گېرمانيەدە ئوقۇش ھەققىدە

بىرىنچى قىسىم

كىرىش سۆز

ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىت تا چەتكە چىقىپ ئۆرلەپ ئوقۇشقا نىمىشقا گېرمانىيەنى تاللىغىنىم ھەققىدە ئازىراق سۆز قىلاي. كىچىكىمدە بىر چوڭ دادام بولىدىغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆپ كۆرگەشكىمىكىن، نىمسىلارغا بەكلا ئامراقتى، بارمىغان بولسىمۇ گېرمانىيەنىڭ گىپىنى كۆپ قىلىدىغان. تۇنجى قىتىم ئۆيىگە بارغىنىمدا تامدىكى ئىسقىلىق خەرىتىدىن گېرمانىيە مۇشۇ  يەردە دەپ، شۇنداق قىزىقىپ قالغان ئىدىم. يىزىلاردا بۇغداي ئورۇيدىغان كومبايىنلار ئىچىدە گېرمان كومبايىن دەپ ئاتايدىغان بىرى بولىدىغان، پەقەت بۇزۇلماي ماڭاتتى، ھەم بەك ئىتتىك ئىدى. شۇ چاغدا گېرمان سۆزى كاللامدا ئىسىل، پىششىق سۆزىگە تەڭ بولۇپ قالغان چىغى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا قەيەرگە چىقىشنى ئويلاشتىم، بىرىگە ياپونىيە، بىرىگە ئامىركا-كانادا، بىرىگە گېرمانىيە بار ئىدى. كەسپى ئاساسىمنىڭ ئاجىز بولۇشىنى تىل ئۈگىنىشكە كەتكەن ۋاقىت بەك كۆپ بولوپ كەتتى دەپ قارىدىم، دىمىسىمۇ خەنزۇچىغىمۇ ئاز ۋاقىت سەرىپ قىلمىدۇق، ئاندىن يەنە ئىنگىلىز تىلى ئۈگەندۇق. تەرەققىياتىم ئۈچۈن يەنە بىر تىلنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگىنىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئىنگىلىزچىنى ئاز ئۈگەنمەپتۇق، بىر ئاخىرىغا چىقىراي، چالا بولوپ قالسام كىيىن بىراقلا ئۇنتۇلۇپ كىتىمەن ، ئامال بار ئىنگىلىز تىلىدا ئوقۇي دىدىم، بۇنىڭ بىلەن ياپونغا چىقىشتىن ۋاز كەچتىم. قارىسام گېرمانىيەدە مەن قىزىقىدىغان كەسىپلەردە ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتۈلىدىغان پروگىراممىلار بار ئىكەن. ئامىركىغا سىلىشتۇرغاندا گېرمانىيەدە شۇ بەدەل پۇلى ھەقىسىز، لىكىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمەيتتى. لىكىن ئامىرىكىدىكى مەكتەپلەردىن ئوقۇش مۇكاپاتى  ئىلىشقا كۆزۈم يەتمىدى، مەكتەپتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپى نەتىجىسى بولسۇن، TOEFL، ياكى GRE نەتىجىسى بولسۇن، بىزدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇراتتى، ھەم ئىلتىماس قىلىدىغانلارمۇ بەك كۆپ ئىدى، سىنىپىمدىلا ئۈچ بېيجىڭلىق بالا  ئىلتىماس قىلغانى ئىدى. مۇكاپات ئۇلاردىن بىزگە ئاشمايدۇ دەپ ئويلىدۇم (بۇ ئويۇمنىڭ خاتالىقىنى بىزدىن ئىككى قارار كىيىن پۈتتۈرگەن فىزىكا باكلاۋىرى سادىقجان ئىسپاتلاپ بەردى، بۇ ھەقتە ئۇنىڭ يازمىسى بار). بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ يەردە ئوقۇش بەدەل پۇلى ھەم تۇرمۇش پۇلى بىز ئۈچۈن ئاستېرنومىيە رەقىمى ئىدى. يەنە بىرىگە، ئۈزەم تارىخ، پەلسەپە، مەدەنىيەت دىگەندەك نەرسىلەرگە بەكلا قىزىقاتتىم، بۇ نۇقتىدا ياۋرۇپا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە ئىدى، تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەت قاتلىمى چوڭقۇر، ئادەملىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ساپاسى يۇقۇرى دەپ ئويلىدىم. مەيلى يىقىنقى زامان فىزىكىسى بولسۇن، پەلسەپەسى بولسۇن، مۇزىكا ساھەسىدە بولسۇن مۇتلەق كۆپ ساندىكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك گېرمانىيەدىن چىققان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىكىننە ياۋرۇپادا شۇنچە كۆپ دۆلەت بار، ساياھەت قىلساممۇ تازا كۆزۈم ئىچىلىپ قالغۇدەك. يەنە بىرىگە، شۇ چاغدا مەكتىۋىمىزدىن دوكتۇر ئابدۇقادىر  مۇئەللىم گېرمانىيەدە بىر يىل تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، بىزگە جىق گەپلىرىنى قىلىپ بىرىپ شۇنداق قىزىقتۇرۋەتتى، ھەم ئىقتىسادى مەسلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈردى، خاتېرجەم بولدۇق. دوكتۇر مەمتىمىن ئابباس ئاكىمىزمۇ ئويۇمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئوقۇشۇمغا ئىلھام بەردى.  شۇنىڭ بىلەن ئاساسلىقى كەسپى بىلىملىرىمنى تىخىمۇ پۇختىلاش (ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگىنىمدىن قەتتى رازى بولغىلى بولمايتتى)، ئىنگىلىز تىلىنىمۇ بىر “ئاخىرىغىچە” پىششىق ئۈگىنىش، ھەم ئوقۇش جەريانىدا ئازىراق نىمىس تىلى ئۈگىنىۋىلىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت ئۈگىنىش، دۇنيا كۆرۈش ئارقىلىق “ئۈچىنچى كۆزۈم“ نى قۇۋۋەتلەندۈرۈش يولى بىلەن ئازىراق نوپوز تېكلەپ قايتىپ كىلىپ ھاياتىمنى ئۆز خەلقىمنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بىغىشلاش ئىستىكىدە ياۋرۇپاغا بىرىشنى قارار قىلدىم.

جەمئى 5 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلدىم. كىيىنچە گېرمانىيەگە ئىلتىماس قىلغان 4 مەكتەپنىڭ 3 (ulm, siegen, halle ئۇنىۋېرسىتېتلىرى) دىن ئۇقتۇرۇش كەلدى، شىۋىتىسيەگە ئىلتىماس قىلغان بىر مەكتەپتىنمۇ سەل كىچىكىپ ئۇقتۇرۇش كەلدى (göteburg ئۇنىۋېرسىتېتى). قايسى دۆلەتكە بىرىشنى تازا بىلەلمەي شۇ مەكتەپتە ياخشى تونۇشۇپ قالغان بىر شىۋىتسىيەلىك ئوقۇغۇچى بالىدىن مەسلىھەت سورىدۇم. ئۇنىڭ پىكىرى: ياخشىسى گېرمانىيەگە بار، ياۋرۇپانىڭ مەركىزى، يىمەكلىك ئەرزان، ئىش ھەم ئاسان چىقىدۇ، شىۋىتىسەيدە سەل قىينىلىپ قالىسەن، قىممەتچىلىك دىدى. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيەنى تاللىدىم. كىيىن ئۇنىڭ بەرگەن پىكىرى توغرا بولوپ چىقتى. تۆۋەندە شۇ ئىلتىماس قىلىش جەريانلارنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭىزگە سۇنىمەن.

ئىلتىماس قىلىش

ئەسكەرتمە: تۆۋەندىكى بايانلار 5 يىل ئالدىدىكى، يەنى 2005-يىلدىكى ئەھۋاللارنى ئاساس قىلىپ يىزىلدى، بەزى تەپسىلاتلار تازا ئىسىمدە قالماپتۇ، بەزى قائىدە، سىياسەتلەر ئۆزگۈرۈپتۇ، شۇڭا ئوقۇرمەن قېرىنداشلىرىمنىڭ باشقا ماتېرياللاردىن كۆپىرەك ئىزدىنىشىنى سورايمەن. يەنە سۇئاللار بولسا پەسكە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ، بۇنداق بولغاندا باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىلىۋالىدۇ.

مەيلى قانداق خىلدىكى ئوقۇشنى دەيلى، گېرمانىيەگە كىلىپ ئوقۇشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى APS(ئىلمى ئۈنۋانلارنى ئىسپات قىلىش ئورنى) بىلەن DAAD تور بىتىدىن بىلگىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بۇ ئورگانلار ھەققىدە ئايرىم چۈشەنچە بىرىلدى. تور ئادرىسلىرى:
APS:
https://www.aps.org.cn/web/indexc.jsp
https://www.aps.org.cn/web/main2cAction.do?id=7
DAAD:
http://www.daad.de/en/index.html

APS نىڭ تولۇق ئىسمى Akademische Prüfstelle دىگەنلىك بولوپ، گېرمانيەنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت بۆلۈمىگە قارايدۇ. ئاساسلىق خىزمىتى گېرمانيەگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ماتېرياللىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرەيدۇ. APS نىڭ ئىسپات قەغىزىسىز ئوقۇش ۋىزىسى ئالالمايسىز، ھىسابتا ھەم مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلالمايسىز. گەرچە بۇ بىز ئۈچۈن ئاۋارچىلىق بىر جەريان بولسىمۇ، APS تىن ئۆتۈپلا ۋالساق ئىشلار بەك ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئۇقتۇرۇش ئاسانلا قولىڭىزغا كىلىدۇ، ۋىزىنىمۇ ئاسانلا ئالىسىز. قىسىقى APS سىنىقى —- گېرمانيەگە كىلىشنىڭ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىرىنچى باسقۇچى. ئەسلى بۇرۇن APS يوق بولوپ، 80-يىللاردىن كىيىن جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ساختا ئوقۇش تارىخى ياساپ چىقىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ كەتكەن، نەق شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئەلچىخانا نامىدا ئۆز ئالدىغا تەكشۈرەش سۇپىسى قۇرغان.

I

APS نىڭ سىناق تەرتىۋى ئادەتتە مۇنداق بولىدۇ:

1. APS كە كېرەكلىك بولغان ماتېرياللارنى تەييارلايسىز. قانداق ماتېريال تەييارلاش تور بىتىدە ئىنىق يىزىلغان، يەنى بۇ ئادرىستا:
https://www.aps.org.cn/web/downl … a_interview_chn.pdf

ئوقۇش مۇددىئارىڭىزغا ئاساسەن تەلەپ قىلىنغان ماتېرياللاردا ئاز-تولا پەرىق بولىدۇ.

گېرمانىيەگە كىلىپ ماگىستىر لىقتا ئوقۇشنى مىسالغا ئالساق–> باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن گۇۋاھنامە، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندىكى نەتىجە قەغىزىڭىز (بۇ ئادەتتە ئۆزىڭىز ئوقۇۋاتقان شۇ ئالىي مەكتەپتە ساقلانغان بولىدۇ)، ئالىي مەكتەپتىكى تامغا بىسىلغان نەتىجە قەغىزىڭىز، دىپلومىڭىز، باكلاۋىرلىق ئۈنۋان كىنىشكىڭىز، ئەگەر ئوقۇش تىخى پۈتمىگەن بولسا، شۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىسپات قەغىزىڭىز. ۋە باشقا ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن گۇۋاھنامىلەر.

يۇقارقىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم كىنىشكىلارنى ھەم ئايرىم ئىسپات قىلغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى ئىنگىلىزچە Notary/Notarize دەيدۇ، خەنزۇ تىلىدا 公证 دەيدۇ(تۆۋەندە بىردەك ئىسپات قىلغۇزۇش دەپ ئالدىم، كىنىشكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى كوپىسى ۋە تەلەپ قىلىنغان تىلدىكى تەرجىمىسىنى كوپى قىلىپ (بۇلارنى ئۇلارغا ئۆزىڭىز تەييارلاپ بىرىسىز) ئاخىرىغا يۇقارقى ھۆججەتلەر راست دەپ تۆمۈر تامغا بىسىپ بىرىدىكەن، ھەم مەخسۇس ھۆججەت قىسقۇچقا چاپلاپ بىرىدىكەن، بۇ كىنىشكىلارنىڭ چەتئەل تىلىدىكى تەرجىمىسى ئۆزىڭىز قىلسىڭىز قوبۇل قىلمايدىكەن، بىر بولسا مەكتەپنىڭ ياكى مەخسۇس تەرجىمە شىركەتلىرىنىڭ تەرجىمىسىنىلا ئىتراپ قىلىدىكەن. ئۆزىڭىزدە تەرجىمىسى بولمىغان ئەھۋالدا بىر كىنىشكىنى تەرجىمە قىلىشقا 50 سوم ئالىدىكەن. مەن ھەممىنى مەكتەپتە تەرجىمە قىلغۇزدۇم، ئەرزان توختايدىكەن). بېيجىڭغا ئوخشاش شەھەرلەردە بۇنداق ھۆكۈمەت ئىسپاتى بىرىدىغان ئورۇنلار بەك كۆپ بولىدۇ. baidu دىن 公证处 دەپ ئىزدىسىڭىزلا ئادرىسىلىرىنى چىقىرىپ بىرىدۇ، شۇنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ بىجىرسىڭىز بولىدۇ. لىكىن نوپوسىڭىز چوقۇم شۇ شەھەردە بولۇشى كېرەك. ھىسابتا بۇ خىلدىكى ئىسپاتلارنى بىردەك نوپوسىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇناسۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئالىسىز، ئەگەر چەتئەلدە بولسىڭىز ئەلچىخانا ياكى كونسۇلدا بىجىرىدۇ. بىر كىنىشكا ئۈچۈن تەخمىنەن 100 سوم پۇل تاپشۇرىسىز(تەخمىنەن بىر ھەپتىدە چىقىدۇ)، ھەر بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا 20 سوم تۆلەيسىز. بەك مۇھىم كىنىشكىلارنى (ئالىي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى، باكلاۋىرلىق ئۇنۋان كىنىشكىسى دىگەندەك) بولسا كۆپىرەك قىلغۇزۋىلىڭ. APS كە بىر نۇسخا، كىيىن قانچە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسىڭىز شۇنچە نۇسخا لازىم بولىدۇ. بۇنداق ھۆججەتلەرنى باشقا دۆلەتلەرگە ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئىشلىتسىز. ئىلتىماس قىلغاندا ھىچقاچان كىنىشكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئىشلەتمەيسىز، بەلكى شۇ ئىسپات قىلغۇزغان نۇسخىسىنى ئەۋەتىسىز. ئەسلى نۇسخىسىنى شۇ مەكتەپكە بارغاندا كۆرسىتىپ قويىسىز.  ئالدىرسىڭىز ئىتتىك چىقارغىزسىڭىزمۇ بولىدۇ، پۇلنى كۆپىرەك تۆلەيسىز شۇ. مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە (ئادەتتە يىرىم يىل ئىچىدە) بۇرۇن ئىسپات قىلغۇزغان كىنىشكىنى خالىغان چاغدا ئوخشاش شۇ ھەر بىر نۇسخىغا 20 سوم پول تۆلەپ كۆپەيتىپ چىقىرالايسىز.

شەخسەن ئۈزەم تەييارلىغان ماتېرياللار مۇنداق بولدى: باشلانغۇچ پۈتتۈرگەن گۇۋاھنامەم يوق، نەتىجە قەغىزىمنىلا بىر نۇسخا كوپى قىلدىم. ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن گۇۋاھنامەممۇ يوق ئىدى، ئەسلى ئوقۇغان مەكتىۋىمگە بىر ۋاراق ئىسپات يازغۇزدۇم. بۇلارنى ئىسپات قىلغۇزمىدىم. ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىكى نەتىجەمنى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پۈتتۈرش گۇۋاھنامىسى بىرىدىغان ئىشخانىدىن تاپتىم، 10 سوم تۆلىدىم، تامغا بىسىپ چىقىرىپ بەردى. بۇنى ئىسپات قىلغۇزدۇم. تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندىكى كىنىشكىنى ئىسپات قىلغۇزمىدىم، پەقەت كوپىلا قىلۋالدىم. ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجە قەغىزىمنى 36 سومغا بىر نۇسخا ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ چىقارغۇزدۇم. بۇ ئىسپاتنى مائارىپ ئىشخانىسىدىن ئالدىم. ئەينى ۋاقىتتا مەن تىخى 7-مەۋسۈمىنى ئەمدى پۈتتۈرگەن ئىدىم، شۇ چاغقىچە بولغان نەتىجىلەرنىلا چىقارغۇزدۇم. مەن ئوقۇغان بەزى كەسىپلەرنىڭ ئىنگىلىزچە ئۆلچەملىك تەرجىمىسى نەتىجە قەغىزىمىز بار سىستىمىدا يوق ئىكەن. شۇ يەردىكى مۇئەللىم بىز قىلىپ بىرەلەيمىز، لىكىن ھەر بىر تەرجىمىگە پۇل تۆلەيسەن دىدى. ئەگەر ئۈزەم تەرجىمە قىلسامچۇ دىسەم، ئۇنداقتا تەرجىمە قىلغان قەغىزىڭىزگە شۇ كەسىپنى ئۆتكەن مۇئەللىمنىڭ ئىمزاسىنى ئالساڭ بولىدۇ دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈزەم تەرجىمە قىلىپ، مۇناسۋەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ ئىمزاسىنى ئىلىپ بەردىم. مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن، ھەم دىپلوم بولمىغاچقا مەكتەپتىن ”مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپات“ (在读证明) ئىلىشىم كېرەككەن. ئۇنىمۇ بىر ئىشخانىدىن ئالدىم. بۇ ئىسپات قەغىزىنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىكى نەتىجە قەغىزىم، 7 مەۋسۈدىكى نەتىجە قەغىزىم بىلەن قوشۇپ، مەكتىپىمىزنىڭ يىنىدىكى چىڭ جىيەن سارىيىنىڭ 9-قەۋىتىدىكى گوشىن ئىسپات قىلىش ئورنى(城建大厦, 国信公证处) دا  ئىسپات قىلىپ بىرىشكە سۇندۇم، ھەر قانداق ھۆججەتنى ئىسپات قىلغۇزۇش ئۈچۈن نوپوس قەغىزىڭىز (بۇنى مەكتەپتىن كىملىك يۈتۈپ كەتكەن، كىملىك بىجىرىمەن دەپ بىكارغىلا ئارىيەت ئالدىم، بولمىسا 3000 سوم رەنىگە قويۇش كېرەككەنتۇق) بىلەن كىملىكىڭىزنى كۆرىدىكەن ھەم كوپى قىلۋالىدىكەن. سەل ئالدىرايتتىم، ئىتتىكىرەك چىققۇزاي دىسەم پۇلنى جىق تۆلەشكە توغرا كەلدى. بىر ھەپتىدىن ئوشۇق چىققانغا ئەڭ ئەرزان تۆلەيدىكەنسىز، ئۈگۈنلۈككە پويىزدا شىنجاڭغا قايتاتتىم، شۇ چاققىچە چىقىرىپ بەرگەن بولساڭلار دەپ باھانە كۆرسەتسەم مەيلى دىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاز پۇل تۆلەپ ئىتتىكلا چىقىرۋالدىم. ھەر بىر كىنىشكىنى 5 نۇسخا ئىسپات قىلغۇزدۇم (بىر كىنىشكا ئىسپاتى ئۈچۈن تۇنجى نۇسخىسىغا 100 سوم، ھەر بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا 20 سومدىن جەمئ‍ى 180 سوم تاپشۇردۇم). ئىسپات ھۆججەتلەر چىققاندىن كىيىن ھەر بىرىدىن بىر نۇسخا ئىلىپ باشقا ھۆججەتلەرگە قوشۇپ APS كە ئىلتىماس قىلىشقا تاپشۇردۇم.

2. APS كە ماتېرياللارنى بەرگەندىن كىيىن سىزنى بۇ جەريانغا پۇل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، پۇلنى كىيىن خالىغان بانكىدىن ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ. 2500 سوم تاپشۇرىسىز (بۇ ۋىزا ھەققىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). پۇل تاپشۇرغاندىن كىيىن ئادەتتە سىزنى 4 ھەپتىن 5 ھەپتىگىچە APS ئىمتىھان بىرىش ئۇقتۇرۇشىنى ساقلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر ۋاقىت چاقىرىپ قىلىش ئىھتىمالى بار. شۇ يەردە ھەم ئىمتىھاننى قايسى تىلدا بىرىشىڭىزنى سورىغان سۇئاللار بار جەدۋەل توشقىزىسىز. ئېنگىلىز تىلى، نىمىس تىلى، ياكى ئېنگىلىس ۋە نىمىس تىلى ئارلاشقان شەكىلدە بىرىمەن دەپ تاللىيالايسىز. مەن ئىككىلىسىدا تەڭ بىرىمەن دەپ تاللىدىم، نىمىسلارغا ياخشىراق تەسىر بىرەي دەپ ئويلىغان، چۈنكى بىز نىمىس تىلىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشتا كۆپ ياخشى. كەسپى سۇئاللار ئوقۇغان كەسپىڭىزگە ۋە كەسپى بىلىملىرىڭىزگە ئائىت بولىدىكەن.

3. ئىمتىھان بىرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئالىسىز، ئىمتىھان بىرىش چېسلا-ۋاقىتى ھەم ئورنى يىزىلغان بولىدۇ. ئادەتتە سىز ئىلتىماس قىلغان يەردىكى APS نىڭ مەلۇم ئىشخانىلىرىدا. بىر توپ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى بىر ئۆيگە يىغىۋالىدۇ، ھەم نۆۋەت بىلەن قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئاپچىقىپ كىتىدۇ. ماڭا ئاخىرداراق نۆۋەت تەگكەن ئىكەن، سەل ھودۇقۇپ ئولتۇردۇم. ساپلا نىمىس مۇئەللىملەر ئىكەن، لىكىن پوزىتسىيەسى بەكلا ياخشى. مىنى بىر ئايال مۇئەللىم چاقىرىپ ئالدى بىلەن بىر ئايرىم ئۆيگە بىر ئىمتىھان قەغىزى بىلەن مىنى يالغۇز تاشلاپ قويدى، ھەم 15 مىنۇتتا يىزىپ بولۇشىمنى سورىدى. كېرەكلىك قۇراللارنى ئۆزلىرى تەمىنلەيدىكەن. ئىمتىھان سۇئالى ئىككى نۇسخا بولوپ قايسىنى تاللاش ئۈزەمنىڭ ئىختىيارىدا ئىكەن. بىرى ئوپتىكىغا ئائىت سۇئاللار بولوپ (باكلاۋىرلىقتا ئوقۇغان كەسپىم ماتېريال فىزىكىسى ئىدى)، جىسىمنىڭ پىتىنقى ۋە كۆپۈنكى لىنزىدىن ئۆتكەندىكى تەسۋىرىنى سىزىپ بىرىشىمنى، ھەم بىرىلگەن سانلار بويىچە تەسۋىر چوڭلۇقىنى ھىسابلاپ بىرىشىمنى سوراپتۇ. يەنە بىر قەغەزدە ئېلېكترون-ئېلېكترون، ئېلېكترون-پروتون، ئېلېكترون-فوتونلار ئۆز-ئارا سوقۇشقاندىن كىيىنكى ئەھۋاللارنى بەرگەن بولوپ، بۇنى فېرمى دىئاگراممىسىدا سىزىپ چىقىشىنى سوراپتۇ. كىيىنكى قىسىمنى بەزى ئىنگىلىزچە كىتابلاردا كۆرگىنىم ئىسىمدە ئىدى (مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا كەسپى كىتابلارنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىمۇ كۆرۈپ تۇراتتىم)، لىكىن بىزگە ئۇنداق ئۆتمىگەن بولغاچقا ئۇنى تاللىماي ئاسانىراق تۇيۇلغان ئوپتىكىغا ئائىت سۇئالنى تاللىدىم. سەمىڭىزدە بولسۇن: APS كەسپىڭىز بويىچە سۇئال سورايدۇ، سىزنى ھەم شۇ كەلگۈسىدە شۇ كەسىپنى ئوقۇيدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. ئادەتتە كەسىپ ئۆزگەرتىپ ئوقۇشىڭىزنى ياقتۇرمايدۇ. 15 مىنۇت توشۇپ قاپتۇ، مەن بەك ئىنچىكلىك قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى سۇئالنىڭ ئازىراق چالا يىرى قالغان ئىدى. مۇئەللىم كىرىشىگە مەن خىجالەت بولۇپ يەنە ئىككى مىنۇت بىرەلەسىزمۇ دەپ سورىسام كۈلۈپ، –ماقۇل، ئەمسە ئىككى مىنۇت دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئىككى مىنۇت ئىچىدە ھەممىنى تۈگىتىپ چىقتىم. ئاندىن سىناقنىڭ ئىغىزاكى قىسمىغا كىردىم. ئىككى نىمىس ئايال مۇئەللىم ئولتۇرغان ئىكەن. مەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى. ئۇ چاغدا نىمىسىچە ئاددى نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. ئۈزەڭنى تونۇشتۇر دىگىنىنى تەخمىنى بىلدىمدە، نىمىسچىلاپ چۈشەندۇردۈم. شۇ نەدە تۇغۇلغان، قايسى مەكتەپتە نىمە كەسىپتە ئوقۇغان، بۇ يىل نەچچە ياش، مىللىتىمدىن تارتىپ دىدىم. گېرمانغا نىمىشقا چىقماقچى بولغانلىقىمنى سورىدى. ئاندىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەم ھەققىدە سورىدى (شۇ چاغدا يىزىپ بولغان ئىدۇق، 5-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئىدى). جاۋاب بىرىشتىن بۇرۇن بۇ سۇئالغا ئىنگىلىز تىلىدا جاۋاب بەرسەم بولامدۇ دەپ سورىدۇم. ئىجازەت قىلغاندىن كىيىن تەييارلىقىم بويىچە ئازىراقلا سۆزلىدىم. LED لامپىلار ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدىم. كەسپىم ماتېريال فىزىكىسى بولغاچقا تۇيۇقسىز شۇ LED لامپىلار قايسى ماتېرياللاردىن ياسىلىدۇ دەپ سوراپ قالدى. تەخمىنى دەپ بەردىم. ئاندىن بولدى دەيدۇ، تىخى 15 مىنۇتمۇ بولمىغان ئىدى، ئەسلى ئىغىزچە قىسىم 20 مىنۇت بولاتتى. تازا ئىشەنمەي راست تۈگىدىما دىسەم، ئىككىسى كۈلىشىپ راست تۈگىدى دەيدۇ. يا مەن بەك ياراپ كەتتىممۇ، يا چۈشلۈك تاماققا ئالدىردىمۇ بىلمەي قالدىم.

4. تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كىيىن APS كە بىرىپ APS سىنىقىدىن ئۆتكەنلىك كىنىشكىسى تاپشۇرۋالىسىز، خىلى ئىتتىك چىقىدۇ. ئادەتتە تۇنجى قىتىمدىلا 10 نۇسخا بىرىدىكەن (يەنە كۆپەيتىمەن دىسىڭىز ئازىراق پۇلغا بىرىۋىرىدىكەن). بىر تال قەغەزنىڭ ئالدى كەينىگە نىمىسچە قىلىپ، سىزنىڭ پۈتۈن نەتىجىڭىزنى ئۆزلىرىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىشلەپ ئورتاق نەتجىڭىزنى يازىدىكەن، APS تىن قانداق ئۆتكەنلىكىڭىزنى(لاياقەتسىز، لاياقەتلىك دىگەندەك)، ئىنگىلىز تىلىڭىزنىڭ ھەم نىمىس تىلىڭىزنىڭ قايسى سەۋيىدە ئىكەنلىكى نى يىزىپ قويىدىكەن (ئىككىلا تىلدا بەرگەن ئەھۋالدا). TOEFL غا ئوخشاش تېل نەتىجىڭىز بولسا ھەم قوشۇپ يىزىپ قويىدىكەن.

II.
مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش

APS نىڭ ئىسپات قەغىزىنى ئالدىڭىز دىگەن گەپ، چوڭ بىر ئىش ھەل بولدى دىگەن گەپ. ئەمدى مۇۋاپىق مەكتەپ تاپسىڭىزلا ئۇقتۇرۇش ئىلىش ئۇنچە تەسكە توختىمايدۇ. قولىڭىزدىكى APS نىڭ قەغىزى نىمىسلار ھەممىدىن ئىشىنىدىغان ھۆججەت. مەكتەپ تاللاش ھەم ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىزدەشتىكى ئەڭ ياخشى ھەم ئىشەنچىلىك يول DAAD  تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇش.

DAAD—Deutscher Akademischer Austausch Dienst نىڭ قىسقارتىلمىسى بولوپ، تەخمىنى تەرجىمىسى گېرمانىيە ئىلىمى خادىملار ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى/ئورگىنى دىگەندىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ بېيجىڭدا ئىش باشقۇرۇش ئورگىنى بار، يەنى APS تۇرۇشلۇق بىنادا. بۇلار پۈتۈن گېرمانىيەگە چەتئەللەلىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، گېرماندىن باشقا ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش، ئىلىمى خادىملارنى تەربىيلەش، تۈرلۈك خەلىقئارا مائارىپ، ئىلىم-پەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلىپ بارىدىغان، شۇ خىلدىكى  گېرمانىيە شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئورگان ھىسابلىنىدۇ. يىللىق خىراجىتى 300 مىليون ياۋرۇ بولوپ، بۇ پۇللار فېدراتىسيە، ئوبلاست، شۇنداقلا شەخىسلەردىن كىلىدۇ. بۇ ئورگان ھەم گېرمانىيەدىكى 365 ئالىي بىلىم يۇرتىغا ۋەكىل بولوپ، چەتئەللىك ئىلمى-خادىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گېرمانىيەدىكى ئىلىم يۇرتلىرىغا كىلىپ ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ شۇنداقلا ئوقۇش-تەتقىقات ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

گېرمانىيەدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچە تەلىپى مۇنداق: سىز ئوقۇغان مەكتەپ چوقۇم گېرمانىيە ئىتراپ قىلىدىغان مەكتەپ بولوشى كېرەك، بۇ ئۇچۇرلار APS تور بىتىدە بار. ئاندىن كەسپىڭىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان تۈرگە ماس كىلىشى كېرەك، قانچە يىقىن كەلسە شۇنچە ياخشى، كەسىپ ئۆزگەرتىدىغانلارمۇ بار، لىكىن سەل تەس بولىدۇ. ئاندىن ئوقۇش تارىخىڭىز ھەم ماس كىلىشى كېرەك، يەنى ماگىستىرلىقتا ئوقۇماقچى بوسىڭىز چوقۇم سىزدە باكلاۋىرلىق ئۈنۋانى بولوشى كېرەك. ئوتتۇرچە نەتىجىڭىز قانچە يۇقۇرى بولسا شۇنچە ياخشى، سەل تۆۋەن بولوپ، لىكىن ھەممە دەرىسنى تۈگىتىپ دىپلوم ئالالىغان بولسىڭىزلا ئىمكانىيەت بار.  تەبئ‍ى پەنلەردە كۆپ ئاسان، ھەم تۈرلەرمۇ كۆپ، گېرمانىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئاساسەن تەبى پەننى ئاساس قىلغان، بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىردەك ئىجتىمائى پەن يوق. يەنە بىر تەلىپى، تېل نەتىجىڭىز، گېرمانىيەگە كىلىپ ئىنگىلىز تىلىدا ئوقۇشنى مىسالغا ئالساق بۇلار TOEFL, IELTS قا ئوخشاش خەلقئارا ئىمتىھانلارنىلا ئىتراپ قىلىدۇ، كونكېرىت نومۇر تەلىپىنى ھەر بىر ئۇنىۋېرسىتېت تور بىتىدە تاپالايسىز. ئەگەر بۇلارنى قايىل قىلالىسىڭىز، مەكتەپكە كىلىپ بىرىمەن دىسىڭىزمۇ بولىدىكەن، بۇنى تىخى يىقىندا ئاڭلىدىم. بۇ ئەھۋال ئادەتتە سىز تۇرۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن گېرماندىكى سىز ئىلتىماس قىلغان مەكتەپ ئارىسىدا ھەمكارلىق بولسا ئاسانىراق بولىدىكەن. بولمىغاندا ئىلتىماسنىڭ رەت قىلىنىش ئىھتىمالى چوڭ بولوپ كىتىشى مۇمكىن. ئالدى بىلەن APS تىن ئۆتىۋىلىپ ئاندىن تېل ئىمتىھانى بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۈلگۈرسىلا ھىساب. نىمىس تىلىدا ئوقۇشنى تاللىسىڭىز چوقۇم  TestDaf قا ئوخشاش مەكتەپلەر ئىتراپ قىلىدىغان نىمىس تىلى ئىمتىھان كىنىشكىڭىز بولوشى كېرەك، ھەم نومۇرىڭىز تەلەپكە يەتكەن بولوشى كېرەك. كىلىپ ئالدى بىلەن تىل ئۈگىنىپ ئاندىن كەسىپكە چۈشىمەن دىسىڭىز ئادەتتە ئۇنىمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم تىل مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ تىل ئۈگەنگەندىن كىيىن ئاندىن قايتىپ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك. تىل ئۈگىنىش ۋىزىسى بىلەن كەلسىڭىز قانۇنلۇق ئىشلەشكە يول قويمايدۇ. پەقەت ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش ۋىزىسى بىلەن كەلگەن ئەھۋالدىلا (ئىنگىلىز تىلى پروگىراممىسى بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ) يىلدا تولۇق 90 كۈن ئىشلەش رۇخسىتىڭىز بولىدۇ، ھەم تاپقان پۇلىڭىزدىن باج تاپشۇرمايسىز. تاپشۇرغان تەقدىردىمۇ يىل ئاخىرىدا قايتۇرۋالالايسىز(بۇ ھەقتە كىيىنكى قىسىمدا يەنە يازىمەن).

گېرمانىيەدە 300 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسېتىت دەرىجىلىك مەكتەپ بولوپ بۇ جەھەتتە ياۋرۇپادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ماكس-پلاڭك ئىنستىتۇتى مەخسۇس تەتقىقات ئورۇنلىرى ئارىسىدا دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىمۇ بەك كۆپ. ياخشى يىرى DAAD نىڭ تور بىتىدە بۇ مەكتەپلەردىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى بىرىلگەن ئىزدەش ئامبىرى بولوپ، سىز شۇ ئىزدەش كۆزنىكىگە ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان كەسىپنى، قايسى خىل تىلدا ئوقۇشنى، قانداق ئۈنۋان ئۈچۈن ئوقۇشنى تاللىسىڭىزلا، شۇ تاللىشىڭىزغا چۈشىدىغان مەكتەپلەرنى تىزىپ بىرىدىكەن. تۆۋەندە ئادرىسى بىرىلدى:

DAAD ئاساسى بىتى:
http://www.daad.de/en/index.html

پروگىرامما ئىزدەش بىتى:
http://www.daad.de/deutschland/s … aenge/06539.en.html

مەن مۇشۇ بويىچە ئىزدەپ 4 مەكتەپنى نۇقتىلىق تاللىۋالدىم، تاللىغان پروگىراممىلار كەسپىمگە بەكلا ماس كىلەتتى، ھەممىسى ئىككى يىللىق ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتىلىدىغان ماگىستىرلىق پروگىراممىلار بولۇپ M.Sc. ئۈنۋانى بىرىلىدىكەن. شۇ مەكتەپلەرنى بىرە قۇر تەتقىق قىلغان بولدۇم، ئاندىن ھەر بىر مەكتەپنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا چىقارغان تەلەپلىرى، ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چەكلىمىسى، ئىلتىماس قىلغاندا ئەۋەتىشكە تىگىشلىك ھۆججەتلەرنى بىلۋالدىم. ئاندىن تاللىغان مەكتەپلەرگە ئىسپات قىلغۇزغان ھۆججەتلەردىن بىر نۇسخىدىن، TOEFL نەتىجىنىڭ كوپى قەغىزى (ئادەتتىكى كوپىسى)، APS نىڭ ئىسپات قەغىزى، personal statement(قىسقارتىپ PS، 留学动机书)، CV(curriculum vitae، 简历)، ئىككى پروفىسسورىمنىڭ تەۋسىيە خىتى (recommendation letter، 推荐书، چەتئەلدە چوقۇم شۇ ئادەم ئۆزى يازىدۇ، جۇڭگۇچىلىقتا مۇئەللىمگە دەپ ئەگەر ۋاقتى بولمىسا ئۆزەم يازاي سىز ئىمزا قويۇپ بىرىڭ دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. شەخسەن ئۈزەم ئىككى خىل نۇسخا يىزىپ ئىككى مۇئەللىمىمگە ئەۋەتسەم بىرى ئانچە مۇنچە تۈزىتىش بىرىپتۇ، كىيىن ئاخىرقى نۇسخىسىنى بىسىپ چىقىرىپلا بىر نەچچە نۇسخىغا ئىمزاسىنى قويغۇزىۋالدىم. بۇ خىل تەۋسىيە خىتىمۇ قايسىلا دۆلەتكە ئىلتىماس قىلسىڭىز ئىشلەيدۇ، ھەم تەلەپ قىلىنىدۇ) بىلەن قوشۇپ، ئۈزەمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، پات يىقىندا پۈتتۈردىغانلىقىمنى، پۈتتۈرۈش دىپلومىمنى چىقىشى ھامانلا ئەۋەتەلەيدىغىنىمنى، بۇ پۇرسەتكە بەكلا قىزىقىقىنىمنى يىزىپ، ھەممىنى بىر لىپاپقا (A4 نۇسخىدىكى) سىلىپ بەلگىلەنگەن ئادرىسقا سىلۋەتتىم. بۇ يەردە ئەسلى پروفىسسورنىڭ تەۋسىيە خىتىنى ئايرىم لىپاپتا پروفىسسور ئادرىسى بويىچە ئەۋەتكەن ياخشى. مەن بىراقلا ئەۋەتىۋەردىم (پۇلىغا چىدىماي، ھەم يۈتۈپ كەتمىسۇن دىدىم). تاللىغان مەكتەپلىرىم ئىچىدە بىرىنىڭ (يەنى ھازىرقى ئوقۇۋاتقان مەكتىۋىم) تىزىملاش ۋاقتى بىر ئايدىن ئوشۇق ئۆتۈپ كەتكەن ئىكەن، مەيلى دەپ ئەۋەتىۋەردىم. ئەۋەتكەن كۈندىن باشلاپ ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۈچىدىن قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى كەلدى. ھەممىسىنىڭ ئوقۇش پۇلى ھەقسىز بولوپ، تۇرمۇش پۇلۇمنى ئۈزەمنىڭ ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئىيتىپتۇ. ھەم ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يوق دەپتۇ.
بۇ يەردە personal statement (PS) بەكلا مۇھىم ئىكەن. بۇ، ھىسابتا سىز ئىلتىماس قىلغان مەكتەپكە ئۆزىڭىزنىڭ نىمىشقا ئۆرلەپ ئوقۇشىنى، نىمىشقا شۇ دۆلەتتە، شۇ مەكتەپتە، شۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئەڭ ئىخچام تېلدا ئىپادىلەيدىغان مۇددىئا خىتىدۇر. بەزى مەكتەپلەر motivation letter دەپمۇ ئاتايدۇ، ئوخشاش نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسڭىزدە بولسۇنكى بۇ ھۆججەت بەكلا مۇھىم، تىلنى ناھايتى ياخشى ئىشلىتىشىڭىز، ئىخچام، مەزمۇن ھەم مۇددىئا ئوچۇق بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ھەرگىز نەسىرلەرنى يىزىپ چۈشۈپ كەتمەڭ، ھەم بەك ئۇزۇن يىزىۋەتمەڭ.  ئالاھىدە قەغەزلەرنى ئىشلەتمەڭ. ئۆزىڭىزنى ئازىراق ماختاپ قويۇڭ، ئازىراق كۆپتۈرۈش بۇ ياقلاردىمۇ نورمال ئىش. قىزىقىشىڭىزنىڭ يۇقۇرلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئىپادىلەڭ. بولسا شۇ پروگىراممىدا ئۆتۈلدىغان دەرىسلەرگە، دەرىس ئۆتىدىغان مۇئەللىملەرنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگە (بۇنى توردىن ئاسانلا تاپاليسىز) ياخشى قاراپ چىقىپ، ئۆزىڭىزنىڭ شۇ مەلۇم كونكېرت تېمىغابۆلەكچە قىزىققانلىقىڭىزنى، كەلگۈسىگە بەك ئىشنىدىغانلىقىڭىزنى، ئاخىردا شۇ دۆلەت، شۇ مەكتەپنى ئازىراق لىللا گەپ بىلەن ماختاپ قويۇڭ. يىزىپ بولۇپ بولسا چەتئەللىك مۇئەللىمگە، ئېنگىلىز تىلدا پىششىق، تەجىربىسى بار ئادەملەرگە تۈزىتىپ بىقىشقا سۇنۇڭ. شەخسەن مەن تۇنجى نۇسخىسىنى يىزىپ بولوپ مەكتىپىمىزدىكى ئىنگىلىز تىلى فاكۇلتىتىغا چۈشلۈك دەم ئىلىش ۋاقتىدا كىرىپ، پەقەت بىر قىتىم لىكسىيەسىنى ئاڭلىغان (مىنى تونىمايدۇ) بىر ئەنگىليەلىك ئاداشنىڭ ئىشخانىسىغا ئۈسۈپلا كىرىپ ياردەم بىرىشنى سورىدۇم. ئۇمۇ قىزغىن بالىكەن، ئېرىنمەي تۈزىتىش بەردى، پىكىردىكى پەرىق تۈپەيلى بەزى يازغان يەرلىرىمنى نىمە مەقسەتتە يازغىنىمنى بىلمەي قاپتۇ، مۇددىئارىمنى ئۇققاندىن كىيىن قانداق ئۆزگەرتىش ھەققىدە مەسلىھەت بەردى. ھەم PS يىزىش بىزنىڭمۇ بىشىمىزنى ئاغرىتۇد، بۇ ئاددى نەرسە ئەمەس دەپ ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردى. شۇنداق رازى بولدۇم، ھەم كىلىشىپ باشقا بىر كۈنى ئۇيغۇر  ئاشخانىسغا ئاپىرىپ ئۆزىمىزنى تەشۋىق قىلغان يۇسۇندا مىھمان قىلىپ قويدۇم (تارىخقا قىزىقىدىغان گۇيتىكەن). كىيىن يەنە چەتئەللەردە ئوقۇپ، كۆرۈپ كەلگەن ئۈچ ئاكىمىزغا تۈزەتكۈزدۈم. ھازىر ئويلىسام شۇ ئېلتىماسىمنىڭ تېز ھەم ئاسان قوبۇل بولۇشىنى ئۈزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم، ھەم شۇ نەرسىنى ياخشى يازغانلىقىمدىنمىكىن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مەيلى TOEFL نەتىجەم (583، تولۇق نومۇر 667)، ياكى ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجىلىرىم بولسۇن(ئەڭ ئاخىردىكى ئورتاق نەتىجەم 74، بىرنەچچە مۇھىم پەنلەردە 60 ئالغان يەرلىرىم بار ئىدى، 3-، 4- يىلدىكى نەتىجىلىرىم ياخشىراق ئىدى، PS دە بۇنىمۇ تېلغا ئىلىپ، دەسلپەتە تىلدا قىينالغانلىقىمنى، كىيىن يىتىشۋالغانلىقىمنى ئىيتقان ئىدىم) خەنسۇ بالىلارنىڭكىدىن بىردەك تۆۋەن ئىدى. ياخشى يىزىلغان PS لەر مەرىپەت تورىدىمۇ بار. ئەگەر قىزىقسىڭىز ئۈزەمنىڭكىنىمۇ ئەۋەتىپ بىرىمەن. ئېلخەت يىزىپ سورىسىڭىز بولىدۇ. (چەتئەل تىلى ئۈگىنىش ھەم ئىمتىھان بىرىش ھەققىدىكى تەجىربىلىرىمنى ئايرىم تېما قىلىپ يازىمەن.)

تۇنجى قۇبۇل قىلغانلىق ھەققىدىكى ئېلخەت مەن ئىلتىماس قىلىپ 20 كۈندە كەلدى(شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى)، خەتتە قوبۇل قىلنغانلىقىمنى، ئۇقتۇرۇشنىڭ بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە قولۇمغا تىگىدىغانلىقى ئىيتىلىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ۋىزا بىجىرىش ئىشلىرىغا چىپىشقا باشلىدىم.

III

ۋىزا بىجىرىش

ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ! ئەڭ مۇھىم ھۆججەتلەر:

ئۈنۋان كىنىشكىڭىز، دىپلومىڭىز، مەكتەپتىن كەلگەن قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، ھەم ئوقۇشىمنى ئۈزەم ئىقتىسادى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلالايمەن دىگەن ئىسپات قاتارلىقلار. تولۇق قىسمى تۆۋەندىكى بەتتىكىدەك:

https://www.aps.org.cn/web/downl … blatt_visum_chn.pdf
ھۆججەت بار بەت ئادرىسى:

https://www.aps.org.cn/web/cnewsAction.do?id=128
ئەلۋەتتە، پاسپورت بولۇشى كېرەك، پاسپورتسىز بۇ ئىش ماڭمايدۇ. ۋەتەندىكى بەزى بالىلار ئالدى بىلەن ئۇقتۇرۇشتىن بىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئاندىن شۇنى ئاساس قىلىپ پاسپورت بىجىرىپ، ئاندىن پاسپورت كەلگەندە ئاندىن يەنە بىر ئۇقتۇرۇش ئىلىپ كىلىدۇ، ئامال يوق، بە ئاۋارچىلىق. بۇ جەريان ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ھەممىدىن ئاسان. ئەگەر نوپوسىمىز شۇ يەرگە يۆتكەلگەن بولسىلا چەتكە چىقىمەن دىگەن بىر ئىغىز گەپ بىلەن بىجىرەلەيسىز، ھەم تېز چىقىدۇ. بىز بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقاندا، نوپوسىمىز بېيجىڭدا ئىدى. پاسپورت بىجىرىدىغان مەركىزى ئىدارىگە بىرىپ بىر جەدۋەل توشتۇرۇدۇم، ساقچى خادىم نىمە قىلىسەن دەيدۇ، چەتكە چىقىپ ئوقۇيمەن دىدىم، قەيەرگە، قايسى ئۇنىۋېرسىتېتقا دەپ قالدى، قارىسىغىلا پالانچى مەكتەپ دەپ قويدۇم (پەقەت سوراپلا قويىدىكەن شۇ)، ئاندىن 5 كۈندە كەل دىدى. 5 كۈندىن كىيىن بارسام 200 سوم تاپشۇرۇشۇمنى ئىيتتى، پاسپورت قولۇمغا تەگدى، بىر چوڭ ئىش ھەل بولدى.

ئەمدىكى چوڭ ئىش، ئىقتىسادى كاپالەتنامە. بۇ بىزنى ئەڭ قىينايدىغان مەسىلە. گېرمانلىقلار بىر ئىش قىلسا بەكلا ئەستايدىل ھەم ئەتراپلىق قىلىدىغان خەق ئىكەن. ۋىزىنى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە بىرىۋەرسەك، كىلىپ ئىشلەۋىلىپ ياخشى ئوقۇمايدۇ دەمدۇ ئىشقىلىپ (بۇرۇن شۇداق قىلغان ئەھۋاللار بولسا كېرەك)، سىزنى كەلگەندە ئۆز خىراجىتىڭىزنى كۆتۈرەلەيدىغان ئىقتىدارىڭىز بار ئىسپات كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئەگەر سىز ئىلتىماس قىلغان مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى بىرىمىز دىسە ھەممىدىن ياخشى، بەزى مەكتەپلەردە بار، سىناپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا GRE نەتىجە تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئىلتىماس قىلغاندا پۈتۈن گېرمانىيەدىكى مەكتەپلەر ئوقۇش بەدەل پۇلى ئالمايتتى، ھازىر ئاساسەن ئالىدىغان بولىۋالدى (تەخمىنەن مەۋسۈمىگە 500~600 ياۋرۇغىچە، MBA نىڭ بەزىلىر بەك يۇقۇرى ئالىدۇ)، شۇڭا ھازىر مۇكاپات پۇلى ئىلىش ئىھتىمالىڭىز بۇرۇنقىدىن ياخشى. سىز پەقەت ئوقۇش مۇكاپاتى ئىسپاتنى كۆرسەتسىڭىزلا بولدى. ئەگەر بۇ بولمىسا گېرماندا سىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىڭىزنى ئۈستۈمگە ئالالايمەن دىگەن ئادەم تاپالىسىڭىز، شۇ ئادەم سىز ئۈچۈن ئۆزى قايتۇرۋالالمايدىغان 7716 ياۋرۇ (ھازىرقىسى، بۇرۇن 7200 ئىدى) بانكا چېكىنى تەييارلىشى كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنچىلىك پۇلنى بىرلا قىتىم مەلۇم ئادەمگە ئاتاپ قويالايدىغان قىرىنداشلىرىمىز كۆپ ئەمەس. شۇڭا كۆپىنچىمىز ئامالسىز ئۆزىمىزنىڭ يانچۇقىنى كولايمىز. بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاش سىز پۇل بار بانكا ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا كۇپايە قىلمايدۇ. چوقۇم 7716 ياۋرۇ قىممىتىدىكى خەلىق پۇلىنى تەييارلاپ جۇڭگۇ خەلىق بانكىسى ئارقىلىق گېرمانىيە بانكىسىنىڭ (Deutsche Bank) بېيجىڭدىكى تارمىدىقىن پۇل قويغانلىق ئىسپاتى ئالىسىز، ھىسابتا چەتكە چىقىشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ 7716 ياۋرۇ سېتىۋالىسىز. بۇنىڭغا ئىسىمدە قىلىشىچە 10 مىڭ سوم رەنە تۆلەيسىز، ۋىزا چىقىشى بىلەن قايتۇرۇپ بىرىدۇ،  بۇ پۇلنى ئىككى ساۋاقدىشىمدىن قەرىز ئالدىم. پۇل سىز گېرمايەگە كەلگەندىن كىيىن ياكى تەڭ يىتىپ كىلىدۇ، ھەم ھەممە پۇل سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئاستىدا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساختلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گەرچە ئۆزىڭىزنىڭ پۇلى بولسىمۇ بىرىنچى يىلى تۈگىگىچە ھەر ئايدا 600 ياۋرۇدىن ئوشۇق پۇل ئالغۇزمايدۇ. بىر يىلدىن كىيىن ھەر قىتىمدا قانچىلىك ئالسىڭىز كارى يوق. نىمىسلارنىڭ ھىسابىدا بۇ پۇل سىزنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇش پۇلىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك جىق كەتمەيدۇ، تۇرغان جايىڭىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۇ پۇل بىر يىرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە ئىشلىمەي ئوقۇسىڭىزمۇ يىتىپ قالىدۇ. تەتىللەردە قوشۇمچە ئىشلىسىڭىز، مەكتەپتە ئىش تاپسىڭىز تىخى ياخشى. مەكتەپلەردە دەم ئىلىشمۇ خىلى ئۇزۇن، تەتىللەر جۇڭگۇدىكى مەكتەپلەردىن ئۇزۇن بولىدۇ.

دەل مۇشۇ 7716 ياۋرۇ قويغانلىق ئىسپاتى بىلەن مەكتەپتىن كەلگەن ئۇقتۇرۇشلارنى ۋە ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتا دىيىلگەن ھۆججەتلەرنى قوشۇپ ۋىزىغا ئىلتىماس بىرىسىز. ۋىزا ئىلتىماسنى ئۇدۇل سىز APS بەرگەن جايغا تاپشۇرىسىز. ئەلچىخانىغا بارمايسىز. تەخمىنەن بىر ئايلاردىن كىيىن ۋىزا بىسىلغان پاسپورتنى خەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بىرىدۇ. تەلەپ قىلىنىدىغان سالامەتلىك ئىستىراخۇنىيەسىنىمۇ شۇ يەردىكى شىركەتلەردىن بىجىرۋالسىڭىز بولىدۇ. بىجىرىشتىن بۇرۇن تەلەپلىرىنى ياخشى سۈرۈشتۈرۈپ بىلۋىلىڭ، چۈنكى بەزى تەلەپلىرى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ئارتۇق يول مىڭىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.

شەخسەن بۇ پۇلنى (بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا 7200 ياۋرۇ بولوپ، شۇ چاغدا تەخمىنەن 70 مىڭ سومغا توغرا كەلگەن ئىدى) ئەينى ۋاقىتتا ئۆيدە يىتەرلىك بولمىغاچقا 40 مىڭ سومنى 15 تۇققىنىمدىن 4 يىلدا قايتۇرىمەن دىگەن ۋەدە بىلەن قەرىز ئالدىم.(باي دىگۈدەك تۇققىنىم يوق ئىدى، بارىنى بەردى) 10 مىڭنى يېزىدىن بەردى، ئاپام خىزمەت كارتىسى ئارقىلىق بانكىدىن 30 مىڭ سوم ئىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇلنى ھەل قىلغان بولدۇم. كىيىن بۇ قەرىزلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن 3 يىل ئىچىدە قايتۇرۇپ بولدۇم. قانداق قايتۇرغىنىمنى كىيىنكى قىسمىدا يازاي. ئەمدى قەرىزلەرنى قانداقلارچە بۇنداق ئاسان ئالغاندۇ دەپ قىلىشىڭلار مۇمكىن. بۇ يەردە سىز ۋە سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كىشىلەر ئالدىدا تۇرغۇزغان ئىشەنچىسى بەك مۇھىم رول ئوينايدىكەن. كىچىكىمدە ئاپام بولسۇن دادام بولسۇن كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراشنى بەك يامان كۆرەتتى، سوراپ قالغان ئەھۋالدا ئەڭ تېز ۋاقىتتا قايتۇرۋىتەتتى. بۇ جەھەتتە ماڭىمۇ خىلى يۇقۇپتىكەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا شۇنداق ئىلىم-بىرىم ئىشلىرىدا بەكلا دىققەت قىلدىم، پۇل ئىلىپ بىر ئايدا قايتۇرىمەن دەپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇراتتىم. ئارىيەت ئالغان نەرسىنى ئىگىسى سوراشتىن بۇرۇن قايتۇراتتىم. شۇڭلاشقىمۇ ساۋاقداشلىرىم نىمە سورىسام، قانچىلىك سورىسام ئىككىلەنمەيلا بىرەتتى. شۇ پۇلغا ئىھتىياجلىق بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا ياتىقىمدىكى سىچۇ’ئەنلىك بىرى بىر كۈنى ئايرىم ماڭا ئەگەر پۇل يەتمەي قالسا بىر تاغىسىدىن ماڭا 50 مىڭ قەرىز ئىلىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى دىگەن ئىدى. باشقا بىر كۈنى يەنە بىر بالا 10 مىڭ بىرىپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئىيتتى. بۇ بالىلار ئەمەلىيەتتە خىلى نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن، بىر قۇر كىيىمنى تۆت يىل كىيىپ، چوقەي كىيىپ موما يەپ يۈرىدىغان بالىلار ئىدى، سورىمىساممۇ ماڭا بۇنداق دىيىشى مىنى بەكلا خوش قىلۋەتكەن ئىدى. ئىشقىلىپ خەقنىڭ ئالدىدا تېكلىگەن ئىشەنچ-ئىناۋىتىڭىز بەكلا مۇھىم ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانامدىن تولىمۇ مىننەتدار بولىمەن. ئورۇق-تۇققانلارمۇ ماڭا ھەتتا ئۆز بالىسىدىن ئارتۇق ئىشىنەتتى، ئاتا-ئاناممۇ ئۆز قېرىنداشلىرىغا بەك كۆيۈنەتتى، مەنمۇ كىچىكىمدىن ھەممىنى ھۆرمەتلەپ، كىچىك پىئىل بولوپ (بۇمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ تەربىيىسى) نامازخان بولوپ، ئىزچىل ياخشى ئىشلارنى قىلىپ يۇرتداشلارنىڭ ئالدىدىمۇ ھىچقاچان ئەگىر يولغا ماڭمايدىغان ئادەم ئوبرازى ياراتقان بولسام كېرەك. شۇڭا ئىنى-سىڭللىرىمغا بىرىدىغان سۆزۈم، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەرگىز يەردە قويماڭ، بىشىڭىز كۆككە يەتسىمۇ كىچىك پىئىل بولۇڭ، ئاتا-ئانىڭىزغا، قېرىنداشلىرىڭىزغا كۆيۈمچان بولوڭ، دىمەككى ئۆز بەختىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىسىز….

ئاخىرقى ئىشلار

رەسىميەتلەرنىڭ چالىسىنى تولۇقلايسىز، مەسىلەن نەتىجە قەغىزىڭىز، باكلاۋىرلىق ئۈنۋان كىنىشكا دىگەندەك مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىسپات قىلغۇزىۋالىسىز. مەكتەپتىكى نوپوسىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇسىز، ئادەتتە شۇ تۇرغان شەھەردە ساقلاتسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن يىلىغا خىلى پۇل ئالىدۇ. مەن يېزىغىلا چۈشەتىۋەتتىم. يەنە بىرى ئارخىبىڭىز، بۇنى ئادەتتە مەكتەپ ئارخىب ئىشخانىسىغا كىرىپ ئىككى يىل ساقلاشقا بىرەلەيسىز، مەن تەخمىنەن 700 سومدەك پۇل تاپشۇردۇم. بولمىسا مەخسۇس ئارخىب ساقلايدىغان يەر تاپسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن ھەقىسىز ساقلايدىغان يەر يوق. ئايرۇپىلان بىلىتى ئالىسىز، گېرمانىيەگە كىلىدىغان ئايرۇپىلان قىتىم سانى ھەم ھاۋا يوللىرىمۇ بەك كۆپ، ئامال بار ئەرزىنىنى ئىلىڭ.

رەسمىيەتلەر بىجىرىشتىن قىسقىچە خۇلاسە:

قانداق قىلىش، نىمىلەر كېرەك، يۇقارىدا تىلغا ئىلىنغان APS تور بىتىدە ئىنىق يىزىلغان. قىرىنداشلىرىمغا ئىيتىدىغىنىم، يوچۇق يوق يەر مەۋجۇت ئەمەس، بەزىدە چوقۇم ھەممە دىگىنىنى تەييارلاش زۆرۈر ئەمەس، لىكىن كۆرسەتكەن سەۋەبىڭىز كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتىدىغان ئىشلار بولۇشى كېرەك. مىسال: APS ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا مەكتەپ گۇۋاھنامەمنى تەلەپ قىلغان، مەندە بولمىغاچقا پەقەت ئوقۇدى دىگەن ئىسپاتنى كۆرسەتتىم، ھەم بۇنى ئىلتىماس قىلغان ھەممە مەكتەپكە ئىسپات قىلغۇزۇپ يۈرمىدىم، پەقەت APS كىلا بەردىم. ئەلۋەتتە ئۇنىۋېرسېتتا ئوقۇغان ئىكەنسىز، چوقۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ. دىمەك ئەڭ ئۈستىدىكى كىنىشكىلار (ئالىي مەكتەپتىكى) مۇھىمىراق، پەستىكى كىنىشكىلار ئانچە ئەمەس. يەنە بىر يەردە، ئىنىق ئىسىمدا قالماپتۇ، بىر بانكىغا ئىسپات كۆرسىتىدىغان ئىش چىقىپ قالدى، ئىسپات خەنزۇچە ئىدى، تەرجىمە قىلىشىمنى تەلەپ قىلىپتۇ، چوقۇم تەرجىمە شېركەتلىرى تەرجىمە قىلىشى كېرەككەن، تازا جىددى پەيىت ئىدى، تەرجمىگىمۇ خىلى پۇل ئالىدىكەن. ئۇنىڭغا چىدىماي ئۈزەم تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىپ باقاي دىدىم-دە بانكىغا كىرىپ ھۆججەتلەرنى تاپشۇرغاندا ئۈزەمنىڭ تەرجىمە قىلغانلىقىمنى كۆرسەتتىم، بانكا خىزمەتچىسى باشلىقىدىن سوراپ كىلىپ،—ئەمسە تەرجىمە قىلغان يەرگە ئۈزەڭ ئىمزايىڭىنى قويساڭ بولىدىكەن—دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىشىم پۈتكەن بولىدى. ئاز بولسىمۇ پۇل ئىقتىساد بولوپ قالدى. قۇبۇل قىلغان مەكتەپ تىزىملاش ھەققىمنى گېرمانغا كىلىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇشۇمنى ئىيتىپتۇ، پەقەت 96 ياۋرۇ ئىدى، بۇنى گېرمانغا مەندىن بۇرۇن چىققان بىر ئاكىمىزغا خەت يىزىپ (چىقىشتىن بۇرۇن بىزنىڭ ياتاقا نەچچە كۈن تۇرغان ئىدى)، شۇ ئارقىلىق تاپشۇرۇپ تۇردۇم. ياتاق ئىلىپ قويىمىز، لىكىن 200 ياۋرۇ رەنە تاپشۇرۇشىڭ كېرەك دەپتىكەن، ياتاق تىپىش بەك تەس دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، شۇ مۇئەللىمگە ئەھۋالىمنى چۈشەندۈرۈپ، ئەرزانىراق ياتاق ئىلىپ قويۇشىنى، بارغاندا چوقۇم تۆلەيدىغىنىمنى ئىيتىپ خەت يازدىم، كىيىن دىگەندەك مەكتەپ باشقۇرۇشىدىكى بىنادىن ياتاق ئىلىپ قويۇپتۇ. بېيجىڭدىن ئايرلىشىتىن بۇرۇن ياۋرۇ كېرەك بولدى (گېرمانىيە بانكىسىغا قويغان پۇلنى بىرىپ بىر ئايلاردىن كىيىن ئاران ئالالايتتىم، شۇڭا يىنىمغا چوقۇم پۇل سىلىپ بىرىشىم كېرەك ئىدى)، ۋىزىنى كۆرسىتىپ بانكىدىن ئالاي دىسەم بەك قويمىچىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە تونۇشۋالغان شىۋىتسىيەلىك دوستۇم ئارقىلىق بانكىدىن ياۋرۇ ئىلۋىلىپ، ئۇنىڭغا شۇ كۈندىكى پەرىق بويىچە خەلىق پۇلى بىلەن ئالماشتۇرۋالدىم.

ئىككىنچى قىسىم

گېرمانيەدە ئوقۇش ۋە ھايات

بۇ قىسىمنى يىزىشتىن بۇرۇن ئالدىنقى قىسىمدا تولۇقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنى قىستۇرۇپ قوياي.

مەيلى قايسىلا دۆلەتكە ئىلتىماس قىلىڭ، يەرلىكتىن بىرەر ئائىلە ئىقتىسادى ئالاھىدە ناچار دىگەندەك بىر ئىسپات قىلغۇزۋىلىڭ ھەم بۇنى ئىسپات قىلغۇزۋىلىڭ. چۈنكى چەتئەلدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەردە گەرچە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يوق دىيىلىگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ئىسپات قەغىزىڭىز بولسا ياردەم پۇلى ئىلىش ئېھتىمالىڭىز بار. بۇنداق ئىسپاتنىڭ يەنە بىر پايدىسى، گېرمانيەنى مىسالغا ئالساق: ئەگەر بۇ يەردە ئىشلەپ قالسىڭىز، ياكى مائاش ئىلىپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇسىڭىزمۇ ئانچە-مۇنچە ئۆيگە پۇل ئەۋەتىش ئىمكانيىتىڭىز بولىدۇ. دىمەك مۇشۇ ئەۋەتكەن پۇلىڭىزنى ئىسپات قىلىش ئارقىلىق مائاش ئالغاندا تۆلىگەن كىرىم بىجىنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى قايتۇرۋالالايسىز. گېرمانيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە كىرىم بىجى خىلىلا يۇقۇرى بولىدۇ، ئەۋەتكەن پۇلىڭىزنىڭ سوممىسىغا ئاساسەن قولىڭىزغا قايتىپ كىلىدىغان پۇلمۇ خىلىلا كۆپ بولىدۇ. بۇ خىل باجنى قايتۇرۋالىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كىرىمىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىش كىرەك، ئۆيگە پۇل ئەۋەتتىم دىگەن ئىسپات بىلەنلا قايتۇرۋالالمايسىز.

ھەممە رەسىميەتلەر پۈتتى. ئوقۇشنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلايدۇ دەپتىكەن، 10-ئاينىڭ 5-كۈنىنىڭ بىلىتىنى ئالدىم، ئادەتتە بەك كىچىكمىسىڭىزلا بەك قاتتىق تەلەپ قويمايدىكەن، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەندىن كىيىن رەسىميەت كۆپ بولىدۇ دەپ توغرا چۈشىنىدىغان ئوخشايدۇ. 10 سائەتلىك ئايرۇپىلان سەپىرىڭىزدە يىمەكلىك-ئىچملىكتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن بىلەت ئالغاندا چوقۇم مۇسۇلمانچە تاماق يەيدىغىنىڭىزنى دەپ قويۇڭ. چاماندانغا نىمە سالسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ھەتتا يۇرتىمىزنىڭ چىرايلىق ئىشلەنگەن پىچاقلىرىمۇ بولىدۇ (ئالدىنقى قىتىم ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچقىنىمدا قەتئى ئۇنىمىدى، لىكىن بېيجىڭدىن گېرمانىيەگە ئۇچقىنىمدا يول قويدى). يىنىڭىز ئىلىپ ماڭىدىغان سومكىڭىزغا بولسا ئەڭ مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىلۋىلىڭ، لىكىن پىچاق، سۇيۇقلۇققا ياتىدىغان نەرسىلەرنى ئالماڭ، سۇيۇقلۇققا ياتىدىغان ئەتېر، چىش-پاستىسى دىگەندەك نەرسىلەر ھەر بىرى ئادەتتە 75 مىللىلىتىردىن كۆپ بولمىغاندا يىنىڭىزدا ئىلىپ ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ، كۆپ بولسا چاماندانغا سىلۋىتىڭ. بەكىرەك ئىلۋىلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەر:
ئەدىيال، بولسا نىر نەچچە يۈرۈش يوتقان-كۆرپە ئەستىرى (مەكتەپ ياتاقلىرىدا بىر يۈرۈش بولىدۇ، پۇل تۆلەيسىز، ئالمايمەن دىسىڭىز پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ)، پاختا رەخىتلىك كىيىملەردىن كۆپىرەك ئىلۋىلىڭ. يەنە لۇغەتلەرنىمۇ ئىلۋىلىڭ. زىرە، سىيادان دىگەندەك تاماق ئەتكەندە لازىملىق بولىدىغان، چەتئەلدە تىپىش قىيىن بولغان نەرىسلەرنى  ھەم ئىلۋىلىڭ. ئادەتتە ياۋۇرپانىڭ ھاۋاسى بەك ھۆل بولىدىكەن، شىمالى ياۋرۇپا، ئالىپ تاغلىرىڭ شىمالى قىسمى ھەم سوغۇقىراق بولىدىكەن. ئاساسەن بەك بۇلۇتلۇق بولىدۇ. شۇڭا چاي دورىسى، ئىسسىقلىق تىپىدىكى يەرلىك چاي، گۈلقەنت دىگەندەك نەرسىلەرنى، ئارمان قۇۋۋەت تالقانلىرىنى كۆپىرەك ئىلۋىلىڭ. يىنىگىزغا ئاز بولغاندىمۇ 100 ياۋرۇدەك پۇل ئىلۋىلىڭ. راست، يانفون، خاتېرە كومپيۇتېرلىرىڭىزنىمۇ ئىلۋىلىڭ.

ئادەتتە ئايرۇپىلاننىڭ ئىچىدىمۇ راۋۇرۇس شاۋقۇن بولىدىكەن، يەنى ماتۇرنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازى، مۇلازىمىتى ياخشى ھاۋايوللىرىدا قۇلىقىڭىزغا تىقىۋالىدىغان نەرسە بىرىدىكەن، دۇكانلاردىنمۇ سېتۋالغىلى بولىدۇ. ھەر ئىھتىمالغا قارىشى يىنىڭىزغا ئىلۋىلىڭ.

ئايرۇپىلان ميۇنخىن ئايرۇدۇرۇمىغا قوندى، ئايرۇپىلاندىن چىقىمشىغىلا بۇرنۇمغا شۇنداق كۈچلۈك زەي پۇراپ كەتتى، ئاللاھ تازىمۇ بىر زەيكەشلىك زىمىن ئوخشايدۇ، رىماتىزىمىمنى قوزغىۋەتسە قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرەپ كەتتىم. ئەتراپ شۇنچىلىك يىشىلچىلىق، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنىدىنلا ھاۋاسىنىڭ ناھايتى نەملىكى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. قىززىق يىرى، يامغۇر شۇنچە كۆپ ياغسىمۇ، ھەم تۈزۈك كۈن كۆرمىسىڭىزمۇ رىماتىزم بولىدىغانلار كۆپ ئەمەسكەن. خۇداغا شۈكرى مىنىڭمۇ رىماتىزىمىم قوزغالمىدى.

چەتئەللىك بولغاندىن كىيىن ئايرۇپىلانىدن چۈشۈپلا پاسپورت كونترولىدىن ئۆتۈشىڭىزگە توغرا كىلىدىكەن. ساقچىلار سىزنىڭ پاسپورتىڭىزنى كۆرۈش جەريانىدا ئەگەر بىرىنچى قىتىم كىلىشىڭىز بولسا نىمىگە كەلگىنىڭىزنى يەنە سورايدىكەن. بارىدىغان جايىڭىزدىكى ئورگانلار بىلەنمۇ ئالاقىلىشىدىكەن. شۇڭا بولسا بارىدىغان مەكتىپىڭىزدىكى سىزگە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتكەن مۇئەللىمنىڭ ياكى مەسئۇل كىشىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى كىلىشتىن بۇرۇن سورىۋىلىڭ ھەم پاسكونترولىدا شۇ نومۇرنى دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ئۇقتۇرۇش قەغىزىڭىزنىلا كۆرسىتىڭ. ئەگەر تونۇشۇڭىز بولسا، شۇ تونۇشىڭىزنىڭ نۇمۇرىنى دەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇلار شۇ سىزنىڭ گېرمانغا نىمە مەقسەتتە كەلگىنىڭىزگە، كىلىپ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭىزغا (يەنى گىرمانيەدە تۇرۇشلۇق ئادرىسىڭىزغا) بەكىرەك قىزىقىدۇ.

پاسكونترولىدىن يەڭگىللا ئۆتۈپ كەتتىم. ئەمدى چاماداننى ئىلۋىلىش كېرەك ئىدى. چامادان ساقلايدىغان يەردىن ئاخىرىغىچە ساقلىساممۇ چامادان چىقمىدى، ئامال يوق ياردەم مەركىزىگە بىرىپ چامادىنىمنىڭ چىقمىغانلىقىنى ئىيتتىم، ئۇلار بارىدىغان جايىمنى ھەم تونۇشۇمنىڭ تىلىفون نۇمۇرىنى سورىۋالدى. نەچچە كۈندىن كىيىن قولۇمغا تەگدى. بىر يىرى سونۇپ كىتىپتۇ. ئەسلى سىز كەلگەن ھاۋا يوللىرىغا دىسىڭىز تۆلەپ بىرەر ئىكەن. ھەر ھالدا قولۇمغا تەگكىنىدىن خوش بولدۇم. بەزىدە يوقاپ كىتىدىغان ئىشلارمۇ، باشقىلار ئوخشاش چامادان بولسا ئىلىۋالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدىكەن. شۇڭا ياخشىسى چاماندانغا ئىسمىڭىز، بارماقچى بولغان جاينىڭ ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى بىرەر كارىتغا يىزىپ ، ھەم تونۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بىرەر لىنتىلارنى باغلاپ قويسىڭىز بولىدىكەن.

گېرمانيەدە قاتناش ھەممىدىن ياخشى تورلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. قايسىلا يەردە بولسۇن ۋوگزال بىلەن ئاپتۇبۇس باش بىكىتى شەھەر مەركىزىگە جايلىشىدىكەن. بىر نەچچە خىل ئالاھىدە پويىز بىلەتلىرى بولوپ، گۇرۇپپا ئوبلاست بىلىتى (بۇنىڭدا بىر بىلەتنى 5 ئادەمگىچە ئورتاق ئىشلەكىلى بولىدۇ، ئائىلە ياكى ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ساياھەت قىلىپ قالسىڭىز ھەممىدىم ئەرزان توختايدۇ)، تاق كىشىلىك ئوبلاست بىلىتى دىگەندەكلەر بولۇپ، تەخمىنەن 24 سائەت ئىچىدە (ئادەتتە شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن ئەتىسى سائەت 3 كىچە كۈچكە ئىگە)، شۇ ئوبلاسىت چىگرىسى ئىچىدە شۇ كۈنى چىققان پويىز ياكى ئاپتۇبۇس، مىترو قاتارلىقلارنىڭ قىتىم سانى چەكلەنمەيدۇ، پەقەت IC، ICE تىپىدىكى تىز پويىزلارغا چىقالمايسىز. يەنە بىرى ھەپتە ئاخىرى بىلىتى (Schöneswochenende ticket) بولوپ، بۇمۇ گۇرۇپپا ۋە يالغۇز كىشلىك دەپ بۆلىنىدۇ، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن گىرمانىيە دائىرسىگە ئىشلەيدۇ (بەزىدە خوشنا دۆلەتلەرنىڭ چىگرىسى ئىچىگە كىرگەندىمۇ مەلۇم دائىرىدە ئىشلەيدۇ). باشقا قائىدىلىرى ئوبلاسىت بىكىتى بىلەن ئوخشاش. يەنە بىرى “Einfach-Raus” بىلىتى بولۇپ، بۇمۇ پۈتۈن گىرمانىيە دائىرىسىدە ئىشلەيدۇ، ھەر كۈنى ئالغىلى بولىدۇ، باشقا قائىدىلىرى ئۈستىدىكى بىلەتلەر بىلەن ئوخشاش. بۇنداق ئەرزان بىلەتلەر بەك ئۇزۇن يولغا تازا ماس كەلمەيدۇ، يەنى كۆپ قىتىم ئالمىشىسىز، ھەم كۆپ ۋاقىت كىتىدۇ. لىكىن شۇ http://www.mitfahrgelegenheit.de/ تورىغا ئىلان چىقىرىپ يەنە 4 ئادەم تىپىۋالسىڭىز بەكلا ئەرزان توختايدۇ شۇ. ياكى ئاشۇ تور بەتتىن باشقىلارنىڭ چىقارغان ئىلانىنى ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. باشقا بىلەتلەر شۇ ئادەتتىكىدەك، بارغان جايىڭىزغا ئاساسەن ئالىسىز، باھاسى شۇ مۇساپىگە، يەنە بىرى قايسى تىپتىكى پويىز ئىكەنلىكىگە باغلىق. گىرمانيەدە يەنە بىر ئەۋزەل قاتناش باشقىلارنىڭ ماشىنىسغا چىقۋىلىش. بىكارلىق كۆپ ئۇچىرىمايدۇ، بۇلار ئاساسەن يولدا قول كۆتۈرگەن ئادەملەرگە توختىمايدۇ. لىكىن يۇقارقى تور بەتكە ئادەم ئىلىشنى خالايدىغانلار ئىلان چىقىرىپ قويىدۇ، چىسلا، باھاسى ۋە قانداق ماڭىدىغان تەپسىلاتىنى يىزىپ قويىدۇ، قىزىقسىڭىز تىلىفون قىلىپ كىلىشسىڭىزلا بولىدۇ. ئادەتتە ھەر 100 كىلومىتىر مۇساپىگە 5 ياۋرۇ تۆلەيسىز، باھانى ئالاقىلىشەكەندە كىلىشىۋالىسىز. ئەگەر ئىشىڭىز بەك جىددى بولمىسا بۇمۇ بەك ئەرزان توختايدىغان ئۇسۇل. بەزىدە دۆلەت ئىچىنىڭ ئايرۇپىلان بىلەتلىرى پويىزدىنمۇ ئەرزان بولوپ قىلىدىغان ئىشلار بولىدۇ، يىراقىراق يەر بولسا بۇنداق ئەرزان بىلەتلەرمۇ ئەڭ ياخشى تاللاش. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەتلەردىن كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئەرزان پويىز ياكى ئايرۇپىلان بىلەتلىرىنى يەنە ebay، amazon، ۋە بەزى تور بەتلەردىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ. (craigslist)

ميۇنخىن شەھىرىگە كىرگىنىمدە بەك كەچ بولوپ كەتكەچكە مۇئەللىمنى ئاۋارە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي شتۇتگارتتىكى تونۇش قىرىندىشمىغا تىلىفون قىلىپ، ئۇدۇللا شۇ يەرگە بىرىۋالدىم. ئەتىسى ئۇلم ئۇنىۋەرسىتىتىغا كەلدىم. مۇئەللىمنى ئاران تەستە تىپىۋالدىم. ئۇ مۇئەللىم شۇ كۈنىلا باشقا بىر نەچچە يىڭى كەلگەن بالىلار بىلەن قوشۇپ يەرلىككە تىزىملىتىش، مەكتەپكە تىزىملىتىش، ياتاق ئىشلىرىمىزنى شۇ كۈنىلا بىجىرىپ بەردى. ئاساسلىقى بىز ئىنگىلىز تىلى پروگىراممىسىغا كەلگەچكە بىزنى نىمىسچە بىلمەيدۇ دەپ شۇنداق قىلغان ئىكەن. ئادەتتە نىمىس تىلىدىكى پروگىراممىلارغا ئوقۇشقا كەلگەنلەرگە بۇنداق ياردەم قىلمايدىكەن، شۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىگىلا تاپشۇرۇپ بىرىدىكەن رەسىميەت بىجىرىشنى.
مەكتىپىم شەھەر سىرتىدىكى تاغ تۆپىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپى ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىكەن، مۇھىتى شۇنداق گۈزەلكەن. ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرى شەھەرنىڭ ئۇ يەر-بۇيەرلىرىگە چىچىلىپ كەتكەن بولۇپ، شارائىتىغا قاراپ باھاسىمۇ ئوخشىمايدىكەن. ئادەتتە بۇنداق ياتاق بىنالىرى ھەممىدىن ئەرزان توختايدىكەن، ئاۋارچىلىقىمۇ كۆپ بولمايدىكەن. يەنە بىرىگە تىخىمۇ بىخەتەر، چۈنكى ھەممەيلەن ئوقۇغۇچى، ھەم ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن يىقىن تۇرىسىز. گىرمانيەدە جۇڭگۇدىكىگە ئوخشاش بىر ياتاقتا نەچچە ئادەم تۇرىدىغان ئىش يوقكەن، بىر ياتاقتا چوقۇم بىر ئادەم يالغۇز تۇرىدىكەن. ئەگەر جۈپتىڭىز بىلەن بىللە تۇرۇشنى مەقسەت قىلسىڭىز ئۆزىڭىز ئۆي تىپىپ تۇرسىڭىز بولىدىكەن، چۈنكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرىدىكى ئۆيلەر نىسبەتەن كىچىك بولوپ چوڭلۇقى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئىككى ئادەم ياشىشى ئۈچۈن ئەڭ كىچىك چوڭلۇق ئۆلچىمىگە (24 كىۋادىرات مېتىر) توشمايدىكەن. ھىسابتا، ئەگەر ئەر-ئايال بولسا ياخشىسى سىرتتىن ئۆي ئىلىپ تۇرسا تىخىمۇ ئەرزان توختايدىكەن. كەلگىنىمدە 211 ياۋرۇلۇق ياتاقتا تۇردۇم. 18 كۋادىرات مىتىر بولۇپ، ياغاچ پوللۇق، كارۋات، ئىشكاپ ھەممە نەرسىسى تەييار ئىكەن. سۇخانىسىنى (مۇنچا، ھاجەتخانا) ياندىكى خوشنام بىلەن ئورتاق ئىشلىتەتتىم. ھەر قەۋەتتىن بىردىن ئاشخانا بولوپ، ئازادە، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىكەن (توڭلاتقۇ، مىكرو-دولقۇنلۇق ئوچاق، دوخۇپكا، ئىلىكتىرلىق ئوچاقتىن تۆتى، ئۈستەل ۋە ئىشكاپلار). ئادەتتە نىمىس ئوقۇغۇچىلار بەك تاماق قىلىپ كەتمىگەچكە ئاشخانا ئوڭچىلا قالىدىكەن. ھىچقاچان ھەم قىستاڭچىلىق بولمايدىكەن. ھەر بىر بىنادا بىر كىرخانا بولوپ بىرنەچچە كىر يۇغۇچ ۋە قۇرۇتقۇچلار بولوپ، بىر قىتىمغا تەخمىنەن بىر ياۋرۇ تۆلەيسىز (70 مىنۇت يۇيىدۇ). ئەلۋەتتە قولىڭىزدا يۇسىڭىزمۇ بولىدۇ، سۇخانىڭىزدىمۇ يىتەرلىك بوشلۇق بار. ئاچقۇچلارمۇ خىلى مۇرەككەپ بولىدىكەن. بىنانىڭ ئىشىكىمۇ قۇلۇپلاقلىق تۇرىدىكەن. بەزىدە ھەتتا ھەر بىر قەۋەتنىڭمۇ ئىشىكى قۇلۇپلۇق تۇرىدىكەن. بۇ ياتىقىم بەكلا راھەت بولدى، لىكىن يەنىلا قىممەت كۆرۈپ مەكتەپكە قەخىشلىك قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن شەھەر بويىچە ئەڭ ئەرزان بىر ياتاققا (ئايلىقى 151 ياۋرۇ) كۆچىۋالىدىم، سەل كونىراق بىنا ئىكەن، ھەم 15 كۋادىرات بولۇپ سەل كىچىك ئىدى، لىكىن بىر ئادەمگە يىتىپ ئاشىدۇ. شىمالى، بولۇپمۇ شەرقى گىرمانىيەدە ياتاقلار تىخىمۇ ئەرزان. گىرمانىيەنىڭ جەنۇبى قىسمى ئەڭ تەرەققى قىلغان رايونى بولغاچقا، ياتاقلار قىممەت بولىدىكەن، تۇرمۇش ئىستىمالى ئومۇمەن يۇقۇرى، لىكىن ئىش تىپىش شىمال ۋە شەرقى رايونلارغا قارىغاندا كۆپ ئاسان بولىدىكەن. ھەرقانداق ياتاققا كۆچۈپ كىرگەندە ئازىراق پۇل گۆرۈگە قويىسىز، تەخمىنەن شۇ ياتاقنىڭ بىر ئايلىق ھەققى، بۇ پۇلنى كۆچۈپ چىقىپ كەتىسنىڭىز قايتۇرۇپ بىرىدۇ، ئەگەر تامىلىر بەك مەينەت بولسا، جاھازىلىرى بۇزۇلسا ھىسابلاپ تۇتىۋالىدىكەن. تاملىرى پاكىز بولسىمۇ بىنا-باققۇچى ئىشخانىسى (Hausmeister) دىن بىكالىق سىر ۋە تام سىرلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىلىپ ئۆزىڭىز بىر ئاقارتىپ قويسىڭىز سىزگە ئاقارتىش ھەققى دەپ ئاز دىگەندە 70 ياۋرۇ بىرىدۇ. تەس ئىش ئەمەس، تىز بولغاندا يىرىم  كۈندىلا پاك-پاكىز پۈتتۈرۋىتىسىز. ئاندىن بىنا-باققۇچىغا كۆرسىتىپ قوسىڭىزلا بولىدۇ.

گىرمانيەدە يىمەك-ئىچمەكتىن ئاساسەن قىينالمايسىز. بۇ خەقمۇ بىزگە ئوخشاش بەرەنكە (ياڭيۇ)، پەمىدۇر، پىياز ھەم ئۇن بىلەن ئىشلەنگەن يىمەكلىنى ئاساس قىلىدىكەن، ھەم باھاسىمۇ نىسبەتەن ئەرزان بولىدىكەن. پۈتۈن گىرمانىيەدە تۈركلەر بەك كۆپ بولغاچقا چوڭ-كىچىك ھەممىلا شەھەردە دىگۈدەك مەخسۇس تۈركلەرنىڭ دۇكانلىرى بولۇپ، تۈركىيەدىن كەلگەن يىمەكلىكلەر ۋە ھالال گۆش سىتىشنى ئاساس قىلىدىكەن. بۇنداق دۇكانلار كۆپىنچە مەسچىتكە يىقىن جايلاردا بولىدۇ. مەسچىتلەرمۇ كۆپ بولوپ مەن تۇرغان شەھەردە ئومۇمى نوپوس 150 مىڭ، تىزىملاتقان تۈركلەر 20 مىڭدىن كۆپ. چوڭ-كىچىك بولوپ 6 مەسچىت بار. ئەگەر تۇرغان شەھىرىڭىزدىكى مەسچىت ئورنىنى بىلمەكچى بولسىڭىز http://www.moscheesuche.de/ تورىدىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچە مۇساپىرلار ئۆيى بولوپ بەزىدە ئامالسىز قالسىڭىز شۇنداق مەسچىتكە بىرىپ بىرەر كۈنلۈك قونالغۇلىققا سورىسىڭىزمۇ بولىدىكەن. رامىزان ئايلىرىدا ھەر كۈنى ھەقسىز تاماق چىقىرىدىغان بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالىدۇ:) يەنە بىرىگە، تۈركلەرنىڭ دۆنەرخانىسىمۇ كۆپ بولوپ تامىقىنىڭ باھاسىمۇ ئەرزان ھەم كۆپ بولىدىكەن.

گىرمانيەدە مىنى قايىل قىلغان بىر يىرى، ھەممە ئەخلەتلەر تۈرگە ئايرىلىپ يىغۋىلىنىدىكەن. ھەر بىر ئائىلىلىكلەر رايونىدا قەغەز، بىئولوگىيەلىك ئەخلەت، يىشىل بەلگىلىك قۇتىلار، كىيىم-كىچەك، يىشىل ئەينەك، ئاق ئەينەك، قوڭۇر ئەينەك دىگەندەك تۈرلەرگە ئايرىم-ئايرىم ئەخلەت ساندۇقلىرى تەييارلانغان بولوپ، تۈر بويىچە سالىدىكەنسىز. ئالاھىدە نەرسىلەر، مىسالەن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى دىگەندەكلەرگە يىقىن ئەتراپتىمۇ مەخسۇس يىغۋىلىش ئورنى بولىدىكەن. ئەگەر مەلۇم ئائىلىلىكلەر رايونىدا بۇ خىل قائىدىلەرگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلىنسا، شۇ بىنالاردىكى ياتاق كىرا ھەققىنى بىراقلا ئۆستۈرۈپ كوللىكتىپ جازالايدىكەن. شۇنداق قائىدە بولسىمۇ، جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ھەممىدىن بەك دىققەت قىلمايدىكەن. تەڭ ئىشلىتىدىغان ئاشخانىلارنىڭ تازلىقىنى ياخشى قىلمىغاچقا (يەنى تاماق قىلىپ بولوپ ئوچاق بىشىنى شۇ پىتى تاشلاپ قويىدۇ)، ھازىر بىردەك جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنى يامان كۆرىدىغان خاھىش باركەن. بۇلارمۇ يا ئۆزىنى بىلمەيدىكەن. قاچانلا بولسا يىيىشنىڭ گىپى، بىر گەپ ئىسىمگە كىلىپ قالدى: ئادەتتە مەكتەپ ئەتراپىدا ياۋا غاز، ئۆدەكلەر بەك كۆپ، ئەركىن ئازادە ياشايدۇ، بەزىدە ھەتتا كىيىك، تۈلكىلەرنىمۇ كۆرۈپ قالىسىز، تىيىنلارغۇ ئۇدۇل كەلگەن يەردە چۆچۈتۈپ يۈرگەن ئادەمنى. مۇشۇنداق ياۋايى جاندارلارنى كۆرگەن “ۋەتەنداشلىرىمىز” نىڭ ئىچى سىقىلىپ قالغان چىغى، بىر كۈنى ئاپتۇبۇستا، ئادەم بەك ئاز ئىدى، مىنى چەتئەللىك دەپ قالغان چىغى، ئىككىسى پاراڭغا چۈشۈپ قالدى، ھىلقى ئۆدەكلەر بەك جىقكەن، بىرە-ئىككىنى تۇتۋىلىپ شورپىسنى ئىچىۋلساق قانداق پەيزى بولاتتى دەپ قالدى، يىنىدىكىسى جاۋابەن، ساقچى بىلىپ قالسا ئاۋارە قىلارمىكى دەپ قويدى “قاتتىق” ئەپسۇسلىنىپ. ياقامنى چىشلەپ قويدۇم. ئاپام كىچىك ۋاقتىدا ئىقىن بويلاپ چىققان كىيىكلەرنى كۆرۈپ قالاتتىكەن، چوڭ ئاپام ھەتتا بىرنى تۇتۇپ بىقىۋالغان ئىكەن. كىچىك ۋاقتىمدا مەھەللىدە تىمىسقىلاپ كىلىپ قالغان تۈلكىلەرنى قوغلاپ كىتەتتۇق. قۇشقاچ، قارلىغاچلا شۇنداق كۆپ بولاتتى. سازلىقتا پاقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماڭالماي قالاتتۇق دەسسىۋىتىشتىن ئەنسىرەپ. مانا بۇ خەقنىڭ ئايىغى ئەزىز يۇرتىمىزغا تەككەندىن ياقى تەبئەتنىمۇ قوشۇپ يوقۇتۇپ قويۋاتىمىز. ئاللاھ مۇشۇ خەقنىمۇ قوساققا قارىغاندە تەبىئەتنى ئارتۇق بىلىدىغان قىلىشىغا نىسىب قىلسۇن…

ياتاقتا يالغۇز تۇرىدىغان، يالغۇز ياشايدىغان بولغانىدكىن تۇرمۇشتا يەنە كۆپ نەرسىلەر لازىم بولىدىكەن. كۆپىنچە نەرسىلەرنىڭ باھاسى ۋەتەندىكى باھادىن 10 ھەسسە قىممەت. لىكىن كۆپىنچە ئىلىكترونلۇق نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئوخشاش بولىدىكەن. يەنى بۇ يەردىمۇ ئوخشاش پۇلنى خەجلەپ ئالىدىكەنسىز. شۇنداقتىمۇ گىرمانىيەنىڭ بىر ياخشى يىرى، قەيەرگىلا بارسىڭىز، مەلۇم ھەپتە ئاخىرلىرى پىت بازىرى (Flohmarkt) بولىدىكەن. بۇنداق بازاردا ئاساسەن ئىشلىتىلگەن، لىكىن ئەھۋالى يەنىلا ياخشى بولغان ھەرقانداق نەرسە ئۇچرايدىكەن، باھانىمۇ تالىشالايدىكەنسىز. بازارغا قارىغاندا كۆپ ئەرزان ئىلىۋالىدىكەنسىز. تەلىيىمگە كەلگەن كۈنۈمنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يەكشەنبە بولۇپ، ئەتىگەن قوپۇپ قارىسام يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئوچۇق مەيدانغا ئادەملەر يىغىپ كىتىپتۇ، ئارلىغۇدەك بولسام شۇ شۇنداق بازاركەن. ئۆيدە كام نەرسىلىرىمنىڭ ھەممىنىسى تولۇقلىۋالغان ئىدىم. بەزى شەھەرلەردە مەخسۇس دۇكانلارمۇ باركەن مۇشۇنداق، يەنى مۇقىم ئورنى بار. ئادەتتە يۇقارقىدەك ئوچۇقچىلىقلاردا بىر نەچچە ئايدا بىر قىتىملا بولىدىكەن. يەنە بىرىگە، مەخسۇس Sperrmüll دەپ ئاتىلىدىغان كۈنلەر بولوپ، بۇنداق كۈنلەردە، كىشىلەر ئۆيىدە ئىشلەتمەيدىغان چوڭ ھەجىمدىكى نەرسىلىرىنى، ياكى ئۆي كۆچكەن بولسا ئىلىپ مىڭىشقا رايى بولمىغان نەرسىلەرنى كوچىلاردىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنلارغا تاشلاپ قويىدىكەن. خالىغانچە ئىلىۋالسىڭىز بولىدىكەن. بەزىدە شۇنداق ئىسىل گىلەملەر ئۇچراپ قالىدىكەن. ئىشقىلىپ نىمىسلارنىڭ خاراكتىرى شۇنداق خەقكەن، بولۇپمۇ مەن تۇرغان ئوبلاستا ھەممىدىن داڭلىقكەن، يەنى ھەممە نەرسىنى ئامال بار ئىقتىساد قىلىش، ئورۇنسىز نەرسە ئالماسلىق، ھەم باشقىلارغىمۇ شۇنداق ئىمكانىيەت يارىتىش دىگەندەك. كۈلكىلىك يىرى، بۇ رايون گىرمانيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىكىسپورت رايونى، ھەر دوقمۇشتا بىر زاۋۇت دىگەندەك. بەزىدە مەكتەپتە ھەم چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ ئىشىكى يىنىدىكى گىزىت تاختىسىغا ئەرزان باھادا سىتىلدىغان نەرسىلەرنىڭ (كۆپىنچە ئىككىنچى قوللۇق) ئىلانىنى چىقىرىپ قويىدۇ. گېرمانغا كەلگەندىن بىرى تالاي قىتىم تېلۋىزۇر، ۋەلىسپىت ئىلىپ، كېرەك بولمىسا يەنە سېتىپ دىگەندەك، بەكلا قولايلىق مۇشۇ تەرەپلەردىن…

دەرىسلەرنىمۇ باشلىۋەتتى. بىز ئوقۇشقا كەلگەن پروگىراممىمىز يىڭى چىققان، بىر قانچە كەسىپنىڭ بىرىكمىسى بولغاچقا، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇرۇن ئوقۇغانلىرىمۇ كۆپ پەرىقلىق بولغاچقا ئۆزلىشىۋىلىشىمىز ئۈچۈن ئۈچ ھەپتىلىك ئۇنىۋېرسال كۇرىسلار بىلەن باشلىدى، مۇئەللىملەر فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتېكادىن باكلاۋىرلىق دەرىجىگە ياتىدىغان ئاساسى بىلىملەرنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەكرارلاپ ئۆتكۈزۋەتتى. بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇغان بىلىم ئاساسىم بىلەن بۇ دەرىسلەردىن پەقەتلا قىينالمىدىم. ئاخىرىدا ئىمتىھانمۇ ئالمىدى. 3 ھەپتىلىك كۇرىس تۈگىگەندىن كىيىن بىزنى ئالىپ تاغلىرىغا ئىككى كۈنلۈك ساياھەتكە ئاچىقتى، ھەممە ھەقنى مەكتەپ تۆلەيدىكەن. شۇ باھانىدا تازا بىر يەڭگىللەۋالدۇق. ئاندىن رەسمى دەرىسلەر باشلىنىپ كەتتى، دەرىسلەر تىز-تىز ئۆتۈلدى، ھەر سائەتتىكى مەزمۇنىمۇ كۆپ بولاتتى. كۆپىنچە دەرىسلەردە خاتىرە قالدۇرۇش بەك مۇھىم ئىدى، چۈنكى پروففىسسرلارنىڭ دىگەنلىرىنى كىتابلاردىن ئىزدەش قىيىن ئىدى. مەخسۇس دەرىسلىك كىتاب يوق دىيەرلىك، ھەر بىر دەرىستىن پروففىسسور پايدىلىنىشىمىزغا بىر نەچچە كىتاب تەۋسىيە قىلىپ قوياتتى. ئاساسلىقى كانسىپككە تاياندۇق، چۈشەنمىگەن يەرنى پايدىلنىش كىتابلىرىدىن كۆردۇق. بۇرۇن ئۈگەنگەن كەسپىم بۇ پروگىراممىغا تولىمۇ ماس كىلەتتى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بۇرۇن ئانچە-مۇنچە كۆرگەن ئىدىم. گەرچە ئالىي مەكتەپتە ماتېماتېكا پەنلىرىن 60 نىڭ ئۈستىدلا ئۆتۈپ، داۋاملىق خىتاي ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارقىسىدا قىلىپ پۈتتۈرگەن بولساممۇ، نومۇر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئازىراق قىزىقىش بىلەن ئۈگەنگەچكە، شۇ ماتېماتېكا سەۋيەم بىلەن پەقەتلا قىينالمىدىم. فىزىكىغا ئەسلىدىنلا ئامراق بولغاچقا ئۇنىڭدىنمۇ قىينالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ھايات خىلى يەڭگىل باشلاندى.

لىكىن بىشىمدا بىر غەم بار ئىدى، يەنى قەرىز ئالغان پۇلنى راست قايتۇرالامدىم، ئىككى يىلدىن كىيىن دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتى قولغا كەلتۈرەلەمدىم؟ ئەگەر كۆپىرەك ئىشلىسەم دەرىسىمگە تەسىر قىلىشى تەبئى. ھەم بىر ئايلىق تۇرمۇش ھىساباتىم بويىچە بانكىدىكى 7000 ياۋرۇ پۇل بىر يىرىم يىلغا چوقۇم يىتەتتى. دىمەك يىرىم يىلنىڭ ھەققىنى يەنە ئۈزەم تىپىشىم كىرەك ئىدى. يازلىق تەتىلدا ئىشلەشنى پىلان قىلدىم. دەل شۇ كۈنلەردە شۇ چاغدا بېيجىڭدا يۇقۇرى ئىنىرگىيە پەنلەر ئاكادىميىسىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور مەمتىمىن ئابباس ئاكىمىزدىن خەت كىلىپ قالدى، خىتىدە ئۈرۈمچىدىكى زۇلپىقار ئىسىملىك بىر ئاسپىرانىت بالىنىڭ ئىغىر كىسلەگە گىرىپتار بولغانلىقى، ئوپىراتىسىيە ھەققى ئۈچۈن ئىئانە يىغىش قىلۋاتقىنىنى ئىيتىپتۇ. ئازىراق بولسىمۇ پۇل ئەۋەتەي دەپ ئويلىدۇم، بانكىغا كىرسەم ئەۋەتىش ھەققىلا 9 ياۋرۇ ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن نىمىس مۇئەللىمىمدىن مەسلىھەت سوراشنى لايىق تاپتىم. ئىشخانىسىغا كىرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، پۇلنى خەت ئارقىلىق ئەۋەتسەم گىرمانىيە قانۇنىغا خىلاپ بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدۇم. ئۇلار مىنى ئالدامچىلارغا ئالدىنىپ قالىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك، مۇشۇنداق ئىشلار بەك كۆپىنچىسى ساقتا دەپ كەتتى. مەن ئۇ بەك ئىشەشلىك ئادەم، ھەم تونۇشۇم دەپ چىڭ تۇرۋالدىم. ئۇلارمۇ ئاخىرىدا ئەڭ ياخشىسى بانكىدىن ئەۋەت، خەتكە سالساڭ بەزىدە ئىلىۋالىدۇ، ئىشەنچىلىك ئەمەس دىدى-دە، ئۈزەمنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ قالدى. بىر ئايدىكى چىقىمىمنىڭ قانچىلىك بولىدىغىنىنى سورىدى. مەن تۇرمۇشتا چاتاق يوقلۇقىنى، ھەر ئايدا قوساققا 50 ياۋرۇدەك سەرىپ قىلۋاتقىنىمنى دىدىم. شۇنداق دىيىشىمگە ئۇلار ھەيرانلا قالدى، قانداق يەتكۈزۋاتىسەن 50 ياۋرۇنى دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالامۇ ئاز يىمەيتتىم، گۆشنى ئۆيدىكىدىن جىق يەيتتىم، تىخى ھەر كۈنى مىۋە-چىۋە، ئىشقىلىپ ئاز يىمەيتتىم. شۇ ئاساسلىقى تاماقنى ئۈزەم قىلاتتىم، ھەتتا بولكىنىمۇ ئۈزەم خىمىر يۇغۇرۇپ دوخۇپكىدا ھەپتگە بىر پىشۇرۋالاتتىم. شۇڭلاشقىمۇ 50 ياۋرۇ دىگەندەك يىتەتتى. لىكىن بۇ مۇئەللىملەر ئىشەنمىگەندەك قىلدى. ئاخىرىدا بىز بىر ئامال قىلايلى دەپ قالدى. ئىچىمدە بۇلار زۇلپىقارغا ياردەم قىلىدىغان بولدى دەپ خوش بولوپ كىتىپتىمەن. تەخمىنەن ئىككى ئايدىن كىيىن بانكا ھىساباتىمغا ھەر ئايغا 200 ياۋرۇدىن ھىسابلاپ يىرىم يىللىق قىلىپ 1200 ياۋرۇنى نەقلا قىلىپ ئەۋەتىپتۇ. بەكلا ھەيران بولدۇم. چۈنكى بىزگە كىلىشىت بۇرۇن ئوقۇش مۇكاپاتى يوق دەپ ئىنىق ئىيىتقان ئىدى. كىيىن ئىشخانىسىغا چاقىرىتىپ، پۇلنى ھىساباتىدىن ئىشىپ قالغان پۇلدىن ھەل قىلغانلىقىنى، چوقۇم ئۈزەمنىڭ ئىشلىتىشىم كىرەكلىكىنى، تاماقنى ياخشى يىيىشىم كىرەكلىكىنى، (ئورۇقلۇقىمغا قاراپ مىنى ھىچنەرسە يىمەيدۇ دەپ قالغان بولسا كىرەك، ئەمەلىيەتتە بۇرۇنتىن شۇنداق ئورۇق ئىدىم) دەرىسلەردە چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرنى ئىلىشىم كىرەكلىكىنى ئىيىتىپ تاپىلاپ كەتتى. بەكلا تەسىرلىنىپ كەتتىم. ئويلىمىغان بۇ ياخشى ئىشنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىمنىڭ دۇئاسى دەپلا بىلدىم، ئىچىمدە ھەممىدىن شۇنچىلىك مىننەتدار بولدۇم… بۇ پۇلنى ئۇلار مىنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشۇم پۈتكىچە ھەر مەۋسۇم بىرىپ تۇردى، مەنمۇ ياخشى يەرلەرگە ئىشلىتىپ تۇردۇم. ئەمەلىيەتتە شۇ ھىچقانداق مىننەتسىز ھالدا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ تۇرسىڭىز، سىزمۇ شۇنداق ياخشى ئىشلارغا ئۇچراپ تۇرىدىكەنسىز. ئىنسانغا ئىنسانلىق يەتكۈزۈش ھەقىقى مۇسۇلمانلىقنىڭ جۈملىسىدىن دەپ چۈشىنىمەن. ياخشى ئىش قىلسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدىن رازى بولىسىز، قەلبىڭىز تازلىنىدۇ، روھىڭىز كۆترەڭگۈ بولىدۇ. ئىچىڭىزگە كىر قونمايدۇ، ھەققى مۇسۇلماندەك، پەيغەمبەرنىڭ يۈرىكىگە ئىنتىلىپ، شەيتانىڭىزدىن ئۈستۈن كىلىپ ياشىدىڭىز دىگەندەك گەپ شۇ. ھەققى خوشاللىق ئىچىدە تۇرىسىز، ھەرقانچە مۈشكۈلاتلار كەلسىمۇ توغرا چۈشىنىپ، ئۆزىڭىزگە بەك بىسىم قىلالمايسىز. دىمىسىمۇ ئاللاھنىڭ سىناقلىرى ئالدىدا بۇ ھاياتتىكى ئوڭۇشسۇزلۇق، سورۇقچىلىقلار ھىچ نەرسە ئەمەستە! لىكىن ئىنسان قىرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئازابىنى چۈشىنىپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ئىشلارنى قىلىپ ئۆتسىڭىز، سىزدىن ھەممە رازى. بۇنداق بولغاندا، ئىچىڭىزدىكى يورۇقلۇق چىرايىڭىزدىمۇ ئىپادىلىنىپ، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزنى ھامان جۇشقۇن، يورۇق كۆرىدۇ. يەنە نىمىشقا قىلمايمىز شۇ ياخشى ئىشلارنى، ھەمە ئىشتا ئۆزىڭىزنىلا مەركەز قىلىپ، شەخسىيەتلىك نىشانلار بىلەنلا ياشىسىڭىز، سىزنىڭ ئىنسانلىقىڭىز نەدە قالىدۇ؟ ھەققى ئادەم بولامسىز ياكى نوپۇس دەپتىرىدىكى بىر ئىسىم بولامسىز؟ ئەلۋەتتە ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى بار. بۇ يەردە ھەرگىز باشقىلارغا باھا بىرىش مەقسىدىم يوق، باھا بىرىشكە ھەم ئورنۇم يوق. بىرىنچى مۇھىم نەرسە، ئۈزەمنىڭ توغرا دەپ بىلگەن يولىدا تەۋرەنمەي مىڭىش!

بىرىنچى مەۋسۈمدىلا بەزى ساۋاقداشلىرىمدىن مەكتەپتە تەتقىقات-ياردەمچى-ئوقۇغۇچى (نىمىسچە Hiwi) ئىشلىرىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. مەسئۇل مۇئەللىمگە دىسەم بىرىنچى مەۋسۈمىدە يول قويمايدىغانلىقنى، ئىككىنچى مەۋسۈمدىن باشلاپ مۇناسۋەتلىك پروففىسسورلارغا ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باقسام بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى.

بىر فىزىكا مۇئەللىمىمىز بار ئىدى، دەرىسنى بەك ئىسىل ئۆتەتتى، ئۆزىمۇ شۇنداق بىر ئىشتىياق بىلەن، كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا سۆزلەيتتى. بىر ئالاھىدىلىكى، دەرىس ۋاقتىدا توختىماي بىزدىن سۇئال سورايتتى، كۆپىنچە ئىختىيارەن بولاتتى جاۋاب بىرىش. دەرىس سۆزلەۋىتىپ، ھەر بىر ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈش جەريانىدا خۇددى تىپىشماق ھالەتكە تەدبىقلاپ، بىزنى تاپقۇزۇشقا تىرىشاتتى. شۇڭا ئاسانلا مۇئەللىم بىلەن تەڭلا مەسلىگە كىرىشىپ كىتىدىكەنسىز. ئەزەلدىن پىكىر بايان قىلىشقا ئامراق بولغاچقا (ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇئەللىملىرىم شۇنداق ئۈگىتىۋەتكەن ئىدى)، خاتا-بولسۇن توغرا بولسۇن دەپ باقاتتىم. سىنىپتا كەيپىيات شۇنداق ياخشى بولاتتى. لىكىن يەنىلا كۆپ سانىدا بالىلار، بولۇپمۇ جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار بەك جىم ئولتۇرۋالاتتى. بەزىدە جاۋابىم كاللا-دىسەك پاقالچەك دىگەندەك چىقىپ كىتىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ قالاتتى، ئۇنداق چاغدا پروفىسسور قولىدىكى بورنىلا ماڭا بىلدۈرۈپ ئاتاتتى، چاقچاق ھىسابىدا. بۇنىڭلىق بىلەن ئاغزىم يەنە توختاپ قالمايتتى. كىيىن شۇ مۇئەللىمنىڭ قولىدا ئىشلىگۈم كىلىپ ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىپ خەت يازدىم. ھەپتىدىمۇ جاۋاب كەلمىدى. كىيىن بىلسەم بۇ نىمىس پروفىسسورلار ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن ئېلخەتلەرگە ئاسانلىقچە جاۋاب يازمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى دەرىستىن چۈشكەندىلا خەت يازغىنىمنى دەپ يەنە سورىدۇم. — ھە ئۇ سەنمىدىڭ، مەن تىخى باشقا جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچى چىغى دەپ قاپتىمەن، بولىدۇ بىزگە ياردەم كېرەك، مەن بىر دوكتۇر ئوقۇغۇچىم بىلەن سۆزلىشىپ كۆرەي—دىدى، ھەم cleanroon دا ئىشلىگەن تەجىربەم بار-يوقلۇقىنى سورىدى. باكلاۋىرلىقتا ئازىراق ئىشلىگەن ئىدىم. ئىككىنچى سائەتلىك دەرىستىن چۈشۈپلا مىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر نىمىس دوكتۇر ئوقۇغۇچىغا تونۇشتۇرۇپ قويدى. ئۇ بالا بەكلا يىقىملىق چىراي ھەم ئەدەبلىك بالىكەن. تىزدىنلا چىقىشىپ كەتتىم. ماڭا بىر ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشنى ئۈگىتىپ قويدى ھەم شۇنىڭدىن ئىتبارەن شۇ ئۈسكۈنىدىن پايدىلنىپ ئۇ بالا ئۈچۈن ئەۋرىشكە ئۆلچەپ بەردىم، ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنى دەرىسىم يوق، بىكار ۋاقىتلاردا قىلدىم. بۇنداق ئىشنىڭ ياخشى يىرى، ۋاقىتنى ئىلاستىكىلىق ئورۇنلاشتۇرالايتتۇق، ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بەرسەكلا بولاتتى. قائىدە بويىچە ئىيىغا 30 سائەتلىك توختام بىرەتتى، تەخمىنەن 300 ياۋرۇدەك پۇل كىلەتتى ئىيىغا. بۇ پۇل ئاز بولغاچقا باج ھەم تۆلىمەيتتىم (تۆلىگەن تەقدىردىمۇ، ئوقۇغۇچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن يىل ئاخىردا قايتۇرۋاللايسىز). دەسلەپتە ئۈچ ئايلىق توختام بەردى، ھەم داۋاملىق ئۇزارتىپ تۇردى. دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى باشلىغىچە قىلدىم. بۇنداق ئىشنىڭ يەنە بىر ياخشى يىرى ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر كەسپىڭىزگە مۇناسۋەتلىك بولۇپ، ئۈگەنگەن بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ياخشى ھەم، كىيىن دوكتۇرلۇق ياكى خىزمەتكە ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ، باشقىلارنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان تەجىربىڭىز بولۇپ قالىدۇ. كىيىن ماگىستىرلىق ماقالەمنى يازغاندىمۇ بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلەتتىم بەزى ئىشلار ئۈچۈن، تەجىربەم ياخشى بولغاچقا كۆپ ئوڭۇشلۇق بولغان ئىدى. لىكىن بۇنداق ئىشلار تەبئى پەن كەسىپلىرىدە، بولۇپمۇ تەجىربىگە ياتىدىغان كەسىپلەردە، پروگىرامما تۈزۈش كەسىپلىرىدە بەك ئاسان چىقىدۇ. ئىجتىمائى پەن كەسىپلىرىدە كۆپ تەس. چۈنكى گىرمانىيدە تەبئى پەنگە سىلىنىدىغان مەبلەغ بەك كۆپ بولىدۇ، ھۆكۈمەت ھەم شىركەتلەردىن كۆپ پۇل كىلىدۇ، بۇنى پروففىسسورلار ئىلتىماس قىلىپ ئالالىسا قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرگە مائاش، ھەم تەجىربە خىراجىتى قىلىپ ئىشلىتىدۇ. مەن بىلىدىغان گىرماندىكى فىزىكا، جۇغراپىيە، خىمىيە، بىئولوگىيە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققان.

گىرمانىيەدە ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن قانۇنۇلۇق يىلىغا 90 كۈن ئىشلەش رۇخسىتى بىردۇ. پارچە-پۇرات ئىشلىگەنلىرىڭىزنى بىر كۈن ھىسابلىمايدۇ، يەنى توختامىڭىز كۈندە يىرىم كۈنلۈك ئىش بولسا، 180 كۈن ئىشلىسىڭىز بولىدۇ دىگەن گەپ. ئادەتتە بىرەر كىم قوپۇپ ئىشلىگەنلىرىڭىزنى بەك تەپسىلى تەكشۈرمەيدىكەن. كىرىمىڭىزدىن باج تۆلەيسىز، ئوقۇغۇچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھەر يىلى ئاخرىدا شۇ تۆلىگەن باجنى ھۆكۈمەتتىن قايتۇرۋالغىلى بولىدۇ. ھەر قانداق ئىش توختامى ئۈچۈن (مەكتەپتىكى تەجىربە ياردەمچىسى دىگەندەك ئىشلارمۇ ھەم) باج كارتىسى كېرەك بولىدۇ، بۇنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق رايوندىكى نوپۇس ئىدارىسىدىن ئالىسىز (كۆپىنچە Bürger-Büro ياكى Ausländeramt)، بەزى رايونلاردا ھەقسىز، بەزى رايونلاردا بىر ئاز ھەق ئالىدۇ (بىر قىتىملا تۆلەيسىز، 5 ياۋرۇ). بۇ كارتا بولمىسا ئىش-توختام ئالالمايسىز. بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يەردە ئىشلىسىڭز، ئىككىنچى ئىش ئورنى توختامى ئۈچۈن باشقا تىپتىكى باج كارتىسى تاپشۇرىسىز. گىرمانىيەدە باج كارتىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولىدۇ، نىكاھ ئەھۋالىڭىز، پەرزەنىت ئەھۋالىڭىز، خىزمىتىڭىزنىڭ سانى ۋە باشقا ئەھۋاللارغا ئاساسەن سىزگە ماس كىلىدىغان باج كارتىسى بىرىدۇ. باج كارتىسىغا ئاساسەن تاپقان كىرىمىڭىزدىن تۆلەيدىغان باج سوممىسىمۇ كۆپ پەرىقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سوتسىيال ئىستىراخۇئانىيە نۇمۇرىنىمۇ تەلەپ قىلىدىكەن، بۇمۇ ئاسان پۈتىدىغان ئىشكەن، پوچتا ئارقىلىق مۇناسۋەتلىك كىنىشكىنى ئەۋەتىپ بىرىدىكەن.

مەكتەپتە ياردەمچى ئوقۇغۇچى بولوپ ئىشلىگەندە يەرلىكتىن باج كارتىسى ئىلىپ بەردىم، توي قىلمىغان پەرزەنتىم يوق ئوقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن بىرىنچى نومۇرلۇق باج كارتىسى بەردى. يازلىق تەتىلدە قوشۇمچە سىرىتتا ئىشلەي دەپ بىر ئىككى ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنىغا (Zeitarbeit) تىزىملىتىپ قويدۇم. بۇنداق شىركەتلىرىنىڭ بەزىلىرى سىزنى تىزىملاپلا قويۇپ، ئىش بولسا ئۇقتۇرىمىز دەپ قويىدىكەن. بەزىلىرى سىزدىن قىسقا ئىمتىھان ئالىدىكەن. شۇنداق بىرىگە كىرىپ تىزىملاتتىم، ئىككى پارچە ئىمتىھان قەغىزى بەردى ھەم شۇ يەردىلا يىزىپ تاپشۇرۇشۇمنى ئىيىتتى. بىرى مىنىڭ نىمىسچە سەۋيەمنى سىنايدىغان قەغەزكەن، تىل ئىمتىھانىغا ئوخشاشكەن سۇئاللىرى، گىرامماتىكىلىق سۇئاللار ئاساسلىق بولۇپ تاللايدىغان تېپتىنكەن. ئىككىنچى قەغەز زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلىگەندىكى بىخەتەرلىككە ياتىدىغان سۇئاللار ئىكەن، ھەر بىر سۇئالغا بىرەر ئالاھىدە ئەھۋال بىرىلگەن بولۇپ، شۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى تاللاشلارغا بىرىپتۇ. گىرمانىيەدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بەكلا چىڭ تۇتۇلىدۇ. ھادىسە كۆرۈلگەندە خوجايىننىڭ مەسئۇليىتى بەكلا چوڭ بولغاچقا، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمۇ بەك چىڭ تۇتۇلىدىغان بولۇپ، خىزمەتچىلەرگىمۇ بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى تولۇقى بىلەن يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن. ئىش ئۈستىدە يارلانسىڭىز (ئىشتىن چۈشۈپ ياكى ئىشقا كىتىۋاتقان يولىڭىزدا ھادىسىگە ئۇچرىسىڭىزمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى ئىش سەۋەبلىك كىسەل بولوپ قالسىڭىز بۇنى ئىش بەرگەن ئورۇننىڭ سالامەتلىك ئىستىراخۇئانىيەسى تۆلەيدىكەن، شەخسى سالامەتلىك ئىستىراخۇئانىيەڭىز تۆلىمەيدىكەن. بۇ ئىككىنچى خىزمەت ئورنۇم بولغاچقا، ئەھۋالىمغا ئاساسەن 6-نومۇرلۇق باج كارتامنى بىرىشىم لازىم ئىدى. ئىشقا تونۇشتۇرۇش شىركىتىدىكى ئادەم كۆرۈپ بىرىنچىسى قىنى دەيدۇ، مەكتەپتىكى خىزمەت ئورنۇمدا ئىكەنلكىنىنى ئىيىتتىم. 40% باج تۆلەپ كىتىسەن دەيدۇ، خوشياقماي ۋاي مەيلى دىسەم، قولۇمغا قايتۇرۇپ ئامال بار شۇنى ئالماشتۇرۇپ ئەكەل، چۈنكى بۇ يەردە تاپدىغان پۇلۇڭ مەكتەپتىكىدىن كۆپىرەك، 6-نومۇرلۇقنى بۇ يەرگە ئىشلەتسەڭ بەك جىق باج تۆلەپ كىتىسەن (Das ist Blöd ==ئاخمىقانىلىق  دىمەكچى) ئامال بار ئالماشتۇرۇپ كەل دىدى، بولدى مەن رازى دىسەممۇ ئۇنىماي يولغا سىلىۋەتتى. رەسىميەت بىلەن خوشام بولمىغاچقا ئىنىستىتتۇتقا ئاران بىرىپ كاتىپقا دىسەم بىردەمدىلا ئالماشتۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى نومۇرلۇق باج كارتىسىنى يىڭى ئىش ئورنۇمغا، 6-نومۇرلۇقنى مەكتەپتىكى ئىشىمغا ئىشلەتتىم.

ئۇ چاغدا نىمىسچام يەنىلا بەك ناچار ئىدى، ئىككى ئىمتىھان قەغەزنى كۆزۈمنى يۇمۇپلا دىگۈدەك يىزىپ تاپشۇردۇم. ئۇ يەردىكىلەر مىنى جاۋاب كۆتۈشۈمنى، ئىش چىقسا تىلىفوندا ئۇقتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ئىيىتتى. جاۋابىمنى بەك ناچار بولدى، چوقۇم ئۆتەلمىدىم، ماڭا ئىش بەرمەسلىكى مۇمكىن دەپ چىققان ئىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئىككى كۈندىن كىيىنلا تىلىفون قىلىپتۇ. ۋاقىت ۋە ئورۇننى دەپ بەردى، ھەم شۇ يەردە مەلۇم ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشۈم كىرەكلىكىنى دەپ بەردى. دىگەنلىرىنى چالا-پۇچۇق بىلىپ دىگەن كۈنى باردىم. مىنى بىر نىمىس ئىش بىشىغا تونۇشتۇردى. ئىككىمىز باشقا بىر يەرگە بىرىپ يىڭى ئۆي كۆچكەن بىر ياش نىمىس ئەر-ئايالغا ئۆي كۆچۈشۈپ بەردۇق. ئىش ئىككى سائەتتىلا پۈتتى. ئىشلەيدىغان يەر قولىمىزغا قۇرۇق تالۇن بەرگەن ئىدى. ئىش پۈتكەندە بىزنى ئىشلەتكەن ئادەم قولىنى قويۇپ بەردى. 2 سائەت ئىشلىگەن ئىشنى 4 سائەت دەپ يىزىپ بەردى. ئۇ تالۇن تۆتلۈك بولوپ بىر بىتى ئۆزىمىزدە، بىرى ئىش بەرگەن ئادەمدە، ئىككىسى بىزگە ئىش تونۇشتۇرغان ئورۇنغا قالىدىكەن. نەق پۇل بىرىش قانۇنسىزلىق ھىسابلىنىدىكەن. ئىشلىگەن پۇلىمىزنى بانكا كارتىمىزغا ئۇرۇپ بىرىدىكەن. ئىش پۈتكەندىن كىيىن بىللە ئىشلىگەن نىمىس قايتاش يولمىزدا بىر نەرسە ئىچكەچ ئازىراق پاراڭلىشايلى دەپ قالدى، قارىسام ياخشى ئادەمكەن، مەيلى دەپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچتۇق، بىرەر سائەتلەرچە تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ قايىتتۇق، ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي مىنىڭكىنى قوشۇپ تۆلىۋەتتى. ئىككىنچى كۈنى يەنە تىلىفون كەپتۇ، ئىشخانىسىغا بىرىشىمنى ئىيىتتى. بۇ كۈنى يەنە بىر ئادەمنى تونۇشتۇرۇپ قويدى. ئۇ ئادەم مىنى ۋە يەنە بىر تۈرك بالىنى ئىلىپ ماشىنىدا تازىمۇ يىراق بىر يەرگە ئاپاردى. بارغان يىرىمىز بىر دىھقاننىڭ ئۆيى بولۇپ 3 قەۋەتلىك ئىكەن. ماڭا ئەڭ ئۈستىنكى قەۋەتتىكى تورۇس ياغىچى بىلەن پولىنى تازلاش ۋەزىپىسى تاپشۇردى، ئۆزلىرى پەستە بۇزۇلۇپ قالغان سۇ خانىنى رىمۇتلىدى. ئۈچ سائەتتەك ئىشلىدۇق، ئارلىقتا بىر دەم ئالغان بولدۇق. ئىش بىشى يەنە تالونىمىزغا بىر سائەت ئوشۇق قىلىپ يىزىپ بەردى. تۈزۈك ئىشلىمەيلا باشقا كۈنى كىلىپ داۋاملاشتۇرىمىز دەپ قايىتتۇق. ئىككى قىتىملىق ئىش ئوڭۇشلۇق تۈگىگەندىن كىيىن ئۈچىنچى قىتىمدا ماڭا بىر ئايلىق توختامنى بىراقلا بەردى، بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغىنىمنى، سابرىنا ئىسىملىق بىر قىزنىڭ مىنى ئىشقا ئاپرىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى، ھەم بىر جۈپ ئىش ئايىقى، بىر جۈپ پەلەي بەردى. توختامغا قول قويدۇم، زاۋۇتنىڭ ئورنى ھەم قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىمىز يىزىلىپتۇ. سائىتىگە 7.5 ياۋرۇ بىرىدىكەن. (ئەمەلىيەتتە 8 ياۋرۇ بولۇشى مۇكىن، بىزنى ئىشقا تونۇشتۇرغان بۇ ئورۇن ئارىدىن ئازىراق پايدا تاپىدۇ، شۇڭا ئىمكانىيەت بولغاندا ئۇنداق زاۋۇتلار بىلەن بىۋاستە ئالاقىلەشكەن ياخشى بولۇشى مۇمكىن. لىكىن بۇنداق شىركەتلەرمۇ بولىدىكەن، رەسىميەتلەر ئاسانىراق بولىدىكەن، ھەم ئۆزىڭىز ئىش ئىزدەپ ئاۋارە بولمايدىكەنسىز، ماڭا ئوخشاش نىمىسچىنى ياخشى بىلمەيدىغانلارغا ھەم تىخى ياخشىكەن). كىيىن سابرىنا دىگەن قىز تېل قىپتۇ، قەيەردە قاچان كۆرىشىدىغانلىقىمنى ئىيىتتى. بىرىنچى ھەپتىسى كەچلىك سىمىنادا ئىشلەيدىكەنمىز، كۆرىشىدىغان جايغا باردىم، مەندىن باشقا 4 قىز باركەن، ھەممىسى نىمىس، ئۈچى ئۇنىۋىرسىتېت ئوقۇغۇچىسى، بىرى بىكارچىكەن. بىزنى ئىشقا-ئاپرىپ ئەكىلىشكە ئىشقا تونۇشتۇرغان شىركەت مەسئۇل ئىكەن، ماشىنىنى شۇلار تەمىنلەيدىكەن. ئارمىزدىكى بىر نىمىس قىزنىڭ پىراۋىسى بولغاچقا شۇ ھەيدەيدىغان بولغان ئىكەن، پۇلنى بىزگە قارىغاندا كۆپىرەك ئالىدىكەن. ماشىنىلار ئۆزگۈرۈپ تۇردى، لىكىن ھەممىسى BMW دىگەندەك داڭلىق ماركىدىكى يىپ-يىڭى ماشىنىلار ئىدى. ھەر كۈنى شەھەردىن باشقا بىر جايدىكى زاۋۇتقا يىرىم سائەتچە ۋاقىتتا باراتتۇق. تەلىيىمگە ئىش بەك ئاسان ئىكەن. بەشىمىز بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بۇرما مىختىن 50 نى ساناپ، ئۇلارغا سۇلياۋ قاپ سىلىپ بىر كىچىك كارتونغا سالاتتۇق. ئاندىن كىچىك كارتونلارنى چوڭ يىشىككە قاچىلايتتۇق. زاۋۇت خىلى چوڭكەن، بىز قىلىدىغان ئىشنىمۇ بىر تەرەپتىن ئاپتوماتىك قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر بار ئىكەن، شۇنداقتىمۇ قوشۇمچە ئادەم ئىلىپ قىلغۇزىدىكەن. ئارىمزىدىكى ئىككىسى بەنگە ئىكەن، ھەر بىر ياكى ئىككى سائەتتە دىگۈدەك “Rauchenpause” (تاماكا چىكىش ۋاقتى) قىلىمىز دەپ سىرىتقا چىقاتتى، بىزمۇ ئەگىشىپ چىقىپ 10 ,15 مىنۇت دەم ئىلىۋالاتتۇق. ھەر كۈنى 7 سائەتتەك ئىشلەيتتۇق، 8 سائەت ھىسابلايتتى. سىمىنا ئالمىشىپ ئىشلىدۇق، بىر ھەپتىسى كەچلىك، بىر ھەپتىسى ئەتىگەنلىك، بىر ھەپتىسى چۈشتىن كىيىنلىك دەپ (Nachtschicht, Frühschicht, Spätschicht). ھەپتە ئاخىرلىرىدىمۇ ئىشلىدۇق، پۇلنى جىق بىرەتتى. كەچلىك سىمىناغىمۇ كۆپ بىرىدىكەن. نىمىسلار بەك تىرىشچان خەقكەن، مەن بىلەن ئىشلىگەن نىمىس قىز ئوقۇغۇچىلارمۇ بار جىنى بىلەن ئىشلەيتتى، ئەمەلىيەتتە بىزنى ك ۈزىتىدىغان ھىچكىم يوق ئىدى، ئاستا ئىشلىسەك ئاستا ئىشلىدىڭ دىمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەم ۋاقىتلىقلا ئىشلەۋاتتۇق. بىر كۈنى بەكلا جىق قىلۋىتىپتۇقكەن (بىر كىچىدىلا بەشىمىز 30 مىڭ دانىدىن ئارتۇق مىخنى قاچىلاپ بوپتۇق)، ئەتىسى بىزگە مەسئۇل خوجايىن بىزنى مۇكاپاتلىغان بولدى. ئىشلەش جەريانىدا ئارىلاپ ئارىلاپ زاۋۇت خوجايىنىنىڭ ئۆزى كىلىپ بەزى ئىشچىلارنى ئىش ئۈستىدىلا مۇكاپاتلىغانلىرنى كۆردۈم. دىققىتىمنى تارتقان بىر يەر، گەرچە ئىشلەيدىغان تۈرك ئىشچىلار بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ھەر بىر سۇ خانىسىدا بىر ئىككى مۇنچا بولۇشتىن سىرىت مەخسۇس مۇسۇلمانلارغا لايھىلەنگەن بىر تاھارەت ئىلىش قىسمى باركەن.

بۇ قىتىملىق ئىشلەش ماڭا كۆپ نەرسىنى ھىس قىلدۇردى. گەرچە ھەر كۈنى ئىشلەپ ھارغىنلىق ھىس قىلغان بولساممۇ ئۆزەم ئىشلەپ پۇل تىپىۋاتقاندىن كىيىن بىر خىل چوڭ بولغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم. ھەم پۇل تىپىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكىرەك ھىس قىلدىم. ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىمدا شىغىل تاسقاشتەك ئىغىر ئىشلارنىمۇ قىلىپ باققان، پەقەت كىتاب ئىلىش ئۈچۈن ئىدى، ئالىي مەكتەپتىمۇ كۈتۈبخانىدا تازلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىككى يىل ئىشلىگەن ئىدىم. لىكىن بۇ قىتىم يەنىلا تەسىرەك تۇيۇلدى، يەنى ئۆيگە ھىرىپ بارغاندا يەنە ئۆزىڭىز تاماق ئىتىشىڭىز، ئۆيدە نەرسە تۈگىسە بازارغا بىلىپ ئىلىشىڭىز، ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلىشىڭىز كېرەكتە. ئادەمنى ھەممىدىن زىرىكتۈرىدىغىنى كۈندە ئوخشاش بىر ئىش قىلىش ئىكەن. ئەلۋەتتە بىر ئايدا ئۇنچىلىك زىرىكمىدىم. لىكىن شۇ يەردە ئىشلەيدىغان دادامدەك ئىككى نىمىسنىڭ چىرايىدىن، قىلىشقاندىكى گەپ سۆزلىرىدىن ھىس قىلغىلى بولاتتى، ئۇلار ئورنىدا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. بىرى بۇرۇن پۇتبۇل كوماندىسىدا تۇرغان ئىكەن، ھازىرمۇ ئانچە-مۇنچە رىپىرلىق قىلىدىكەن. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى 5 يىل بوپتۇ. كىيىن مىنى ئۆيىگىمۇ بىر قىتىم چاقىردى، ئىككى ئوغلى باركەن، نىمىسچام ياخشى بولمىسىمۇ مەن بىلەن پاراڭ قىلىشقا ئامراق ئىدى. يەنە بىرى ئىشلىگىلى 25 يىل بولغان ئادەمكەن. داۋاملىق سۈرلۈك قىياپەتكە كىرۋلاتتى، ئەمەلىيەتتە قىززىقچى ئادەم ئىكەن. بەزىدە مىنى ئايرىم چاقىرۋىلىپ گەپكە تۇتاتتى. ئاۋۇ قىزلارنىڭ ئىچىدىكى پالانچىسى خىلى بولۇپ قويىدىكەن، گەپ قىلىپ باقمىدىڭمۇ؟ نىمىشقا گەپ قىلىپ باقمايسەن دەپ چاقچاق قىلىپ تۇرۋالاتتى، ئۆزلىرىنىڭ ئىسىل قەھۋەلىرىدىن بىرگە ئىچىشكە تەكلىپ قىلاتتى. بەزىدە ئىشتىن بەك زىرىككىنىنى، دەم ئىلىشقا بالدۇراراق چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغىنىنى دەيىتتى.  بىر ئايمۇ تۈگىدى، ھەممە ئىشلار ياخشى بولدى. ئىشقا تونۇشتۇرغان ئورنۇم يەنە ئىشلىشىمى دەۋەت قىلدى، ئۈزەمگە خوش ياقمىدى، يىڭى مەۋسۈمگە ياخشىراق تەييارلىق قىلۋالاي دىگەننى ئويلاشتىم. ئوقۇشنىڭ قەدرىگە تازا بىر يەتتىم. كىيىن بىر ئايلىق ھەققىمگە باجدىن ئىشىپ 1530 ياۋرۇ پۇل كەپتۇ. 500 ياۋرۇغا خاتېرە كومپيۇتېر سېتىۋالدىم.  مەكتەپتە ئىشلىگەن ئىشىمگە قاتقاندا شۇ بىر ئايدا باجدىن سىرىت 1800 ياۋرۇدىن كۆپ پۇل تاپقان بولۇپتىمەن.

ئەمدى بۇ يەردىكى ئىمتېھانلار توغرسىدا ئازىراق توختىلاي. ئۇنىۋېرسىتىتتا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىمتېھانلار ئادەتتە ئىككى خىل بولىدىكەن. ھەم كەسىپلەرگە قاراپمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. ئەگەر مەلۇم دەرىستە ئوقۇغۇچى ئاز بولسا ئىغىزچە ئىمتىھان شەكلىدە، ئوقۇغۇچى كۆپ بولسا يىزىق شەكلىدە ئالىدىكەن. مەن تۇرغان ئۇنىۋېرسىتېتنى مىسالغا ئالساق، يىزىقچە ئىمتىھاندا ئىمتىھان بىرىشكە ئادەتتە شۇ مەۋسۇم ئاخىرى دەرىسلەر ئۆتۈلۈپ بولۇپ ئىمتىھان ۋاقتىغا بىر ھەپتە قالغاندا تىزىملىتىسىز. تىزىملاتتىڭىز چوقۇم بىرىسىز، ئەگەر ئىمتىھانغا كىلىش مۇمكىنچىلىك بولمىسا دوختۇردىن ئىسپات قەغىزى ئالىسىز، ياكى شۇ دەرىس ئۆتكەن مۇئەللىمنىڭ ماقۇللۇق ئىمزاسى بولۇشى كېرەك. تىزىملاتمىسىڭىز كىيىنكى نۆۋەت بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن بەرگەن يىزىقچە ئىمتىھانلارنىڭ كۆپىنچىسى نەق ئىككى سائەتلىك. بەك تەس چىققان تەقدىردىمۇ ئاساسەن ۋاقىت ئۇزارتمايدۇ. سۇئالنىڭ مەزمۇنى ناھايتى كۆپ بولىدۇ. تولۇق يىزىپ بولۇش دەرىستە ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئاسان كەلمەيدۇ. نومۇر قويۇش ئۆلچىمى پۈتۈنلەي دىگۈدەك پروفىسسور قولىدا. كۆپىنچە شۇ ئىمتىھاندىكى ئەڭ يۇقۇرى نومۇر بىلەن ئوتتۇرچە بالىلارنىڭ ئالغان نومۇرىغا قاراپ تەڭشەيدۇ. بىرىنچى قىتىملىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز يەنە بىر يىل ساقلاش ھاجەتسىز، پروفىسسور بىلەن سۆزلىشىپ، ئەگەر ئۆتەلمىگەن بالىلارنىڭ سانى بەك ئاز بولسا ئىككىنچى قىتىملىق ئىمتىھاننى ئىغىزچە بىرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، قانداق شەكىلدە ئىلىشنى يەنىلا پروفىسسور بەلگىلەيدۇ. ئىككىنچى قىتىملىقتا يەنىلا ئۆتەلمىسىڭىز ئۈچىنچى قىتىملىق پۇرسىتىڭىز بار، بۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ھىسابلىنىدۇ. ئىغىزچە ئىمتىھانغىمۇ تىزىملىتىپ بىرىسىز، بۇنىڭغا ھەم شۇ پروفىسسورنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى قاتارلىقلار تولدۇرۇلغان ئىمزا قەغىزى بىلەن قوشۇپ تىزىملىتىسىز. ئىمتىھان شەكلى: پروفىسسور بىر ياردەمچىسى بىلەن سىزدىن ئايرىم ئۆيدە ئىمتىھان ئالىدۇ. ياردەمچىسى ئاساسەن سۇئال ۋە جاۋابلارنى خاتېرلەيدۇ ھەم ئاخىرىدا نومۇر قويۇشقا ھەم پىكىر بىرىدۇ. ئادەتتە ئاسان سۇئاللاردىن باشلىنىدۇ ئاندىن ئىچكىرلەپ سورايدۇ. بەزى بالىلار ئىغىزچە ئىمتىھاندا بەك ياخشى بەزىلەر يىزىقتا بەك ياخشى بىرىدۇ. جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن يىزىقتا ياخشى، ئىغىزچە ئىمتىھاندا بەكلا ناچار. مەيلى قايسى خىلدىكى ئىمتىھانلار بولسۇن، بۇ خىل ئىمتىھانلارنىڭ تەپسىلاتى (يەنى قانداق سۇئاللار سورىلىدۇ دىگەندەكلەرمۇ) ھەر پروفىسسورغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ياخشى ئۇسۇل شۇ دەرىسنى بۇرۇن ئوقۇغان بالىلاردىن كۆپىرەك سوراش، بۇرۇنقى ئىمتىھان قەغەزلەر بولسا ئوقۇشۇپ بىقىش كېرەك. ئەڭ ياخشى ئورۇن Studenten-Fachschaft (ھەر كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىغا ئوخشاش نەرسە)، بۇلارنىڭ ئىشخانىسىدا ھەر بىر پروفىسسورنىڭ بۇرۇن ئالغان سۇئاللىرىنىڭ شەكلى، ئىغىزچە ئىمتىھاندىكى سۇئاللاردىن تارتىپ يىغىپ ساقلانغان بولىدۇ. سوراپلا ئالالايسىز. بەزى كەسىپلەردە ئىمتىھانلار ئۇزاق ئارلىق قالدۇرۇپ ئىلىنىدۇ (بىر مەۋسۈمدە 3-4 لا پەن، بىر ئايدىن نەچچە ئايغىچە ئارلىق تاشلىنىپ ئىلىنىدۇ)، بەزىدە كەينى-كەينىدىن ئىلىنىدۇ (بەكىرەك كەسپى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا شۇنداق). نىمىس ئوقۇغۇچىلار كۆپىرەك كىچىك گۇرۇپپا بولىۋىلىپ بىللە تەكرار قىلىدۇ، بەزىدە ئۆزلىرى ئۆيدە يالغۇز ئۈگىنىپ ئاندىن مەكتەپتە يىغىلىپ بىر مۇزاكىرە قىلىدىكەن، تالاش-تارتىش قىلىشىپ. گېرمان جەميىتىدە رىقابەت كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار بۇرۇنلا ئۆيدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشايدىغان ھەم ئۆز ئىقتىسادى مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلىشنى بالدۇرلا باشلايدىغان بولغاچقىمۇ ئۈگىنىشتىكى مەقسىدى ئىنىق، ئاساسەن كىيىن ياخشى پۇل تاپىدىغان ھەم ئاسان خىزمەت تىپىش، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشمىسا بولمايدىغانلىق ئىنىق بولوپ كەتكەن بولسا كېرەك، ھەرقانچە ئويۇنچى دىگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىمتىھانغا كەلگەندە بەك جىددى مۇئامىلە قىلىدىكەن ھەم بىسىپ ئولتۇرۇپ ئۈگىنىش قىلالايدىكەن، ھەم ناھايتىمۇ ئەستايدىل ئۈگىنىدىكەن، بۇنىسى مەندە بەك ياخشى تەسىر قالدۇردى. گەرچە سىنىپىمدا ئاران ئىككىلا نىمىس ساۋاقدىشىم بولسىمۇ بۇلارنىڭ ئۈگىنىشتىكى ئىنچىكلىكى، ئەستايدىللىقى گېرمان دۆلىتىنىڭ يىرىم ئەسىرگە يىقىن دۇنيادا 2-چوڭ ئىقتىساد دۆلىتى بولۇپ قالغىننى ئەجەبلەندۈرمەيدىكەن. سىنىپىمدا ئىككى نىمىس ساۋاقدىشىمىز بولدى، گەرچە ئىككىلىسى ئوغۇل ئوقۇغۇچى بولسىمۇ، سىنىپتا بىر كانسىپىك يىزىپ ئۆيىگە بارغاندا يەنە بىر خاتېرىگە رەتلىك قىلىپ قايتىدىن ئۆزىنىڭ كىتابنى ئوقۇغاندىكى چۈشەنچىلىرىگە قوشۇپ يىزىپ چىقىدىكەن. چەمبىرەكلەر بولسا سېركۇلدا سىزىپ، ھەرخىل رەڭلىك قەلەملەر بىلەن ئۇقۇم، مىسال دىگەندەكلەرنى تۈرگە ئايرىپ بوياپ، خۇددى بىر كىتابتەك يىزىپ چىقىدىكەن. كىيىن ئىزدەشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مۇھىم بەتلەرگە مەزمۇنلىرى بىلەن قوشۇپ قۇلاقچە قىستۇرۇپ قويىدىكەن. كىتاب ئىشكاپلىرىدىكى كونسىپىكلىرىنىڭ رەتلىكلىكىنى دىمەيلا قوياي. ئىشقىلىپ بۇ خىل رەتلىكلىكنى سىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تارتىپ پروفىسسورلارغىچە، قىسىقى جەمئەتنىڭ ھەر بىر ھۆجەيرىسىدە كۆرىسىز.

باشقا يەرلەردىكىگە ئوخشاش، گېرمانىيەدىمۇ ئادەتتىكى ئوقۇش مەۋسۈملىرىنى تۈگىتىپ بەلگىلىك ئوقۇش نومۇرىنى (credit) يەتكۈزگەندىن كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يىزىشنى ئىلتىماس قىلىش سالاھيىتىڭىز بولىدۇ. قاچان باشلاش مەلۇم نىسبەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى. ماقالىنى مەكتەپتە يازسىڭىزمۇ، باشقا مەكتەپتە ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا، ۋە ياكى شىركەتلەردە يىزىشقا ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. شىركەتلەردە قىلسىڭىز ھەر ئايدا مەكتەپتىكىگە قارىغاندا كۆپىرەك پۇل بىرىدۇ (ئىيىغا 600~800 ياۋرۇ)، مەكتەپ قائىدە بويىچە پۇل بىرىش مەجبۇريىتى يوق،  شۇنداقتىمۇ كەسپىڭىزگە قاراپ ھەر ئايدا 300 ياۋرۇ بىرىدىغان ئىشلارمۇ خىلى كۆپ.  ئەگەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا بىرەر شىركەتلەردە ئىشلەش خىيالىڭىز بولسا، شىركەتتە قىلىش ياخشى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۆرلەپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى ئويلاشسىڭىز ئۇنىۋېرسىتېتتا ياكى تەتقىقات يۇرتلىرىدا قىلغىنىڭىز ياخشى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ جەريان ماقالا يىزىشلا ئەمەس بەلكى تەجىربە توپلاش ھەم مۇناسىۋەت تورى قورۇش جەريانى. تىزىملاتقان ھامان شۇ كۈندىن باشلاپ كۈن ساناش باشلىنىدۇ، دىگەن ۋاقىتتا چوقۇم تاپشۇرۇپ بولۇشىڭىز كېرەك. شەخسەن ئۈزەمنىڭ ماگىستىرلىق ماقالە يىزىش جەريانىم مۇنداق بولدى:

ئالدىدا ئىيتقىنىمدەك، ئىككىنچى مەۋسۈمىدىلا ئۈزەم ياقتۇرغان پروفىسسورنىڭ ئىنستىتۇتىدا ياردەمچى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئىشلىدىم. 2-، 3-مەۋسۈملەردە (تەتىلمۇ ھەم) خىلى تەجىربە توپلىۋالدىم، ھەم بۇ ئىنىستىتۇتتىكى تەتقىقات تېمىلىرى بىلەن، ھەم باشقا مۇئەللىم ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەن ياخشى تونۇشىۋالدىم. 3-مەۋسۈم تۈگىگەندە دەرىستىن ئالغان نومۇرلار ماقالە يىزىشىمنىڭ شەرتىنى تەييارلاپ بولغان ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا مەقسىدىم دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئىدى، شۇڭا ئىشلەۋاتقان ئىنىستىتۇمغا ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلدىم. ئامراق پروفىسسورىمغا ئويۇمنى ئىيتىشىمغىلا ماقۇل بولدى ھەم ئىنىستىتۇت باشلىقىغا ئەكىرىپ تونۇشتۇردى، ماقالەمنىڭ تىمىسىنىمۇ بىكىتكەن بولدى. قاچان باشلاشنى خالايدىغىنىمنى سورىدى، 6-ئايدا باشلاشنى قارار قىلدىم. بىزگە نەق يىرىم يىل مۆھلەت بىرەتتى. باشلايدىغانغا يەنە ئىككى ئاي بولغاچقا ياردەمچى ئوقۇغۇچى ھىسابتا تەجىربە تەييارلىقىلىرىنى باشلىۋەتتىم. بۇ تەييارلىقلارنىڭ ماقالەم ئۈچۈن ئەھمىيىتى بەكلا زور بولدى. تېما بەرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتېريال كۆردۇق، نىمىلەرنى ئىلىش-تەييارلاش ھەم قانداق تەجىربە ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن يىتەكچى مۇئەللىمىم بىلەن مەسلىھەت قىلىپ پىلان تۈزىۋالدىم. 5 ئايلىق تەجىربە ئىشلەش جەريانىدا تولىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالدىم، قىلۋاتقان نەرسىلەر ساپلا ئەمەلىيەت بولغاچقا ئۈگەنگەن نەرسىلەرمۇ كاللىدا ياخشى تۇرىدىكەن، 5 ئايدا ئۈگەنگەن نەرسەم 3 مەۋسۈملۈك دەرىستىنمۇ كۆپتەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئىككى ئاي قالغاندىن باشلاپ ماقالىنى رەسمى يىزىشقا باشلىدىم. تاپشۇرۇشقا ئاز قالغان بىر نەچچە كۈنلەردە كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاشقا توغرا كەلدى. كۆپىنچە ساۋاقداشلىرىم ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمەي بىر ئاي ئۇزارتقان ئىدى (سەۋەب يىتەرلىك بولسا ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 ئايغىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ)، ھەر ھالدا نەق ۋاقتىدا تۈگەتتىم. ماقالەمنى تاپشۇرۇپ بىر ھەپتىدىن كىيىن قائىدە بويىچە دىسسىرتاتسىيە ياقلىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەتىجىلەرنى قوشۇپ ppt بىلەن سۆزلىدىم، 3 پروفىسسور قاتناشتى (ئادەتتە 2)، 40 مىنۇتتەك سۆزلىگەندىن كىيىن سۇئاللار بىلەن قوشۇپ بىرەر سائەتتەك داۋام قىلدى. دىسسىرتاتسىيە ياقىلاش بەكلا مۇھىم ئىكەن، بەزىدە تەتقىقات نەتىجىڭىز ياخشى بولمىسىمۇ دىسسىرتاتسىيەدە ياخشى قىلىپ كۆرسىتەلەيدىكەنسىز، ئەگەر سۆزلەش ئىقتىدارىڭىز ياخشى بولمىسا ياخشى مالنىمۇ ساتالمىغاندەك قىلغان ئەمگىكىڭىزنىڭ خەقلەرنىڭ نەزىرىدىكى قىممىتى چۈشۈپ كىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا بەكىرەك تىرىشىش لازىم ئىكەن. كۆپىنچە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگىلىز تىلى ياخشى بولمىغاچقا بۇلار شۇ تەرەپتىن بەك قىينىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ تىل جەھەتتە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە 10 قىتىم رىپىتېسىيە قىلىپ دىمەكچى بولغان سۆزلىرىنى ئىچىۋالغۇدەك بولۇپ ئاخىرىدا ياخشى نەتىجىلىك سۆزلىگەنلەرنى ھەم كۆردۈم. چەتئەللىك ئەمەس ھەتتا ئامىركا پېرىزىدېنت سايلىمىدىمۇ نامزاتلار سۆزلىمەكچى بولغان نۇتۇقىنى يادلاپ قايتا-قايتا سۆزلەپ مەشىق قىلىدۇ، ئۇنىڭغا قارىغاندا بىر چەتئەل تىلىدا لېكسىيە بىرىش ئۈچۈن تىخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەكتە…ياخشى يىرى دەرىسلىرىمىزدە ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەيدىغان پۇرسەتلەر خىلى كۆپ بولدى. بىر پروفىسسورىمىز ئۆز دەرىسىنى ئاساسەن ئۆزىمىزنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ سۆزلىتىپ ئۆتتى. ھەر بىرىمىزگە بىردىن تېما بىرىپ، ھەر سائەتلىك دەرىستە تىزىملىك بويىچە سۆزلەتكۈزدى. ساۋاقداشلىرىمىز ئىلىۋالغان سىن ھۆججەتلىرىدىن خاتالىقلىرىمىزنى تۈزىتىۋالدۇق.

دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش

گېرمانىيەگە نىسبەتەن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش دىيىلسە تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ. بۇنداق دىيىشىم، مۇتلەپ كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا سىز ئىمتىھان بىرىپ ئوقۇشقا كىرمەيسىز، ھەم ھىچقاچان دەرىس ئاڭلىمايسىز، ئىمتىھان بەرمەيسىز، ھەم مائاش بىرىدۇ. توغرىسى سىزنى تەتقاتچى خادىم سۈپىتىدە قارايدۇ. سىز گېرمانىيە ئۈچۈن ئەڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى ھىسابلىنىسز.

داۋامى بار

بۇ يازما چەتئەلدە ئوقۇش كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

گېرمانيەدە ئوقۇش ھەققىدە ئۈچۈن 30 ئىنكاس بار

  1. قوشۇق مۇنداق يازغان:

    ۋاھ، بىلوگىڭىزدا پەچەت يازمىلىرىڭىز باركەن ئەمەسمۇ، ئەپسۇس، كېچىكىپ كۆرۈپ قاپتىمەن. يېڭى كۆچكەن ئۆيىڭىزدىكى رەسىملەرنىڭ جىقلىرى ئېچىلماپتۇ. لېكىن كونىسىدا تولۇق ئېچىلىدىكەن. تېپىش ئاسان بولۇش ئۈچۈن ئۇلىنىش قىلىۋالدىم،ھى ھى… پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرسام بولغۇدەك. تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

  2. جاشۇا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بۇرادەر ياخشىمۇسىز، بۇ تېمىدا سىز دېگەن DAAD ئادرېسىغا كېرىپ، كەسپنى چوڭ تۈردىن تاللىسام تاللاندى، لېكىن كىچىك تۈردىن باشلاپ ھېچقايسى كاتەكچە ئىشلىمەيۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟
    يەنە بىرى APS نىڭ شاڭخەيدە شۆبىسى بارمۇ؟

  3. تۇرسۇنجان مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سېز ،بۇ تېمىڭىزنى كۆرۇپ ئۆزۇمنىڭ نۇرغۇن سۇئاللىرىغا جاۋاپ تېپىۋالدىم.سزدەك قىرىنداشلىرىمنىڭ گىرمانىيەدە شۇنداق قېيىچىلىقلارنى تاماملاپ زور نەتېجىلەرگە ئىرىشكىنىگە خۇشال بولدۇم،ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ كىيىنكى ئىشلىرىمغا خىلى ئېشەنچ پەيدا بولدى . گەپكە كەلسەم مەنمۇ ئالى مەكتەپنى پۇتتۈرۈپ گرمانىيەگە چېقىپ ئوقۇشنى پىلان قىلۋاتىمەن،نىمىس تېلى ئۈگۈنۇپ چىقماقچى،كەسىپىم كومپىيۇتىر،لىكىن مېنىڭ كەسپى ئاساسىم ۋە نەتېجىلرىممۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس،لىكىن بەكلا چىقىپ ئوقۇپ كېرگۈم بار.ئەنسىرەيدىغىنىم aspدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەمەنمۇ؟نىمىلەېگە بەكراق دىققەت قىلىمەن؟،چىقىپ قالسام باشقا كەسىپكە ئالماشسام قۇلايلىقمۇ؟ئازراق يول كۆرسەتسىڭىز ،رەھمەت!

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم،

      ھەققى قىزىقىشىڭىز بولسا، چوقۇم تىرىشىپ بىقىڭ. مەنچە ھەقىقى بىر ئەركىشى ھىچقاچان ئۆز تىرىشچانلىقلىرىغا پۇشمان قىلمايدۇ، مەيلى نەتىجىسى قانداق بولسۇن. aps تە تەلەي ئامىلىمۇ بار، چۈنكى ھەركىمنى ئوخشىمىغان ئادەم ئىمتىھان ئالىدۇ. ئاساسنى ياخشى قىلسىڭىز ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ ئەلبەتتە. كىلىۋالغاندىن كېيىن كەسىپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، لېكىن ئۆزگەرتمەكچى بولغان كەسىپ يىقىن بولغىنى ياخشى. كومپيۇتېر كەسىپلىرى سەل تەسىرەك، لېكىن ئىھتىياج چوڭ.

  4. مەمەتئەلى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىندىشىم .ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن.مەنمۇ گىرمانىيەگە بىرىپ ئىشلەي دىگەن ئىدىم يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز؟

  5. تۇرسۇنجان مۇنداق يازغان:

    سېز ھازېر قەيەردە نىمە خىزمەت قىلۋاتىسىز ؟

  6. نۇرئەخمەت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، بۇ ناھايتى ياخشى بىر پايدىلىنىش ماتىرىيالى بوپتۇ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. خېتىڭىزدە ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇش خېتى لازىم بولسا ئېلخەتكە ئەۋەتىپ بىرەي دەپتىكەنسىز، ماڭا بىر ئەۋەتىپ بىرەلەمسىز، مېنىڭ پايدىلىنىشىمغا ياردىمى تىگىپ قالا. رەھمەت سىزگە!

  7. ئابدۇۋارىس مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن ۋەتەندە تېببىي ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان ، كىلەر يىلى 6-ئايدا باكلاۋۇرلۇق دېپلومام چىقىدۇ ئنشائاللاھ ، مىنىڭ گىرمانىيەدە ياكى ياپونىيەدە كەسپىمنى داۋاملاشتۇرغۇم بارئىدى ، مىنىڭ ئىنگىلىز تىلىم بەك دىگىدەك ياخشى ئەمەس ، شۇڭا گىرمانىيەدە دوختۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن قايسى ئىمتاھانلارنى بىرىشىم كېرەك ؟ مەسلەھەت بەرسڭىز؟نىمىلەېگە بەكراق دىققەت قىلىمەن؟ئازراق يول كۆرسەتسىڭىز !

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم، ياخشى ئويلاپسىز، ئادەمدە شۇنداق غايىلەر بولغان ياخشى. ئەپسۇس، تېببى ئىلىم توغرىسىدا كۆپ مەسلىھەت بىرەلمەيمەن، چۈنكى تىببى ئىلىم ھەر يەردە كۆپ پەرىقلىنىدۇ، ھەم بۇ كېيىنكى پىلانلىرىڭىزغىمۇ باغلىق. تىببى ئىلىم گىرمانىيەدىمۇ ئاجايىپ قىززىق بىر تېما، رىقابەت سەل كەسكىن، ھەم قاتتىق شاللاش تۈزۈمى بار. نىمىسچە ھەم ئادەمنى بەك قىينايدىغان تىل. بولسا بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئىزدىنىڭ، خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ ھەقتە خىتايچە مۇنبەرلەردە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن بار، شۇلاردىن كۆپىرەك ئىزدىنىڭ.

  8. تەۋپىق مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بۇ گۈزەل تىمىڭىزنى ئۇقۇپ ناھايتى كۆپ نەرسە بىلىۋالدىم. بۇ تېمىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، يازمىڭىزنى باشقا توربەتكە كۆچۈرۈپ تارقاتسام بۇلامدۇ؟ رەھمەت

  9. تۇرسۇنجان مۇنداق يازغان:

    ئالدىنقى ھەپتە apsنى ئىككىنچى قىتىم بېرىپ يەنە ئوتەلمىدىم . قىشلىق مەۋسۇمغا ئۈلگىرەلمەيدىغان ئوخشايمەن. بەك تەلىيىم كەلمىدى . ئەسلى tu-ulim نىڭ medien informatik نى ئىلتىماس قىلماقچىتتىم. بولسا ماڭا .ئاشۇ motivation Brief ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭز بوپتىكەن.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ. مەنچە كۆپىرەك خەنزۇچە گېرمانىيەگە چىقىش توغۇرلۇق مۇنبەرلەردىن APS ھەققىدە قانداق قىلغاندا ئاسان ئۆتكىلى بولىدۇ ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ، ئۇلارنىڭ تەجىربىسى كۆپ، نىمىلا دەيلى ئۇلاردىن يىلىغا كۆپ ئادەم چىقىدۇ گېرمانغا.

      بولىدۇ، مەن ئىۋەتىپ بىرەي، مۇشۇ ئىنكاس يازغان ئېلخەت ئادرىسىڭىزغا ئىۋەتىۋەتتىم.

      سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن!

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      سىزگە ئىۋەتكەن ئېلخەت ئادرىس خاتا دەپ قايتىپ كەپتۇ. ماڭا نورمال، ئىشلەيدىغان ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى ئىۋەتىپ بەرىڭ، مەن يەنە قايتا ئىۋەتىپ سىناپ باقاي.

  10. ئەقىل مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم ماڭا بولسا گىرمانىيە چىقىش مەقسىتى دىگەن سىز يازغان خىتىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز رەھمەت سىزگە

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!

      مۇشۇ ئىنكاسنى يازغاندا ئىشلەتكەن ئېلخەت ئادرىسىڭىزغا ئەۋەتىۋەتتىم.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      alimjanabdujappar@gmail.com
      مۇشۇ ئادرىسىڭىزغا ئەۋەتكەن خەت ھازىرلا قايتىپ كەپتۇ خاتالىق بار دەپ. بولسا قېرىنداشلىرىم، ئېلخەت ئادرىسىڭىزلارنى ئىنىق قىلىپ قالدۇرۇپ قويساڭلار، مۇنۇ ئادرىسىقا ئەۋەتىڭ دەپ، ھەم يېزىلغان ئادرىسنىڭ توغىرلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان بولساڭلار.

      • ئەقىل مۇنداق يازغان:

        ئەسسالام ئەلەيكۇم gmail ئادرىسىم توغرا ئىدى مەنمۇ بىلەلمەي قالدىم نىمە بولغانلىقىنى .تور بىتڭىزنى خىلى يوقلاپ تۇرىمەن بولمىسا ،لىكىن قالدۇرغان خىتىڭىزنى ئەمدى كۇرۇپتىمەن ،بەلكىم باشقا مەزمۇنلارنى ئوقۇشقا بەكلام كىرىشىپ كەتكەن بولسام كىرەك ، بۇ ئادىرىسقا قايتا بىر يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ،رەھمەت ،
        771535962@qq.com

  11. ئەلى مۇنداق يازغان:

    كەسپىم تارىخ

  12. ئەلى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەن شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئۇقۇۋاتىمەن .گىرمانىيەدە ئاسپىرانىتلقنى ئۇقۇماقچى ئىدىم .ئۇقۇش ياردەم پۇلىغا ئىرىشكىلى بۇلامدۇ ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!
      ئىجتىمائىي پەنلەردە ماگىستىرلىق ئۈچۈن مۇكاپات ئېلىش ئاسان بولمىسا كېرەك. بۇنى شۇ كەسىپنى ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلاردىن بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنگىلىزچە پروگرامىلار يوقنىڭ ئورنىدا، نىمىس تىلىدا خېلى بار.

      سىزگە بېرىدىغان تەكلىۋېئىم: مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىنى سىناپ بېقىڭ. چۈنكى ئۇلانرىڭ گېرماندىكى ئۇيغۇرشۇناس ۋە تۈركلوگلار بىلەن مۇناسىۋېتى بەكلا يېقىن، ھەم داۋاملىق ئوقۇغۇچىلارنى تەڭ ئوقۇتۇدۇ، يەنى ئوقۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى بېيجىندا، يەنە بىر قىسمىنى گېرماندا ئوقۇيسىز، ھەم داۋاملىق دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئېھتىمالىڭىزمۇ بەك چوڭ بولىدۇ. شۇنداق يولدا كەلگەن بالىلاردىن خېلى كۆپ بالىلارنى كۆردۈم.

      لېكىن بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى دېگەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نەرسە، ئۆزىڭىز ئىزدەپ كۆرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، بەزى يىللىرى چىقىپ قالىدۇ. ھازىر مېنىڭ ئۇنداق ئۇچۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگىدەك ۋاقتىم يوق ئەپسۇس. ”ھەممىگە قادىر“ ئىنتېرنىتنى ئىشلىتىپ ئىزدەپ بېقىڭلار، چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. DAAD نىڭ تور بېتىدە كۆپ ئۇچۇر بار. شەخسەن ئەينى ۋاقىتتا باكلاۋېرلىقتا ئوقۇۋاتقىنىمدا، ھەممە ئۇچۇرنى ئۆزەم توردىن ئىزدەپ تاپقان، ئۇ چاغدا تېخى شەخسى كومپيۇتېرىممۇ يوقتى، ھازىر شارائىت كۆپ ياخشى دەپ ئويلايمەن.

      سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

  13. سۇبھان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاكا ، گىرمانىيەدە تۇلۇق كۇرۇسنى ئوقۇش توغرىسىدا سىزگە خەت يازغان ئىدىم . قۇبۇل ئەتكەن بولسىڭىز.

  14. يارۇ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئاچىنۇق ئاكا،سىزدىن ئوقۇش ئىشىدا مەسلىھەت سوراي دېگەن ئىدىم.ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرگىلى يېرىم يىل بولدى ھەم ئىچكىردىكى بىر چەتئەل شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن.ئالى مەكتەپ GPA نەتىجەم ئاران 2.1،ئامېرىكا دېگەندەك مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسام رەت قىلىنىش ئېھتىماللىقىم يۇقىرى،شۇڭا گېرمانىيەگە بېرىپ ئەمەلى قوللىنىشچان بىرەر كەسپنى باكلاۋۇرلۇقتىن باشلاپ ئۆگەنسەم ياكى كەسپى تېخنىكوملاردىن ماشىنىسازلىق ئۆگەنسەم بولارمۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن.بۇ جەھەتتىن يولۇقىدىغىنىم تەبىكى نېمىس تىلى بىلەن ئىقتىساد مەسىلىسى.سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمىدىم. Tercuman@163.com مۇشۇ ئېلخەت ئادرېسىمغا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز مالال كۆرمەي.كۆپ رەھمەت.

  15. مەۋھۇم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاكا مىنىڭ گېرمانىيەگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا بىر نەچچە سوئالىم بەر ئىدى ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېىسڭىزنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىنىڭز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif