كالىفورنىيە تەسىراتلىرى

كالىفورنىيە تەسىراتلىرى

خەلقئارا ماگنىت ئىلمى يىغىنىغا قاتنىشىش سەۋەبلىك كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سان دىئىگو شەھرىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بولدى.

كالىفورنىيەدىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەرگە ئوخشاش سان دىئىگونىڭ شەھەر تارىخىنىمۇ ئىسپان مۇستەملىكىسىگە تاقىشىدىكەن، ئەلۋەتتە ئىسپانلاردىن بۇرۇن يەرلىكلەر يەنىلا ئىندىئانلار بولغان. مىكسىكا دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن كالىفورنىيە مىكسىكىغا تەۋە بولغان. قىسقا توقۇنۇشتىن كېيىن كالىفورنىيەنىڭ ھازىرقى قىسمى ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىغا تەۋە بولغان. شۇڭلاشقىمۇ نۇرغۇن جايلارنىڭ ئىسمى ئىسپان تىلىدا.

ئومۇمى تەسىرات: بۇ دۆلەت نىسبەتەن يىڭى دۆلەت بولغاچقىمۇ شەھەرلەر يەنىلا سىمونتنىلا ئەسلىتىدىكەن (ئىگىز ۋە گىگانتىك بىنالار)، خۇددى جۇڭگۇدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردەك. ياخشى تەرىپى، ھەر بىنا ئارخىتىكتورلۇق نۇقتىسىدىن ئۆزگىچە، ھەر ھالدا بىناكارلىقنىڭمۇ گۈزەل تەرىپى بارلىقىنى ھىس قىلىسىز، ھەر ھالدا ئامىرىكىلىقلار بەك زىرىكىشلىك ئەمەسكەن. ماڭا ھەممىدىن تەسىر قىلغىنى بۇ دۆلەتتىكى يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللار، مەيلى چوڭلۇقى ۋە سۈپىتىنى دەيلى، كىشىنى قايىل قىلىدىكەن. لوس ئانجىلىسقا بارىدىغان يولنىڭ بىر يۆنىلىشىدىلا 6 ماشىنا قاتارلىشىپ ماڭالايدىكەن، ھەم 4 ماشىنا قاتارلىشىپ ماڭالايدىغان پارالىل يول باركەن. بۇ خىل يوللارنى سىلىتسىي جىلغىسىنى ئايلانغاندىمۇ ھىس قىلدىم. بۇ دۆلەتتە ئاممىۋى قاتناشقا قارىغاندا ماشىنا يوللىرىغا بەكىرەك ئىتبار بېرىلىپتۇ. ئەلبەتتە، شەرقى چىتىدىن غەرىبى چىتىگە 6 سائەت ئايرۇپىلان ئۇچىدىغان بۇنداق تۆت چاسا كەڭ دۆلەتتە ماشىنا بولمىسىمۇ كىشى بەكلا قولايسىزلىق ھىس قىلىدىكەن. سىلىشتۇرغاندا ياۋرۇپادىكى ياكى ياپوندىكى ئاممىۋى قاتناشنىڭ قولايلىقى كىشىگە ماشىنا قولايلىقىنى بەك ھىس قىلدۇرمايدۇ، پەقەت ئايرىم ساياھەت قىلىشتىلا ماشىنا ئىشلىتىپ قالىسىز، ياۋرۇپا يەنىلا كۆپ كىچىك ھەم نوپۇس بەكلا زىچ، ئامىرىكىدا بولسا نوپۇس شۇ ئىككى قىرغاققا بەكىرەك مەركەزلەشكەن، قۇرغاق رايونلىرىمۇ خېلى كوپ. ئىشقىلىپ بۇ يەردىكى قاتناش ۋە كىشىلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشىدىن بۇ يەردە ماشىنىسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. بۇ يەردە خۇددى ياۋرۇپاغا ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇش بوشلۇقى شەرقى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن كۆپ چوڭ بولغاچقىمۇ بىر مىليونلۇق شەھەرلەرنىڭ كۆلىمىنى ئاسىيادىكى 15 مىليونلۇق شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى بىلەن سىلىشتۇرۇش مۇمكىن.

sheherdiki bir doqmush

كېلىمات جەھەتتىن، كالىفورنىيە قىشتا يازدەكلا بولىدىكەن. يازدا بەكىرەك ئىسسىق ۋە قۇرغاق بولىدىكەن. قۇرغاقچىلىق كالىفورنىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى. بۇنى مىھمانخانا مونچىلىرى يىنىغا چاپلاپ قويغان سۇ ئىسراپ قىلماسلىق ھەققىدىكى گرافىكىدىن ئاسانلا كۆرگىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا بىر يىلدىكى كىلىماتىنى ئارامسىز ۋە ئاراملىق دەپلا بۆلسەك بولغۇدەك. مۇشۇنداق تۈزۈك سوغۇق بولمايدىغان يەر بولغاچقا كوچىدىلا ياشايدىغان “free style” كىشىلەر ھەممىدىن كۆپ دەيدۇ مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان ئاكام، ئامىرىكىنىڭ باشقا شىتاتلىرىدىن ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن (مىڭىپ كېلىدىغانلارمۇ بار بەلكىم) مۇشۇ شىتاتقا كېلىۋالىدىكەن. يەنى يىل بويى كوچىدا ياتسىمۇ ئۆلۈپ قالمايدىغان بولغانكىن توغرا تاللاش دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىتات مىكسىكا بىلەن چىگىرلىنىدىغان بولغاچقا زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ كىرىش يولى. زەھەر خۇمارلىرىمۇ تەبئىيلا بۇ يەرگە مەركەزلىشىپ قىلىش مۇمكىن.

IMG_20160110_111513

بۇ رايون ماڭا بەكلا قىممەتچىلىكتەك تۇيۇلدى. ئۆينىڭ باھاسىنىمۇ لوندون بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولىدىكەن، بولمىغاندا 3-4 ھەسسە يۇقۇرى. ئىنتىل، AMD، گۇگىل، فەيىسبۇك دېگەندەك دۇنيادىكى يىڭى سانائەت مەركىزى بولغان شىركەتلەر مۇشۇ شىتاتتا بولغاچقا بەلكى.

تاماقلارمۇ خېلىلا قىممەتكەن. ھەم رىستۇرانلاردا 15-20% چاي پۇلى بېرىدىكەنسىز. ئۇنداق بولۇشى كۈتكۈچىلەرنىڭ ئاساسى مائاشى بەك تۆۋەن بولۇپ، چاي پۇلى ئۇلارنىڭ مۇھىم كىرىمى بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭلاشقىمۇ، كۈتكۈچىلەرنىڭ مۇلازىمىتى ياۋرۇپاغا سىلىشتۇرغاندا بىر ئىككى ھەسسە قىزغىن، ھەتتا سەل كىشىنى ئارامسىزلاندۇرۇپ قويىدىكەن. بۇنداق دىيىشىم، مەن ئىككىنچى بىر ئىنساننىڭ ماڭا خوشامەت قىلىشىنى، ياكى مېنى پادىشاھتەك كۆرۈشىنى ياقتۇرمايمەن، ئەلبەتتە بەزى كىشىلەر (بىزنىڭ خوڭ كوڭلۇق دوكتۇر ئوقۇغۇچىمىزدەك) شۇنداق مۇلازىمەتتىن ھوزۇر ئالىدىكەن. رىستۇرانلارنىڭ قىززىق بىر يېرى، ھەممە رىستۇرانلار دېگۈدەك ياش ھەم چىرايلىق قىزدىن بىرنى (بەزىدە كىلىشكەن يىگىتتىن بىرنى قوشۇپ قويىدىكەن) يول بويىدا مىھمان چاقىرىشقا قويۇپ قويىدىكەن. ئالدىدىن ئۆتۈپلا قالدىڭىز (ئۆتمەيمۇ ئامالىڭىز يوق، بولمىسا ماشىنا بىلەن يول تالىشىپ قالىسىز) كۈلۈمسىرەپ سالاملىشىدىكەن، ئازىراقلا ئىككىلەندىڭىزمۇ بولدى ئاخىرى شۇ رىستۇرانغا بىلمەيلا كىرىپ قالىسىز… يەنە بىرىگە مەيلى قاۋاق بولسۇن مەيلى رەسمى رىستۇران بولسۇن، ھەممىلا يەردە يوغان ئىكرانلار بار، ھەم چوقۇم بىرەر مۇسابىقە قويۇقلۇق. كىشىلەرنىڭ مۇسابىقىلەرگە بولغان قىزىقىشىنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە بولۇشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن (پەقەت كىچىك ئىتالىيە دەپ ئاتالغان رايوندىكى بىر ئىتالىيان رىستۇراندىلا ئىكران كۆرمىدىم، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ رايون بىر خىل ئوماق ھەم شەھەرنىڭ جەلىپ قىلارلىق رايونى ھىسابلىنىدىكەن).

IMG_20160111_100529

IMG_20160114_143949

سان دىئىگونىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى دۇنياغا داڭلىقكەن، خەرىتىدىن قارىساممۇ كۆلىمى بەك چوڭكەن. شۇنداقتىمۇ مۇشۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىش بىلەن خوشۇم يوق، بىر خىل ئىچىم ئاغىرىپ قالىدىكەن. ھاياتىمدا پەقەت بىرلا قىتىم كىرىپ باقتىم، چاڭچۈن شەھرىدىكىسى ئىدى، شۇ بۆرە ۋە يولۋاسلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.

ياققان بىر جاي، مىدۋاي نامىدىكى ئاۋياماتكا مۇزىيى بولدى. ئاۋياماتكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ۋاقىتلىرىغىچە ئىشلىتىلگەن بولۇپ كېيىنچە سان-دىئىگو پورتىغا توختىتىلىپ مۇزىيغا ئۆزگەرتىلىپتۇ. ئاۋياماتكىدا خېلى كۆپ ساندا پىشقەدەم ھەربىيلەر بولۇپ خالىغان ئادەمگە ئاۋياماتكىدىكى ھاياتنى ۋە تېخنىكىلىق ھالقىلارنى چۈشەندۈرۈپ قويىدىكەن (ياشانغانلار بىلەن پاراڭلىشىشقا بىر خىل ئامراقمەن، نىمىشقىكىن، بەلكىم ھەممە ئادەم شۇنداقتۇ).

IMG_20160110_171142 IMG_20160110_170550 IMG_20160110_162833~2 IMG_20160110_162631~2

IMG_20160110_154800~2 IMG_20160110_161302

ماڭا ياققان يەنە بىر جايى، شەھەر سىرتىدىكى تىنىچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان تورري پايىن دۆلەتلىك قوغداش رايونى. ئەپسۇس، ئويلىغىنىمدىن كىچىككەن باغچا، شۇنداقتىمۇ كاللا سەگىتىشكە بەك مۇۋاپىقكەن. بولۇپمۇ قىرغاقتا دولقۇنلارنىڭ ئاۋازى بىلەن قۇلۇلە قاپلىرى تەرگەچ كۈن پىتىشنى كۆرۈش. مەيلى جەنۇبى ئامىرىكا بولسۇن ياكى شىمالى ئامىرىكا بولسۇن، تىنىچ ئوكياننىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى رايونلار بەكلا قۇرغاق. شۇنچە ئوكيانىڭ شاۋقۇنلاپ تۇرۇشىنىڭمۇ ھىچ پايدىسى بولمىغاندەك (بۇنىڭ سەۋەبى بار ئىدى، ئېسىمگە كەلمىدى ھازىرچە). مىسالەن پىرۇدىكى ئاتاكاما چۆلى دۇنيادىكى ئەڭ قۇرغاق جايلارنىڭ بىرى، كالىفورنىيەمۇ شۇنداقكەن. ھىسابتا قىش پەسلىدىكى ئارىلاپ كېلىپ قالىدىغان يامغۇرلا بۇ رايونغا ئازىراق ھايات بېغىشلايدىكەن. ئامما يىتەرلىك قۇياش نۇرى كىشىگە بەك خوش ياقىدىكەن.

IMG_20160110_223108

IMG_20160114_171452 IMG_20160118_163347

ئاخىرقى كۈنلەرنى سىلىتسىي جىلغىسى شىمالى تەرىپىدە ئۆتكۈزدۈم. سان فرانسىسكو راستىنلا بەك چىرايلىق شەھەركەن، مۇشۇ شەھەرلەر ئىچىدە دىڭىز ياكى كۆل بويىغا جايلاشقان، ھەم تاغلار بىلەن ئورالغان شەھەرلەر بەكلا گۈزەل بولىدىكەن، مىسالەن ئىستانبۇل، ئېدىنبۇرگ، لۇزىرندەك. سان فرانسىسكو يېرىم ئارالنىڭ ئەڭ ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، بىر تەرىپى تىنىچ ئوكيان، يەنە بىر تەرىپى ئىچكىرلەپ كىرگەن تار قولتۇق. دەل مۇشۇ قولتۇق گىرۋەكلىرى سىلىستسىي جىلغىسى بولۇپ، بىر قارىماققا ئۇزۇنچاق كۆلگە ئوخشايدىغان بۇ قولتۇق ئەتراپىدا سان-فرانسىسكو، سان خوزى، ئوۋكلاند قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر، ستانفورد (دۇنياغا داڭلىق ستانفورد ئۇنىۋېرسىتىتى مۇشۇ شەھەرچىدە) بېركىلىي، فىرمونت دىگەندەك بىرمۇنچە ئۇششاق شەھەرچىلەر بار، ھەم بىر-بىرىگە تۇتىشىپ چوڭ بىر مىتروپولىيە رايونىنى شەكىللەندۈرگەن. سان فرانسىسكو شەھىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، يېرىم ئارالغا جايلاشىقىنى ھەم يوللىرىنىڭ ئىگىز-پەسلىكى بولدى. بەزى يوللىرى شۇنچىلىك تىككى ماشىنىغا ئارتۇق ماي بەرمەي چىققىلى بولمايدۇ، ماشىنا توختىتىشمۇ بىر گەپكەن. تورمۇس تۇتمىدى تۈگەشتىڭىز دېگەن گەپ. يەنە بىر تەرىپى، بۇ شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ بىنكارلىقتا بەكلا كۆپ خىل بولۇشى، بۇنى بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ئۆي ياكى بىنا تاپقىلى بولمايدۇ دەپ سۈپەتلەش مۇمكىن. شىمال-جەنۇب يۆنىلىشىدە سېلىنغان ئالتۇن دەرۋازا كۆۋرۈكى تەرەپتىن كۆرۈنگەن شەھەرنى كۆزىڭىزدە رەسىم قىلىپ ساقلىۋالغۇڭىز كېلىدۇ. ئەگەر رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققان غالىبلارغىلا چوقۇنىدىغان، زىيادە ‘ئۇتقۇچىلارغا ئامراق كاپىتالىست مۇناسىۋەتلىرىنى ئويلىمىسام بۇ شەھەردە تۇرۇپ قالار ئىدىم بەلكىم. كىشىنى خوش قىلىدىغىنى، گەرچە شۇنچە تەرەققى قىلغان، چوڭ تىپتىكى شەھەرلەر توپى بولسىمۇ، تەبئەت يەنىلا يېنىڭىزدا ئىكەن. يېقىنلا جايلاردا كايوتى (چىلبۆرە دەمدۇق ئىشقىلىپ، جۇغى كىچىك يەرلىك بۆرە)، لينىكستەك (بوبمۈشۈك) ياۋا ھايۋانلارنى، ھەم ھەر خىل قۇشلارنى كۆرۈپلا تۇرىدىكەنسىز (بۇ تەرىپى ياۋرۇپاغا ئوخشايدىكەن، بۇنداق دېگىنىممۇ تازا توغرا ئەمەس، بەلكى پەقەت جۇڭگۇدىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئوخشىمايدىكەن دېگىنىم توغرا بەلكى).

IMG_20160116_110835 IMG_20160116_124307~2 IMG_20160116_125810 IMG_20160116_164440

سەپەر جەريانىدا تېخى ئېچىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان فەرمونت شەھرىدىكى ھەرەمباغ يىپەك يولى رىستۇرانىنى ھەم كۆرۈپ كەلدۇق. تامىقى بەك ئوخشاپتۇ، ھەم بەك تىز چىقىدىكەن. رىستۇران ئىچىمۇ چوڭ ھەم چىرايلىق بىزىلىپتۇ. ۋەتەنداشلىرىمىز ئاساسلىق خىرىدارىدەك تۇرىدۇ (ھەممە يەردە ئوخشاش). راست، 2000 غا يىقىن ئادەم قاتناشقان سان دىئىگودىكى ماگنىتىزىم يىغىنىدا ھىسابتا بىر مەن ئۇيغۇر بار، ھەتتا بىر ئۆزبىك ياكى قازاقمۇ يوق. يىغىن داۋامىدا مېنىڭ تەتقىقات تام گىزىتىمگە قىزىقىپ كەلگەن بىر خانىم پەننى سۆھبەتتىن كېيىن سېنىڭ تەلەپپۇزۇڭ ۋە تۇرقىڭدىن قەيەرلىك ئىكەنلىكىڭنى پەقەتلا بىلەلمىدىم دەپ سورىغاندا ئازىراق چۈشەندۈرۈش بەرسەم، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە كۈن ئالدىدا دوستى بىلەن شۇنداق بىر جۇڭگۇنىڭ غەربىدىن كەلگەنلەر ئاچقان رىستۇراندا تاماق يىگەنلىكىنى، بەكلا ھەيران بولغىنىنى (جۇڭگۇچە تاماققا ئوخشىمىغىنىنى دەيدۇ) دەپ، نان ۋە بىر قانچە تاماقلىرىمىزنى رەسىمگە تارتىۋاپتىكەن، مۇشۇ سىلەرنىڭمۇ دەپ كۆرسىتىپ كەتتى، قارىسام دەل شۇ رىستۇران. ئۆزى نيو-يوركتا تۇرىدىغان بۇ خانىمنىڭ كالىفورنىيەگە كېلىپلا بىزنىڭ تاماقتىن ھوزۇرلانغانلىقىدىن ئۆزەمچە خوش بولۇپ قالدىم.

IMG_20160116_135300~2 IMG_20160116_144121

IMG_20160116_101743

رەسىملەردىن قوشۇپ قويدۇم. شۇنىسى سەمىڭلاردا بولسۇن، كۆپىنچە بىز باشقا يەرلەرنىڭ گۈزەل تەرپىنىلا كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە سەت نەرسىلەرمۇ يوق ئەمەس. مىسالەن: كۈپ-كۈندۈزى چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرسىدىلا بىر قولىدا تاماكا تۇتقان خانىمنىڭ يول ئۈستىدىلا كىچىك تەرەت قىلۋاتقان كۆرۈنۈشىنى، مىترودا ئۇزۇن چاچلىرىنى پۇخادىن چىققۇچە تاراپ، تاغاققا ئىلىنغان چاچلىرىنى بىر يانغا تاشلىغان، 30 ياشلار چامىسىدىكى يىگىتنى، كۈندۈز ھەم كىچىلىرى ئەخلەت ساندۇقلىرىدىن تاماق قالدۇقى تېرىپ يەپ يۈرگەن سەرگەردان كىشىلەرنى، ئىشتىنىنىڭ بىغى يوق، ئاۋات يولدا كېتىۋاتقان ئىچ ئىشتىنىنى تەرەت قاچىسىدەكلا ئىشلىتىۋاتقاندەك تەسىرات بېرىدىغان ئادەمنى، شۇنداق گۈزەل مەنزىرىلەر بار جايلاردىكى ئورۇنسىز تاشلانغان ئەخلەتلەرنى رەسىمگە تارتىپ يۈرمىدىم…

IMG_20160111_100529 IMG_20160111_170323~2 IMG_20160110_102329~2 IMG_20160110_111020

رەسىملەرنىڭ ئوچۇق نۇسخىسى بۇ ئادرىستا

ئاچىنۇق

سان-دىئىگو لوندون ئايرۇپىلان سەپىرىدە يېزىلدى

2016-يىل قەھرىتان

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

كالىفورنىيە تەسىراتلىرى ئۈچۈن 6 ئىنكاس بار

  1. كالامى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،يېقىندا توردا سالونلاردا تېتىقسىز شۇنداقلا خاتا ئىدىيىدىكى نەرسىلەر بىر قەدەر ئەۋج ئېلىپ قېلىۋاتىدۇ ،يېقىندا بىر سالون قۇرۇپ پاكىز،تارقىتىشقا ئەرزىيدىغان ،توغرا ئىدىيىلىك يازمىلارنى يوللىماقچى ئىدىم،بىلوگىڭىزدىكى يازمىلىرىڭىزنى تارقاتساق بولارمۇ(ئەلۋەتتە مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا)،يەنە بىرسى خالىسىڭىز تەرجىمىھالىڭىزنىمۇ ئايرىم يوللىساق،ھازىر ۋەتەندە مەشھۇرلار كۆپىيىپ قالدى ،ئەپسۇسلىنارلىقى مەشھۇرلارنىڭ سۆزلىرى تەسىرى مەشھۇرلىقىغا ماس بولمايۋاتىدۇ،توغرا ئاكتىپ ئىدىيەدىكى كىشلەرنى تەشۋىق قىلىشمۇ مېنىڭچە بىر تەقەززا،جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!
      مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتسىڭىز ئەلبەتتە بولىدۇ. ھەم شۇ سالۇنىڭىزنىڭ ئۇچۇرنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، مەنمۇ كۆرۈپ باقسام.

      سالاملار بىلەن
      ئاچىنۇق

  2. Leglek مۇنداق يازغان:

    Selam ,Ahiri yeni eser yollidigiz, rehmet!Sandiago gha barghandekla bolduk,emma resim yollidim dap untup kaldigizmu

  3. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    رەسىملەرنىڭ ئۇلىنىشىنى ئاچقىلى بولمايدىغاندەك تۇردىدۇ .http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif

  4. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    ئەمدى نۇرمال كۈرۈندى . چەكلەنگەن ئوخشايدۇ ، ئۇلىنىشنى ئاچقىلى بولمايدىكەن .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif