يەنە پاراڭ

7 پارچە

1. تىل ئۆگىنىش قېرىلىقنى ھەم دېۋەڭلىكنى كېچكتۈرىدۇ

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا (ئۈندىداردىكى ساختا ئىلمى خەۋەرلەر كاللامغا كىرىپ قالدى بۇ گەپلەرنى يېزىۋېتىپ، كۈلمەڭلار لېكىن، مېنىڭكى راست گەپ، مەنبەسىنى پەستە بەردىم)ئادەملەر قانچە كۆپ تىل بىلسە، دېۋەڭلىك بولۇش ئېھتىمالىنى شۇنچە كۆپ ئارقىغا سۈرەلەيدىكەن. ھىسابتا بۇمۇ ئىستاتېستېكا، 650 دېۋەڭلىك كېسىلى بار كىشىلەردىن چىقارغان يەكۈنكەن. يەنە دېيىشىچە ئىككى تىل بىلىدىغانلارنىڭ دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولۇشى نىسبىتى 5 يىل كېچىككەن، ئۈچ خىل تىل بىلىدىغانلارنىڭ 6.4 يىل، تۆت ياكى تۆتتىن كۆپ بىلىدىغانلارنىڭ 9 يىل. يەنى كۆپ تىل بىلىش مىڭىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتقان. يەنە بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا كېچىكىپ ئىككىنچى تىل ئۆگەنگەندىمۇ مىڭىنىڭ قېرىشىنى يەنىلا ئاستىلىش رولىنى ئوينىغان، شۇڭا قېرىپ كەتتىم دېمەي پەيزىڭىز بولسا باشلاۋېرىڭ قورقماي.

خۇلاسە: زادى كۆپ تىل ئۆگىنىش كېرەك.

مەنبە:

http://www.bbc.co.uk/news/uk-scotland-edinburgh-east-fife-24836837

http://www.bbc.co.uk/news/health-27634990

http://www.bbc.com/future/story/20150528-how-to-learn-30-languages

2.ئىلىم-پەن بايرىمى

ئىككى ھەپتىدىن ياقى مەن تۇرۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتتا “ئىدىيە بايرىمى ئۆتكۈزىلۋاتىدۇ (بۇ يەردىكى ئىدىيەنى ئەقىل دەپ چۈشەنسەك بەكىرەك ماس كېلىدۇ)”

بۇ بايرام ئۇنىۋېرسىتېتنى مەركەز قىلغان ھالدا 2011-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ ھەپتە داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ھەر كۈنى ھەر خىل كەسىپتىكى مۇتەخەسىس، ئالىملار لېكسىيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. رەسىم كۆرگەزمىسى، مۇزىكا كېچىلىكى، قول-سېلىپ ئىشلەش، پەننى كۆرگەزمىلەر پارالىلىل ئۆتكۈزىلىدۇ. پائالىيەت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ زاللىرىدا، مۇزىيخانىلاردا، مەكتەپلەردە، كۆرگەزمىخانىلاردا ھەتتا رىستۇرانلاردا بولىدۇ ھەم بىردەك ھەقسىز، پەقەت ئالدىن تىزىملىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. 7 ياشتىن 70 ياشىقىچە ھەممە ئادەمگە يۈزلەنگەن. ماڭا ھەممىدىن يارىغىنى بۇ يىلقى ئاسترونومىيە كۆرگەزمىسى بولدى. مەخسۇس مەكتەپتىكى بالىلارغا ھەم چوڭلارغا قارىتا ئىشلەنگەن تەقلىدى ئاسمان ئۆيلەر، تېلىسكوپلار، ھەر خىل پەننى كۆرسەتمىلەر ھەم ئويۇنلار 3 ھەپتە داۋام قىلدى. كۆرگەزمىدە نەۋرىلىرنى يىتىلەپ يۈرگەن بوۋايلارنى كۆرۈپ ئىچىم ئاجايىپ قىزىپ كەتتى. ئۈرۈمچى ياكى غۇلجىدا شۇنداق بىر كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسەم خوش بولۇپ ئۆلۈپ قالىمەن بەلكىم. ئۇ كۈنلەرمۇ بولۇپ قالا بۇ جاھاننىڭ پەيلى بۇزۇلمىسىلا، بەك جىق پىلانلىرىم بار سىلەرگە دېمىگەن، ئىشقا ئاشماي قالسا سەت تۇرمىسۇن دەپ شۇ….

http://yorkfestivalofideas.com/2015/

بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر ئاممىغا يۈزلەنگەن پەننى ئاقارتىش پائالىيىتىمۇ بار. بۇمۇ تىزلىكتە برىتانىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە كېڭىيىۋاتقان پائالىيەت بولۇپ، ئادەتتە “بىر ئىستاكان ئىلىم (pint of science)” دەيدۇ ھەم ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ پائالىيەتتە داڭلىق ئالىم-مۇتەخەسىسلەر ئالدىن بەلگىلەنگەن پاب (قاۋاقخانا، بۇ يەردە ئادەتتە كىشىلەر ئىچىملىك ھەم تاماق يەيدىغان جايلارنىڭ ئومۇمى شەكلى) لاردا پروجېكتور ئارقىلىق ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى يىڭىلىقلارنى زاغرا تىلدا كىشىلەرگە تونۇشتۇرىدۇ. ئادەتتە بىلەت ئىلىپ كىرىسىز، بىلەت باھاسى بەكلا ئەرزان، ھىسابتا ئىككى چىنە چاينىڭ پۇلى. كىشىلەر ئۆزى خالىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكەچ جانلىق لېكسىيەدىن بەھىرمەن بولىدۇ ۋە سۇئال سورىيالايدۇ. ھەم لېكسىيەگە ئۇلاپلا كىچىك ئاممىباب سىناق ئىلىپ بېرلىدۇ ھەم نەتىجىگە ئىرىشكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ. پائالىيەت ئوخشىمىغان جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا (ئادەتتە كەچ سائەت يەتتىدە) تېمىلار بويىچە ئېلىپ بېرلىدۇ. ئۆتكۈر پەن بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئارلىقى بارغانچە چوڭىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق پائالىيەتلەر بەكلا ياخشى بولىدىكەن. ھەم بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئاساسلىقى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ، ئويۇشتۇرۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز كەسپىنى چۈشىنىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دەرس نەتىجەم ياخشى بولسىلا بولدى، ئىلتىماسلىرىم ئاسان بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بەكىرەك غەرىبتە مەكتەپلەر سىزنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىڭىزگە بەكلا قارايدۇ. بۇنىڭغا ھەتتا شىركەتلەرمۇ ئوخشاش ئىتبار بېرىدۇ. چۈنكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى پلانلاش، ئۇيۇشتۇرۇش، قاتنىشىش ئىشلىرى سىزگە ئەمەلىي تەجىربە بېرىدۇ، سىز بۇ تەجىربىنى ھەرقانداق جايدا ئىشلىتەلەيسىز. ئاكتىپ پائالىيەتچان ئادەملەر ھەممە يەردە قارشى ئېلىنىدۇ ئەلبەتتە. شۇڭا تۆت يىل ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇپ ھىچ ئىش قىلماي ئۆتكۈزسىڭىز بەكلا ئېچىنارلىق بىر ئىش. ھەممىدىن پائالىيەتچان بولىدىغان ۋاقتىڭىز ئەسلى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ۋاقتىڭىز.

بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەقىللىقمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ ماڭا بەك ئالاھىدە تەسىر بەرمىدى. لېكىن بەكلا پائالىيەتچان. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئوركىستىرى بار، خور ئۆمىكى بار، ۋە بىرمۇنچە مەدەنىيەت-سەنئەت كۇلۇبلىرى، تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرى، پەننى كۇلۇبلار بولۇپ 150 تىن ئارتۇق جەميىتى بار، ھەر بىر جەمىئەت ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ مەكتەپ ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

3. ياۋرۇپادىكى تىللارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە

بۇ ئۇزۇندىن بېرى تالاش- تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىكەن. ئادەتتە ئىككى چوڭ قاراش بولۇپ، ئاساسلىق قاراش، ياۋرۇپادىكى تىللارنى ئوتتۇرا-شەرىقتىن كەلگەن دېيىش. ئادەتتە مەيلى تېرقىچىلىق بولسۇن ياكى مەدەنىيەت بولسۇن، كۆپ پاكىتلار ئوتتۇرا-شەرقنى، يەنى قەدىمقى مىسۇپوتامىيە ۋە ئۆلۈك دىڭىز ئەتراپىنى مەنبە قىلىپ كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر قاراشتا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن دېيىش. يىقىندا تەبئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى ماقالە DNA ئانالىزى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ئوتتۇرا ئاسىيا (يايلاق) مەنبەلىك قارىشىنى قىسمەن ئىلگىرى سۈرگەن. يامنايا دەپ ئاتالغان (يامنا مەدەنيىتى كاسپى دىڭىز ۋە قارا دىڭىز ئارلىقىدىكى مىلادىدىن ئىلگىركى 36-دىن 23-ئەسىرلەردە دەۋر سۈرگەن يايلاق مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ) بۇ يايلاق مەدەنىيتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى شىمالى ۋە ئوتتۇرا ياۋرۇپادىكى تىللارغا بولغان تەسىرى زور بولغان. ئوتۇرا دېڭىز چۆۋرىسىدىكى تىللارغا بولغان تەسىرى نىسبەتەن ئاز بولغان. لېكىن ئالىملار بۇ خۇلاسىنىڭ يەنىلا بالدۇر ئىكەنلىكىنى، يەنە داۋاملىق تەتقىقات زۆرۈريىتى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپتۇ.

مەنبە:

http://dlc.hypotheses.org/807

4. بىل گەيتىسنىڭ فەيىسبۇك بېتىدىكى پارىڭى

يەنىلا ئوقۇڭلار، قانچە كۆپ ئوقۇساڭلار، كىرىمىڭلارنىڭ يۇقۇرى بولۇش ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ دەپتۇ. تۆۋەندىكىسى كۆرسەتكەن ئىسپاتى:

بىل گەيتىس نىم دەيدۇ

بىل گەيتىس نىم دەيدۇ

5. 1100 ئىلگىركى خاتىرە: ئابباسىيد سەيياھلىرىنىڭ (بەلكى ساھابى) شۇ چاغدىكى گۇئاڭجۇدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى

بۇ خاتىرە تېخى يىقىندا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بىزگە تاڭ سۇلالىسىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتنى خۇددى ھازىرقى چىن مۇخبىرلاردەك نىيترال ھالدا تۇرۇپ تەسۋىرلەپ بېرىدىكەن. تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا بۇ خاتىرە ھەققىدە ئازىراق ئۇچۇر بېرىپتۇ.

تاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىتى تەسۋىرلەر بويىچە كوممۇنىزىمغا سەل-پەل ئوخشىتىشقا بولىدىكەن. قىرىلارنىڭ پېنسىيە پۇلى بولغان، يىتىم-يىسىرلار ياخشى قارالغان. قۇرامىغا يەتكەنلەر باج تۆلىگەن. نامراتلار كۆپ يەرلەردە ئىتبارغا ئېرىشكەن. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

ئاپتورنىڭ سەلبى باھاسى ئاساسەن تازلىق تەرەپتە بولغان (ئاساسەن بۈگۈنكى بىلەن ئوخشاش). ھەتتا ھەيىز ۋاقتىدىمۇ جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ نورمال بولۇشى، ھەم تەن سېتىشنىڭ كۆلەملىشىشى ۋە بالىلارنىڭمۇ جىنسى ئويۇنچۇق ئورنىدا ئىشلىتىلىشى ئاپتورنى يىرگەندۈرگەن. (بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نەرسە، بۇ ۋاقتلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ چۆكۈش ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ)

مەنبە:

http://www.middleeasteye.net/in-depth/features/1000-years-ago-chinese-through-abbasid-eyes-1745528673

بۇ خاتىرىلەر يىقىندا نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپتۇ.

6. ئىسپانچە روھ، قەلب دېگەننى ئالما دەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ھىلقى يۈرۈگۈم ئالما ئەمەس دېگەن ناخشىنى ئەسلەپ قالدىم، ئۆزەمچە :D

7. ماۋۇ بەك قىززىقكە، قىزىقساڭلار كۆرۈپ بېقىڭلار: مەشھور ئالىملار بىكار ۋاقتىدا نىمە ئىشلارنى قىلغان

مەشھور ئالىملار بىكار ۋاقتىدا نىمە ئىشلارنى قىلغان

مەشھور ئالىملار بىكار ۋاقتىدا نىمە ئىشلارنى قىلغان

رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەرگىچە يېزىلدى. 19 سائەت تۇتىمىزكە، ئۈچ خورما، بىر بانان، بىر پىرەنىك، بىر قوشۇق ھەسەل، بىر ئىستاكان سۇ. قاخشىماي تۇتاسىلەر دەپ تۇرۋالسام ئۆزەم قاخشاپ :)

ئاللاھ تۇتقان روزىلىرىمىزنى قوبۇل قىلغۇسى!! دۇئا قىلىپ قوياسىلەر ما قېرىندىشىڭلارغا، چىداملىق بولسۇن دەپ

OghuzKB

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

يەنە پاراڭ ئۈچۈن 3 ئىنكاس بار

  1. ئوقۇغۇچى مۇنداق يازغان:

    كۆچمە ئۈسكۈندىمۇ گۈزەل كۆرىدىغان قىپ تەڭشەپ قويسىڭىز http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif

  2. ئىبرايىم مۇنداق يازغان:

    ئاللاھ قوبۇل ئەتسۇن! OghuzKB ما ئىمزا خاتا بوپ قالدىمۇ يا؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif