ئامېرىكا تەسىراتلىرى 2-قىسىم

بۇ يىل بىرىنچى ئايدا يىغىن سەۋەبلىك كالىفورنىيەگە بېرىپ كەلگەن ئىدىم. يىل ئاخىرى يەنە خەلقئارا ماگنىتىزم ئىلمى يىغىنى سەۋەبلىك ئامېرىكىغا بېرىش پۇرسىتى بولدى. يىغىن ئەسلىدىكى فرانسىيە ئىشغالىيىتىدە بولغان مىسسىسىپى دەريا ۋادىسى بولغان لۇئىزئانا شىتاتى مەركىزى يىڭى ئورلېئان شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،ئىسسىق بەلۋاغقا يېقىن، ھەم مېكسىكا قولتۇقىدا بولغاچقا، 11-ئاي بولسىمۇ ھاۋا شۇنداق ئىسسىق، كۆپىنچە 27 گرادۇس ئەتراپىدا. ئايروپىلان مۇھىم ھاۋا يولى تۈگۈنى بولغان ئاتلانتا شەھىرىدە ئالمىشىدىغان بولغاچقا ئاتلانتادا شۇ شەھەردىكى ئېمورى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان گۈلنىگار سىڭلىمىزنىڭ باشچىلىقىدا پارتىزانلارچە ئايلىنىۋېتىپ يىڭى ئورلىئانغا كېچىلەپ بېرىۋالدىم.

14719208_1815284268749401_1328375058996920320_n

شەھەر كىشىگە تازا ياخشى تەسىر بەرمىدى، بىرىگە بۇ شتات ھېسابتا نامرات رايون، ئافرىقىلىق ئامېرىكىلىقلار ئاساسى نىسبەتتە، ھەم كاترىنا قۇيۇنى نەچچە يىل ئالدىدا شەھەرنى پۈتۈنلەي بېسىپ قاتتىق زىيان سالغان. شۇڭلاشقىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بىر شەھەر، ھەتتا بۇ شەھەردە يېنىڭىزدا كىنىشكىسىز قورال ئېلىپ يۈرەلەيسىز. بۇ تەرەپلەردە كىشىلەر زىيادە يوغان ئالتە-يەتتە لىتىرلىق ماشىنا ھەيدەشكە خۇماركەن. خۇدايىم ساقلىسۇن، ئەگەر پۈتۈن دۇنيا مۇشۇنداق زىيادە ماي كۆيدۈرىدىغان ماشىنا ھەيدىسە يەر-شارى راستىنلا چىدىماي يېتىۋالغاندەك. بۇ قانداقتۇر تىزلىك ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ماتور ئاۋازىغا بولغان خۇمارلىقى، سوقۇلۇپ كەتسەم ھايات قىلىش ئېھتىمالىم چوڭ بولىدۇ دېگەندەك، قورال ئېلىپ يۈرۈش پەلسەپىسى بىلەن بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەنتىقە دەپ چۈشەندىم. بىزمۇ ئۇقۇشماي شەھەر مەركىزىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن ياتاق ئېلىۋاپتۇق، ھاياتىمدا بۇنداق مەينەت ھەم سېسىق پۇرايدىغان مېھمانخانىغا كىرىشىم مۇشۇ بولدى. ھەم بۇ رايوندا شۇ كۈنىلا تۆت قېتىم ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، جەمئىي ئۈچ ئادەم يارىلانغان. يولدا پىيادە ماڭماسلىق نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپلا تۇردۇق. ھاياتنى قەدىرلەپ ئەنگلىيىگە ساق كېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر كۈن تۇرۇپلا يىغىن بار يەرگە ئالمىشىپ كەتتۇق گەرچە باھادا ئالتە ھەسسە قىممەت بولسىمۇ (باشلىق تۆلەيدۇ بەرىبىر). بۇ شەھەرنىڭ داڭقى ئاساسەن جاز مۇزىكىسى، كەچلىك ھايات ۋە ماردى گراس كارنىۋالى ئىكەن، قىش پەسلى شىمالدا توڭلاپ كەتكەنلەر كېلىپ ئويناپ ئىسسىنىپ كېتىمىش. يولدا ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان خىچىر خادىكلار كۆپ ئۇچرايدىكەن . بۇ شەھەر بۇ دۆلەتنى شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدىغان مىسسىسىپى دەريا ئېغىزىغا جايلاشقان، ئېنىقكى بىر زامانلاردا گۈللەنگەن چاغلىرى بولغان. ھازىر بىر خېل خۈنۈك تەسىر بېرىدىكەن كىشىگە.

14902859_10154360049789998_7879738889079671635_o

گېرمانىيەلىك ئەينى ۋاقىتتىكى ماگىستېرلىق ماقالە يېتەكچىممۇ يىغىنغا كەپتۇ، دىدار غەنىمەت!

img_20161030_163353 img_20161101_200839

بىر ھەپتىلىك يىغىننى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىپ كېچىلەپ بوستۇنغا ئۇچۇپ كەتتىم. پىلان بوستۇن، كامبرىج ۋە نيۇ-يورك شەھىرىنى كۆرۈش، تونۇشلار بىلەن كۆرۈشۈۋېلىش ئىدى باھانىدە. بوستۇننى تاللىشىمدىكى سەۋەب بىر دەريا ئايرىپلا تۇرىدىغان بوستۇن-كامبرىج قوشماق شەھىرىدە دۇنياۋى ئۇنىۋېرسىتېت ھارۋارد ۋە ماسساچۇسېتتس تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ بارلىقى ۋە كېيىنكىسدە ئىشلەيدىغان مايسەم ھەدەم ۋە ئاپىسىنى يوقلاش (ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بوۋا-مومىلىرىم بىلەن بىر ناھىيە ۋە بىر يېزىدىن، ئەلۋەتتە چوڭ بىر باھانە يۇرتداش ئىزدىشىدىغانلارغا :) ). يەنە بىرىگە بىز تەلپۈنگەن ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بىر ئولتۇرۇپ بېقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، بۇنى شۇ يەردە ئوقۇيدىغان سىڭلىمىز پەخرىيەنىڭ ياردىمىدە ئەمەلگە ئاشۇرۋالدىم، بولمىسا كىرگىلى بولماسكەن. بوستۇن ۋە كامبىرىجدا بۇ ئىككى مەكتەپتىن باشقا يەنە بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقى-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىر قانچە ئالىي ئوقۇللار، نۇرغۇن دۆلەتلىك ۋە خۇسۇسىي تەتقىقات مەركەزلىرى بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى ئالىم-تەتقىقاتچىلار ئەڭ مەركەزلەشكەن مەركەز دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ شەرقى شىمالى ھېسابلانغان بۇ قىسىم ئەڭ دەسلەپكى ياۋرۇپالىق كۆچمەنلەر كەلگەن رايون بولۇپ، ئەسلى يېڭى ئىنگىلاند دەپ ئاتالغان. بوستۇن ئەڭ دەسلەپكى شەھەرلىرىنىڭ بېرى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسى بولغان لېكسىڭگىتوندىكى مىلتىق ئاۋازى، چاي ۋەقەسى قاتارلىقلار ھەممىسى مۇشۇ يەردە بولغان. قىزىقارلىقى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى، دەرەخلىرىمۇ ئىنگىلاند بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش دېگۈدەك. پەقەت بوستون كوچىلىرىدىلا ئۆزۈمنى بىرئاز ياۋروپادا تۇرغاندەك ھېس قىلدىم. ئاكادېمىكلار ئاساس بولغان شەھەر بولغاچقىمۇ ماشىنىلارمۇ نورمال، تانكىدەك ماشىنىلار ئازكەن ھەرھالدا.

pano_20161105_171843

بىرىنچى كۈنى يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن مىرزات ئۇكىمىزنىڭ ياردىمىدە شەھەرنى ماشىنىدا ئازراق ئايلىنىپ ئاندىن باغداش مۇنبىرىدە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان قەيسەر ئاكا بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلىشۋالدۇق. چۈشتىن كېيىن بوستۇن كوچىلىرىنى پىيادە ئايلانغاچ ئىلىم-پەن مۇزېيىغا بېرىپ كۆرۈپ كەلدىم. كەچتە مايسەم ھەدەمنىڭ ئۆيىدە مايسەم ھەدەمنىڭ ھەدىسى ئايشەم ھەدەم، ئاپىسى جەننەت ئاپاش (مېنىڭ ئاپامنىڭ ئىسمىمۇ جەننەت) بىلەن ئېسىل تاماقلاردىن ھوزۇرلانغاچ تازا مۇڭدىشىۋالدۇق. يۇرت ھەققىدە سۆز قىلغىنىمدا جەننەت ئاپاش يىغلاپ كەتتى! پاركىنسون تەسىرىدە سۆز قىلىشتىن قالغان بولسىمۇ بولسىمۇ، خىجىللىقتا ھەدىلىرىمگە كۆپ ئاۋارە بوپسىلەر دېگىنىمدە، خۇددى مومامدەك ئاجايىپ كۈچ بىلەن «ۋاي ياق…» دەپ تەكەللۇپ قىلدى. ئاپاشنىڭ شۇ تاۋۇشلارنى دېيەلىشى، شۇ يۇرتتىكى ئەڭ سەمىمى كىشىلەردەك چىراي ئىپادىسى كۆڭلۈمنى ئاجايىپ ئىللىتىپ قويدى. ئىنسان، نەقەدەر سەزگۈر، نەقەدەر ئاجىز ھەم نەقەدەر جاسارەتلىك! جەننەت ئاپاش باشتىن ئاياق گەپلىرىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇردى، ماڭا خۇددى ئۆز ئوغلىغا قارىغاندەك كۆزىنى ئۈزمەي قارايتتى، نىمىلەرنى دېگۈسى بار مېنىڭمۇ شۇنداق بىلگۈم كېلەتتى. سائەت سەككىزدە بارغان ئادەم كېچە 12 گىچە مۇڭدىشىپ، سائەت بىرگىچە MIT تەجرىبىخانىسىدا زىيارەتتە بولدۇم. مايسەم ھەدەم كۈندە شۇنداق ئىشلەيدىكەن، ئاپىسىنى ئۇخلىتىپ بولغاندىن كېيىن كېچىلەپ تەجىربىخانىسىگە بېرىپ بىرەر سائەت ئىشلەپ قايتىدىكەن. ئەتىگىنى يەنە ئىشلەپ، ئاپىسى ئويغىنىدىغان ۋاقىتتا قايتىدىكەن. مۇڭدىشىشقا ئامراق مايسەم ھەدەم بىلەن مېھمانخانام ئالدىدا خوشلاشقاندىن كېيىن كۆزۈمگە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇيقۇ كەلمىدى. بۇ كۈنلۈك سۆھبەتتىن مايسەم ھەدەمنى قايتىدىن تونۇغاندەك بولدۇم. فەيىسبۇكتا پاراڭلىشىپ تۇرغان بولساقمۇ بۇ كۈندە مەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئىنىسىدەكلا بولۇپ قالدىم. ئوخشاش يۇرت دىئالېكتى، ئوخشاش يىلتىز، ھەم ئاكادېمىك ھاياتتىكى ئوخشاشلىق پارىڭىمىزنى تۈگىتەلمەي خوشلىشىشقا مەجبۇر قىلدى. بىر ياقتىن 10 يىلدىن بۇيان پاركىنسون بولۇپ قالغان ئاپىسىنى ئۆزى ئامېرىكىغا ئەكىلىپ بېقىشى، دادىسىنىمۇ ئامېرىكىغا ئەكىلىپ يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلغۇزۇپ داۋالىشى، ھەم دۇنيادىكى ئەڭ جىددى ئىشلەيدىغان تەجىرىبىخانىدا يۇقىرى بېسىمدا خىزمىتىنى تاشلىماي ئىشلىشى قەلبىمدە ئاجايىپ بىر ھۆرمەت تۇرغۇزدى. ئەگەر شۇ ئىشلار مېنىڭ بېشىمغا كەلسە ئېنىقلا كۆتۈرەلمەس ئىدىم. مۇشۇ سەۋەبلەرگە كۆرە تېخىچە توي قىلمىغان ھەدىمىزنىڭ جاسارىتىگە، بەرگەن قۇربانلىقىغا قول قويماي تۇرالمىدىم. ھەم ئۆزۈمگە ئاجايىپ ئىلھام بولدى، ئىچى-ئىچىمدە خىجىللىق تۇيغۇسى… تىرىشتىم دەپ يۈرسەم، مېنىڭ ئۇ تىرىشچانلىقلىرىم مايسەم ھەدە ئالدىدا ھېچ نەرسە ئەمەسكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ سەپىرىمدىكى ئەڭ چوڭ ئىلھام ۋە غەيرەتنى ئېلىپ نيۇ-يوركقا يۈرۈپ كەتتىم.

img_20161105_171415

img_20161106_125450

ھارۋارد ۋىدېنېر كۈتۈپخانىسى ئالدىدا

img_20161106_120238

نيۇ-يوركىنىڭ ماڭا ھەممىدىن تەسىر قىلغان يېرى چوڭلۇقى بولدى. رەسىملەردىن، كىنولاردىن مانھاتتاننى كۆپ كۆرگەن بولساممۇ ئۇنچىلىك چوڭ دەپ ھېس قىلمىغان ئىدىم. جاھاندا سىمونىت بىنالار بۇنچىلىك تىقىلغان ئىككىنچى بىر جاي بارلىقىدىن گۇمان قىلىمەن. بەلكىم باشقا يېئىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان شەھەرلەر ئىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن نيۇ-يورك ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق زامانىۋى ئىنسان ساراڭلىقىنىڭ باشلىنىش سىمۋولى! ئىمپېرىيە بىناسىلا بۇنىڭ ئىسپاتى. ئاساسى قۇرۇلۇش ئېگىزلىكى (مۇنارنى ھېسابقا ئالمىغاندا) 381 مېتىر بولغان بۇ 102 قەۋەتلىك بىناغا 85 يىل بولدى، ھېلىھەم مەزمۇت تۇرۇپتۇ. ئەڭ ئۈستى قىسمىدىكى قول بىلەن كونترول قىلىنىدىغان لىفىت ھازىرمۇ نورمال خىزمەتتە ئىكەن، ئەلۋەتتە ئىچىدە تۇرغاندا ئازراق سۈر باستى. كىشى ئۆزىنى شۇ كونا زامانلارغا قايتقاندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەن ئىچىدە. ھازىر 21000 خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بۇ بىنا نيۇ-يوركتىكى ئەڭ ئالدىراش بىنا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، 1931-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا بولۇپ تۇرغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ئىككىنچى ئېگىز بىنا ئىكەن. بۇ بىنا ۋە ئەتراپتىكى بىنا-كوچىلار مېنى كاپىتالىزمنىڭ كۈچىنى راۋۇرۇس ھېس قىلدۇردى. ئۈستىگە چىقىپ قارىغىنىڭىزدا، مانھاتتاندىكى شۇ تۇپراققا ئىچىڭىز ئاغرىپ قالىدىكەن، قانداق قىلىپ كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقاندۇ شۇنچىلىك بىنانى دەپ. نيۇ-يوركنىڭ مىتروسىمۇ بەك كونا، شۇڭلاشقىمۇ سەل ئاستىدەك ھېس قىلىسىز. مانھاتتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا مەركىزى باغچا، چوڭلۇقى 3.4 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇزۇنسى 4 كىلومېتىر كەڭلىكى 800 مېتىر كېلىدىغان بۇ يېشىل باغچا ھەر ھالدا نەچچە مىليون نوپۇسلۇق شەھەر پۇقرالىرىغا ئازراق تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتى بېرىدىكەن، بولمىغاندا سانجاق، تىقما-تىقماق ئېگىز بىنالار كۈندۈزىمۇ كوچىسىدا ماڭسىڭىز قۇياش دىدارىنى كۆرسەتمەيدىكەن. ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلىگە خالىغان ۋاقىتتا بارغىلى بولمايدىكەن ئەپسۇس، ئايرىم كىچىك بىر ئارالغا جايلاشقان بولۇپ، كېمە بىلەن بارىدىكەنسىز، ھەم بەك بالدۇر ئىشتىن چۈشىدىكەن، بارسام ئەڭ ئاخىرقى كېمىلەر يولغا چىقىپ بوپتۇ. ئەپسۇسلىنىپ يېڭى دۇنيا سودا مەركىزىنى ئازراق ئايلىنىپ تايىم مەيدانىغا يۈرۈپ كەتتىم. ئۇ يەردە كونا تونۇشلىرىم مەمتىمىن دوختۇر ئاكىمىز ۋە رۇنې بىلەن كۆرۈشۈپ كەچتە كۋىنز رايونىدىكى ئارزۇ ئۇيغۇر رېستۇرانىدا ئۇيغۇرچە تاماق يەپ قوساقنى تويغۇزغاندىن كېيىن ئايرودۇرۇمغا يۈرۈپ كەتتىم.

img_20161107_175807

Time square

img_20161107_142931 img_20161107_170010 img_20161107_152554 img_20161107_193831

ياۋروپادا ياشاۋېرىپ بەكرەك كوممۇنىزمچى بولۇپ كەتتىممۇ ئىشقىلىپ، ئامېرىكىدەك كاپىتالىزمنى ھەققى تۈردە مەنىسىگە يەتكۈزگەن بىر دۆلەت پەقەتلا قىزىقىشىمنى قوزغىيالمىدى ئارتۇق. بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەر ھەم ئالدىراپ ئۆزگىرىدىغاندەك ئەمەس. مەنمۇ ھوشۇمنى تېپىپ چرامپ سايلىنىدىغانغا بىر كۈن قالغاندا ياۋروپاغا تىكىۋەتتىم، ئاقىل پىلان دەپ ئويلىدىم ئۆزۈمچە.

يورك
ئاچىنۇق
2016.12-2017.01

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئامېرىكا تەسىراتلىرى 2-قىسىم ئۈچۈن 4 ئىنكاس بار

  1. ئالما مۇنداق يازغان:

    بىژ يەلىرى بىژ قانداقيا بۇنىڭ، قاچانغىچە ساقلامىز ەمدى.

  2. ئۇكاش مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا ،pdfكىتاپ چۇشۇردىغان ئادىرىس ئىچىلمايدىغۇ،

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم! ئۇ ئەسلى مېنىڭ بۇرۇنقى ئۇنىۋېرسىتېتىم تەمىنلىگەن بوشلۇقتى، ۋاقتى ئۆتۈپ تاقىلىپ قاپتۇ. ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت، ئۆچۈرۈپ قويدۇم.

  3. Ivan مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا! بۈگۈن ‘ئىزدە’ تورىدىن چەتئەلدە ئوقۇش توغرىسىدا ئۇچۇر ئىزدەۋىتىپ سىزنىڭ تور بىتىڭىزگە ئۇچراپ قالدىم، ھەمدە سىز ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىقتىم. ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئىشلىرىڭزغا ئۇتۇق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن . مىنىڭ ئازراق سۇئالىم بار ئىدى، سىزگە E-mail يوللاپ سوراي ، ۋاقتىڭىز چىقسا جاۋاب قايتۇرسىڭىز،رەھمەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif