مېنىڭ يىلتىزىم

بۈگۈن سىلەر بىلەن يېقىندا دۆلەت جۇغراپىيەسى جەمىيىتىنىڭ گېنوپروجەكتىدىن (Genoproject) ئالغان ئۆزەمنىڭ ئەجداد ئىزى ئانالىزنى ئورتاقلىشىمەن.

بىئولوگىيەمۇ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ (ئەلۋەتتە فىزىكىنىڭ تەرەققىياتى چوڭ رول ئوينايدۇ (مىيىقىدا كۈلگەن چىراي ئىپادىسى). خۇددى بىر نەچچە يىل ئالدىدا يازغان پەن-تېخنىكا بۆسۈشلىرىنىڭ بىرىدە ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىر ئالىملار سىزنىڭ ئازراق DNA ئۇچۇرىڭىزنى باشقا ئادەملەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ساقلانغان سان ئامبىرىدا سىېلىشتۇرما ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئەجداتلىرىڭىزنىڭ نەچچە يۈزمىڭ يىللاردىن تارتىپ نەچچە ئون مىڭ يىللارغىچە نەلەردە قاتىراپ يۈرگەنلىكىنى دەپ بېرەلەيدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭ باشقا قەۋىملەر بىلەن بولغان قانداشلىق مۇناسىۋېتىڭىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

DNA ۋە گىن تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئانالىز مۇلازىمىتى قىلىدىغان شىركەت_تەجىربىخانىلارمۇ كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ. دۆلەت جۇغراپىيىسى تور بىتىدە Genoproject دەپ بىر تۈر بار. بۇ تۈرگە قاتناشسىڭىز (ھەقلىق، مەن 100 فوند-ستېرلىڭ تۆلىدىم) ئۇلار سىزگە ئىككى نۇسخا DNA ئەۋرىشكە ئېلىش قۇتىسى ئەۋەتىدىكەن. ئېغىزىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئېلىنغان DNA ئەۋرىشكىسىنى پوچتا ئارقىلىق ئۇلارغا قايتۇرۇپ ئەۋەتىدىكەنسىز. تەخمىنەن ئىككى-ئۈچ ئايلاردا ئۇلار سىزگە نەتىجە چىققانلىقىنى ئېلخەت ئارقىلىق ئۇقتۇرىدىكەن. ئۇلار سىزگە باشتا ئەۋەتكەن نومۇر بويىچە تور بېتىگە تىزىملىتىپ كېرىپ بارلىق نەتىجىلەرنى كۆرەلەيدىكەنسىز. تۆۋەندىكىسى مېنىڭ DNA دىن چىقىرىلغان نەتىجە:

ئاتا ئەجدات لىنىيە تىپىم: R-Z94

ئانا ئەجدات لىنىيە تىپىم: X2P

نېئاندېرتال تەركىبىم 1.2 % (ئوتتۇرچە قىممەت 2.1% ئىكەن). نېئاندېرتال ئادىمى، ئافرىقىدىن چىققان ئادەملەر بىلەن 60 مىڭ يىللار ئىلگىرى ياۋرۇ-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا چېتىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئافرىقىدىن باشقا يەرلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلاردا بۇ تەركىب ئاز بولىدىكەن.

ئىنساندىكى DNA ئىنتايىن كۆپ ئۇچۇرغا تولغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار ئەۋلاتتىن ئەۋلادقا ئۆتۈپ بارىدۇ. ي خىروموسۇم پەقەت ئاتىدىن ئوغۇلغا، مىتوكوندرىيال DNA پەقەت ئانىدىن قىزغا قالىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى خىل DNA تەركىبىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئاتا-جەمەت ۋە ئانا-جەمەتنىڭ ئىزىنى ئايرىم-ئايرىم تاپقىلى بولىدۇ (ئەلۋەتتە بۇ يەردە تەبئىي‍ى DNA ئۆزگىرىدىغان ئىشلارمۇ بولىدىكەن).

ماڭا تۇغقان چىققان شاخلاردىن تۆۋەندىكىلىرى چىقىپتۇ:
ل3 (67 مىڭ يىل ئىلگىرى، شەرقى ئافرىقا)، N (تەخمىنەن 60 مىڭ يىللار ئىلگىرى، شەرقى ئافرىقا ياكى ئاسىيا)، X (30-40 مىڭ يىللار ئىلگىرى، غەربى ئاسىيا)، پ305 (100 مىڭدىن كۆپ يىللار ئىلگىرى، ئافرىقا)، م42 (80 مىڭ يىللار ئىلگىرى، شەرقى ئافرىقا)، م168 (70 مىڭ يىللار ئىلگىرى، شەرقى ئافرىقا)، پ143 (60 مىڭ يىل ئىلگىرى، غەربى جەنۇبى ئاسىيا)، م89 (55 مىڭ يىل ئىلگىرى، غەربى جەنۇبى ئاسىيا)، م578 (50 مىڭ يىللار ئىلگىرى، غەربى جەنۇبى ئاسىيا)، پ128 (45 مىڭ يىل ئىلگىرى، جەنۇبى ئاسىيا)، م526 (42 مىڭ يىل ئىلگىرى، جەنۇبى ياكى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا)، م45 (35 مىڭ يىل ئىلگىرى، مەركىزى ئاسىيا ياكى جەنۇبى ئاسىيا، بۇ تىپ مەركىزى ئاسىياغا ئەڭ تېپىك تۈركەن)، م207 (30 مىڭ يىل، مەركىزى ئاسىيا)، پ231 (25 تە 30 مىڭ يىل، مەركىزى ئاسىيا)، م417 (بۇ تىپىنىڭ يېشى تېخى بېكىتىلمىگەن، مەنبەسى مەركىزى ئاسىيا، بۇ ھەم ئاشكنازى-لەۋىت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسى مەنبەسىكەن)، م17 (12-19 مىڭ يىللار ئىلگىرى، مەركىزى ئاسىيا ياكى جەنۇبى ئاسىيا، ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرىنىڭ تارقىلىشىغا مۇشۇلار مەسئۇل دېيىلىدىكەن، ئىسلاندىيەلىكلەردە 25%، قىرغىزلاردا 14% بولۇپ، ياۋرۇ-ئاسىيا يايلاقلىرىدا كېڭەيگەن). بۇ تىپلارنىڭ تارقىلىش جەريانى خەرىتىدە بېرىلدى.

ata jemet

ئاتا ئەجدات كۆچۈش تارقىلىش يۆنىلىشى ۋە تىپلىرى

يېقىنقى ئاتا ئەجدات كۆچۈش ئىزى

يېقىنقى ئاتا ئەجدات كۆچۈش ئىزى

anajemet

ئانا ئەجدات كۆچۈش، تارقىلىش يۆنىلىشى ۋە تىپلار

م417 دىن كېلىپ چىققان ز93 ۋە ز94 تىپتىكى ئىنسانلار بۇنىڭدىن 4 تە 5 مىڭ يىللار ئىلگىرى ھازىرقى قارا دېڭىزنىڭ شىمالى، ئېدىل بويلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئىرانغا، ئاناتولىيەگە ۋە جەنۇبى ئاسىياغا تارقالغانىكەن. ھېسابتا مېنىڭ ئاتا جەمەتىم مۇشۇ ز94 تىپىغا كېلىپ توختاپتۇ. دېمەككى، بۇ DNA نەتىجەم ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر نەتىجە. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى، ئانا جەمەتىم بەك كۆپ تارقالغان تىپ بولماستىن بەكرەك ئوتتۇرا شەرىق، ياۋرۇپا ۋە شىمالى ئامىركىغىلا تارقىلىپتۇ.

ز94 تىپىنىڭ كۆچۈش تارقىلىش تارىخى ئىزى

ز94 تىپىنىڭ كۆچۈش تارقىلىش تارىخى ئىزى

ز94 تېپىنىڭ تەخمىنى تارىخى تارقىلىشى

ز94 تېپىنىڭ تەخمىنى تارىخى تارقىلىشى

تۆۋەندىكىسى 10 مىڭ يىللاردىن ھازىرغا قەدەر بولغان رايونلار بويىچە يېقىنلىق دەرىجەم ئىكەن:

شەرقى ئاسىيا 35%، مەركىزى ئاسىيا 26%، غەربى ۋە مەركىزى ياۋرۇپا 12%، فىنلاندىيە ۋە سىبىرىيە 10%، كىچىك ئاسىيا 4%، جەنۇبى ئاسىيا 4%، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە 4%، بېرىتانىيە ۋە ئىرېلاندىيە 3%، ئىندىئانلار 3%.

بۇ سىفىرلار ئاساسىدا ماڭا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان گۇرۇپپىنى ئانالىز قىلىپ چىققاندا نەتىجىسى ئالتايلىق بوپتۇ. كېيىنكى يېقىن گۇرۇپپا موڭغۇل تېپى.

بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى تەكىتلەش كېرەككى، يۇقىرىقى نەتىجىلەر پەقەت ھازىرقى قەدەر ھەرقايسى جايلاردىن توپلانغان كىشىلەرنىڭ DNA ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن. كەلگۈسىدە بۇ تۈرگە قاتناشقان دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ئاشقانچە سان ئامبىرى تېخىمۇ تولۇقلىنىپ ئانالىزنىڭ تېخىمۇ توغرا بولۇشى ھەم تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ تۈرگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئانالىز نەتىجىسىنى ئالىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىشى بەكلا مۇھىم، بۇ ئەلۋەتتە ھەركىم ئۆزىنىڭ تاللىشى.

Achinuq

York

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

مېنىڭ يىلتىزىم ئۈچۈن 4 ئىنكاس بار

  1. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif

  2. ئىلتەبىر مۇنداق يازغان:

    قېنى بىر ئوقۇيچۇ!

  3. توغۇرچىن مۇنداق يازغان:

    بۇ ھەقىقەتەن بىر قېتىم قىلغۇزۇپ باققۇدەك تەكشۈرۈشكەن ، ئائىلە تارىخىغا قىززىققۇچىلار ئۈچۈن بىرخىل ئەھمىيەتلىك تۇيۇلىدىكەن ، ھە راست ئاچىنۇقكا ، سىزنىڭ ئۇيغۇرچە گىراماتىكىڭىزغا ئىنگىلىزچىنىڭ گىراماتىكا قائىدىلىرى ئارىلىشىپ كېتىپتۇ

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      راست دەيسىز، مەن ئۆزەممۇ بەك ھېس قىلدىم. بۇرۇن ئىنگىلىزچە ماقالە يازغاندا ئۇيغۇرچە پىكىر ئىقىمى بويىچە يېزىپ باشقىلارنى قايماقتۇراتتىم. ئەپسۇس، ئون يىلدىن بۇيان ئوقۇش ۋە يېزىش ئاساسەن ئىنگىلىز تىلى بولغاچقا ھازىر ئۇيغۇرچە يازسام جۈملە تەتۈر چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. رەسمى بىر بلوگىمغا تەھرىر كاتىپتىن بىرنى تەكلىپ قىلىدىغان يەرگە بېرىپ قالدى (ئىملامۇ ياخشى بولاتتى) :)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif