. كۈن كەچ كىردى. پادىلارمۇ كېلىپ بولدى. كېلىندىن خەۋەر يوق. موماي بولسا بېارام ئۆيگە بىر كىرىپ بىر چىقىپ ژۈرەتتى. شۇ ئارىدا يامغۇر يېغىشقا باشلاپ، چاقماق چېقىپ گۈلدۈرموما گۈلدۈرلەشكە باشلىدى. بىر ئازدىن كېيىنلا يامغۇر چېلەكلەپ قۇيۇۋاتقاندەك كۈچەيدى. ئەتە نورۇز مەيرىمى. ژۇتداشلىرى مەيرەمدە يامغۇر يېشىندا قالىدىغانلىغىغا ئەنسىرەشكە ئۆتتى. چاقماق چېقىپ گۈلدۈرمومىنىڭ قاتتىق گۈلدۈرلىشىدىن ئۆزىدە قانداقتۇ بىر قورقۇنۇچ پەيدا بولۇپ تىتىرەك بېسىپ تۇرغان بوۋاي شۇندا بوۋاقنىڭ چىرىلداپ ژىغلاۋاتقان ئۈنىنى ئاڭلىدى. بۇ ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ تېنىدا بىردىنلا ئىسسىق قان پەيدا بولۇپ، بىر دەمدىلا پۈتۈن ئەزايىغا تاراپ خۇش كەيپىيات پەيدا قىلدى. شۇ دەقىقىدە خۇش خەۋەر ئېيتىپ چىققان موماينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. قىن-قىنىغا پاتماي خۇرسەنت بولغان بوۋاي موماينىڭ تارتىنىشىغا قارىماي بار كۈچى بىلەن تەبرىكلەپ ئۇنى ماڭلىيىدىن سۆيۈپ قويدى. بۇ خەۋەر تېز ئارىدىلا ژۇتى دۆڭ مەلىدىكى ژۇتداش ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا يېتىپ، ئۇلار ئىللىق سۆزلىرى بىلەن تەبرىكلەپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى مەلىمىزدە نورۇز مەيرىمى كۈنى يەنى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ خوشاللىق كۈنى ۋە ژىل بېشىدا تۇغۇلغان ئوغۇل بالا «موشۇ چوڭ ژۇتۇمىزنىڭ چوڭ رەھبىرى بولغاي دېسە» بىرلىرى «بىزنى دۈشمەندىن قوغدىغاي، سەردار بولغاي» دېگەن تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بوۋاي نەۋرىسىگە قانداق ئىسىم قويۇشنى كۆپ ئويلاشتۇردى. ئۇ خىيالىدا جىسمىغا ئىسمى ياراشقان بىر داڭلىق ئىسىم بەرمەكچى بولدى. لېكىن تۇنژا ئوغلى قۇۋەمەت بۇ پەرزەندىگە قانداق نام بېرىشنى ئويلاپ باش-ئۇچىغا چىقارماي ئولتاردى. شۇندا ئۇنىڭ قۆڭلىگە ھېچ كىمدە يوق بىر ئىسىم كەلدىدە شۇنىڭغا باغلىق خوشاللىغىدا بىر كۇپلېت قوشاق قوشتى.

قېدىمىي داڭلىق ژۇتنىڭ بىرى غالجات،

يېرى باي، ئاسمىنى كەڭ، قوينى ئاۋات.

توقىلەك دەپ نام بېرەيلى كەلگۈسىدە،

ماختاسۇن ئۇنىڭ بىلەن ھەممە ئەۋلات.

ئەينە شۇنداق قىلىپ ئەزەن چاقىرتىپ نەۋرىسىگە توقىلەك دەپ ئات قويدى. ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇڭدىشىدىغان يان خوشنىسى قۇتلۇق، – ئاداش سېنىڭ كېلنىڭ ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپ بېشىڭنى كۆككە كۆتەردى. مېنىڭ قانداق بولىدېكىن، – دەپ ئەنسىرىشىنى بىلدۈردى. – قېنى سېنىڭما كېلىنىڭ ئوغۇل كۆز يورۇسا ئۇلار تەڭ ئۆسۈپ بىر ئۆمۈر ئايرىلماس دوستلار بولاتتىدە. خۇددى ئىككىمىز ئوخشاش دوست بولۇپ ئۆتەتتىدە، – دەپ بوۋاي ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى. شۇ كۈنلەردە دۇگامەت بوۋاي خوشنا ئاغىنىسى قۇتلۇق بىلەن قىزىل دۆڭنىڭ ئەتراپىدا ماللارنى ئوتلىتىپ ئولتارغىنىدا مەھەللە تەرەپتىن بىر بالا بوۋا، بوۋا ئوغۇل، ئوغۇل، – دەپ قاپتالغا يامىشىپ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ چىقىپ كەلدى. – ھوي، نېمە دىدىڭوي، ئوچۇق ئېيتقىنا دېيىشىگە بالا قايتىدىن كېلىنىڭىز ئوغۇل بوشاندى دېۋىدى، ئۇ ئاغىزىڭغا ياغ، خۇشخەۋەرلىگىڭ ئۈچۈن ئەۋۇ ئاق قوزىنى قوغلاپ تۇتۇپ ئال. ئۇنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەت، ساڭا بەرگەن خۇشخەۋەرلىگىم شۇ بولسۇن دېۋىدى، – بالا قوغلاپ ژۈرۈپ ئۇ يەردىكى ئاق قوزىنى تۇتۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. بالىغا خۇشۋەرلىگىگە بېرىلگەن ئاق قوزىغا باغلىق ئۇنىڭ نەۋرىسىگىمۇ ئاق قوزا دېگەن نام بېرىلدى.

توقىلەك كىچىگىدىنلا تولىمۇ زېرەك، ئەقىللىق بالا بولۇپ ئۆستى. كۈندىن-كۈنگە ئەجايىپ يېڭى بىر قىلىقلارنى چىقىرىپ ئاتا-ئانا، بوۋا-مومىلىرىنى ھەيران قالدۇراتتى. دۆڭ مەلىدىكى باشقا بالىلارغا قارىغاندا مۈجەز-خۇلقى جەھەتتىن ئېغىر بېسىق – چوڭ سۈپەت بولۇپ كۆرۈنەتتى. شۇنداقلا ئىككى بوۋاي ئارمان قىلغىنىدەك توقىلەك بىلەن ئاق قوزىلار ئەڭ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆستى. توقىلەك، ئاق قوزىلار يەتتە-سەككىز ياشلارغا كىرىپ قالغىنىدا دۇگامەت بوۋاي بىلەن قۇتلۇق بوۋاي ئۇلارنى ئوقۇتۇش ئارمىنىنى قىلىدۇ. لېكىن غالجاتتا پەننىي مەكتەپ يوق، پەقەت موللىلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئوقۇتىدىغان دەستۈرى بار ئېدى. شۇندىمۇ كۆپىنچە كەمبەغەللەر بالىلىرىنى ئوقۇشقا بەرمەتتى. ئوقۇشقا بەرسە موللام ھەر كۈنى بىردىن توغاچ، بىر تالدىن ئوتۇن تارچىسىنى ئەكېلىشنى تەلەپ قىلاتتى. مولىلار قۇرئاننىڭ ئەرەپ تىلىدىكى سۈرلىرىنىڭ مەنىسىنى ئۆزلىرى چۈشەنمىسىمۇ بالىلارنى يادلاپ ئېلىشقا مەجبۇرلاتتى. توقىلەك بۇ خىل ئوقۇشنى كىچىگىدىنلا ياقتۇرماتتى. ئۇ مولىلاردىن ھەر بىر سۈرىنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچە ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى. شۇڭا ئۇنى ئوقۇتقان چالا ساۋات موللىلارمۇ خىجالەتچىلىكتە قالاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە توقىلەك دادىسىغا، – مەن ھەر كۈنى توغاچ، ئوتۇن توشۇپ ئوقۇشنى خالىمايمەن. موللام تىلى كەلمىگەن بالىلارنى نېمىشكە ئۇرۇدۇ. نېمىشكە ئىككى كېسەكنى ئىككى قولىدا كۆتەرگۈزۈپ، بۇلۇڭغا تۇرغۇزۇپ قويىدۇ، – دەپ موللىغا بارمايدىغان تەرىپىگە ئۆتىدۇ. ئەينە شۇنىڭ بىلەن ئاق قوزا ئىككىسىنى ئۆيدە ئوقۇتىدىغانغا ئاق قوزىنىڭ ساۋاتلىق دادىسى قولىغا ئالىدۇ. توقىلەك ئوشۇق ئويناشقا خۇشتار ئېدى. ئۇ ئوشۇق ئويناشتا ناھايىتى مەرگەن بولغاچقا ئاز كۈندىلا بىر تۇلۇم ئوشۇق ئۇتۇۋالاتتى.

ماي ئېيى باشلىنىشى بىلەن ئىككى دوست پىياز تېرىپ كېلىمىز دەپ تاققا ماڭاتتى. چوڭلارنىڭ ئارىسىدا توقىلەك توغرىلىق گەپ سۆز قوزغالغىنىدا ئۇلار، – بۇ ئاخىرى ژۇت سورايدىغان بالا بولىدۇ، تىلىمىز تەگمىسۇن، ئىلاھىم ساق-سالامەت ئۆسسۈن. ژۇتۇمىزغا كېرەك ئادەم بولسۇن، – دېيشىپ توقىلەكتىن زور ئۈمۈتلەر كۈتەتتى. دېگەندەكلا ئۇمۇ شۇ ژۇت باھاسىغا لايىق ئەقىللىق، قەيسەر بالا بولۇپ ئۆستى.

توقىلەك كىچىگىدىنلا قىزىل دۆڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتىرىش، ئۇنى سەيلە قىلىپ ژۈرۈشنى، بالىلار بىلەن ھەر تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئۇيۇشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى.

توقىلەك قىزىل دۆڭى

قىزىل دۆڭ قېدىمىي قېدىمىيدىن،

قىزىرىپ تۇرغان قىزىل كۆسەيدەك.

ئېگىزلىگى ئۈچ يۈز ئەللىك بەش مېتر،

خۇددى چېگارىدىكى مۇقەددەس پوتەيدەك.

قىزىل دۆڭ تۇرۇپتۇ كەڭ كېرەلەپ،

قارا دالا، ئىلىغا غۇلاچ تاشلاپ.

بۆدۈتە، قاشاڭ، غالجات غوللىرىنى،

ئىككى قوللىرى بىلەن مەككەم قۇچاقلاپ.

كۆرەدۇر ئىلى دەرياسىنى ئاتلاپ،

ياركەنت، غۇلجا، جوڭغار تېغىنى.

ژىراقتىن سەيلە قىلدۇرار،

غۇلجىدىكى ھەرەم بېغىنى.

ژۇتقا كەلگەن مېھمانلارنى،

ژىراقتىن كۆرۈپ كۈتىدۇ.

مەرھەممەت دەپ مەرۋايىتلىرىنى،

سوغا-ھەدىيە قىلىپ تۇتىدۇ.

غۇچۇر-غۇچۇر شاراقلايدۇ،

ئېسىل مەرۋايىت تاشلىرى.

تۆرت تاش ئويناپ زوق ئەيلەر،

ژۇت قىزلىرىنىڭ قاشلىرى.

مېھمانلار ژىغىدۇ رەڭمۇ-رەڭ،

تاشلارنى يانچۇغىغا تولتۇرۇپ.

ئۆيدىكى خانۇم قىزلىرى،

ھەۋەسلىنىپ قۇملاق سالار ئولتىرىپ.

قىزىرىپ شەرقتىن كۆتىرىلگەن،

كۈننىڭ ئىسسىق ئىللىق شولىسى.

بىردىن يورۇتار ژۇتۇمىزنى،

چېچىلىپ نۇرلارنىڭ تولىسى.

ئەشۇ دۆڭنى قىزىرىپ ئىسسىتىدۇ،

خۇددى تونۇرنىڭ قىزغان ئوتىدەك.

ھەر يان تارسىلداپ چېچىلىدۇ،

قىزىل دۆڭ ياقۇت تېشىدەك.

ژۇت ھۆسنىگە سېغىنغانلار،

چىقار ئېگىز قىزىل دۆڭگە.

خىيالىدا كوچىلارنى بويلاپ،

كىرىپ ھەر كىم ئۆيىگە.

سۆيگەن ئاشىغىنى چاقىرار،

موشۇ مۇھەببەت دۆڭىگە.

ھايات-مامات سودىسىغا،

مۆرنى بېسىپ مەڭگۈگە.

غالجاتلىقلار ھەۋەسلىنىپ،

مەغرۇرلىنىدۇ قىزىل دۆڭگە.

كىرسىڭىز ئۇ قاتار ياتار،

ئاخىر تاغنى قىيماي كۆڭلىدە.

تەڭرى تېغىنى تەڭرىمىز،

ھەممىگە ھەدىيە قىلغاندەك.

قىزىل دۆڭنى بىزنىڭ ژۇتقا،

خۇددى ئۆزى تىكلەپ قويغاندەك.

نېكادىن ئۆتكەن گۆزەل ياشلار،

قىزىل دۆڭگە سالام بېرىشىپ.

ۋەتەن خىزمىتىگە

چاقىرىلغانلار،

ئاتلىنار موشۇ يەردىن خوش

ئېتىشىپ.

مال ئىزدىگەنلەر چارلاپ كېلۇر،

توققۇز قۇملىغىنى ئاچقۇزۇپ.

ژىراق سەپەرگە ئاتلانغانلار،

قىيماي ژۇتىنى كۆزدىن

كەچۈرۈپ.

قىزىل دۆڭ يازدا ياپ-يېشىل،

كۆكىرىپ ياشناپ ياتىدۇ.

قىش پەسلىدە ئاپپاق ئاقىرىپ،

ئاق قارغا ئورۇنۇپ ياتىدۇ.

قىزىل دۆڭ قىش پەسلىدە،

سپورتچى ياشلاردىن خالى ئەمەس.

قىزىل دۆڭ ياز پەسلىدە،

مېھمانلاردىن خالى ئەمەس.

مۇنداق خىسلەتلىرى كۈچلۈك،

قېدىمىي دۆڭگە چىقسىڭىز.

تەبىەتنى ژىراقتىن كۆرۈپ،

چارلاپ تەبىەتكە تويۇسىز.

سەن مۇقەددەس قىزىل دۆڭ،

ئاخىر تاققا ئېگىلدىڭ.

سەن خاسىيەتلىك قىزىل دۆڭ،

ئۇيغۇر دىيارىغا تىزىلدىڭ.

شۇنداق قىلىپ قىزىل دۆڭ توقىلەكنى ئۆزىگە ئاشىق قىلىپ ئالدى. ئۇ سۆيگەن قىزى نىيازخاننى موشۇ دۆڭگە ئەگەشتۈرۈپ ئاچىقىشنى ئارمان قىلىپ ژۈرگىنىدە نورۇز مەيرىمى كېلىپ نىيازخانمۇ ئۇ يەرگە قىزلار بىلەن بىللە چىقىپ توقىلەك بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. شۇ كۈنلەردە توقىلەك پەن تارتىپ ژۈرگەن شىۋەلەرگە مۇراجىەت قىلىپ، ئاخىرى قىزىل دۆڭ ئۈستىگە ئوغۇل-قىزلار بىللە ئولتىرىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان جاي ياساتتى. ئۇ جاينىڭ ئوتتۇرىسىنى ئوچۇق قىلىپ، تۆرت تەرىپىگە تاختاي ئورۇنداقلارنى ئورنىتىپ ئۇنىڭغا يامغۇر چۈشمەسلىگى ئۈچۈن ئۈستىنىمۇ تاختاي بىلەن ياپقۇزىدۇ. سازەندە بالىلار دۇتار، داپ چېلىپ، ناخشا ئېيتىشىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ، كۆڭۈل كۆتىرىدىغان بولۇپتۇ.

قىزىل دۆڭ ھەققىدە شەرقىي تەرەپتىكى تېۋىلغا تۈزى مەھەللىسىدە ياشايدىغان يۇنۇس قازىنىڭ بالىسى مۆيدۈن قىزىل دۆڭ توغرىلىق كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇنداق دەپ كۈيلىگەن.

قارىسام غالجاتقا تەشكەنتتىن،

قىزىل دۆڭ قىزىرىپ تۇرىدۇ.

بەلكىم بار ھازىرمۇ بۇ يەردە،

قىزلىرى گۈل تېرىپ ژۈرىدۇ.

ئەينە شۇ قىزىل دۆڭ ئۆز مەزگىللىرىدىلا ژۇتداشلىرىنىڭ ئېغىزىدا توقىلەك قىزىل دۆڭى دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.

ژۇتداشلىرى ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئاغىزىدىن چۈشەرمەي ژۈرەتتى. شۇ ئارىلىقتا توقىلەك ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەشۇ دۆڭ مەلىدىكى يالغۇز شايالىق توختىباقىڭ نىيازخان ئىسىملىق قىزغا ئۆيلەندى. شۇ مەزگىلدە ژۇتقا ئاقساقال سايلاش ئىشى قىزغىن ژۈرىۋاتاتتى. ئۇ خىل سايلاملارمۇ توقىلەك ئەجىر قىلىپ ياسىغان قىزىل دۆڭ ئۈستىدە ئۆتەتتى. ئۇ يەر ئۈستى يېپىق بولغانلىغى ئۈچۈن ئاھالىنىڭ ژىغىلىپ ئولتىرىشىغىمۇ ئەپلىك ئېدى. ئۇ زامانلاردا ئۇ خىل سايلاملارنى مېچىتلاردا ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولاتتى. لېكىن ئۇ ژىللاردا چوڭ مېچىتلار بېنالىرى بولماي پەقەت ھەر بىر مەھەللە ياكى كوچىلاردا ژۇت-جاماەت بىرلىشىپ سېلىۋالغان، جۈمە نامىزىنىلا ئوقۇيدىغان كىچىك مېچىتلار بار ئېدى. سايلام بولىدىغان كۈنىنى بەلگۈلەپ ژۇت چوڭلىرىغا خەۋەرلىگەندىن كېيىن غالجات ژۇتىدا ھەر خىل مىش-مىش گەپ سۆزلەر كۆپىيىپ كەتكەن ئېدى. ھەر كىمدە ھەر خىل پىكىرلەر. بىرلىرى ژۇت ئاقساقىلى ياشانغان كىشىلەردىن سايلىنىشى كېرەك. يېشى چوڭلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىما، ھايات تەجرىبىسىما مول بولىدۇ دېيىشسە، يەنە بىرلىرى ياشقا قاراپ ئەمەس ئەقىل-پاراسىتىگە قاراپ سايلىشىمىز كېرەك دەپ ئېتىراز بىلدۈرەتتى.

1759-1760-ژىللاردا مانژۇرلار ئاتا-بوۋىمىز دىيارىنى بېسىپ ئېلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىگى ئىچكىرىدىن چىققان مانژۇرلار، شىۋە، سولانلار ئەمەلدارلىرى بولۇپ دېخانچىلىق ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىپ كەتمەتتى. شۇڭلاشقا ئۇلارنى بالا-جاقىسى بىلەن بېقىش ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە ژۈكلەنگەن. ئىلى تەۋەسىدە مانژۇرلار ئۆزلىرىنى تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن، تۇرپانلاردىن كەينى-كەينىدىن ئۇيغۇرلارنى كۆچىرىپ چىقىشقا باشلايدۇ. كۆچۈپ چىققانلارنى ھەر خىل جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن ھاكىملارنى تەييارلاشنى يولغا قويغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن غالجاتتا ئۆتكەن ئاقساقال سايلاش مەسىلىسىدە توقىلەك ژىگىرمە يېشىدىلا ژۇت ئاقساقىلى بولۇپ سايلانغان. شۇندىمۇ ئۇ سايلىنىش كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلار بىلەن باشلىنىدۇ. ھاكىم قانداق بولۇشى كېرەك، ئۇ نېمىلەرگە كۆپىرەك ئېيتىۋار بېرىشكە تېگىش دېگەن مەسىلىلەر ئەتراپىدا ئۆز ئارا پىكىر تالىشىپ قالغىنىدا خوشۇرباقى، ئىسلامسوپى، ھىزسوپى، قۇتلۇق ئىسىملىق قېرىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوي- پىكىرلىرىنى ئېيتىشىدۇ. گەپلىرى قىزىغاندا ئىسلامسوپى بوۋاي، – ھاكىم دېگەن ژۇت ئادىمىنى ھاللىق قىلىش يولىدا ئىزدىنىپ، تىرىشىپ ئىشلىشى كېرەك. ئۆز قارا بېشىنىڭ غېمىنىلا قىلىدىغان ئادەم سايلانغىنى ژۇت ئۈچۈن ئېغىرچىلىقلارغا ئېلىپ كېلىدۇ، – دېسە، خوشۇرباقى، – ئۇ ئالدى بىلەن ھەممە تەرەپتىن ئادىل بولسۇن، ئۇنىڭ ئالدىغا ئەرىزە-شىكايەت ئېيتىپ كىرىدىغانلار پات-پات بولۇپ تۇرىدۇ. شۇ چاغدا ئىشلارنى ناھايىتى ئادىللىق بىلەن يېشىپ بېرىدىغان ئادىل ئادەم بولسا، ژۇت ئالدىدا ھۆرمەتلىك بولىدۇ. ئۇنى ھەممىلا تىڭشايدىغانغا ئۆتىدۇ دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدى – ھەر ئىككىڭلا توغرا دەيسىلەر، مېنىڭچە ھاكىم دېگەن كۆيۈمچان، مېھرىۋان بولسۇن. ئۇ ژۇتتىكى كەمبەغەللەرگە، بىز ئوخشاش قېرىلارغا، ناكالارغا دايىم كۆيۈمچانلىق قىلىدىغان بولسۇن، – دېسە ھېزسوپى ھاكىم دېگەن ژۇتنىڭ ئىناقلىغىنى ساقلاپ تۇتۇشنى بىلسۇن، ئۇ ئىسلام شەرىيىتى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئىناق بولغان ژۇتتا بەرىكەت بولىدۇ. سايلام ئالدىدا قېرىلارنىڭ ئەينە شۇنداق پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشى توقىلەكنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋاپىق ئىش ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولغان ئېدى.

ياش ھاكىمنىڭ بېشىدا تۈرلۈك-تۈرلۈك ئوي خىياللار بولۇپ، ئۇ ئىشنى نېمىدىن باشلاش كېرەك، ژۇت ئاھالىسىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانداق ئىش ئېلىپ بېرىشىم كېرەك دېگەن ئوي ئىلكىدە ئويلاندى. توقىلەك ئىشنى بىردىن ژۇتتىكى تازىلىقنى يولغا قويۇشنى باشلىدى. ئۇ ژىللاردا كوچىلار رەتلىك ئەمەس، كىم قەيەرگە ئۆي سالغۇسى كەلسە، خالىغىنىچە سالىۋېرىدىغان بولغان. بەزىلەر ئېغىل، قورالىرىنى كوچىغا چىقىرىپ سېلىپ ئېلىشقان. بەزى ئۆيلەرنىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مال قوراسىنى ئاتلاپ ئۆتىدىغان قولايسىز ئەھۋاللار كۆپلەپ سانىلاتتى. ئۇ ژۇت ئاھالىسى بىلەن مەسلەتلىشىپ ئۇلارنى بىر رەتكە سېلىشقا كىرىشتى. ئۆيلەرنىڭ كوچا تەرەپلىرىگە كۆچەت تىكىشنى قولغا ئالدى. ئۇ زاماندا ئۆيلەرنى بىر-بىرىگە يۆلەپ بىر تۇتاش دېگىدەك سالىۋېرەتتى. توقىلەك بۇ ئەھۋالنىڭ قولايسىزلىغىنى ئېيتىپ، ئەندىكى سېلىنىدىغان ئۆيلەرنىڭ ھەر بىرىنى ئالايتەن-ئالايتەن قىلىپ سېلىشنى تەلەپ قىلدى.

غالجاتنى باغۇ-بوستانلىق ژۇتقا ئايلاندۇرۇش ئۇنىڭ چوڭ ئارزۇ-ئارمىنى بولۇپ ئۆز ۋاقتىدا قەشقەرلىق گۈلمەت بوۋاينىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن، ھازىرقى كۈزلۈك ئالمىنىڭ دەسلەپكى كۆچەتلىرىنى مۇزداۋان ئارقىلىق ئېشەكلەرگە ئارتىپ ئەكېلىپ ئۆستەرگەنلىگىگە تېخىچە زوقلىنىپ ژۈرگەن توقىلەك ئۇ خىل ئالمىنى غالجات، تۇرپان مەھەللىسى، قارىتام، غۇلجىلىق، بۆدۈتىلەردىمۇ ئۆستۈرۈشنى قولغا ئالدى. بولۇپمۇ غالجاتنىڭ تۇرپانلىقلار مەھەللىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. توقىلەك ھاكىم غالجاتنىڭ ھەممە كىچىك مەھەللىلىرىنى باغۇ-بوستانغا ئايلاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى ژۇتلارغا ئۈلگە قىلىشقا ئۆتتى. بولۇپمۇ تۇرپان مەھەللىسى تۇرغۇنلىرى روزىباقى، ئەھەتباقى، ھەمەرباقى، ئىمامباقى قىسقىسى ئېتىنىڭ ئاخىرى «باقى» بىلەن ئاياقلىشىدىغان تۇرپانلىقلار ئۆيلىرىنى غولنىڭ ئىككى چېتىدىكى ئەپلىك جايلارغا سېلىپ، ئىشىك ئالدىلىرىغا سۇپىلار ياساپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يەرلىك قىزىلگۈل بىلەن ئوراۋىتەتتى. تەبىىي شارائىتى ئوخشىمىسىمۇ ئۇيغۇرستاندىن ئېلىپ كەلگەن ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى ھويلىسىغا تىكىپ، ئۆيلىرىگە ئالاھىدە چىرايلىق ھۆسۈن كىرگۈزۈشتى. غالجات كۈزلۈك ئالمىسى ۋە باشقىمۇ ھەر خىل سورتلىق ئالمىلىرى بار ئېدى.

ژۇت ئىچىدىكى قىسىلىپ ژۈرگەن بەزى بىر ژىتىم-يېسىر، قېرىلاردىن باققۇچىسى يوقلارنى ژۇت بايلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، توقىلەك ھېمىشەم ئۇنى نازارەتكە ئالاتتېكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ژۇتداشلىرى «توقىلەك بولسا ئاچ قالمايمىز، ئۇ كىچىك بالا بولسىما ئاتىمىز» دېيىشەتتېكەن. ژۇتتا دۇكان ئېچىپ، سودا قىلىش، يېزا ئاھالىسىنىڭ مۇقەررەر كەسپىنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك دەپ ھېساپلىغان ئۇ غالجاتتىن، غۇلجىغا قاتنايدىغان يولنى سالدىرىدۇ. غالجاتلىقلار پىيادە، ئېشەك، ئاتلىرى بىلەن غۇلجىغا قاتنايدىغان. توقىلەك يوللارنى ياساتقاندىن كېيىن ئۇلار ھارۋۇ بىلەن قاتنايدىغان بولدى. ئۇ ئۆزى غۇلجىغا بېرىپ ژۇت دۇكانلىرىغا ھەم بەلدىكى ژۇتلار ئاھالىسىغا ھاجەت مەھسۇلاتلرنى بايقاپ كېلىپ ھارۋۇكەش سودىگەرلەرگە تاپشۇرما بېرەتتېكەن.

غالجات دېخانلىرى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدا سۇدىن بەك قىسىلاتتى. غالجاتقا غالجات، قاشاڭ غوللىرىنىڭ سۇلىلىرىلا كېلەتتى. غالجات غولىنىڭ سۈيى بەش ئېرىق سۇ بولسا، قاشاڭ غولىنىڭ سۈيى دەسلەپتە ئۈچ ئېرىق ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىغا كەلگەندە ھەتتا بىر ئېرىققىچە ئازىلاپ كېتەتتى. شۇڭا دېخانلار ئارىسىدا سۇنىڭ قىسىنچىلىق ماجىراسى پات-پات بولۇپ تۇراتتى. بۆدۈتە غولىنىڭ سۈيى سەككىز ئېرىق مول سۇ بولغىنى بىلەن ئۇنى غالجاتنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئېتىزلىقلارغا ئاپىرالماتتى. پەقەت بۆدۈتىنىڭ ھازىرقى كۈندىكى چوڭ داڭلىق ئۆستۈڭى بولمىغاچقا كىچىك ئېرىقلاردىكى سۇ بىلەن بۆدۈتىدىكى دېخانلار ئوت-چۆپلىرىنىلا سۇغۇرىۋالاتتى.

بۆدۈتىنىڭ بېرىقى كىچىك سېيىدا بۇلاق سۇلىرى بولغان بىلەن ئۇلار ھېچ بىر ئېھتىياجنى قاندۇراماتتى. ئۇ بۇلاقلارنى مەسەلنىڭ بۇلىغى دەيدىغان. توقىلەكنىڭ مەسەل ئىسىملىق ئوغلىنى موشۇ بۇلاقلار ئەتراپىدا ئات سۆرەپ كېتىپ، ئۇ قازا بولغان ئېكەن. مەسەل بۇلاقلىرىنىڭ سۇلىرى «سۈزمە» دەپ ئاتىلىدىغان قېلىن قومۇچلۇقتىن ئۆتۈپ «غوژەمبەردى تېمى» دەيدىغان چېگارىدىكى جايغا يېتەتتى. بۆدۈتە توقىلەك ئەۋلادىنىڭ يېرى بولغاچقا ئۇلار يازدا مال قورالىرىغا چۆپ تەييارلاپ، قىشتا مال قىشلىتىش بىلەن بەنت بولاتتى. داڭلىق بۆدۈتە تېغىدا شىۋە پەن تەرتقان، داشقانلىق، چات ئۆشكە قىشلىغى، چەكباي داپ ئاتىلىدىغان ئورۇنلار بولغان. ئۇ يەردىكى قىرقىلاردىن يەتتىسى بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ بۆدۈتە تېغىنى قۇرايدۇ. بۇ تاغنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم يېنىپ-يېنىپ كۆرۈشنى ئارمان قىلىدۇ. بۆدۈتە تېغىنىڭ ئېگىزلىگى يەر بېتىدىن 2814 مېتر بولسا ئۇنىڭ ئېگىز چوقىسى 2900 مېترغا تەڭ كېلىدۇ. ئۇنىڭ نەقاتارلىق كۆركەملىگىنى خوشنا چوڭ دېخان يېزىسىنىڭ پەرزەندى، ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ شائىرى ئىلىيا بەختىيا 1955-ژىلى كەتمەن ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەزگىلىدە بۆدۈتە تېغىدا بىر ئاي يېتىپ سىنىپداشلىرى بىلەن ئىنتېرناتقا ئوتۇن تەييارلاۋېتىپ يازغان شېىردىن بىلىشكە بولىدۇ.

بۆدۈتە

گۆھەر بۇلاق فونتان بولۇپ يالاپ تاش،

شوخ قىزلاردەك ژولان قىلىپ ئېتىپ قاش.

چوڭ تومۇردەك بۆدۈتىنى ياساتتى،

ھەر ساھادىن، ھەر ژىلغىدىن قوشۇپ باش.

بىر توقتىماي كۈمۈچ سۈيى ئاقاتتى،

قىش پەسلىدە مۇزدىن مونچاق تاقاتتى.

ھەممىسىدىن تولقۇن قوغلاپ ئوينىغان،

سەدەپ كۆزلۈك بېلىقلىرى ياقاتتى.

كۈن ئۆتەتتى تۆپىسىدى نۇر چېچىپ،

تۈندە بولسا ئاي شولىسى سۇ كېچىپ.

ياش كېيىكلەر سەيلە قىلار چىمەندە،

بۆدۈتىنىڭ گۈل قوينىنى كەڭ ئېچىپ.

بارساڭ دوستۇم بۆدۈتىنى كۆرۈپ قال،

جانغا داۋا ھەر تامچىسى سۈيى بال.

قاينىمىدا قايماق چېلىپ بېشىنى،

چىلاپ ئوينار ئەركە ئۆسكەن يېشىل تال.

قىز مەڭزىدەك قىزىل قاچا ئالمىلار،

گۆزەل قىزنىڭ لېۋى ئوخشاش ئالىچا بار.

ئاپتاپ سۆيۈپ چىققان ئۆسۈپ باغرىدا،

شېكەرلىرى مونچاق ياساپ تامچىلار.

تاغ بېشىدىن ئۆركەشلىنىپ شاقىراپ،

ئويناق سېلىپ خۇددى سىماپ پاقىراپ.

تەنتەك تولقۇن چۇغلۇق گۈلنى ئېپ قېچىپ،

تاش ئارىلاپ ئويناق سالار غاقىراپ.

دېخان قىزى دەم ئېلىشقا باراتتى،

ژىگىتلەردەك ئۆستەڭ قارشى ئالاتتى.

مايسىلىققا ئۈنچە چاشقان سۈيىنى،

ئەينەك قىلىپ چاشلىرىنى تاراتتى.

دەسلەپ شۇندا قىز-ژىگىتلەر تېپىشقان،

دەسلەپ شۇندا ژۈرەك سىرىن ئېيتىشقان.

ھەر بىر جاننى مېھمىنىدەك ئۇزىتىپ،

كۈتەر ئېدى شۇ بىر ئۆستەڭ مېھىربان.

ئوغلاق تويى بولغان كۈنى ئۆستەڭدە،

ژىغىلىدۇ ئەمگەك شاھى دېخانلار.

جوزى ئۈستى نەقىشلىنەر يېمىشتىن،

بولارمىدىم شۇ توي كۈنى ھەسسىنە.

بەرىكىتى بۆدۈتە خانتەڭرىنىڭ،

ژىغىپ ئالغان گۆزەللىكنى ئۆزىگە.

قانات قېقىپ ئويناپ ژۈرگەن توپ قالىغاچ،

خەت يازاتتى تىنىق سۇنىڭ ئۈزىگە.

ئېيتىپ كەلسەڭ بۇ ئۆستەڭدە پايدا كۆپ،

لاي بولمايدۇ بىر قېلىپتا كۆڭلى توق.

كۈمۈچ سۈيى دايىم ئاقار يالتىراپ،

ئۇلۇق دوستلۇق ئىزلىرىنىڭ بىرى بوپ.

ياشىرىدۇ جانلىق سۇدىن ئانا يەر،

قۇچاق ئېچىپ دېخان ئاتام يەڭ تۈرەر.

بىر ئەمچەكنى ئىككى بالا ئەمگەندەك،

ئىككى تەرەپ ھۆزۈرىنى تەڭ كۆرەر.

مانا موشۇ بۆدۈتە ماكانىدا توقۇلەك،

ئەۋلاتلىرى ئەمگەك قىلىپ ياشىغان.

ژۇت ھاكىمى بولۇپ ژۈرۈپ چوڭ ئىشلار،

ھۆددىسىدىن چىقىپ ئۆزى باشلىغان.

توقىلەك ھەر خىل ئىشلارنى باشلاش ئالدىدا جان ئاغىنىسى، دوستى ئاققوزىغا مەسلىھەت قىلاتتى. ئاققوزىمۇ بىللە تۇغۇلغان ئاغىنىسى توقىلەكنى دېسە جېنىنى بېرىشكە تەييار ئېدى. بۇ ئىككىسى ئەتە ئاخشىمى بىللە ئولتىرىپ قالسا ژۇتىدىكى كونا خۇراپىي ئەھۋاللار، دېخانلارنىڭ تىرىكچىلىگى، خانۇم-قىزلار ئەھۋاللىرى، بالىلارنى يېڭىچە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تەھلىل قىلىشاتتى. ئۇلار ئەڭ ئالدى بىلەن ژۇتداشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھال ئوقىتى، تۇرمۇشىنى قانداق يول بىلەن ياخشىلاش كېرەك دېيىشەتتى. ئۇنىڭ ئەڭ ئالغا شەرتى دېخانچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىيلەشتۈرۈپ، خەلقىنى مولچىلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاغدىن كېلىدىغان سۇنىڭ مۆلچەرىنى ئۇلغايتىشنى ئويلىشاتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار بۆدۈتە سۈيىنى غالجات، قاشاڭ غوللىرىنىڭ سۈيىگە قوشۇدىغان چوڭ ئۆستەڭ چېپىش قارارىغا كېلىشتى. نەچچە دۈركۈن مەيدانى 110 گېكتار كېلىدىغان ھەممىدىن ئېگىز شاماللىق تۈزىنىڭ شەرقىي ھەم خونخاي مازارى تەرىپى يەنى ئىلى دەريا ئەتراپىنى ئارىلاپ كۆرۈپ يېڭى ئۆستەڭ چىقىرىشقا بولىدېكەن دېگەن قارارغا كەلدى. بۇ ئىشنى كۈزلۈك ژىغىم-تېرىم ئىشلىرى ئاياقلاشقان، يەنى گاداي يازلىرى باشلانغان پەيتتە قولغا ئالماق بولۇپ، ئاھالىنى قوشۇپ، مەسلىھەت ھېساۋىدا ژىغىن ئۆتكەزدى. ژىغىندا ئاققوزىنى غالجاتنىڭ باش مىرابى قىلىپ ھەر بىر ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە قارايدىغان كۆك بېشىلارنى تەيىنلەپ بەكىتتى. كۆك بېشى دېگەن شۇ ئېرىق، ياكى ئۆستەڭ بىلەن كېلىدىغان سۇلار ئۈستىدە نازارەت قىلىپ، ئۇنى ئاشلىق شاڭلىرىغا، باغلارغا يەتكۈزۈشكە جاۋاپكەر ئادەم. مىراپ بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن قاراپ، دېخاننىڭ مول ئاشلىق ئۆستۈرۈشىگە شۇ ئارقىلىق خەلقنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە جاۋاپكەر كىشى بولۇپ سانىلاتتى. ژۇت دېخانلىرى بۇ ئىشقا بىر ئېغىزدىن ئاققوزىنى بەكىتىپ، ئۇلار ئۆستەڭ چېپىشقا قۇرال جابدۇقلىرىنى تەييارلاشقا كىرىشتى. جاماەت ژىغىنىدا شاماللىق تۈزىنى ئايلاندۇرۇپ، مەسەلنىڭ بۇلۇغىدىن ئۆتكۈزۈپ قىزىل دۆڭدىن غەرىپكە بۇراپ قاشاڭ غولىغا چۈشەرمەك بولۇپ كېلىشتى. يېڭى ئۆستەڭنىلا ئەمەس بارلىق كونا ئۆستەڭلەرنى، ئېرىقلارنى موشۇ كۈزدە تازىلاش تەكلىۋىنى بەرگەن ئاققوزا مىرابنىڭ پىكىرىنى ماقۇللاشتى. بۆدۈتە ئۆستىڭىنى چېپىش سېنتيابر يەنى توققۇزىنچى ئاي ئوتتۇرىدا باشلىنىپ، يەرگە توڭ كىرگىچىلىك داۋام ئەتتى. دېخانلارلا ئەمەس، ھەر بىر ئۆي ئېگىلىرىگە ئەھۋالىغا قاراپ ئىش ئورنى ئۆلچەپ بېرىلدى. ئاققوزا باش مىراب، باش ئىنژېنېر، رولىنى ئورۇنلىدى. توقىلەك ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ باشلىغان ئۆستەڭنى قەرەلىدە ئاياقلاشتۇرۇش ئىشىدا ناھايىتى پرىنسىپال مەۋقىەدە بولۇپ ئۆزى شۇ ئىشلارنىڭ يېنىدا بولدى. بولۇپمۇ ئېگىز، يانتۇ كەلگەن قاپتاللاردىن ئۆستەڭنى ئالغا سىلژىتىش قىيىن بولغان چاغدا ئاققوزا مىراب ئۆز ئامالىنى ئېيتىپ، ئەمەلىي ياردىمىنى كۆرسەتتى. شۇندا ئۇنىڭغا ئۆستەڭ چاپقۇچى دېخانلار ھەيران بولۇشقان ئېدى.

ئاققوزا بىر قاۋۇل ئېشەككە ئىككى ياغاچ تۇڭنى ئارتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىنى سۇ بىلەن تولتارغۇزدى. ئېشەكنى قاپتاللىتىپ، ھايداتقۇزۇپ يېنىدا قاتار ماڭغانلار ئۇنىڭ ئۇ ياق، بۇ ياققا بۇرۇلۇپ كېتىشىگە يول قويمىدى. كەينىدىن ماڭغان دېخان ئېشەك ماڭغان يەردە تۇڭدىكى سۇنىڭ يېتىشىگە قاراپ كەتمىنى بىلەن بەلگۈ سېلىپ، چېپىپ ماڭدى. قالغان كۆپچىلىك ئۆستەڭچىلەر شۇ بەلگۈ سوقۇلغان يەرنى كولاپ، ئۆستەڭنىڭ ئىزناسىنى سېلىشتى. بۇ ئاددىي، لېكىن ھېچ كىمنىڭ ئويىغا كەلمەيدىغان ئامالنى ئاققوزا ئويلاپ تاپقان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغما ئىنژېنېر، ئېكەنلىگىنى ئەينە شۇنداق ئامال قوللىنىپ، كۆپچىلىك ئالدىدا ئىسپاتلىدى. شۇنىڭدىن ئاققوزىنىڭ داڭقى ھەممە يېزىلارغا تاراپ، ئابرويى ئۆستى. توقىلەك ئاققوزا دوستىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شۇنداق قىلىپ بۆدۈتە ئۆستىڭى بۆدۈتە غولىدىن بۆلۈنۈپ، 22 چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ، ئۇنىڭ سۈزۈك ئۇلۇق سۈيى غالجاتقا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن دېخانلار مول سۇغا ئېگە بولۇشۇپ، سۇ يېتىشمەسلىكتىن چىقىدىغان تالاش-تارتىشلار تۈگىتىلدى. غالجات ئايىغىدىكى ئەسىرلەر جەرىيانىدا ئۇخلاپ ياتقان بوز يەرلەرنى مول سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى. بۇ ئەھۋال غالجات دېخانلىرىنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلدى. بۆدۈتە غولىنىڭ سۈيى ئەرىكىسىز توقىلەك بىلەن ئاققوزىغا بوي سۇنۇپ، ئۇلار يېتەكلىگەن يېقىغا مېڭىشقا مەژبۇر بولدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە سۇ كۆپىيىپ، ئاشلىق كۆپلەپ تېرىلىپ، ژۇتداشلار تۇرمۇشى خېلە ياخشىلاندى. توقىلەك ئاشلىق بىلەن ئوزۇق-تۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن يېزىدىكى مەدەنىي مائارىپ مەسىللىرىنى ھەل قىلىشنى قولغا ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن بىر ژىللىق مەكتەپ ئاچقۇزۇپ، پۈتكۈل ژۇت بالىلىرى بولمىسىمۇ ئاز-تولا بالىلارنى ئىلغاپ، ئوقۇتۇپ، چېتىدىن ساۋاتىنى ئاچقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇ ژىللىرى ناھايىتى تەرەققىي ئەتكەن دىننىي ئوقۇشقا كۆپ ئەھمىيەت بېرىلەتتى. شۇڭلاشقا باياقى بىر ژىللىق مەكتەپتە كۆزگە كۆرۈنۈپ ئوقۇغان بالىلارنى غۇلجىغا ئەۋەتىپ، مەدرىسىلەرگە ئورۇنلاشتۇردى. شۇندىمۇ بۇ ئەھۋال ئۇنى تولۇق قاناەتلەندۈرەلمەتتى. شۇڭلاشقا غالجات ئۆزىدە چوڭ مەسچىت سالدۇرغان.

ئۇ ژۇت بالىلىرىغا كىچىگىدىن خەلق پېداگوگىكىسى ئاساسىدا بىلىم ۋە تەربىيە بېرىش ئىشىغا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىلارغا ئاتىلىرى ۋە بوۋىلىرىنىڭ تۇراقلىق تەربىيە بېرىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇشىنى ئەسكەرتەتتى. يالغان-ياۋداغ سۆزلەرنى ئېيتىپ، غېۋەتچىلىك بىلەن گۇناھسىز ئادەملەرگە گۇنا ئارتىپ، تۆھمەت قىلغۇچى بەزىلەرگە شۇ زامان رەدىيە بېرەتتى. توقىلەك ژۇت ژىغىنلىرىدا ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپىرەك سۆزلىگىنى بولمىسا باشقا ۋاقىتتا ئاز گەپ قىلىپ، مۈمكىن قەدەر كىشىلەرنى كۆپىرەك تىڭشاشقا ئادەتلەنگەن ئېكەن. تىماقتەك پايدىسى يوق سۆزلەرنى كەلسە-كەلمەس، كۆپ ئېيتىدىغان ۋاراقتەككۈرلەرنى ياقتۇرماتتېكەن. پەقەت ژۇت كېلەچىگى ھەققىدە ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادەمگەرچىلىك تۇرغىسىدا بولۇۋاتقان سۆزلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتېكەن. بۇ ئۇنىڭ يارىلىشتىن تېنىغا پۈتكەن دانىشمەنلىگى بولۇشى كېرەك. ژۇتتىكى تەرەققىيات جەرىيانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كەلگەن قىرىق تۈرلۈك ھۈنەرنى يەنى سۇ تۈگمىنى، ماي تارتىدىغان ژۇگاز ياساش، تالدىن سېۋەت توقۇش، خىش كۆيدۈرۈش، ياغاشچىلىق، تۆمۈرچىلىك، توقۇمچىلىق ۋە ھەر خىل ئۆي بىساتلىرىنى ياسىغۇچىلار كۆپىيىپ، خەلق ئېھتىياجىنى قاناەتلەندۈرگۈچى ئوغۇل-قىزلار ئۆسۈشكە باشلىدى. قىز-بالىلارنى تەربىيىلەش ئانا بىلەن مۆتىۋەر مومىلارنىڭ ۋەزىپىسى دەپ چۈشەنگەن ئۇ ھەر بىر ئۆيگە كىرىپ، ئۆي ئىچى، قورا-جاينىڭ پاكىزلىغى، كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ مىللىي تۇرغۇدا بولۇشىغا ئەھمىيەت بەردى. ھاك تاشنى كۆيدۈرۈپ، ئۆيلەرنىڭ ئىچى-سىرتىنى ئاققارتىشنى قولغا ئالدى. يەرلىك قىزىققوچىلارنى ھەر خىل ھۈنەرلەرگە ئۈگىتىش ئۈچۈن غۇلجىدىن ئۇستىلارنى ئەكېلىپ، ئۈگەتكۈزۈپ، خېلىلا بىر يېڭىلىقلارنى ئاچتى. تەلەپ بويىچە ئۆيلەرنىڭ ئىچ-سىرتى ئاپپاق ئاققارتىلغاندىن كېيىن ژۇت ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇلۇپ ئەجايىپ كۆرۈنۈش پەيدا بولدى. بۇ يېڭىلىق خانۇم-قىزلارنىمۇ خوشال قىلدى. ئىلگىردىن كونا نەرسىلەرگە كونىچا قاراپ ئادەتلىنىپ قالغان ژۇتداشلىرى ئەندى يېڭى ئىشلارنى ئۈگىنىشكە باشلىدى.

شۇ تەربىيىنى قانداق يۆنىلىشتە ئېلىپ-بېرىش ھەققىدە كۆپ ئويلانغان. ئۇ ئاخىرىدا ئۆزى تاللاپ ئالغان، ژۇت ئىچىدىن چىققان ئۇستازلارغا «ياخشى ئايال دەپ كىمنى ئېيتىمىز ۋە يامان ئايال دېگىنىمىز كىملەر؟» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا تەربىيە ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى جېكىگەن. ئۇ ئۆز سۆزىدە ياخشى ئايال دەپ ئەرنىڭ تاپقىنىنى ئەگلەك تۇرماق غەلۋۈردىنما ئۆتكەزمەيدىغانلارنى ئېيتىمىز دېسە، يامان ئايال دەپ ئەرنىڭ تاپقىنىنى غەلۋۈر تۇرماق ئەگلەكتىنما ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان ئاياللارنى ئېيتىمىز دەپ قويىدىغان. توقىلەك ئۆز ۋاقتىدا تەكلىپ قىلغان بۇ ئېسىل ئىبارە خەلق ئىچىدە، بولۇپمۇ غالجات ئاياللىرى تۇرماق، ئەرلەر ئۈچۈنمۇ تېپىلماس بىر قائىدە بولۇپ قالدى.

توقىلەك ژۇت باشقۇرۇپ ئۆتكەن مەزگىللىرىدە غالجات تاغلىرىغا مېھىر باغلاپ، ئۇنى پات-پات سەيلە قىلىپ ژۈرەتتى. ژۇقۇردىن كەلگەن مېھمان ئەمەلدارلارنى بۆدۈتە تېغىغا ئاچىقىپ قازاق تامىرلىرىنىڭ كىگىز ئۆيلىرىدە قوزا، قوي سويۇپ، نەچچە كۈنلەپ، مېھمان قىلاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ژۇقۇرىدىن كەلگەن روسسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى بۆدۈتە غولىنىڭ ئىككى چېتىدىكى ياپ-يېشىل تاغلارغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ، – بۇ تاغلار ئەسلىدە كىمگە تەئەلۇق تاغلار، – دەپ سورىغىنىدا توقىلەك باتۇر ھېچ ئىككىلەنمەيلا، – بۇ تاغلار ئۇيغۇرلار زېمىنى بولغان غالجاتلىقلارنىڭ تاغلىرى. باياتىن تاغلاردىن كۆز ئالماي تۇرغان ئەمەلدار ئەندى ئۇنىڭ ئاغىزىدىن كەسكىن جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا تىكلىپ قاراپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ مەخسىتى توقىلەكتىن ھەقىقىي چېگارا سىزىغىنى ئېنىق بىلىۋېلىش ئېدى. ئۇ تېرە پاپكىسىدىكى خەرىتىنى ئېلىپ، سىنچىلاپ ئۇ ياق-بۇ يېقىغا قاراپ، كۆڭلىگە بىر نەرسىلەرنى پۈككەندەك بولىدۇ. توقىلەك ئەقىلسىز ئادەم ئەمەستە. ئۇ، – مانا مونۇ سىزنىڭ خەرىتىڭىزدىكى «ئاقتاۇ» دەپ يېزىلغىنى ئەسىرلەردىن بېرى ئاتا-بوۋىلار ئېغىزىدا «ئاق تاغ» ئاتىلىپ كەلگەن ئۇ بىزنىڭ تاغلىرىمىز دەپ كەسكىن جاۋاپ بېرىدۇ. چېگارا سىزىغى ئۇ دەۋرلەردە ھەر خىل بولۇپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان.

دېمىسىمۇ ئاق تاغ ئەزەلدىن ژۇت بېرىكىتى بولۇپ كەلگەن. ئۇ قىشتا ياغىدىغان قارنىڭ سۈيىنى خونخاي غولى تەرىپىگە ئەۋەتمەي، بۆدۈتە ۋە قاشاڭ غولى تاغلىرىغا، ئاندىن غالجات غولى تاغلىرىغا ۋە ئۇلاردىنمۇ تۆۋەنلەپ تاغ-ئېتەكلىرىدىكى ئاشلىق، چۆپ مەيدانلىرىغا ئەۋەتىپ كېلەر ژىلنىڭ مول ھوسۇلى ئۈچۈن زەمىن تەييارلايدىغان بولغان. بۇنىڭ ئاقىۋېتىدىن سۇ مەنبەسى كۆپىيىپ، قارادالا تەرەپتىكى ئېتىزلارغا مول سۇ يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان. ئەينە شۇ بۆدۈتە تاغ ئىدىرلىرى كۆڭۈلگە ئەرىكسىز شېىر ھىسسىياتلىرىنى تۇغدۇرىدۇ.

بۆدۈتە تاغلىرى

بۆدۈتە غولى ئاغىزىدا دەسلەپكى تاغ-كۆل،

ئۇ چېگارىدىن ئۆتىدىغان غىمسا يول.

غەربىدە ئۆركەشباينىڭ ئۆشكە قىشلىغى،

ئۆشكىلىرى يايلاتتى كۈنگەيدە قىش-يېزى.

شىۋە پەن تارتقان قارغىيى سۈمبىدەك،

تارتقان تاختايلىرى ئاپپاق ئۇپىدەك.

سۇمۇلغا توشۇغاندا ئېشەكلەرگە ئارتقان،

شۇڭا بۇ تاغ شىۋە پەن تارتقان.

داشقانلىق ئېگىز ئاتلىق ماڭالمايدۇ،

قۇرۇق قارغىيى كۆپ ھېچ كىم بارالمايدۇ.

ئۇنىڭغا قارىشى قوناق قىشلاق ژەكەباي،

بۇلاقلىرى سانسىز، چۆپكە ناھايىتى باي.

چات تېغىنىڭ قارغىيى ساناقلىق،

ئاپپاق ھاڭلىرىنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق.

ھاڭ تاشلىرى مۇمىياغا بۆلەكچە باي،

بۇلىغى كۆپ، سۈيى مول چەتتىكى ساي.

چاتتىن ئۆرلەپ ئۈچقىساڭغا بارىسىز،

يوللىرى بەدەستىرلا جاپا مېڭىپ ھارىسىز.

جىسمى ئىسمىغا لايىق ئورالغان قارىغاي،

بىز كۆرمىگەن قۇشلار ئۆزىچە سايرىغاي.

ئورالغان قارغىيىن، ئورۇلۇپ جىقىلغان،

باراتقۇلى مول سۈيى بۆدۈتىگە قېتىلغان.

چەكباينىڭ قېلىن چۆپى ژىلدا چېپىلغان،

يامان قىشتا بۇغ-ماراللارغا چېچىلغان.

بۆدۈتىنىڭ يەتتە تېغىدا كۆپتۈر بۇلاق،

بۇلاق سۇلىرى يازدا بولىدۇ سەككىز قۇلاق.

سۇنىڭ كۆپى ئىلاجىسىز خونخايغا ئاقىدۇ،

قالغىنى ئۇزۇن يولدا غالجاتنى باقىدۇ.

بۆدۈتە غولىدىن چىقىدۇ ئېگىز توغۇر سۇغا،

توغۇر سۇ يازدا كىرىدۇ راسا بۇغۇرسىغا.

دەم ئالغۇچىلار ژىغىلىدۇ داڭلىق يايلاققا،

قىزىقىدۇ ھەر كىم قىمىز ئىچكىلى بارماققا.

توغۇر سۇ، داشقانلىق، شارنوخاي،

ئاتكەزچىلەرگە قاتناشقا ئوڭاي.

غۇلجا، قارقارا يەرمەنكىسى،

بوينىغا ئېسىۋالغان بەردەنكىسى.

چېگارىچىلار توغرا سۇدا ماراپ ياتىدۇ،

چېگارا بۇزۇپ قاچقانلارنى ئاتىدۇ.

بۆدۈتە تاغلىرى خەتەرلىك چېگارا،

شۇڭا ئىككى دۆلەت كېلىشەتتى ئۆز ئارا.

بۆدۈتە

سەن بېرىكەتلىك بۆدۈتە،

ژۇت ئابرويىنى ئېگىز كۆتەر.

غالجاتلىقلار سېنىڭدىن رازى،

بۆدۈتە غالجاتلىقلارغا قازى.

بۆدۈتە سۈيى ئاقىدۇ خونخايغا

شارنوخايدىن كېلىدىغان چوڭ سايغا.

قويۇپ بەرسە يېتىدۇ سۈيى ئىلىغا،

يولدا بۇراپ سالىدۇ خىلمۇ-خىل قىنىغا.

تېغىڭغا يامغۇر-قار كۆپ ياغىدۇ،

غالجات ژۇتى سېنىلا ساغىدۇ.

مەرت-مەردانە بۆدۈتە

ژۇتنى تەۋرەتمەي باقىدۇ،

سېنىڭ مول چۆپىڭ بۆدۈتە،

چۆپلەر ئىچىدىكى ئۈگۈتتە.

ئۆتسەڭ تاپىنىڭدىكى چۆپلەر،

ھەممە چۆپلەردىن كۆپتە.

بۆدۈتە تېغى تاغلار خاقانى،

بۇغا-مارالنىڭ چوڭ ماكانى.

توپلاپ ژۈرەدۇر توڭگۇس كېيىكلەر،

ئاۋايلىمىسىڭىز گەزلىشىدۇ ئېيىقلار.

ئۇيغۇر دىيارىغا غۇلاچ تاشلاپ،

ھۆسنۈڭنى ئاچ ھەيۋەتلىك كېرىن.

خونخايغا ئاققان سۈيىڭدە،

بېلىقلىرىڭ ئېسىلى فورېليا.

بۆدۈتە غولىدىكى پىياز،

خۇددى پىيازلىق ئىڭىزى ئوخشاش.

ئۇنى سىقىملاپ غوجىڭغا سالىسىز،

ئۆشكە قىشلىغىدىكىنى ئورۇپ ئالىسىز.

بۆدۈتە غولى تاقىشىدۇ توغۇر سۇغا،

بۇ غول ئەجايىپ باي ئېقىن سۇغا.

چېگارا تەرىپى ئوچۇق داشقانلىق،

ئادەم زوقلانغىدەك توشقانلىق.

بۆدۈتە تۈگىمەس بايلىغىمىز،

چىرايلىقتىن چىرايلىق سايلىرىمىز.

بۆدۈتە قارغىيى ئەجايىپ يوغان،

ئايقىشىپ ژىقىلسا غولغا بولىدۇ تۇغان.

بۆدۈتىنىڭ شاماللىق تۈزى

بۆدۈتە كۆركەم يېرى شاماللىق تۈزى،

بۆلەكچە گۆزەلدۈر ئۇزۇن يېزى ۋە كۈزى.

بېنەمگە تەرگەن بۇغدىيى، سۇلۇ، ئارپىسى،

يامغۇردۇن مول ھوسۇل بېرىدۇ بارچىسى.

شاماللىق ئۈستى تۈپتۈز خۇددى ئەينەك،

تاققا ئۇلاشقان يېرى ئىنچىكە زەينەك.

يامغۇرى، قارى بۇلۇتى ئاقتاققا ئۇرۇلىدۇ،

خونخايغا ئۆتەلمەي، شاماللىققا بۇرۇلىدۇ.

قىشتا قېلىن قار ئاپپاق ياغىدۇ،

چىل، كەكلىكلەر قار ئاستىدا ياتىدۇ.

شاماللىققا دانلىق ئاشلىق تەرمىسەڭ،

قۇشلار داننى نەدىن ئىزدەپ تاپىدۇ.

يازدا يامغۇر شاماللىققا سۇدەك سېپىدۇ،

دېخانلار كۈزدە شاماللىقتا خامان تېپىدۇ.

يۈز گېكتار شاماللىق ئاشلىغى،

غالجاتلىقنىڭ خېلىسىگە يېتىدۇ.

ژىلدا دېخانلار مىڭ سېنتنېر ئاشلىق ئالاتتى،

بېنەمنىڭ بېكار ئاشلىغىنى ساڭلارغا سالاتتى.

بۆدۈتىنىڭ كېيىك، بۇغا-ماراللىرى،

دېخانلارغا رازى بولۇشۇپ قالاتتى.

شاماللىقتىن ھەممە يەرنى كۆرىسەن،

شاماللىق سەن يەر-زېمىننىڭ تۆرىسەن.

سېنى ئايلىنىپ ئاققان دېخان ئۆستىڭى،

دېخان ئاتامنىڭ ئەزەلدىن سېنى سۆيگىنى.

شاماللىق چېگارىدىكى تەبىىي جىسەك،

ھەيران بولىدۇ كۆرمىگەنلەرگە دېسەك.

كۆرىسەن ئىلىغىچە قارا دالانى ئالقاندا،

تېخىمۇ ئوچۇق ئىلى سۈيى تاشقاندا.

شاماللىق پوتىيى ھەممىدىن ئېگىز،

ئۇ سانچىلادۇر دۈشمەنگە خۇددى بېگىز.

جىسەكچى بىنوكلدا ھەممىنى چارلايدۇ،

ئويمان-چوڭقۇر ئىدىرلارنى ئارىلايدۇ.

بۆدۈتە ئوخشايدۇ شۇ دۆڭدىن قازانغا،

بالىلار غەرىق فورېل تۇتىدىغان سازانغا.

بۆدۈتىنىڭ يېقىملىق يەلپۈگەن شامىلى،

يازسا توختىمايدۇ شائىرلارنىڭ قەلىمى.

سەن خاسىيەتلىك شاماللىق،

ئىنسانغا قىلمىدىڭ يامانلىق.

سېنى ئارزۇلىغان دېخانغا،

بار تىلىگىڭ ئامانلىق.

توقىلەك ھاكىم بولۇپ ژۇت باشقۇرۇپ ژۈرگەن ئۇ ژىللاردا يېزىلاردا بۈگۈنكىدەك دۆلەتلىك ئاغرىقخانىلار، دوختۇرلار بولمىغانلىغىدىن ئاغرىقلارغا دەرھال ياردەم كۆرسىتىش مۈشكۈل ئېدى. تېخى مۇنداق نادانلىقلارنىمۇ كۆرۈڭ. ئەگەر قارغۇ ئۈچەي (ئاپېندىسىت) بىلەن ئاغرىغانلارنى داۋالاشقا توغرا كەلسە ژۇتتىكى بەزى كىشىلەر ئاغرىقنىڭ داۋالاش ئامالى دەپ يايغۇچ بىلەن ئاغرىقنىڭ كىندىك ئەتراپىنى ئۇ ياققا-بۇ ياققا تولغاپ يېرىلىش ئالدىدا تۇرغان قارغۇ ئۈچەينىڭ يېرىلىشىنى تېخىمۇ چاپسانلىتىپ ئۆلۈمگە مۇپتىلا قىلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرەتتى. بۇ ئەھۋاللارغا گۇۋاچى بولۇپ ژۈرگەن توقىلەك چېگارىدىكى زاستاۋلارنى ئارىلاپ كېلىپ، چېگارىچىلار سالامەتلىگىگە قارايدىغان ئورۇس دوختۇرلار بىلەن تىل تېپىشىپ شۇلار ئارقىلىق ئاغرىقلارنى داۋالاشقا ئەھمىيەت بەرگەن.

شۇ XIX ئەسىردە يېزىلاردا ياشاۋاتقان ئادەملەردە تازىلىق ھەققىدە چۈشەنچە ناھايىتى كام ئېدى. ئۇلار مونچا دېگەننىڭ نېمە ئېكەنلىگىنى بىلمەتتى. بارا-بارا توقىلەكنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئورۇس مونچىلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە قاراپ بەزى بىر ھاللىق كىشىلەر مونچىلارنى ياساشقا كىرىشتى. سەھەر تۇرۇپ ئىشىك-ئارامىنى چىغ ياكى تېۋىلغۇ سۈپۈرگىسى بىلەن سۈپىرىپ تازىلمىغانلارنى ئۆيدىن چاقىرىپ چىقىپ، بۇ يارامسىز قىلىغىنى بېتىگە بېسىپ ئۇيالدۇراتتى. ئۇ ناھايىتى ئۇششاق نەرسىلەر، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان قۇرال-ژابدۇقلارنىمۇ نېمىدىن، قانداق ياساشنى ئۈگىتىدىغان. ئالايلى ياغاچ ئارىنى قاتتىق ئىرغايدىن ياساشنى، ياغاچ گۈجەكنى تېرەكتىن چېپىپ ياسىتىشنى ئۈلگە قىلاتتى. يولنىڭ ئويمان-چوڭقۇرىنى تۈزلىتىپ، سۈپىرىپ، تازىلاشقا ژۇت ئادەملىرىنى جاۋاپكەرلىككە تارتاتتى. تۆمۈر گۈجەك، كەتمەن ۋە باشقا ئەمگەك قۇراللىرىنى غۇلجا دۇكانلىرىدىن ئالدۇرغان. بولۇپمۇ 1871-ژىلى غۇلجىنى ۋېرنىي (ئالمۇتا) يەتتىسۇ گېنېرال گۇبېرناتورى كولپاكوۋسكىي بېسىپ ئېلىپ، ئەلاخان سۇلتاننى ۋېرنىيغا پالىغان مەزگىلىدىن كېيىن سودا-سېتىق ئىشلىرى ئۇلغىيىپ، ئورۇس سودىگەرلىرى تۆمۈردىن ئىشلەنگەن قۇرال-جابدۇقلارنى ئىچكىرىدىن ئەكېلىپ، يېزا دېخانلىرىغا ساتىدىغان بولغان. توقىلەك تازىلىق ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن باشقىلار ئالدىدا ئۇيغۇر خەلقى ئەينە شۇنداق سەرەمجان، پاككىز خەلق دېگەننى جارىي قىلماقچى بولغان. توقىلەك باشلىغان ئىشلارنىڭ يەنە بىرى بەشدۆڭنى ژۇتتىن مېھمانلارنى ئۇزىتىش، ياكى كېلىۋاتقان مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش مەسىلىسى بولدى. بۇ ئادەت ھېلىغىچە داۋاملاشماقتا.

قىزغىن پائالىيەت بىلەن شۇنداق ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە توقىلەك سەردارنىڭ ئىلى خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر بىلگۈسى ئىلاجە بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىنى تولۇق ئارىلاپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈسى كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ئارزۇ-ئارمىنىنى ئاققوزىمۇ قوللاپ، ئۇنىڭمۇ بىللە بارغۇسى بار ئېدى. لېكىن ئۇ دەۋردە شتاب باشلىغى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتاتتى. ئاققوزىغا يېڭى تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر لەشكەرلىرىنى ھەربىي تەرتىپكە ئۈگىتىشى كېرەك ئېدى.

توقىلەك ئاددىي ژۇت ئادەملىرىدىن شايالىق ئىسلام سوپىنى، ئاددىي مالچى ئاقسوپىنى، ئاقسۇلۇق مەمەتنىيازنى ۋە ئىككى ياساۋۇلىنى ئەگەشتۈرۈپ 1869-ژىلى كۈز ئايلىرىدا ئالتەشەنىڭ چوڭ شەھرى قەشقەرگە يېتىۋېلىشنى كۆزلەپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. سەپەرگە دايىمەن غۇلجىدىن، قەشقەرغىچە سودىگەرلەرنىڭ ژۈك ئارتقان ئېشەكلىرىنى ھايداپ، قىش-ياز دېمەي قاتناپ بۇ ئۇزاق يولنىڭ ھەممە ئەگىر-توقايلىرىنى بىلىدىغان زەرۋات ئىسىملىق ئاتقوشچىنى بىللە ئېلىپ ماڭىدۇ.

غالجاتلىقلارنىڭ نىيېتى (ئىرىمى) بويىچە ژىراق سەپەرگە ماڭغانلار خاسىيەتلىك، ھەيۋەتلىك قىزىل دۆڭگە چىقىپ تۆرت ئەتراپنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆڭلىدە ژۇتىنى قىيماي بىسمىللا خوش ئانا ژۇت، بىز قايتقىچە ئامان بول دەپ ئېيتىشىپ ئاندىن يولغا چىقاتتى. شۇ كۈنى ئۇلار خونخاي غولىدىكى ئەڭگىرتى داۋانىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ مۇڭغۇل – كۈرەنى نىشان قىلىپ، چەتتىكى بىر مېھماندوست كىشىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، تاڭ سەھەردە خان يايلىغىغا ئۆتۈۋالدى. شۇ ئارقىلىق ئۇلار چەكسىز كەتكەن دالا مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. خان يايلىغىنىڭ مەنزىرىسى كەچ كۈزدىما شۇنچىلىك گۆزەل، دەرەقلەر يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ ئەجايىپ بىر تۈسكە كىرگەن. قىشتا كەتمەي قىشلاپ قالىدىغان قۇشلار، بولۇپمۇ قارغىلار، سېغىزغانلار، قۇشقاچلار شاختىن-شاخقا سەكرەپ ئۆزلىرىچە ۋىچىرلىشىپ سايراشلىرى ئەرىكسىز كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتاتتى.

دايىمەن كۈلۈپ ژۈرىدىغان، ئوچۇق چىراي زارۋات يول باشلاپ ئالدىدا كېتىپ باراتتى. ئۇ بۇ يوللاردا ئېشەكلەرنى تالاي ھايداپ، غىڭىشىپ ناخشا ئېيتىپ ماڭىدىغان. بۇ قېتىم گەپ سۆزى يوق چوقۇم توقىلەك سەرداردىن ئەيمىنىپ كېتىپ بارغان بولۇشى كېرەك. ئۇزاق يولنى ئاۋۇتۇپ خان يايلىغىنى ئارتتا قالدۇرغان ئۇلار ئەندى پەقەت غار ھاڭلىق يوللارغا ئۇلاشتى. ئاندىن كېيىن ئايغىر يايلى دەيدىغان ئەڭ دەھشەتلىك يولغا قەدەم تاشلىدى. زارۋات بۇ جاينى ئايغىر يايلى دەپ ئاتايدىغىنىنى، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى ناھايىتى چوڭقۇر ساي ئېكەنلىگىنى، شۇ يەردىن ئۆتۈۋالغىچە ئىككى تەرەپكە قارىماي ئۇتتۇر قاراپ مېڭىشى كېرەكلىگىنى ئالدىن ئالا ئەسكەرتكەن ئېدى. ئۇلار بىسمىللا دەپ ئايغىر يايلىغا چىقتىدە ھەممىسى ژىم-ژىت ئاستا ئىلگىرلەپ پەسكە چۈشۈپ قاراتۈتەك دەيدىغان تۆشۈككە قاراپ يول ئالدى. ئىككى تەرىپىنى ھاڭ تاشلار قاپلىغان، ئارىسىدىن قاپ-قارا ئىس چىقىپ يەنىلا چوڭقۇرلۇققا كىرىپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرگەن يولۇۋچىلار ھەيرانلىقتا توختاپ قېلىشتى. زارۋات ئۇلارغا قاراتۈتەك ئىس باسقان يولنىڭ ئۈچ چاقىرىمغا سوزۇلدىغانلىغىنى ئېيتىپ، ئاتلىرىنى يېتىلەپ پىيادە مېڭىشىنى ئەسكەرتتى. ئۆزى يول بېشىدا ئاندىن توقىلەك سەردار بىر ياساۋۇلى بىلەن ئوتتۇرىدا، ئىككىنچى ياساۋۇلى ئۇلارنى كۈزىتىپ ئاخىرىغا ماڭىدىغان بولۇپ كېلىشتى.

–ئەي زارۋات بىزنى نەگە باشلاپ كېتىپ بارىسەن؟ كېچىكى تۈندەك قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كەتتىققۇ دەپ ئەنسىرىگەن توقىلەككە، – ئەنسىرىمەڭ ئاكا بۇ يول ھازىرچە شۇنچىلىك دەھشەتلىك، – دەپ زارۋات تەسەللا بەردى. قاراڭغۇ تاغ يول ئۈستىنى ئىككى تەرىپىدىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ھاڭ تاشلار يېپىۋالغان. پەقەت بىرەڭ-سەرەڭ يېرىدىن ئىچىگە كۈننىڭ يورۇغى چۈشۈپ ئالا-بۇلا يورۇتاتتى. شۇ يورۇقلۇقتىن پايدىلانغان يولۇۋچىلار ئاستا مېڭىشىپ كېتىپ بېرىپ چوڭقۇرنىڭ تېگىدە بىر ئادەمنىڭ ۋە ئېشەكنىڭ ئۆلۈپ ياتقانلىغىنى بايقاپ، ئەرۋايى قىرىق گەز ئۇچۇپ خەتەرلەندى. بۇ دەھشەتلىك يولدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كىشىلەر ئۇلاقلىرىنى يېتىلەپ، ئۇلارنىڭ قۇيرىغىدىن بىر-بىرىگە چېتىۋېلىپ ماڭىدېكەن. بولمىسا يول ئۇشلۇق چىقىپ تۇرغان قىيىق تاشلاردىن مېڭىش ناھايىتى قىيىنغا چۈشىدېكەن. ئەگەر پۇتلىشىپ بىرەر ئات ياكى ئېشەك ژىقىلسا ھەممىلا يولۇۋچىلار توختاپ ئالدى بىلەن ئۇنى تۇرغۇزۇشى كېرەك ئېكەن. باشقىلار نېملەرنى ئويلاپ كېلىدۇ ئۆزلىرى بىلەر، ئامما توقىلەك بىر دوزاق ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك سېزىنىپ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى ئاقسۇ، قەشقەر، ياركەنت، ئاتۇش، تۇرپان، خوتەنلەر بىلەن باغلاشتۇرۇپ تۇرغان بۇ يولنىڭ ھەقىقىي دوزاق يولى ئېكەنلىگىنى كۆردى. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆز مۇستەقىللىگىگە ئېگە بولسا بارلىق شەھەر، يېزا ئادەملىرى بىرلىشىپ مۇزداۋاننىڭ بۇ دەھشەتلىك يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ ياساپ چىققان بولار ئېدى دەپ ئويلىدى توقىلەك. ئۇ ژىتىملاردەك ئېگىسىز، ئۆز ئەركى يوق تەلەيسىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەشۇ ئېغىر تەغدىرىگە قاتتىق ئېچىڭدى. ئاغىنىسى ئىسلامسوپىمۇ شۇ خىيالدا كېلەتتى.

مۇزداۋاندىن ئېشىپلا سول قولغا بۇرۇلغاندا ئاقسۇ شەھرىگە بارىدىغان باي ناھىيەسىگە چۈشەتتى. تېگى ئاقسۇلۇق مەمەتنىياز ئاتىسى توخنىيازدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئويلاپ نېمە تەرسەڭ مول ھوسۇل ئالىدىغان ژۇتقا ئاتا-بوۋىلار باي دېگەن نامنى بېكار قويماپتېكەندە دەپ ئويغا چۆمدى. بولۇپمۇ تېگى ئاقسۇلۇق ئاقسوپى ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشنى تۆرت كۆزى بىلەن كۈتۈپ ھەر خىل ئويلارغا بېرىلگەن ئېدى. قاراتۈتەكنىڭ ئىچى ياز كۈنلىرىدىما شۇنداق سوغ، ئىككى تەرەپنى يېپىپ تۇرىدىغان خادا تاشلار ئارىسىدىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان چوكا مۇزلار سوغ زەھەر چېچىپ تۇراتتى. مىڭ بىر جاپا ۋە ئەندىشلەر بىلەن قاراتۈتەكتىن ئوچۇقچىلىقتىكى يولغا چىققاندا ئۇلار خوشاللىغىدا ئاتلىرىنى قوشاغداپ، چاي قاينىتىپ ئىچىشتى. ياساۋۇل بالىلار خان يايلىغىدىكى قۇرۇق تاللارنى توغراپ غوژۇننىڭ ئىككى بېشىنى تولتۇرۇپ ئالغان ئېكەن. ئۇ ئوتۇنلار دەررۇللا ھەممىگە ئاسقاتتى. ئۇلار ئىسسىق چاي ئىچىپ ھادۇق ئالغاندىن كېيىن، يەنە ئاستا ئۆرلەپ ئىلگىرلىدى. يولنىڭ غەربىي تەرىپىدە شۇندا ئىككى ئاچا يول پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئاچىلانغان يېرىگە تىكلەپ قويغان قىزىل ياپىلاق تاشقا بارسا كەلمەس دەپ بىرسىگە يېزىپ قويغان خەتنى كۆرۈپ ئۇلار ھەيران بولۇشتى. زارۋات، – بىز ئۇتتۇر كېتىمىز، ئالدىمىزدىكى توغۇرسىغا كېرىلىپ تۇرغان ئېگىز قىردىن ئېشىشىمىز كېرەك، مۇزداۋان دېگىنىمىز ئەشۇ، – دەپ كۆرسىتىۋىدى ھەممىسى تىكلىنىپ قاراشتى. زارۋات، – ھازىر دەل چۈش مەزگىلى چاپسانىراق ئىلگىرلەيلى. مۇزداۋان تاپىنىغا يېتىپ بېرىپ ئاتلارنىڭ تاقىلىرىنىڭ مىقلىرىنى چىڭىتىشىمىز كېرەك، – دەپ ئالغا باشلاپ ماڭدى. ئۇلار مۇزداۋانغا چاپسانلا يېتىپ باردى. مۇزداۋاننىڭ شىمالىي قاپتىلى كۆپ-كۆك مۇز. ئۇنىڭ چوققىسىغا قانداق چىقىدىغانلىغىغا ھېچ كىمنىڭ كۆزى يەتمىدى. يولۇۋچىلاردىن ئىسلامسوپى، – ھەي زارۋات، قاراتۈتەك ھاڭنى دوزاق دېۋىدىڭ، بۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق دوزاقمۇ نېمە؟ دېۋىدى، – چۆچىمەڭلار مەن سىلەرگە ئۇختىراي، ئەشۇ چوققىغا چىققىچە يۈزدىن ئوشۇق پەلەمپەيلەرنى بېسىپ ئۆتىمىز. ئۇ يەردىكى تاش ئۆيلەردە يېتىپ ئىشلەۋاتقان مەدىكارلار ھەر بىر پەلەمپەينى چوقۇپ، يولۇۋچىلارغا يول ياساپ تۇرىدۇ. ئاتلارنىڭ تاقىلىرىنى جۆندەپ ئالغان بولساڭلار قېنى كەتتۇق، – دېدىدە سول قولىدا ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى يېتىلەپ، ئوڭ قولىدىكى تايىغىنى تايىنىپ ئۆرلىدى. ئۇ بىر بىرىڭلارغا يېقىن ماڭماڭلار، ئاتنىڭ چۇلۋۇرىدىن سىلكىپ تارتماڭلار، ئۆزىنىڭ رايىغا قويۇپ بېرىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرى پەلەمپەيدىن پەلەمپەيگە سەكرەپ سىلەرنى ئەگىشىپ ئۆرلەۋەرىدۇ دەپ جېكىدى. زارۋات دېگەندەك ئاتلار سەكرەپ-سەكرەپ ئۆرلەۋەردى. بىر چاغدا ئاقسوپىنىڭ ئېتى تۇمشۇغى مۇزغا تىرىلىپ زوڭزىيىپ ئولتىرىپ قالدى. ئۇنى يۆلەيمەن دەپ ئاقسوپىمۇ تۆۋەندىن سېرىلىپ مېڭىۋىدى ئۇنى ياساۋۇل بالا تۇتۇۋېلىپ يۆلەپ تۇرغۇزدى. قورققىنىدىن بولسا كېرەك، ئاقسوپىنىڭ تىلى سۆزگە كەلمەي دىر-دىر تىتىرەپ تەرلەپ كەتتى. مېڭىش يەنە باشلاندى. زارۋات ھەممىدىن بۇرۇن چوققىغا چىقىۋېلىپ، توقىلەك سەردارغا ياردەمگە كەلدى. توقىلەك سەردار ئەشۇ داڭلىق، دەھشەتلىك مۇزداۋان ئۈستىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇرستاننى كۆرىۋاتقاندەك ئۇزاقتىن-ئۇزاق تۆرت ئەتراپقا قارىدى. ئۇنىڭ ئەندى ئۆزى ئارمان قىلغان قەشقەرنى كۆرۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىغىغا كۆزى يېتىپ تولىمۇ خوشال بولدى. بۇنىڭ نوۋەتتىكى ئارمىنى قەشقەردىن قايتىشتا ئاقسۇ شەھرىگە كېلىپ، ئاندىن تارىم دەرياسى بويىدىكى شايانى ئىسلامباقىغا كۆرسىتىپ، ئاندىن كورلا شەھرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن توخسۇن شەھرىگە بېرىپ، ئاخىرىدا تۇرپانغا بارماق ئېدى. توقىلەك سەردار بۇ سەپىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن داڭلىق شەھەرلىرىنى، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆرمەكنى كۆڭلىگە پۈككەن ئېدى. يول بويى ئۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ كەمبەغەلچىلىگىگە، ئۆتمۈش تارىخىغا قىزىققان سەردار قەشقەرگە يەتكىچىلىك ئۇچرىغان كىشىلەردىن تۇرمۇشى ھەققىدە سوراپ ماڭدى. ئاخىرى ئۇ تولىمۇ ئارزۇ قىلغان قەشقەرگىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. قەشقەردىكى قېرىلار سەردارنىڭ ئىلى تەۋەسىدىن كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ، كۆپلىگەن قىزىقارلىق نەرسىلەرنى سوراپ بىلگۈسى كېلىدۇ. شۇنداق قىزىققۇچىلار ئىچىدىن بىر تىمەن موماي، – بالام، سىز بىزنىڭ نازۇگۇم قىزىمىز ھەققىدە بىلەمسىز؟ ئۇنى بىر نەچچە كىشىلەر بىلەن مانجۇرلار بىزگە قارشى بولدۇڭلار دەپ ھېيتكا مەيدانىدىن تۇتۇقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەن. مەنمۇ شۇلار ئىچىدە بار ئىدىم. يولدا كېچىسى بىر توپ قىزلار قېچىپ قۇتۇلۇپ قالدۇق، نازۇگۇملار قاچالمىدى. ئاڭلىشىمىزچە نازۇگۇم بۇ ئالەمنىڭ جاپاسىنى تارتىپتەك. نازۇگۇم ئۇلاردىن بىر نەچچە قېتىم قاچقان بولسىمۇ ئاخىرى يەنە دۈشمەنلەر قولىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ بوينىنى چېپىپ ئۆلتىرىپتەك. بۇ خەۋەرنى بىزگە غۇلجىدىن سودا قىلىپ كەلگەنلەر ئېيتىپ بەرگەن، – دەيدۇ. موماينىڭ سورىغىغا جاۋاپ بەرمەك بولغان سەردار خېلە ۋاقىت شۈك ئولتىرىپ قالدىدە، نازۇگۇمنى ئىلى بويىدىكى بىر مانجۇر ئەمەلدارىغا ھەدىيە قىلغىنىدا، ئۇ خاننى ئۆلتىرىپ قارا دالا بىلەن غالجات ئايىغىدىكى ئاچالغا كېلىپ قالغىنىنى، ئۇنى پاتەمخان، تۆرۈخان، نۇرخان ئىسىملىق مومايلارنىڭ بىر ھەپتە يوشۇرۇن بېقىپ يولغا سالغانلىغىنى، كەچ كۈزدە پىيازلىق دېگەن جايدىكى سۇ ياقىسىدىكى ھاڭتاش كامارىدا باغكەتمەنلىك گۈلمەت ئىسىملىق بوۋاينىڭ بىر قىش باققانلىغىنى، ئەتىيازدا قىرغىزلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغىنىدا چېرىكلەر تۇتۇپ ئېلىپ قەتىل قىلغانلىق تارىخىنى توقىلەك مومايغا سۆزلەپ بەردى.

سەردار قەشقەردە بىر ھەپتە تۇرغىنىدا سىز نازۇگۇمنى بىلىدىكەنسىز، ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇلىنى، يولدىشى باقىنى بىلەمسىز دەپ سورىغانلارنىڭ ئاخىرى ئۈزىلمىدى. قەشقەرلىك تۇققانلىرى، دوستلىرى، يولدىشى باقىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى توقىلەك بىلەن ئىچەكىشىپ كېتىپ، ئاخىرىدا ھەر بىرى ئۇنى مېھمانغا چاقىرىپ، قايتىشىدا يولغا ئۇزىتىپ قويىدۇ. توقىلەك بىلەن قەشقەردە تونۇشۇپ يېقىن بولۇپ قالغان كىشىلەر ماخمۇت قەشقەرىي ھەققىدە ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىپ، تۇغۇلغان ژۇتى ئوپالغىمۇ ئاپىرىپ كېلىدۇ. توقىلەكنى قەشقەر شەھرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بازار، ھەر خىل ھۈنەر ئادەملىرىنىڭ ئۆز ئىش ئورۇنلىرىنى ياساپ ئالغانلىغى، ھەم شۇ جايدا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ شەھەر ۋە شەھەر سىرتىدىكى خەلقنى تۇرمۇشىغا ھاجەت بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىشى قىزىقتۇرىدۇ. ئۇ شەھەر ئىچى ۋە ئۇنىڭغا يانداش ئورۇنلاشقان مەلىلەردىكى خەلقنىڭ ئېغىر تۇرمۇشىنى، بۇزۇلغان خارابىلارنى كۆرۈپ بەك ئىچىنىدۇ. شەھەرنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى ئۆزى تونۇشۇپ ئارىلاشقان كىشىلەردىن ئاڭلاپ خېلە چۈشەنچىگە ئېگە بولدى.

سەپەرداشلار قەشقەر بىلەن خوش ئېيتىشىپ كەينىگە قايتىپ، قېدىمىي ئاقسۇ شەھرىگە قاراپ يول تۇتتى. ئاقسۇدىن 1765-ژىلى ئىلى تەۋەسىگە كۆچىرىلگەن ئاتا-ئانىسى، ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، تېگى ئاقسۇلۇق ئاقسوپى بىلەن مەمەتنىياز ھاياجانلىق ھىسلارغا تولۇپ قېرىلاردىن ئاتا-بوۋىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشتى.

ئاقسۇ شەھرى كونا ئاقسۇ، يېڭى ئاقسۇ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدېكەن. ئۇ يەردە سۇ مول بولغانلىغى ئۈچۈن مول ھوسۇل ئېلىپ خېلە ياخشى ياشايدىغانلىغىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن ئانچە ژىراق ئەمەس باي ناھىيەسى ھەم ئۇنىڭ مەلىلىرىنىڭ يېرى بۆلەكچە ئۈنۈملۈك بولغاچقا بۇ يەرلەردىن مول ھوسۇل ئېلىندىغانلىغى ئۇلارنى خوشال قىلدى.

ئۇلار يەنە يولىنى داۋام قىلىپ كورلا شەھرى ئاندىن باغراش كۆلىنى ئايلىنىپ توخسۇن ئاندىن تۇرپان شەھرىگە يول تۇتىدۇ. بۇ ئۇزاق يوللار توقىلەك سەردارنى خېلىلا ھارغۇزۇپ قويسىمۇ ئاتا-بوۋىسى ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېدىمىي شەھرىگە يېتىپ بارغىنىدا توقىلەك سەردارنىڭ ھادىغى چىقىپ، ژۈرەكلىرى ئويناپ ئۆزىنى بەك بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ. شۇنچە ئەسىرلەر ژىللار بۆلۈۋەتكەن ئاتا-بوۋا ماكانىنى كۆرۈش، ئۇ تەۋەررۈك يەرلەرنى دەسسەش، تەڭرى تاغلىرى سۈيىنى يەر ئاستى بىلەن كارىز دەيدىغان ياسالما كاناللار ئارقىلىق بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن مۇزدەك سوغ سۈيىنى ئىچىش، قىش كۈنىمۇ شۇنچە ئەلۋەك، يەل-يېمىشلىرى ئۈزۈم ۋە قوغۇن-تاۋۇزلىرىنى يېيىش ئۇنىڭغا تازىمۇ بۆلەكچە لەززەتلىك بىلىندى. جاھان بويىچە ئوكېانلار بېتىدىن 154 مېتر چوڭقۇرلۇقتا ياتقان، كۆپچىلىك يېرى قۇملۇق تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي تۇمشۇغىدىكى تۇرپان كارامەت شەھەر ئېكەن. توقىلەك شەھەرنىڭ ھېچ يېرىنى قويماي ئاتا-بوۋا ماكانىنى زىيارەت قىلىپ چىقىدۇ. توقىلەك سەردارنىڭ ئەجداتلىرى تۇرپان ئويمانلىغى دائىرىسىگە جايلاشقان مىڭ ئۆيلەرنى ياساشقا قاتناشمىدى دەپ كىم ئېيتالايدۇ.

شۇ مىڭ ئۆيلەرنىڭ بىرى يارغۇل مىڭ ئۆيى ئېكەن. ئۇ تۇرپان شەھرىنىڭ غەربىدىكى يارغۇل كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە ئون ھوجىرا ساقلانغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قىز چوكانلىرىنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى، بۇددا دىنى ئەۋىلياسى ساكىيامونى توغرىلىق سۈرەتلەر، ھەر خىل چالغۇ ئەسۋاپلىرى، تۇرمۇش ۋە ئۇرپى-ئادەتكە دايىر نەپىس سۈرەتلەر قېدىمىي تۇرپاننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

تۇيۇق مىڭ ئۆيى – ئۇ تۇرپان ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تۇيۇق جىلغىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان 94 ھوجىرا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر نەچچىسىدە روھانىيلارنىڭ ئۇخلاۋاتقان قىياپىتى ئەكس ئېتىلگەن تام سۈرەتلىرى ساقلانغان.

بېزەكلىك مىڭ ئۆيى – ئۇ تۇرپان شەھرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 40 كىلومېتر جايىدا ساقلانغان. ئۇ سۈرەتلەر ئىچىدە چالا يالىڭاچ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزلار، ئەر-ئايال سازەندىلەر، قاناتلىق پەرىزاتلار، بېشى ئادەم تېنى بېلىق قىياپىتىدىكى ھۈر قىزلار، قېدىمىي ئۇيغۇرچە، سوگدىچە يېزىلغان بېغىشلىما سۆزلەر ئورۇن ئالغان. ئۇلار III-VIII ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىي ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئېگە بەدىىي سەنئەت يالدامىلىرى.

سىڭگىم ئېغىزىدىكى مىڭ ئۆيلەر. تۇرپان شەھرىنىڭ شەرقىدىكى 30 كىلومېتر كېلىدىغان بۇ مىڭ ئۆيلەردە 10 ھوجىرا ساقلانغان. ئۇلاردىمۇ بۇددا ئەۋلىياسى ساكىياموننىڭ ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي سۈرەتلىرى، ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىغا ئائىت چوڭ سۈرەتلەر، خەيرى-ساخاۋەتنى تەرغىپ قىلىدىغان سۈرەتلەر، ھەر خىل چالغۇ-ئەسۋاپلىرىنىڭ ئۈلگىلىرى جايلاشقان. 1959-ژىلى بۇ يەرنىڭ ئەتراپى يول ياساش ئۈچۈن بۇزۇلغاندا ئۇ يەردىكى خارابىلاردىن بىراقمان يېزىغى، ئۇيغۇر يېزىغى، سانسكرىپت يېزىقلىرى تېپىلغان. ئۇلار مىلادىنىڭ III-VIII ئەسىرلىرىگە تېگىشلىك قېدىمىي ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ قىممەتلىك ماددىي مەنبەسى بولۇپ سانىلىدۇ. توقىلەك تۇرپاننىڭ ئەشۇ خاسىيەتلىك جايلىرىنى زىيارەت قىلغىنىدا ئۆزىدە زور بەھرىمەنلىك ھىس قىلدى.

توقىلەك ئالتىشەھەرگە سەپەر قىلىشىدا ناھايىتى ئەتراپلىق ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولدى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ھوقۇقسىزلىغى مۈشكۈل ئەھۋالدا ئاچ- زېرىن ئېزىلىشى، ھەتتا بالا-جاقىلىرى، قىزلىرىغا ئېگە بولالماي ئەمەلدارلىرىغا قەرىزگە تۇتۇپ بېرىشى ئوخشاش ئەھۋاللارنى كۆرگەندە قاتتىق ئېچىڭدى. ئۇ ئەزىز خەلقىنىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇش يوللىرىنى ئويلاتتى. توقىلەك سەپەرداشلىرى بىلەن ئاخىرى ئۆزلىرى بارغان يوللىرى بىلەن ئارقىغا قايتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن يەنە بىر ئويى نورۇز ئېيىدىكى ژۇتىدىكى نورۇز مەيرىمىگە ئۈلگىرىپ يېتىپ كېلىشى ئېدى. ئۇزاق يوللار ئارقىدا قېلىپ، ئالغان تەسىراتلىرى يادىدا مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالدى. خوش ئانا ژۇتۇم تۇرپان دېگەن توقىلەك ژەدە قاشقا يورغىسى بىلەن ئىلگىرىسە، خوش ئاقسۇ دەپ قىيالماي كېلىۋاتقان مەمەتنىياز بىلەن ئاقسوپى يېنىپ-يېنىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراتتى. كۆپ ژىللار مۇنداق يوللاردا تالاي مېڭىپ كۆنۈككەن زارۋات مىيىغىدا كۈلۈپ كەلمەكتە ئېدى. توقىلەك ھەممە بولغان يەرلىرىدە كىم بىلەن گەپلەشمىسۇن كونا كىتاپلار بارمۇ؟ دەپ سوراپ ژىغىپ ئالىدىغان. ئۇنىڭ شۇندا ژىققان كىتاپلىرى غوجىنىغا سىغماي باشقىلارنىڭ غوجىنىغىمۇ قاچىلانغان. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ شۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك ئوقۇپ، ئۇيغۇر تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلار ئالدى. ئۇ بۇ باھالىق كىتاپلارنى بىر قەدەر ژۇتداشلىرىغا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن غۇلجا شەھرىگە ئاپىرىپ، چوڭ مەدرىسلەرگە ھەدىيە قىلغان. توقىلەك ئەتە نورۇز مەيرىمى دېگەن كۈنى غالجاتقا يېتىپ كېلىپ ئەتىسى ئۇنى ژۇت-جاماەت بىلەن قىزغىن نىشانلاپ ئۆتتى. بىر نەچچە كۈن ئۈزۈلمەستىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى، ژۇت ئاھالىسى ئۇنىڭ سەپەردىن ئامان ئېسەن قايتقىنىنى تەبرىكلىدى. ئۆيىدىن ژۇتداشلىرى ئۈزۈلمەي ئۇلۇق سەپەر تەسىراتلىرىنى ئېيتىپ ئۇ ژۇتداشلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالدى.

توقىلەك ئالتەشەھەرگە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن «ئىشلەشنىمۇ، دەم ئېلىشنىمۇ بىل دەيدىغان» بىر ئىبارىنى ئۆز ھاياتىغا تەبىق قىلىپ ئالدى. ئىلگىرى ئاقساقاللىق ۋەزىپىسى مەسئۇلىيەتلىك بولغىنى ئۈچۈنمۇ ھاردىم-تالدىم دېمەي بەزىدە كېچىلىرىمۇ ئىشلەيدىغان. ئۇنىڭ باشقۇرىدىغان مەھەلىلىرى ناھايىتى كۆپ ئېدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى غالجات ھاكىملىرىغا بېقىناتتى. ئۇ مەھەللىلەرنىڭ بىرى ئاچال ۋە ئۇنىڭغا يانداش گۈلمەت ئاچىلى، غۇلجىلىق، قىزىلغۇ، مازارتال، قارىتام، شايالىقلار مەھەللىلىرى (ئۇنى دەسلەپ تېۋىلغا تۈزى دەپ ئاتىغان). توقىلەك تۇرپانغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن تۇرپان نامىدا ئۆزگىچە بىر مەھەللە قۇرۇشنى ئويلاشتۇرىدۇ. ئۇ ژىللاردا غالجاتتىن تاققا قاراپ ماڭىدىغان غولنىڭ ياقىسىدا بوش يەرلەر كۆپ ئېدى. ئۇ بوش يەرلەر ئۈچ چاقىرىمغىچە سوزۇلۇپ قارىتام مەھەللىسىگە تاقىلاتتى. ئۇ تاقالغان جاي قىزىل ئۆتەك دەپ ئاتىلىدىغان. ئۇ دەل شۇ يەرگە تۇرپان مەھەللىسىنى قۇرۇشنى ئويلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئۇ يەرگە تۇرپانلىقلارنى ژىغىدۇ. ئاستا-ئاستا خونىخاي مازارى، قاينۇق، جاغىستاي ھەتتا قىرغىز يېرىگە قارايدىغان قارقىرىدىن تۇرپانلىقلارنىڭ خالىغانلىرىنى كۆچىرىپ ئەكېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ئۇ يەردە تۇرپان مەھەللىسى پەيدا بولىدۇ. تۇرپان مەھەللىسى ناھايىتى چىرايلىق يەرگە جايلاشقان. توقىلەك ئۇ يەردىكى ئۆزىگە سالغان تۇرپان دەم ئېلىش ئۆيىدە بوش ۋاقىتلىرىدا دەم ئالاتتى. ھېمىشەم ئۇنىڭ ئۇ يەردىكى جوزىسى ئۈستىدە بىر يانچۇق دەپتىرى بىلەن قارا قېرىندىشى بولاتتى. ئۇ ئەتە-ئۆگۈن قىلىدىغان ئىشلىرىنى كېلەچەكتە ئەمەلگە ئاشۇرسام دېگەن ئويلىرىنى ئۇ دەپتىرىگە يېزىپ قوياتتى. شۇنداق دەقىقىلىرىنى بايقىغان ئايالى نىيازخان ئاغچا ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلمەسلىك ئۈچۈن ئۆيدە ھېچ كىم يوقتەك، تىۋىش چىقارماي، ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنت بولاتتى.

ھەر بىر ژۇتتا خىلمۇ-خىل خىسلەتلەرگە ئېگە ئاڭلىق، ئېقىللىق زىيالىلارنىڭ كۆپ بولغىنى شۇ ژۇت ئۈچۈن چوڭ رول ئاتقۇرىدۇ. توقىلەك ئۆز زامانىسىنىڭ ئەينە شۇنداق ئىدرەكلىك، ھەر قانداق ئىشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قابىلىيەتلىك ژۇت پەرزەندى بولغان. ئۇ ئۆزى ئويلىغانلىرى بىلەن بىللە پات-پات ژۇت ئاقساقاللىرىنى ژىغىپ مەسلىھەتلەر ئۆتكۈزەتتى. بەگلەر ئۆزىگە بەكىتىپ بېرىلگەن ئون ئائىلىنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن ژۇت ھاكىمى ئالدىدا جاۋاپكەر ئېدى. شۇ ئارقىلىق توقىلەك ژۇت ئىچىدە باققۇچىسى يوق قېرى-چۆرىلەر، ناكالار، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەر توغرىلىق مەلۇمات ئېلىپ، شۇ بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدىغان. ئون بېشىلەرنىڭ ئۈستىدىن قارايدىغان ئەللىك بېشى، ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە ژۇقۇرى يۈز بېشىلەرنىمۇ تەيىنلەپ ئۇلارنىڭ ئىشىنى نازارەت قىلاتتى. شۇنداقلا ژۇتتا جىنايى ئىشلارنى سادىر قىلغانلارنى سولاپ، تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدىغان قازىلارنىمۇ تەيىنلىگەن. مەھەللە باشقۇرغۇچىلار ھاكىم (ئاقساقال)، قازى، ئون بېشى، ئەللىك بېشى، يۈز بېشى بولۇپ ھېساپلانغان. توقىلەكنىڭ ژۇت باشقۇرۇشتىكى يېڭىچە ئۆزگىرىشلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كونىدىن قېلىپلاشقان دەستۈرلىرىگە ئاساسلانغان ھالدا ھەم ئۇلارنى يېڭىچە ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ تەرەققىي ئەتكۈزۈپ ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇ ساھادا ئۇ چوڭ ئابروي قازاندى. توقىلەك شاڭىيۇ ۋە بولۇس بولۇپ ئىشلىگەن ژىللىرىدا ئىلى ۋىلايىتىدە ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەت تولىمۇ كەسكىنلەشتى. ئۇيغۇرلار ئۆز ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلاندى. توقىلەك قەشقەردىن پىيادە ھايدىلىپ ئىلى ۋىلايىتىگە پاللانغان ئۇيغۇر-خانۇم قىزلىرىنىڭ پاجىەلىك ئەھۋاللىرىغا بەك ئېچىنغان ئېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نازۇگۇم ئىسىملىق ئۇيغۇر-خانۇمىنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئاڭلىغىنىدا بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، ئۇلارنىڭ خانۇم-قىزلىرىنىڭ پاجىەسى دەپ ئۆكۈنەتتى. ئەلۋەتتە ھەممە ئەركىنلىك ئۆزلىگىدىن كەلمەيدۇ. نازۇگۇم ئوخشاش ئەرلىك بىلەن مەيدانغا چىقىپ زومىگەر باسقۇنچىلارغا بوي سۇنماسلىق سەياسىتىنى ئالغا سۈرمەك ئويىغا كېلەتتى. قولىغا قۇرال ئېلىپ كۈرەش قىلىش ئۈچۈن خەلقىنى ئۇنىڭغا تەربىيىلىشى كېرەك. كۈچلۈك دۈشمەنگە قۇرالسىز، ساۋاتسىز، نادان، خەلق كۈچ ژەھەتتىن تەڭ كېلەلمەيدىغانلىغىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزەتتى. نازۇگۇمنىڭ ئاخىرقى پەيتتە مانژۇر ئامبالىنى ئۆلتىرىپ، قېلىن چىغ، زاك، ژۇلغىلار ئارىسىدىكى غىمسى يوللار بىلەن مېڭىپ غالجات ئايىغىدىكى ئاچال مەلىسىگە كېلىپ قالغانلىغى، ئۇ جايدىكى مومايلارنىڭ ئۇنى بىر ھەپتە يوشۇرۇن بېقىپ كۈتكەنلىگىنى ئاڭلاپ خۇرسەنت بولاتتى.

توقىلەك نازۇگۇم ھەققىدە تولۇق بىلىش ئويى بىلەن كۆپ ئىزدىنىپتۇ، لېكىن ئۇ يەر بۇ يەردىن ئاڭلىغانلىرى ئۇنى تولۇق قاناەتلەندۈرەلمەپتۇ. ئۇ زاماندا غۇلجا شەھەردىن قەشقەرگە يازىچە ئۈزۈلمەي قاتنايدىغان سودىگەرلەردىن نازۇگۇم توغرىلىق مەلۇماتلارنى ئېلىپ كېلىشنى سورىسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ سادا چىقماپتۇ. ئۇ مۈمكىن بولسا نازۇگۇم بولغان ھەممە جايلارنى ئارىلاپ كۆرسەم دەپ ئارمان قىلاتتېكەن. دېمەك توقىلەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا كۆپ قىزىققان.

ئالتىشەگە سەپەر جەرىيانىدا توقىلەكنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولدى. ئۇ جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ ئۆز يېرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئېگە بولالمىغانلىغى، تاپقان تاپاۋىتىنى، ناھايىتى ئېغىر سېلىقلارنى تۆلەشكە سەرىپ قىلىدىغانلىغى، قاتنايدىغان يوللىرىنىڭ ناچارلىغىنى كۆرۈپ چوڭقۇر خىياللارغا چۆمدى. ئۇ يوللاردا ھارۋۇ تۇرماق سالتان ئات، ئېشەك بىلەن ھەتتا پىيادە مېڭىشنىڭ قىيىنلىغىنى كۆرۈپ ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان يېزا، مەھەللىلەرنى ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىۋاتقان غۇلجا بىلەن باغلىنىدىغان يوللارنى ياساش قارارىغا كەلدى. ئۇ ئالدى بىلەن غالجاتتىن، غۇلجىغا قاتنايدىغان، ئىلگىرى كۈرە يولى دەيدىغان يولنى باشتىن ئاياق تۆرت چاقلىق ھارۋۇ ماڭىدىغان قىلىپ ياسىماق بولدى. بۇ ئارىلىغى يۈز چاقىرىم كېلىدىغان يولنىڭ ئەگىر-توقاي جايلىرىنى تۈزلەپ، كۆرۈكلەرنى سېلىشنى ئاغىنىسى ئاققوزىغا ۋەزىپىلەپ، ئالدىن ئالا ئىككىسى بىرلىشىپ موشۇ يولدا مېڭىپ ئۇنىڭ پلان ئۈلگىسىنى يېزىپ چىقتى. دوستى ئاققوزا تەرىپىدىن ھەر بىر ژۇتتىن ژىگىرمە-ئوتتۇز ژىگىتلەرنى يول ياساشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنى باشقۇرغۇچىلارنى ئۆزلىرىدىن بەلگۈلەپ ھەر بىر ژۇت ئاقساقاللىرىنىڭ قوللىشى بىلەن يول ياساشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىش پەقەت قول كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشاتتى. يولچىلار كەتمەن، گۈجەك، جوتۇلىرى بىلەن تاشلىق يەرلەرنى چاناپ، قىينىلىپ ئىشلىشىگە توغرا كېلەتتى. يولنىڭ ئىككى چېتىگە تاشلارنى تىزىپ سۇغا چىداملىق قارىياغاچ، ئۆرۈك قاتارلىق كۆچەتلەرنى تىكەتتى. بېكەتلەرنى سۇ بويىغا يېقىن جايلارغا سالدۇراتتى. بۇ يولنىڭ ياسىلىشى بىلەن ئىلگىرى غۇلجىغا بىر قونۇپ بارىدىغان ھارۋۇكەشلەر ئەندى بىر كۈندىلا يېتىپ بارىدىغان بولدى.

يېڭى يولدا سودا ئىشلىرى جانلىنىپ، تىجارەتچىلەر غۇلجا بازىرى بىلەن دۇكانلىرىدىن ئالغان ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشەشلىك ھالدا ئامان-ئېسەن غالجاتتىكى ئوتتۇزغا يېقىن دۇكانغا ۋە شۇ ئەتراپتىكى يېزىلارغا توشۇيدىغان بولدى. ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان بۇلاڭچىلىق، قاراقچىلىق ئەھۋاللىرى پۈتۈنلەي تۈگىتىلدى.

1881-ژىلى قورغاس ياركەنت تەۋەسىنى، كەتمەن بولۇسلىغىنى روسسىيا ئۆزىگە قارىتىپ ئېلىشنى ئويلاپ غۇلجىغا كۆپ قاتنايدىغان بولغان. شۇ دەۋردە غۇلجىدا ئورۇس ئەلچىخانىسى ئېچىلىپ، ئىككى تەرەپتىكى چېگارا موشۇ غالجات بولغىنى بىلەن ئۇ تېخىلا قانۇنلاشمىغان ئېدى. شۇڭلاشقا بېرىپ كېلىش ئانچە قىيىنغا چۈشمەيدىغان. چايچى يولى بىلەن بۇ تەرەپكە ماللىرىنى ئېلىپ چىقىپ غالجات ئارقىلىق قارقاراغا، قارقارىدىكى ئورۇس ماللىرىنى غالجات ئارقىلىق غۇلجىغا ئاپىرىدىغان بولغان. غالجات ئىككى ئوتتۇرنى باغلاشتۇرىدىغان ژۇت بولۇپ، ئۇنىڭدا سودىگەرلەرگە بېغىشلانغان ئىككى دەڭ ئۆيى، يەنى مېھمانخانىلار، ئاشپۇزۇللار بار ئېدى. دۇكانلاردىن بىرى پەقەت گەزمال، بىرى تاتلىق تۇرۇم، بىرى قاچا-قومۇچ ئوخشاش ماللارنى ساتىدىغانغا لايىقلىشىپ تەشكىل قىلىنغان. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئۇنداق دۇكانلارنىڭ سانى ئوتۇزدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇ دۇكانلارنى سېلىش، ماللارنى سېتىش ئىشلىرىغا پەقەت توقىلەك باشلامچى بولۇپ كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى سېسە بولۇس ئۇنىڭ ئىشىنى تەرەققىي ئەتكۈزگەن.

غالجات-غۇلجا ئارىسىدىكى يولنى «چايچى يولى» دەپ ئاتاشقان. سەۋەۋى غۇلجا بازار، دۇكانلىرىدىن ئاھالە ھاياتىغا ئەڭ كېرەك تاش چاي ۋە قۇيۇم چايلارنى كۆپىرەك توشۇغانلىغى ئۈچۈن سودىگەرلەر ئۇنى شۇنداق ئاتاپ كەتكەن.

توقىلەك بىلەن ئاققوزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان يەنە بىر چوڭ ئىشى ئۇلار بەلدىكى ژۇتلارنى بىر-بىرى بىلەن باغلايدىغان يوللارنىمۇ ياساشنى قولغا ئالدى. بۇ يوللار ئەندى ئويمان-چوڭقۇر ھالىتىدىن ئۆزگەرتىلىپ ھارۋۇ ماڭىدىغان يوللارغا ئايلاندى. ئۇ يوللار بۈگۈنكى كۈنگىچە خەلق ئېغىزىدا «چاپقان يول» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئىلىدا ئۇيغۇر، تۇڭگانلارنىڭ ئۆز ئارا بىرلىشىپ سۇلتانلىقنى تەشكىل قىلىش ھەرىكىتى يولىدىكى كۈرەشلەر كەسكىن كېتىپ بارغان مەزگىلىدە، پەيتنى پايدىلانماقچى بولغان قالماق تايپىلىرى توققۇزتارا، نىلقا، ئۇلاستاي تەرىپىدىن غۇلغۇلا چىقىرىشقا باشلىدى. قالماقلار ئىلى دەرياسى بويىدىكى توققۇزتارا ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئىنسان بالىسى ئاڭلىمىغان دەھشەتلىك زومىگەرلىكلەرنى ئىشلىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، كوچىلاردا قوغلاپ ژۈرۈپ قىلىچ بىلەن پۇخرالار بېشىنى چاپتى. ھەتتا بۆشۈكتىكى نارسىدە بوۋاقلارنىمۇ ئۆلتەردى. ژۇتتىكى بەزى كىشىلەر قالماق قىلىچى بىلەن چېپىلىپ ئۆلگىچە ئىلى دەرياسىغا چۆكۈپ ئۆلەيلى دېيىشىپ بالا-جاقىلىرىنى يېتەكلەپ ئاللاھۇەكبەر دەپ ئۆزلىرىنى دەرياغا تاشلىدى. بۇ تەجاۋۇزلىقنى ئاڭلىغان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار قالماقلارغا قارشى ئاتلىنىدۇ. ئۇ جەڭدە غۇلجا تەۋەسىدىن بارغان جەڭچىلەر جاسارەت كۆرسەتتى. بۇ جەڭدە قالماقلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ چەبدەس، چاققانلىغىنى، قورقۇمسىز قەيسەرلىگىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان قالماقلار ئۆزلىرىگە ھاجەت ئاشلىقنى ئۇيغۇرلاردىن ئالاتتى. ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا خونخاي مازارىدىكى چوڭ غولدىن ئەڭگىرتى داۋىنىدىن ئېشىپ چۈشۈپ غالجاتقا كېلىپ ئالاقە قىلاتتى. ئۇلار بولۇپمۇ دېخانلار كەچ كۈزدە ھوسۇلىنى ژىغىپ ئېلىش مەزگىللىرىدە سېمىز ئۆككۈز، قوي ۋە ئاتلىرىنى ھايداپ توپ-توپ بولۇپ كېلىشەتتى. بۇ مەزگىلدە غالجاتتا ئۇيغۇر دېخانلىرى بىلەن قالماق مالچىلىرى ئوتتۇرىسىدا سودا-سېتىق ئىشلىرى قىزىپ كېتەتتى. توقىلەك بۇ سودىنىڭ ھېچ قانداق توقۇنۇشسىز، ئادىللىق بىلەن ئۆتۈشىنى نازارەت قىلاتتى. شۇڭا قالماقلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىغى دوباچىلار توقىلەكنى ياخشى توناتتى. قالماقلارغا سودا قىلىشتا ژۇگا، شالۋۇر، قۇلاقچا، كىگىز پايپاق، قوي ۋە ئۆشكە ژۇڭلىرىنى ئەكېلىشىنى ئەسلىرىگە سالاتتى. قوي ژۇڭىدىن ژىپ ئىگىرىپ ئۆيدىكى خانۇم-قىزلار پەلەي، پايپاق، شتان-كۆينەكلەرنى توقاتتى. ئۇلارنىڭ ئەكەلگەن ژىلقا مېلىنىڭ بىر ئۆزگىچىلىگى بولىدىغان، سەۋەۋى يەرلىرى، يايلاقلىرى يۇمشاق بولغاچقا ئاتلىرىنى تاقىلىماتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاتلىرى تاي كۈنىدىن باشلاپ يورغۇلاپ ماڭاتتى. ژۇتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۇ ئاتلار قىزىقىش تۇغدۇراتتى. غالجاتتىكى مال بازىرىنى قىزىل دۆڭنىڭ جەنۇبىي قاپتىلىغىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياساتقان. ئەينە شۇنداق ئېلىش-بېرىش بىلەن ئىناق ياشاۋاتقان خەلقلەر ئارىسىدا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بەزى بىر ھارام نىيەتلىك قالماقلار ئارىلىشىپ ئاخىرى خوشنىدارچىلىقنى قىرغىنغا ئايلاندۇردى.

1868-ژىلى كەچ كۈزدە تېكەس، ئاغىياز قالماقلىرىدىن يۈزدەك نويانلار داباچى ئىسىملىق باسقۇنچى يېتەكچىلىگىدە غالجاتقا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىدۇ. بۇ مەزگىلدە توقىلەك ئەلاخان سۇلتاننىڭ چاقىرىشى بىلەن غۇلجىغا كەتكەن مەزگىلى ئېدى. باسقۇنچىلار ژۇت ئىچىدىكى ئۆيلەرگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش ئىشلىرىنى باشلايدۇ. ئۇلار ھەر بر ئۆيدىن بۇلاپ ئالغان ئاشلىغىنى ئۆككۈزلەرگە ئارتىپ تېكەس، ئاغىياز تەرەپكە ماڭغۇزىدۇ. ئۆتكەن ژىلقى توققۇزتارا ۋەقىەسىدە مەغلۇب بولغان قالماقلار ئۇيغۇرلاردىن ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار ئاتلىق تۈرىدە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قىلىچ، نەيزىلىرى بىلەن چېپىپ، ژۇت ئىچىنى قانغا بوياشقا كىرىشىدۇ. ئۇيغۇر ژىگىتلىرى ئارا، چوقماق، تاياقلار بىلەن ئۇلارغا قارشى قورغىنىشقا ئۆتكىنىدە چوڭلار بۇ پاجىەلىك ۋاقىەنى خەۋەرلەش ئۈچۈن غۇلجىغا ئات چاپتۇردى. بۇنى ئاڭلىغان توقىلەك دەررۇ ئون نەچچە پىلتىلىق مىلتىقلارنى ئېلىپ غالجاتقا ئوق دورىسى بىلەن يەتكۈزۈپ ئەكېلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ژۇتنى دەررۇ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، مىلتىق ئېتىش قولىدىن كېلىدىغان ژىگىتلەرگە ئۇ ئەكەلگەن مىلتىقلارنى بىردىن تارقىتىدۇ. ژۇت باتۇرلىرىدىن ئاققوزىغا قالماقلارنىڭ كەلگەن يولى بۆدۈتىنى توساشقا ئاكا-ئۇكا باتۇرلار باقى بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى بۆكىنى بىرىنى قاشاڭ يەنە بىرىنى غالجات يولىنى توساشقا ئاتلاندۇردى. مەخسىتى دۈشمەننى ژۇتتىن چىقارمايلا ئۇژۇقتۇرۇش ئېدى. ئۆزى باش بولۇپ تاياق، توقماقلار بىلەن قۇراللىنىپ قورقماي، ھودۇقماي جەڭ قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. بىردىنلا زور دەككىگە ئۇچرىغان دۈشمەن قىر ئارقىلىق مەلىنىڭ غەربىدىكى داۋۇزتاشقا ئەسكىرىنى چېكىندۈردى. توقىلەك شۇ چاغدا مىلتىق بىلەن قۇراللانغان ئوتريادنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇلار بىلەن ھاڭتاشلىق داۋۇزتاش ئۈستىدە جەڭ قىلىدۇ. پىيادە ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ھاڭتاشلار كامالىرىغا كىرىپ ئېلىپ، دۈشمەننى دەللەپ ئېتىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇجۇقتۇرىدۇ. دۈشمەن ئاتلىرىدىن چۈشمەي قىلىچىنى ئۇ ياق بۇ ياققا يالىلدىتىپ قورشاۋدا قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن داۋۇزتاش چوڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندى. نۇرغۇن نويانلىرى ئۆلۈكلىرىنى تاشلاپ جەنۇپتىكى قازانبۇلاق تەرەپكە قاچىدۇ. يەر شارائىتىنى ياخشى بىلىدىغان توقىلەك ئۇلارنى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش تەرىپىدىن قورشاۋالدى. ئۇنىڭغا باقاش كېلىپ قوشۇلدى. بۇ يەر قالماقلار ئۈچۈن ئۆلۈم مەيدانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ قاچقانلىرى غالجات غولى ئارقىلىق قارىغايلىقنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ جان ساقلىماقچى بولۇشتى. لېكىن ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلار ئامان قالمىدى. دۈشمەن توقىلەكنىڭ جەڭدە مىلتىق پايدىلانغانلىغىدىن ناھايىتى چۆچىدى.

داۋاچى باشلىق قالماق نويانلىرىنىڭ ئاساسىي مەخسىتى غالجات دېخانلىرىنىڭ ئاشلىقلىرىنى بۇلاش بولسا، ئىككىنچىدىن گۆزەل ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىش ئويىدا بولغان ئېدى. سەۋەۋى ئۇلار سودا قىلىپ كەلگەن مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىدە ناھايىتى قىزىقىش پەيدا قىلاتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىدىن قەشقەردىن ئىلىغا پالىنىپ، پىيادە ھايدىلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر خانۇم-قىزلىرىنى مونغۇل – كۈرەدىكى يۇلتۇز دېگەن جايدا بۆلۈشۈپ غەرىق بولغانلىغىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغان. شۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خانۇم-قىزلىرىغا بولغان تەشنالىغى ھېچ ئۆچمەي كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ھۇژۇم قىلغان دەسلەپكى پەيتىدە كۆكۈلخان ئانىنىڭ ئەراخان، سەلىخان ئىسىملىق بويى يېتىپ قالغان قىزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئاتلىرىغا ئارتىپ تاغ قاپتىلىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇندا ئۇلار خۇش بولۇپ ئەس-ھوشىنى بىلمەي ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ كەينىدىن قوغلاپ ماڭغان ھېيتسوپى بوۋاي ئىنىلىرى تۇدا، ھوشۇر، روزى ۋە باشقىلارنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ قىزلارنى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ھاراقنىڭ كەيپىدىن ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، كېيىن ئوخانغان قالماقلار شۇنىڭ بىلەن چارىسىز قالىدۇ. ژۇتقا قايتىپ كەلگەن قەيسەر قىزلار ھېچ قاراپ ياتمىدى. ئۇلار ئەتراپىغا باشقىمۇ قىزلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئەرلەر بىلەن جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندى. ئۇلار قاتارىدا ژۇتتىكى نۇرانىي ئانىلارمۇ ئېتەكلىرىنى بېلىغا قىستۇرۇپ، بۇلاڭچى قالماق نويانلىرى بىلەن ئېتىشتى. نۇرخان ئىسىملىق ئانا ئۆزى داڭقال چويۇن چۆگۈن بىلەن ئۇرۇپ ئىككى قالماق نوياننى مەغلۇب قىلدى. ئۇ ئايال كېيىن مۇنداقمۇ قوشاق قاتقان.

بىلىپ قوي بىز نازۇگۇمنىڭ قېرىنداشلىرى،

ئىلىخودا ياشاۋاتقان بەخىتلىك سەبداشلىرى.

سەن جاللاتلار چاپقان نازۇگۇمنىڭ بېشىنى،

تۆكۈپ مىڭلىغان نازۇگۇملارنىڭ يېشىنى.

نازۇگۇمنىڭ قىپ-قىزىل ئىسسىق قېنى سوۋۇمىدى،

ئۇ سەنلەرنىڭ زوراۋانلىغىڭلارغا كۆنمىدى.

بىلىپ قويۇش بىرلا نازۇگۇمغا كۈچۈڭلار يەتتى،

نازۇگۇم ئۆچىنى ئېلىشنى بىزلەرگە جىكىپ كەتتى.

نۇرخان ئانىنىڭ بۇ ئەرلىگى ئۆزى دېمەتلىكلەرگە ئۈلگە بولدى. ھەممىدىن ئەرەخان بېلىنى مەككەم باغلىدىدە بىزنى ئاتا-ئانىلار بېكار باقمىدى دېگەن چەبدەس قىز ژۇقارقى مەلىلەر قىزلىرىنى كېچىسى يوشۇرۇن ژىغىپ، ژىگىتلەردىن قېلىشماي جەڭگە كىرىشكەن. قالماقلار غالجاتقا بېسىپ كىرگەندە ئۇيغۇر ژىگىت-قىزلىرىنىڭ مۇنچىلىك قاتتىق قارشىلىق قىلىدىغانلىغىنى ئوىغىمۇ كەلتۈرمىگەن.. بەزى ژىگىتلەر ئاتلىق قالماقلارنىڭ كەينىگە سەكرەپ مىنىۋېلىپ ئېگەردىكى نوياننى يەرگە ئۇرۇپ چۈشىرىپ، قىلىچىنى تارتىۋالاتتى. ژۇت ئۆيلىرى بىر-بىرىگە تۇتاش سېلىنغاچقا ئۆگۈزلەرگە چىقىۋېلىپ، نويانلارنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چۈشۈپ ھۇژۇم قىلاتتى. دۈشمەننىڭ قاچماي قالغىنى مەلىنىڭ ئۆپ-چۆرىسىدە مۆكۈ-قېچىپ ژۈرگەن بەزى بىر قىسىملىرى ژۇت قارشىلىغى زەربىسىگە چىدىماي كېچىلەپ كېلىپ ئوت قويۇش ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا باشلىدى. قالماق نويانلىرىنىڭ تەرسالىغى، غالجىرلىغى چەكتىن ئاشتى.

دېخانلار ئۆي، قورا تاملىرىنى بىر-بىرىگە يۆلەپ سېلىپ ئۆي ئۆگۈزلىرى تۇتۇشۇپ تۇرغاچقا بىرىدىن ئىككىنچىسىگە تۇتاشقان ئوت بارغانسىرى مەيداننى كەڭەيتىپ يېزىنى ئوت ئىچىدە قالدۇرۇپ قارا ئاچچىق ئىس بىلەن قاپلاۋەتتى. تىرىك جان ئۆيدە قالماي ئورۇن-كۆرپە، كىگىزلىرىنى سۆرەپ كوچىغا چىقىرىپ پۈتكۈل يېزا قىقاس-چوقان ئىچىدە قالدى. كۈندۈزى كۆيگەن ئوتقا قارىغاندا بولۇپمۇ كېچىسى كۆيگەن ئوت ناھايىتى دەھشەتلىك قىزىرىپ، تارسىلداپ ئاۋاز چىقىرىپ، يان-يېنىغا ئۇشقۇنلىرىنى چاچىرىتىپ، تىرىك جاننى يېقىن يولۇتار ئەمەس. ئۆيلىرى كۆيۈپ كوچىدا قالغان بالا-جاقا قېرىلارنى نويانلار ئاتلىرىغا چەيلىتىشكە ئۆتكىنىدە ھەتتا ژۇت خانۇم-قىزلىرى بىر كىشىدەك قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇلار نويانلارنىڭ ئاتلىرىنى ئۆركىتىپ، ساغىرسىغا ئۇزۇن تاياقلار بىلەن ئۇرۇپ، ئېپى كەلسە ئات ئۈستىدىكى نوياننىمۇ تاياق بىلەن ئۇرۇپ ژىقىتىشتى. بۇ غالجاتلىق خانۇم-قىزلارنىڭ قەھرىمانلىغى ئېدى. توقىلەك ژۇتداشلىرىغا مۇراجىەت قىلىپ، – ژۇتداشلار چىداڭلار، ژۇت بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى، ژۇتۇمىز تېچلىقلىغى ئۈچۈن دۈشمەنگە دەككە بېرەيلى دېگەن سۆزلەرنى ئېيتىپ ژۇتداشلىرىنى بىر كىشىدەك جەڭگە كۆتەردى. خوشنا ياشاپ كېلىۋاتقان قالماقلار سودا-سېتىغى بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى مۇامىلە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېگە بولغانلىغىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنى كۆزگە ئىلماي ئۆزلىرىچە ئۇيغۇرلارنى بىزگە قارشى چىقالمايدۇ دەپ ئويلىغان ئېدى. لېكىن ئۇلار خاتالاشتى. قالماق نويانلىرى ئاخىرى قارا بېشىنى ئامان قىلىپ قېچىشقا باشلىدى. توقىلەكنىڭ پلانى ئۇلارنىڭ بىرىنى قويماي قىرىپ تاشلىماق ئېدى. ئۇ قالماق نويانلىرىنىڭ ئاخىرقى ئامان قالغانلىرىنى بۆدۈتە تېغى ئىچىدە ئۈزۈل كېسىل تار-مار قىلىشقا كىرىشتى. ئاخىرى دۈشمەن ئىلاجىسىز چېكىنىپ ئاقتاغدىن چىقىپ بۆدۈتە غولىغا قاراپ ئېقىۋاتقان بېرتىقۇلى سېيىغا بېرىپ تىرەلدى. ئاققوزا ئىلگىرلەپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۇ يەردىن شارناخايغا ئاشىدىغان يولىنى بەكىتىپ ئالدى. باقاش بۆدۈتە قارغايلىغىغا كىرىپ كېتىدىغان داشقانلىقنى توراپ ئالدى. بۆكى باتۇر توغرىسۇ يايلىغىغا ئۆتكەزمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇزۇن سېيىنى قورغىدى. ئەگەر دۈشمەن بۇ يەردىن قېچىپ ئۆتۈپ ئۈچ قىساڭدىن ئاتىلىپ كەتسە ئۇلار توپ-توغرا تېكەسكە ئۆتۈپ ئالاتتى. شۇڭا بۆكى باتۇر ئۇلارنى ھېچ ئۆتەلمەس قىلدى.

ئاخىرى يۈزلىگەن نويانلارنىڭ ئۆلۈپ تۈگەيدىغانلىغىغا كۆزى يەتكەن داباچى ئۆزىنىڭ توقىلەك ئالدىدا مۈشكەل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىغا مەسقەرە بولغىنىغا چىدىماي قانداقلا بولمىسۇن ئۆز يېرىگە ئامان ئېسەن قايتىپ كېتىشنى ئويلىدى. لېكىن ئۇنىڭ خام-خىياللىرىنى توقىلەك باتۇر كەپتە پېيىدەك توزۇتىۋەتتى.

داباچى ئۈچ ئادىمىنى توقىلەككە كىرلىشىپ كەتكەن ئاق كۆينىگىنى بىر تاياققا ئىلىپ ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچىلىكلەر ئارقىلىق توقىلەكتىن كەچۈرۈم سوراپ يېڭىلگەنلىگىنى ئىخرا قىلىپ غالجاتلىقلاردىن جەڭدە قۇربان بولغان ئون بىر ئادەمنىڭ خۇنىنى تۆلەپ بېرەي. ئۇلار ھەققى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىغا ياكى بالا-جاقىسىغا نەچچە ھەسسىلەپ قارامال ژىلقا بېرەي دەپ ئۆز ئويىنى بىلدۈردى. توقىلەك جىددىي ھالدا، – ئاخماق بولمىسۇن باسقۇنچى جاللات مېنىڭ ئەزىز خەلقىمگە، سۆيۈملۈك ژۇتۇمغا قىلغان قىلمىشىنى مېلى بىلەن ئۆتۈمەكچى بوپتىدە. ماڭا ئۇنىڭ مېلى كېرەك ئەمەس، مەن خەلقىمنى مالغا تېگىشمەيمەن، ئاخىرقى پىكىرىمنى بىلگۈسى كەلسە مەن ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتەرمەكچىمەن. قىلىچىڭنى تاشلاپ بېرىلمەياق قوي، بەرىبىر مەن بىرىڭنى قويماي موشۇ خاسىيەتلىك ئاقتاش قامىرىدا ئۆلتىرىمەن دېگەن جاۋاپنى ئەۋەتتى.

ئەسلىدە تېكەس، ئاغىياز قالماقلىرى تۆرت تۈرلۈك مېلىنى بېقىشتا ئۇلارغا كېرەك يەم-خەشەكنى يەنى داننى ئىلى دەرياسى تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلاردىن زورلۇق بىلەن ئالماق بولغان. شۇ مەخسەتتە ئۇيغۇر دېخانلىرىنى بوي سۇندۇرۇپ ئىشلەتكۈسى كەلگەن ئويى ئەمەلگە ئاشماي ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈگى قىرىلىپ تەسلىم بولۇشتى. توقىلەكتىن كەسكىن جاۋاپ ئالغان داباچى ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى. خەلقىنى بايلىققا ئېگە قىلىمەن دەپ ئۇلارنى يولدىن چىقىرىپ، ئاخىرى تالايلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولغانلىغى ئۈچۈن قالماقلار ئۇ ئۆلگىنىدە ئۈزىگە تۈكەردى.

قالماقلار لوماسى توقىلەككە كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىنى قۇچاقلاپ ژىغلاپ، كەچۈرۈم سوراش بىلەن ئەندى قالماقلار ئەدىۋايى سىلەرنىڭ تەۋەرىڭلارغا ئاياق باسمايدۇ دەپ ۋەدە بېرىپ قايتىدۇ.

غالجاتتىكى سەككىز كۈنلۈك جەڭدە ئالاھىدە قەھرىمانلىغى بىلەن كۆزگە چۈشكەن ئەمەت پالۋان، رېمباي پالۋان، دانسوپى پالۋان، ياشلاردىن توختاخۇن، غۇلامدۇن، ھاشىماخۇن، ھىسامدۇن، ۋەلە، مۇراتبەگ، مۇختەرگاڭ، قولداش، كېرىم، يولداشلارنى ۋە قەھرىمان قىز ئەرەخانى توقىلەك ئالاھىدە مەدھىيلىدى. قولداش، كېرىم، يولداشلار پىلتىلىق مىلتىغى بىلەن ھەر قايسى ئونلىغان نويانلارنى ئۆلتەردى. جەڭدە ئۈچ قىز ئەرلىك بىلەن قازا بولدى. ئۇلار نامى ئۆچمەيدىغان زورەم، تۇراڭ، سالىخان ئېدى.

توقىلەك ئەمىرى بىلەن جەڭدە ئەرلىك كۆرسىتىپ قازا بولغان ئون بىر ژۇتدىشى قىزىل دۆڭگە ھۆرمەت بىلەن دەپنە قىلىندى. يارىدار بولغانلارنى داۋالاش ئۈچۈن بەلدىكى ژۇتلىردىن تېۋىپلارنى ژىغىپ ئۇلارغا دورا ياساتتى. مومايلار ئەپىيۇن، مومىيا، جوزا-بوزۇغىلاردىن دورا ياساشقا ياردەملەشتى.

غالجات جېڭىدا توقىلەك سەبداشلىرى: ئاققوزا، بۆكى، باقاش، توقىبەك ۋە باشقىلارنىڭ ھەربىي جەڭگىۋارلىغى خېلە ئۆستى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جەڭ قىلىش ماھارىتىنى كۆرسىتىشنى بىلدى. ئانا ژۇتۇغا دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك سېزىمى چىڭىدى. توقىلەك بۇ جەڭدە خەلقى ئالدىدا ھەقىقىي سەردار ئېكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى.

ئىلى ۋىلايىتىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتلەر ئەلاخان سۇلتاننى كۆپ ئويلاندۇردى. سۇلتانلىقتىكى ھەربىي كۈچلەرگە قوشۇمچە ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ژىگىتلەرنى ئىلغاپ ئېلىپ قوشۇمچە ئۇيغۇر لەشكىرىنى قۇرۇش ھاجەتلىگى پىشىپ يېتىلگەن ئېدى. بۇ ئارقىلىق سۇلتانلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىش مۈمكىنچىلىگى تۇغۇلاتتى. ياش سۇلتاننىڭ كېلەچەكنى كۆزلەيدىغان ستراتېگىيالىك مەسىلىلىرى كۆپ ئېدى. بولۇپمۇ تاشقى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئېغىر ۋەزىپە بولغاچقا ئەلاخان سۇلتان ئۆزىگە ناھايىتى ئىشەشلىك ھاكىملارنىڭ بىرى توقىلەككە كېچىكتۈرمەي لەشكەر قۇرۇشنى تاپشۇردى. سۇلتان تاپشۇرمىسى توقىلەكنى كۆپ ئويلاندۇردى ھەم بەك روھلاندۇردى. بۇ مەسىلە كۆپتىن بېرى توقىلەكنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولۇپ كېلىۋاتاتتى. شۇ ئارقىلىق توقىلەك ئۇيغۇرلاردىن لەشكەر قۇرۇپ ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىغىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەك بولدى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ئالاھىدە تەسىر قىلغان توققۇزتارا پاجىەسى، بولۇپمۇ ئانا ژۇتى غالجاتقا قالماقلارنىڭ قىلغان ھۇژۇمى بولدى. كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ژۇت ئاھالىسىنى دۈشمەندىن ئازات قىلىش جەڭلىرىدە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ئۇنىڭ لەشكەر قۇرۇش ئويىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. ئەگەر شۇ ئويىنى بالدۇرىراق ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا قالماقلار بىلەن بولغان جەڭدە ئانچىمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەتتى. سەۋەۋى شۇ سەككىز كۈنلۈك ئۇرۇش ژۇتداشلىرىغا كۆپ ئېغىرچىلىقلارنى ئەكەلدى. ئەشۇ سەۋەپلەر ئۇنى تېز ئارىدا لەشكەر قۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ نەتىجىدە ئۆزىنىڭ قوماندانلىق خىسلىتىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزى بىلەن ئاققوزا، بۆكى، باقاش، توقىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ لەشكەر قۇرۇش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. بۇ ئىشنى مەجبۇرىي ئەمەس ئىختىيارىي رەۋىشتە باشلىدى. لەشكەرگە ئېلىنىدىغان ژىگىتلەر سالامەتلىگى جەھەتتىن ساغلام، بوي تۇرقى كېلىشكەن، غەيرەتلىك، چەبدەس بولۇشلىرى شەرت قىلىنغان ئېدى. شۇنداقلا ژۇتى، خەلق، دۆلىتى ئۈچۈن جان ئايىمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن بولۇشى تەلەپ قىلىندى. نەتىجىدە ئاققوزا رەھبەرلىگىدىكى ژىگىتلەرنى تىزىمغا ئېلىش ئىشلىرى قولغا ئېلىندى. ئۇ ھەرىكەت جاغىستايدىن تارتىپ ئۇدۇتا، تۈگمەنلەرگىچە ژۈرگۈزۈلدى.

توقىلەك تىزىمغا يېزىلغانلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ژىغىنلىرىنى ئۆتكىزىپ ئۇلارغا قانداق شەرتلەر قويۇلدىغانلىغى، قانچىلىك ئېغىر لېكىن شەرەپلىك ۋەزىپىلەر ژۈكلىنىدىغانلىغىنى ئېيتىپ، قەسەم ياد قىلىدىغانلىغىنى ئەسكەرتتى. بىز باشقا ژۇتلاردىن لەشكەرگە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى ئاياقلاپ كەلگۈچىلىك ئون كۈن ئىچىدە مونۇ قەسەم ياد سۆزلىرىنى يادلاپ ئېلىڭلار. بۆكى، باقاشلار سىلەرنى سەپكە تىزىلىش، سەپ بىلەن كوچىلاردا مېڭىش، كېتىپ بارغان مەزگىللەردە ھەربىي ناخشىلارنى ئېيتىش، ژۈگرەش، سەكرەش، كوماندىرغا قانداق مۇراجىەت قىلىشقا ئوخشاش مەشغۇلاتلارنى ئۈگىتىدۇ دەپ تاپشۇردى. قەسەم بېرىش سۆزىنى ئالدى بىلەن ئۆزى تەييارلاپ، سەبداشلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلىپ مەزمۇنلۇق قىلىپ ئالغان ئېدى.

-مەن تۇرغان تۇرسۇن ئوغلى بۈگۈندىن باشلاپ ۋەتىنىمنى كۆزۈمنىڭ قارچۇغىدەك قورغاشقا، خەلقىم ئىشەش قىلىپ تاپشۇرغان قۇرالنى مۇۋاپىق قوللۇنۇشقا، ۋەتەن، خەلقىم ئۈچۈن جەڭلەردە جاسارەت كۆرسىتىشكە قەسەم ياد قىلىمەن. بۇ قەسەمنىڭ سۆزلىرى ياش جەڭچىلەرنى روھلاندۇردى. ئۇنى يادقا ئېلىپ تەسىرلەنگىدەك جاراڭلىق ئاھاڭدا ئېيتىپ ئۈگىنىش شۇ كۈنىلا قولغا ئېلىندى. شۇڭلاشقا بۆكى، باقىلارغا كۆپىرەك ئىشلەشكە توغرا كەلدى. توقىلەك ھەممىگە ئورتاق لەشكەرلەرنىڭ سەپتە ئېيتىدىغان ناخشىسىنى ئويلاشتۇرۇپ يېزىپ بەردى.

بىز ئۇيغۇر لەشكەرلىرى،

جەڭگىۋار قەيسەرلىرى.

ۋەتىنىمىزنى قوغدايمىز،

دۈشمەنلەرنى قوغلايمىز.

لەشكەرلەر بۇ ناخشىنى ئۇبدان ئۈگىنىۋېلىپ، سەپ-سەپ بولۇپ كوچىلارنى ئايلىنىپ ئۆتكىنىدە ژۇت چوڭ-كىچىگى ئۆيلىرىدە ئولتىرالماي كوچىلارغا چىقىۋېلىشىپ تىڭشايدىغان بولدى.

ئۇيغۇر لەشكەرلىرىنىڭ سەپكە تىزىلىپ ھەربىي ناخشىلارنى ئېيتىپ مېڭىشى ئەجايىپ بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، ژۇت ئىچىنى ئالاھىدە بىر جانلاندۇرۇۋەتكەندەك بىلىنەتتى.

غۇلجىدىكى كىيىم تىكىدىغان ئورۇنلارغا بۇيرۇتما بېرىپ رەڭگى يېشىل قېلىن توقۇلغان رەختىن كىيىم تەييارلاتتى. توقىلەكنىڭ يېشىل رەڭنى تاللاپ ئېلىشى ئۇ لەشكەرلەرگە سىڭىشلىق بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ بىردە كۆزگە چۈشىشىنى كۆزدە تۇتقان ئېدى. بارلىق ئۇيغۇر يېزا ھاكىملىرى ۋە باشقىمۇ رەھبەرلەر توقىلەك تەشەببۇس قىلىپ ئەلاخان سۇلتان قوللىغان بۇ يېڭى باشلىمىنى بىر ئېغىزدىن قوبۇللاپ، لەشكەرلىرىنى كىيىندۈرۈش، قۇراللاندۇرۇش، تاماقلاندۇرۇش ۋە ئات بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىغا قىزغىن كىرىشىپ كەتتى.

توقىلەك سەردار غالجاتتىكى ئىدارىسىنى ھەربىي شتابقا ئايلاندۇرۇپ، ئاققوزا باتۇرنى شتاب باشلىغى، كەتمەنلىك تايلاق باتۇرنى ئۇنىڭ ئورۇن باسارى، كىچىك دېخاندىكى مەردەم بىلەن چوڭ ئاچىنوقىدىكى شايمۇختەرنى، داردامتۇدىكى باقاش باتۇرنى شتاب ئەزالىرى قىلىپ بەلگۈلىدى. ئۇلار ھەر بىر يېزىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر لەشكەرلىرىنى ھەربىي ئىشقا ئۈگەتكۈچىلەر بولۇپ بەلگۈلەندى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. ئۇلارغا جەڭچىلەرنى چىنىقتۇرۇش، ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋېلىپ ئۇرۇشتۇرۇپ ئۈگىتىش، ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش، قۇرالنى پايدىلىنىشقا كۆنۈكتۈرۈش ئوڭاي بولمىدى.

ئۇ زامانلاردا جەڭچىلەرنى تەييارلاش، ئۇلارنى ئۇرۇشقا سېلىش ئىشلىرى قورقماس، ئەر-ژۈرەك، خەلق ئىچىدە تونۇلغان كىشىلەرگىلا ژۈكلىنەتتى. شۇ ئۆتمۈش دەستۈرلىرىگە بولا توقىلەكمۇ يېڭى تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر لەشكەرلىرىگە كوماندىر قىلىپ ھەر بىر ژۇتتىكى باتۇرلارنى تاللاپ ئالدى. توقىلەك ئۆزى ئەلگە تونۇلغان باتۇر بولغاچقا لەشكەرلەر كوماندىرلىرىمۇ باتۇرلاردىن بولۇشى كېرەك دېگەن ئارماننى قىلاتتى. ئۇ شۇ باتۇرلارنىڭ ژىسمانىي كۈچىنى كۈچ سىنىشىپ بايقاپ كۆرۈش مەخسىتى بىلەن 1869-ژىلى قالماقلار بىلەن ئۇرۇشقا بىر ژىل تولغاندا كۈزلۈگى چوڭ تەييارلىق بىلەن ئاچالنىڭ ئايىغىدا گۈلمەت ئاچىلىدىن تۆۋەنلەپ تۆپىگە چىققاندا تۈز جاينى تاللاپ ئالدى. ئۇنىڭ نېرىقى تەرىپى ساي بولۇپ ئۇ يەردە كەلكۈن سۇدىن ھەر خىل تاشلار ئېقىپ كەلگەن. توقىلەك باتۇر لەشكەرلىرىگە شۇ تاشلاردىن كۆتەرگۈزۈپ تۆپىگە ئېلىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋىتىنى سىنىماقچى بولدى. شۇ كۈنى بۇ جايدا مەيرەملىك تۈس ئالغان كەيپىيات بولۇشى ئۈچۈن غالجاتتىن، داردامتۇغىچە ئارىلىقتىكى ژۇتلارغا ئات چاپتۇرۇپ مېھمانلارنى جىغدۇرىدۇ. غالجات بايلىرى مال سويۇپ، قازان ئېسىپ، پولو قىلىپ، كاۋاپ پىشىرىپ، دېخانلار ئۆزلىرى ئۆستەرگەن كۆكتات مېۋىلىرىنى ئەكېلىپ تىزىپ، بازار ئۇيۇشتۇرىدۇ. ژىگىتلەر ئالدى بىلەن بىر-بىرى بىلەن چېلىشقا چۈشۈپ، قىزلار دۇتار چېلىپ ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ ئۇ مەرىكىنى ناھايىتى جانلاندۇرۇۋېتىدۇ.

شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر لەشكەرلىرى يېشىل كىيىملىرىنى كىيىپ، قىلىچ مىلتىقلىرىنى ئېسىپ، سەپكە تىزىلىپ، لەشكەرلەر ناخشىسىنى ئېيتىشىپ ژۇقۇردىن چۈشۈپ كېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ كوماندىرلىرى توقىلەك سەردارغا كېلىپ راپورت بېرىشىدۇ. لەشكەرلەرنى سەپ بىلەن ئۇ ياق بۇ ياققا ناخشا ئېيتقۇزۇپ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تاختايدىن ئېگىز ياسالغان مىنبەرگە چىقىپ خۇددى پولكوۋنىك، گېنېراللاردەك تۇرغان توقىلەكنىڭ كۆرۈنۈشى شۇنداق سۈرلۈك ئېدى. جىغىلغان ئادەملەر شۇ كەڭ تۈزگە سىغماي قېلىشتى. ئۇلار ئاتلىرىنى تۈزنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى بۈك تاللىق ئۆستەڭنىڭ ياقىلىرىغا باغلاپ قويۇشقان. ياش بالىلار ئالدىن-ئالا بەيگىگە سېلىشقا يارىتىپ ئېلىپ كەلگەن ئاتلىرىنىڭ قۇيرۇق ۋە يايلىلىرىغا چىرايلىق رەختلەرنى باغلاۋېتىشكەن. بىر جايدا غورازلارنى، يەنى بىر جايدا قوشقالارنى سوقۇشتۇرۇپ كۈلكىگە غەرىق بولۇپ ئوينىشىۋاتقانلار ھەممىنىڭ كۆڭلىنى كۆتەرمەكتە ئېدى. بىر چاغدا توقىلەك سەردار ژىغىلغان ژۇتقا مۇراجىەت قىلىپ ھازىر باتۇرلىرىمىز سايدىكى تاشلارنى كۆتىرىپ چىقىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكىزىدۇ، ئۇلارنى سىلەر چاۋاك چېلىپ قارشى ئالىسىلەر، ئاندىن ژىغىلغانلارغا تاماق تارتىمىز، – دەپ ئېلان قىلدى. شۇ ئارىدا ژۇت سازەندىلىرى نەغمە قىلىشىپ، ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار مەيداننى قاپلاپ كەتتى. توقىلەك يوغان تاشلارنى كۆتىرىپ چىققان باتۇرلارغا سوغا ئورنىدا بىردىن ئات ھەدىيە قىلىمىز، ھەم ئۇلارنىڭ كۆكسىگە ئالاھىدە بەلگۈ قادايمىز دەپ ئۇختۇرۇش قىلدى. توقىلەك باتۇرلارنى ئەگەشتۈرۈپ كۆتىرىشى ئۈچۈن سايغا چۈشۈپ تاشلارنى تاللاشقا باشلىدى. ئۇ مۇسابىقىغا داردامتۇدىن باقاش، چوڭ كەتمەندىن تايلاق، مەخپىر، كىچىك ئاچىنوكىدىن ھەمەنرازى، چوڭ ئاچىنوقىدىن پەخىردىن، ئولەسەن، شايمۇختەر، ھەمەك، قارىتامدىن باقى ۋە ئىنىسى باقاش، مەمىتىلى بارات، ھېيتسوپى، تۇردى، غالجاتتىن توقىلەك، ئاققوزا، ئاچالدىن توقىبۆك، قۇرۋان ۋە باشقا پالۋانلار قاتناشتى. ئۇ باتۇر پالۋانلارنىڭ جانكۆيەرلىرى قانداق بولارىدىن ھەس-ھەسكە چۈشۈپ كۈتۈشمەكتە ئېدى.

ھەر بىر باتۇرغا توقىلەك ئۆزى تاللىغان يوغاللىغى بىردەك تاشلاردىن كۆرسىتىدۇ. بىرسى تاشنى كۆتىرىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككىنچىسىنى ماڭغۇزىدۇ. ئۇلار كەينى-كەينىدىن تۆپىگە چىقىشىپ بولغاندىن كېيىن توقىلەك ھەممىسىدىن يوغان بىر ئاپپاق تاشنى كۆتىرىپ چىققىنىدا ژىغىلغانلار قىقاس، چاۋاك چېلىشىپ سەردارىمىز كۆتىرىپ چىققان يوغان تاشتەك يوغان ژۈرەكلىك بولسۇن، ئاق تاشتەك ئاق يوللۇق بولسۇن دەپ تىلەكلەر بىلدۈرىشىدۇ. ژۇت ئادەملىرىنىڭ ئەينە شۇنداق قوللۇشى بىلەن توقىلەك يوغان تاشنى ئەڭ ئاداقى پەللىگە ئېلىپ چىقىدۇ. توقىلەك مۇسابىقىدە كۆزگە كۆرۈنگەن يەتتە باتۇرنى ئېلان قىلىپ ئۇلارغا بىردىن يورغا ئات مىڭغۈزدى. غۇلجىدىكى مىسكەيچىلەرگە ياسىتىپ چىققان مىس بەلگۈلىرىنى ھەر بىرىنىڭ كۆكسىگە قادىدى، سوغىلار بېرىلدى. ئاخىرىدا توقىلەك يەنە مىنبەرگە كۆتىرىلىپ ژىغىلغانلارغا رەخمەت ئېيتتى. جاماەتنى يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر لەشكەرلىرىدە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئوغۇللىرىنى ئۆستىرىپ بېرىشىنى سورىدى. ئۇ بۈگۈندىن باشلاپ موشۇ جاي «باتۇر تاش» دەپ ئاتالسۇن دېگەن تەلىۋىنى ئېيتقاندا چاۋاك ۋە قىقاسلار بىلەن پۈتكۈل جاماەت ئۇنىڭ پىكرىنى قوللىدى. ئەينە شۇ «باتۇر تاش» ۋەقىەسى ھېلىغىچە غالجاتلىق ژۇتداشلىرى يادىدا ساقلانماقتا. شۇ ئارىدا ئاققوزا باتۇر مىنبەرگە ئالدىراش كۆتىرىلدىدە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كۆپچىلىككە بىر خوشاللىقنىڭ سىرىنى ئېيتىدىغاندەك تۇرۇپ قېلىپ، – قەدىرلىك ژۇتداشلار، مېھمانلار مەن تۈنۈگۈن توقىلەكنىڭ تاپشۇرۇغى بىلەن ئىلى خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئەلاخان سۇلتاندا بولۇپ كەلدىم. بايانداي، كۈرە قورغانلىرىنى دۈشمەندىن ئازات ئېتىشتە چوڭ ياردەم كۆرسەتكەنلىگى، غالجات يېزىسىدا ئۇيغۇر لەشكەرلىرىنى قۇرۇپ چېۋەر رەھبەرلىك قىلغان توقىلەك، قۇۋامەت ئوغلىغا ئۇيغۇر لەشكەرلىرىنىڭ سەردارى، پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىلگەنلىگى توغرىلىق پەرمانىغا قول قويغانلىغىنى خەۋەرلىدى. سىلەرنىڭ نامىڭلاردىن ۋە شەخسىي ئۆز نامىمدىن دوستۇم توقىلەكنى ئەشۇ چوڭ ئۇنۋانى بىلەن تەبرىكلەيمەن، – دېۋىدى چاۋاكلار ساداسى ئۇزاق ياڭرىدى.

شۇ كۈندىن باشلاپ توقىلەك سەردار ھەر بىر ژۇت باتۇرلىرىغا ئۆز ژۇتىدىكى لەشكەر ھەربىي تەييارلىغىنى كېچە-كۈندۈز دېمەي ژۈرگۈزۈشنى تاپشۇردى.

1854-ژىلى ۋېرنىي دەپ ئاتىلىدىغان (ھازىرقى ئالمۇتا) شىھرگە چوڭ قورغان ياساپ، ئورنۇشۇپ ئالغان رۇسسىيا ئەسكىرى شەرققە يەنى ئۇيغۇرلار زېمىنى چېگارىسىغا پەيدىن-پەي يېقىنلىشىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال يەتتىسۇدىكى خەلقلەرنى ۋە ئۇنىڭغا يانداش ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى خېلىلا تەشۋىشكە سالدى. شۇ مەزگىلدە روسسىيا ئەمەلدارلىرى ئورۇس ئەسكىرى تەركىۋىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قازاق ئوفىسېر، پراپورщىكلىرىنى تەڭسىتمەي، ئورۇنسىز يەكلەپ، كامسىتىپ كېلىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوفىسېر تازابېك پۇسۇرمانوۋ بىلەن چالتاباي پراپورщىكنى ۋېرنىي قورغىنىغا قاماپ قويىدۇ. ئۇلار كېچىكمەي قاماقتىن قېچىپ چىقىپ، ئالبان قازاق ئائىلىلىرى ئارىسىدا تەشۋىقات ئىشلىرىنى ژۈرگۈزۈپ ئورۇسلارغا بولغان نارازىلىقتىن ئۇيغۇرلار ئېلىگە كۆچۈپ كېتىشنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. تازابەك خېلىدىن بېرى ئاڭلاپ ژۈرگەن توقىلەككە چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ غۇلجا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىش قارارىغا كەلگەنلىگىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن توقىلەكنىڭ ياردەم بېرىشىنى سورايدۇ. شۇندا توقىلەك، – سەن ئادەملىرىڭنى ئۆتۈپ كېتىشكە پۇختا تەييارلا. كۆچكىنىڭلاردا ئۇلارنىڭ جېنىنى، مال-مۈلكىنى مەن ئۆز لەشكىرىم بىلەن كۈزىتىمەن. بۇ مەسىلىنى ئەلاخان سۇلتانغا ئۆزەم بېرىپ سېنىڭ ئىلتىماسىڭنى ئېيتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى كېلىشىپ كېلىمەن، – دەپ تازابېكنى خاتىرجەم قىلىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالمۇتا، تالغىر ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈپ چېلەك، رايىمبەك يەرلىرىدە ياشىغۇچى ئالبان قازاق چارۋىچىلىرىدىن مىڭغا يېقىن ئائىلە ماللىرىنى ھايداپ ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزىلارغا يېقىنلاپ، قارىدالا تۈزلەڭلىگىگە يېتىپ بارىدۇ. ئۆز ۋەكىللىرىنى كەتمەندىن، غالجاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى يېزىلار ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ چېگارىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىلاجىسىز ئۆز ماكانىنى تاشلاپ ماڭغانلارغا ياردەم بېرىشنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. توقىلەك بۇ ئەھۋالنى ئىلى خانى ئەلاخان سۇلتانغا خەۋەرلەپ ئۇنىڭدىن كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىشىنى سورايدۇ. ئەلاخان سۇلتان شۇ ۋەزىيەتتە تازابېكنىڭ بۇ تەلىۋىنى قولاپ-قۇۋەتلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنۈملۈك يەرلىرىگە ياتلار كۆپلەپ كېلىپ ماكانلىغىچە ئۆز مۇسۇلمانلىرىمىزدىن خوشنا قازاق، قىرغىزلارنىڭ چاپسانىراق كېلىپ ئورۇنلىشىپ ئېلىشىنى قوللايدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ. تازابېكنىڭ تىلىگى ئەينە شۇنداق توقىلەكنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئېدى. شۇنىغا بېناەن ئەلاخان سۇلتان ئۇ قېرىنداش، قانداش خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا پانا تارتىپ كەلگەنلىگىنى خوشاللىق بىلەن قارشى ئالىدۇ. ئۇلارنى قاش دەرياسىنىڭ ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان يېرىدىكى چۆپى مول گۆزەل يايلاقلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان يەتتىسۇ ۋىلايەتلىك ھەربىي گۇبېرناتور گېنېرال كولپاكوۋسكىي نوۋەتتە بۇ مەسىلىگە قارىتا قەتئىي چارە قوللىنىشنى كۆزلەيدۇ. چۈنكى ئۇ مىڭدىن ئوشۇق چارۋىچى خەلقىدىن چۈشىدىغان دارامەتتىن قۇرۇق قالغان ئېدى. شۇنداقلا ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ كۆچمەن قازاقلارغا ياردەم قىلغانلىغى ئۇنى غەزەپلەندۈرىدۇ.

توقىلەك بۇ مەزگىلدە ۋەزىيەتنى توغرا باھالاپ ئۆزى قۇرغان ئۇيغۇر لەشكەرلىرىنىڭ ھەربىي تەييارلىغىنى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيتىشكە كىرىشتى. شۇنىڭغا باغلىق ئۇ غالجاتتا ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك ئىككىگە بۆلۈپ، بىرىنچى تەرىپىنى ئاق، ئىككىنچى تەرىپىنى قارا كىيىندۈرۈپ لەشكەرلىرىنى شۇ دەۋردىكى ئورۇس ئەسكەرلىرى ئۈلگىسى بىلەن بۆلۈم، ۋزۋود، روتىلارغا بۆلۈپ ھەربىي مەشىقكە تەييارلايدۇ. ئۇنىڭ ئۇ ھەرىكەتلىرىدىن ئەنسىرەشكە ئۆتكەن گېنېرال گۇبېرناتور كولپاكوۋسكىي ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ خانى ئەلاخان سۇلتانغا قەتئىي يوسۇندا نوتا تاپشۇرىدۇ. ئۇنىڭدا مىڭ ئۆيگە يېقىن ئالبان قازاقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىسەن. ئوفىسېر تازابېك بىلەن پراپورщىك چالتاباينى تۇتۇپ قولۇمغا تىرىك تاپشۇرىسەن دەيدۇ. ئۇنىڭغا پىسەڭ قىلمىغان ئەلاخان سۇلتان قەتئىي يوسۇندا نوتىغا جاۋاپ يازىدۇ. مېنى دەپ كۆچۈپ كەلگەن قانداش-قېرىنداشلىرىمنى دۈشمىنىمگە قايتۇرۇپ بەرمەيمەن دېگەن جاۋاپ ئەۋەتىدۇ. بۇ جاۋاپنى قولغا ئالغان گېنېرال كولپاكوۋسكىي قوللىرى تىتىرىگەن ھالدا شتابتىكىلەرنى ژىغىپ ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجىسىغا ئۇرۇشقا تەييارلىنىڭلار دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ. ئەلاخان سۇلتاننىڭ بەرگەن جاۋاۋىنى ئوقۇغان شتاب ئەزالىرى ئەلاخان سۇلتاننىڭ بۇ قەتئىيلىگىگە ھەيران بولۇشۇپ، ئۆز ئارا خالى جايلاردا پاھ-پاھ، نېمە دېگەن قەتئىي جاۋاپ. بۇ ئادەم ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ۋەتىنىنىڭ ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرى ئېكەندە دېيىشىدۇ. گېنېرال كولپاكوۋسكىيغا بىرسى، – ئۇلار نېمانچە بۇ كۆچمەنلەرگە يۆلەك بولۇپ ئىچىنى ئاغرىتقاندۇ. قازاقنى دەپ ئۆزىنىڭ ئەتىكى كۈندە ۋەيران بولىدىغىنىدىن قورقمايدېكەندە دېسە، – بىر ئادئيۇتانت، – مەن ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپ ئاڭلىغان. ئۇلار قازاقلارنىڭ ئەزەلدىن قانداش-قېرىندىشى. بىرنىڭ تىلىنى ئىككىنچىسى تەرجىمىسىز چۈشىنىدۇ. قىز ئېلىپ، قىز بېرىشىدۇ. ئۇيغۇرلار جەڭگىۋار خەلق، ئۇلار ئېيتقىنىدىن قايتمايدۇ دېگىنىدە شتابتىكى قالغانلىرى ئويلىنىپ قېلىشىدۇ. شۇندا چارىلاش بۆلۈمىنىڭ باشلىغى، شۇ 1851-ژىلى غۇلجىدا ئەلچىخانىمىزنى ئاچقىنىمىزدىن باشلاپ، ئىلى ۋىلايىتىنى ئارىلاپ كۆردۇق. ئۇيغۇرلار كەڭلىگى بىر مېتر قىلىپ سوقما تام تۇرغۇزۇپ، ئۆي ياسايدېكەن. ئۇ تاملاردىن ئوقمۇ ئۆتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى سېپىل دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئالاھىدە بىر ھۈنەرۋەن خەلق ئېكەن. ئۇلار تازابېك ئەكەتكەن قازاقلارغا بۇ چاققىچە شۇنداق سېپىل ئۆيلەرنى سېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەندۇ، – دەپ قوشۇپ قويدى. دېمىسىما كۆچۈپ بارغان قازاق قېرىنداشارنى ئەلاخان سۇلتان توققۇزتارا ۋە نىلقا ئەتراپىدىكى كەڭ تاشا يايلاقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆي-جاي سالىدىغان يەرلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇرلارنى قىش چۈشكىچە ئۇلارغا ئۆي سوقۇپ ئېلىشىغا ياردەم قىلىشنى تاشۇرۇۋەتكەن ئېدى.

ئاخىرى 1871-ژىلى ماي ئېيىدا كولپاكوۋسكىي ئىلى سۇلتانى ئەلاخانغا قارشى ئۇرۇشنى باشلىدى. ئۇنىڭ چارلىغۇچىلىرى توقىلەك سەردار ياساتقۇزغان چايچى يول بىلەن چېگارىدىن غالجاتقا بېرىۋېلىپ ئاندىن غۇلجىغا كىرىپ بارماقچى بولىدۇ. كولپاكوۋسكىي ئەسكىرىگە قارشى توقىلەك سەردار لەشكەرلىرىنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن كەتمەن يېزىسى ئەتراپىدا بىردىن جەڭ باشلىنىپ كەتتى. لېكىن مۇنتەزىم قۇراللانغان ئورۇس ئەسكىرىنىڭ ھۇژۇمىغا قارشى تۇرۇش ناھايىتى قىيىن ئېدى. شۇندا ئۇيغۇر لەشكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىلاجىسىز چېكىنگەن بولسىمۇ، ئىككىنچى تەرىپى چىڭ تۇرۇپ جەڭ قىلدى. ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى كەتمەن يېزىسى ئىچىگە تارىلىپ مىلتىق ئوقلىرى بىلەن پۈتكۈل يېزا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىچىدە قالدى.

ئۇ يەردىكى بىر كېچىلىك شىددەتلىك ئۇرۇشتا ئۇيغۇر لەشكەرلىرى جەڭگىۋارلىق كۈچىنى كۆرسەتتى. يەر شارائىتىنى بىلمەيدىغان ئورۇس ئەسكىرى خېلىلا چىقىملارغا دۇچ كېلىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر كوماندىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتى. ئۇنى توقىلەك سەردار ئەسىرگە ئېلىۋالغان ئېدى. توقىلەك ئۇنى سوال سوراققا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئەسكىرى كۈچى، قۇرال-يارىغى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى بىلدى. كولپاكوۋسكىي بۇ ئەھۋالدىن ئەنسىرەشكە ئۆتۈپ ئارقا سەپتىكى ئەسكەرلىرى بىلەن سارىتوقاي ئورمانلىغىغا جايلاشتى. كەتمەن جېڭىدىن كېيىن ئورۇس ئەسكەرلىرى داردامتۇغا چېكىندى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى دوۋۇن، داردامتۇ ئارىلىغىدىكى ژۇلغۇن، زاكلار ئارىسىدا جەڭ قىلدى. ئۇرۇش داردامتۇلىقلارنىڭ كوچىلىرىدا ۋە ئۆگۈزلىرىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، داردامتۇلىقلارنىڭ چوڭ-كىچىگى لەشكەرلەرگە ياردەم قىلدى.

ئوفىسېر تازابېك ئۇيغۇرلار يېرىگە ئۆتۈۋېلىپ، ئۇ خاتىرجەم ياتمىدى. قازاق ژىگىتلىرىدىن لەشكەر تەشكىللەشكە كىرىشتى. كولپاكوۋسكىي ئەسكىرى كەتمەندە يېڭىلىشقا ئۇچىراپ، چېكىنىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىدا ئۇ تەشكىل قىلغان لەشكەرلىرى بىلەن توقىلەككە ياردەم قىلىشقا يېتىپ كەلدى. بۇ ئۇرۇشتا ئۇنىڭ جەڭچىلىرى چوڭ ياردەم كۆرسەتتى. ئۇلار كەتمەننىڭ غەربىدىن كەتمەن غولىنى ياقىلاپ كېلىپ جەڭگە كىرىدۇ. توقىلەك ئەسكىرى بولسا دۈشمەنگە شەرقىي ۋە جەنۇب تەرەپتىن دەككە بېرىدۇ. نەتىجىدە كولپاكوۋسكىي ئەسكىرى تامامەن قورشاۋدا قالىدۇ.

ئورۇسلار چونجىغا چېكىنگىنىدە ئۇلارنىڭ تېمىرلىك ئارقىلىق كېگەن، نارىنقول تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن تازابېك ئەسكەرلىرىنى تېمىرلىك تەرەپكە يۆتكەيدۇ. تازابېكنىڭ موشۇ جەڭدىكى ئەرلىگى ھەققىدە ئۇيغۇرلار تۆۋەندىكىچە قوشاق قاتقان.

تازابېكنىڭ مىڭگەن ئېتى مارال باستى،

تازابېك تېمىرلىكتىن داۋان ئاچتى.

تېمىرلىكنىڭ ئەرلىگىنى شۇندا بىلگەن،

ئورۇسلارنىڭ سولداتلىرى ئارقىغا قاچتى.

دېمەك تازابېك بۇ جەڭدە ئۆز دوستى توقىلەككە ھەقىقىي سادىق بولۇپ قالىدۇ. تازابېك ئۆز دەۋرىدە ھەربىي بىلىم ئالغان قازاق خەلقىنىڭ سەۋىيەلىك ئوغلى بولغان. ئۇنىڭ مىللىي غورۇرىنى ئۆز مىللىتى تەغدىرىگە چىدىماي، ئۇلارنى ئازات، ئەركىنلىككە چاقىرىش يولىدا ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر دېخانلىرىغا قېرىنداش قازاق چارۋىچىلىرىنى قوشۇپ، تائابەتكىچە بىللە ئۆمۈر سۈرۈشكە دەۋەت قىلغان يۈكسەك خىسلەتكە ئېگە شەخس بولغان. توقىلەكنىڭ ئۆزى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر لەشكەرلىرىنىڭ دەسلەپكى جەڭدە يەنى ئورۇسنىڭ مۇنتەزىم ئۈگىتىلگەن، كۈچلۈك قۇراللانغان ئەسكىرى ئۈستىدىن غالىبىيەت قازىنىشى ھەقىقىي سەردار سۈپىتىدە باھالاندى.

ئورۇس ئەسكەرلىرىنى شۇ چېكىنگىنىدىن ۋېرنىيغا كېتىدۇ دېگەن پەرەز باردى. لېكىن سارىتوقايغا بېكىنگەن كولپاكوۋسكىي، – غۇلجىنى ئالماي مۈمكىن ئەمەس، مەن ئىلى سۇلتانلىغىنى ئېگىلدۈرمەي ئارقىغا قايتمايمەن، – دەپ قاتتىق تۇرىدۇ.

1871 – ژىلى 6 – ئايدا قازاقلارنىڭ ئالبان قەبىلىسىدىن بولغان قاچقۇن تازبېكنى قايتۇرۇپ بەرمىدىڭ دېگەن بانا بىلەن، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي تەرىپىدىن 3 مىڭ كىشىلىق قوشۇنى بىلەن ئىلىغا ھۇژۇم قىلدى. ياش ئىلى سۇلتانلىق ھۆكۈمىتىڭ ئەسكىرى ۋە خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئورۇسلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى. بىراق ئەلاخان سۇلتاننىڭ جەنلەردە تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن قوشۇنى، رۇسسىيانىڭ مۈنتەزىم قوشىنىغا تەڭ كېلەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئېدى. 1871 – ژىلى 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئەلاخان سۇلتان ئىلىنى روسسىياگە ئۆتكۈزىپ بېرىش شەرتنامىسىغا قول كويدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلغىنىغا ئەندى 7 ژىل بولغان ئىلى سۇلتانلىق ھۆكۈمىتى ئورۇسلارنىڭ قولىدا بەربات بولدى. 1871 – ژىل 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى روسسىيا ھۆكۈمىتى ئەلاخان سۇلتاننى روسسىيا تەۋەسىگە ئېلىپ كەتتى. شۇندىن باشلاپ روسسىيا ئىلىنى 10 ژىل بېسىپ ياتتى. ئەلاخان سۇلتاننى بارلىق ئورۇنباسار ئەمەلدارلىرى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن قوشۇپ ۋېرنىي (ئالمۇتا) شەھرىگە سۈرگۈن قىلىدۇ. تەغدىرى كاژ جاپاكەش ئۇيغۇر خەلقى ئەلاخان سۇلتان رەھبەرلىگىدە يەنە روھىنى چۈشەرمەي ئاپپاق دالا داغ يەرگە (ھازىرقى سۇلتانقورغان مەھەللىسىگە) كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ.

ئەلاخان سۇلتان ئالەمدە ھېچ نەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەس. شۇڭا روسسىيا دۆلىتىگە ھازىرغىچە بېقىندا بولۇپ قالغىنىمىز بىلەن تۈۋى ئۆز ئەركىنلىگىمىزنى قولغا ئالىمىز دەپ ئىشەش باغلىدى. ئورۇسلار غۇلجىنى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن توقىلەكنىڭ جەڭگىۋار دوستى تازابېك بىلەن چالتاباينى تۇتۇپ ۋېرنىيغا ئەكېلىپ ئۇنى دارغا ئېسىپ ئۆلتىرىدۇ.

1881 – ژىل 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى روسسىيە بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىلىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ۋە ئۆتكۈزۈپ ئېلىش شەرتنامىسى يەنى «ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالاندى. شەرتنامىدا: «يوقارقى ئىلىنى مانژۇر ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرىدىغان، تۆۋەنكى ئىلىنى (قورغاس دەرياسىنىڭ غەرىبىي تەرىپى) نى روسسىياگە كېسىپ بېرىدىغان. مانژۇر ھۆكۈمىتى يەنە روسسىياگە ئۇرۇش چىقىمىنى ۋە ئىلىنى 10 ژىل ساقلاپ بېرىشى ھەققى ئۈچۈن 900 مىللىون رۇبلېي تۆلەيدىغان ھەمدە ئىلى پۇخرالىرىدىن روسسىيا تەۋەسىگە كۆچۈشكە رۇخسەت قىلىدىغان» بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئېدى.

1881 – ژىلى 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى روسسىيانىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق باش شتابىدا ژىغىن بولۇپ. روسسىيەلىك ئەمەلدار سۆز قىلىپ: «مانژۇرلار ئىلىنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى تارانچىلارنى جازالىماي قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر روسسىياگە كۆچۈپ كېتىڭلار…» دەگەن ئورۇسلارنىڭ غەرىزى راستىنلا ئىلى تارانچىلىرىنى مانژۇرلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ساقلاپ قېلىشمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بۇ قەتىم ئىلىدىن ئادەم كۆچۈرۇشتىكى غەرىزى ئاشۇ بېسىۋالغان يەرلەرگە ئادەم ئاپىرىپ، دېخانچىلىق قىلىدۇرۇشتىن ئىبارەت. ساددا ئۇيغۇرلار خىلىمۇ – خىل ئەندىشلەر بىلەن كۆچۈشكە باشلىدى. 1881 – ژىلدىن 1883 – ژىلى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە ئىلىدىن يەتتەسۇ رايونىغا جەمى 9752 تۈتۈن ئۇيغۇر كۆچۈپ چىقتى. بۇ كۆچمەنلەر نۇرغۇن ژاپا – مۇشەققەت ۋە دەت ئەلەملەرنى يەتكىچە تارتتى.

خەلقىمىزدە ئاتا-ئانا، بالا-جاقا تەل بولسا بۇ ئائىلىنىڭ باش مۇرەببىسى تەل-تۆكۈز ئېكەن دېگەن گەپ بار. توقىلەك ئائىلىسى ۋە بالا-جاقىلىرى بىلەن مەزمۇنلۇق ھايات كەچۈردى. ئايالى نىيازخان ئانا غالجاتتا ناھايىتى ھۆرمەتلىك ئاياللاردىن بولغان. ئۇ ياق ھېچ كىمنى ئۆزىدىن كام كۆرمەي – ھەممە ئىنسان ئوخشاشلا، – دەپ قوياتتېكەن. توي-تۆكۈنلەردە تۆرىخۇمار ئەمەس، ئەكسىنچە ئۆزىنى شاڭىيۇنىڭ ئايالى دەپ گېدەلمەي، كىچىك پېىللىق كۆرسىتەتتېكەن. ئۇ توي-تۆكۈنلەردە قورۇنۇپ ئولتارغان ئاياللار بىلەن مۇڭدىشىپ، ھال-ئەھۋال سورىشىپ، – ئاكىڭىز ھەممە ئۆيلەرنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرىمەن دېۋىدى، سىلەرنىڭ تەرەپلەرگە يېتەلمىگەن بولۇشىمۇ كېرەك، نېمە خىجالىتىڭىز بار، مەن جېكىپ قوياي، – دەپ قوللىرىنى تۇتۇپ، باشلىرىنى سىيپاپ قوياتتېكەن. ئۇ نىيازخان ئانىنىڭ داۋاملىق ئادىتى بولغاچقا ژۇت خانۇملىرى سىرتىدىن ماختاپ بۇلارنىڭ ئەر-ئايال ئىككىسىلا شۇنداق مېھرىبان كىشىلەر دېيىشەتتېكەن. نىيازخان ئانا يېشى چوڭ بولۇپ ئۆي ئىشلىرىغا ئانچىلا جاۋاپ بېرەلمەي بولۇپ قالغىنىدا توقىلەكنىڭ جان ئاغىنىسى، ئۆلۈپ كەتكەن يولداشاخۇننىڭ تۇل قالغان ئايالى خاناغچىغا، ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى ۋېلاخۇن ئانىلىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئاخىرى ھەدە-سىڭىلدەك بولۇپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە نىيازخان توقىلەككە ژۈرەك قېتىدىكى ئويىنى ئېيتىدۇ – مەن بولسام قېرىپ قالدىم، ئەندى ئاغىنىڭىز ئايالى بىلەن بالىسىنى ئۆز غەمخورلۇغىڭىزغا ئېلىڭ. ۋېلاخۇن جىتىملىقنىڭ دەردىنى تارتمىسۇن، – دەپ بىر نەچچە قېتىم قايتا-قايتا ئېيتېۋېرىپ، ئاخىرى توقىلەكنىڭ رازىلىغىنى ئالغاندىن كېيىن خاناغچا توقىلەك بىلەن نېكالىشىدۇ.

توقىلەككە ئاياللىرىنىڭ ھەممىسىنى خۇدايىم ئۆزى ھەدىيە قىلغاندەك بىلىنەتتى. ئۇ ئىلى ۋىلايىتى بويىدىكى شىۋە ئامبالىنىڭ قىزىنى كىچىك ئاياللىققا سوراپمۇ بارغىنى يوق، شىۋەلەر ئۆزلىرى توقىلەككە بولغان ھۆرمىتى تۈپەيلى ئامبالنىڭ قىزىنى ئۇنىڭغا ئۆزلىرى بېرىدۇ. ئىككىنچى ئايالى بولغان ۋېلاخۇنىڭ ئانىسىنى خاناغچا ئانا كەڭ قوساقلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتمىگەن. بۇ چوڭ ئائىلە ئىناقلىغى مەڭگۈ ساقلىنىپ كەلگەن. نىيازخان ئانا تەربىيىلىك، دىنىي ئېتىقاتلىق ئايال بولغاچقا كېيىنكى ئاياللىرىغىمۇ سىلىق سىپايە مۇامىلە قىلاتتېكەن. شىۋە ئايالى ناھايىتى گۆزەل ۋە ئەدەپلىك بولغان. توقىلەكنىڭ شىۋەلەرگە قىلغان ئادەمگەرچىلىگىگە خۇرسەنت بولغان ئۇلار ئۆزلىرى بىر ئارزۇلۇق قىزىنى ھەدىيە قىلغان ئېكەن. بىراق توقىلەك ئۇ ئايالىدىن بالا كۆرمەپتۇ. خان – ئاغچا ئىككىسى ئېگىچە سىڭىللاردەك بىر ئۆيدە ياشاپ ئۆتۈپتۇ. شىۋە قىزى بىلەن خاناغچىغا نىيازخاننىڭ مىننەتدارلىغى چەكسىز بولغان.

توقىلەك ئوغلى ۋېلاخۇنىڭ كىچىگىدىنلا قېلىپلاشقان خۇلقى-مۈجەزىگە زوقلىناتتى. ۋېلاخۇن ئۆسكەنسىرى تولىمۇ چوڭقۇر ئويلارغا چۆكۈپ قىزىل دۆڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ خىيال سۈرىدىغان بولۇۋالدى. ھويلىدا ژۈرۈپ ئۇنى بايقىغان توقىلەك بالىنىڭ خىيالىنى بۇزماي مېنى كۆرمىسۇن دېگەندەك ئۆزىنى دالدىغا ئالاتتى. ئۇنى ئانىسى خاناغچىمۇ بايقاپ ئۆزىنىڭ ئاتىسىنى سېغىنىپ ئويلارغا چۆكۈۋاتامدىكىن دەپ ھىس قىلاتتى. ئەقىللىق ۋېلاخۇن، قىلىدىغان ئىشىنى سالماقلىق ھالدا ئويلاپ ئاندىن قولغا ئالاتتى. ئۇ ئېيتقىنىدىن ھېچ قاچان قايتمايدىغان. ئەل-ئاغىنىلىرىگە دايىم ئەقىل مەسلىھەتلەرنى ئېيتىدىغان غەمخورچى بولۇپ ئۆستى. ئاتىسى توقىلەك ئۇنىڭ موشۇ ئالىي خىسلەتلىرىنى زوقلىنىش بىلەن باھالاتتى.

يەتتىسۇ گېنېرال گۇبېرناتورى كولپاكوۋسكىي غۇلجا شەھرىنى ئىشغال قىلىپ ئالغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئورۇسلارنىڭ دۇكانلىرىنى ئېچىپ، ئونلىغان ھارۋۇلار بىلەن ئورۇس ماللىرىنى ئەكېلىشكە باشلىدى. شەھەر ۋە شەھەر سىرتىدىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان، خەنلەر ئورۇسلارنىڭ كىيىم-كېچەك، ئەمگەك قۇراللىرىغا بەك قىزىقىشىپ ئەرزەن باھادا سېتىپ ئېلىشقا كىرىشتى. ئورۇسلار خەلققە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۆز ماللىرىنى ئەتتەي ئەرزەن باھادا ساتاتتى. شۇنداقلا ئاشخانىلارنى، كۆڭۈل ئاچىدىغان جايلارنىمۇ ئاچتى. ئورۇس تىلىنى ئۈگىتىدىغان مەكتەپلەر ئېچىلىشقا باشلىدى. ئۇ مەكتەپلەر دەسلەپكى باسقۇچتىكى مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلاردا شۇ دەۋردىكى ئورۇسچە ئوقۇتۇش دەستۇرى، يەرلىك خەلقنىڭ ئورۇس تىلىنى ئۈگىنىشىگە ئىمكانىيەت بېرىدىغان شەكىلدە ئوقۇتتى. ئوقۇتۇش ئىشىدا ئورۇس مەمۇرىيىتى ئاساسەن تاتار مۇەللىملەرنى ئىشقا جەلىپ قىلدى. چۈنكى غۇلجىدا ئوقۇغان تاتار زىيالىلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان ئېدى. ئۇلار ئورۇس تىلىنى، يەرلىك خەلقنىڭ دەستۈرلىرىنى بىلگەچكە ئىشقا قوبۇل قىلىنغاندى. ۋېلاخۇن غالجاتتا ياشىغان ژىللىرىدا ئاتىسى توقىلەكنىڭ مەسلىھىتى بىلەن چېگارىچى ئورۇسلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە ئويناپ ژۈرگەنلىگى ئۈچۈن ئورۇس تىلىنىمۇ قىسمەن ئۆزلەشتۈرگەن ئېدى. ۋېلاخۇن غۇلجا شەھرىگە كۆچۈپ بارغىنىدىمۇ شەھەر، مەسچىت-مەدرىسلىرىگە بېرىپ بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ دەۋردە ئورۇس تىلى بويىچە ئۇ تەرجىمان بولۇش دەرىجىسىگە يېتىپ قالغان ئېدى. توقىلەك پات-پات غۇلجىغا بېرىپ ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى. قايتىپ كەلگىنىدە ھەر قاچان ئايالى خاناغچىغا ۋېلىباي ھەققىدە، ئۇنى خوشال قىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئېيتىپ كېلەتتى. ئوغلىنىڭ كېلەچەك تەغدىرى ھەققىدە غالجات باجخانىسىدىكى رەھبەرلەر بىلەن ئۇ پات-پات پاراڭلىشاتتى. غۇلجا شەھرى غالجاتلىقلارغا بىر كۈنلۈك يول. ئاتىسى يوقلاپ كەلگىنىگە ۋېلاخۇن قىن-قىنىغا پاتماي خوشال بولدى. توقىلەكنىڭ ئادىتى بويىچە كۈندۈزىمۇ، كېچىمۇ بەرىبىر كۆڭلىگە پۈككەن ئىشنى پۈتەرمەي ئۇيقىسىمۇ كەلمەتتى. شۇ كۈنى كەچتىلا ئىلگىرى بۆدۈتىدە مەسلىھەت قىلىشقان چېگارا ۋەكىلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئوغىلىنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە گەپلەشتى. ئۇ توقىلەكنى ئەگەشتۈرۈپ كولپاكوۋسكىي ئەسكىرىنىڭ تەمىناتىغا جاۋاپ بېرىدىغان چوڭ لاۋازىمدىكى ھەربىي كىشىنىڭ يېنىغا ئاپاردى.

توقىلەكنى ھېچ قاچان كۆرمىگەن پولكوۋنىك ئۇنىڭ قەددى-قامىتىگە، بوي تۇرقىغا، چىراي شەكلىگە، يوغان بەستىگە ھەيران بولۇپ تىڭىرقاپ قاراپ قالدى. توقىلەكمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئىچىدە سەن پولكوۋنىك بولساڭ، مەنمۇ پولكوۋنىك دېگەندەك قىلىپ، سىر بەرمەي تۇردى. ۋەكىل توقىلەكنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇپ، كەلگەن مەخسىتىنى ئېيتقىنىدا ئۇ بىردىنلا، بولىدۇ، بولىدۇ، – دېدى ئاندىن – سىز ئوخشاش ئادەم بىزگە كېرەك. ئەتە بالىڭىزنى ئىدارىغا ئەكېلىڭ، مەن گەپلىشىپ شەھەر بويىچە ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئوزۇغىنى، ئوت-چۆپىنى تەمىنلىگۈچى قىلىپ تەيىنلەيمەن، – دەپ ۋەدە قىلدى. ئورۇس پولكوۋنىگى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ ئەتىسى ۋېلاخۇنى ئاتىسى توقىلەك بىلەن قوبۇل قىلدى.

سىلەر كەلگىچە ئوغلىڭىزنىڭ ئىشقا كىرىش بۇيرۇق قەغىزىنى تەييارلىدىم. ئەكە ۋېلاخۇن قولۇڭنى، يېڭى ئىشىڭ مۇبارەك بولسۇن. سەن دېگەن ئۇيغۇر دېخىنىنىڭ ئوغلىغۇ، شۇڭلاشقا بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن، – دەپ خەيرىخاھلىق بىلدۈردى. ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە دەسلەپتە غۇلجا ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر دېخانلىرى بىلەن شەرت تۈزۈشۈپ ئۇلارغا ئورۇس تۆمۈر سوقۇلىرىدىن يەتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت بولدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ ھېساۋىغا غۇلجا ئەتراپىدىكى دېخانلاردىن ئاشلىق، ئوت-چۆپ ژىغىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. بولۇپمۇ بىدىنى كۆپىرەك تەييارلايسەن، سەۋەۋى ئۇنىڭدا باشقا چۆپلەرگە قارىغاندا كراخمال كۆپ بولىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئوفىسېر ۋە ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئاتلىرىنى سەمەرتىدۇ، – دەپ تاپشۇردى. توقىلەكنىڭ ئارزۇسى ئورۇنلاندى. شۇ خوشاللىق ئىلكىدە ئۇ غۇلجىدىن قايتىپ كېلىپ، دېخانلار ئېتىزلىغىنى ئارىلاپ بۇ يەرلەردە يەرنىڭ ئورۇس تۆمۈر سوقۇسى بىلەن ھايدىلىپ، كەينىدىن تۆمۈر تىرنا بىلەن يۇمشاق تىرنىلىنىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ خۇش بولدى.

ۋېلاخۇن يۇلداشېۋنى بالىلىغىدىن بېقىپ ئۆستەرگەن ئاتىسى توقىلەك ئۇنى غالجاتتا ئۆي-ئوتاقلىق قىلىپ، ئاندىن غۇلجا شەھرىگە ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇ يەردىكى ئورۇس ئەمەلدارلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئىشلىرىنى يولغا سېلىشقا باشلامچىلىق قىلىدۇ. ئىرادىلىك ژىگىت شۇنىڭ نەتىجىسىدە غۇلجىدا بىر ئاز زامان ياشاپ، تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغىنىدا، ياركەنتكە كۆچۈپ چىقىپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ تېز ئارىدا يەتتىسۇدا چوڭ ئاتاق ھۆرمەتكە ئېرىشىشكە باشلىدى. ئەينە شۇ ئابرويى تۈپەيلى ئورۇس پادىشاھىسى ئۇنى بىللە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پېتروگرادقا چاقىرتىپ، ۋېلىبايغا ئۇيغۇرلارنى يەتتىسۇ تەۋەسىگە كۆچىرىپ چىقىش، ئۇلارنى ئۇ يەرلەرگە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ. ۋېلىباي يولداشېۋ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرى بىلەن بىللە، بۇ ۋەزىپىنىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاپ، تېخىمۇ چوڭ ھۆرمەت ئاتاققا ئېگە بولغان ئېدى. ئاتىسى توقىلەك ئۇنىڭ ئالغا قويغان ھەر بىر ئىشىدا يول كۆرسەتكۈچىسى، مەسلىھەتچىسى بولۇپ ژۈردى.

ۋېلىباي يۇلداشېۋ ئورۇسلارنىڭ تەجاۋۇزكارلىق، باسقۇنچىلىق سەياسىتىگە قارشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىگە كۆچۈپ چىقىشىنى ئاتىسى توقىلەك بىلەن بىللە قوللىدى. بۇ كۆچ-كۆچ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز ماكانىدىن ژىراق چەت بىر مەملىكەتكە كۆچۈۋاتقىنى يوق. ئەسىرلەردىن بېرى ئەجداتلىرى ماكان تۇتۇپ كەلگەن يەرلەرگە بېرىپ ئورۇنلاشتى.

كولپاكوۋسكىي ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈپ چىقىش مۇۋاپەققىيەتلىك ھەل قىلىنسا. ئورۇس ھۆكۈمىتى مەنچىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۆلەنمەي كېلىۋاتقان بىر مىللىون سەككىز يۈز مىڭ سومنى تۆلىتىپ ئېلىشىغا بولىدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى توغرىلىق ئىمپېراتور جاناپلىرىغا خەۋەر قىلىدىغانلىغىنى ئېيتتى.

ۋېلىباي شۇ ژىللاردىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەگەر كېلەچەكتىكى رەھبەرلەر ئورۇسلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تىرىكچىلىك قىلسا، مەلۈم ژىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆز ئەركىنلىگىنى، بەختىنى تېپىش مۈمكىن دەپ مۆلچەرلىدى.

دېمەك يەتتىسۇدا ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن قازاق خەلقى بىلەن بىللە ياشاپ كەلگەن. بۇ يەرلەردىكى كۆپلىگەن ئېرىق-ئۆستەڭلەردە ئۇيغۇرلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تاپىنى بىلەن قوللىرىنىڭ ئىزى بولغان. كۆپلىگەن يېزا، مەھەللىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى بىلەن بەرپا قىلىنغان. شۇڭا بۇ قېتىم ئىلى تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگەركى ئەجداتلىرى ياشاپ كەلگەن يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىقىشىنى مۇناسىپ كۆرىدۇ. بۇ كۆچ-كۆچ غالجاتلىق توقىلەكنىڭ ئوغلى ۋېلىبايغا مەسلىھەت كۆرسىتىشى بىلەن ئەمەلگە ئېشىشقا باشلايدۇ. ۋېلىباي يولداشېۋ دەسلەپكىلەردىن بولۇپ ئۆزى بىلەن بىللە بەش يۈزگە يېقىن ئادەمنى ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈپ ياركەنتكە ئېلىپ كەلدى.

يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققان ھەر بىر ئائىلىگە ۋېلىباينىڭ باشقۇرۇشى بىلەن بىر يېرىم گېكتار يەر بېرىلدى. بۇ يەرلەرگە ئېگە بولغان كۆچمەنلەر ئاشلىق، كۆكتات، قوغۇن-تاۋۇز ئۆستىرىپ، مېۋىلىك باغلارنى بەرپا قىلدى. ۋېلىباينىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئۇلار ياركەنت ئۇېزىدا ئۈچ ئۆستەڭ قازدى. ئەينە شۇلارنىڭ بىرى ئۇزۇنلىغى قىرىق كىلومېتر كېلىدىغان ۋېلىباي يولداشېۋنىڭ چوڭ ئۆستىڭى ئېدى. يەتتىسۇنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى قاغجىراپ ياتقان بەزى جايلىرىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشقا ۋېلىباي يولداشېۋنىڭ قوشقان ھەسسىسى چوڭ بولدى.

ئۇلار كۆچكىنىدە ۋېلىباينى ئەگەشسەك يامان كۈنگە قالمايمىز دەپ، ساڭا تاغدەك ئىشەش بىلدۈرۈپ كېلىشتى. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاقلىشىڭ كېرەك، – دەپ توقىلەك ئۇنىڭغا يول-يورۇق كۆرسەتتى. بۇ ئىشلار مۇكەممەل ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن ئاقىۋەتتە ۋېلىباينىڭ يەتتىسۇدىكى ھۆرمىتى ژىلدىن-ژىلغا ئۆسۈۋەردى. شۇڭا ئۇنى يېرىم پادىشاھى دەپ ھېساپلاپ خەلق توپ-توپى بىلەن كۈتۈۋېلىپ، توپ-توپى بىلەن ئۇزۇتىدىغان بولغان. ساخاۋەتلىك باي ئۆز بايلىغىنى ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى چىقىرىشتىن باشقا كان قېزىش سانائىتىگىمۇ سەرىپ قىلدى. ئۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرى يەتتىسۇغا كۆچۈۋاتقان پەيتىدە ئانگلىيادىن كېمە ئەكېلىپ ئىلى دەرياسىدا ژۈك توشۇشنى يولغا قويغان. ۋېلىباي ئىنژېنېر پوكالېۋسكىي بىلەن بىرلىكتە، ئۇ كېمىلەرنى يەرلىك شارائىتقا ماسلاشتۇرۇپ ئىلى دەرياسى ئارقىلىق ژۈك توشۇش بىلەن سودا-سېتىق ئىشلىرىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە باشلىغان. 1892-ژىلى ژىگىرمە مىڭ پۇد ئاشلىق بېسىلغان كېمە ئىلى دەرياسىدا ژۈك توشۇش ئىشىغا كىرىشتۈرۈلدى.

ۋېلىباي يۇلداشېۋ يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنىۋىي ۋە مەدەنىي ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشتە چوڭ رول ئوينىدى. 1879-ژىلى ياركەنتتە بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇمۇمىي خەلق ژىغىنىدا ئۇ يەرگە مەسچىت سېلىش قارار قىلىندى. بېنانىڭ قۇرۇلۇشىنى ۋېلىباي يۇلداشېۋ ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ قۇرۇلۇشقا ئۇيغۇرلاردىن يۈزدىن ئارتۇق ئەڭ چىۋەر قۇرۇلۇشچى ۋە ياغاشچى ئۇستىلار تاللىنىپ ئېلىندى. مەسچىتنى سېلىشقا پەقەتلا ياغاچ ماتېرىاللىرى پايدىلىنىلدى. ئۇنىڭغا كېرەكلىك لىم ياغاچلار ئىلى دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا جايلاشقان غالجات، كەتمەن، ئاقسۇ تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىندى. بۇ قارارنى ۋېلىباي غالجاتقا كېلىپ ئاتىسى توقىلەككە ئېيتقىنىدا، – ناھايىتى سوۋاپلىق ئىش باشلىماقچى بولۇپسەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن داڭلىق ئۇستىلارنى خەنسولاردىن ئېلىپ چىقساڭ بولىدۇ. ئۇلار ياغاچ بىلەن ئىمارەت ياساشقا چېۋەر. قارىغاي لىم ياغاچلىرىنى بىزنىڭ غالجات غولىدىكى تاغدىن ئالغىن. مەن ئۆزەم ياراملىق قارىغايلار ئۆسۈدىغان تاغنى ساڭا كۆرسىتىمەن دەپ، ئۇنى «قەشقەر قىشلىغى» دەيدىغان تاغدىن ئۆرلەپ، ئۇنىڭ نېرىقى قاپتىلىدىكى سۇمباتلىق، زىلۋا قارىغايلار ئۆسۈدىغان جايغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەينە شۇ يەردىن ۋېلىباي يۈز دانە لىم ياغاچ تەييارلىتىپ ياركەنتكە ئاپارغان ئېكەن. شۇندىن بۇ يان ئۇ تاغنى غالجاتلىقلار «يۈز بەل ياغاچ تېغى» دەپ ئاتاپ كەتكەن ئېكەن.

ۋېلىباي يۇلداشېۋ ھەر تەرەپلىمە يېتىلگەن، پەم-پاراسەتلىك ئادەم بولغان. ئۇ ئۇيغۇرلار مىراسگاھىنى سېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، 1913-ژىلى ئالمۇتىدا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەمەلىي سەنئەت كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرغان.

ئورۇس پادىشاھىسى غۇلجا شەھرىدە ئۆز ئەلچىخانىسىنى ئېچىۋالغاندىن كېيىن، ئىلى دەرياسىنىڭ سول تەرىپىدىكى خانتەڭرى ئېتىگىگە جايلاشقان غالجات يېزىسىغا باجخانا ئېچىپ، شۇ يەر ئارقىلىق ئۇ قاتتىن ھەر خىل ماللارنى ھەم شۇ ماللاردىن ئېلىنىدىغان تېرە-ژۇڭ، مۈڭگۈز قاتارلىق خام ئەشىيالارنى ئېلىپ كېلىپ، روسسىيانىڭ ئىچكىرىسىگە ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئۇ باجخانا چېگارا بويىدىكى بۆدۈتە دەپ ئاتىلىدىغان، ئەزەلدىن توقىلەكنىڭ ئاتا-ماكانى بولۇپ كەلگەن گۆزەل جايغا ئورنىتىلغان ئېدى. ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى باجخانا بۆدۈتىنى ھەقىقىي مەنادا سودا بازىرى، يارمەنكىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى. چېگارىدىن ئۆتكەن ماللارغا توقىلەك ئېگە بولۇش ۋەزىپىسىگە بەلگۈلىنىپ قاشاڭ غولى ئارقىلىق تاغدىن ئاشۇرۇلۇپ چالكۆدە يايلىغى بىلەن قاراقول ئارقىلىق ئىچكىرىگە ئەۋەتىلەتتى. توقىلەك يېزا ھاكىمى، شۇنداقلا كەتمەن بولۇسى بولغانلىغى ئۈچۈن ئۆز ۋەزىپىسىدىن تاشقىرى باجخانا ئىشلىرىغىمۇ ئارىلىشاتتى. توقىلەكنىڭ بۇ ئىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئەقىلى، پاراسىتى موشۇ تەۋەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ئاھالىسىغىمۇ مەلۈم ئېدى. توقىلەك بىلەن مەسلىھەتلەشمەيدىغان، ھېساپلاشمايدىغان ئىشلار بولماتتى. ئۇ غالجاتتىن غەيرەتلىك، ئەر ژۈرەك ئوغلانلاردىن تەركىپ تاپقان ژىگىرمە بەش كىشىلىك ئوتريادنى قۇرۇپ، چېگارا كۈزەتكۈچى ئورۇس سولداتلىرىغا ياردەم قىلىشنى ئۇيۇشتۇرغان. ئەينە شۇ قېدىمىي باجخانا قازاقستان ئۆز مۇستەقىللىگىنى ئالغاندىن كېيىن 1999-ژىلدىن باشلاپ قايتىدىن ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى قۇرغانمۇ توقىلەك بولغان.

شۇنداق ھۆرمەتلىك نىيازخان ئانا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرلا كۈن ئاغرىپ يېتىپ ۋاپات بولىدۇ. بۇ خەۋەرنى جىراقتىكى ۋېلىبايغا ئات چاپتۇرۇپ ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۆلەر ئالدىدا، – مېنىڭ كۆزۈم ژۇمۇلۇپ كەتسە تېنىمنى ئاتا-ئانامنىڭ ئايىغىدا ياتاي دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان ئېكەن. نىيازخان ئانىنىڭ ۋاپاتىغا پۈتكۈل ژۇتلاردىن تاغ، دالا، يايلاقلىرىدىكى قازاق قېرىنداشلاردىن، شىۋەلەرنىڭ ئالتە سۇمۇلدىن، توپ-توپ ئادەملەر كېلىپ ۋەسىيىتى بويىچە يەرلەيدۇ. باققان ئانىسى ئۆلۈمىگە ئۈلگىرىپ كەلگەن ۋېلىباي ژۇت ئالدىدا كەلگۈسىدە ئانىمىزنىڭ تۇپرىغىغا گۈمبەز تۇرغىزىمەن دەپ ۋەدە قىلىدۇ. شۇ ئەتىيازدىن يازغا ئۆتۈش ئايلىرىدا نىيازخان ئانىغا ئورناتماقچى بولغان بۇ گۈمبەز ياسىلىپ ئورنىتىلىدۇ. شۇندىن بېرى بىر يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ گۈمبەز موشۇ كۈنگىچە ساقلانماقتا. ياش ژىگىت چېغىدا بىر تەھيىگە باش قويغان، ژۈپتىدىن ئايرىلغان توقىلەك، تەغدىرگە تەن بېرىپ باياقى ژۇت غېمىدىن قول ئۈزەلمەي ژۈرگىنىدە، تۇيۇقسىز شىۋە ئايالىمۇ قايتىش بولىدۇ. ئۇنى سۇمۇلدىن كەلگەن ئۇرۇق-تۇققان قېرىنداشلىرى ئېلىپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ رەسىم-يوسۇنى بىلەن يەرلەيدۇ.

ژۇت ئاقساقىلى ۋە مەلىدىكى بىر نەچچە مەھەللىلەرنىڭ بولۇسى بىلەن ئىشلىگەن توقىلەك قۇۋامەت ئوغلى، ھەر خىل شارائىتتا ئورۇنلاشقان يېزا ۋە مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ تەبىىي شارائىتىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنى قىلىش ھەققىدە ئويلىناتتى. بولۇپمۇ كۆزى دېگەندەك ئېچىلماي، سۈيى سىرىلىپ ئېقىۋاتقان بۇلاقلارنىڭ كۆزىنى ئېچىش، ئۇ خىل بۇلاقلار سۈيىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ مول سۇ ھاسىل قىلىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى. ئۇنداق بۇلاقلار ناھايىتى كۆپ، غالجات غولىنىڭ تاقالمىسىدىن كۆپلىگەن سۇ مەنبەسىنى ھاسىل قىلىش ئويىغا كېلەتتى. شۇنداق جايلارنىڭ بىرى غۇلجىلىق دېگەن نام ئالغان جايدىكى بىر نەچچە بۇلاق سۈيىنى بىر-بىرىگە قوشۇشقا باشلىغاندا، بىر ئېرىق سۇ ھاسىل بولغان. بۇنى پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەممە كىشىلەر ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بولۇپمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىن رەخمانباي ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خېلە ئۇبدانلا ھال ئوقىتى ياخشىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا خەلق ئارىسىدا:

رەخمانباينى باي قىلغان،

ھېلىم بۇلاق ئەمەسمۇ.

دېگەن قوشاقلار چىقىپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا ساقلىنىپ كەلگەن. دېمەك شۇ ئارقىلىق كۆپ ژىللاردىن بېرى ئاغزى ئېچىلماي كەلگەن ھېلىم بۇلاق سۈيى ئەندى مول ھوسۇل بېرىش مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. رەخمانباينىڭ ئاتىسى ئىسلامباي قويۇق ئارىلىشىپ ژۈرىدىغان توقىلەك ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىگىنى قوللاپ، ئۇ يەرگە ئاشلىقتىن باشقا كۆكتات ئۆستۈرۈشىنى تايىنلايدۇ. ئىسلامباي توقىلەكنىڭ ياردىمى بىلەن بارا-بارا ئۇ يەرنى كۆركەم باققا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ ئوغلى رەخمانباي بىلەن غۇلجىدىن ھەر خىل دەرەق كۆچىتى بىلەن بىللە ئۈزۈمنىڭ كۆچەتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئەتراپنى باراڭلىق ئۈزۈمزارلىققا ئايلاندۇرىدۇ. توقىلەك ئۇنىڭدىن باشقا توپلانغان بۇلاق سۈيى ئېرىغىنىڭ ئىككى يېنىغا سۆگەت-كۆچەتلىرىنى ئولتارغۇزىدۇ. ئەينە ئۇ ئۈزۈم باراڭلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېقىۋاتقان مۆلدۈر سۇلار كىشىلەرنى راھەتلەندۈرەتتى. تىكىلگەن چېقىر ئۈزۈملەر غولىدىن ياسالغان ساز ئەسۋاپلىرى ئاۋازىنىڭ ژاراڭلىقلىغى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىن چىقاتتى.

توقىلەك دېخان ۋە ھۈنەرۋەن ژۇتداشلىرىغا، غۇلجىغا بېرىپ بازارلارنى كۆرۈڭلار، تىجارەتچىلىكنىڭ يوللىرىنىمۇ ئۈگىنىشىڭلار كېرەك، – دەپ جېكەتتېكەن. شۇ زامانلاردا غۇلجا ئەتراپىدىكى ئورۇس، تاتارلاردىن بال ھەرىسى بېقىشنى ئۈگىنىشنى ژۇتداشلىرىدىن تەلەپ قىلغان ئېكەن. ئۇ ئۆزى شۇنچىلىك ئىشلەمچان، تاپقۇر شەخس بولغاچقا، ژۇتداشلىرىنىڭمۇ ھەر ساھادا ئەينە شۇنداق ئەمگەك قىلىشىنى كۆزلىگەن. شىۋەلەر بىلەن كېلىشىپ، تاختاي تىلىدىغان ھەرىلەردىن ئېلىپ بېرىپ، پەن تارتىپ ئۇنى غۇلجا بازىرىغا ھارۋۇلار بىلەن ئاپىرىپ سېتىشنى ئۈگەتكەن. ھەقىقىي ئۇستاز توقىلەك ژۇتداشلىرىنىڭ ھەر خىل ھۈنەرلەرنى ئۈگىنىپ، كۆپ قىرلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتېكەن.

توقىلەك قۇۋامەت ئوغلى ژۇت ئاتىسى بولۇپلا قالماي، ئائىلىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلىرى، بالىلىرىنىڭ سۆيۈملۈك ئاتىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇ ژىگىت چاغلىرىدىمۇ ئاتىلاردەك سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى. ئۆزى باشقۇرغان مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەرگە ئاتىدارچىلىق قىلىش بىلەن بىللە، ئەسلى مانژۇر ئەۋلادى بولغان شىۋەلەرگىمۇ رەھىم قىلدىغان ئادەم بولغان. شىۋەلەردىن توقىلەك دېگەن كىم؟ دەپ سورىغانلىرىغا ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، ئۇ بىزنىڭ ئاتىمىز، دەپ جاۋاپ بېرىدېكەن. توقىلەك تازابېك ئاغىنىسى بىلەن ئالبان قازاقلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇلارغا ئاتىدارچىلىق قىلغان بولسا، ئەسلىدە ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرى ئۇيغۇرلارغا پۈتكۈل ئېتىقاتى بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئاتالدى. ئۇ قارمىغىدىكىلەرنى ئەقىل بىلەن باشقۇرۇپ، ئۇلار جىغىلسا جىغلاپ، كۈلسە كۈلىدىغان كۆيۈمچان رەھبەر ئاتا بولغان. ۋېلىباي ئەر يەتكىچە بۇنى ھېچ بىر ئۆگەي كۆرمەي قانىتى ئاستىغا ئېلىپ ئۆستىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋېلىباي ژۇقۇرى ئاتاق شۆھرەتكە ئېگە بولغاندىمۇ، ئانىسىنى ئېلىپ كەتمەي، توقىلەكنىڭ خىزمىتىدە قالدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا خاناغچا توقىلەك ئوغۇللىرى يولداش، سېسە، مەسەل، ئىسلام، غوژامبەردىلەرنى، يات كۆرمەي، باغرىغا بېسىپ ئۆستىرىدۇ. ياخشى تەربىيە كۆرگەن توقىلەكنىڭ بالىلىرىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ، ئوقۇتۇپ، بىلىملىك قىلىپ، خەلقى ئالدىدا ۋە جەمىيىتىمىزگە ياراملىق ئادەملەردىن قىلىپ يېتىشتۈردى.

توقىلەكنىڭ چەۋرىسى، ئىلگەركى كولخوز مېخانىزاتورى ئەينە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ تەبىيىتىدە بوۋىسىدىن قالغان شائىرلىق خىسلەت ساقلانغان. مەخسۇت مۇنار ژۇتىغا بولغان سۆيگۈ مېھرىنى تۆۋەندىكىچە ئىپادىلەيدۇ.

غالجىتىم

غالجىتىمنى مەن ماختىماي كىم ماختىسۇن،

ھۆسنى گۆزەل قارىغىنا خۇددى بېيىش.

سەندە ئۆسۈپ، سەندە ئوقۇپ بىلىم ئالدىم،

باغلىرىڭدا مەي باغلىغان تۈرلۈك يېمىش.

تاغ چوققىسىدا بۈركۈتىڭ قانات قاققان،

تۆۋىنىدە ئىلى دەريا دولقۇپ ئاققان.

نازۇگۇمغا موشۇ دەريا پانا بولغان،

نەچچە كېچە كىرپىك قاقماي يالغۇز ياتقان.

قىزىل دۆڭۈم بۇ يېزامغا سۆلەت بەرگەن،

ھەيران بولار ئۇنى كۆرگەن ھەر بىر ئادەم.

سۇۋادانلار بوي تالاشقان ئاسمان پىلەك،

ئۇنىڭدىن بەھرى ئالمىغان قانداق ژۈرەك.

نە ئالىملار، نە شائىرلار چىققان ژۇتۇم،

ژۈرىگىمدە ئۆچمەيدۇ ھېچ سېنىڭ ئوتۇڭ.

سېنى تاشلاپ شەھەرگىمۇ كېتەلمىدىم،

ھېچ بىر ژۇتنى ساڭا تەڭكەش ئېتەلمىدىم.

بايلىغىڭنىڭ سانى يوقتۇر ساناپ كۆرسەم،

ناۋات دەيسەن توختىتىشىنى بىرلا يېسەڭ.

تاققا چىقساڭ ئېسىل تاشلار كۆزنى چاقار،

سايغا چۈشسەڭ سۈزۈك سۈيى ئويناپ ئاقار.

مەجنۇن تاللار بەلنى تولغاپ ئۇسسۇل ئوينار،

تاغ شامىلى ئاستا ئۇنى يەلپۈپ تۇرار.

ئالتۇن ئوخشاش پاقىرايدۇ بېلىقلىرى،

بېغىشلايدۇ ھاياتلىقنى ئېرىقلىرى.

قىرلىرىدا كۆمۈرلىرى مۆكۈپ ياتار،

ئەۋلاتلىرىم مەندىن كېيىن ئۇنى تاپار.

قانچە ماختاپ يازسام مېنىڭ ئەزىز ژۇتۇم،

بۇ شېىرىم ساڭا يەنە ئازلىق قىلار.

توقىلەكنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقاتى ناھايىتى كۈچلۈك ئېدى. ئۇ ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان مەھەللىلەردىكى مەسچىت ئىمامى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولدى. ئاخۇنۇم باشلىق بارلىق موللىلارنىڭ جاماەتچىلىك ئالدىدا ئۈلگە بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغىدەك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى خالاتتى. شۇ خىل نامۇۋاپىق ئىشلاردىن چەتنەشكە خەلق ئارىسىدا نەسىھەتلەر ژۈرگۈزەتتى. توقىلەك ژۈمە نامازىدىن كېيىن ئون بېشى، ئەللىك بېشى، يۈز بېشىلىرىنى بىر يەرگە ژىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقات بويىچە ئاڭ سەۋىيەسىنى كۆتىرىشكە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغان. كىشىلەرنى ئىسلام دىنىدىكى پاكىزلىققا دەۋەت قىلىپ، ئۆي ئىچى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكىز ۋە رەتلىك كىيىپ ژۈرىشىگە چاقىراتتى.

ئۇ ئىسلام دىنىغا بولغان سادىقلىغى تۈپەيلى پەرزەنتلىرى يولداش، سېسە، مەسەل، ئىسلام، غوژامبەردى ۋە قىزلىرى نىيازخان، ھايەتخان مۇسۇلمانچىلىق رەسمى-يوسۇنلىرىنى ئۈگىتىشتىن ھېچ زېرىكمەيدىغان. ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن دۆڭ مەلىدە، ئاتىسى سالدۇرغان چاغىنلا ئائىلەۋىي مەسچىتتە بەش ۋاقلىق نامىزىنى مۈمكىنچىلىكچە تاشلىماتتى، ھەم بالىلىرىغا ئۈگىتەتتى. بولۇپمۇ ھەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى ژۈمە نامىزىنى تاشلىماتتى.

ئۇ ئىلى تەۋەسىدىكى مەدەنىي مەركىزى غۇلجا شەھرىگە بارغىنىدا دىنگە ئائىت كىتاپلارنى ئالغاچ كېلىشنى ئۇنتىماتتى. ئۇ كىتاپلارنى غۇلجا شەھرىدىكى مەسچىت-مەدرىسلەر خادىملىرى كۆپىنچە مەككىگە بارغانلار ئارقىلىق ستامبۇلدىن ئالدۇراتتى.

ئامال قانچە توقىلەكنىڭ بالىلىرىنىڭ ئانىسى باقى دۇنىياغا كەتكىنىدىن كېيىن، ئۇ خېلىلا مىسكىنلىشىپ، پەيدىن-پەي سالامەتلىگىمۇ ئاجىزلىشىشقا باشلىغىنىدا، ياركەنتتىكى باققان بالىسى ۋېلىباي پات-پات كېلىپ تۇراتتېكەن. توقىلەكنىڭ ئەندى دەردىنى ئېيتىدىغان، سىرلىشىدىغان، مۇڭدىشىدىغان بىرلا ئادىمى – ئۇ خاناغچا ئانىمىز ئېدى. ئۇ بىر ئەتىيازلىغى نورۇز مەيرىمىنى ئۆتكۈزۈش ھارپىسىدا خاناغچا ئانىمىزغا ئاخىرقى ئارمىنىنى ئوچۇق ئېيتىدۇ، – مەن ئويلاپ، ئولاپ شۇنداق قارارغا كەلدىم. مۇسۇلمانچىلىقتىكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى مەككىگە بېرىپ، ئاللاغا تاۋاپ قىلىپ كېلەي. سىز ئۆزىڭىزنى كۈتۈڭ، مېنى مەككىگە بارماقچى دەپ ۋېلىبايغا خەۋەر بېرىۋېتىڭ دەپ جېكىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىنى چاقىرتىپ، مەخسىتىنى ئېيتىپ، ھازىرلىق ئىشلىرىنى باشلايدۇ. كېگەندىكى تامىرى كونچىباي (ئېلى ژارتى) ھەم كەنجە ئوغلى غوژامبەردىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۈچ ئاتلىق سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. بەزى يەرلەردە ئاتلىق، بەزى يەرلەردە تۆگە مىنىپ، مەككىگە ئاپىرىدىغان كارۋانلار بىلەن بىر ئايدەك يول مېڭىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇق جايى مەككە-مەدىنىدە بولۇپ، ھاجىلىق ئاتىغى بىلەن مۇسۇلمانچىلىق پەرزىنى ئادا قىلىپ، تامىرى ۋە ئوغلى بىلەن ئۆيىگە قايتىدۇ. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغىچە ئاغرىۋاتقانلىغىنى ھېچ بىر سەزمىگەن بوۋاي توقىلەك، تۈركىيەنىڭ ئالەمگە مەشھۇر شەھرى ستامبۇلغا كەلگەندە ئۇ يەرلەرنى كۆرۈش ئارمىنى بىلەن ئۈچ كۈن شۇندا بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچى كۈنى يولغا چىقىمىز دېگەندە، ئەتىگەنلىگى ئۇ ئۇيقىدىن ئوخانمايدۇ. سەۋەۋى، ئۇ مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەن ئېكەن. ستامبۇلغا كەلگەن كۈنى، ئەتىسىلا بازارغا بېرىپ، سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇپ كەلگەن ئېكەن. توقىلەك بوۋاي ئۆزلىرىنىڭ چۈشكەن مېھمانخانىسىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىپ كەلگىنىدە، ئۈزىدە ھېچ بىر ئاغرىقنىڭ ئالامىتى يوقلۇغىنى بايقىغان ئېدى.

ئەتىسى ئەتىگەنلىگى كونچىباي بولغان ۋەقىەنى مېھمانلار رەھبەرلىرىگە ئېيتىپ، چاپسان بازارغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى تۈنۈگۈن توقىلەك تونۇشقان ئۇيغۇرلارغا خەۋەرلەپتۇ. شۇ ھامان بازاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر توپى ژىغىلىپ كېلىپ، ئۇنى يەرلەشنىڭ ھازىرلىغىغا كىرىشىپتۇ.

توقىلەكنى غۇلجا تەرتىۋى بويىچە شۇ كۈنىلا يەرلەپ، دۇا تەگبىر قىلىشىپتۇ. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار توقىلەكنىڭ دوستى كونچىباي بىلەن ئوغلى غوجامبەردىنى ئۆيلىرىگە ئەكېتىپ، ئۈچى ۋە يەتتە نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، سەككىزىنچى كۈنى يولغا ساپتۇ. بۇ سەپەرگە بېرىشتا قانچە جاپا تارتسىمۇ، كۆڭۈللۈك بولغىنى بىلەن قايتقىنىدا قايغۇغا ئۇلىشىپتۇ. ستامبۇلدىكى توقىلەكنىڭ قانداق ۋاپات بولغىنىنى ئۇلار قايتىپ كەلگىنىدە ئاڭلىغان ژۇتداشلىرى، ۋېلىباي باشچىلىغىدىكى ياركەنتلىكلەر، غۇلجىدىكى تونۇش-بىلىشلىرى، جاغىستايدىن، خونخاي مازارىغىچە، بۇ تەرىپى تۈگمەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تونۇش-بىلىشلىرى دەررۇ بولۇشۇپ، ژىغا-زېرىن بىلەن قىرىق كۈنلۈك نەزىرىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. ۋېلىباي ياركەنتكە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇمۇ چوڭ نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈپ، ئاتىسىنىڭ نامىغا قۇرئان ئوقۇتۇپتۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ بالىلىغىدىن ئويناپ ئۆسكەن قىزىل دۆڭگە دەپىن قىلىنمىسىمۇ، قىرقىدىن كېيىن، قىزىل دۆڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا ئاتاپ يادىكارلىق ئورنىتىلىپتۇ. جاغىستايلىقلار ئاخىرتاغ ئۈستىگە، تۇرپانلىقلار مەھەللىسىگە يادىكارلىقلار ئورنىتىپ توقىلەك سەردارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر-چىراقلار ئۆتكۈزۈپتۇ.

شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل ھاياتىنى خەلقىنىڭ ئەركىنلىگى، مەدەنىي-مائارىپىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ئۆتكەن توقىلەك سەردار ستامبۇل شەھرىنىڭ ئايۋانسارى مەھەلىسىدە 82 يېشىدا پانى دۇنىيادىن باقى دۇنىياغا سەپەر قىلىدۇ.

توقىلەك ئاتىمىز ئەشۇ تۇرپان مەلىسىنى يوقتىن پەيدا قىلىپ، تەشكىللىگەن ژىللىرى، مەھەللىنىڭ بېشىدىكى سۇدىن ئۆتۈپ، كۈن چىقىشقا ئاز ماڭغاندا ئۆزىگە خاس سوقما ياساتقان. قاشاڭ غولى بىلەن ئۆرلەپ مېڭىپ، ئېگىز قىردىن ئېشىپ سوقمىسىغا كېلەتتىكەن: شۇ ئېگىز قىردىن تۇرپان مەھەللىسى ئوچۇق كۆرۈنگەچكە، ئۇ يەردىكى تاش ئۈستىدە بىر ئاز ئولتىرىپ، ھوزۇرلىنىپ مەھەللىسىگە قاراپ ئولتىرىشنى ياقتۇراتتېكەن. ياز كۈنلىرى ئەشۇ يەردىن مۆلدۈر بۇلاق سۈيى چىقىپ، سايغا قاراپ ئېقىپ، توقىلەك سوقمىسى ئايىغىدىكى كۆك تېرەكلەر ئارىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئۇ شۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئوچۇمىلاپ ئىچىشنى بۆلەكچە ياقتۇرغان. شۇ ئېسىل بۇلاق سۈيىنى قانغىچە ئىچىپ، كۆك چۆپ ئۈستىدە يېتىپ ئاسمانغا قاراپ ھادۇق ئالاتتېكەن.

تۇرپان مەھەللىسىنىڭ ھەممە يېرى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆزگە سۈرتكىدەك گۆزەل كۆرۈنگەن.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەشۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان جايدا ژىغىلىپ ئولتىرىشقان تۇرپان مەھەللىلىكلەر، ناھايىتى ئەقىلانە گەپلىرىنى ئوتتۇرغا تاشلىشىپ، ئولتۇرۇشقان ئېدى. گەپ ئارا قۇتلۇق ئاغىينىسى، ئەندى نوۋەت توقىلەككە كەلدى. توقىلەك، – مېنىڭ سىلەرگە ئېيتاي دېگەن ۋەسىيىتىم – بۇ ياشقا كەلگىنىمىزدە ژۇتداشلارغا، ئۇلار ئارقىلىق ھەممە مەھەللىلەردىكى قېرىنداشلارغا ئۈچ تۈرلۈك ۋەسىيەت ئېيتىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ تۇرىمەن. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار مونۇ تاغ سۈيىدەك تازا، سۈپ-سۈزۈك بولسۇن. بىز تۇرپانلىقلارغا ياراتقۇچى ئېگىمىز موشۇ ئىلى ۋادىسىغا ئېگە بولۇشنى، ھېچ كىمگە خىيانەت قىلمايدىغان، ھېچ كىمنى ئالدىمايدىغان، خاپا قىلمايدىغان، ھەقىقىي ئادەمگەرچىلىك يولىدا تاپ-تازا، مۇامىلە قىلىشنى بۇيرىغان. مۇنداق يول بىلەن ماڭغان ھەر قانداق ئىنسان، مەيلى تۇرپانلىق بولماي، خوتەنلىك، قەشقەرلىك، دولانلىق، شايالىك، ئاقسۇلۇق بولسۇن ھەممىمىز بىر ئۇيغۇردىن تارىغان قېرىنداشلار دەپ بىلىپ، قەدىر-قىممىتىگە يېتىپ، كام يېرى بولسا كەچۈرۈم قىلىپ، بېشىغا كۈن چۈشكىنىگە ياردەمگە كېلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، يوقىنى تېپىپ بېرىدىغان، موشۇ بۇلاق سۈيىدەك تازا، سۈزۈك بولۇشىڭلارنى خالايمەن. بۇ ۋەسىيەتنى سىلەرگە خۇدا يولىدا ئېيتىۋاتىمەن.

ئەندى ئىككىنچىسى ئېيتاي، ھەممىڭلار موشۇ كۆك، ياپ-يېشىل مايسىلاردەك دايمەن كۆكلەڭلار. بولۇپمۇ ئەۋلادىڭلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھېچ توسالغۇسىز، غەم-قايغۇسىز، پولاشماي، سۇنماي، دەپسەندە بولماي كۆكىرىۋەرگەي. بىز ئۇيغۇرلار شۇنداق كۆكلىشىمىز كېرەك. كېلىدۇ بىر چاغلار، تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدىغان بولۇمىز. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېقىلسىز، كۆرەلمەيدىغان ئادەملەر بولمىغان، كېلەچەكتىمۇ بولمايدۇ. ھازىرچە بىز ۋە بىزنىڭ باللىرىمىز ئوقۇپ، بىلىم ئالالمىساقمۇ، كېلىدۇ بىر كۈنلەر، ئۇيغۇرلار ئازاتلىغىنى قولغا ئېلىپ، باللىرىمىز، نەۋرىلىرىمىز، چەۋرىلىرىمىز، ئەۋرىلىمىز ياخشى ئوقۇپ ۋە ياخشى ئادەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىنسانلار بولۇپ چىقىدۇ. تىرىكچىلىك قىلىش يولىدا ھاردىم-تالدىم دېمەي 40 ھۈنەرنى ئېگىلەيلى.

بىز ئۇيغۇرلار قىزىلنى كۆرۈپ، تونۇردەك قىزىرىپ ئېلىشنى، ئاقنى كۆرۈپ ئاپپاق تاتىرىپ ئېلىشنى، قارىنى كۆرۈپ قاپ-قارا قارىيىپ ئېلىشنى، سېرىقنى كۆرۈپ كۈندىن-كۈنگە ساپ-سېرىق بولۇپ سارغىيىپ كېتىشنى خالىمايمىز. خالايدىغىنىمىز بىرلا ياپ-يېشىل ياشاۋېرىش.

ئاخىرىسىدا ئۈچىنچىسى ۋەسىيىتىمنى ئېيتىشتىن بۇرۇن، قاراڭلار كۆز ئالدىمىزدىكى ئەۋۇ ئېگىزدىن-ئېگىز، ھەر خىل رەڭدىكى تاشلارنى، ئۇلار كۆك ئاسمانغا بوي تىرەپ، ئۆرلەۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ شۇنداق ژىلمۇ-ژىل ھېچ توسالغۇسىز ئۆرلەۋېرىشىڭلارنى خالايمەن. سىلەر ھالال ئەمگەكچانلىق بىلەن ھەر قانداق ئېگىزلىكلەرنى بېقىندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقالايسىلەر. شۇ ئېگىزلىكتىن تۆرت ئەتراپنى ئالىقاندا كۆرەلەيسىلەر ھەم كېلەچەكنى مولژالايسىلەر. شۇڭا ھەر قايسىڭلارنىڭ چىقىمەن دېگەن ھەم چىقىۋالغان تېغىڭلار ئېگىز بولغاي.

كېيىنكى ژىللاردا مەشەگە كېلىپ مېنى ئەسلىگەيسىلەر، – دەپ تارىخىي ۋەسىيەتلىرىنى قالدۇرغان ئېكەن.

توقىلەك باتۇر قۇرۋانمەت ئوغلىنىڭ خەلقىگە قالدۇرغان ۋەسىيەتلىرى پەيدىن-پەي ئىلى تەۋەسىگىلا ئەمەس، ھەممە ئۇيغۇرلار ئەھلىگە، ژۈملىدىن ئانا ژۇتى تۇرپانغىچىمۇ يېتىپ بارغان. يالغۇز تۇرپانلىقلارغا ئەمەس، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىگى ئۈچۈن قالدۇرغان ۋەسىيىتى بولۇپ قالدى.

جاۋاپكەر مۇھەررىر شائىر ساۋۇت ئىسكەندەروۋ. ئۇستاز ئابدۇرېھىم مۇخامېدوۋ پىكىر يازغان پروفېسسور، تېخنىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەراېۋ ئابدۇلجان. كىتاپنىڭ تەشەببۇسكارى غوجامبەردىېۋ داۋلەت، غوجامبەردىېۋ قۇتلۇق. لايىھە ھەم كومپيۇتېردا سەھىلىلىگۈچ. غوجامبەردىېۋ مۇرات.

مۇئەللىپ: مەرھۇم تارىخچى ئاسىم قاسىم ۋە مۇھەررىرلىك قىلىپ كىتاپنى نەشىردىن چىقىشقا قول سالغان شائىر ساۋۇت ئىسكەرندەروۋ، ئۇستاز ئابدۇرېھىم مۇخامېدوۋ، پىكر يازغان پروفېسسور، تېخنىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەرائ‍ېۋ ئابدۇلجان ئاكىلىرىمغا ئۆز ئائىلەم نامىدىن سەمىمىي مىننەتدارلىغىمنى ئىزھار قىلىمەن.

كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا ئىقتىسادىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان، ۋە ئوغۇللىققا يارىغان بالام بىلالغا بارىكاللا دېمەكچىمەن.

ئەخمەتجان غوجامبەردىېۋ

ئاسىم قاسىم 1929 – ژىلى تۇغۇلغان.

1950 – 1954 – ژىللىرى ئاباي نامىدىكى قازاقستان پېداگوگىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدا بىلىم ئالغان.

مەرىپەتچىنىڭ «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «ژېتىسۇ»، ۋە «ئىلى ۋادىسى» گېزىتلىرىدا 300 دىن ئوشۇق تارىخىي ماقالىلىرى يورۇق كۆردى. ئۇنىڭ قەلىمىدىن پۈتكەن ئەسەرلەر، جۈملىدىن «يېڭىلىقلار»، «غالجات»، «قىزىل كوماندىر»، «ياچىۋەك»، «ئادەم تۇتقان قول»، «مەرىپەت ئوچىغى» ۋە «ئۇيغۇر ناھىيەسى» «غالجات» ۋە «چېگارىدىكى جاسارەت» ناملىق تارىخىي ئەدەبىي كىتاپلىرى، پوۋېست ۋە ھېكايە توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۈز كۆرۈشتى.

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

توقىلەك بوۋام ھەققىدە يېزىلغان كىتاب ئۈچۈن 4 ئىنكاس بار

  1. لەگلەك مۇنداق يازغان:

    ئۇنداقتا ئۈستىدىكى ماتېرىياللارنى توپلىغۇچى بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكەبولغۇچى ئەخمەتجان غوجامبەردىېۋ دىگەن داداش سىزنىڭ ساھىنۇر مومىڭىز بىلەن ئوخشاشلا توقىلەك باتۇرنىڭ ئۇلۇغ نەۋرىسىكەندە.بەكلا ھەۋەس قىلدىم ،يىلتىزىڭىزنى شۇنداق تولۇق بىلىدىكەنسىز.مېنىڭ ئاتا ئانام بوۋا مومىسىنىڭ ئىسمىنى ئارانلا بىلىدۇ ،ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دىگىل ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىىنىمۇ بىلمەيدۇ ھەتتا مىنىىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنىمۇ قۇربان ھېيتتقا بىرەر ئايلا قالغان ۋاقىت ئىدى دەپلا ئىسىدە قاپتقكە،تۇيۇقسىز يىغلىغىم كەۋاتىدۇ،باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قانداق ئائاتا-ئانىلاردۇ؟بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز قانداق ئائاتا-ئانىلاردۇ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      تولىمۇ ئەپسۇس، بىزدە مۇشۇنداق ئاتا-بوۋىسىنىڭ ھاياتىدىن تەزكىر/شەجەرە قالدۇردىغان ئەنئەنە يوق، بۇرۇن بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەنچە بۇ بەك مۇھىم نەرسە. خەنلەردە شۇنداق ئادەت بار، بەزىلىرى نەچچە يۈز يىل ئىلگىركىلىرىنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ. قازاقلاردىمۇ يەتتە ئاتىسىنى يادقا بىلدۈرىدىغان ئادەت بار. ھازىردىن باشلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز، ئەۋلاتلىرىڭىز خوش بولىدۇ. :)

  2. كالامى مۇنداق يازغان:

    باشقا يازمىلارنى قاچان تولۇلايسىزكىن ؟نەچچە تېما قويۇلغىنىمۇ خېلى بولۇپ قالدى،ئارلاپ كىرىمەن ماقالە چىقتىمىكىن دەپ . تولۇقسىزدىكى چېغىمدا دادامدىن توقىلەك پالۋان ھەققىدە ئاڭلىغانىدىم ،سىزنىڭ ئەۋلادى بولۇشىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن .بوۋامنىڭ «تەڭرىتاغ ئىزلىرىدىن»دېگەن كىتابىمۇ ماقالىدە نەقىل بوپتۇ ،ھەي بىر خىل نومۇس قىلىپ قالدىم ۋەتەندىكى چاغدا شۇنى ئوقۇپمۇ باقمىغىنىمغا . ئويلاپ باقسام بوۋام ياش چاغلىرىدا مۇخبىرلىق قىلىپ ناھىيەمۇ ناھىيە يۈرۈپ نۇرغۇن تارىخ ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ماتىرياللارنى توپلىغانلىقىنى ھەم بەزىدە تۇرۇپ شۇلاردىن بەزىلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بېرىدىغان. شۇ چاغلاردىلا خاتىرە قالدۇرۋالغان بولغان بولسامچۇ دەپ پۇشايمان قىلىمەن بەزىدە ،ھازىر شۈكرى تېنى ساغلام بولسىمۇ ئەمما ئادەملەرنىمۇ ئانچە تونۇپ كەتمەس بولۇپ قالدى .ئىشقىلىپ ،ماقاالىلىرىڭىز ئۈزۈلىمسۇن ،ياخشى نەرسىلەر بولسا ھەمبەھىرلەپ تۇرارسىز

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif