گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە خىزمەت ھەققىدىكى يىڭى بەلگىلىمە
بۇ يىل 4-ئايدا گېرمانىيە پارلامىنتى چەتئەللىك ئالاھىدە لاياقەتلىك خادىملارنىڭ گېرمانىيەگە كىرىشى ھەم تۇرۇشى ھەققىدە يىڭى قارار ماقۇللىدى. بۇ يىڭى قانۇن گېرمانىيەدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار، ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن تىخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر ياراتقۇسى!
بۇ يىڭى قانۇندىكى قىززىق نۇقتىلار: 1. بۇرۇنقى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىرىلگەن بىر يىللىق ئىشلەش مۇددىتى 90 كۈندىن 120 كۈنگە ئۇزارتىلدى. ھىسابتا سىز ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەنمۇ بىر يىلدا 120 كۈن تولۇق ئىشلەش پۇرسىتىڭىز بار. بۇ بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقۇيدىغان بالىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى خەۋەر. بۇ ھىساب بويىچە ئەگەر پەقەت كۈندۈزى ئىشلىدىڭىز ھەم ئەڭ تۆۋەن مائاش ئالدىڭىز دىگەن تەقدىردىمۇ، 120 كۈندە 7000 ياۋرۇ تاپالايسىز دىگەن گەپ.
2. بۇرۇن ئەگەر سىز گېرمانىيەدىكى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئىش ئىزدەش باھانىسى بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 ئايلىق ۋىزا ئىلىش مۇمكىن بولاتتى، يىڭى قانۇن بويىچە بۇ چەكلىمە 18 ئايغا ئۇزارتىلغان. ھەم بۇ 18 ئاي داۋامىدا چەكلىمىسىز ئىشلەش ھوقۇقىڭىز بار، ھەم بۇرۇنقىدەك ئىشلەش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ئالاھىدە رۇخسەت ئىلىشىڭىز ھاجەتسىز. تىخىمۇ ئېسىل يىرى، ئىشلەپ ئىككى يىلدىن كىيىنلا مەڭگۈلۈك ۋىزىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. (بۇرۇن 5 يىلدىن كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى، خاتالشمىسام).
3. ئەگەر سىز چەتئەللىك ئالىم/تەتقىقاتچى بولسىڭىز، گېرمانىيەگە كىلىپ ئىش ئىزدەش باھانىسىدە 6 ئايلىق ۋىزا ئالالايسىز. ئەگەر سىز تەتقىقاتچى ياكى لاياقتلىك كەسىپ ئىگىسى بولسىڭىز ھەم ئەڭ تۆۋەن بولغاندا يىللىق مائاشى 44800 ياۋرۇلۇق (بەزى ئادەم قىس كەسىپلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 35000 ياۋرۇلۇق يىللىق توختام) ئىش تاپالىسىڭىز، بىر قىتىمدىلا گېرمانىيەدە 4 يىل ئىشلەشكە بولىدىغان “كۆك كارتا” ئالالايسىز، بۇ كارتا ئالغۇچىلار 2 ياكى 3 يىلدىن كىيىنلا مەڭگۈلۈك تۇرۇش ئىجازەتنامىسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇنداق خادىملارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمۇ بۇرۇنقىدەك ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىپ يۈرمەستىنلا ئىش تىپىپ ئىشلىسە بولىدۇ.
4. بۇندىن كىيىن گېرمانىيەدە ئوقۇش چەكلىمىڭىز 10 يىلغىچە بولىدۇ، بۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋە تەييارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوكتۇرلۇق ئوقۇش چېكى 5 يىلغىچە (ئەمەلىيەتتە بۇ چەك بەك بوش، 7 يىلدا پۈتتۈرىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بۇرۇنمۇ بار ئىدى، بۇ ئاساسلىقى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىڭىز ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئاساس قىلدىمۇ ياكى تەتقىقات تۈرىدىن كەلدىمۇ شۇنىڭغا قارايمىز. ئالدىنقىسى بولسا، يىڭى ئۆلچەم بويىچە 5 يىل چەكلىمىڭىز بار دىگەن گەپ. كىيىنكىسى بويىچە بولغاندا كۆپىنچە 6 يىل بولىدۇ). بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت يەنە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىك ئوقۇشى ئۈچۈن يەنە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدۇ.
قوشۇمچە:
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، گېرمانىيەنىڭ بۇ يىڭى قانۇنى يىقىندا بولغان بىر راي سىناش نەتىجىسىنىڭ تۈرتكىسىدە بولغان. راي سىناشتا تەخمىنەن 50% چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، دەل شۇنداق ۋىزا ھەققىدىكى مۇرەككەپ قانۇنلار سەۋەبلىك گېرمانىيەدىن كىتىشنى قارار قىلغان. تالانىتلىق كىشىلەرنى تەربىيلەپ قولدىن بۇ رەۋىشتە چىقىرۋىتىشكە چىدىمىغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى مانا بۇ قانۇنى چىقىرىپ تۇرۇپتۇ. بۇ پەقەت ئەمگەك كۈچ بارغانچە دۇنياۋى مىيقىياستا ئەركىنلىشۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىردە، ياۋرۇپادىكى كونسىرۋاتىپ دۆلەتلەرنىڭمۇ تالانىتلىقلارنى تالىشىش جىڭىگە باشچىلاپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. دىققەت قىلساق، ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش قارارلارنى ماقۇللاۋاتىدۇ.
يەنە بىر قىززىق نۇقتا: تىخى يىقىندىلا بىرىتانىيە مائارىپ نازارىتى ئىلىپ بارغان سىتاتېستېكىدا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇئامىلىسى ياخشى دۆلەتلەر تېزىملىكىدە گېرمانىيە بىرىنچى ئورۇندا بولغان (ئاۋىسترالىيە ئىككىنچى، بىرىتانىيە ئۈچىنچى).
مەنبەلەر:
http://www.daad.de/portrait/presse/pressemitteilungen/2012/20688.en.html
http://monitor.icef.com/2012/05/european-survey-reveals-intentions-of-international-students-compares-legislation/
http://www.bbc.co.uk/news/business-12610268
ھۆرمەت بىلەن
Oghuzkb (ئاچىنۇق)
2012-يىل 5-ئاي
يىڭى بىلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
بىلوگ باستىكى ئاچىنىۇقنمۇ پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇراتتىم،لىكىن خەت شەكلىنىڭ تازا كاتتا ئەمەسلىكى،ئىنكاسنىڭ خەت سانىغا چەكلىمە بارلىقى دىگەندەك مەسلىلەر بار ئىدى.يىڭى بىلوگىڭىزمۇ فەچەت چىقىپتۇ. نەپ تىگىدىغان يازمىلىرىڭىزغا تەشەككۈر!
مۇبارەك بولسۇن، يېڭى بېتىڭىزدە يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپسىز.
رەھمەت سىلەرگە!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سىزدىن گىرمانىيىگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن مەسلىھەت سوراي دىگەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمىدىم . .adil495557621@gmail.com ماڭا يول كۆرستىپ قويغان بولسىڭىز!!
ئادرىسىڭىزغا خەت يىزىۋەتتىم، بىرىپتىمۇ قاراپ باقارسىز
مەن مۇ گىرمانىيەدە ئۇقۇش ئۈچۈن مەسلىھەت سوراي دىگەن.
matrajap@gmail.com
يول كۆرسىتىپ قويفان بولسىڭىز……..
ئەھۋالىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ، ھەم پىلانىڭىزنى قوشۇپ بۇ ماڭا خەت يېزىڭ. ئېلخەت ئادرىڭىزگە خەت يېزىپ قويدۇم. جاۋابىم سەل كېچىكىشى مۇمكىن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەن گىرمانىيەگە ئوقۇشقا چىقىش ئۇچۇن پاسپورت بىجىرىۋاتقان،تۆت ئايدىن بىرى ئاران دىگەندە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تامغىسىنى باستۇرۇپ،ج خ ئورگىنىغا ئاپارسام ،چاقىرىقنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ،بۇ ماتىريالنى يوللىغىلى بولمايدۇ دەپ قايتۇرىۋەتتى، قانداق قىلسام بولا،بىر يول كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن،رەخمەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ajinsa57@gmail.com
ۋائەلەيكۇم ئەسسالام! ئېلخەت ئادرىسىڭىزغا خەت يېزىۋەتتىم. خۇدايىم ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغۇسى!
ئەساللاممۇ ئەللەيكۆم رەخمەت سىزنىڭ قىمەتلىك ئۇچورلىرىڭىزغا، مەن گىرمانىيەگە چىقىپ دوكتۇرلىق ئوقۇي دەپ سىزدىن مەسلىھەت سۇرىماقچىدىم، يول كۆرسىتىپ بىرەرسىزمۇ؟
ۋائەلەيكۇم ئەسسسالام! سىزگە ئوخشاش غايىلىك ياشلىرىمىزنىڭ كۆپىرەك چىقىشىنى ئۈمد قىلىمەن. سۇئاللىرىڭىز بولسا ئېلخەت يازارسىز…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سىزدىن گىرمانىيىگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن مەسلىھەت سوراي دىگەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمىدىم ماڭا يول كۆرستىپ قويغان بولسىڭىز!!m13150327187@163.com
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،مەن گىرمانىيەگە ماگىستىر ئوقۇشقا چىقاي دېگەن،ئۆزەمنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپى تەبىئىي پەن،ماگىستىرلىقنى ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇشنى ئويلاپ قالدىم،سىزدىن مەسلىھەت سوراي دېگەن.