پارچىلار

ئۇيغۇر خىرىستئانلارغا رەددىيە

مۇسۇلماندىن خىرىستىيانغا ئۆتىدىغانلار، ياكى غەرىپپەرەسلەر شۇنداق بىر نەرسىلەرنى بەكىرەك باھانە قىلىدۇ، بىرى: غەرىبنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى، بايلىقى ئۇلارنىڭ خىرىستىيان بولغانلىقىدىن دىگەندەك.

يەنە بىرى: ئەگەر بىز خىرىستىيان بولساق، ھالىتىمىز بۇنداق بولمايتى،بۇنچىلىك ئارقىدا قالمىغان بولاتتۇق، دىشۋارچىلىق تارتىپ يۈرمەيتتۇق.

ئالدىنقى پىكرىگە مۇنداق رەددىيە بىرىمىز: تەرەققىياتنىڭ ھازىرقى غەرىبكە مەركەزلىشىپ قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خىرىستىيان بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەكىرەك ئۇچۇر ئالمىشىشنىڭ 500 يىللار ئالدىدا قۇرۇقلۇق يولىدىن دىڭىز يولىغا ئۆتكەنلىكىدىن بولغان، تەرەققىيات ھەققىدە پەستە ئايرىم يازدىم. مۇنداق بىر تەجىربىدىن توپلانغان ئومۇمى فورمۇلا بار: دۇنيادىكى ھازىرقى بار بولغان، ۋە بۇرۇن بولغان چوڭ مەدەنىيەت رايونلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇ رايوندىكى ئاشلىق ئۇرۇقى (بۇغداي ياكى گۈرۈچ دىگەندەك)نىڭ سۈپىتى بەكلا ياخشى بولغان، بۇ شۇ زاماندا تۇپراقنىڭ ناھايتى ياخشى بولۇشى بىلەن باغلىنىدۇ ئەلۋەتتە. لىكىن مۇنبەت تۇپراق مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. بۇمۇ نىمىشقا بەزى چوڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىردىنلا ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر سەۋەبى. قىسىقىسى مەلۇم زامان ۋە ماكاندا نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى ھەم مەركەزلىشىشى بىز دەۋاتقان تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرگەن(Guns, Germs, and Steel: The Fates of Human Societies پروفىسسور جارېد دايئامېند) . مانا ھازىرمۇ كۆرۈپتۇرۇپتىمىزكى نوپۇس قېرىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ياۋرۇپا، ئاسىيادىكى ياپونىيەلەرنىڭ تەرەققىياتى چىكىنىۋاتقانلىقىغا خىلى يىللار بولۇپ قالدى. ئەكسىنچە نوپۇس قۇرۇلمىسى ياشلارنى ئاساس قىلغان جۇڭگۇ، ھىندىستان، تۈركىيە دىگەندەك دۆلەتلەردە تەرەققىيات ئەڭ تىز بولىۋاتىدۇ. دىمەكچى، تەرەققىياتنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن سەۋەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى ئىنىق، ھەم بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ خارابلىشىش دەۋرىيلىكىنى 50 ياكى 100 يىل ھىسابلاپ كەتمەيمىز ئادەتتە، دۇنيا تارىخى بىزگە كۆپ مىساللارنى بىرىدۇ بىز ئۈچۈن. شۇڭا، تەرەققىياتنىڭ دىن بىلەن مۇناسىۋىتى ئۇنچىۋالا يىقىن بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەگەر دىنى ئىتقادلا تەرەققىياتنى بەلگىلەيدىغان بولسا، دۇنيادىكى ھازىرقى قەدەر بولغان دىنلارنىڭ ھەممىسى توغرا بولغان بولىدۇ. يەنە بىرىگە غەرىب دۇنياسىنىڭ تىخىنىكا ساھاسىدە ھەقىقەتەن ئالدىغا چىققىنىغا ئاران 200 يىل بولدى، لىكىن بۇ 200 يىلدا غەربىتە خىرىستىيان دىنىڭ رولى ئەڭ ئاجىزلاشقان بىر چاغ. بولۇپمۇ ھازىر خىرىستىيان دىنىنىڭ ئۇلى بولغان ياۋرۇپادا چىركاۋغا كىرگەن ئادەملەر ئىنتايىن ئاز ساندا. ھەم نۇرغۇن كىشىلەر ئىنىقتىن ئىنىقلا دىنغا ئىتقاد قىلمايدىغانلىقىنى دەيدۇ. شۇڭا ئەگەر راست خىرىسىتياننى ئىسلامدىن ئۇلۇغلايدىغان ئىشىڭلار بولسا، تەرەققىياتنى مىسال ئىلىپ كۆرسىتىپ يۈرمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىككىنچى پىكىرگە مۇنداق ئاددىيلا رەددىيە بىرەيلى: دۇنيا تارىخىدىن، ھەم ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئىنىق بىر نەرسىلەرنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمىزكىن، بىر قىسىم قارا نىيەت كىشىلەر ھامان دىندىن پايدىلنىپ كىتىدۇ. ئەسلى نۇرغۇن دىنلار كىشىلەرنى ياخشلىققا چاقىرىدۇ، ئىنسانغا ئىنساندەك مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لىكىن شۇ سىياسىيونغا ئوخشاش كىشىلەر شۇنداق بۇرمىلايدۇكى دىننى ئۆز قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ كۆرسىتىدىغان قىلۋىتىدۇ. دىمەك يۇرتىمىزغا ئوخشاش بىر جۇغراپىيەلىك ئورۇندا ياشىغۇچى خەلق مەيلى خىرىستىيان بولسۇن، ياكى بۇددىست بولسۇن، ۋە ياكى مۇسۇلمان بولسۇن، ئالدىنىقى ئەسىردىكى قان ياشلىق تارىخىدا ئازىراقمۇ ئۆزگىرىش بولمايتتى دەپ چۈشىنىمەن. چۈنكى ئىككى كۈچلۈك ئارىسىغا سىقىلىپ قالغان رايوننىڭ پىشكا بولۇشتەك تەقدىرى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلىق شۇنداق يامان ئىش بولسا، نىمىشقا كوسۇۋۇ دا 40 تەك مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋىتىلىشى شۇنداق چوڭ غەۋغا قوزغاپ، ئاخىرىدا شۇنداق بىر دۆلەتنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قالدى؟ بۇ يەردە ئامىرىكا باشچلىقىدىكى غەرىب كۈچلىرى بىلەن روسىيەنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى بولغاچقىلا شۇنداق بولدى. يەنى، ئەگەر سىز ھەقىقەتەن خەقنىڭ مەنپەئەتىگە چىتىلىدىغان ئەجەللىك ئورۇندا بولسىڭىز خەق سىزنىڭ دىنىڭىزغا ياكى مىللىتىڭىزگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ. پەقەت تونۇشى تىيىز بولغان، ھىسسىياتچان ئادەملەرلا شۇنداق ئويلىۋالىدۇ. دىمەكچى، ئىسلام دىنى تارىخىمىزدا بىزگە زىيان سالغىنى يوق. ئاق-تاغلىق قارا تاغلىقنى مىسالغا ئالسىڭىزمۇ ئۇنداق يەكۈن چىقمايدۇ. تارىخنىڭ تەرەققىياتى شۇنداق بەلگىلىگەن ئىشلار، مانجۇلارنىڭ شۇنداق كۈچەيگەن زامانىغا، شەرىقتە روسلارنىڭ تازا كۈچەيىۋاتقان دەۋرىگە توغرا كىلىپ قالدۇق، ھامان بىر سەۋەبلەر بىلەن بىرىنىڭ قولىغا چۈشەر ئىدۇق. ئەكسىنچە ئىسلام دىنىنىڭ پەرھىزلىرىنىڭ قاتتىق بولۇشى، چەكلىمىلىرىنىڭ ۋە شەرتلىرىنىڭ باشقا دىنلارغا قارىغاندا كۆپ بولۇشى (يات دىندىكى ياكى دىنسىز بىلەن نىكاھلانغاندا ئىتقادىڭىزنى ساقلاپ قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن قارشى تەرەپنىمۇ ئىسلامغا كىرگۈزۈشىڭىزنى شەرت قىلىدۇ، يىمەكلىتە قاتتىق شەرتلەر بار، ھاراق-شارابلارنىڭ چەكلىنىشى ۋە باشقىلار) بۇ ئىتقادنى ئەتراپتىكىلەر مۇسۇلمان بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاسسىمىلياتسىيەگە ئىنتايىن كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغان بىر ئالاھىدىلىك بەرگەن. دەل مۇشۇ سەۋەبكە كۆرە پەقەت ئىسلام دىنى بىزنى ھازىرمۇ ئۆز تىلىمىزنى يوقاتماي ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشقا سەۋەب بولۇپ قالدى بىلسەك. قاراپ بىقىڭ، روسىيەدە، تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازان روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ ئىچىدىلا قالغان بىر جۇمھۇرىيەت، ئىۋان تۆتتىن (1552) تا ھازىرغىچە قانچىلىغان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇشلارغا، ئاسسىمىلياتىسىيە سىياسەتلىرىگە ئۇچراپ كەلدى؟ مانا ھازىرمۇ قازاندىكى مىترولاردا روس ۋە تاتارچە يىزىقلار بار، روس تازاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا مەسچىتتە قۇربان بولغان شىھىتى قولشەرىفنىڭ نامىدا ئاتالغان يىڭى مەسجىد روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ(ياۋرۇپا بويىچە ئىستانبۇلنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئەڭ چوڭ مەسجىد) جامە بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا ھازرىمۇ. ئىسلام دىنى تاتارلارنى خۇددى ئوتنىڭ ئىچىدە پاختا ساقلىغاندەك ساقلاپ قالدى. ئىسلام دىنىمىزمۇ بىزنى شۇنداق ساقلىدى ھەم ئاللاھ خالىسا ساقلايدۇ، بىزگە ھەم بۇنىڭدىن باشقا ئىسىل بىر دىن يوق، ئەگەر مىللىيلىكىمىز قوغدايمىز دىسەك. بۇ تار مىللەتچىلىك ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى تەرەققىياتىنى ساقلاپ قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان مەدەنىيەتنىڭ كۆپ-خىللىقىنى ساقلاپ قىلىش يولىغا چۈشىدۇ.

ئەگەر ئۇلار خىرىستيان بولۇپ ئۆزى بىلەن كەتسىلا مەيلى ئىدى مەنچە بولغاندا، كىمنىڭ توغرا- خاتالىقىنى ئاللاھ ئايرىيتى ئەڭ ئاخىرىدا شۇنداققۇ؟ ئەلۋەتتە، قايسى دىنغا ئىتقاد قىلىش ھەركىم ئۆزىنىڭ ھوقۇقى، بولۇپمۇ يۇرت سىرىتىدا شۇنداق قىلسا بىزگە تۈزۈك تەسىرىمۇ بولمايدۇ بىر ئىككى ئۇيغۇر خىرىسىتىيان ياكى باشقا بولسا. لىكىن ھازىر يۇرتمىزدىكى شۇ يۇقارقىدەك ئاقماس سەۋەبلەر بىلەنلا خىرىستىيان بولىۋىلىپ ئۆزى بىلەنلا قالماي ھە دەپ باشقىلارغا تەشۋىق قىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ رەڭگارەڭ مەدەنىيىتى بار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شۇنداق كۈچلۈك بىر ئاسسىمىلياتسىيە خىرىسىدا تۇرۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە.. بىزگە باشقا دىن كېرەك ئەمەس، بىزگە ئوخشاش سىقىلىپ قالغان، يا نوپۇس ئۈستۈنلۈكى، يا بىر كۈچلۈك يىقىنقى زامان تەرەققىيات ئاساسى بولمىغان مىللەتنى خەقلەرنىڭ ئانىي تىپىشىغا قاتتىق تۆھپە قوشقان بولىسىز. خوراز سوقۇشتۇرغاندەك سوقۇشتۇرۇپ ئوينايدۇ، خۇددى لىۋاندىكى مۇسۇلمان ئەرەب بىلەن خىرىستىيان ئەرەبلەردەك، سۇداندىكى دارفۇردەك، رىۋاندادەك، ھىندىستاندەك… پەنجاپلىقلاردەك، بىنگاللىقلاردەك، بوسنىيىلكلەردەك…. يىتەر!!! ۋاقتى كەلگەندە بىر ئۇيغۇر كۈلسە يەنە بىر ئۇيغۇر يىغلايدۇ، ئەجىبا ئۇلار شۇنداق بىر كۈننى كۆرۈشنى ئىستەمدۇ؟ دىننىڭ سىياسى ئۈچۈن ھامان ئويۇنچۇق بولىدىغىنىدەك ئاددى قائىدىنىمۇ بىلمەسمۇ؟

مىسسىيورلارنىڭ ياخشى گىپىنى قىلىپ، ئالدىنقى ئەسىرلەردە يۇرتمىزغا دىن تارقاتقىلى كەلگەنلەرنى بولۇشىچە ئاقلاپ ئولتۇرىدىكەن! 84-يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا، ۋە ئالدى كەينى بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئىنسانپەرۋەرلىك، تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن جەنۇبى ئافرىلىقلىق كېيپتاۋىن ئاركىبىشوپى دەسموند تۇتۇنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىر سۆزى بار:
«مىسسىيونىرلار ئافرىقىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ قولىدا بايبىل، بىزنىڭ قولىمىزدا زىمىنىمىز بار ئىدى. ئۇلار ”بىرلىكتە ئىبادەت قىلايلى دىدى ”، بىز كۆزىمىزنى يۇمدۇق، كۆزىمىزنى ئاچساق، بىزنىڭ قولىمىزدا بايبىل، ئۇلارنىڭ قولىدا زىمىنىمىز»!!!
بۇنداق مىساللارنى پۈتۈن دۇنيا مىيقىياسىدا توننالاپ تاپالايسىز. ھەتتا، ھازىرقى كۈندىمۇ بولىۋىيەدەك جەنۇبى ئامىركىدىكى دۆلەتلەردىكى چىركاۋلارنىڭ ئاساسى قىسمىغا يەرلىك مىللەتلەر (ئىندىئانلار) كىرگۈزۈلمەيدىكەن، بەلكى چىركاۋغا يانداش بالكۇندا ۋەز ئاڭلايدىكەن. مەن بۇ ئەھۋالنى فىلىپ دىئاز ئىشلىگەن ”نامراتلىقنىڭ ئاخىرى(تىگى)the end of poverty“ ناملىق ھۆججەتلىك فىلمىدا كۆرمىگەن بولسام ئىشەنمەيتتىم، شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى ئۇلارنىڭ شۇ ھالىنى كۆرۈپ. بۇ فىلىمدە كىشىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپ. چى گۋارا بىكارغا چىقمىدى، ئۇ دەل شۇنداق تەڭسىزلىكلەرنى كۆرۈپ چىدىماي قوزغالغان بىر ياش. ئىسلامدا ئېرىق ئايرىمايدۇ، لىكىن بىز خىرىستىيان دۇنياسىدا ئېرىقى ئايرىمىچىلىقنى ھەممە جايدا ئۇچرىتىپ تۇرىمىز!

ئەگەر بۇلار راستىنلا شۇنداق ئىخلاسمەن بولۇپ، ساۋاب ئىلىش ئۈچۈن دىن تارقاتقۇسى كىلىپ كەتسە، ئۆز دىنى بىلەن تىك تۇرۇپ كىلۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىنى تەپرىقچىلىققە باشلىغۇچە، دىنسىز ئىنسانىيلىقتىن يىراقلاپ كىتىۋاتقانلارنى تاللىسا بولمامدۇ؟ بۇلار ئوبيىكتنى راستىنلا خاتا تاللاپ قاپتۇ. ئۇيغۇردىن 9 مىليون بار دەيلى، ئەگەر سىز شۇنچىلىك ناتىق بولۇپ، ھەم بىر ياقتىن پاپا جەميىتى بەرگەن پۇللاردىن پايدىلانسىڭىزمۇ ئىتقادىدىن يەنە مىڭ يىل ياشىسىمۇ مىت قىلمايدىغان ماڭا ئوخشاش جاھىللاردىن قەدەمدە بىر چىقىدۇدە، بۇ كۆرىشىڭىز بەكلا ئۇزاققا سوزۇلۇپ كىتىدۇ، ھەم نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغرىقىغا، ھەم قان تۆكۈلۈشلەرگە، خەقلەرنىڭ بىزنى مايمون، ئېت قىلىپ يۈرۈشىگە سەۋەبچى بولىسىز. سىز نىمىشقا شۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ تارىخى بۆشۈكى بولغان ما ياۋرۇپاغا كىلىپ مۇشۇ يەردىكى دىنىدىن تىنىپ كىتىۋاتقان فەرەڭلەرگە نىجاتلىق يولى تىپىپ بەرمەيسىز؟ خىرىستىيانلار كۆپىيۋاتىدۇ دەپسىز، بىلىپ قىلىڭىكى خىرىستىيانلار شۇ ئافرىقىدا، ئادەملەر ئاچارچىلىقتىن ئۆلۋاتقان يەرلەردە، پاپا بەرگەن پۇللار بىلەن كۆپىيۋاتىدۇ، بۇنى ياخشى بىلىمىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋاتىكان خانىۋەيران بولسا قانداق چىدايسىز؟ ئەگەر يىراققا بارالمايمەن دىسىڭىز، سىز دىن تارقىتىشقا شۇنچىلىك ئىھتىياجلىق بىر قەۋىم ئىشىكىڭىزنى چىكىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ھازىر روھىدا بارغانچە ھەققى بوشلۇق ياساپ، سىزدەك كىشىلەرنىڭ خىرىسىتيان دىنى بولسىمۇ ئەيتاۋۇر شۇنىڭدەك بىرنەرسىلەرنى قۇيۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىشىنى تىلەپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىزگە ئوخشاش جاھىللىق قىلمايدۇ، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ھەممىسى راستىنلا سىزگە ئوخشاش يۈرىكىدىن خىرىستىيان بولۇپ كەتسە، بىزمۇ ئۇلار بىلەن كىم بىلىدۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكىرەك ئىناق-ئىجىل ياشاپ قالامدۇق. (جېجىياڭدا 25 ياشلىق بىر جۈپ كىچىدە ئويناپ قايتىش يولىدا بىر قېرى موماينى سوقۇپ، گەپ قىلماي تېرىك كۆمۈۋەتكەننىڭ گىپى بار ببسىنىڭ خەۋىرىدە، قاراڭ شۇلار نەق سىزدەك كىشىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئىھتىياجلىق ئىدى، قانچىلىك ساۋاب تاپار ئىدىڭىز). بولسا مىنىڭمۇ گۈزەل دىنىمنى شۇلارغا بىر ئۈگىتىپ، ئىنسانغا، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈگىتىپ قويغىم بار ئىدى، ئەپسۇس، قوساق مەدەنىيتى ياراتقان قەۋىمگە ئۇنى بۇنى يىمەيسەن دىسە بەكلا ئىغىر كىلىدىكەن، شۇڭا سىزنىڭ دىنىڭىز بەك ئاسان بولاتتىدە بۇلارغا، 1 مىليارد نوپۇس سىزنى قىزىقتۇرمامدۇ؟

ئاخىرىدا ئۈزەمنىڭ ئازىراق دىنى قارىشىمنى قوشۇپ قوياي:
خىرىسىتيانلاردىن نىمىشقا شۇ دىنىنى تاللىغىنىنى سورىسىڭىز ئىككىلەنمەيلا مۇنداق جاۋاب بىرىدۇ ”مەن خىرىسىتىيان دىنىدىكى خۇدانى ئىنساندەك چۈشەندىم، يەنى ئۇ بىز ئىنسانغا ئوخشاش، ئىسلام دىنىدا بولسا بەكلا ئابستىراكىت“. بۇ ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭدىكى مەكتىۋىمگە دىن تارقىتىش مەقسىتىدە كەلگەن ئوقۇتقۇچى تونىغا ئورىنىۋالغان بىرىنىڭ جاۋابى. دىمىسىمۇ خىرىستىيان دىنىدا خۇدانى ئىنسانغا يىقىنلاشتۇرىدۇ. شەخسەن ئىنساننى ئىلاھلاشتۇرىدىغان، ياكى ئىلاھنى ئىنسانلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق دىننى قوبۇل قىلمايمەن ھەم توغرا دەپ چۈشەنمەيمەن. ئىنسان مىنىڭ نەزىرىمدە شۇنچىلىك ئاجىز. قانداقمۇ ئىلاھى خۇسۇسىيەتلەر بولسۇن؟! ئىنساننى ئىلاھلاشتۇرۇش تىپىك دىكتاتورلارنىڭ كىنىشكىسى، ھىتلىر، چاۋشىيەندىكى كېم ئائىلىسى، ئاپپاق خوجا ۋە باشقىلار…

تەكرار! بىزگە يەنە بىر دىن كېرەك ئەمەس، تاللىغان يولىمىز ئىنسانىيلىق يولى. دىننى كەلسە-كەلمەس ئىشلارغا باھانە قىلمايلى. ئاللاھ بىزنى ئىنساندەك مىھىر-مۇھاببەت بىلەن ياشىسۇن دەيدۇ دەپ چۈشىنىمەن. خىرىستىيان يولى توغرىمۇ ياكى مۇسۇلمانلارمۇ دىگەن مۇنازىرە تۈنۈگۈن بۈگۈن بولىۋاتقىنى يوق، مىڭ يىللاردىن ئاشتى بۇ تالاشقا، ھىچكىم ھىچكىمنى قايىل قىلغىنى يوق، بىر مىليارد خىرىستىيان بولسا بىر مىليارد مۇسۇلمان بار. بۇ ئۇيغۇر خىرىستىيانلار ئىككى ئىغىز گەپ ئوينىتىپ بىزنى قايىل قىلىمەن دىمىسۇن، پەقەتلا ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىككىلا تەرەپكە. ھەم ئىنىقلا ئوخشاش گەپلەر تەكرارلىنىۋىرىدۇ، چۈنكى ھىچكىمنىڭ  تولۇق جاۋاب بەرگۈدەك ئاساسى يوق. بىلمەيدىغانلىرىمىز بەكلا كۆپ.. مىنىڭ تۇتقان يېڭى يولۇم توغرا دەپ بىر پۈتۈن مىللەتنى ئوتقا ئىتتىرىدىغان كىشىلەرنى بىزدىن يىراق قىلسۇن. بۇ بىز ئۈچۈن تالىشىدىغان تېما ئەمەس. تالشىشىمىزنىڭ ئورنى يوق. ئەگەر بەك تالاشقىڭلار كىلىپ كەتسە، ئۆز-ئارا چۈشىنىشىدىغان ئادەملەر ئايرىم سورۇن تۈزۈپ تالىشارسىلەر. ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلى تەۋرىنىپ تۇرۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىشىنى قايماق قىلىپ بۆلگۈنچىلىك سىلىپ يۈرمىگەيسىلەر، بۇنداق تەپرىقچىلىكلەرنى قوبۇل قىلالىغۇدەك ھۈجەيرە كام مەندە.

 

تەرەققىيات ھەققىدە (قارىغۇلارچە غەرىبپەرەسلەرگە;
ھازىرقى دۇنيادىكى تەرەققىيات ھەقىقەتەن ئىلغار مەنىدىكى تەرەققىياتمۇ ياكى سەلبى تۈسنى ئىلىپ كىلىۋاتامدۇ؟)

 

تەرەققىياتنى زادى نىمە بىلەن ئۆلچەش كېرەك؟ جەمئەتنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەم ئاساسى ئامىلمۇ بولۇشى مۇمكىن؟ نىمىگە ئاساسەن بىر جەمئەتنى تەرەققى قىلدى دەيمىز؟ بۇنىڭغا ئۆلچەملىك جاۋاب تىپىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ، ھەر كىم ئۆز ئوخشىمىغان تەبىر بىرىشلىرى ئىنىق. شەخسەن بۇنى مۇنداق چۈشىنىمەن: تەرەققىيات ئىنساننىڭ پەقەت ئىنسانغا خاس ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يۈكسىلىپ بىرىشى بىلەن ئىپادە تىپىشى كېرەك، بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى ئەلۋەتتە ئىنسانچە تەپەككۇر. تەپەككۇر قانچە چوڭقۇرلاشقانسىرى، مەسىلە ھەل قىلىش قولايلىشىدۇ، بىلىمنىڭ جۇغلىنىشى تىزلىشىدۇ. ئىنسان تەبى’ئەتسىز ياشىيالمايدۇ، تەبئەتمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، پەقەت تەپەككۇرمۇ تەرەققى قىلىپ ماڭغاندا ئۆزگىرۋاتقان تەبى’ئەتكە ماسلىشىپ ماڭغىلى بولىدۇ (يەنى بايلىقلاردىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئاساسى ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش، بۇ ئىسراپچىلىق قىلىش دىگەنلىك ئەمەس لىكىن).

سانائەت ئىنقىلابى ئىشلەپچىقىرىشنى تىخىمۇ تىزلەشتۈردى. زاۋۇت ئىگىلىرى پايدا تىپىش ئۈچۈن مەھسۇلات دىگەننى تۆكىۋەتتى بازارغا. بۇنىڭلىق بىلەن زىيادە ئىشىندە مەھسۇلات مەسلىسى ئوتتۇرغا چىقىپ 1929-يىلىدىن 33-يىلىغىچە كاپىتالىزىم دۇنياسىدىكى بىرىنچى قىتىملىق ئىقتىسادى بۆھران يۈز بەردى. پۈتۈنلەي ئەركىن بازار، ئىنساننىڭ تويماس نەپسى بۇ بۆھراننىڭ ئاساسى سەۋەبچىسى بولدى. شۇنىڭدىن كىيىن بەزى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت بازار ئىگلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە ئارلىشىدىغان يىڭىچە شەكىل چىقتى. سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بولسا پۈتۈنلەي دۆلەت باشقۇرۇش يولىغا ئۆتۋىلىپ خىلىلا بۇرنىغا يىدى. دىمەك بۇ يەردە بىر ياخشى نىسبەت بولۇشى مۇمكىن، يەنى بازار زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئەركىن بولۇشى كېرەك؟ ئىنىقكى غەرىب بۇنىڭغا ھازىرغىچە جاۋاب تاپقىنى يوق، 2008-يىلىدىكى دۇنيا خاراكتېرلىك بۆھران بۇنى يەنە بىر قىتىم ئىساپاتىلىدى. بەزى ئالدىن كۆرەرلەر بۇ قىتىملىق كىرىزىسنى خىلى بۇرۇنلا ئالدىن كۆرگەن بولسىمۇ، نەپسانىيەتچىلىككە تولغان دۇنيا ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كارى بولمىغىنىنىڭ سەۋەبى بار، چۈنكى ئاخىردا زىيان تارتقىنى يەنىلا ئاددى خەلق بولدى.

بىر شېركەتنى مىسالغا ئالساق، ھازىرقى زاماندا قانداق قىلسا زىيادە ئىشىنچە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارماستىن داۋاملىق پايدا ئالالايدۇ؟ مەھسۇلات ھەققى ئىھتىياجنى قامدىسىلا بولار ئىدى ئەسلى، لىكىن ھەممە پايدا ئالسام دەيدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ھىچكىم ئىشلەپچىقرىشنى توختاتقۇسى كەلمەيدۇ. بۇنداق ئىكەن، داۋاملىق مەھسۇلاتنى يىڭلاپ تۇرۇش كېرەك! مەھسۇلاتنى داۋاملىق يىڭىلاپ تۇرۇش تەس ئەمەس (بۇمۇ خىلى چىقىم تەلەپ قىلىدۇ ئۆز نۆۋىتىدە)، لىكىن قانداق قىلغاندا كىشىلەرنى كونا مەھسۇلاتتىن قول ئۆزدۈرۈپ يىڭى مەھسۇلاتقا قىزىقتۇرۇش ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ھازىرقى دۇنيادا بۇنى ئاساسەن تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ رولى بىلەن قىلۋاتىدۇ، ھەرخىل  شەكىلدىكى ئېلانلار، ئىنتايىن زىرەكلىك بىلەن پىلانلانغان، ھوللىيۋۇدنىڭ كىنولىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. كىشىلەر قانچە مودىغا ئامراق بولسا، قانچە ”يىڭلىققا مايىل“ بولسا شۇنچە ياخشى، تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ يەردىكى يىڭلىق پەقەت تاشقى يىڭلىققا مەركەزلەشكەن.

ئەسلى ناھايتى جىق گەپلەر بار ئىدى، قىسقارتتىم: تەرەققىيات كاللىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن، لىكىن بەدەننىڭ ئىچىلىشىنىمۇ تەڭ ئورۇنغا قويىۋالىدىغان ئىدىيە بىلەن پەقەت چىقىشالمايمەن. سەنئەت نەزىرى بىلەن قارىشى كېرەك دەيدۇ، زادى قانچىلىك ئەر زاتى شۇنداق نەزەردە تۇرۇپ قارىيالايدۇ. دىققەتنىڭ مەركىزى ئىچىلىپ قالغان يەرلەردە بولسا، كاللىدا يەنە جىنسىيەتتىن باشقا پىكىر بولارمۇ؟

ھازىرقى تەرەققىيات ھىچقاچان شۇنداق بەدەن ئىچىلىشلار تۈرتكىسىدە بولدى دەپ قارىمايمەن. ئەكسىنچە بەدەن ئىچىلغانسىرى كىشىلەر دۆتلىشىۋاتقاندەك تەسىر بار مەندە. بەلكىم بۇ گەپنى دىيىشىم بالدۇرلۇق قىلار، لىكىن مەنلا ئەمەس ئەتراپىمدىكى ھەممە كىشى شۇنداق قاخشايدۇ، ھازىرقى بالىلار(ئۇنىۋېرسىتېتتىكىلەرنى دىمەكچى) نىمانداق دۆت دەپ. ناھايتى كۆپ قىسىم بالىلاردا دىققىتىنى يىغالماسلىق ئىغىر. ھازىرقى ئالىملارنى بۇرۇنقى ئالىملارغا تەڭ قىلمايمەن، پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئوقۇسىڭىز بۇ نۇقتىغا تىخىمۇ قايىل بولىسىز، باشقا سەۋەبلىرىمۇ باردۇر بەلكى، ئامما گالىلىي زامانىسىدا ھەتتا ئۆلچەيدىغان ھازىرقىدەك سائەت يوق شۇ زامانلاردا، تومۇر سوقۇشىنى ۋاقىت قىلىپ شۇنداق بىر فورمىلالارنى يەكۈنلەپ چىققان. ئۇ زاماندا كىشىلەر تىخى يالاڭاچلانمىغان، گاللىيىنىڭ تەپەككۇرى بوغۇلۇپ قالمىغان. ئەلۋەتتە، كاللىدا بەك قىتىپ كەتكەن بەزى رامىكىلارنى چىقىپ تۇرۇش كېرەك، لىكىن بۇ بەدەننىمۇ ئىچىڭلار دىگەنلىك ئەمەسقۇ، بەدەن ئاچمىسا تەرەققىيات بوغۇلۇپ قالارمۇ، بۇ يەردىكى تەرەققىيات ماتېريالىزىم، ئىستىمالىزىممۇ؟ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، بەدەن ئىچىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى غەرىبتە ”sex—sells“ دىگەن گەپ ھەممىگە تونۇش سۆز، بۇ ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ جىنىسىيەتتىن بەكىرەك غىدىقلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن (قىرى-ياش. ئەقىللىق دۆت، بولۇپمۇ دۆت كاللىلار ھەممىدىن بەك) جىنىسىيەت ئارقىلىق كاللىنى غىدىقلاپ مىلىنى سېتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك (بۇ نۇقتىدىن يۇقارقى ئىشمۇ ئوخشاش، كۆرۈرمەنلەر سەنئەت نۇقتىسىدىن قارامدۇ ياكى باشقا؟).

توغرا، قانداق كىيىم كىيىش كىشىنىڭ ئەركىنلىكى. لىكىن ھازىر ئەركىنلىك دۇنياۋى خاراكتېردە كىيىمگە مەركەزلىشىپ قالغاندەك. كۈلكىلىك ئىشتە. فىزىكىدا، ئەگەر بىرەر تەجىربىنى ناھايتى مۇرەككەپ ئۈسكۈنىدە ئىشلىسەك، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ تەڭشەيدىغان يەرلىرى بەك كۆپ بولسا بۇنى بىز ئەركىنلىك دەرىجىسى بەك كۆپ (خام تەرجىمە، ئىنگىلىز تىلدا Degree of Freedom دەيمىز) سېستىما دەيمىز، ھەم بۇنداق ئۈسكۈنىدە ئىش قىلماق بەك تەس بولىدۇ، (تىخى يىقىندىلا شىۋىتسارىيەدە ئىشلىگەن بىر تەجىربىدە مەسئۇل دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى ئالاھىدە مىكروسكوپنى 8 سائەت، دوكتۇر ئاشتى ئۇستىسى ئىككى سائەت تەڭشىدى، پەقەت تەڭەشلا بۇ تىخى). شۇڭا ئامال بار بەزى قىسىملىرىنى چەكلەشكە تىرىشىمىز، يەنى ئەركىنلىك دەرىجىسنى چۈشۈرۈشكە تىرىشىمىز. يەنە بىر شېركەت ئوخشاش ئۈسكۈنىنىڭ ئەڭ يىڭىسىدا 20 كۇنۇپكىنى 4 كە چۈشۈرۈپتۇ، قىينالمايلا ئىش قىلىسىز. بۇ كومپيۇتېردا تەقلىد قىلشتا تىخىمۇ ئىشلەيدۇ، ئەگەر ئەركىن ئۆزگەرگۈچى مىقدارلا بەك كۆپ بولۇپ كەتسە فىزىكىلىق مەنىسىنى چۈشەندۈرەلمەي بەك قىيىنىلىپ قالىسىز، ھەم رىئاللىقتىن بەك چەتنەپ كىتىسىز، باشقىلارمۇ قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى ماتېماتېكىغىلا قوۋۇپ بەرسىڭىز ھەممىنى تەقلىد قىلىپ بىرىدۇ، لىكىن رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. جەمىئەتمۇ شۇ، ئەگەر ھەممە ئادەم ھازىرقى شارائىتتا يالىڭاچ كوچىغا چىقىپ كەتسە، ھەممە ئادەم ئويلىغىنىنى قىلسا، بىر جەمئىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ تەسەۋۋۇر قىلىڭ! ئەركىنلىكنىلا سۈيئىستىمال قىلىپ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماسلىق مەسئۇليەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھازىرىق كۆپتۈرمە ئىستىمالىزىممۇ ئوخشاش. دەرۋەقە ئۆز قىرىنداشلىرىغا ھەققى مەسئۇل بولالمايدىغان، ئۆز ئىنسانىلىقىغا مەسئۇل بولالمايدىغان كىشىلەر توپى دەل مۇشۇنداق بەدەن ئىچىش ھەركەتلىرىگە ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ئاكتىپ ئاۋاز بىرىدۇ.

ئىستىمالىزىم ئاخىرى ئىنسانىيەتنى ھالاكەت گىردابىغا باشلايدۇ. كىشىلەر مودا، جىنىسىيەت، ئۇسلۇب دىگەنلەرگە شۇ قەدەر خۇمار بولۇپ كىتىدۇكى، خوشاللىقى شۇنداق نەرسىلەرگىلا مەركەزلىشىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ پۇل خەشلەش دىگەنلىك، لازىم بولمىسىمۇ خەقتىن قالماسلىق ئۈچۈن بىر نەرسىلەرنى ئالىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى شۇنداق نەرسىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئىنىرگىيە ۋە ماددى خام ماتېرياللار سەرىپ قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئىسراپچىلىقنىڭ قانچىلىك ئىغىرلىقى دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلىنىڭ ھەر سانىدا يىتەرلىك بار. مانا شۇ ھەر بىر ئىستىمالىمىزدا ئەخلەتكە ئايلىنىۋاتقان سۇلياۋ، كىيىم-كىچەكلەر نىفىتتىن كىلىدۇ، ھالبۇكى دەل شۇ نىفىتنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسىۋاتىدۇ، چۈنكى بايلىقلار ھىچقاچان تۈگىمەس ئەمەس. كۆپىنچە نىمىسلار بىر تىلىفون ئالسا بۇزۇلۇپ كاردىن چىققۇچە ئىشلىتىدۇ، رەڭسىز ئىكرانلىق تىلىفونلارنى ھازىرمۇ ئۇچرىتىسىز. ئەسلى مۇشۇ يول توغرا ئىدى، تەرەققى قىلىڭ ھەم ئىقتىساد قىلىڭ، چۈنكى سىز پۇل خەجلىسىڭىزلا تۈگەيدىغان ئىش يوق، سىز ئورۇنسىز خەجلىگەن پۇلنىڭ سورىقى سىزگە ھازىرچە چۈشمىگىنى بىلەن، سىزنىڭ نەۋرىڭىز، ئەۋرىلىرىڭىزگە چۈشىدۇ. شۇ نەرسىلەرنى ئىشلەشكە قانچىلىك مۇھىت بولغاندى، قانچىلىك بايلىق تۈگىدى؟ قانچىلىك ئىنىرگىيە سەرىپ بولدى؟

ھازىرقى تەرەققىياتنىڭ شەكلى 100 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، 200 يىل بۇرۇنقىغا تىخىمۇ ئوخشىمايدۇ. ھازىرقى ئىسراپچىلىق تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋىردىن ئۈستۈن. دەل مۇشۇنداق نەپسانىيەتچىلىك، ئىسراپچىلىق، ئوچۇق بەدەن، يىپىق مىڭىلەرنىڭ كۆپلەپ كىتىشى يەرشارىنى ئىنسان ياشىغۇسىز بىر ماكانغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەپسۇس، شۇنداق پاكىتلىق ماقالىلەر بىسىلغان ژۇرناللار دىققەتنىڭ سىرتىدا، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر پاكىتنى بىلمەي ئىككى ئىغىز گەپ قىلسىڭىز سىزنى كاللىسى يىپىق مۇتەئەسسىپ دەيدۇ. كۈلكىلىك بىر قاراشتا، ھەقىقەتەن ئاچچىق كۈلكىلىك.

ئەگەر دۇنيا دۇنيا دەپ شۇئار توۋلاپ ياشىساق قىرىنداشلارنى ئۇنتۇپ قالساقمۇ بولىدۇ، ۋەتەن مىللەت دەپ قاخشىمىساقمۇ بولىدۇ. شەخسىيەتچىلىكنىڭ پىرامىداسىغا چىقىۋىلىپ پۇل پۇل دەپ توۋلىساق بولىدۇ توغرىمۇ؟ بەلكىم ھەممە كىشىلىرىمىز شۇنداق بولغان بىر كۈنلەردە بىزمۇ شۇ تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردىكى كىشىلەردەك ياشايمىز بەلكى. مەن بۇ يەردە شۇ تەرەققىيات سۆزىگە باشقىچە بىر مەنا بىرىمەن، بولۇپمۇ ھازىرقى ئەھۋالدا. مەيلى قايسىلا تەرەپتىن قارايلى، تەرەققىياتنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بايلىقلاردىن يەتكۈچە پايدىلنىش، تەبىئەتنى تويغىچە ئۆزگەرتىش، كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى تالان-تاراج قىلىشى… قاتارلىق نۇرغۇن رەزىل تەرەپلەر بار، نۇرغۇن تەڭسىزلىكلەر بار. پارىژنى ئايلانغىنىمدا بەك ھاياجانلىنىپ كەتمىدىم، ھەر بىر ئالاھىدە تارىخى قۇرۇلۇشنى كۆرگىنىمدە كۆزۈمگە پۈتۈن دۇنيادا شۇ بايلىقلارنى توپلاش جەريانىدا تۆكۈلگەن بىگۇناھ قانلار كىلىۋالدى.

ئەڭ بۇرۇنقى مەدەنىيەتلەر: نىل دەرياسى، دەجىلە-ئىفرات دەرياسى، سىند-گانىگ دەريالىرى… بۇ خىل مۇنبەت تۇپراق ئىنساننى ياخشى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەن، ئاشلىقنىڭ سۈپىتى نوپۇسنى كۆپەيتكەن، مەركەزلەشكەن نوپۇس تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرگەن (تەرەققىياتنىڭ بىر ئاساسى بىلىم جۇغلانمىسى). كىيىن قۇرۇقلۇق يوللىرى ئىچىلدى. غەرىب-شەرىق ئۇچۇر ئالمىشىش يۇرتىمىزنى مەركەز قىلدى، يۇرتمىز بىر مەھەل ئىلىم ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بولدى. دەل مۇشۇ چاغدا نىمىسلار تىخى ئورمانلاردا ياشايتتى، تۈزۈك يىزىقىمۇ يوق ئىدى. كىيىن دىڭىز يوللىرى ئىچىلدى، ئۇچۇر ئالمىشىش، دۇنياۋى بازارلار دىڭىز بويىغا يۆتكەلدى. ھازىر ئەڭ تەرەققى قىلغان يەرلەر دىڭىز بويى بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى بىز ئىنتېرنىت دەۋرىدە، بۇ دەۋىر تىخى ئەمدى باشلاندى، ئىنتېرنىت كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات مەركەزلىرىنى نەگە يۆتكەيدۇ بۇنىسى تازا ئىنىق ئەمەس. گېرمانىيە گەرچە ناھايتى تەرەققى تاپقان سانا’ئەت دۆلىتى بولسىمۇ، نوپۇسنىڭ ئازىيىشى ھەم قېرىلىشىشى بۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسنى خىرە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئەمگەك كۈچىگە باي دۆلەتلەردە ئىقتىسادى ئىشىش ھەممىدىن تىز بولىۋاتىدۇ، گەرچە بەزىلىرنىڭ كۆپۈك ئىقتىساد بولسىمۇ…  شۇڭا دەيمىز، تەرەققىيات دىگەن نەرسىلەر مەلۇم يەرلەرگىلا خاس ئەمەس، ئايلىنىپ كىلىدۇ ھەممىگە. ھەم نۇرغۇن شەرت-شارا’ئىتلارغا قارايدىغان گەپ. بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز بىزنىڭ قانداقتۇر ھورۇنلۇقىمىزدىن ئەمەس. شىمالى كورىيە بىلەن جەنۇبى كورىيەگە قاراپ بىقىڭ، نىمە سەۋەبتىن كىچىككىنە بىر يىرىم ئارالدا شۇنداق پەرىق بولۇپ قالدى؟
كىشىلەر ھەۋەس قىلۋاتقان ئامىركىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە رىياسەتچى بولىۋاتقىنىغا قانچىلىك زامان بولدى؟ توغىرسىنى ئىيتساق تىخى 100 يىلمۇ بولمىدى. ئەگەر دۇنيا تارىخىنى باشتىن ۋاراقلىساق تارىخىتىكى تالاي گۈللىنىش زاۋاللىققا يۈزلىنىش دەۋرىيلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئۇزۇنلۇقىنى بىلىمىز.

بەزىدە شۇنداق گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالىمەن: بىزگە 100 پروفىسسوردىن كارخانا ئاچقان بىر ئادەم كېرەك دىگەندەك… قانچىلىك كۈلكىلىك گەپ بۇ دەيمەن. ئەجىبا ھەممە ئادەم چوقۇم پۇل تىپىپ باي بولۇشى كېرەكمۇ؟  ئەگەر ھەممە ئادەم باي بولۇپ كەتسە، ۋە ياكى ھەممە ئادەم ”موللام بولۇپ كەتسە، ئايرۇپىلاننى كىم ھەيدەيدۇ“؟ كىم كوچىلارنى تازىلايدۇ؟ كىم چىچىمىزنى ياساپ قويىدۇ؟ كىم نان ياقىدۇ؟ بىر جەمىيەتتە ھەر خىل ئادەملەر بولىدۇ، بىر-بىرىگە بىقىنغان بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ خوشاللىققا ئىرىشىش يولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەخىت تۇيغۇسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەلكىم بەزىلەر شانېل نىڭ ئەتىرىنى سىپىپ ئەڭ يىڭى مودا كىيىملەرنى كىيىپ يۈرسە بەخىتلىك ھىس قىلار، بەلكىم بەزىلەر كىشىلەرنىڭ ئالقىشلىرىدا نومۇر ئورۇنلاپ خوش بولار. مەن بولسام كىرىمىم مىنى يالىڭاچ قويمىسا، ئاچ قالمىسام، ھەر ئايدا ئازىراق پۇلۇم ئىشىنىسا شۇنىڭغا ياخشى كىتابتىن بىرنى سىتۋىلىپ ئوقۇپ تۇرغۇدەك ۋاقتىم بولسا ئۈزەمنى بەخىتلىك چاغلاپ يۈرىۋىرىمەن. ئەڭ مۇھىمى قىلغان ئىشىمدىن خوشاللىق تىپىش. كۆپ ئادەملەر دەيدۇ شىركەتلەردە ئىشلىمەمسىز دەپ، پۇلنى جىق بىرىدۇ توغرا، لىكىن ماڭا ماس كىلىدىغان نەرسە ئەمەس، مەن مۇ’ئەللىملىكتىن ھوزۇر ئالىمەن، مۇئەللىم بولغۇم بار… پۇل تاپقىنى پۇل تاپسۇن، ئەقىل تاپقىنى ئەقىل تاپسۇن، چۈشكۈنلىشىپ ھەم شۇ سەۋەبلىك باشقىلارنى يىغلىتىپ يۈرمىسىلا بولدى

زىيادە ماتېريالىزىملىق، زىيادە شەخىس مەركەزلىك تەرەپكە كىتىۋاتقان دۇنياغا قاراپ خۇرسىنىپ قويىمەن، كىشىلەر ئايفون لازىم بولمىسىمۇ ئىچكى ئەزالىرىنى سىتىشىپ ئىلىۋاتىدۇ، جىنسىيەت، جىنسى ئەركىنلىك دىگەنلەر شۇنچىلىك بىر ماركا بولۇپ كەتتىكى كىشىنىڭ غىدىقى كىلىدۇ نەدىكىلا ئىلاننى كۆرسە. غەربتىكى سەزگۈر يازغۇچىلار بۇنى خىلى بالدۇرلا ھىس قىلىشقان، شۇڭا ”fight club“ دىگەندەك ئەسەرلەرنى يىزىشقان، كىنولىرىمۇ ئىشلەندى. شۇ كىنونى قانچىلىك ئادەم چۈشەندى بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. تەتقىقاتىم نانوتىخنولوگىيەسى، شۇڭا كىشىلەرنى بەكلا قىزىقتۇرۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ تىخىنىكا ئارقا كۆرۈنۈشىنى ھەم بۇندىن كىيىنكى يۈزلىنىشىنى بەلكىم سىزدىنمۇ ئىنىق بىلىپ تۇرۇپتىمەن، لىكىن بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ كىشىلەرنى قانچىلىك روھى پۈچەكلىككە باشلايدىغانلىقىنى، ئىنسانىيلىقتىن يىراقلاشتۇردىغىنىنى ئويلىسام بىر خىل بولۇپ قالىمەن. ئەگەر بىر تەرەققىيات كىشىلەرنى ئىنسانىلىقتىن يىراقلاشتۇرسا، شەخسەن ئۇنى ھەقىقى تەرەققىيات دەپ قارىمايمەن. ئىنسان زادى زاۋاللىققا يۈز تۇتۋاتامدۇ ياكى گۈللىنىۋاتامدۇ ئىنىق ئەمەس، ھەم ھىچكىم ئىنىق جاۋاب بىرەلمەسلىكى مۇمكىن. كۆپ نەرسىلەر يەنىلا نىسبى بولىدىكەن، ھەر كىم ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلايدۇ.

ھىچقانداق بىلىم/پەن پەقەت غەربىتە بارلىققا كەلگەن ئەمەس. قايسىلا پەننى مىسال ئالايلى، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تۆھپىسى بار، بولۇپمۇ فىزىكىدەك پەنلەر. ئۇ ئىنساننىڭ بىلىم جۇغلانمىسى، غەرىبلىكنىڭ ئەمەس. ئۆز زامانىسىدىكى ئالگىبىرا، خىمىيە پەنلىرىگە زور تۆھپە قوشقان ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرى بولغان. ئۇلۇغبەكنىڭ رەسەتخانىسدا ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ياۋرۇپالىقلار ئىشلەتكەن. كېپلىر ئۈچ قانۇنىنى ئۇخلاپ قوپۇپلا يىزىۋەتمىگەن. قۇتادغۇبىلىكتىكى يۇلتۇزلار ھەققىدىكى بايانلار مۇنداقلا يىزىلىپ قالغان ئەمەس. ئەرەب رەقىمى ياۋرۇپادا يىزىلمىغان. دۇنيادا ھىچقانداق بىر مىللەت ياكى دۆلەت ئۆز ئالدىغان مۇستەقىل تەرەققى قىلغان ئەمەس.تەرەققىياتنى بۇنداق ئايرىپ-ئايرىپ قويمايمىز، ئىنسانىيەتنىڭ پەن تەرەققىياتى ئۈزۈك فۇنكىسيە ئەمەس، بەلكى مونوتونلۇق فۇنكىسيە. نيوتونغۇ يەرنىڭ تارتىش كۈچى تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويدى، لىكىن نىمىشقا نىسبىيلىك نەزەريىسىنى ئوتتۇرغا قويالمىدى؟ چۈنكى بىلىشنىڭ تەرەققىياتى ئۇ باسقۇچقا كەلمىگەن ئىدى. بۇ بىر پەلەمپەيسىمان تەرەققىيات، ئالدىنقى ئەسىردە بىلىشنىڭ تەرەققىياتى بەك ئىتتىك بولدى، سەۋەب ئۇچۇر ئالمىشىش بەك تىزلەشتى، بىرى-بىرىگە سەۋەب. ئىبىن-سىنانىڭ ۋە باشقا ئەرەبلەرنىڭ مىدىتسىنا ھەققىدە يازغانلىرى ئەرەب ئىمپىريىسىنىڭ بۆلىكى بولمىش ئىسپانىيەگە يەتتى، ئاندىن 17 ئەسىرلەرگىچە ياۋرۇپادا بىلىم يۇرتلىرىدا دەرىس قىلىنىپ ئۆتۈلگەن. كىيىنچە مەزمۇن بارا-بارا تىز يىڭلىنىپ ھازىرقى بىز بىلىدىغان پەن مەيدانغا كەلدى.
تەبئەتكە يىقىنچىلىققا كەلگەندە بىز راستىنلا كۆپ ئالدىدا. بۇنى بىزنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتىمىز ۋە بۇرۇنقى ئىتقادلىرىمىز بەلگىلەپ قويغان. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە يۇرتىمىزدەك سەزگۈر يەرلەر ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭا كىشىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە تەبى’ئەت بىلەن قانداق ھارمۇنىيەلىك ياشاشنى بىلىۋالغان. بۇ ھەقتە بۇرۇن بىر نەرسە يازغان ئىدىم. ئەگەر سىلەر دىگەن شۇ چەتئەللىكلەرنى يۇرتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ شۇ يەردە ياشىتىدىغان بولساق، پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئىپادىنى كۆرىسىلەر دىسەم ئىشىنەمسىلەر؟ ئۇ خىل شارائىتتا ئەدەبلىك غەرىبلىكلەرنىڭ قەيەرلەرگە كەتكىنىنى بىلمەيلا قالىسىز. شۇڭا سىلىشتۇرىدىغان ئىشىڭلار بولسا ئوخشاش جۇغراپىيەلىك ۋە ئىقتىسادى شارائىت بىلەن سىلىشتۇرارسىلەر. شۇ سىلەر دەۋاتقان غەرىبلىكلەر بىر زامانلاردا تاس قالغان شىمالى ئامرىكىدا بۆرىنىڭ نەسلىنى قۇرىتىۋەتكىلى. يەنە شۇ تەبئەت سۆيەر غەرىبلىكلەر بىر زامانلاردا قانچىلىك پىل چىشىنى ئىلىپ ساتتى؟ بۇلار تەبئەتنى بىر بۇزۇۋىتىپ ئاندىن خاتا قىلىپتۇق دەپ قايتىدىن تۈزىتىۋاتىدۇ. كىسلاتالىق يامغۇرلار بىرىنچى بولۇپ ياۋرۇپادا بولغان. كىسلاتالىق يامغۇرنى مەن بۇ يەردە غەرىبلىكلەر تەبىئەتكە يىقىن دىگەنگە قارشى قويغان. ھازىر بۇلار ئادەتتىكى كىشىلەر تەبىئەتكە كۆڭۈل بۆلگىنى بىلەن، كىشىلەردىكى بۇ كۆڭۈل بۆلۈشمۇ شۇنداق تارىخى ساۋاقلاردىن كىيىن بولغان. چوڭ تىپتىكى شىركەتلەرنىڭ قىلۋاتقىنى يەنە باشقا. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلىنى كۆرۈپ تۇرسىڭىزلا بىلىسىز ئەھۋالنىڭ قانچىلىك ئىغىرلىقىنى.

http://achinuq.blogbus.com/logs/63619519.html

يەنە بىرىگە، غەرىبلىكنىڭ ھەممىسى بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئەمەس، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كونسىرۋاتىپلار خىلىلا كۆپ. ئۆتكەندە بىر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ دىگەنتىم بۇ گەپلەرنى: ئامىركىدا نوپۇسى 2-3 يۈزمىڭ سانىلىدىغان ئامىش دەپ بىر گۇرۇپپا خەقلەر بار، تىگى ياۋرۇپالىق ئاق تەنلىكلەر. بۇلار ھازىرمۇ ئىنتايىن كونسىرۋاتىپ ياشايدۇ، ئەر ھەم ئايال پەقەت بىر خىل رەڭدە، بىر خىل پاسۇندىلا كىيىم كىيىشىدۇ، ھەرقانداق يىڭى تىخنىكىلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ، ماشىنا ئورنىغا ئات-ئىشەك ھارۋىسى ئىشلىتىدۇ، لامپۇچكا ئورنىغا ماي چىراغ. بۇلاردىن باشقا يەنە نوپۇسى 6 مىليون ئەتراپىدا مورمونلار بار، بۇلارمۇ ئامىشلارغا ئوخشاش خىرىستىيانلار، لىكىن ئامىشلاردەك ئۇنچىۋالا كونسىرۋاتىپ بولمىسىمۇ ئائىلە قارىشى قاتارلىقلارغا كەلگەندە خىلىلا كونسىرۋاتىپ. نوپۇسى ئاز بولغان يەنە خىلى رادىكال خىرىستىيانلارمۇ بار، مىسالەن رادىكال مورمونلارنىڭ ئىچىدىكى يۇتاھ شىتاتىدا ياشايدىغان بىر گۇرۇپپىدا كۆپ ئاياللىق ئادەت ھازىرغىچە داۋاملاشقان بولۇپ بۇ خىل ئائىلىدىكىلەر 40 مىڭ ئەتراپىدا سانىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ كۆپ بولغاندا 15 ئايالى بولغان، بىر كىشىنىڭ 128 نەۋرىسى بولغان (دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى ئىككى يىل ئاۋۋالقى سانى). ئەپسۇس، بىز پەقەت كىنولاردىنلا كۆرىمىز غەرىبنى، شۇ كىنولاردا بۇ تەرەپلەرنى كۆرمەيسىز.

2012.5

Ulm

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

پارچىلار ئۈچۈن 6 ئىنكاس بار

  1. ئادىل مۇنداق يازغان:

    بۇ ماقالىنى ئوقۇپ شۇ قەدەر سۆيۈندۈمكى ،خۇددى ئىچىمدە دىمەكچى بولغانلىرىمنى بىرنىمۇ قويماي دىۋىلىپ،يەڭگللىگىنىمدىن ئاستا-ئاستا پەرۋاز قىلىشقا باشلىغاندەك ھىسياتتا بولدۇم.سۆيۈملۈك قېرىندىشىم ئۇلۇغ خۇدا سىزدەك كىشىلەرنى بىزدە تېخىمۇ زىيادە قىلغاي،مىللەت ۋەتەن دىن ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇشقا نىسىپ قىلغاي.

  2. torbajin مۇنداق يازغان:

    بۇ يازما ماڭا بەك يارىدى.

  3. چىچەك مۇنداق يازغان:

    سىزنى تۇنۇش مېنىڭ بىر تېپلغۇسىز بايلىقم.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      رەھمەت! سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز سەۋەبلىك بۇ تېمىنىمۇ ئازىراق كۆرۈپ باقتىم، بەكلا چۇۋالچاق يېزىلغان بىرىكەن. ئەسلى ئۇ يەر بۇيەرلەردە يازغان ئىنكاسلارنى جەملەپ قويغان. ئىملا خاتالىقىمۇ بەك كۆپكەن. كېيىنچە رەتلەپ قايتىدىن يازسام بولغۇدەك.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif