جۇمھۇرىيەت كۈنىدىكى قىزىق پاراڭلار

بۈگۈن 12-نويابىر، جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىمىز. ئەسلى بۇ تېمىنى بالدۇرراق يازاي دېگەن، ئالدىراشلىق سەۋەبلىك مۇشۇ كۈن ئۆزىدە يېزىش ئاران نىسپ بولدى. بۇ كۈننى شەخسەن بىر قانچە پەن-تېخنىكىدىكى يېڭىلىقلارنى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش شەكلىدە تەبرىكلىگۈم كەلدى.

مۇشۇ تەتقىقات دەپ بەزىدە ھەر خىل نەتىجىلەر ئېلان قىلىنىدۇ، لېكىن تەتقىقات بولۇپلا داڭلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنسىلا ھەقىقەت بولۇپ قالمايدۇ، كۆپىنچە ماقالىلەر شۇ كەسىپتىكى كىشىلەرنىمۇ يېتەرلىك قايىل قىلمايدۇ، شۇڭا يەنىلا گۇمانىي كۆز قاراشتا بولۇش لازىم (تەتقىقات ماقالىسىدە ساختىلىق قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس). بىزمۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆز ساھەمىزدىكى نۇرغۇن ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردىن پۇتاق تېپىپ ئولتۇرىمىز. تۆۋەندىكى يىڭى ئېلان قىلىنغان خەۋەر خاراكتېرىدىكى ماقالىنى بەردىم، كۆرۈپ بېقىڭلار:

1. ماگنىت كىشىلەرنىڭ دىنى ئېتىقادىغا تەسىر قىلالايمىش

مەنبە:

http://scan.oxfordjournals.org/content/early/2015/09/03/scan.nsv107.full.pdf+html

ئاساسى مەزمۇنى:

پسىخىك ئالىملىرى ماگنىت ئىنىرگىيەسىنى مېڭىگە تەسىر قىلغۇزۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىن ۋە كۆچمەنلەرگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ تەتقىقات كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر گۇرۇپپا ترانزكرانىيال ماگنىتلىق قوزغىتىش (transcranial magnetic simulation) تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ (بۇ تېخنىكا ئارقىلىق مېڭىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى زەخىمسىز ۋاقىتلىق نورمال خىزمىتىدىن توختىتىپ قويغىلى بولىدىكەن؛ ماڭا بەك لازىمتىكەن ئەسلى، ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك ئېتىۋەتكىلى بولسا ھە مۇشۇ بەزى رايونلارنى… …) ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ تەجرىبىگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئىلاھقا بولغان ئىشىنىش دەرىجىسى تەجرىبىدىن كېيىن ئۈچتىن بىر قىسىم چۈشۈپ كېتىپتۇ، ھەم ئۇلارنىڭ كۆچمەنلەرگە بولغان ھېسسىياتى كۆرىنەرلىك ياخشىلانغانمىش (بىر خىل بېلىق پۇرايدۇ ما گەپلەر ھە، پەرەڭلەرنىڭ گىپى بويىچە fishy دەپ قويىمىز :)) ئەگەر بۇ تەجرىبە ھەقىقەتەن راست بولۇپ قالسىچۇ؟ ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن، بەزى كاللىسى قېتىپ كەتكەن كىشىلەر دەررۇ يەر -يەرلەرگە ماگنىتلىق ئۆيلەنى سېلىۋەتسە، كىملىك تەكشۈرگەچ ماگنىتتىن ئېنېرگىيە ئېلىپ تۇرساق… مىللەت ئايرىماي قىلسا، بانكىغا، پوچتىخانىغا بېرىپ ئىش بېجىرگەندە بىر خىل كۈلۈپ قارىسا، تەلەپپۇزىمىز سەۋەبلىك چىرايلىرى ئۆزگەرمىسە… … (كەچۈرۈڭلار، ئىنگىلىزلارنىڭ ئەۋرىشىم ساتىرا گەپ ئۇسۇلى ماڭىمۇ خىلى تەسىر قىلغان بولسا كېرەك)

2. ئالىملار گېن ”تەھرىرلەش“ ئارقىلىق لۇكىمىيا سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى بار بىر قىزنى قۇتقۇزىۋالغان.

مەنبە:

https://www.newscientist.com/article/dn28454-gene-editing-saves-life-of-girl-dying-from-leukaemia-in-world-first/

تەپسىلاتىنى مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمىدىم، بۇنى ھەممىگە تونۇشلۇق دوكتۇر تۇرسۇنجان بىلگە ئورتاقلىشىپ قويۇپتىكەن، مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم. گەرچە بۇ نەتىجىنى 100% غەلىبىلىك بولدى دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلسىمۇ (يەنى بۇ قىزدا كېيىن راكقا ئوخشاش باشقا كېسەللىكلەر بولماسلىقى كېرەك بۇ سەۋەبلىك) لېكىن مېدىتسىنادىكى ئىنقىلابلار پارتلاشقا باشلاپتۇ دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. خۇددى ئىملاسى خاتا بولغان بىر ماقالىنى تۈزەتكەندەك، بىرەر كىشىدە گېن سەۋەبلىك كېسەللىكلەر بولسا، مولىكۇلا قايچىسىنى چىقىرىپلا شۇ گېن قۇرۇلۇشىنى تۈزىتىپ ئوڭشاپ قويسىلا كېسەل يوقالدى دېگەن گەپ (ئاڭلىماققا ئاسان، كەلگۈسىدە راستىنلا ئاددىيلىشىشى مۇمكىن). بۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى يەنىلا كىشىگە، دۇنيا بىر كۈنگە بارغاندا ماشىنا ئادەم بىلەن ئىنساننىڭ زادى قانچىلىك پەرقى قالىدۇ؟ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى زادى قايسى باسقۇچقا بارىدۇ؟ كەلگۈسىدىكى ئىنسانلار ئىنسان بىلەن ماشىنىنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسى شەكلىدىكى يىڭى تىپتىكى ئادەملەر بولامدۇ؟ ھازىرقى كۈندىكى ماشىنا ئادەمنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى بۇ مۇمكىنچىلىكلەرنى يوققا چىقارمايدۇ. كۈنىمىزدىكى ماشىنا ئادەملەر شاھماتتا ئىنساننى مات قىلىدۇ، ھەتتا ئىنسانىي ھېسسىياتىنىمۇ تەقلىد قىلالايدۇ… ئازلا قالدى، ئەگەر بىرسى سىزگە كاللاڭغا بىر كىچىك CPU ئورنىتىمەن، كاللاڭ بۇرۇنقىدىن 100 ھەسسە تىز ئىشلەيدۇ، ھەم دۇنيادىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى يادلىۋالىسەن، بولامدۇ دەپ سورىسا، مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان مۇتلەق كۆپ ساندىكىمىز ئىككى قولىمىزنى تەڭلا كۆتۈرىمىزغۇ دەيمەن ھە؟

3. قازاقىستاندا بايقالغان يىڭى سىرلىق شەكىللەر

بۇنى بىر ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكار گۇگىل يەر شارىنى ئويناپ ئولتۇرۇپ بايقاپ قالغان بولۇپ، قاتتىق قىزىقىش قوزغىماقتا.

مەنبە:

http://www.nytimes.com/2015/11/03/science/nasa-adds-to-evidence-of-mysterious-ancient-earthworks.html?_r=0

http://discovery.turgay.kz/

بايقالغان بۇ خۇددى پېرۇدىكى ناسداك شەكىللىرىگە ئوخشاش بۇ شەكىللەرنىڭ كۆپىنچىسى سىزىق، ھالقا، تۆت بولۇڭ شەكىللىرىدە بولۇپ، چوڭلىرى نەچچە پۇتبۇل مەيدانى چوڭلىقىدا، ئەڭ قەدىميلىرىنىڭ تارىخى 8 مىڭ يىلغا بارىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئالاھىدلىرىدىن ئۇشتوگايىسكى تۆتبۇلۇڭى بولۇپ، تۆۋەندە رەسىمىنى بەردىم. بۇ شەكىللەرنى پەقەت ئاسماندىن تارتقاندىلا شەكلىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇ شەكىل يىڭى تاش قوراللار دەۋرىگە تەۋە مەھەللىگە (ئىنسان ئىزناسى دېمەكچى) يېقىن جايدا بولۇپ 101 سۈنئى دۆڭنىڭ تىزىلىشىدىن تەشكىل تاپقان تۆت بۈرجەك شەكىل بولۇپ تۆت بۇلۇڭى يەنە دىئاگونال ھالەتتە تۇتاشتۇرۇلغان.

سىرلىق شەكىل

سىرلىق شەكىل

قازاقىستاننىڭ شىمالىدىكى تۇرغاي رايونىغا مەركەزلەشكەن بۇ شەكىللەرنىڭ سانى 260 قا يەتكەن بولۇپ، ئاساسلىقى بەش خىل شەكىلنى ئاساس قىلىدىكەن. بۇ شەكىللەرنىڭ ئىچىدە يەنە تۇرغاي سۋاتىسكا دەپ نام بېرىلگىنىمۇ خىلى ئۆزگىچە، رەسىمگە قاراڭ. بەزى شەكىللەرنىڭ يېشى 3000 يىل ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ خىل شەكىلنى ئاساس قىلغان دۆڭلەرنىڭ ئەسلى ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، ئاساسى دىئ‍امېتىرى 12 مېتىر مۆلچەرلەنگەن، ھازىرقى ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ شەكىللەرنى تەتقىق قىلىش ھازىر خىلى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قاپتۇ.

تۇرگاي سۋاتېسكا

تۇرگاي سۋاتېسكا

مەن بۇلارنى كۆرۈۋېتىپ ئۆتكەندە يۇرتقا سەپەر قىلغان ۋاقتىمدىكى بىر ئىش ئىسىمگە كېلىپ قالدى. موڭغۇلكۈرەدە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان، تېكەس دەرياسىنىڭ ئەڭ گۈزەل يېرىدە شوتا قەدىمى شەھرى دەپ بىر شەھەر بار. مەن شۇ شەھەرنى كۆرۈش مەقسىتىدە ئۈچ يەرلىك ئاغىنەم بىلەن بارغان ئىدىم، ئەپسۇس، ئۇدۇل كەلگەن يەردە توساق، ئارىمىزدىن بىرىنىڭ كىملىكى يوق بولۇپ قالغان ئۈچۈن شۇ شەھەرگە ئۈچ كىلومېتىر قالغان يەردىن ئارقىمىزغا سولىشىپ قايتقان ئىدۇق. ئەنگلىيىگە كېلىپ شۇ يەرلەرنى گۇگىل سۈنئى ھەمرا خەرىتىسىدىن قارىغىنىمدا شوتا دەرياسىنىڭ يان تەرىپىدىمۇ شۇنداق شەكىلگە ئوخشاش نەرسىنى بايقاپ قالغان ئىدىم. ئەپسۇس، ھازىرچە يۇرتتا بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ سۈنئى نەرسىمۇ ياكى شۇنداق دۆڭلەرمۇ تازا جەزىم قىلالمىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇنداق دۆڭلەر موڭغۇلكۈرەدىمۇ بەك كۆپ ئۇچرايدۇ، كۆپىنچىسى قەبرىلەردىن ئىبارەت. رەسىمنى پەستە بەردىم، بۈگۈن ماۋۇ خەۋەرنى كۆرۈپ گۇمانىم تېخىمۇ ئاشتى، بەلكى مۇناسۋەتلىك بولۇپ قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

شوتا قەدىمى شەھرىگە يېقىن شەكىللەر

شوتا قەدىمى شەھرىگە يېقىن شەكىللەر

شوتا قەدىمى شەھرى (سول ئاستى تەرەپ) ۋە دۆڭلۈك توپلىرى (شەكىللەر؟) ئوڭ ئۈستى تەرەپ

شوتا قەدىمى شەھرى (سول ئاستى تەرەپ) ۋە دۆڭلۈك توپلىرى (شەكىللەر؟) ئوڭ ئۈستى تەرەپ

مەزكۇر رايون، يىراقتىكىسى شوتا يېزىسى

مەزكۇر رايون، يىراقتىكىسى شوتا يېزىسى

 

4.نېيترىنو ۋە دەۋر-بۆلگۈچ مۇكاپاتى

بۇ يىلقى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى نېيترىنو ھەققىدىكى ئالاھىدە بايقاشقا بېرىلدى. ئادەتتە نېيترىنو ئالەمدىكى ئەڭ كۆپ زەررىچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شۇنچىلىك كىچىك ھەم تەسىرسىزكى ھەر سېكۇنتتا بەدىنىمىزدىن تىرىليونلارچە نېيترىنو زەررىچىلىرى ۋىژىلداپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي شۇ زەررىچىلەردىن بىرەسى پۈتۈن ھاياتىمىزدا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ياكى ئىككى قېتىم بەدىنىمىزدىكى بىرەر ئاتوم بىلەن سوقۇلۇپ قالىدۇ، بىز ئەلۋەتتە سوقۇلسىمۇ ھېچنىمە سەزمەيمىز. بۇ زەررىچە ھازىرغىچە ماسسىسىز دەپ قارالغان. لېكىن بۇ يىڭى بايقاش ئۇلارنىڭ ماسسىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئادەتتە ئۈچ خىل ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى، ھەم ھەر بىر ھالەت يەنە بىر ھالەتكە ئۆزگىرىپ تۇرالايدىغانلىقى بايقالغان. دېمەك بۇ بايقاش، ھازىر بىز ئالەمنى چۈشەندۈرۋاتقان “ئۆلچەملىك مودېل” نىمۇ تەۋرىتىپ قويدى، چۈنكى بۇ مودېلدا نېيترىنو ماسسىسىز دەپ ھېسابلىنىدۇ. نېمىلا دەيلى، زەررىچە فىزىكىسىدا ئىشلار يەنىلا جىق ئوخشايدۇ. ھىگگس زەررىچىسىدىن كېيىنكى چوڭ بىر بايقاش بولۇپ قالدى دەمدۇق. ئىنسانغا قاراڭغۇ نەرسىلەر يەنىلا ساماندەك……

ئەمدى ئاۋۇ مۇكاپاتقا قايتىپ كەلسەك، نوبېل كومىتېتى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پەقەت ئىككى ئالىمنىلا مۇكاپاتلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ تەتقىقات ئىنتايىن چوڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۈنىمىزدە تەتقىقاتنىڭ شەكلىمۇ ئۆزگەردى. ھازىر ھېچكىم يالغۇز تەتقىقات قىلمايدۇ. 100 يىل بۇرۇن شۇنداق ئىدى، مەيلى ئېينىشتېيىن بولسۇن، ياكى ماكس پلانك بولسۇن، ھەممىسى ماقالىلىرىنى يالغۇز يازغان. بۈگۈن بىرەر تېما نۇرغۇن گۇرۇپپىلارنىڭ، نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، ھازىر بۇ نۇقتىدا بارغانچە پىكىر كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ نوبېل مۇكاپاتىغا قارىتا.

2012-يىلدىن باشلاپ ئىلىم-پەن ساھەسى يىڭى بىر مۇكاپات تۈرى كۈتۈۋالدى. بۇ مۇكاپاتنى دەۋر-بۆلگۈچ مۇكاپاتى دەپ تەرجىمە قىلىپ تۇردۇم (En: Breakthrough Prize). مۇكاپات، گۇگىلنى قۇرغانلاردىن سېرگىي برىن، فەيىسبۇكنى قۇرغان مارك سۇكىربېرگ ۋە ما ئەلىبابانى قۇرغان مايۈن قاتارلىق يەنە بىر قانچە مىلياردىرلارنىڭ ئورتاق تەشەببۇسىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۈچ تۈر بويىچە يەنى ھاياتلىق ئىلمى، ئاساسى فىزىكا ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىگە بېرىلىدۇ، ھەم ھەر بىر ئېرىشكۈچى 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ (سوممىسى نوبېلدىن يۇقىرى). بۇ مۇكاپات ھەم تەتقىقاتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇكاپات شۇ مەلۇم بايقاشنىڭ ئارقىسىدىكى ھەممە ئالىملارغا ئورتاق بېرىلىدىغان بولغان، بۇ تەرىپى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مىسالغا ئالساق، بۇ يىللىق فىزىكا مۇكاپاتىمۇ نېيترىنو ھەققىدىكى بايقاشقا بېرىلگەن بولۇپ، 3 مىليون دوللارنى شۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان بەش گۇرۇپپىدىكى 1370 نەپەر ئالىم بۆلىشىۋالىدىكەن. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىمۇ خۇددى ئوسكار مۇكاپاتىدەك قاينام-تاشقىنلىقتا داغدۇغىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن. بەلكىم ئۇلارمۇ ئالىملار ئوسكاردىن ئالاھىدە بولۇشى كېرەك دېمەكچىدۇ، كىشىگە خوش ياقىدۇ بىر خىل ؛)

ئاخىرىدا فىزىكا/پەن ھەۋەسكارلىرىغا بىر قانچە ياخشى تور بەت تونۇشتۇرىمەن، ئۆزۈڭلار كۆرۈپ پايدىلنارسىلەر

1. http://motionmountain.net/

بۇنى بىر گېرمانلىق فىزىكىچى بوش ۋاقىتلىرىن پايدىلنىپ تۈزۈپ چىققان، كىتابلىرىمۇ بەك ئېسىل ھەم ئاممىباب.

2. http://www.popsci.com/

بۇ بەتتە ھەر خىل قىزىقارلىق تەجرىبىلەر ۋە قانداق ئىشلەش، پەندىكى يېڭىلىقلار چىقىپ تۇرىدۇ، مەزمۇنى رەڭدار.

3. http://nautil.us/

ئۇنىۋېرسال تېمىلار، ياخشى نەرسىلەر كۆپ، ھەر كەسىپتىن بار

4. http://hyperphysics.phy-astr.gsu.edu/hbase/hph.html

فىزىكا دەرسلىكى دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ
Oghuzkb يازمىسى

يورك

12. 11. 2015

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, ئۇچۇر-خەۋەر, تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جۇمھۇرىيەت كۈنىدىكى قىزىق پاراڭلار ئۈچۈن بىر ئىنكاس بار

  1. ئالىمجان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بلوگىڭىزنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەزمۇنلار بەك ساز، مۇنازىرىڭىز بەكمۇ قايىل قىلارلىق.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif