تۈركىيەدە تاققا چىقىش

مۇشۇ تاغلارنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغاچقىمۇ، تاغلارنى ئاجايىپ ياخشى كۆرىمەن. تاغ چوققىلىرىغا يامىشىپ چىقىپ ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىشتىن ئارتۇق ھۇزۇر يوق ماڭا. تاغلارنىڭ ئىچىدە ياشىسامكەن دەيمەن مۇمكىن بولسا.

ھەر خىل بېسىملاردىن (نىتەي، ھەممىدىن ئەشەددىسى توي قىلىش بېسىمى…) قېچىش ئۈچۈن 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركىيىنىڭ غەربى جەنۇبى دېڭىز ساھىلى ئۆلۈدىنىز (ئۆلۈك دېڭىز، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر كىچىك بالا شۇ ساھىلدا ئويناپ ئۆلۈپ قالغانمىش بىر زامانلاردا، شۇنىڭ بىلەن شۇنداق ئاتىلىپ قاپتۇمىش) گە بېرىپ بىر ھەپتە تۇرۇپ كەلدىم. بۇ يەرنى تاللىشىمدا شۇ ساھىل يېنىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئىككى مىڭ مېتىرغا يېقىن (1969 مېتىر ئېگىز) باباداغ چوققىسىنىڭ بارلىقى ئاساسى سەۋەب بولدى.

8-ئاينىڭ ئاخىرى بۇ تەرەپلەردە ھاۋا بەكلا ئېسىل بولىدىكەن، بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس، كەچلىرى شۇنداق سالقىن، خۇددى غۇلجىنىڭ شۇ ئايلاردىكى ۋاقتىدەك. دېڭىز بىلەن بەكمۇ خوشام يوق، ياخشى كۆرمەيمەن ئەمەس، پەقەت بىرەر ئىككى سائەت ئولتۇرۇپلا زېرىكىپ قالىمەن. سۇدىن باشقا ھىچ نەرسە يوق، ئەلۋەتتە ئىلمان سۈپسۈزۈك سۇدا چۆمۈلۈش بىر ھۇزۇر، شۇنداقتىمۇ بېلىق ئەمەسلىكىمنى ئىتراپ قىلماي بولمايدۇدە. لېكىن خېلىلا كۆپ ساندىكى كىشىلەر بەك ئامراق بولىدىكەن، مەندە ئۇنداق زېرىكمەسلىك ھېسسىياتى پەقەت ئېگىز تاغلىق رايونلاردىلا بولىدۇ. گىگانت تاغلارغا كۆزۈم ھىچ تويمايدۇ. ئويلىسام كىچىكىمدىلا غەلىتە يەرلىرىم باركەن. تۆۋەنكى خونخاي كەنىتلىك باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقىنىمدا ھەر تەنەپپۇستا قىلىدىغان ئىشىم، تامنىڭ تۈۋىگە بېرىۋېلىپ خانتەڭرىنى مەركەز قىلغان تەڭرىتاغلىرىغا قاراش ئىدى، 15 مىنۇتلۇق تەنەپپۇسنى كۆپىنچە شۇنداق ئۆتكۈزەتتىم. مەكتەپتىن قايتىپ بىنەملىكتە قوي باققاچ كۆزۈم يەنىلا شۇ تاغلاردىن ئۈزۈلمەيتتى، خۇددى ھىلىقى ئىنگىلىزچە ناخشا “Can’t take my eyes off you” تەسۋىرىدەك. ۋادەرىخ، ئەگەر شۇ خىل تىكىلىپ قارىشىمنى بىرەر قىزغا ئىشلەتسەم كۆيۈپلا قالاتتىدە، چىرايىمنى ھەر قانچە ئىشىك قىسۋالغان تەقدىردىمۇ. كەچۈرۈڭلار، ئادەم قېرىغاندا بالىلىقىنى كۆپ ئەسلەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن…

سۈرىيەدىكى ئۇرۇش، كۇردلار رايونىدىكى ئەنسىزلىكلەر، روسىيە بىلەن يىل بېشىدا بولغان سىياسى سۈركىلىشلەر چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى خېلىلا قاچۇرۇپتۇ تۈركىيەدىن(تۈركىيە روس ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ بارىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى)، شۇنداقتىمۇ ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ساھىلنى بىر ئالدى. مەنمۇ شۇ مەن سۆيگەن بۇ دۆلەتكە قىيىنچىلىق ۋاقتىدا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇش ئۈچۈن (بەك سەت ئىنقىلابى ھە ما گەپ) يۈرەكنى شىردەك قىلىپ باردىم، مەنچە ئەجەل كەلمىسە تىمساقنىڭ قوسىقىدىنمۇ ساق چىقىسىز. ئىنگىلىزلاردەك ساراڭ خەق يوق. ئىمپېرىيە زامانىسىدىن بېرى دۇنيانى يەتكۈچە قالايمىقان قىلغان بۇ خەقلەرنىڭ قېنىدا بارمۇ بىلمىدىم، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ كېتىۋېرىدىكەن. تۈركلەردىن قالسا ئەڭ كۆپ ساياھەتچىلەر شۇلار. ھەتتا بازاردىكى ماللارنىڭ باھاسىمۇ دوللار ياكى ياۋرۇدا ئەمەس بەلكى فوند-ستېرلىڭدا يېزىقلىق، قىزىقارلىق بىر خىل. يەنە بىر سەۋەبى، تۈركىيىدە ساياھەت قىلىش بىرىتانىيەلىكلەر ئۈچۈن كۆپ ئەرزان، ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاساسى نوپۇس چىقىش قىلالايدىغان ھەشەمەت. بۇ باشقا بايراق دۆلەتلەرگىمۇ توغرا كېلىدۇ، شۇنداقتىمۇ بىرىتانىيەلىكلەر بېسىپ كەتكەن ھەممە يەرنى، شۇ چاغدىلا بىرىتانىيەلىكلەرنىڭ نېمىلا ئىش بولسا “we don’t give a shit” (نېمە كارىم، ئىشىنى قىلسۇنا ۋاي دېگەندەك مەنىدە) دېگىنىنى مەنىسى بىلەن چۈشىنىسىز، يەنە بىرىگە بۇ خەقنىڭ قىززىقچىلىققا ئامراقلىقى تۈركلەر ئۈچۈن پۇل تېپىش يولى، مۇزىكىنى ۋاڭىشتىپ قويۇپ ئىككى تۈرك ئۇسسۇلچىنى سالاغا چىقىرىپ قويسىڭىز چوڭ-كچىك دېمەي چىقىۋالىدۇ :~~~

ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدىكى كىلىمات كىشىگە شۇنداق يېقىشلىق. مەيلى ئىسپانىيەگە بېرىڭ، ئىتالىيەگە ياكى گىرىتسىيەگە، ئوپمۇ-ئوخشاش كىلىمات. ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىسىمۇ چىرايى ئوخشاش، خاراكتېرى ئوخشاش ئادەملەر. ئىچىدىكى كەيپىياتى تېشىغا تېپىپ تۇرىدىغان، دەم ئېلىشقا ئامراق ئادەملەر. ھېلىمۇ ياخشى، تۈركلەرنىڭ بۇ جايلاردىمۇ نېسىۋىسى باركەن، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى جۇغراپىيە مۇئەللىم شۇڭا بەك قاخشايدىغان، نىمىشقا بىزمۇ ئەگىشىپ كەتمىگەندىمىز شۇلارغا دەپ ھەۋەس قىلىپ سۆزلەپ كېتەتتى. مانا تىل ۋە مەدەنىيەتتىكى ئوخشاشلىق سىزگە شۇنداق يېقىنچىلىق ھىس قىلدۇرىدۇ، خۇددى ئۆز يۇرتىڭىزدا يۈرگەندەك، ھىچ ياتسىراش يوق، ئەتراپتىكى مەھەللىلەرنى ئايلانغىنىمدا خۇددى غۇلجا شەھىرىدىكى بايكۆل مەھەللىسىنى ئايلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.

بۇ قېتىمقى ساياھەتتە مېنى ئەڭ خوش قىلغان نۇقتىلار:
1. سۇس كۆك (سۆسۈن دەمدۇق، پەرەڭلەر turquoise دەيدۇ) رەڭلىك، سۈپسۈزۈك دېڭىزدا بېلىقلار بىلەن تەڭ ئۈزۈش كىشىگە ئاجايىپ خوش ياقىدىكەن، ئەگەر غەۋۋاسلار كىيىمى بولسا تېخىمۇ ئېسىل بولغۇدەك. شۇنداقتىمۇ ئاراللارنىڭ تېيىز ساھىللىرىدا بىر نەپەس بىلەن شۇڭغۇپ ئۈزۈپ ھەر خىل بېلىقلارنى تويغىچە كۆرۋالدىم، ھەممىدىن ئۆزگىچە بېرى بەدىنى ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشاش سەل قارامتۇل بىر بېلىق بولدى. ئەپسۇسلىنارلىقى سۇ كامېراسى ئېلىۋالماپتىمەن، بەك ئەرزانكەن ھازىر ئۇنداق كامېرالار ئامازوندا، ھەم ئىشلىتىش شۇنداق قولايلىق.

2. باباداغ چوققىسىدىن پاراشۇت بىلەن ئۇچۇپ دېڭىز ساھىلىگە قونۇش. بۇ سەپەردە ئۆلۈمنىڭ تەمىنى يەنە بىر تېتىپ باقتىم. ھېس قىلدىمكى، داۋاملىق ئۆلۈمنى ساغلام رەۋىشتە ئويلاپ تۇرۇش، ھاياتنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىپ تۇرۇش بەك ياخشى تەييارلىقكەن. راستىنلا چوڭ بولۇپتىمەن دەپ قالدىم شۇ ھايات-ماماتلىق دەقىقىلەردىكى ئۆلۈمگە بولغان بۆلەكچە، ئۆزەممۇ كۈتمىگەن پراگماتىك مۇئامىلەمگە قاراپ.

ئۈستىدە دېگىنىمدەك، دېڭىزدىن 1969 مېتىر ئېگىز بۇ چوققا دېڭىزنىڭ تۈۋىدىلا بولغاچقا بەكلا ھەيۋەت كۆرۈنىدىكەن. پاراشۇتتىن تاغ ئۈستىدىن سەكرەش ساياھەتچىلەر بولسۇن ياكى شۇنداق ھەرىكەتكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن بولسۇن، ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان بىر تۈركەن. ئەلۋەتتە، بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى، شەكسىزكى دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل بىر شارائىت بىلەن تەمىنلەپتۇ. كۈنىگە پاراشۇتتىن سەكرەيدىغان ئادەمنىڭ ھېسابى يوق، سەھەردىن گۇگۇمغىچە ئاسماندا بېلىق ئالغۇچلار بىلەن بەسلەشكىدەك رىكورتتا، ئەڭ ئازدا كۈنىگە ئىككى يۈز ئادەم قېتىم دەپ پەرەز قىلدىم، ياخشى ئىقتىسادى مەنبەكەن يەرلىكلەرگە. دەل شۇ يۈزدىن، باباداغ چوققىسىنىڭ ئەڭ بېشىغىچە ياسالغان يول باركەن. ئالدىن تەييارلانغان مىنىبۇس ماڭا ئوخشاش ساياھەتچىلەرنى مېھمانخانىلاردىن تېرىپ، ئۇچۇرۇپ دېگۈدەك ئاچىقىدىكەن چوققىغا. بۇنداق يولنى مەن موڭغۇلكۈرە – چاپچال ئارىسىدىكى كەسكەن تاش داۋىنىدىلا كۆرگەن. بۇ يول ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر، ھەم ئېگىز، شۇ مىنىبۇستىكى 15-20 مىنۇتلۇق سەپەرنىڭ ئۆزىلا سىزگە يېتەرلىك سوغۇق تەر بېرىپ ئۈلگۈرىدىكەن. ئەسلى قېرىغاندا جىم يۈرەي دەپمۇ ئويلاشقان. لېكىن ئويلاپ باقسام، كىچىكىمدىن ھەممە ئىشنى پىلانلاپ، ئەتراپلىق قىلغاچقا، ھەم يەنە بىرىگە كىتاب خالتىسى بولغاچقىمۇ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرەي دېسەم بىرەر قىزىق ھېكايەمنىڭ تاينى يوق، ئىچىم سىقىلىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، ئادەم شوخ ياكى ساراڭقىتىش بولسىمۇ ياخشىكەن دەپ قالىمەن، ھىچ بولمىغاندا بىر مۇنچە كىشىلەرنى كۈلدۈرەلەيسىز. مىسالەن ئېيتساق، قەدىرلىك ئىنىم ئاجايىپ قىزىقچى، بەك يۇمۇرلۇق گەپ قىلىدۇ، ھەم قىزىق ئىشلىرى كۆپ. ئاپامنىڭ ھازىرغىچە ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغىنى، كىچىكىدە ئاپام بىلەن ناھىيەگە بازارغا چىققىنىدا ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ ياندىكى ئۆستەڭگە دومىلاپ چۈشۈپ كەتكەن ئىشى…دېگەندەك. ئەلقىسسە، شۇنىڭ بىلەن قەتئىي قارارغا كېلىپ ئىشتانغا چىقىرىشقا ئاز قالغۇزىدىغان پاراشۇتتا ئاسمان بېغىرلاش قارارىغا كەلگىنىم بولدى، ئابىيام دېمەي ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. كىممۇ ئويلىغان دەيسىز، خۇددى تويىۋال دېگەندەك راستىنلا ئەستىن چىقمايدىغان ۋەقە بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەگە سەۋەبچى بولغىنىمۇ بەكلا چىرايلىق بىر قىز. 20 ياشلار چامىسىدىكى كىنولاردىمۇ كۆرۈش نىسپ بولمايدىغان بۇ تۈرك قىزى پاراشۇتتىن سەكرەش ئەنجۈمەنىكەن (مەستانىسى دېسەم تېخىمۇ توغرا بولار بەلكىم). يىڭى ئۆگەنگۈچى بولغاچقا بىر دوستى ياش بىر يىگىت ئۇچقۇچىغا (كىنىشكىسى بار پاراشۇتچىلارنى شۇنداق دەيدىكەنمىز، دېمىسىمۇ پاراشۇتنى ھەر خىل باشقۇرۇپ، ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ ئۇچىدىكەن، ئايروپىلاندىن سەكرىگەندىن سەل پەرقلىق) كۆز-قۇلاق بولۇشىنى تاپىلاپ قويۇپتۇ. قېرىشقاندەك دەل شۇ ئۇچقۇچى چەك تارتقاندا ماڭا چىقىپ قالسا بولىدۇ. ئۇچقۇچى مېنى ئېلىپ باشتا ئۇچتى، قىز ئۆزى ئارقىمىزدىن يالغۇز ئۇچتى. يىگىتلەرنىڭ چىرايلىق قىزلار ئالدىدا زىيادە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراقلىقى جاھان جاھان بولغاندىن بۇيان قەتئىي توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغان ئىش. بېشىمدىن كۆپ ئۆتمىسىمۇ ئۇچۇشتىن بۇرۇنلا شۇنداق بىر پىسخولوگىيەنىڭ يىڭى بىر دراممىلارغا سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى سەل بىخاتىرجەم قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى. مانا، يىگىت قىزغا بەكلا يىقىن ئۇچتنى، ھەتتا گەپلىشىپ يۈرىدۇ. ئىككى مىڭ مىتىردىكى بوشلۇقتىن ئاستا ئاستا پەسلىمەكتىمىز، يىپ كۇسارغا ئوخشاش چاتىراقتىن ۋە مۈرىدىن باغلاپ تۇرىدىغان تاسمىلاردىن باشقا ھىچ نەرسىڭىز يوق، پۇتىڭىز ئەركىن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. تېخى ئۇچقۇچى بىر قوللۇق ماشىنا ھەيدىگەندەك، يەنە بىر قولىدا ئىككىمىزنى رەسىمگە، فىلىمگە ئېلىپ ئالدىراش. يەنە قىزغا يىقىنلايدۇ، بىرەر ئون مىنۇت ئۆتتى، ئەتىمالىم يەنىلا ئاز دېگەندە 1500 مېتىر ئېگىزلىكتە، ئاستىمىزدا زىمىن بىلەن ئوتتۇرا-يەر دېڭىزى تۇتاشقان قىرغاق. قىز نەزىرىمىزدىن يوقاپ كەتكەن ئىدى، ئويۇمچە ئۇزاپ كەتتى دەپ چۈشەندىم. كۈچلۈك رۈزىگارغا يۈزلىنىپ ئاياق ئاستىمدىكى ئاجايىپ گۈزەل دىڭىز ساھىلى، تاغلارنى كۆرۈپ ھاياجاننى ئاران بېسىپ ئولتۇرغاندا، شۇنداق تۇيۇقسىز ھىلىقى قىز پاراشۇتى بىلەن تاق ئۈستىمىزگىلا چۈشسە بولىدۇ. پاراشۇت دېگەننىڭ يىپى ئاجايىپ كۆپ بولىدىكەن، سىكۇنىتتلا قىز يىپلارغا ئورۇلۇپ كىرىشىپ قالدى پاراشۇتىمىزغا. دەل شۇ ۋاقىتتا، دېدىمكى، ھاياتىم مۇشۇنچىلىككەن، قوبۇل قىلماقتىن باشقا ئىكانىم يوق دېدىم، مۆجىزە يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم، ئەپسۇس ھەم فىزىكىچى، ھەم ئىشنى يامىنىغىلا ئويلايدىغان (پاسسىپ دېسەك بولۇرمۇ) بولغاچقىمۇ قۇتۇلۇشقا ئىشەنمىدىم. زىيادە قوبۇل قىلۋەتتىممۇ بىلمىدىم، تىتىرەشمۇ، قورقۇنۇچمۇ بولمىدى. مەن بىلەن ئۇچقان يىگىت راست يامانكەن، قىزنىڭ ئىزتىراپ ئۈمۈدسىز جۇلقىنىشلىرى تەتۈر ئۈنۈم بېرىدۇ ئەلۋەتتە. يىگىت بىر تەرەپتىن قىزنى قورقماسلىققا ئۈندىسە (ساقىن بول، ساقىن بول دېگەن سۆزلىرى شۇنداق زىل ھەم ئىشەنچ بىلەن چىقاتتى)، يەنە بىر تەرەپتىن پاراشۇتنى پۈتۈنلەي يىغىپ قىزىنى بوشىتىپ ئۈلگۈردى، پاراشۇت يىغىلغانلىق سەۋەبلىك بىزمۇ پەسكە تىز تۆۋەنلىدۇق، قىز يۇقىرىغا قۇتۇلۇپ چىقىپ كەتتى. پۇت–قول، باش-كۆزلىرى بىلەن ساناقسىز پاراشۇت يىپىغا كىرىپ قالغان قىزنىڭ شۇ بوشلۇقتا قانداق قۇتۇلۇپ چىقىپ كەتكىنى ماڭا ھازىرغىچە ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئويلىغىنىمدەكلا پاراشۇتىمىز قايتا ئېچىلغاندا بىر قىسمىنىڭ يېرتىلغىنىنى كۆردۈم. ھەر ھالدا يىپلار ئۈزۈلمەپتۇ. ھاۋا بېسىمى سەۋەبلىك يىرتىلغان قىسمىنىڭ چوڭىيىپ كېتىش ئېھتىمالىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇردۇم. ئامما بۇ تۈرك 22 ياشلىق ئۇچقۇچىنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىققاندەك ئەمەس، يەنە ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ، خۇددى دىسنېي باغچىسىدا يېرىم چەمبىرەك چىقىرىپ ئىككى ياققا پۇلاڭشىپ ئولتۇرغانلارنى چىقىرتىپ قورقىتىدىغان بوشلۇقتىكى ئورۇندۇقتەكلا بولىدىكەن، دەل شۇنداق قىلىدۇ، بىر ئارقىغا پۇلاڭشىيمىز، يۈزۈم يەرگە پارالىل، بىر ئارقىغا پۇلاڭشىيمىز دۈمبەم يەرگە، شامال ھەم پاراشۇتنىڭ ئېلاستىكىلىقى، ھەم مىڭ مىتېر ئېگىزلىك كىشىگە خېلىلا توخۇ ئەت بېرىدىكەن. ئاخىرىدا بىرمۇنچە پىرقىراپ ئالاھەزەل 40 مىنۇتلۇق ئۇچۇشتىن كېيىن يەرگە ساق-سالامەت چۈشىۋالدىم. قىز بالىنىڭ كۆپ يەرلىرى تىلىنىپ كېتىپتۇ، ھەممىدىن كۆرۈنەرلىكى بوينىدىكى يوغان پاراشۇت يىپى قالدۇرغان قىزىل ئىز، ھېلىمۇ رىزقى باركەن. ئۇچقۇچۇم خېلىلا گەپ ئاڭلىدى باشلىقىدىن، ئالدىراپ تاماكىسىنى چوڭقۇر تارتىپ ئولتۇردى. پاراشۇتى رىمونت قىلىنمىغۇچە ئۇچالمايدىغان بولدى. ئاخىرىدا بىر خېل خوش بولۇپ قالدىم، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى يەنە بىر تىتىغىنىمدىن، ھەركىمگە بۇنداق پۇرسەت كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە.

3. باباداغ چوققىسىنى خېلىلا قىيىن شارائىتتا ياۋايىلارچە بويسۇندۇرۇش. چوققىغا چىقىش جەريانىدا كۆرگەن ياۋا گۈل، ئاجايىپ چىرايلىق كەسلەنچۈك، كېپىنەكلەر، تىك تاشلار…

بارغان كۈندىن باشلاپ كاللامدا شۇ چوققىنى بويسۇندۇرۇش ئەگىپلا يۈردى . بىرىنچى قېتىم نورمال يول (يەنى مەخسۇس بەلگە قويۇلغان، تاغقا چىققۇچىلار ئۈچۈن ئاسانلاشتۇرۇلغان يول) دا سىناپ بېقىش نىيىتىدە يولغا چىقتىم. ئەپسۇس، نىسبەتەن ئاسان بۇ يولنىڭ مۇساپىسى بەك ئۇزۇنكەن، يېرىمىغا چىقمايلا كۈن كەچ كىرەي دېدى، ئۆزۈممۇ بەك كەچ باشلىۋاپتىمەن. قايتاش يولۇمدا خېلىلا قىينالدىم، ئەسلى ئۆزۈمچە كەلگەن يولدىن چۈشمەي، قىسقا يول تېپىش ئۈچۈن ئادەم ماڭمىغان رايوندا توغىرسىغىلا چۈشتۈم. يامان يېرى، تاغنىڭ بۇ يۈزى پۈتۈنلەي تىكەنلىك چاتقاللىق، تىز بويى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلانغان بولغاچقا، ئوچۇق يول بولمىغاندا مېڭىش زىيادە قىيىن بولىدىكەن. تىكەنلەر جېنىمنى بىر ئالدى، ھەتتا كىيمىمنىمۇ يىرتىپ كاردىن چىقاردى. مىڭ تەسلىكتە بىر قۇرغاق ئېقىن قىنىغا كىرىۋېلىپ شۇنى بويلاپ چۈشىۋالدىم، ئاندا مۇندا تىك تاشلارغا ئۇچراپ قالمىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاسان بولدى. گۇگۇم بىلەن تاغ باغرىدىكى مېھمانخانىغا يېتىۋالدىم.

ئىككىنچى كۈنى ۋاقتنى ئۇتۇش، ھەم چېنىقىش مەقسىتىدە تاغنىڭ غەربى شىمالى ئومۇرتقىسىنى نىشان قىلىپ تىك تەرەپتىنلا ياماشتىم. يىراقتىن تاغنى ئېنىق كۆرگىنىڭىز بىلەن، تاغ ئىچىدە ئەھۋالىڭىزنى بىلىش بەك قىيىن بولىدۇ. كۆپ جايلار ئويلىغىنىمدىن قىيىن بولدى، ۋاز كەچمەكچىمۇ بولدۇم، كۆڭۈل ئۇنىمىدى. تىك قىيالارغا يامىشىۋاتقىنىمدا چۈشۈپ كېتىش خەۋپى قوللىرىمنى تىترەتكەن ۋاقتلار كۆپ بولدى. تىكەنلىك ئۆسۈملۈكلەرگە قوشۇلۇپ، 35 گرادۇسلۇق قۇرغاق ئىسسىقمۇ راۋرۇس قىيىنچىلىق بېرىدىكەن. تەر دېگەن توختىماي قۇيۇلۇپ، گەرچە ئالدىرماي تەرلىمەيدىغان بەدەن بولسىمۇ (ئادەتتە جىددى بىر سائەت پۇتبول ئوينىغاندا ئاران تەرلەيمەن، تەرلىگۈدەك گۆشمۇ يوق بۇ تاسما بەدەندە). سۇنى كۆپ ئېلىۋالغان بولساممۇ 1200 مېتىرغا چىققاندا قاق-پاكىز تۈگىتىۋەتتىم. زىيادە ئۇسسۇزلىقنىڭ بېشىمنى ئېلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ تۇردۇم. ھەر خىل كېپىنەكلەر، قۇيرۇقى ئاجايىپ چىرايلىق، رەڭگى خۇددى شۇ دېڭىز ساھىلىدەك نومۇسچان كەسلەنچۈكلەر، تاشلارغا ئۆسكەن بىنەپشە گۈللەرلا داۋاملىق يامىشىشىمغا تۈرتكە بولدى. تەلىيىمگە 1700 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر رېستوران باركەن، بولمىسا داۋاملىق ئىمكانىم بولماستى بەلكى. ئاجايىپ بىر ۋەيرانە ھالدا خوجايىنغا فوند-ستېرلىڭ تۆلەپ (ئەپسۇس يېنىمغا تۈرك لىراسى ئېلىۋالماپتىمەن، ئامما بەك ھالال خوجايىنكەن، شۇ كۈندىكى ئالمىشىش نىسبىتى بويىچە تۈرك لىراسى قايتۇرۇپ بەردى ئىجازىتىمنى ئېلىپ) قوساقنى تويغۇزۇپ قالغان قىسمىنى ھەر ھالدا قىينالماي پۈتتۈرۋالدىم. تەخمىنەن 5 سائەت 10 مىنۇتتا ئەڭ ئېگىز نۇقتىغا يەتتىم. بۇ يەردە بىر پۇنكىت باركەن، يالغۇز ئورمان قاراۋۇلى تۇرىدىكەن. تۈركلەرگە گەپ قىلسىڭىزلا چېيى تەييار، مەنمۇ تۈزۈت قىلمىدىم. ئەپسۇس، دەل مەن چىققان ۋاقىتتا دېڭىزدىن چىققان ھور ئەتراپىنى بىر ئالدى، كۆڭلۈمدىكىدەك رەسىمگە تارتىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. پاراشۇتچىلارنى ئاچىققان قۇرۇق مىنىبۇستىن بىرىگە ئولتۇرۇپ بىردەمدىلا چۈشىۋالدىم. تۈركچە ئاز-تولا بىلگەننىڭ پايدىسى بەك بولدى ئىشقىلىپ.

4. كېپىنەكلەر جىلغىسىدىكى ھاڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان، ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق شارقىراتما. بۇ شاقراتمىنى كۆرۈش ئۈچۈن مايمۇندەك بەدەن بولمىسا مۇمكىن بولمىغۇدەك. مەن مايمۇن يىللىق بولغاچقا پەقەت چاندۇرمىدىم. ئەمما توي قىلىپ پومزەكتەك بولۇپ كەتكەن ئاغىنىلىرىمنىڭ شۇ تار يوچۇقلاردىن يامىشىپ چىقىشى ئۇلارنى تېرىك ئازابلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، تولىمۇ ئەپسۇس.

ئاخىرقى كۈنۈم ماڭا يېقىنلا يەردىكى كېپىنەكلەر ۋادىسىغا بېرىشنى قارار قىلدىم. مېنى قىزىقتۇرغىنى ئەسلى شۇ يەردىكى كېپىنەكلەر ئىدى. ئەمەلىيەتتە بارغىنىمدا بەكرەك ھاياجانلاندۇرغىنى، 200 مېتىر ئېگىز قىيالىقنى بېغىرلاپ يامىشىپ چۈشۈش بىلەن چوڭقۇر جىلغا ئىچىگە يوشۇرۇنغان شارقىراتمىنى كۆرۈش بولدى. بۇ جىلغا بەك چوڭقۇر، ئەتراپى 200-300 مېتىر ئېگىز قىيالىق بىلەن ئورالغان بولغاچقا ئادەتتە ساياھەتچىلەر دېڭىز ئارقىلىق كېلىدىكەن. يەنە بىر يول، ئۆلۈدىنىز ساھىلىدىن مەخسۇس مىنىبۇسقا ئولتۇرۇپ، خېلىلا خەتەرلىك يول بىلەن مىنىبۇسنىڭ ماتورىنى راۋرۇس قاقشىتىپ (يوللىرى بەك تىك، ئېگىز-پەس) جىلغا ئۈستىكى بىر مەھەللىگە كېلىپ، سول تەرەپتىكى ئاسانراق قىيالىقتىن ئاۋايلاپ چۈشۈشكەن. بەزى قىسىملىرى بەك تىك بولغاچقا مەخسۇس ئارغامچىلار باركەن، يەنى تاققا چىقىپ كۆنگەن ئۆچكە كەبى كىشىلەرگە بولىدىكەن بۇ يول، بولمىغاندا ھاڭدىن غۇلاش ئېھتىمالىڭىز بار. جىلغىنىڭ دېڭىزغا قارايدىغان ئېغىزى بىر پۇتبول مەيدانىچىلىكلا ئىكەن، كېمەلەر مۇشۇ يەرگە ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ يەنە ئەكىتىدىكەن. جىلغىغا ئىچكىرىلەپ كىرسىڭىز ناھايىتى تىز تارىيىپ قىسىلچاق ھاڭغىلا ئايلىنىدىكەن. سۇنى بويلاپ ماڭسىڭىز ئىككى ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر سوغۇق شارقىراتمىغا كېلىپ توختايدىكەنسىز. كۆپىنچە كىشىلەر مۇشۇ يەردىنلا قايتىدىكەن. ئالدىراپ بولدى قىلمايدىغان خۇيۇم بولغاچقا ئىنچىكىلەپ ئايلىنىپ كۆرسەم تاشلارغا بېكىتىلگەن تۆمۈر قوزۇقلار باركەن، بىناغا ياماشقاندەك يامىشىپ بىر نەچچە تاشتىن ياماشقاندىن كېيىن ئاجايىپ بىر چىرايلىق شارقىراتما نامايەن بولدى. ئەمەلىيەتتە جىلغىمۇ مۇشۇ يەردە توختايدىكەن، يۇقىرىدىن كەلگەن سۇ تەخمىنەن 15 مېتىر ئېگىزلىكتىن سېيرىلىپ چۈشىدىكەن، كۆرەلىگىنىم شۇنچىلىك، تېخىمۇ ئېگىز بولۇشى ھەم مۇمكىن. شارقىراتمىنى قىيا تاشلار ئوراپ تۇرغاچقا پەقەت مۇشۇ جايدىلا كۆرگىلى بولىدىكەن. بوشلۇق بەك ئاز بولغاچقا شارقىراتمىنى تولۇق رەسىمگە چىقىرالماي خېلىلا قىينالدىم. كېپىنەكلەرنى كۆپ كۆرمىدىم، بەلكىم ئوخشىمىغان پەسىللەردە كۆپ بولۇشى مۇمكىن. يارلىق يولىنى يەنە يامىشىپ چىقىپ قايتقان مىنىبۇسنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. تەلىيىمگە بېكەت ئۇدۇلىدىلا چىرايلىق باراڭلىق چايخانا باركەن. ئۈزۈملەر مەي باغلاپ پىشىپ كېتىپتۇ. مەرت تۈركلەر، پەقەت چايغىلا ئازىراق پۇل ئېلىپ سورىغان ئۈزۈمىمگە پۇل ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئۈزۈم تەمىمۇ، چايمۇ ئىسسىقتا ئاجايىپ خوش ياقتى. پەقەت سەپەردىلا ئوقۇغاچقا پۈرلىشىپ كەتكەن دانيېل كانىماننىڭ thinking fast and slow ناملىق كىتابنى 20 مىنۇتچە چاي ھوزۇرىدا ئوقۇغىچە مىنىبۇسمۇ كەلدى.

شۇنداق قىلىپ ئەسلى بىر نەرسە يېزىشنى پىلانلاپ بارغان ئادەم تاغلارنىڭ ھاياجىنىدا ھىچ نەرسە يازماي رەسمى دەم ئېلىپ قايتىپ كەلدىم. ھە راست، دالامان ئايرۇدۇرۇمىدىكى پاسپورت كونترولدىن ئۆتكەندە پاسپورتىمنى كۆرگەن ساقچى بىزنى بەك سوراپ كەتتى. قايتقان ساياھەتچىلەر بىلەن تىقما-تىقماق بولۇپ كەتكەن ئايرۇدۇرۇم، ئارقامدا ئىككى-ئۈچ يۈز پەرەڭ ئۆچىرەت. سوئاللىرىغا ئامال بار قىسقىلا جاۋاب بېرىۋاتىمەن، ئارقامدىكىلەردىن خىجىل بولۇپ، لېكىن بۇ تۈرك ساقچىسىنىڭ كارى يوق ئۇلار بىلەن، شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن سوراپ، قىسقا جاۋابلىرىمدىن ھىچ قانائەتلەنگەندەك ئەمەس… راست گەپنى قىلسام شۇنداق سوئاللاردىن تويۇنۇپمۇ قاپتىمەن.

York to Glasgow train, final edit at Anagrae in Fort William

تۆۋەندە رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىڭلار:

47

ئۆلۈدەنىز ساھىلى ۋە باباداغ چوققىسى

53

قىزىل لېنىيە بىرىنچى قىتىملىق ئۇرۇنۇش، كۆكى ئىككىنچى قىتىملىق، جاپالىق ئەمما مۇۋەپپەقىيەتلىك بويسۇندۇرۇش

36

ۋەقەدىن بۇرۇن

41

باباداغقا جەنۇب يۈزىدىن يىقىنلىشىش

20

كېپىنەكلەر جىلغىسى، سول تەرەپتىكى ياردىن پەسكە چۈشكىلى بولىدۇ

22

باباداغ چوققىسىدىن ئۇچۇشنى باشلىۋەتتۇق

26

بۇلۇتلار بىلەن تەڭ باباداغ چوققىسىغا ياماشماقتىمەن، بۇ 1800 مېتىر ئېگىز قىسمى

29

چوققىدىكى چىرايلىق كەسلەنچۈك

12

كېپىنەكلەر ۋادىسىغا يوشۇرۇنغان، مۇشۇ يەردىن باشقا يەردە كۆرگىلى بولمايدىغان شارقىراتما

15

كېپىنەكلەر جىلغىسى قىسىڭى

16

كېپىنەكلەر جىلغىسى، بىرىنچى شارقىراتما

18

كېپىنەكلەر جىلغىسىغا قۇرۇقلۇقتىن يار بويلاپ چۈشۈش يولى، ئەڭ قىيىن نۇقتىلىرى، بەلگىلەر بار بەك مۇھىم، بولمىغاندا بەك خەتەرلىك

6

ئوڭ تەرەپتىكى چوققا باباداغ چوققىسى، سول قىرغاق فەتھىيە شەھىرى

2

چوققىغا يامىشىش يولۇمدا، ئارقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ 900 مېتىر ئېگىز قىسمى، يەنە مىڭ مېتىر ئۆرلىشىم كېرەك

43 50 34 35 11 4

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

تۈركىيەدە تاققا چىقىش ئۈچۈن 4 ئىنكاس بار

  1. تىۋىش مۇنداق يازغان:

    ئولتۇرۇپ بىر ئوقۇۋېتەي دەپ كىرسەم «سىز ئوقۇماقچى بولغان تېما تېخى يېزىلمىدى، بىر-نەچچە ئاي ئىچىدە يېزىلىپ قېلىشى مۇمكىن» دەپ ئەسكەرتىش چىقىدىيا

  2. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    بەكلا يۇقاپ كەتتىڭىز راسلا :(

  3. Leglek مۇنداق يازغان:

    Tughulghan konigizde aram alghach bir yeziwitemsiz “36 yashtiki hiyallar ” digen maqale bilen qushup,Happy Brithday!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif