نەمانگاننىڭ ئالمىسى*

ھايات بەك قىززىق

كىشىلەر ئاتام-زاماندىن سىرلىق نەرسىلەرگە ئامراق… قاچان ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنى بىلدى، “نىمىشقا مەن” دېگەن سوئالنى تەبئىي‍ى سوراشقا باشلىغاندۇر… خۇددى مۇنۇ بىزنىڭ باش قەھىرمانىمىزدەك:

بىرىنچى پەردە

ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى پەردىلەرنى يىرتىپ چۈشۈپتىمەن. مېنى قانداق تۇغقان دېگەن سوئالىمغا ئاپام شۇنداق جاۋاب بېرەتتى… ئەڭ دەسلەپكى ئەسلىمىلىرىمنىڭ چۈش ياكى رېئاللىق ئىكەنلىكىنى تازا بىلمەيمەن، ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئۆزەمنى كۆرەلمەيمەن ئەينەك ئالدىدىن باشقا يەردە، ھەممىدىن ئىچىمنى سىقىدىغان ئىش مۇشۇ. نىمىشقا مەن مەركەز بولۇپ قالدىم بۇ مەۋجۇتلۇقىمغا، ئويغىنىمەن، جاھان ئويغىنىدۇ، قىستاپ كەتكەن تەرىتىمنى بوشىتىشقا ئاران ئۈلگۈرىمەن، ئۈلگۈرمىگەندە پىشايۋاندىلا تۇرۇۋېلىپ كەڭ ھويلىغا قارىتىپ قويۇپ بېرىمەن ئۇزۇنىسىغا يېرىم سىنۇس شەكلى چىقىرىپ. تازا شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە نەدىن پەيدا بولدى ما سايدىكى خوشنىمىز، تۇيۇقسىزلا ئاپاشنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئاپاڭ بارمۇ دەيدۇ نېرىدىلا، ئۆلدۈم ئامما كىچىك بولساممۇ، نېمە قىلارىمنى بىلمەي، يا تۇرۇبىنى توختىتالماي، 3 سىكۇنت داۋاملاشقان ھايات-ماماتلىق پەيىتتە بىر قارارغا كېلىپ بولدۇم ۋە رېئاللىقنى شۇنداق تەبئ‍ىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك سورىغىنىغا جاۋاب بەردىم… بىزنىڭكىلەر مەھەللە بويىچە ھەممىدىن ئۇخلايدىغان تىپلاردىن ئىدى… دادام ئەتىگەن تۇراتتى ساق بولسىلا، قاخشاپ قوياتتى يۈزىمىزگە قارىماستىن تالادا، بىز تالادا بولساق ئۆيدە تۇرۇۋېلىپ، سەت ئەمەسمۇ خەقلەردىن، ھويلىنى س… پۇرىتىپ دەپ، ئۇنداق چاغلاردا ئاجايىپ خىجىل بولاتتىم، ئائىلىمىزدە پەردە-شەپ شۇنچىلىك كەڭ ھەم قېلىن ئىدىكى، ھەتتا 36 گە كىرگەن بۇ كۈندىمۇ ئاپام گەپنى ئۇدۇل دېيەلمەي، پالانچىنىڭ بىر قىزى باركەن… دېگەندەك پاراڭلارنى ئاران دەيدۇ. بەلكىم دادام-ئاپام بىلەن بولغان بۇ خىل كۋانت مېخانىكىسى بىلەن ئاران چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغان، تاتلىق، ئىككى ئېغىز بولسىمۇ تەڭرى تاغلىرىدەك ئېغىر، ھىيوگونىڭ خارلانغانلار رومانىدىنمۇ كەڭ مەزمۇنلۇق، نەۋائىينىڭ شىئېرىلىرىدىنمۇ بەكرەك ھېسسىيلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان چۈشىنىشلەر مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەتلىك ھەم تەسىرلىك. خۇددى ئىپەكتەك بۇ پەردە كىشىگە شۇنداق خوش ياقىدۇكى، خۇددى مەن يەنىلا شۇ قوساقتىكى ۋاقىتتا ئىچىدە دومىلاپ يۈرگەن پەردىدەك… ئۆزەمچە شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىم، راھەت بولمىسا دومىلاپ ئوينامدۇ، قىززىق يېرى شۇ ھالدا بىزگە ئويۇنچۇق بېرىشنى ئۇنتۇمىغان ئىگىسى بىزنى نىمىشقا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئويۇندىن چەكلىگىدەك ھە، بىر خىل تازا مەنتىقىغە سىغمايدۇ… يا بۇ ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىغىلا يول قويۇلغان نەرسىمۇ؟ قوزىلارمۇ، تايچاقلارمۇ قۇتراپ ئوينايدۇ، ئاجايىپ ئوماق، لېكىن قېرى قوي، كالىلار بەك چۈشكۈن، قوساقنىڭلا غېمىدە، كىشىنىڭ مۇزىكا قويۇپ بەرگۈسى، چۈشكۈنلۈكنى داۋالايدىغان دورا بەرگۈسى كېلىپ كېتىدۇ.

دۇنيا يەنىلا مېنى ئايلىنىپ چۆرگىلەيدۇ. بولسا بۇ بەدەنگە كىرىۋالغان كۆز ھەر كۈنى ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ بېشىدا بولسا، ۋە يا خالىغان ۋاقىتتا دۇنيانىڭ خالىغان بىر بۇرجىكىدىكى ئىنساننىڭ بېشىغا يۆتكىلەلىسە… بەلكىم پەقەت شۇ چاغدا ئۆزەمنى قانداقتۇر پەيغەمبەردەك ھېس قىلماس بولغىيتتىم مەلۇم بۇرچىلار بىلەن كەلگەن، ۋە يا چىڭگىزخاندەك دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان. كۆيگەن قىزىمنىڭ كاللىسىدا تۇرۇپ ئۆزۈمنى كۆرۈپ باقسام قانداق قىززىق بولار ئىدى. نىمىشقا بۇ دۇنيادا مەنلا باردەك، باشقا مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم ئۈچۈن يانداش بولغاندەك، خۇددى مەن ئۇخلاپ قالساملا ئۇلار ھەم يوقاپ كېتىدىغاندەك. ئېنىقكى، ھەركىمدە شۇنداق ھېسسىيات باردۇر، ئەپسۇس، ھېچقاچان بۇنى ئىسپاتلىيالمايمىز. پەقەت، دۇنيانىڭ شەرقىدىن غەربىگىچە كەزگەندە، بېيجىڭ، ئىستانبۇل، لوندون، پارىژ، سان-فرانسىسكودەك تالاي شەھەرلەرنى، تىقما-تىقماق، ھەر خىل ئىنسانلارنى كۆرگىنىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر ۋىجىكلىنى، نەقەدەر ئاددىيلىقىنى ھېس قىلىسىز، خۇددى ھۆججەتلىك فىلىم human نى كۆرگەندەك… شۇ چۈمۈلىلەر توپى، پادا كالىلار، توپ قاغىلار بىلەن ھېچقانداق پەرقىمىز يوق. بۆرە توپىمۇ، كالا توپىمۇ ئاجىزلىرىنى بوزەك قىلىدۇ، بىزمۇ شۇ… ئۇرۇشلار ئۈزۈلمەيدۇ، ناھەقچىلىكلەر تۈگىمەيدۇ. ئىنسانىيەت توپىنىڭ قانچىلىك تەرەققى قىلغىنى بىلەن ھىچ مۇناسىۋەتسىز… يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى قانداق ئىدىيىدە سۇغۇرىمەن دېسىڭىز شۇنداق ئىدىيىدە سۇغۇرالايسىز، ھىتلىر بىركىملەر ئۈچۈن يەنىلا قەھرىمان، چرامپنىڭ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتنىڭ بېشى بولۇش ئېھتىمالى بار، بۇنى كىشىلەر دىمۇكراتىيە دەيدۇ.

ئىككىنچى پەردە

پەردە يېپىلدى

—نىممۇ قىلاسىلەر پەردە ئۈستىگە پەردە تارتىپ، ئۆينى تېخىمۇ قاراڭغۇ قىلىپ…
بويتاقنىڭ ئۇزۇن نەزەرىيىلەرنى يەنە باشلاپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن، ئاپا ئاددىيلا قىلىپ، بويتاق ئوغلىنىڭ نەزەريىلىرىگە تەڭ كىلەلمەيدىغىنىنى بىلگەندەك، يۇمشاق ئاۋازدا، بالىسىنىڭ بالىلىقىغا جاۋاب بەرگەندەك، قېنىق تارانچى تەلەپپۇزىدا:

چىرايلىق تۇرىدۇ شۇ— دەپلا قۇتۇلدى.

ئەلۋەتتە، بويتاق جانابقا شۇنىسى ھەممىدىن ئېنىقكى، دۇنيادا بۇ يۇۋاش ئاپىسىنى قايىل قىلىشتىنمۇ تەس ئىش يوق، شۇڭلاشقىمۇ، گەپ قىلىپ ھارغىنىدا، چوقۇم سىلەرنىڭ تىگىڭلار خوتەنلىك دەپ بولدى قىلىدۇ…

ئۆيلەر يورۇق تۇرسا، كىشىلەر كۆپرەك قۇياش نۇرى كۆرسە بەك ياخشى بولاتتى ئەسلى، ۋىتامىن D تولۇق بولىدۇ، ۋىتامىن D تولۇق بولسا ئىشتىھا ئاچىدىغان ھورمۇنلار كۆپرەك بولىدۇ… قات قات پەردىلەر، كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىمۇ شۇنداق بەزىدە، ئېغىزدا قىلغان سۆزى بىلەن كۆڭلىدىكى مەقسىدىكى قۇياش بىلەن يەر ئارلىغىدەك يىراق. گەرچە بويتاق شۇنداق بىر جەمئىيەتتە تۇغۇلسىمۇ، ئاتتىن تېپىك يەپ ھېچنەرسە بولمىغىنىدەك ئازراقمۇ يۇقمىغان بۇ خىل كۆپ قەۋەتلىك پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى، بەلكىم بۇ ھاماقەتلىكىدۇر ۋە يا ئادەم توپلاشقان يەردىن قاچىدىغان خۇيىدىندۇر، ئىشقىلىپ يوچۇنلا بىر رەۋىشتە چوڭ بولۇپ قالدى. بەلكىم شۇ كىتابلىرى بۇزدى بۇ بالىنى، ئوقۇغان كىتابلىرىدەكلا ياشاپ قالدى. «سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ» دەپ زادى توغرا دېگەن بۇرۇنقىلار. شۇنداق قىلىپ، گەپنى پەردىلەپ قىلىشنى ھىچ ئۆگىنىپ بولالمىدى، مىڭ جاپا، مىليون مۇشەققەتتە ۋېلىسىپت مېنىشنى ئۆگەنگىنى بىلەن. ئەكسىنچە، كىشىلەر نىمىشقا پەردىلەپ گەپ قىلىدۇ، نىمىشقا ئىچىمدىكىنى تاپ دەيدۇ، نىمىشقا كۆڭلىكىنى يىرتىپلا گەپنى ئوچۇق قىلمايدۇ دەيدۇ كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي… تولىمۇ ئەپسۇس، ئاياللارنىڭ كۆينەك يېرتىشىنىڭ بۇ توپتا پەردە-شەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالمىسا كېرەك :(((

ئۈچىنچى پەردە

سەھنە ئېچىلدى. شىۋىرغانلىق تاغ چوققىسىدا تاشنى دالدا قىلىپ ئولتۇرغان قىرى يىگىت سوغۇق دەستىدىن نەپسىدىن چىقىۋاتقان ھورنى خۇددى ئاچچىق تاماكىنىڭ بۇسىدەك تەسەۋۋۇر قىلىپ يىراقلارغا باققىنىچە يېنىدىكى ياش يىگىتكە ئۆزىنىڭ مۇھەببەت كەچمىشلىرىدە ياخشى قىزلارنى قانداق قىلىپ ئاسانلا قولدىن چىقىرىپ قويغانلىقى ھەققىدە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن سۆزلىدى. ھەم بۇ ھەقتە بىر كىتاب يېزىش ئويىنىڭ بارلىقىنى، نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تازا مودا بولىۋاتقان ”ھېچنىمىزىم“ بىلەن تولىمۇ ياخشى باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى. قىسقا يوپكا كىيگەن قىزلارنى كۆرۈپ قالسا ۋېلسىپىت مىنىپ كېتىۋاتقانلىقنىمۇ ئۇنتۇپ بويۇن مۇسكۇلى تارتىشىپ قالغىچە قاراپ قويىدىغان سەت ھالىتىنى ئۆزىنىڭ نورمال يىگىت ئىكەنلىكىنىڭ تەجرىبى ئىسپاتى قىلىپ خاتىرجەم بولۇپ قالىدىغان قىرى يىگىت ئىشلارنى فىزىكا تەجىربىلىرىدەك مۇرەككەپ ئويلىۋىلىشتىن خالىي بولالمايتتى ۋە جاھانكەزدى سۈپۈرگە زامانىدىكى ئاددىيلىق ۋە بىغەملىكنى خۇددى تاتلىق جىيەنلىرنى سېغىنغاندەك ھېسسىياتتا سېغىناتتى. ياش يىگىتنىڭ ئۈششۈپ زېرىككەن چىرايغا قاراشنىمۇ ئۇنتۇغان قىرى بويتاق پەقەت ئۆزىنىڭ ئېڭەك مۇسكۇللىرى ئاغرىقىنى ھېس قىلغاندا ئۇزۇن-ئۇزۇن ۋالاقشىغان نەزەرىيەلىرىگە ۋاقتىنچە چىكىت قويۇشقا مەجبۇر بولدى. شىۋىرغان بوشىدى، پەردە يېپىلدى. …. (داۋامى بار يوقنىڭ ئارىسىدا)

تۆتىنچى پەردە

ئۈچ پەدە دەپ ناخشا بار، تۆت پەدە دەپمۇ ناخشا بار، ئۇسۇلغا ئاجايىپ كېلىدۇ-دە، قويۇپ قالغۇدەك بولسا ئولتۇرالماي قالىدۇ ئۇسۇل دېگەننى يىرتىپ، ئەلۋەتتە ئادەم يوق يەردە، پۇرچاق ئەپەندىنى قوشۇپ دوراپ، بولۇپمۇ ئەينەك ئالدىدىكى ھالەتلىرىنى، قۇتراشلىرى ھېسابتا. پەردە بىلەن پەدە نىڭ قانداق مۇناسىۋىتى باردۇر… ئۈچەيلەر بىلەن ئۆپكە-يۈرەكنى ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە، ئاۋاز پەردىلىرى… مۇزىكانت ناخشىچىلار ئۈچۈن بەك مۇھىم. راست، داپنىمۇ ئېشەك تېرىسىدىن قىلىدۇ دەۋاتاتتى، ئۆلسە تېرىسى داپ بولىدۇ دەپ. دېمەك پەردىنى چالسىمۇ مۇزىكا چىقىدىكەن. ئەپسۇس، بەزى پەردىلەرنى چالسام مۇزىكا ئەمەس، جېدەل چىقىدۇ، شۇڭا گەپ قىلمىغان ياخشى بەزىدە. سىستەرىيان راھىبلىرى بۇنى تەتۈر چۈشىنىۋالدىمۇ بىلمىدىم، بىر موناستىردا ياشاپ بىر-بىرىگە گەپ قىلمايدىكەن، كۈلۈشمەيدىكەن، شەرەت-ئىشارە بىلەن گەپ ئۇقتۇرىدىكەن، نېمانچە ساراڭلىقتۇر دەيمە… لېكىن بىر نەزەرىيە ئىجاد قىلدىم بۇنىڭدىن، ئادەتتە قاپاق تۈرۈپ يۈرسە كىشىلەرنىڭ چىرايى شۇنداق قىرلىق بولۇپ قالامىكىن دەيمە، يەنى ئاز كۈلىدىغان ئادەملەر رەھمەتلىك ھىسامكامدەك بولۇپ قالمايدۇ. مۇنۇ ئەڭ سەتەڭ مودىللارغا قارىسىڭىزمۇ شۇ، قاپاقنى تۈرۈپلا تۇرغان، ئۆزلىرىچە كۇل بولغىنى، قوسىقىدا ئوماچ يوق، بىر خىل راستەك كۆرىنىدۇ لېكىن. بۇ خىرىستىيانلار شۇنداق كۈلمەي، گەپ قىلماي، قورسىقى تويمايلا يۈرگەچكە مىڭ يىللاردىن كېيىن ئەۋلاتلىرى شۇنداق قىرلىق چىراي بولۇپ قالدىمىكىن بەلكىم تازا چەك باستۇرۇپ قوپۇرغان خىش تاملاردەك. پادىشاھلىرى بەك سەت بولمىسا. مەنچە يەنىلا كىشىنىڭ قۇلاق پەردىلىرى مىدراپ تۇرغان ياخشى، ئاۋازلار خۇددى رەڭلەردەك گۈزەل، ئىككىسىنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. سائادەت خانىم 40 كۈنلۈك سۈكۈت فىلمىدە ئاۋازنى مەركەزلىك ئىشلىتىپتۇ. ئاياللار خۇددى چاي-چۆگۈندەك قارىلىدىغان جەمئىيەتتە، ئايالنىڭ ئاچچىق قايغۇلىرى ئەلۋەتتە تەبىيەت ئاۋازلىرىدا ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ-دە… بۇنى كاتالىن ۋارگا فىلمىدىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ، قاراڭغۇلۇق، بۇرۇقتۇملۇق. ئەپسۇس، 40 كۈنلۈك سۈكۈتمۇ بىبىجاننى گۇناھ تۇيغۇسىدىن قۇتۇلدۇرالمىدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۆزنى گۇناھكار ھېس قىلدى. ئۆز-ئۆزىمىزنى بەنت قىلىۋالغان چۈشەنچىلەر ئوي-پىكىر، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە ھۆكۈمران؟ پەردىلەرنىمۇ ئۆزىمىز تارتىۋالىمىز، ئادەملەر بۇزۇلغاچقا پەردە تارتىلغانمۇ يا پەردە تارتىۋېلىپ بۇزۇلۇشقا باشلىغانمۇ؟ يەنە شۇ چۈجە توخۇم ھېكايىسىگە قايتىپ قالىدۇ كىشى.

5-پەردە

پەردە ئېچىلدى، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇسسۇلچى قىزلار نامانگاننىڭ ئالمىسىغا كەلتۈرۈپ، چىرايلىق كېيىملىرى بىلەن ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى. قىنى، قېرى بويتاقنىڭ مىڭە پەردىلىرىگە بىر نەزەر ئاغدۇرايلى:

ئاي-ھاي، نېمانچە گۈزەل دېسىڭىزچۇ… بويتاق ھاياجانلانماي قالمىدى، خۇددى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېلېمىنتلىرى شۇ مۇزىكىغا، شۇ نەۋائىي زامانلىرىنى سىغىندۇرىدىغان تېكىستلەرگە، شۇ قېنىق-سۇس رەڭلەرگە، قات-قات نىپىز پەردىلەر، ۋە شۇ پەردىلەر ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان، نېمىشقىدۇر ئاجايىپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىغان سىرلىق دۇنياغا سىڭىپ كەتكەندەك. قىزىل كۆينەك ئۈستىگە يېقىشلىق قارا پەلتۇ كېيۋالغان سەل ۋىجىك ئەمما چىرايلىق بىر قىز بىر ئاز كېچىكىپ كەلدى ھەم بويتاقنىڭ ماگنىتىنى ھېس قىلغاندەكلا قۇر ئاتلاپ بويتاقنىڭ ئالدىدىن سۈركىلىپ ئۆتۈپ (ئەپسۇس بويتاق بۇنداق يەرلەردە بەكلا ئەدەبلىك بولىۋالىدۇ، ئالدىن يول بېرىپ) بىر ئورۇن تاشلاپ يېنىدىلا ئولتۇردى. تۇرقىدىن قازاق ياكى قىرغىزلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ قىز بويتاقنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمىدى. كىچىكىدە رەسسام تاغىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ رەسىم سىزىپ يۈرگەن تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بولغاچقىمۇ، ئۆزىچە شەكىللەندۈرۈۋالغان گۈزەللىك ئۆلچىمى بار ئىدى، ئۆلچىمىگە چۈشمىسە بىردەك قارىمايتتى. قېرىشقاندەك بۇ غەلىتە ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان قىزلار خۇددى يۈز يىلدا بىر چىقىدىغاندەك ئاز بولاتتى. خاراكتېرىنى ياقتۇرغان ئەمما كېيىنىشىنى ياقتۇرمىغان قىزلارغا بېرىپ دەرس ئۆتۈپ بەرگۈسى كېلىپ كېتەتتى كېيىم كىيىش ھەققىدە. ۋاي، نەقەدەر نادانلىق بۇ ئويى دېسىڭىزچۇ… ھەر ھالدا ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىلىكى بار، شۇڭلاشقىمۇ تېخى بىرەر كىمگە دەپ باقمىدى. مانا، خۇدايىم بۇيرىغاندەك بۇ ئوماق قىز ئۆلچىمىگە چۈشىدىغاندەك كېيىنىپتۇ. قاشلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان شۇ ئاق-سېرىق چىرايىمۇ سۆيدۈرگۈچى… ئەپسۇس، گەپ قىلىشقا پۇرسىتى بولغاندىمۇ خۇددى بۇرۇن قانداق پۇرسەتلەر كەلسە شۇنداق قىلغىنىدەك، ھىچ ھەرىكەت قىلمىدى. بۇ خىل ھېسسىياتىنى لۇغەتتە بار سۆزلۈك بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن. يەنى، جۈرئەتسىزلىكمۇ ئەمەس، قورقۇنۇچمۇ ئەمەس، خالىماسلىقىمۇ ئەمەس، بىر خىل تەقدىر بىلەن قېيىشقاندەك. خۇددى ئاسماندىن بىرى قول سوزسا، قاراپ قويۇپ يولىغا داۋام قىلغاندەك، كېپىنەكتەك پىرقىراپ ئايلىنىپ ئۇچۇپ، پۇرىقىنى پۇراپ قويۇپ ۋىڭڭىدە قايرىلىپ ئۇچۇپ كەتكەندەك. ئۆزىنى شۇنداق بېشىمۇ تۈزۈك باشلانمىغان رومانتىك ھېكايىلەرنىڭ پىرسوناژى دەپ يۈرەمدۇ تازا ئېنىق ئەمەس. قىز كەتتى، شۇ بىر نەچچە دەقىقىدىكى سۈر-رومانتىك كارتېنىلارنى تورناتورىنىڭ فىلىملىرىدەك كاللىسىغا ساقلىۋېلىپ يولىنى داۋام قىلدى.

ئەمەلىيەتتە بويتاقنىڭ ھاياتى ھىچ زېرىكىشلىك ئەمەس. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەيلا يۈرۈكلۈك. ئەڭ مۇھىمى، شۇ بىزنى تەسىرلەندۈرۈپ كۆزلەردىن ياش چىقىرىدىغان ئېغىر-ئېغىر ھىسسىياتلار بىر قارىماققا شۇ مىڭە سىگنالى چىقارغان خىمىيىلىك رىئاكسىيەرلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق بولغاندا ئەگەر شۇنداق رىئاكسىيەنى سۈنئىي ئۇسۇلدا غىدىقلىساق ئوخشاش تۈردە ھاياجانلىنىمىز. بىر كۈنلەردە ھاياجان دورىلىرى، سۆيگۈ دورىلىرى، رەھىمدىللىك دورىلىرى دەپ سېتىلىپ كەتسە ھەيران قالمىغۇلۇق. بۇ نۇقتىدا ساراڭ ئادەملەرمۇ ئەسلى نورمال ئادەملەر. پەقەت بىزگە ھازىرغىچە سىر بولىدىغىنى، گىن شىفىرلىرىمىزدىكى شۇ ئۆزگىرىشلەر نىمىشقا يۈز بېرىدۇ؟ بۇنداق سوئاللار ئاسانلا بويتاقنىڭ بىشىنى قايماق قىلىدۇ ۋە ھەر زامان بەدىنىدە يۈز بېرىۋاتقان مىليارد-ترلىيونلارچە يىڭلىنىپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان گىن شىفىرلىرى قۇلىقىغا تىنىمسىز پىچىرلاۋاتقاندەك، ئۈزۈلمەس تاللاشلارنىڭ تۈرتكىسىدە پىتىرلاۋاتقان مىليارد ئادەمدەك بىلىنىدۇ. ئەڭ ئىچىنى سىقىدىغان ئىش شۇ تاللاشلار مەقسەتلىكمۇ ياكى مەقسەتسىز ئىختىيارى تاللاشلار ئاستىدا ئايلىنامدۇ… قارىماققا تاللاش بەلكى ئېختىيارىدەك، تاللغىنى بولىدىغان ئىش بولسا بويتاق ئاللىقاچان ئاتا بولغان بولار ئىدى دادىسىدەك.

ھايات داۋام. ھەركىمنىڭ ھاياتى باشقىچە، رىئاللىقنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلىنىدىغان ھاياتتا ھەركىم پەقەت قاتمۇ-قات پەردىلەر ئىچىدىكى قالايمىقان تاللىنىشلارنىڭ نەتىجىسىدە يا ئۇنداق يا بۇنداق ياشايدۇ، ئەپسۇس، بويتاق ھەم ھېچكىمنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ…

* ئ‍ىسپان تىلىدا روھ، قەلب سۆزىنى ئالما دەيدىكەن، يەنى ئىنگىلىز تىلىدىكى soul

2016

يورك، لوندون، كامبىرىج (ماسساچۇستىس)

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

نەمانگاننىڭ ئالمىسى* ئۈچۈن 7 ئىنكاس بار

  1. بىلىم مۇنداق يازغان:

    خۇماغا ئوقۇيدىغان تېمىلىرىڭىز چىقىپتۇ يەنە، كۆپ رەخمەت.
    قوشۇمچە بىر سوئالىم بار ئىدى، ئالما كومپىيوتىرنىڭ سېستىمىسىدا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قانداق قىلغاندا توغرا تولۇق باسقىلى بولىدۇ، ئاكا. مەسىلەن ئې ھەرىپىنى باسقاندا E نىڭ ئۈستىدىكى يانچە سىزىقنى قانداق باسىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن خەت كىرگۈزگۈچنى قانداق تەڭشەش لازىم. ۋىندوس سېستىمىسىدىكى تەڭشەشنى بىلەتتىم، ئەمما مەكنىڭكىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، بىلسىڭىز، يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، رەخمەت ئاكا.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      رەھمەت!

      كىرگۈزۈش ئاسان، تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ:
      OPTION+e, e
      يەنى، ئالدى بىلەن e ھەرىپ كۇنۇپكىسى بىلەن Option (Alt)
      كۇنۇپكىسىنى تەڭ بىسىپ قويۋېتىپلا يەنە e ھەرپىنى باسسىڭىز é ھەرپى چىقىدۇ. ü, ö
      ھەرىپلىرى ئۈچۈن، Option (Alt) + u
      كۇنۇپكىسىنى بىسىپ قويۋەتكەندىن كېيىن، قايتا ئۇ ياكى ئو كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز چىقىدۇ.

      ئىنىق بولمىسا بۇ ئۇلىنىشتىن پايدىلنىڭ:
      https://www.bu.edu/geddes/files/2011/04/accents-mac.pdf

  2. Leglek مۇنداق يازغان:

    4 پەردىنى ئوقۇپ ھەزىم قىلىپ بولالمىدى كىشى، 5-پەردىنى ئالدىرىماي يازسىڭىز بولغىدەك .(*^__^*)

  3. بىلىم مۇنداق يازغان:

    كۆپ رەھمەت ئاكا!

  4. فاتىمە مۇنداق يازغان:

    كۈلۈپ كەتتىم، ئويلاپ ئويغىنىپ ئويلاپ ئۇخلاپ قېلىشلاردىن. خۇددى شارپىدەك ئۇزۇن، قاتمۇ-قات يۆگىلىپ كەتكەن خىياللاردىن. نېمانچە قىلىسەن دەپ سورىغان سوئاللارغا يالغۇز قالغىنىمدا جاۋاپ بەرمەكچى بولىمەن، ۋاي، شۇ نېمانچە قىلىمەن، ئوھۇششش، ئىشىنى قىلسۇنا ھەممىسى دەپ كۈلۈپ كېتىمەن.
    قەستەن ئاجىز قىياپەتكە كىرىۋېلىشنى كىمدىن، قەيەرلەردىن ئۈگەندىمكىن؟ ئىشقىلىپ ئەتراپىمغا شۇنداق بىر ھالەتتە كۆرۈنمىسەم خەقلەر مېنى تاشلىۋىتىدىغاندەك قورقۇنچتا ياشايمەن. توۋا~!~! دەيمەن بەزىدە، چوڭ بولسام كۈچلۈك بولىمەن دەپ غايە تىكلەپ، دېگەن يېرىمگە ئەكەلسە تەتۈر بولىۋالغىنىم نېمىسى دەپ؟
    ياكى ئەرلەر بەك قورقۇتىۋەتكەنمۇ يامان قىزۋالىكەن دەپ، شۇندىن بۇيان ياخشى بولۇشقا بەل باغلىغان چېغىم!
    ئىچىم پۇشىدۇ، بېرەي دېگەنسىرى ئىتتىرىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن. يامانلىق قىلسا خۇش بوپكېتىدىكەن تېخى نۇرغۇنلىرى بىز مۇشۇنىڭغا لايىق دەپ. يا مەن زامانغا باقمىدىم، يا زامان ماڭا باقمىدى، ئىشقىلىپ بىر يېرى بىر قانداق.
    تاڭ جۇمۇ، كەسپىم بىلەن يالغۇز قالغاندا ئاجايىپ خۇش بولىمەن. نېكاھىم ئوقۇلغاندا قاقاقلاپ كۈلگەنتىم، باشقا قىزلار نېمىشقا يىغلىغان بولغىيدى دەپ ھاڭۋاققان شۇ مىنۇتلاردا. ئىچ-ئىچىمدىن خۇش بولغۇملا كېلىدۇ، ئەمما كىشىلەر خۇشاللارنى ئۆچ كۆرەمدۇ بىلمىدىم، سورايدۇ، سىزدە قايغۇمۇ بارمۇ دەپ. قايغۇمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ كۈلۈپ كېتىدىغان تۇرسام خۇددى ئاغرىپ قالسام كۈلگەندەك. يا ئادەملەر چاتاق يا مەن.

    ئىشقىلىپ، بۇ نەچچىنچى پەردە بوپكەتتى؟ مىيۇنخنىدا يېگەن گۆشنان بويتاقنىڭ ئېسىدە بارمىكىن؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت. شۇنداق ئېسىمدە، شەھەر مەركىزىدىكى مارىن مەيدانىدا يىگەنتۇق. ۋاقىت ئاجايىپ تىز ئۆتىدىغۇ :)

  5. ئابدۇخالىق مۇنداق يازغان:

    ماقالىرىڭىزنى ئوقۇپ ،ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتىم ئاكا،شۇنچىلىك ئاددى ،ھەم مەيىن شامالدەك يىنىك تىللار بىلەن يىزىپسىز، ئۆزىڭىزنىڭ چىن ھىس تۇيغۇلىرىڭىزنى ،رىئال روھى كەچۈرمىشلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقنىڭىزغا كۆپ رەھمەت،كۆپ نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇردىڭىز ھەم تولىمۇ ھۇزۇرلاندىم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif