ئەنگىلىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇر رىستورانى

برىتانىيەگە كەلگەندىن بىرى بۇ يەردە قاچانمۇ ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلار دەپ غەم قىلىپ يۈرەتتىم. دېمىسىمۇ ياۋروپادىكى كۆپ دۆلەتلەردە ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلدى. گېرمانىيىدە ھەممىدىن كۆپ. بۇ ھەقتە شۇ رىستۇرانىلارنى تونۇشتۇرۇپ بىر ماقالە يازغان ئىدىم بۇرۇن، ئادرېسى بۇ يەردە . شۇ رىستۇرانىلار ئىچىدە فرانكفورت شەھىرىدىكى مۇقام رېستورانىنىڭ تاقىلىپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرى يەنىلا يۈرۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.

تېخى يېقىندىلا، ئىنگىلاندنىڭ تەخمىنەن ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان لەستېر شەھىرىگە تۇنجى بولۇپ قاراماي ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلدى. روژدىستىۋالىق دەم ئېلىش باھانىسى بىلەن بۇ رىستوراننى بىر زىيارەت قىلىپ كەلدۇق.

لەستېر 500 مىڭ ئۆپچۈرسىدە ئاھالە ئولتۇرۇشلۇق شەھەر بولۇپ، ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن قاتناش تۈگۈنى بولۇپ قالغان. شەھەرنىڭ تارىخىمۇ كۆپ ئۇزۇن بولۇپ، مىلادى 47-يىلىلا رىملىقلار بازا قىلىپ قۇرغان ئىكەن. ھازىر شەھەر مەركىزىدە رىملىقلاردىن قالغان پائالىيەت رايونى (مونچىنى ئاساس قىلغان كىشىلەرنىڭ يىغىلىش ئورنى) نىڭ ئىزى ھەم تېمى ساقلىنىپ قاپتۇ. شەھەردىكى ئاساسى چېركاۋىدا پادىشاھ رىچارد III نىڭ قەبرىسىمۇ باركەن. بۇ پادىشاھ بەكلا داڭلىق، بۇنداق بولۇشى 15-ئەسىردە ياشىغان بۇ پادىشاھ يورك جەمەتىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۆزىدىن خانلىق تەختىنى تالاشقان لانكاستېر جەمەتى بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇش تارىختا ئەتىرگۈل ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان (يورك جەمەتى ئاق ئەتىرگۈل، لانكاستېر جەمەتى قىزىل ئەتىرگۈلنى بايرىقىغا ئىشلەتكەن). رىچارد III نىڭ ئۆلۈمى تيۇدور خانلىقىنى روياپقا چىقىرىپ، ئنىگىلاندتا سىياسى جەھەتتىن مۇقىم، گۈللەنگەن بىر مۇھىت شەكىللەنگەن ھەم كېيىنكى ئېمپىرىيەگە ئاساس بولغان. ھېسابتا لەستېرغا يىقىن جايدىكى بوسۋورت جېڭىدىكى رىچارد III نىڭ ئۆلۈمى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇزاققا سوزۇلغان زۇلمەت ۋە ئۇرۇشلارغا خاتىمە بەرگەن، شۇڭلاشقىمۇ ئالاھىدە سىمۋوللۇق تۈسى بار. باشقا مۇھىم نەرسىلەردىن يەنە: بۇرۇنقى ئاشلىق ئامبېرىنىڭ قېشىدا 800 يىللىق تارىخقا ئىگە (ھازىرقى ئورنىنىڭ تارىخىمۇ 700 يىل ئىكەن) ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى يېپىق بازار باركەن، ھەم ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدىكەن. دۆلەتلىك ئالەم-قاتناش مەركىزى/مۇزېيىمۇ مۇشۇ شەھەردىكەن.

بۇ شەھەردە مۇسۇلمانلار خېلىلا كۆپ بولسا كېرەك، كۆپ ساندىكى بىز بىلىدىغان غەربىچە تىز تاماقخانىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ھالال بەلگىسى بار ئىكەن. ھەتتا بىر جۇڭگۇچە رىستۇرانمۇ ھالال بەلگىسى ئېسىۋاپتۇ (بەك قىززىق ھە، ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە دېگەننى بىلەتتىكەن ئەسلى)…

گەپكە قايتىپ كەلسەك، بىزنىڭ بۇ ئۇيغۇر رىستورانىمىز مەركىزى ۋوگزالغا ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، ۋوگزالدىن چىقىپلا يۇقىرىغا قاراپ لوندون كوچىسىنى بويلاپ ماڭسىڭىز 109-نومۇر. كۆپ دېگەندىمۇ بەش مىنۇتلۇق يول. رېستوران كىچىك بولغىنىغا قارىماي ياخشى بىزىلىپتۇ، ئۇسلۇب جەھەتتىن ياۋروپادىكى باشقا ئۇيغۇر رېستورانلار بىلەن ئوخشىشىدىكەن. تاماقلىرىنىڭ باھاسىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن. تائاملىرىمۇ بەك ئوخشاپتۇ، ھېسابتا ۋەتەننىڭ تەمى دەيمىز. بۇ رېستوراننىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ روناق تېپىشىنى تىلەيمىز. رەسىملەرنى پەستە بەردىم.

1800 يىللىق تارىخى بار تام ئىزىلىرى

1800 يىللىق تارىخى بار تام ئىزىلىرى

haraq

كوچىدە ھاراق ئېچىش چەكلەنگەن ئىكەن بۇ رايوندا

meschit

مەركىزى مەسچىت، ۋوگزالغا يېقىنلا يەردە

tiyatir

ئۆزگىچە تىياتىر يېنىدىكى كوچىلار

chirkaw

ئاساسى چىركاۋ. رىچارد III نىڭ قەبرىسى مۇشۇ يەردىكەن

sheher

ashxana2

رىستوران ئىچى

ashxana

رىستوراننىڭ كوچىدىن كۆرۈنۈشى

tamaqlar

ئاچىنۇق

2015-يىل 12-ئاي

بۇ يازما ئۇيغۇر + ياۋرۇپا, ئۇچۇر-خەۋەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئەنگىلىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇر رىستورانى ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    ساقلاپ قالدۇق ئەمسە http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif

  2. ئىلھام مۇنداق يازغان:

    ئوخشىغاندەك قىلىدۇ ھە ، ئاۋۇ ئوتتورىدىكى تەخسىدىكى نىمە تاماق ؟ سېرىق ئاشمۇ ياكى ئىتالىيە چۆپىمۇ ؟

  3. Leglek مۇنداق يازغان:

    ?Selam kurbanjan aka, Leghmen eghir kettimu bir ay boldi hich yazmaywatisizghu

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif