تەسراتلار

بۇ قېتىم 9-ئايدىن 10-ئايغىچە ۋەتەندە ئۇزۇن بىر دەم ئالدىم. بۇ جەرياندا تەسىراتلار ئاز بولمىدى. مېنى ئەڭ خوش قىلغىنى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ مائارىپقا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا بولغان قارىشىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ چوڭقۇرلاشقىنى بولدى. ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر تونۇپ يېتىپتۇ، بۇنى كىشلىرىمىزنىڭ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرگە بولغان ھۆرمىتىدىنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. مېھماندارچىلىق بىلەن تازا ئېپىم كىلىشىمىسىمۇ، ھۆرمىتىمنى قىلغان ئەزىزلەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق ھەم خاتا چۈشەنچە بەرمەسلىك ئۈچۈن چاقىرغان يەردىن قالماي كېتىۋەردىم، دەم ئېلىشقا پىلان قىلىپ قويغان يېزىقچىلىق پىلانلىرىم ھەممىسى نۆل بولدى شۇنىڭ بىلەن. ئەلۋەتتە، ھاۋارايىمۇ تازا سوۋۇپ، ماڭا ئوخشاش كەسلەنچۈك قانلىق (كەسلەنچۈكنىڭ قېنى كۆك بولۇمىش، شۇڭا سوغۇق قان دېيىلىدىكەن دەيدىغۇ) ئازراقلا قولى مۇزلىسا تۈگۈلۈپ ئولتۇرىدىغان كىشىگە ھىچ ئىش خوشياقمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىم دەم ئېلىشىنى ھەققى دەم ئېلىشتەك قوساققا يېيىش ۋە گۈڭۈر-مۈڭۈر پاراڭلىشىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتتىم. كىشىنى سەل ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، بىز ئوقۇغان شۇ يېزىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئۆز-ئارا سۆزلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئانچە ئىشلەتمەسلىكى بولدى. بۇ تۇيغۇ، خۇددى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ مۇھاببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان، ھەتتا يوقىتىپ قويغان ئاتا-ئانىنىڭ تۇيغۇسىدەك بولىدىكەن. خۇددى، بىز ياشانغاندا قولىمىزدىن يېتىلەيدىغان ئادەم قالمايدىغاندەك، ئاجايىپ بىر خاتىرجەمسىزلىنىش تۇيغۇسى… …

بۇنى ئۆز نۇقتىمىزدىن تۇرۇپ ئويلىساق ئەلۋەتتە بىزگە مىڭ يىلدىمۇ توغرا بىلىنمەيدۇ. ئېنىقكى، مەدەنىيەت تىل بىلەن ساقلىنىدۇ ھەم ھېس قىلىنىدۇ. بىز ئاڭلاپ چوڭ بولغان: ”ئالتە كەپتەر يەتتە بولدى، يەتتە كەپتەر سەككىز بولدى…“ دېگەن ناخشىلارنى ئاڭلىغاندا دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىنى شۇنداق كۈچلۈك تەقرىزدە ھېس قىلىدىغان ئەۋلادلار يەنە بولامدۇ بىر نەرسە دېيىش تەس. لېكىن دۇنيا شۇنداق ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن، بەزى مىللەت ناملىرى، تىللار تارىخقا ئايلىنىدىكەن. شۇنداقتىمۇ، مەلۇم دەۋر سۈرگەن بىر مەدەنىيەت ھامان بىر شەكىللەردە قىسمەن ساقلىنىپ باشقا مەدەنىيەتلەرگە يۇغۇرۇلۇپ كېتىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىمۇ تارىختا كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. تۈركلەر تارىم ۋادىسىنى كونترول قىلىشتىن بۇرۇن تارىم بويلىرىدا تۈرك تىلىغا تامامەن ئوخشاش بولمىغان ھىندى-ياۋرۇ تىلى ئىشلىتىلگەن. پەقەت كېيىنكى كۈنلەردە تۈركلەر كونتروللىقىدا تۈرك تىلى ئاساسى تىل ئورنىغا ئۆتكەن. تىلىمىزنىڭ باشقا تۈركى تىللار بىلەن بولغان (مىسالەن قازاق تىلى) پەرقى ئەمەلىيەتتە تۈرك تىلىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە تەكلىماكاندىكى ئەسلى تىللار بىلەن خېلىلا كۆپ تەسىرلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى (ئەلۋەتتە بۇ يەردە پارىس ۋە ئەرەب تىللىرىدەك باشقا تىل تەسىرلىرىمۇ ئاز ئەمەس). بۈگۈنكى ئىنگىلىز تىلى دۇنيادىكى ئەڭ شالغۇت تىللارنىڭ بېرى. بۇ تىل، برىتانىيەگە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن، ئىشغال قىلغان قەۋىملەرنىڭ ئورتاق تەسىرىدە بۈگۈنكى كۈنىگە كەلگەن. يەنى بۇ تىلدا، ئەسلى برىتانىيەلىكلەر، كېلتىك قەبىلىلىرى، رىملىقلار (لاتىن تىلى)، ئانگلو-ساكسونلار، ۋايكىڭلار، نورمانلار ۋە فرانسۇزلار (100 يىللىق ئۇرۇش) ھەممىسىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن تەسىرى بار. شۇنداق بولغاچقىمۇ، ئىنگىلىز تىلىدا بىر نەرسە يازغاندا ئىملادا خاتالىق بەك ئاسان يۈز بېرىدۇ، بۇ بىر باش ئاغرىقى. دېمەك بىر تىلنى ساپ قىلىپ ساقلىيالمايسىز، بەلكى دىققىتىمىز تىلغا كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئورۇنلۇق بولۇشىدىدۇر. ئەگەر باشقا تىلدىن بىزگە كىرگەن سۆزنىڭ ئوخشاش مەنىسىدىكى سۆزى بار بولسا يەنە زورلاپ ئەكىرىشنىڭ ئورنى يوق. يېقىندا دىققىتىمنى چەككىنى، ھازىر بەزى تۇڭگانلار پارىس تىلى ئاساسىدا “ئۆز تىلىنى” ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋېتىپتۇ. ئىچكىرىكى تۇڭگانلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئەرەب يېزىقىدىكى ۋىۋىسكىلار كۆپىيىپ قاپتۇ. بۇ ئاڭلىماققا خام خىيالدەك ئاڭلىنىشى مۇمكىن. يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرغاندا ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن تىلنى قايتىدىن تۈزۈپ دۆلەت تىلى قىلىپ قايتىدىن جانلاندۇرۇشى ھەم ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى بۇ دۇنيادا ھەر “غەلىتە” ئىشلارنىڭ يەنىلا روياپقا چىقىدىغىنىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.

خۇلاسىلىسەك، پەرزەنتلەرنىڭ روھىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ بولۇشى بەك مۇھىمكەن، شۇڭا قايغۇ-غەمنى ئاز قىلىپ يەنىلا ئۇلارنى مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان قىلىپ تەربىيلەيلى (دېمەكچى، مەن ئوقۇغاندا خۇددى يەردىن ئالتۇن تېپىۋالىدىغاندەك ئېڭىشىپ ماڭاتتىم، مانا ھازىر بۇ مۈكچەيگەن ھالىمنى ئۆزگەرتەلمەي ئاۋارىمەن)

ئىككىنچى ئىش، يەنە شۇ توي توي توي، توي ئىشى…

مۇشۇ، “ئ‍ەۋلادلار ئارا پەرق generation gap” دېگەن زادى يامان نەرسىكەن. مەندىكىسى بۇلام ئەمەس، ۋەتەننىڭ ئەڭ سەھرالىرىدا چوڭ بولغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلار، ۋە ياۋروپادا 10 يىل يالغۇز ياشىغان مەن… … ئەمەلىيەتتە بۇ 10 يىل مېنى بەك ئۆزگەرتمىدى، پەقەت ئەسلىدىلا زىيادە مۇستەقىللىق بىلەن سۇغۇرۇلغان خاراكتېرىمنىڭ، خىزمەت دېسە كۆپ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان (بۇ پو ئېتىشقا كىرمەيدىغۇ ھە؟ ؛)) كىملىكىمنىڭ بارغانچە كۆزگە كۆرۈنۈپ قىلىشى بەلكىم. ئەسلى بۇ يەردىكى تۇرمۇشۇم شۇنداق نورمال ھەم بەكلا ئازادە (ئاللاھقا شۈكرى). مەيلى خىزمەتداشلىرىم بولسۇن ياكى باشقا دوستلىرىم بولسۇن مۇناسىۋىتىم بەكلا ياخشى، داۋاملىق بىر پائالىيەتلەرنى قىلىپ تۇرىمىز، قىزىقچىلىقلار ئۈزۈلمەيدۇ، زىرىككىدەك پۇرسەت يوق. لېكىن ما تۇغقانلىرىم بۇ تەرەپلەرنى كۆرۈشكە ئاجىز (ئوغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ)، كۆزدىن يىراق ئەنسىرىشى مۇمكىن. تاماقلىرى ناچار دەيدۇ ۋە باشقىلار… … ئاجايىپ ھەجۋى: ئاپام بىر قارىماققا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ كارى يوق، كالىسىنى سىغىپ ئاۋارە كۆرىنىدۇ. بەكلا جىم خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك خاتىرجەم، ئامما مەن بىرە قىزنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ بولغىچە ئاز ئۆتمەيلا ئىسرائىليەنىڭ موساد باشقارمىسىدىنمۇ قىلىشمايدىغان تېزلىكتە “ئارخىپ” تەكشۈرۈشلەر، ئەھۋال ئىگىلەشلەر… مەن خۇددى قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك، بىلگىنىمدە ھەيرانمەن، بۇ ئاپام قايسى ۋاقىتلاردا … يا بىر ئۈندىدار ئوينىمايدۇ، پەقەت شۇ بىر تېلېفون بار، لېكىن كالا سىغىۋاتقاندەك قىلغان، ئەتكەن چاي ئېتىۋاتقاندەك قىلغان، ئەقلىم ھەيران… ….نەۋرىلەرمۇ بولدى، مەن تېخى ئۈستۈمدىكى ئىككى ساننى سىڭلىم بىلەن ئىنىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش غېمىدە، لېكىن بۇ ھازىرقى ياشلار بەكلا ھورۇن :D

توي قىلىش ئەسلى تەس ئەمەس… لېكىن مەن بەكلا جاھىل، نىمىشقا چوقۇم توي قىلغۇدەكمەن، نىمىشقا چوقۇم توي قىلىش ئۈچۈنلا توي قىلغۇدەكمەن دېيىگلىك. ئەلۋەتتە، مەنمۇ ئۆزۈمگە ئوخشاش ئادەم ئىزدەيمەن. كىمدۇر بىرسى خۇددى بىلۋالغاندەكلا دەپ قالدى، ئۆزەڭگە ئوخشاش ئادەم تاپالمايسەن، ئازراق يېقىن كەلسە بولدى دەپ. بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق، ئىلمى ئۇنۋان، بوي ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقى ۋە ياكى چىرايى دېگەنلىك ئەمەس. مەن پەقەت كۆڭلى مىنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئادەم ئىزدەيمەن، بولمىسا كۆڭۈل قانداق كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ؟ قىسقىسى، مەن ئالدىرمايمەن، قىزلار ئۇچرىمىدى ئەمەس، ئۇچرىدى، لېكىن ئاجايىپ بىر توغرا كېلىپ قىلىشلار سەۋەبلىك بولماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن ھەيرانلىقتا ئاللاھ بۇيرۇماپتۇ شۇ دېدىم. مۇنچىغا چۈشۈۋېتىپ ئېقىپ چۈشۈۋاتقان سۇلارغا قاراپ، ھەي ئىسىت شۇ سۇلار دەپ يەر-شارىنىڭ مۇھىتىنى بۇلغاۋاتقانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، مۇشۇنچىلىك دەرىجىدىكى يېشىل بىر ئادەممەن. شۇڭلاشقىمۇ ئەگەر ئائىلەم بولسا، پەرزەنىتلىرىم بولسا، ياخشى بولسىغۇ مەيلى، ياخشى بولماي قالسا يەر-شارى ئۈچۈن قانچىلىك يۈك بولار دېگەنلەرنى تولا ئويلاپ كېتىدىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يۇقۇرى تېخنىكا سەۋەبلىك كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتكە قاراپ تېخىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىكەن كىشى :(

يېقىندا بىر كىنو كۆرۈپ قالدىم. مۇشۇ ئىتالىيەلىك رىژىسسورلار بەك ئۆزگىچە ئىشلەيدۇ (تولىمۇ ئەپسۇس، يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە تاشلاپ قويۇپتىكەنمەن، بۈگۈن قايتا كۆرگىنىمدە بۇ ئابزاستا نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى ئېسىمگە ئالالمىدىم، تاپقاندا داۋامىنى يازاي)

داۋامى بار

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

تەسراتلار ئۈچۈن 3 ئىنكاس بار

  1. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    قاراپ قالدۇق ئەمسە ھە

  2. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif

  3. Leglek مۇنداق يازغان:

    bu timigha yurtqa qaytqan tesiratlarni yazmqchimidigiz yaki 35 yashqa kirgen kundiki tesiratnimu ?yene yazmisigiz tesiratla ghowaliship ,oylighanlirigiz untulup kitishi mumkinhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif