بىرىتانىيەدە دالا سەيلىسى

مەيلى نېمىسلار بولسۇن ياكى بىرىتانىيەلىكلەر، ھەپتە ئاخىرلىرىدا، دەم ئېلىشلىرىدا ئەتراپلاردا، تەبىئەت باغچىلىرىدا، سەھرالاردا پىيادە سەيلە قىلىپ كېلىشكە ئامراق بولىدۇ. بۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا شەكىللەنگەن ئادەت بولماستىن، ئۇزۇن يىللار بولغان بىر ئەنئەنە دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەسىرلەردىن بۇيان، ياۋروپادا ئالىم ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۇنداق ئادەتلەرنى كۈندىلىك تەرتىپنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلغىنى ھەممىگە مەلۇم. بەزىلىرى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىدۇ. ئازلىرى بىر ئىككى كىلومېتىر، كۆپلىرى ھەتتا 20-30 كىلومېتىر ماڭىدۇ بىر كۈندە. بەزىلىرى چوڭ كۆلەملىك تەبىئەت باغچىلىرىدا ئۆزلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ۋە يا مەلۇم بىر ئىشقا ئىئانە توپلاش يۈزىسىدىن 50، 100 كىلومېتىر ماڭىدۇ ياكى يۈگۈرەيدۇ بىر نەچچە كۈن داۋام قىلىپ. مىسالەن، بىر دوكتۇر قىز ئوقۇغۇچىمىز دادىسى راك كېسىلى بولۇپ تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، راك كېسەل تەتقىقات فوندىلىرىغا ئىئانە توپلاش يۈزىسىدىن ئۈچ كۈندە 100 كىلومېتىر مىنىپ تەبىئەت باغچىسىنى كېسىپ ئۆتتى.

مەن تۇرغان يورك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا چوڭ كۆلەملىك تەبىئەت باغچىسىدىن بىر قانچىسى بار، يېقىنلىرىدىن مورز ۋە دەيلز (moors, dales) باغچىلىرى، ھەر بىر باغچىنىڭ كۆلىمى بىرەر ناھىيەچىلىك كېلىدۇ. ياز ياكى ئەتىياز كۈنلىرى يامغۇر ياغمىسىلا بۇ باغچىلارنى ئايلىنىشتەك ھوزۇرلۇق ئىش يوق. گەرچە مەنزىرىسى يۇرتۇم موڭغۇلكۈرەگە يەتمىسىمۇ، روھى ئوزۇق ئېلىشقا يېتەرلىك. ئالدىراش كىشىلەر ئۈچۈن بۇنداق ھەپتە ئاخىرلىرىدا پائالىيەت قىلىش ۋاقتنى تېخىمۇ ياخشى پىلانلاش، خىزمەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇندىلا ھەپتە ئاخىرىدا ۋاقىت چىقارغىلى بولىدۇ.

ھازىرغىچە بۇ باغچىلاردىن بىرنەچچىسىنى ئايلانغان بولدۇم. تۆۋەندە ئايرىم-ئايرىم تەپسىلاتىنى رەسىملەر بىلەن تونۇشتۇرىمەن:

1. مورىز دۆلەتلىك تەبىئەت باغچىسىدا ۋېلىسىپت سەپىرىدە تارتقان سۈرەتلەر، مالتوندىن ۋىتبىي دېڭىز ساھىلىغىچە (Malton, Whitby)
تولۇق مۇساپە ئىككى كۈندە 110 كىلومېتىرچە بولدى، يەنى يوركتىن مالتون بازىرىغا پويىز بىلەن بېرىپ، ئاندىن مالتون بازىرىدىن كۈن چۈشتىن ئۆتكەندە ۋېلىسىپىتلىك ماڭغانچە گۇگۇمدا ۋىتبىيغا، ئەتىسى ۋىتبىيدىن دېڭىز بويلاپ 40 كىلومېتىر يۈرۈپ سكاربروۋغا يەتتىم. بىرىنچى كۈنى يەتتە سائەت سەرپ قىلىپ، نەچچە يەردە يولدىن تېنىشىپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 4 سائەت ئىنسان قارىسى كۆرمەي، تېلېفون سىگنالى ئىشلىمەيدىغان، ھەم ھىچ بىر يول كۆرسەتكۈچ بولمىغان ئورماندا (مۇشۇ تەرىپى يارىمىدى، نىمىسلاردىن ئاز-تولا ئۆگەنسە بولغۇدەك بۇ خەق) تېشىلگەن كامىرنى ئورماندا يېرىم سائەتتە ئالماشتۇرۇپ، قوي بېقىپ يۈرگەن بىر مالچىنىڭ ياردىمىدە تېنىگەن يولنى تېپىۋېلىپ (بۇنداق يەردە خەرىتىمۇ تازا ئەسقاتمايدىكەن، كومپاس لازىم بولىدىكەن ئەسلى، ئەپسۇس بۇنداق سەپەرلەرگە يەنىلا خام پېقىر)، كۈن پاتاي دېگەندە چىرايلىق ۋىتبىي شەھىرىدىكى خانىقا خارابىسى يېنىكى مېھمانخانىغا يېتىۋېلىش بولدى. بۇ سەپەردە ھەم بىرمۇنچە ياۋايى قىزىل بۇغا كۆرۈش نىسىب بولدى. 5-ئايلاردا بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەن. 5-ئايدا مورىز تەبىئەت باغچىسى يەرلىك يىپىنچا ئۆسۈملۈك ھەزىر (heather) سەۋەبلىك بەكلا گۈزەل بولۇپ كېتىدىكەن. قويلار يېيەلمەيدىغان بۇ چاتقال ئۆسۈملۈكنىڭ رەڭگى پەسىللەرگە قاراپ ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، 5-، 6-ئايلاردا بىنەپشە رەڭ ئېلىپ يىراقتىن قارىسا بەكلا چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن. بۇ قېتىمقى سەپەرمۇ ئەسلى شۇ مەنزىرە ئىدى. تەلىيىمگە بۇ تەرەپتە ئاز ئۇچرايدىغان ئىككى كۈنلۈك ئوچۇق ھاۋا سەپىرىمنى بەكلا كۆڭۈللۈك قىلۋەتتى.

p1160243_15030519266_o

whitby

screen-shot-2014-08-27-at-60729-pm_15032540926_o

ئىككى كۈنلۈك ۋېلسىپىت مۇساپەم

p1160132_15030519706_o p1160326_14866931288_o

2. مورىز دۆلەتلىك تەبىئەت باغچىسىدا ۋېلىسىپت سەپىرىدە تارتقان سۈرەتلەر، ۋىتبىي ساھىلىدىن سكاربروۋ شەھرىگىچە (whitby to scarborough)
بۇ ۋىتبىي بىلەن سكاربروۋ ئارىسىكى ۋېلىسىپت/پىيادىلەر يولى تاشلانغان تۆمۈر يول ئىزىغا ياسالغان بولغاچقا قىيىنلىق دەرىجىسى تۆۋەن (بالا-چاقا بىلەن بەك ماس كېلىدۇ) ھەم مەنزىرىسى گۈزەل بولغاچقا بىرىتانىيەدە خېلى داڭقى باركەن. سكاربروۋمۇ ساياھەت شەھىرى، دېڭىز ساھىلى بەك چىرايلىق. ئىككى ساھىل ئارىسىغا بۈركۈت تۇمشۇقىدەك سوزۇلۇپ چىققان ئېگىز قىسمىدا قەدىمى قەلئەمۇ باركەن. شەھەرنىڭ يەنە بىر داڭلىق يېرى گېئولوگىيە ئاتىسى دەپ نام ئالغان، يەر قاتلاملىق نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى ۋېليام سىمىس مۇشۇ شەھەردە ياشىغان ھەم ئىلمى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ھازىر مەخسۇس مۇزېي باركەن، كىرىش بېلىتى بەك ئەرزان. سكاربروۋغا بېرىشتىن بۇرۇن چىرايلىق روبىن-ھۇد قولتۇقىدىنمۇ ئۆتىسىز، رىۋايەتلەردىكى روبىن-ھۇد ئەپەندى بەلكى مۇشۇ يەردە قۇرۇقلۇققا چىققان بولسا كېرەك.

p1160433_14866960207_o

ۋېتبىيدىن سكاربروۋغا بارىدىغان يول

img_20140825_174203_14867089068_o

سكاربروۋ شەھىرى

img_20140825_171331_15053313162_o

3. ھەرېگەيىتتىن رىپېنغىچە پىيادە سەپەر (Harrogate to Ripon)

يوركقا يېقىن، پويىزدا 30 مىنۇتلۇق يولدا ھەرېگەيت دەپ بىر ساياھەت شەھەرچىسى بار، بۇ شەھەرنىڭ گۈڭگۈرت تەركىبلىك ئارشىڭى داڭلىق بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى ئارىشاڭلىق دەم ئېلىش يۇرتى بولۇپ قالغان. ئەنگىلىيىدە دۇكانلاردىكى ئاساسلىق مىنىرال سۇمۇ مۇشۇ شەھەردىن چىقىدۇ. يەنە بىرىگە يىراق-يېقىنغا داڭلىق چاي ۋە تاتلىق-تۈرۈم ماركىسى بولغان بەتتي ماركىسنىڭ ئەسلى ئورنىمۇ مۇشۇ يەردە. شەھەردە ئارشاڭ مەركەزلىرى (Spa) كۆپ بولۇپ مەن تۈرك ھاممىسى دېگەنگە كىرىپ چىقتىم. ھور ئۆيلەر راست تۈركىيەدەك بىزىلىپتۇ. ھەر بىر ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى پەرقلىق بولۇپ 40 گرادۇستىن باشلىنىپ 75 گرادۇستا ئاخىرلىشىدىكەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى تېمپېراتۇرا قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەرنىڭ قولىدا بىردەك كىتاب يا جۇرنال بار، مۇشۇنداق ئىسسىق ۋە ھورلۇق ئۆيلەردىمۇ كاللىسىنى بىكار تۇرغۇزمايدىكەن، ئەلۋەتتە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ھوزۇردە. ئەلۋەتتە بۇنداق يەرگە كىرىدىغان كىشىلەرمۇ ئېنىقلا خېلى مەلۇمات ئالغان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن، باھاسى ئەرزان ئەمەس.

ھورداقخانىدا (بەك بىر تۈرلۈك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ كەتتىم ئوخشاش بىر نەرسىگە، 25 كىلومېتىرلىق مۇساپە بېسىپ چوققىغا چىقىپ چۈشكەچكە كاللامدا تۈزۈك نەرسە يوق، ئەسلى ماس كېلىدىغان سۆز قايسى دەماللىققا بىلەلمىدىم، فەرەڭچە Spa) ياخشى دەم ئېلىۋېلىپ ئەتىسى ئاپتۇبۇس بىلەن ھەرېگەيتتىن Summerbridge يېزىسىغا بېرىپ ئۇ يەردىن پىلانلاپ قويغان يولۇم بويىچە رىپىنغا قاراپ پىيادە يۈرۈپ كەتتىم. بىرىنچى مەنزىرىلىك جاي بىرىمھەم تاشلىرى Brimham Rocks دەپ ئاتىلىدىغان جاي بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك شامال ۋە يامغۇر تەسىرىدە تاشلار ھەر خىل شەكىللىك بولۇپ قالغان. ئەڭ قىزىقارلىقى ئىككى يۈز توننىلىق بىر تاشنىڭ كىچىككىنە بوينى بىلەن مۇئەللەق تۇرۇشى، خۇددى تېگىپلا كەتسىڭىز ئۆرۈلۈپ كېتىدىغاندەك. يەنە بىر مەزگىل ماڭغاندىن كېيىن ئىككىنچى ساياھەت ئورنى، ب د ت نىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا كىرگەن بۇلاق خانىقاسى fountains abbey خارابىسىدۇر. خانىقانىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان بولۇپ، مىلادى 1132-يىلى ئەسلى يورك مارىيە خانقاسىدىن يامانلاپ چىققان 13 راھىب مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئايرىم خانىقا سېلىشى بىلەن باشلانغان ئىكەن. بۇ راھىبلار سىستەرىيان مەزھىبىدىكى راھىبلار بولۇپ، ناھايىتى قاتتىق يول تۇتقان بىر تۈركەن، يەنى بىر-بىرى بىلەن ئاساسەن گەپلەشمەيدۇ، ئىشلارنى ئىشارە بىلەن قىلىشىدۇ، بىر كۈندە كۆپ قېتىم دىنى مۇراسىم (بىر-بىرلەپ دەپ ئولتۇرمىدىم، ئوخشىمىغان يوللاردا بولىدىكەن 24 سائەت ئىچىدە) قىلىدۇ، باشقا ۋاقىتتا تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىشلەيدۇ (ئۆزلىرى ياسىغان تۈگمەندە ئۇن تارتىش مۇلازىمىتى، ھەسەل ۋە مۇراببا ياساپ سېتىش، قوي بېقىش دېگەندەك…). ئەپسۇس، 400 يىللار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان خانىقا، خوتۇنپۇرۇش پادىشاھ ھېنرى سەككىز دىنى ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسى بىر قىسمى بولغان ئوشۇقچە چېركاۋ-خانىقالارنى يوق قىلىش شامىلىدا تاشلانغان ئىكەن. 18- ئەسىرگە كەلگەن ۋاقىتتا، بىر ئاقسۆڭەك بۇ رايوننى سېتىۋېلىپ چوڭ كۆلەملىك باغچا سالدۇرغان ئەتراپىغا. خانىقانىڭ قىسمەن تاشلىرىدىن بىر بىنامۇ سالدۇرغان. خانىقادىن پەسكە سۇنىڭ ئېقىشىنى بويلاپ ماڭسىڭىز شۇنداق گۈزەل باغچىنى كۆرىسىز. ئوخشىمىغان دەرەخلەر سىرتلاردىن كەلتۈرۈلۈپ تىكىلگەن. قىرغاۋۇللار، تىيىنلار بەك كۆپ، يەنە بىر بۇغا فېرمىسى بولۇپ، بۇغىلار خۇددى تەبىئەتتە يۈرگەندەك ئەركىن ئوتلاپ يۈرۈشىدۇ. سۇنى بويلاپ بەلگىلەنگەن يول بويىچە ماڭىۋەرسىڭىز كىچىك ۋە قەدىمى بازار رىپېنغا يېتىپ بارىسىز. بۇ كۈندىكى ماڭغان مۇساپەم 19 كىلومېتىر بولدى. ئارىلىقتا ئازراق قار/مۆلدۈر، يامغۇرنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپ قىسىم ۋاقىت ئاساسەن ئوچۇق بولدى.

28

پىيادە باسقان يولۇم

15

200 توننىلىق تاش

8

دادا بالىغا تاشقا يامىشىش ھەركىتىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ، 4، 5 ياشلار چامىسىدا

2

ھەرېگەيت شەھىرى

24 26

4. چوققا رايونى (peak district)

بۇ رايون چوققا رايونى دېگەن بىلەن تۈزۈك چوققا يوق، كۆپىنچە ئېگىز دۆڭ ۋە سايلىقلار، ھەپتە ئاخىرىدا مېڭىپ يۈرۈشكە تازا ماس كېلىدۇ. كۆلىمى كەڭ تەبىئەت باغچىلىرىنىڭ بېرى. بۇ يەردىكى تەبىئەت باغچىلىرىدا چارۋىچىلار كۆپ بولىدۇ. بەزىدە ئۇقۇشمىسىڭىز شەخسى قورالارغا كېرىپ قالىسىز، شۇڭا مەخسۇس ئاممىغا قارىتىلغان يوللاردا مېڭىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

5. بەن لوموند Ben lomond تېغىغا يامىشىش (بۇنىمۇ مېڭىش كاتىگوريەسىگە كىرگۈزىمىز ئەمدى)
بۇ سەپەرنى گلاسگوۋدا بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان مۇخپۇل ئىنىم ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە خىزمەتچىسى بىلەن بىللە قىلدۇق. ماشىنا بىلەن گلاسگوۋدىن يولغا چىقىپ لوموند كۆلىنىڭ يېنىدىكى كىچىك بىر مېھمانخانىغا ماشىنىنى توختىتىپ قويۇپ پىيادە يولغا چىقتۇق. گەرچە تۆتىنچى ئاي بولسىمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن سوغۇق ئېقىمدىن تاغنىڭ يۇقىرى قىسمى بىر كۈندىلا قار بىلەن قاپلىنىپ قىشقا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. يۇمشاق قاردا سەپەر ئانچە ئاسانغا توختىمىدى. چوققا ئۈستى بەكلا بورانلىقكەن، مۇز ھەم قار، كۈچلۈك شامال تېخىمۇ ھاياجانلاندۇردى، خۇددى مۇزلۇق چوققىلارغا چىققاندەك. قايتىش سەپىرىمىزدە سوغاق يېنىشقا باشلىغان بولغاچقا قار سۈيى تىز سۈرئەتتە ئىرىشقا باشلاپتۇ. جەمئىي 19 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى 4 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا تۈگەتتۇق. چوققىنىڭ ئىگىزلىكى 974 مېتىر.

13062225_10153868438514998_8620861066582272979_n img_0687

5. گلەن نەۋىس سەپىرىم (غەربى شوتلاندىيە تاغلىقى، western scottish highlands)

روژدېستىۋادا بۇ تەرەپلەردە ھەممە ئادەم بىر ياكى ئىككى ھەپتە دەم ئېلىپ ئاساسەن دېگۈدەك ئائىلىسى بىلەن جەم بولىدۇ. قىسقا دەم ئېلىشتا ۋەتەنگە بارمىغاندىكىن، ۋەتەن سېغىنىشىنى بېسىش ئۈچۈن بىرىتانىيەدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بولغان، شەرقى شوتلاندىيەگە جايلاشقان بەن نەۋىس تاغلىرىغا يېقىن فورت ۋىليام بازىرىغا باردىم. قىشنىڭ كۈنى كۈن گەرچە قىسقا بولسىمۇ، مېھمانخانىلار بەك ئەرزان بولىدۇ، ھەم ساياھەتچىلەر ئەڭ ئاز مەزگىل. يەنە بىرىگە يىل بويى يېشىل تۇرىدىغان تاغلار قىش پەسلىدە ئانچە-مۇنچە قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ يۇرتۇم موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرىسىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ. نەچچە كۈنلۈك دەم ئېلىشتا يۇرتقا بارالمىغاندىن كېيىن يۇرت سېغىنىشنى مۇشۇنداق تاغلار ئىچىدە خېلىلا چىقىرىۋالىمەن. يەنە بىرىگە، تاغقا چىقىشتەك ئېسىل چېنىقىش يوق، بەدەن ۋە ئىرادە چىنىقىپلا قالماي، شۇ تاغ چوققىسىغا چىقىپ يىراقلارغا باققاندىكى ھېسسىيات مەن ئۈچۈن قەلەم بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز…

شۇنداق قىلىپ گلاسگوۋدا دوستۇم مۇخپۇل ۋە مۇنىرە ئائىلىسىدە ئوخشىغان تاماقلارنى يەپ تازا ئېنىرگىيىنى تولۇقلاۋېلىپ پويىز بىلەن فورت ۋىليامغا يۈرۈپ كەتتىم. تۆت سائەتكە يېقىن پويىز مۇساپىسىدە كىشىگە دەرىزدىن كۆز ئۈزمەك قىيىن بولىدىكەن، ئەتراپىڭىز ئاساسەن تەبىئەت، تاغلار، ئېقىن سۇلار، كۆللەر، ياۋا بۇغىلار… ئادەم بەك شالاڭ بولغان شوتلاندىيەنىڭ شىمالى قىسمى، پىكرىڭىزنى قارىغانچە شۇنداق بىر كەڭلىككە ئېلىپ كېتىدۇ، خۇددى ئىلى ۋادىسىدىكى يوللاردەك. ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ يەردە بۇلۇتلار بەكلا پاكار، ھەم كۆپىنچە تۇمانلىق، بۇلۇتلار سەۋەبلىك سەل قاراڭغۇ… بۇ كىشىگە بىر خېل سۈر بېرىدىكەن. نىمىشقا شوتلاندىيدە ۋىسكىي بەك داڭلىق بولغىنىنى چۈشەندۈرسە كېرەك، ئىنسان قانچە ئاز يەردە ھايات ھەم زىرىكىشلىكمۇ بولىدۇ-دە، بولۇپمۇ سوغۇق جايلاردا. شۇڭا شوتلاندىيەدە ۋىسكىي، روسىيەدە ۋودكا. تېخى يېقىندىلا خەلقارا ئىمبارگو سەۋەبلىك روسىيەدە ھاراق ئازىيىپ كەتكەچكە كىشىلەر ئىسپىرت ئىشلىتىلگەن سۇيۇقلۇق بولسىلا ئېچىپ باققان، ئاساسلىقى ئەتىر، دېزىنفىكسىيە دورىلىرى، تازىلىغۇچى سۇيۇقلۇقلار دېگەندەك… شۇنداق قىلىپ بىرمۇنچە ئادەم زەھەرلىنىپ چوڭ خەۋەر بولۇپ كەتتى. بىچارە روسلار، پۇتىنغا يەنىلا ئامراق، بىر خېل چۈشىنىكسىز ~~~

نېمىشقىدۇر كۆپىنچە كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان بۇنداق بۇرۇقتۇرما كىلىمات ماڭا ئاجايىپ خوش ياقىدۇ، بولۇپمۇ تۇمانلىق تاغلىقلار، بىر خېل سېھىرىي بار ئۆزىگە تارتىدىغان. تەلىيىمگە بارغان جايىم ئاساسەن تۇمان يامغۇر ئۈزۈلمەيدىغان يەركەن. ھېسابتا بەشىنچى ئايلاردا ئىككى ھەپتە كۈن چىقىپ يوقاپ كېتىدىغان رايون غەربى شوتلاندىيە دېگەن، ئاتلانتىك ئوكيان دەردىنى مۇشۇ قىرغاقلاردا تازا تۆكۈۋاتىدۇ، شەرقى قىرغاق ياخشىراق كۈننىڭ سېرىقىنى سېغىنغان ئادەمگە.

بىرىنچى كۈنى ياتىقىمدىن يولغا چىققانچە شوتلاندىيەدىكى ئەڭ گۈزەل جىلغىلارنىڭ بېرى دەپ تەرىپلەنگەن گلەن نەۋىس جىلغىسىغا قاراپ ماڭدىم. راست، بۇ يوللاردا يول بەلگىلىرى ئاساسەن ئىككى خېل تىلدا يېزىلغان، ئىنگىلىز ۋە شوتلاندىيە گالىك تىلى بويىچە. گالىك ھېسابتا ساقلىنىپ قالغان، كېلىتلارنىڭ ئەسلى تىلىغا يېقىن بىر تىل. بۈگۈنكى كۈندە پەقەت شوتلاندىيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى قىرغاق ۋە ئاراللاردا ئاز ساندا ئىشلىتىلىدۇ، BBC نىڭ مۇشۇ تىلدا ئاڭلىتىدىغان مەخسۇس تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو قاناللىرى بار، ئىنگىلىز تىلىدىن كۆپ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. جىلغا ئىچىگە ئازراق ئىچكىرىلەپ كىرسىڭىز ئىككى مەنزىرىلىك يولغا باشلايدىغان پىيادىلەر يولى بار: بىرى ئېقىن بويلاپ ماڭىدىغان ستىل شارقىراتمىسى يولى، يەنە بىرى بىرىتانىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا بەن نەۋىسكە بارىدىغان يول. ماشىنىلار فورت ۋىليامدىن بەن نەۋىس چوققا يولى باشلىنىدىغان بەن نەۋىس ئۆتىڭىگە، يەنە بىرى ستىل شارقىراتمىسىغا يېقىن بەن نەۋىس ماشىنا توختىتىش مەيدانىغىچە بارالايدۇ، قالغان يولدا قەتئىي پىيادە ماڭماي ئامال يوق.

1345 مېتىر ئېگىز بەن نەۋىس چوققىسى ئەڭ شەرىققە جايلاشقان بولغاچقا ھۆل يىغىن بەكلا كۆپ بولىدىكەن. چوققىغا چىقىشنىڭ ئەڭ ئاسان يولى جىلغا ئىچىدىكى بەن نەۋىس زىيارەتچىلەر باغچىسىدىن مەخسۇس بەلگىلەنگەن يول بويىچە چىقىش، 8 كىلومېتىرلىق يول بەن نەۋىسنىڭ ئەڭ يانتۇ غولىغا ياسالغان بولۇپ خېلى ئەگىر-بۈگۈر يوللار. باغچىدىكى چۈشەندۈرمە بويىچە چىقىشقا تۆرت سائەت، چۈشۈشكە ئۈچ سائەت دەپ يېزىپتۇ. ھەر ھالدا پەقەت ئىككى سائەت 10 مىنۇتتىلا چىقىپ بولدىمۇ ھەم بىر سائەتتىلا چۈشۈپ بولدۇم. چىقىش يولى ئوتتۇرا بەلگە كەلگەندە ئىككىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئوڭ تەرەپ چوققىغا چىقىش يولى، سول تەرەپ سىزنى تاغدا تۈنەيدىغانلار ئۈچۈن، تاغنىڭ شىمالى يۈزى ئاستىغا جايلاشقان كىچىك قونالغۇ ئۆيگە باشلايدىغان يول. شىمالى يۈزى ھەممىدىن ھەيۋەت، تىك قورام تاشلاردىن تۈزەلگەن، تاققا ياماشقۇچىلار ۋە كەسپى چاڭغا تىيلىغۇچىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك جايى. بۇ قونالغۇدا ئالدىن كارۋات زاكالەت قىلىشىڭىز كېرەككەن، چۈنكى ئىگىسى ئۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئاشقۇچنى شەھەردىن ئېلىپ چىقىسىز، كۈنلۈكى 25 فوند-ستېرلىڭ. قونالغۇغا بېرىش يولى ئاسان، يۇقۇرغا كۆپ ئۆرلىمەيسىز، تەخمىنەن 700 مىتېر ئېگىزلىكتە. بۇنداق قونالغۇ ستىل شارقىراتمىسى يېنىدىمۇ باركەن، پەقەت 7 فوند-ستېرلىڭ بىر كۈنلۈكى، بىر قىيىن نۇقتىسى شۇ ئۈچ پولات سىمدا تارتىلغان ئاسمىدىن مېڭىپ ئۆتىدىكەنسىز قونالغۇ ئالدىدىكى سۇدىن ئۆتۈش ئۈچۈن. شارقىراتمىنى يېقىن كۆرۈش ئۈچۈنمۇ ھەم مۇشۇ سىم كۆۋرۈكتىن ئۆتىسىز پۇلاڭلاپ تۇرۇپ. مەن بارغاندا ھەم يامغۇر ھەم بوران بولغاچقا خېلىلا جاپادا ئۆتتۈم خۇددى دارۋازلاردەك، قىزىق بولىدىكەن :)

مەن چىققىنىمدا مىڭ مېتىردىن يۇقىرى قىسمى ئاساسەن قارلىق ھەم قىسمەن مۇزلۇق بولۇپ، دىققەت قىلمىسا ئاسان سېرىلىپ كېتىدىكەن. شامالمۇ كۈچلۈك، ئارىلاپ كېلىدىغان جۇدۇن كىشىنى تاس قالىدۇ ئۇچۇرۇپ كەتكىلى، بولۇپمۇ مەندەك ئورۇقلارنى. ھەم ئەتراپ ئاساسەن تۇمانلىق ھەر ۋاقىت، 20 مېتىرچە يىراقلىقنى ئارانلا كۆرىسىز. ئەڭ ئۈستىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بەش گرادۇس بولسىمۇ، شامال ۋە نەملىك تۈپەيلى -18 گرادۇستەك ھېس قىلىنىدىكەن (ھاۋارايى مەلۇماتى بويىچە). شۇڭا پەستە تەرلەپ-پىشىپ كەتكىنىڭىز بىلەن، تۆپىدە قولىڭىزنى پەلەيدىن چىقىرالمايسىز. پەقەت تۇمان ئۈزۈلمەيدىغان چوققا مەن چىقىپ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن نەچچە مىنۇت شۇنداق ئوچۇق بولۇپ بەردى، ھەتتا پەستىكى بىر كۈن بۇرۇن كۆرگەن، شوتلاندىيەدىكى ئىككىنچى ئېگىز شارقىراتما، 120 مېتىر ئېگىزدىن سىرغىپ چۈشىدىغان ستىل شارقىراتمىسىنىمۇ كۆرەلىدىم، ئاجايىپ ھاياجان بىر خېل. ئەپسۇس، قار بەكلا قېتىپ پرېسلىنىپ كەتكەچكە شىمال يۈزىدىن چۈشۈش ئىمكانى بولمىدى، تاغ پالتىسى ئىلىۋالمىغاچقا سېرىلىپ كەتسەم ئۆلۈمدىن باشقا ئاقىۋەت يوق تىكلىكىدە. شۇڭلاشقىمۇ داۋاملىق ئادەم ئۆلىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن بۇ چوققىدا. ئەلۋەتتە، بۇ چوققىغا چىقىش ئۈچۈن ياز ياكى قىش بولسۇن، چوقۇم Gore-tex دالا ئايىقى بولغىنى ياخشى، ھەم بولسا ئىسسىق چاي تېرمۇسى، ھەم تاققا چىققۇچىلار ھاسسىسى ئېلىۋالسىڭىز ياخشى. كېيىملىرىڭىز ھەم بىردەك يامغۇر/شامال ئۆتمەيدىغان بولۇشى كېرەك، بولمىسا جاپاسىنى ئۆزىڭىز تارتىسىز. بۇ قېتىمقى ئۈچ كۈنلۈك دالا كەزمىسىدە جەمئىي 50 كىلومېتىر ماڭغان يۈگۈرگەن بوپتىمەن. بىرىنچى كۈنى جەمئىي 20.6 كىلومېتىر، فورت ۋىليامدىن بەن نەۋىسنىڭ 1204 مېتىر ئېگىز قىسمىغىچە ئۈچ سائەت 5 مىنۇت، چۈشۈشكە ئىككى سائەت 10 مىنۇت سەرپ قىلغان بولدۇم. روژدېستىۋا كۈنى ھاۋا زىيادە ئىللىپ كەتكەچكە تاغدىن چۈشىدىغان سۇ ئۇلغىيىپ يولنى ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. ئامالسىز سۇنى يۇقىرى بويلاپ بىرەر 100 مېتىر ئۆرلىگەندىن كېيىن سۇ تارىيىپ ئۆتۈشكە ئىمكانىيەت بولدى. 1200 مېتىرغا چىققاندا ھەم بەك تۇمان، ھەم قاراڭغۇ چۈشۈشكە بىر سائەتلا قالغان بولغاچقا ھاياتنى قەدىرلەپ چوققىنى بويسۇندۇرۇشتىن ۋاز كەچتىم. ئىككىنچى كۈنى جەمئىي 3.8 كىلومېتىر سەرپ قىلىپ ستىل شارقىراتمىسىنى كۆردۈم. ئۈچىنچى كۈنى جەمئىي 25.6 كىلومېتىر سەرپ قىلىپ چوققىنى بويسۇندۇردۇم ھەم ب يولنى بويلاپ شىمالى يۈزىنى كۆردۈم. سەككىز كىلومېتىرلىق بەن نەۋىس چوققا يولىنى ئىككى سائەت 10 مىنۇتتا پۈتتۈردۈم، ھەم بىر سائەتتىلا ئا ۋە ب يول كېسىشمىسىگە چۈشۈپ بولدۇم، ئاساسەن يۈگۈرۈپ. شىمالى يۈزىدىن قايتىش يولۇمدا تاس قالدىم تېنىشىپ قالغىلى ئالما تېلېفون خەرىتىسىگە ئىشىنىپ، راستىنلا نامى بىكارغا چىقمىغانىكەن ناچارلىقتا. يەنىلا گۇگىل خەرىتىسى نوچىكەن، شۇ بويىچە ئەڭ قىسقا يولنى تېپىپ پويىز مېڭىشقا 20 مىنۇت قالغاندا ۋوگزالغا يېتىپ ئۈلگۈردۈم. پۈتۈن مۇساپىنى 5 سائەت 55 مىنۇتتا تاماملىدىم (دەم ئېلىش، توختىماي رەسىم تارتىش ۋاقىتلىرىنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئورۇق بەدەننىڭ پايدىسىنى مۇشۇنداق يەردە يەتكىچە كۆردۈم، تاغ ئۆچكىسى دەپ تەرىپلىسەم بەكمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ ~~~

28 29 31 18 24 26 30 27 9 12 14 15 5 6

يوركتىن گلازگو ۋە فورت ۋىليام ئارىسىدىكى پويىز سەپىرىدە يېزىلدى.

2016-يىل، 12-ئاي

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

بىرىتانىيەدە دالا سەيلىسى ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. Leglek مۇنداق يازغان:

    ‹چالا قالغان تېمىلارنى ئامال بار بۇ ھەپتە پۈتتۈرىمەن›http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif

  2. ئائىشە مۇنداق يازغان:

    ئىلھام كەلگەندە يازغان تىمىلار ياخشى چىقىدۇ،
    بېسىم ياكى ۋەزىپە ئۈچۈن يېزىلغانلىرىنىڭ ياخشى چىقىشى ناتايىن.

  3. ئەرزات مۇنداق يازغان:

    قۇرۋانجانكا سىز ‹‹ بۇ ھەپتە›› دىگەن ئىبارىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بەدىڭىز جۇمۇ. 6-ئاپرىلدىن ھازىرغىچە ‹‹ بۇ ھەپتە›› تېخى ئاخىرلاشمىدى. چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى …

  4. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif

  5. ئەرخان مۇنداق يازغان:

    مەيلى نېمىسلار بولسۇن ياكى بىرىتانىيەلىكلەر، ھەپتە ئاخىرلىرىدا، دەم ئېلىشلىرىدا ئەتراپلاردا، تەبىئەت باغچىلىرىدا، سەھرالاردا پىيادە سەيلە قىلىپ كېلىشكە ئامراق بولىدۇ.

    ھەي مۇشۇ ھۇرۇنلۇقۇمنى قانداقمۇ قىلارمەن. بىر ھەپتە ئىشىلىگەندىن كېيىن ئارام ئېلىشمىز نۇرمال بولۇپ قالسا، شەنبىنى قېنىپ ئوخلاشقا ، يەكشەنبىنى پەرزەنتلىرىمنى باغىچىغا ئاپرىپ ياكى قەشقەر شەھرىگە ئەكرىپ ئوينىتىشنى پىلانلايمەن. ئەمما2016-يىلى ئىچىدە بۇ ئويلىرىم مۇمكىن بولمىدى. 2017-يىلىغىمۇ ئاللىبۇرۇن 4-ئاينىڭ قارىسىنى كۆردىم. مىڭ ئەپسۇس مۇشۇ شەنبە يەكشەنبىلەرنىڭ كۆزىگە كىملەر ياغاچ تېقىۋېرىۋاتىدۇ. دېسە.
    ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif