ئالبېرىت ئېينىشتېينىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ كۈندىلىك تورمۇشمىزدىكى 8 خېل ئەمەلىي قوللىنىلىشى

ئالبېرىت ئېينېشتىينىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ كۈندىلىك تورمۇشمىزدىكى 8 خېل ئەمەلىي قوللىنىلىشى

ساۋۇتجان سېدىق تەرجىمىسى (گېرمانىيە براۋنشۋايگ تېخنىك ئۇنېۋېرسىتېتى دوكتۇر ئاسپىرانتى)

مەنبە:

http://www.livescience.com/48922-theory-of-relativity-in-real-life.html

نىسپىيلىك نەزەرىيىسى20- ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق ئىلىم پەن نەزەرىيلىرنىڭ بىرى. لېكىن بۇ نەزەرىيە بىزنىڭ كۈندىلىك تورمۇشمىزدىكى شەيئىلەرنى قانچىلىك ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟

1905-يىلى ئالبېرت ئېينىشتېيىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە فىزىكىنىڭ قانۇنلىرى ھەممە يەردە ئوخشاش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نەزەرىيە جىسىملارنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىتتىكى ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە بۇ نەزەرىيە قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇدلىقدىن تارتىپ نۇرنىڭ ئىغىرلىق كۈچى مەيدانىدا ئىگىلىشى، مىركۇرىينىڭ ئوربىتا ھەرىكىتى قاتارلىق بارلىق ھادىسىلەرنى ھېسابلىيالايدۇ.
بۇ نەزەرىيە قارىماققا بەكلا ئاسان. بىرىنچىدىن، بۇ نەزەرىيىدە «مۇتلەق» پايدىلىنىش سىستېمىسى يوق. ھەر قېتىم مەلۇم نەرسىنىڭ تېزلىكىنى ياكى ھەرىكەت مىقدارىنى ئۆلچىگەندە ۋە ياكى ۋاقىتنى قانداق ھېس قىلىشىدا ھەمىشە مەلۇم بىر نەرسە بىلەن مۇناسۋەتلىك بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، قانداق ئۇسۇلدا ئۆلچەشتىن قەتئىينەزەر يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى بىردەك بولىدۇ، ھەم ۋاقىتنى ئۆلچىگۈچىنىڭ ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۈچىنچىدىن، ھەرقانداق جىسىمنىڭ تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكدىن يۇقىرى بولمايدۇ. ئينىشتېيىنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنىڭ مەزمۇنى بەك چوڭقۇر بولۇپ، ئەگەر يورۇقنىڭ تېزلىكى ھەمىشە ئوخشاش بولسا، يەر شارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭغان ئالەم ئۇچقۇچىسىغا نىسبەتەن يەر شارىدىكى كۆزەتكۈچىگە قارىغاندا ۋاقىت ئاستا ئۆتىدۇ. بۇ ھادىسە ۋاقىتنىڭ ئاستىلاش ھادىسسىدۇر. (يەنى سىز ئالەمنى نۇر تىزلىكىدە بىر ئايلىنىپ قايتىپ كەلگىنىڭىزدە بالىڭىزنىڭ سىزدىن قىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز، سىزە ئۆتكۈزگەن بىر سىكۇنىت بالىڭىز ئۈچۈن بىر يىل بولغاندەك ئىش)
لېكىن سىز نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەسىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇق تېزلىكىدە ئۇچىدىغان ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدىمۇ بىز كۆرەلەيدىغان نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىرقانچە ئەمەلىي مىساللىرى بار. ھەتتا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدا ئىشلىتىۋاتقان پەن-تېخنىكا يېڭلىقلىرىمۇ ئينىشتېيىنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بەردى. تۆۋەندە بىز كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىرقانچە ئەمەلىي مىساللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

GPS .1 يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى
سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ ئېنىق خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، سۈنئىي ھەمراھلار نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېففېكتىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك. چۈنكى سۈنئىي ھەمراھلار يورۇقلۇقنىڭ سۈرئىتىگە يېقىن سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلالمىسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھلار يەر شارى كۆزىتىش مەركىزىگە ئۈزلۈكسىز سىگنال ئەۋەتىپ تۇرىدۇ.
ئېنىق بولغان سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن، سۈنئىي ھەمراھلار نانۇسىكونتلىق ئېنىقلىق دەرىجىسىگە ئىگە بولغان سائەتلەرىنى ئىشلىتىدۇ. ھەربىر سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20300 كىلومېتىر ھەممىدە 10000 كىلومېتىر سائەتلىك سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. نىسبىيلىك نەزەرىيىسى سەۋەبلىك سۈنئىي ھەمراغا نىسبەتەن ۋاقت سەل ئاستا ئۆتىدۇ. ھەركۈنى 4 مىكرو سېكۇنت ۋاقىت نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ۋاقىت ئاستىلىشىغا تولۇقلىنىدۇ ھەمىدە ئېغىرلىق كۈچنىڭ تەسىرى ئۈچۈن 7 مىكرو سېكۇنت تولۇقلىنىدۇ. ئەگەر بۇ تۈزىتىشنى كىرگۈزمىسەك، سىزگە نىسبەتەن 800 مېتىر يىراقلىقتىكى ماي پۇنكىتى بىر ئۆتكەندىن كېيىن GPS خەرىتىسىدە 8 كېلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ قالىدۇ. يەنى GPS مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

2. ئېلېكتر ماگنىت
ئېلېكتر ماگنىت بولسا بىر خىل نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەسىرى بولۇپ، ئەگەر سىز توك ئىشلەتسىڭىز سىز گېنېراتورلارنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە مىننەتدار بولۇشىڭىز كېرەك.
ئەگەر سىز بىر ھالقىسىمان توك سىمنى ماگنىت مەيدانىدا ھەرىكەتلەندۈرسىڭىز،سىز ئېلېكتر ئېقىمى پەيدا قىلالايسىز. توك سىمىدىكى زەرەتلەنگەن زەرىچىلەر ئۆزگىرىۋاتقان ماگنىت مەيداننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇ سەۋەپتىن بىرقىسىم زەرەتلەنگەن زەررىچىلەر يۆتكىلىدۇ ۋە ئېلېكتىر ئېقىمى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر سىز ھازىر ماگنىتنى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلسىڭىز، ئۆتكۈزگۈچى سىمدىكى زەرەتلەنگەن زەرىچىلەر قىلچە ھەرىكەت قىلمايدۇ، شۇڭا ماگنىت مەيدانى زەرەتلەنگەن زەررىچىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك. لېكىن، ماگنىت مەيدانى زەرەتلەنگەن زەررىچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئېلېكتر ئېقىمىمۇ ئۆتكۈزگۈچى سىمدا ئاقىدۇ. بۇ ئۆتكۈزگۈچى سىمدا ھېچقانداق پايدىلنىش سېستېمىسىنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
كالىفورنىيە كارىلمېنت ئۇنىۋېرسىىتېدىكى پروفېسور توماس مور نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى قوللىنىپ ئۆزگىرىۋاتقان ماگنىت مەيدانى ئېلېكتر ئېقىمى پەيدا قىلىدۇ دېگەن فارادى قانۇنىنى بىزگە ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. دەل بۇ ترانسفورماتور ۋە گېنېراتورنىڭ يادرو پرىنسىپى، مۇر“ ھەرقانداق ئېلېكتىر ئىشلەتكەن بىرەيلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېففېكتىنى ھېس قىلالايدۇ“ دەيدۇ.
ئېلېكتر ماگنىتى نىسپىيلىك نەزەرىيسى بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، تۇراقلىق توكنىڭ زەرەتلەنگەن زەررىچىلىرى ئۆتكۈزگۈچى سىمدا ئاققاندا، ئېلېكتورۇنلار ماتېرىيال ئارقىلىق ئاقىدۇ. ئادەتتە، ئۆتكۈزگۈچى سىم نېيترال ھالەتتە بولىدۇ. بۇ ئۆتكۈزگۈچى سىمنىڭ تەڭ مىقداردىكى مۇسبەت ۋە مەنفى زەرەتكە ئىگە بولغانلىقىنىڭ تەتىجىسى . لېكىن، سىز يەنە بىر تۇراقلىق توكلۇق ئۆتكۈزگۈچى سىمنى پاراللىل قويسىڭىز، بۇ ئىككى ئۆتكۈزگۈچ ئۆز-ئارا تارتىشىدۇ ياكى تېپىشىدۇ ھەمدە بۇ ئۆتكۈزگۈچتىكى توكنىڭ يۆنىلىشى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولدۇ. ئەگەر ئېلېكتىر ئېقىمى ئوخشاش يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلدۇ دەپ پەرەز قىلساق، بىرىنچى ئۆتكۈزگۈچتىكى ئېلېكتىرونلارغا نىسبەتەن ئىككىنچى ئۆتكۈزگۈچتىكى ئېلېكتورونلار ھەرىكەت قىلمىغاندەك كۆرىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتورونلارغا نىسبەتەن، ئىككى ئۆتكۈزگۈچتىكى مۇسبەت زەرەتلەر ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى مۇسبەت زەرەتلەرنىڭ سانى مەنفى زەرەتلەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى زەرەتلەر ئۆزئارا تېپشقاندەك، ئۆتكۈزگۈچى سىملارىمۇ ئۆز-ئارا تېپىشدۇ.
قارشى يۆنىلىشتىكى ئېلېكتىر ئېقىمى ئۆزئارا تارتىشىدۇ………

3. ئالتۇننىڭ سېرىق رەڭدە بۇلىشى
كۆپ قىسىم مېتاللار پارقىرايدۇ، چۈنكى ئاتوم ئىچىدىكى ئېلېكترونلار دائىم ئېنېرگىيە دەرىجىسى ياكى ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. مېتاللارغا سوقۇلغان فوتونلار ئاتوم تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ ھەمدە قايتا تارقىتىلىدۇ. كۆپ قىسىم كۆرۈنىدىغان نۇرلار قايىتدۇ. ئالتۇن بولسا ئېغىر ئاتوم، شۇڭا ئېلېكتورونلار بەك تېز ھەرىكەت قىلغاچقا، نىسپىىيلىك ماسسىنىڭ ئېشىشى ھەمدە ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقىرىشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. نەتىجىدە، يادرونى ئايلىنۋاتقان ئېلېكتورونلار مۇساپىسى قىسقا، ھەرىكەت مىقدارى چوڭ بولىدۇ. دولقۇن ئۇزۇنلىقى ئۇزۇنراق يورۇقلۇق دېگىنىمىز ئاسانلا قايتۇرۇلىدىغان كۆرۈنىدىغان يورۇقلۇقلار سۈمۈرىدۇ دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە يورۇقلۇق يەتتە خىل رەڭنىڭ ئارىلاشمىسى بولسىمۇ، لېكىن، ئالتۇننى نەزەرگە ئالساق، يورۇقلۇق سۆمۈرىلگەندە ياكى ئېتىپ چىقىرىلغاندا، دولقۇن ئۇزۇنلىقى ھەمىشە ئۇزۇنراق بولىدۇ. بۇ بىز كۆرەلەيدىغان يورۇقلۇقلارنىڭ ئىچىدە كۆك ۋە بىنەپشە نۇر بىرقەدەر ئاز بولىدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بىرىدۇر. بۇ ئالتۇننى سېرىق رەڭدە كۆرسىتىدۇ. چۈنكى سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭلەرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى كۆك رەڭگە قارىغاندا ئۇزۇنراق بولىدۇ.

4. ئالتۇن ئاسان چىرىمايدۇ
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئالتۇننىڭ ئېلېكترونلىرىغا بولغان تەسىرى بۇ مېتالنىڭ ئاسان داتلاشماسلىقى ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئاسان رېئاكسىيىگە كىرىشمەسلىكىنىڭ بىر سەۋەبى. ئالتۇننىڭ سىرتقى ئېلېكترون قەۋىتىدە پەقەت بىرىلا ئېلېكترون بار، لېكىن بۇ يەنىلا كالتىسىي ياكى لىتىي دەك ئاكتىپ ئەمەس. ئەكسىچە، ئالتۇننىڭ ئېلېكترونلىرى قارىماققا «ئېغىراراق» بولىدۇ ھەمدە يادروغا بەكرەك تارتىلىپ تۇرىدۇ. بۇ دېگەنلىك سىرتىقى قەۋەتتىكى ئېلېكترونلار باشقا ماددىلار بىلەن رىېئاكىسيەگە كىرىشەلەيدىغان ئىمكانىيەتتە بولالمايدۇ. سىرتقى قەۋەتتىكى ئېلېكترونلار يادروغا يېقىن ئېلېكترونلارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

5.سىمابنىڭ سۇيۇقلۇق ھالەتتە بولۇشى
ئالتۇنغا ئوخشاشلا، سىمابمۇ ئېغىر ئاتوم، سىرتىقى قەۋىتىدىكى ئېلېكترونلار يادروغا يېقىن تۇرىدۇ چۈنكى سۈرئەت ۋە ماسسىنىڭ ئېشىش سەۋەبدىن. سىمابنىڭ ئاتوملار ئوتتۇرىسىدىكى باغ ئىنتايىن ئاجىز شۇڭا سىماب تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئېرىيدۇ ۋە سۇيۇق ھالەتتە كۆرىنىدۇ.

6.تېلېۋىزور
كۆپ قىسىم كونا تېلېۋىزورلاردا كاتود نۇرلۇق ئېلېكترون لامپىلىق ئېكران بار. بۇ كاتود نۇرلۇق ئېلېكترون لامپا ئېىلېكترونلارنى فوسفور يالىتىلغان (بۇ يەردىكى فوسفور سۆزى ئېلمېنت فوسفور ئەمەس، بەلكى ئېنېرگىيە تەسىرىدە نۇر چىقىرىدىغان ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ) ئىكرانغا سوقۇش ئارقىلىق بىز كۆرىدىغان تەسۋىرنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەربىر ئېلېكترون فوسفور ئېكرانغا سوقۇلغاندا بىر پىكسېل يورۇقلۇق تەسۋىرى پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەسۋىرىنى پەيدا قىلغان ئېلېكترونلارنىڭ تېزلىكى يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %30 ىگە يېتىدۇ، شۇڭا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك. تېلېۋىزور ئىشلەپ چىقارغاندا، ئېلېكترون لامپىنىڭ لايىھىيلىنىشى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىنى ئىتبارغا ئېلىپ ئىشلىنىدۇ.

7. يورۇقلۇق
ئەگەر ئىساك نېيۇنىڭ مۇتلەق تېنچ سېستىم بار دېگەن پەرىزى توغرا بولسا، بىز يورۇقلۇق دېگەن ئوقۇمغا باشقىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولاتتۇق. ئۇنداق ئەھۋالدا يورۇقلۇق بولمىغان بولاتتى. پروفېسسور مور ”ماگنىتلا مەۋجۇت بولماي قالماي، يورۇقلۇقمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، چۈنكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېلېكتىر ماگنىت مەيداننىڭ ئۆزگىرىشنىڭ مەلۇم سۈرئەتتە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ“ دەيدۇ. ”ئەگەر نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بۇ چەكلىمىسى بولمىغاندا، ئوخشىمىغان ئېلېكتىر مەيدانلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر شۇ ھامان بىر-بىرى بىلەن تەسىرلىشەلەيدۇ، دېمەك تەسىرلىشىش ئۈچۈن ئېلېكتېرماگنىت مەيدانىغا ھاجىتى بولمايدۇ، ماگىنىتىزىم ۋە يورۇقلۇق ھادىسىسىمۇ بولمايدۇ.

8. يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىسى ۋە چوڭ يۇلتۇزلار پارتىلىشى (سيۇپىرنوۋا)
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ماسا ۋە ئېنېرگىيە ئۆزئارا ئالمىشالايدۇ دېگەن ئۇقۇمى يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىلىرىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە قۇياشنىڭ قۇياشتەك پارقىراپ ئېنېرگىيە چىقىرىپ تۇرۇشىنىڭ نەزەريىۋى ئاساسى. يەنە بىر مۇھىم ھادىسە سيۇپىرنوۋا (غايەت چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى، بۇ خىل پارتلاشتا چىقىدىغان بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە قۇياشقا ئوخشاش بىر پىلانىتنىڭ تولۇق ئۆمرىدە چىقارغان ئېنىرگىيىنى چىقىرىدۇ، بۇ ئېنېرگىيە شۇنچىلىك چوڭكى ئالەمنى قىسقا دەم يورىتىۋېتىدۇ). سيۇپىرنوۋا غايەت چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇلتۇز جىسىمدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى تەسىرىنىڭ كۋانت تەسىرىنى يېڭىشى سەۋەبلىك يۇلتۇز سىرتىقى قىسىم ماسسىنىڭ يۇلتۇز يادروسىغا غۇلاپ چۈشۈشى سەۋەبلىك ماسسىسى زىچ بولغان نېيترون يۇلتۇزىغا ئايلىنىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ھاسىلىلەر قاتارىدا تۆمۈرگە ئوخشاش ئېغىر مېتاللار شەكىللىنىدۇ ۋە پۈتۈن ئالەمگە چېچىلىپ كېتىدۇ. دېمەك مۇشۇ ھادىسە بولمىغان بولسا ئالەمدە ئېغىر ئېلمېنتلار پەيدا بولمىغان بولاتتى، بىز ھەم بۇ گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرمىغان بولاتتۇق.

تەھرىرلەپ يوللىغۇچى:

ئاچىنۇق

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئالبېرىت ئېينىشتېينىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ كۈندىلىك تورمۇشمىزدىكى 8 خېل ئەمەلىي قوللىنىلىشى ئۈچۈن بىر ئىنكاس بار

  1. پەنجىر مۇنداق يازغان:

    خېلى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرجىمە قىلىنىپتۇ جۇمۇ! http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif