گېرمانىيەدىن ئالاھىدە خوشخەۋەر

بۇ بىر نەچچە يىلدا ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ نەتىجە چىقىرىۋاتقان ئالىملىرىمىزنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي، بىرىنىڭ توزىنى بىسىققىچە يەنە بىرى توزان چىقىرىپ دېگۈدەك كۆڭۈللەرنى شاد قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى خۇشاللىقىمىز گۈزەل غۇلجا دىيارىدا چوڭ بولغان گۈلمىرە سابىر سىڭلىمىزنىڭ ”ئىلىم-پەن (Science)“ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى بىلەن بولدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان بۇ ژۇرنالنىڭ ھازىرقى تەسىر كۆرسەتكۈچى 33.1 بولغان، تەبئىي پەن ساھەسىدىكى برىتانىيەدە چىقىدىغان ”تەبىئەت“ ژۇرنىلى بىلەن بىر قاتاردىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ (مەنبە1). بۇ ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار بەكلا ئاز، بىلىشىمچە پەقەت 2001-يىلى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (شۋېتسارىيە بازېل ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا پەنلىرى دوكتورى، ھازىر بېرندىكى سۋىسكومدا يۇنىكس ئىنژېنېرى ھەم تەتقىقات يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ) ئاكىمىز بۇ ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ باققان (مەنبە 2)، باشقىلاردىن بارمۇ يوق بىلمەيمەن.

سىڭلىمىز گۈلمىرە ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرىدا ئوقۇغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شاڭخەيدە بىر يىل نېمىس تىلى ئۆگەنگەن، كېيىن گېرمانىيىنىڭ يېنا (Jena) شەھىرىگە كېلىپ يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىكروبىئولوگىيە كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان. ماگىستىرلىقتىكى نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغاچقا شۇ شەھەردىكى ھانس كنۆل ئىنستىتۇتىغا (بۇ ئىنىستىتۇت گېرماندىكى داڭلىق لايبنىز تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا قارايدۇ) بىئو-مولىكولا خىمىيىسىى كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان (ئادەتتە گېرمانىيىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇغانلارغا ئاساسەن مائاش بېرىلىدۇ، يەنى خىزمەت ھېسابىدا بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا قوبۇل قىلىنىش ئۇنچە ئاسان بولمايدۇ، رىقابەت بەك كەسكىن). گۈلمىرە نەچچە يىلدىن بېرى دەل شۇ ئىنستىتۇتتا دوكتۇرلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، پات ئارىدا دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيە ياقىلايدۇ. بۇ ماقالە گۈلمىرەنىڭ تۇنجى ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان ماقالىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ دېيىشىچە خىلى جاپا تارتىپتۇ (گۈلمىرە ھازىرغىچە نېمىس تىلىنى ئاساسەن كەسىپ تىلى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ). تۇنجى ماقالىسى بولۇشىغا قارىماي، دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنالدا ئېلان قىلىشى ھەقىقەتەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر-بىرىمىزنى قايىل قىلدى. بۇنداق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش بۇ تەرەپلەردىمۇ بەك ئاز ئۇچرايدىغان ئىش بولغاچقا، گۈلمىرە ئىنستىتۇت تەرىپىدىن ئالاھىدە نەتىجىلىك ياش تەتقىقاتچىلارغا بېرلىدىغان Medac تەتقىقات مۇكاپاتىنىڭ 2015-يىللىق ساھىبى بولۇپ باھالىنىپتۇ (سوممىسى 10 مىڭ ياۋرۇ، مۇكاپات چۈشەندۈرمىسى ئۈچۈن 4-مەنبەگە قاراڭ).. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى بەردىم. گۈلمىرە ئۆزى بەك ئالدىراش بولغاچقا ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئاددىيلا چۈشەندۈرۈپ تۇردۇم. قالغىنىنى كېيىن پۇرسەت بولغاندا ئۆزىدىن تەپسىلى سوراپ يەنە تولۇقلاپ قويىمەن. گۈلمىرە تۇرۇشلۇق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇلىنىشى بۇ يەردە:
http://www.leibniz-hki.de/en/bmc-doctoral-researchers.html

بۇ قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى ھەم بۇ ئىنستىتۇتتنىڭ خەۋەر بېتىدە مەخسۇس خەۋەر قىلىنغان، تۆۋەندىكى بەتتىن كۆرسىڭىز بولىدۇ (ئىنگىلىز ۋە نېمىس تىلىدا يېزىلغان)
http://www.leibniz-hki.de/en/press-details/living-in-a-lethal-atmosphereleben-in-lebensfeindlicher-umgebung.html

گۈلمىرەنىڭ ئېلان قىلغان ماقالە ئادرېسى (مەنبە 3)

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:

1.

گۈلمىرە تەجىربە ئۈستىدە

گۈلمىرە تەجىربە ئۈستىدە

2.

مۇكاپات كىنىشكىسى

مۇكاپات كىنىشكىسى

3.

مۇكاپاتى بىلەن

مۇكاپاتى بىلەن

قوشۇمچە: ھازىر گېرمانىيىدە ھەر قايسى كەسىپلەردە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلار 10 دىن ئېشىپ قاپتۇ، بۇلار بۇرۇندىن گېرمانىيىدە تۇرۇپ تەتقىقات قىلىۋاتقان پىشقەدەملىرىمىز بىلەن قوشۇلۇپ گېرمانىيەنى ياۋروپادىكى ئالىم-زىيالىلىرىمىز ئەڭ مەركەزلەشكەن بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. بۇ سەپنىڭ تېخىمۇ راۋاج تېپىشىنى چىن دىلمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز.

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

1. http://www.pnas.org/content/106/17/6883.full

2. http://www.sciencemag.org/content/291/5513/2509.full?sid=0a256cd8-0bcb-4975-b943-00cf2ca57ada

3. http://www.sciencemag.org/content/350/6261/670.abstract

4. http://www.forschen-foerdern.org/ausschreibungen/medac-forschungspreis/de

OghuzKB خەۋىرى

يورك

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, ئۇيغۇر + ياۋرۇپا, ئۇچۇر-خەۋەر, چەتئەلدە ئوقۇش كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

گېرمانىيەدىن ئالاھىدە خوشخەۋەر ئۈچۈن 6 ئىنكاس بار

  1. پولات مۇنداق يازغان:

    بۇ قىز ئەسلىدە چەرچەن ناھىيە بازىرىدا مەرىپەتپەرۋەر، ئىلىمخۇمار دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى چەرچەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى، ئەشۇ چاغلاردىلا تولىمۇ ئەقىللىق، زېرەكلىكى ۋە شوخلىقى چىقىپ تۇراتتى، كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە غولجىغا كەتكەن ئىدى. تەلىيىمگە، بايا ئىشخانامدا ئۇنىڭ ئاپىسى گۈلباھار خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قىزى گۈلمىرە ھەققىدىكى پەخرلىنىش تەلەپپۇزىدىكى قىسقىچە تونۇشتۇرشىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ھەممىمىز دىيارىمىزدىن مۇشۇنداق ئالىم سۈپەت قىزلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىپ، دۇنيا ئىلىم-پەن سەھنىسىدە پارلاپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە لاتاپىتىنى نامايان قىلىپ، مىللىمىزنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ يورۇق قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىمىز! ئۇيغۇر قىزلىرى ھۇررا!

  2. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif

  3. قايتما: نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (ئالاھىدە سان) – بىلىم 8 تور خاتىرىسى

  4. ئابابەكرى سادىق مۇنداق يازغان:

    قېرىندىشىمىز گۈلمىرەگە چىن يۈرەكدىن ئوتلۇق سالام….! مەڭگۈ ئۇتۇق تىلەيمىز.

  5. ئابابەكرى سادىق مۇنداق يازغان:

    قەدىرلىك قېرىندىشىم گۈلمىرە ئەگەر خالىسڭىز مىنىڭ بىلەن بىر قىتىم تېلفۇنلىشىشىىڭىزنى سورايمەن. ھۆرمەت بىلەن شىنجاڭ قەشقەردىن ئابابەكرى . تېلفۇن: 13039431283

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif