لەبۋېيۇۋدا ئۈسكۈنە كونترول قىلىش

يېزىلىۋاتىدۇ، تېخ پۈتمىدى…

ئۇزۇن بوپتۇ كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك نەرسە يېزىپ باقمىغىلى، بۈگۈن بىر يازاي.

ئادەتتە فىزىكىچىلار ئىككىگە ئايرىلىدۇ، بىرى نەزەريىچىلەر، بىرى تەجىربىچىلەر. فىزىكىدىكى تەجىرىبىلەر بۈگۈنكى كۈندە ئاساسەن ئاپتوماتلاشقان بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ كۆپىنچە ۋاقتلاردا تەجىرىبە قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزىمىز قۇراشتۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇرمىز. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۈسكۈنىنى كونترول قىلىش بەك مۇھىم، ئۇنداق بولمايدىكەن، قولدا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ-دە، كۆپ ۋاقتنى ئىسراپ قىلىدۇ. كومپيۇتىر بىلەن ئاپتوماتىك كونترول قىلىش، ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ھۆججەتكە ئاپتوماتىك خاتىرلەپ چىقىش، بىزگە كۆپ قولايلىقلار يارىتىدۇ. بۇ خىل ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئەلبەتتە كومپيۇتېر پروگراممىسى بىلەن ھەل بولىدۇ.

تەلىيىمىزگە يارىشا بۈگۈنكى كۈندە (ھېسابتا بۇنداق بولۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن بولدى) كۆپ ساندىكى فىزىكىلىق ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرى، زاپچاسلىرىنىڭ كونترول ئېلېكترونلۇق قىسمى يەنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان قىسمىدا كومپيۇتېر بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەنگەن توك يولى بولىدۇ. بۇ توك يولى ئادەتتە 0 دىن 5 ۋولتقىچە ياكى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 0 دىن 10 ۋولتقىچە بولغان ئانالوگ بىسىم بىلەن تەمىنلەنگەن بولىدۇ. بۇ بىسىم، ئۈسكۈنە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن چىقىش بىسىم ۋە كىرىش بىسىم ياكى ئىككىسىنىڭ بىرى بولىدۇ (input, ouput). كومپيۇتېرغا چىقىش بىسىمىنى ئۇلىساق شۇ ئۈسكۈنە ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتنى خاتىرلىيەلەيمىز، ئەگەر كىرىش بىسىمىنى ئۇلىساق، شۇ ئۈسكۈنىنى كوترول قىلالايمىز.

بۇ خىل چىقىش/كىرىش يۈزى (input/output, قىسقارتىپ In/Out دەيمىز) نىڭ ھەر خىل شەكىللىرى بار. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە كومپيۇتېر پەقەت رەقەملىق سىگنالنى تەھلىل قىلالايدۇ، پۈتۈن بىر كومپيۇتېر رەقەملىك لوگىكا ھەم توك يول بويىچە خىزمەت قىلىدۇ (مىڭىسى ۋە ئەستە ساقلاش قىسمى قاتارلىقلار). شۇڭا بۇ يەردە ئۈسكۈنە توك يولىدىن كەلگەن ئانالوگ سىگنالنى كومپيۇتېر تونۇيدىغان رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى ئادەتتە ئانالوگ/رەقەملىك (ئۇچۇر قوبۇل قىلىش، يەنى ئۈسكۈنىنى ئاڭلاش)، رەقەملىك/ئانالوگ (ئۈسكۈنىگە كومپيۇتېردىن بۇيرۇق يوللاش) ئايلاندۇرغۇچلارغا تايىنىمىز (ئىنگىلىز تىلىدا: AD/DA converter). بۇ ئادەتتە ICP Bus يولىغا تاقىغىلى بولىدىغان كىچىك بىر پارچە توك يولىدىن تۈزۈلىدۇ، خۇددى ئاۋاز كارتىسى، ئىكران كارتىسى دېگەندەك، ئايرىم سېتىۋالىسىز، بازاردىكى ئادەتتىكى كومپيۇتېرلاردا بۇ سەپلەنمىگەن بولىدۇ، لېكىن كارتا قادىغىلى بولىدىغان ئارايۈز ئانا تاختىدا يىتەرلىك كۆپ بولىدۇ (رەسىمگە قاراڭ). بۇ كارتىنى ئۇلىغاندىن كېيىن توك يولى كونترول ئارا يۈزى تەييار بولىدۇ. يەنە بىر نەرسە بۇنداق كارتىلار ئىچىدىن قانداق كونكىرىت ئارايۈزلۈك كارتىنى تاللاش. (ئەسكەرتىش: ھازىرقى بازاردىكى ئەڭ يىڭى فىزىكىلىق ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپىنچە USB يولى بىلەن كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ھەم يۇمتالى بىلەن تەمىنلەنگەن بولىدۇ، دېمەك بۇنداق ئۈسكۈنىلەرگە ئايرىم كارتا سەپلەش كەتمەيدۇ.) بۇنى ئۈسكۈنە توك يولى تەمىنلىگەن ئارا يۈزگە قاراپ تاللايمىز. بۇنداق كارتىلاردىن كونىلىردىن باشلاپ سانىساق، ئاددى ئانالوگ (پلۇس/مىنۇس ئىككى سىملىق، كۆپىرەك BNC سىمى ئىشلىتىسىز)، R232 (Series interface)، GPIB (ئادەتتە IEE485 دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇنداق يۈزنىڭ ئالاھىدىلىكى، بىرتاللا يۈز بىلەن نۇرغۇن ئۈسكۈنىنى تەڭ كونترول قىلغىلى بولىدۇ، يەنى بىر يۈزدە كۆپ ئادرىس بولىدۇ، ھەر بىر ئادرىس بىلەن بىر ئۈسكۈنە مۇستەقىل باشقۇرۇلىدۇ) ۋە ئەڭ يىڭى USB ئارا يۈزلىرى قاتارلىقلار. ھەرقانداق ئارايۈزنىڭ ئۇلىنىش يوللىرى ئۆلچەملىك بېكىتىلگەن بولۇپ، نومۇر ياكى شەكىللىرىگە قاراپ ھەرقايسى توك يوللىرىنىڭ قانداق ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلەلەيسىز (رەسىمگە قاراڭ). ئەڭ مۇھىم يولى يەنىلا ئاساسى ئانالوگ سىگنالى بولغان پلۇس/مىنۇس (بەزىدە يەر سىمى ئايرىم بېرىلگەن بولىدۇ، بۇ سىگنال يەرلەشمىگەن توك يوللىرىدا (ئىنگىلىزچىدا floating circuit دەيمىز) بەك مۇھىم، شۇڭا ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ ئۇلىشىڭىز كېرەك) توك يولىدىن ئىبارەت. قالغان يوللار قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە ئىشلىتىدۇ، مىسالەن، خاتالىق بىر تەرەپ قىلىش، ئۈسكۈنىنى قوغداش، ئوخشىمىغان ئۈسكۈنە ئىقتىدارىنى ئايرىم پاراللېل كونترول قىلىش دېگەندەك.

قوشۇمچە: AD/DA converter تاللاش

ھازىرقى بازاردا بۇنداق سىستىمىلار بەكلا كۆپ. تاللىغاندا ئەڭ مۇھىم ئۆلچەملەر 1. ئېنىقلىق دەرىجىسى، بۇنى بىت بىلەن ئىپادىلەيمىز، بىت قانچە يۇقۇرى بولسا ئېنىقلىق دەرىجىسى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى 12 بىتلىق ياكى 16 بىتلىق. 16 بىتلىق دېگەن گەپ 2^16 دەرىجىسى دېگەن گەپ بولۇپ، 65536 كە تەڭ بولىدۇ. دېمەك، ئەگەر سىز ئۆلچىمەكچى بولغان ئانالوگ سىگنالنىڭ دائىرىسى 0 دىن 10 ۋولتقىچە بولسا، سىز بۇ 10 ۋولت دائىرىنى 65536 رەقەمگە بۆلەلەيسىز دېگەن گەپ.

يەنى فىزىكىلىق ئۈسكۈنە ئۆلچىگەن قىممەتنىڭ كومپيۇتېرغا كىرگەندىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى:

ئېنىقلىقى= ئانالوگ سىگنال دائىرىسى/2^(بىت سانى)

2. يەنە بىرىگە ئۆلچەشتىكى تىزلىك. بەزى فىزىكىلىق ھادىسىلەر ئىنتايىن تىز يۈز بېرىدۇ، شۇڭا ئۆلچەشمۇ ناھايتى تىز بولۇشى كېرەك. شۇڭا بۇ يەردە تاللىغاندا ئەۋرىشكە ئېلىش تىزلىكى (سامپلىڭ راتە، ئادەتتە ھز قىممىتىدە بېرىدۇ، مىسالەن 100 كىلو گىرتىس =1 سىكۇنتتا 100 مىڭ ئەۋرىشكە ياكى سانلىق قىممەت خاتىرلىيەلەيدۇ) كە قارايمىز، بۇ قىممەت قانچە يۇقۇرى بولسا، دېتالنىڭ ئەۋرىشكە ساناش تىزلىكى ناھايتى يۇقۇرى بولغان بولىدۇ. ھېسابتا ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللىسىڭىز بولىدۇ. زىيادە تىز ئۆلچەش لازىم بولغاندا، كومپيۇتېرمۇ بەك كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.

3. قانال سانى، يەنى قانچە چىقىش ۋە كىرىش ئىغىزى بار دېگەنلىك. ئەگەر كۆپ ئۈسكۈنىنى بىر يۈزدە كونترول قىلىمەن دېسىڭىز، سىز ئالغان كونۋېرتىردا كۆپ قانال بولۇشى كېرەك. ئادەتتە كۆپىرەك input، ئاز Output بولىدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۆز ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۈسكۈنىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى باسقۇچ كومپۇتېر بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش يۈزى (user interface ياكى ھازىرقى كۈندىكى graphical user interface قىسقارتىپ GUI دەيمىز). بۇ يەردە كومپيۇتېر پەقەت ئادەم بىلەن ئۈسكۈنە ئارىسىكى تەرجىمان بولۇپ قالىدۇ. فىزىكىلىق ئۈسكۈنە ئۆز ئىشلەش پرىنسىپىغا ئاساسەن ئۆلچەنگەن قىممەتنى بىسىم سىگنالى سۈپىتىدە (ئانالوگ سىگنالى) ئانالوگ سىگنالنى رەقەملىق سىگنالغا ئايلاندۇرىدىغان كارتىغا (ياكى ئۈسكۈنىگە) يەتكۈزىدۇ (بۇ قىسىم ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ ئەسلى شۇ فىزىكىلىق ئۈسكۈنە ئىچىدە بولۇشىمۇ مۇمكىن (دېمەك بۇ ئۈسكۈنىدە digital output يۈزى بار دېگەن گەپ)، ياكى سىز ئايرىم سېتىۋالىسىز، ياكى سىز ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرغا ئالدىن سەپلەنگەن بولىدۇ). رەقەملىك سىگنال كومپيۇتېرغا كىرگەندىن كېيىن بۇ سىگنالغا قارىتا كومپيۇتېر ھەر تۈرلۈك ھىسابلاش ئېلىپ بارالايدۇ (بۇيرۇق ۋە ئاڭلاش). بۇ خىل كونترولنى ئادەم بىلەن كومپيۇتېر ئارىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كومپيۇتېر بىلىدىغان پروگرامما تىلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. نۇرغۇن پروگراممىلار بار بۇ خىل كونترولنى ھەل قىلغىلى بولىدىغان. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، شۇ پروگرامما ۋە كومپيۇتېر سىز كۈتكەن ئېنىقلىقتا ۋە تىزلىكتە ئۈسكۈنىگە بۇيرۇق بىرەلىشى ۋە سىگنالنى سىزگە خاتىرلەپ بېرىشى كېرەك. بەك كونا ئۈسكۈنىلەردە بۇيرۇق بېرىش ۋە ئاڭلاشنى دوسقا ئوخشاش سېستىمىدا ھەل قىلغان، ئارايۈز تېپىغا ئاساسەن قانداق كوماندا ئىشلىتىش، بۇ كوماندىلارنى c تىلى ياكى فورترانغا ئوخشاش پروگراممىلاردا قانداق قوللىنىش مىساللىرى شۇ ئۈسكۈنىنىڭ چۈشەندۈرمىسىدە بېرىلگەن بولىدۇ. بەزى فىزىكىلىق ئۈسكۈنە ئىشلەيدىغان شىركەتلەر ئۆلچەملەشكەن فىزىكىلىق ئۆلچەش ئىشلىرى ئۈچۈن سىزگە شۇ ئۈسكۈنە بىلەن قوشۇپ پروگراممىسىنىمۇ تەمىنلىگەن بولىدۇ، بۇ ئىشلارنى كۆپ قولايلىق قىلىدۇ. لېكىن كۆپىنچە ۋاقتلاردا تەتقىقاتىڭىزنىڭ تەلىپى ياكى تەتقىقاتىڭىزغا بېرىلگەن خىراجەت تۈپەيلى ئۈسكۈنىنى ئۆزىڭىزنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ لايىھىيلەشكە توغرا كېلىدۇ، ۋە ياكى تەمىنلەنگەن پروگرامما سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ماس كەلمىگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزىڭىز قۇراشتۇرۇسىز، ھەم شۇ كونترول پروگراممىسىنى ئۆزىڭىز لايىھىيلەپ يېزىپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق جەريان بەزىدە كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالىدۇ، لېكىن ئىنتايىن تەجىربىلىك بولۇپ كېتىسىز، ھەم ئۆلچەش تەجىربىلىرىبىنى قانداق ئانالىز قىلىشنى، چەكلىمىلىرىنى ياخشى بىلەلەيسىز.

قانداق پروگراممىنى تاللاش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى، پروگراممىلار ھەر خىل بولغىنى بىلەن، پەقەت بېرىگە پىششىق بولسىڭىزلا، ھەر قانداق ئىشنى قىلالايسىز. يەنى، بىر تىلغا پىششىق بولسىڭىزلا، باشقا پروگرامما تىللىرىنى ئۆگىنىشنىڭ ئېھتىياجى بولمايدۇ. مەن بۇ يەردە، مۇشۇ ئادەم، كومپيۇتېر ۋە فىزىكىلىق ئۈسكۈنە ئارىسىدىكى كونترول پروگراممىلىرى ئىچىدە ئەڭ قولايلىق بولغان بىر تىل Labview نى تونۇشتۇرماقچىمەن. Labview نىڭ باشقا تىللار بىلەن كۆرىنەرلىك پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى ئۇنىڭ ئوبېكتىپچانلىقىدا (object oriented). بۇنى ئىنتايىن ئاددى ھالدا ئۆي سېلىشقا ئوخشىتىپ c تىلى بىلەن Labview نى سىلىشتۇرۇپ مىسالغا ئالساق: c تىلىدا ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن توپا ۋە سۇ بىلەن لاي قىلىسىز، لايدىن خىش قۇيىسىز، خىشتىن ئۆي سالىسىز. Labview دا بولسا، سىزگە ھەر خىل خىشلار تەييار بولغان بولىدۇ، سىز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن خىشلارنى تاللاپ ئۆي سالىسىز، بۇ يەردىكى خىشلار فىزىكىلىق ئۆلچەشلەر ئۈچۈن ئالدىن لايھىيلەنگەن بولىدۇ، ياكى شۇ ئۈسكۈنىنى ساتقان شىركەت تەرىپىدىن سىزگە تەييار قىلىپ بېرىلگەن بولىدۇ، شۇ تور بېتىدىن چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرغا قاچلىسىڭىزلا، تەييار ھالەتكە ئۆتىدۇ. بولمىغان تەقدىردە Labview نى قوللايدىغان كارتا سېتۋېلىپ (ئادەتتە ھازىرقى كارتىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك Labview يۇمتالى بار) ئۆزىڭىز ئاددى خىشلار بىلەن ياسىسىڭىزلا بولىدۇ.

تۆۋەندە مەن مىساللار بىلەن بۇ جەرياننى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

1. ئاددى بىر مىسال، ئىككى لىنىيەلىك سىگنال ۋە ئۇلارنى كۆرسىتىش

2. مىسال

فوتو-ئېلېكترون سپېكتېر ئانالىزىنى تولۇق كونترول قىلىش

بۇ مەن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقىنىمدا قىلغان چوڭ بىر ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇش تۈرى بولدى. بۇ خىل ئۈسكۈنە ئارقىلىق قاتتىق جىسىم ئەۋرىشكىلىرىنىڭىز ئەڭ سىرتقى قىسمىدىكى پەقەت 8 دەپ 10 نانومېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولغان قىسمىدىكى شۇ ماتېريال ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىمېنىتلارنىڭ تەركىبى ۋە ئۇلارنىڭ خىميەلىك ھالىتىنى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ خىل ئۈسكۈنىنىڭ تەتقىقات ۋە يۇقۇرى تېخنىكا سانائېتىدىكى رولى بەكلا چوڭ. بۇنداق ئۈسكۈنىلەر 80-يىللاردىن كېيىن شېركەتلەر تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ھازىرقى كۈندىمۇ باھاسى ئىنتايىن قىممەت بولغان ئۈسكۈنە ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، تەمىنلەيدىگان ئىقتىدارىغا قاراپ 100 مىڭدىن 500 مىڭ ياۋرۇغىچە بولىدۇ باھاسى. مەن دوكتۇرلۇقنى ئوقۇغان ئىنىستىتۇتقا شۇنداق بىر ئۈسكۈنە لازىم ئىكەندۇق، ئەپسۇس، باھاسى بەك قىممەت بولغاچقا پروفىسسورىم ماڭا بىرنى قۇرۇشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى بەردى. ئەلبەتتە بۇ ھەممىنى نۆلدىن باشلاش دېگەن گەپ ئەمەس ھەر ھالدا، بولمىغاندا پۈتۈن ئوقۇشۇم شۇ ئىش بىلەن ئۆتكەن بولاتتى. ۋەزىپەم ئاساسلىقى، شۇ خىل ئۈسكۈنىڭ زاپچاسلىرىنى ئوخشىمىغان شېركەتلەردىن ئەرزان باھادا سېتۋېلىپ قۇراشتۇرۇش، بەزى قىسىملىرىنى ئۆزىمىز لايھىلەش (يەنى ئەسلىدە بار ئەۋرىشكە تەييارلاش ماشىنىسىغا ماس كېلىدىغان قىلىش) ۋە كونترول پروگراممىسىنى يېزىش ئىدى. ئاخىرىدا ئوخشاش ئىقتىداردىكى ئۈسكۈنىنىڭ بازار باھاسىنىڭ بەشتىن بىرىگە پۈتتۈرۈپ قۇرۇشتۇرۇپ چىقتىم. پۈتۈن جەريانغا بىر يىلدىن كۆپىرەك ۋاقت كەتتى (يېرىم ۋاقت ئاساسەن سېتىۋالغان ئۈسكۈنىلەرنى ساقلاشقا كېتىدۇ، چۈنكى بۇنداق زاپچاسلار پەقەت تەجىرىبىخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتە تەييار بولمايدۇ، سىز پەقەت بۇيرۇتقاندىن كېيىنلا ئاندىن تەييارلايدۇ، شۇڭا بەزىدە بىر نەچچە ئاي ساقلايسىز). ساقلاش جەريانىدا باشقا بىر ئاددى ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇش ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچى يىتەكلەش بىلەن مەشغۇل بولدۇم (گېرماندا دوكتۇرلۇقنى مائاشلىق ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ھىچقاچان بىكار قالمايسىز، پروفېسسور سىزگە يېتەرلىك ۋەزىپە تىپىپ بېرىدۇ).

تۆۋەندىكىسى مەن ئىشلىگەن شۇ ئۈسكۈنىنىڭ فىزىكىلىق سېخىمىسى ۋە Labview دا يېزىلغان پروگراممىسى. پروگرامما ئىككى خىل نۇسخىدا، ھەر قايسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. Labview نى مۇشۇ تۈردە تۇنجى قىتىم ئىشلەتتىم، ھەم پەقەت بىر ھەپتە ۋاقت سەرپ قىلىپ پروگراممىنى ئۆگىنىش ۋە شۇ ئۈسكۈنىگە ماس كېلىدىغان پروگراممىنى يېزىپ چىقتىم. ئەسلى ۋاقت يېتەرلىك بولسا، پىششىقاراق ئۆگىنىپ تېخىمۇ ياخشى قىلىپ يېزىپ چىقسام بولار ئىدى، ئەپسۇس، ۋاقت قىس بولغاچقا “ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسىلا بولدى” ئۆلچىمى بويىچىلا پۈتتۈرپ بولدى قىلدىم. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، ئوخشاش ئىشنى قىلىش ئۈچۈن پروگراممىنى ھەر خىل لايىھىيلىسىڭىز بولىدۇ، پروگرامما قانچە ئاددى، لېكىن ھەممە ۋەزىپىنى يېتەرلىك ئورۇنلايدىغان، ھەم CPU غا بولغان تەلىپى تۆۋەن بولسا ھەممىدىن ياخشى. دىققەت قىلمىسىز، پروگراممىڭىز CPU نى بەك خورىتىدىغان بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك (بۇنى پروگرامما ئىجرا قىلىنغاندا CPU ئ‍ىش ھالىتىنى تەكشۈرۈپلا بىلەلەيسىز).

3. مىسال

ماگنىت-ئوپتىكىلىق كەر ئېففىكتى ئەسۋابى

بۇ ئەسۋاب بىلەن ئادەتتە ئەۋرىشكىلەرنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنى ئۆلچىيەلەيمىز. ئادەتتە ئۆلچەنگەن ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت پەقەت ئەۋرىشكىنىڭ ئەڭ سرتقى يۈزىدىن كېلىدۇ، چۈنكى ئىشلىتىلىدىغان لازىر نۇرىنىڭ ئەۋرىشكە بىلەن تەسىرلىشىش دائىرىسى 20 نانومېتېر ئۆپچۈرىسىدە. بۈگۈنكى كۈندە، ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆلچەشتە قۇراشتۇرۇش بىر قەدەر ئەرزان توختايدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ بېرى. تۆۋەندىكى پروگرامما ماگنىتنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان مەنبەنى كونترول قىلىپ، ماگنىتنى ئالدىن بەلگىلەنگەن قىممەت بويىچە مۇسبەت بىسىمدىن مەنفى بىسىمغىچە تەدرىجى (ئالدىن بەلگىلەنگەن بۆلەكچە بويىچە) تەمىنلەپ، تولۇق بىر ماگنىت ھىستېرىيە ئۆلچىمىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتنى (ھىستېرىيە گرافىكىنىڭ ئىكىس ئوقى) نىڭ بىر قىسمى، ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر ماگنىت مەيدان قىممىتىنى ئۈسكۈنىنىڭ ئەۋرىشكىدىن قايتقان لازىر نۇرىنى ئۆلچەيدىغان فوتو-ترانزىستورى سىزىدۇ ھەم بۇ توك بىسىمى شەكلىدە ئۆلچىنىدۇ (ئىگرىك ئوقىدىكى قىممەتلەر). پروگرامما دەل شۇ ئۆلچەنگەن بېسىمنى ماگنىت مەيدان قىممىتى بىلەن ماس قەدەملىك خاتىرلەپ چىقىدۇ ھەم كومپيۇتېرغا تېكىست ھۆججىتى شەكلىدە يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ھۆججەتنى سىز خالىغان سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش دېتالى (OriginLab گە ئوخشاش) بىلەن كونكېرىت ئانالىز قىلىسىز ۋە چىرايلىق ئىشلەپ تەتقىقات ماقالىسىگە ماس كەلگىدەك ئۆلچەمدە سۈرەت قىلىپ چىقىرالايسىز. بۇ يەردىكى بىر مۇھىم نۇقتا، ماگنىتلىق مەيدانى Lakeshore شېركىتىنىڭ ماگنىت مەيدانى ئۆلچەيدىغان ھول سىنزورى سېستىمىسىدا ئۆلچەنگەن. ھەم بۇ ئۆلچەنگەن قىممەت شۇ تېكىست ھۆججىتىگە يېزىلغان. بۇ پروگراممىنىڭ ئالدىنقى پروگراممىدىن بىر چوڭ پەرقى، بۇ يەردىكى ماگنىت مەيدانىنى ھەركەتلەندۈرىدىغان فۇنكسىيە تېكىست شەكلىدە يېزىلغان، يەنى پروگرامما سىز يازغان ھۆججەتتىكى قىممەتلەر بويىچە بۇيرۇق شەكلىدۇ بىرمۇ-بىر يوللىنىدۇ. سەل قولايسىز، لېكىن بەكلا ئاددى ھەم ئاسان. ئالدىنقى پروگرامما بولسا، مەخسۇس ئالگورىزىم بويىچە فۇنكسىيەنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە شۇ فۇنكسىيە قىممەتلىرى بويىچە سىگنالنى ئەۋەتىدۇ. مۇرەككەپ بولغىنى بىلەن، كۆپ قولايلىق بولىدۇ، CPU غا بولغان تەلىپىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ ۋە سىز خالىغان شەكىلدە فۇنكسىيە دائىرسى، ئۆلچەشتىكى قىممەت ۋە تىزلىكلەرنى بىر نەچچە كۇنۇپكا بىلەن ئۆزگەرتەلەيسىز، ھېسابتا سىزگە كۆپ ئەركىنلىك بېرىدۇ، بىرمۇ-بىر قول بىلەن يېزىپ چىقىش ھاجەتسىز.

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

لەبۋېيۇۋدا ئۈسكۈنە كونترول قىلىش ئۈچۈن 7 ئىنكاس بار

  1. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif

  2. ئىبرايىم مۇنداق يازغان:

    ما تىمىغا ئىككى ئاي بولاي دەپتۇ، http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif

  3. مەردان مۇنداق يازغان:

    ئەتە ئىككى ئاي بولىدىكەن ، ئاچىنۇقكام بەك ئالدىراش بوپ كەتكەن چېغى

  4. پەنجىر مۇنداق يازغان:

    قۇربانجانكا بۇ تېمىغا بۈگۈن دەل ئىككى ئاي بوپتۇ، يەنە قانچىلىك ساقلايمىز؟http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif

  5. پەنجىر مۇنداق يازغان:

    قۇربانجانكا بۇ تېمىنى ساقلىغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى، يەنە قانچىلىك ساقلايمىز؟ http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجىلمەن. ئالدىنقى ئىككى ئايدا بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم خىزمەت بىلەن. ھازىر ئۆيدە دەم ئېلىشتا. ئاللاھ خالىسا بۇ بىر ئايلىق دەم ئېلىشتا كۆپىرەك يېزىش پىلانىم بار.

  6. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    پات-پات كىرىپ چىكىتىمەن ،،، http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif